You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (29)

مەسئۇت ئەپەندى (29)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەسئۇت ئەپەندى خىيال بىلەن ئۇدۇل مېڭىپ سۇ دەرۋازىدىكى ئۆستەڭ بويىغا كېلىپ قالغان ئىدى. قىشنىڭ ھەم سوغۇق ھەم يېغىنلىق ھاۋاسىدا تېخىمۇ سۆرۈن ۋە پەرىشان كۆرۈنۈۋاتقان ئۇدۇلىدىكى ياغاچ بازىرىغا قاراپ بىردەم توختىدى. ياغاچ بازىرىدا، ئۆي – ئىمارەتلەرنى سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تۈۋرۈكلۈك، لىملىق، جەگىلىك ۋە ۋاسىلىق ئۇزۇن ۋە قىسقا، توم ۋە ئىنچىكە، يوغان ۋە كىچىك ھەر تۈرلۈك ياغاچلار پۈتۈنلەي قار بىلەن كۆمۈلۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال بەجايىكى سۇكۇنات ئىچىدە يارىلىرى ئاپئاق داكا بىلەن ئەپچىل تېڭىلغان ھالدا ياتقان ئەسكەرلەرنى ئەسلىتەتتى. ئەسلىدە بۇ قار ئاستىدا قىلىۋاتقان قارىغاي ياغاچلىرىغا، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ بەكمۇ ئېھتىياجى بار ئىدى. ئۇ، بۇ يىل باھار كىرىش بىلەنلا ئۈچدەرۋازدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى كېڭەيتىپ يېڭىدىن سېلىپ، «ئۈمىد مەكتىپى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى  بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەشنالىق بىلەن ئۈمىد قىلىۋاتاتتى. ھەمدە بۇ ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن غۇلجىدىكى ئۆزى يېقىن ئۆتىدىغان مەرىپەتپەرۋەر مۇساباي قاتارلىق بايلاردىن ئىقتىسادىي ياردەم توپلاپ، «ئۈمىد مەكتىپى»نى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدا قەد كۆتەرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن قار ئاستىدا ياتقان ئاشۇ دۆۋە – دۆۋە ياغاچ ماتېرىياللىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىز ئاستىدىكى ئۈنچىدەك قىممەتلىك ئىدى.

مەسئۇت ئەپەندى سول تەرەپتىكى قازانچى مەھەللىسى تەرەپكە كېتىدىغان يولغا بىر كۆز ئاتقاندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپتىكى پەسكە سىيرىلىپ چۈشكەن يولغا قايرىلىپ، يولىنى داۋام قىلدى. ئۇنىڭ سول تەرىپىدە، لەڭزە بېشىدىكى مىڭلىغان بۇلاق كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان سۈپسۈزۈك كەۋسەر سۇلاردىن ھاسىل بولغان شاغىلىق ئۆستەڭ، زىمىستان سوغۇقتىمۇ توڭلىماي توختاۋسىز ئېقىۋاتقان ئىدى. مۇزدەك بۇلاق سۈيى ئۆستەڭنىڭ ئىككى يېنىدا قاتقان كۈمۈشتەك مۇز پارچىلىرىنىڭ يۈزىنى يالاپ، ئەجدىھا قاسراقلىرىدەك ھەم سېلىق ھەم پارقىراق قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۆستەڭدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ھورلار ئاستا – ئاستا يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، يېغىۋاتقان قارلار ئارىسىدا بۇلۇتتەك لەيلەپ، غايىب بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۆستەڭنىڭ يۈزىگە قاراپ چۈشۈۋاتقان قارلارمۇ دەرھال مىلىققىدە بولۇپ ئېرىپ، غايىب بولۇپ، ئۆزلۈككە قايتقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قارلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىۋاتاتتى. مانا بۇ قارلارنىڭ ۋە سۇنىڭ ئۆزئارا بىر- بىرىگە ئايلىنىشتەك تەبىئىي خۇسۇسىيەتلىرى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ تەپەككۇرىنى ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى زامان بىلەن ماكانغا سۆرەپ ئەكىرىپ، تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈشنىڭ ۋە يەنە قايتا تېرىلىشنىڭ ھېكمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئېسىگە سالغۇزغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇزلىغان كۆڭۈل ھۇجرىسىنى ئىللىتىۋاتقان ئىسسىق ئېقىم بولسا، دەل ئەقلىگە چاقماق چاققاندەك كەلگەن مۇنۇ ئوي – پىكىرلەر ئىدى:«ئادەم بۇ دۇنياغا ئاچچىق تولغاق ئاغرىقى ۋە پەلەككە يەتكەن پەريادلار نەتىجىسىدە قان ئىچىدە دۇنياغا كېلىدۇ. دۇنيادا ئەڭ دەسلەپتە تۇيغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ يىغا ئاۋازى بولىدۇ. مانا بۇلار بۇ ھاياتنىڭ قانچىلىك جاپالىق ۋە زۇلۇم ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر. ئەمما ئىنساندا ئۈمىد ۋە ئىرادە ھەمدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى  بولغانلىقى ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئەركىنلىككە ۋە بەختكە ئىنتىلىپ ياشايدۇ. ئەنە شۇ ئىنتىلىش كۈچى ئادەمنى بۇ ھاياتتا ئالغا باستۇرىدۇ. ئەنە شۇ ئىنتىلىش كۈچىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ئادەم بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ ئاخىرى ئۆلىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت ئادەمگە يەنە بىر يېڭى باشلىنىشنى ئەكېلىدۇ. گەرچە ئادەم ئۆلۈپ، بەدەن ئەسلى ماھىيىتى بولغان تۇپراققا قوشۇلۇپ كەتسىمۇ، ئەمما، روھ كۆكتىن ئىبارەت ئەسلى ماكانىغا قايتىدۇ. دېمەك، ئادەم بارلىق تەبىئەتتىكى جانلىقلار ۋە ھادىسىلەردىن ئۇلۇغدۇر. ئۇنىڭ باقى ماكانى كۆكتۇر. ئەمما، ئادەم ھاياتلىق يولىدىكى سەپەردە ئاشۇ قارچىلىك بىر – بىرىگە سادىق ئەمەس. ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان قار شۇنچىلىك سان – ساناقسىز تۇرۇپمۇ بىر – بىرىگە يول بېرىپ ئۆز يولىدا ماڭىدۇ ۋە نىشانىغا يېتىپ يەنە ئۆز ماھىيىتى سۇ ئىچىدە ئېرىپ ئۆزلۈككە قايتىدۇ ۋە ياكى قۇياش ئاستىدا ئېرىپ تۇپراققا سىڭىپ كېتىدۇ. ئاققان سۇلار دەريانىڭ ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان يوللاردا ئوخشىمىغان شەكىلدە ئاقسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان ھالىتىنى بىزگە ھېچ كۆرسەتمەي ئۆز يۈزىنى دەريا ئۈستىدە بىردەك كۆرسىتىدۇ. تەڭ دولقۇنلايدۇ، تەڭ بۇژغۇنلايدۇ، تەڭ مەۋج ئۇرىدۇ، بىردەك شاۋقۇن چىقىرىپ، بىردەك تاشىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئوخشاش نىشانغا قاراپ بىرگە ئېقىپ، بىرلىكتە كۆل ياكى دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ ۋە ياكى تەكلىماكان قۇملۇقىدەك چەكسىز چۆللەرگە ئۈن – تىنسىز سىڭىپ، يېگانە توغراقلارنى ئەبەدىي ياشنىتىدۇ – دە، يەنە كۆكلەرگە يۈكسىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ئەركىنلىكىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. بىزچۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوخشاش نىشانغا ھەر خىل يولدا، ھەر خىل شەكىلدە ماڭالمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن ھەر خىل پىكىردىكىلەر بىر – بىرسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ؟ بىز ئۇيغۇرلار ھەممىمىزنىڭ نىشانى ئەركىنلىك، ئازادلىققۇ ۋە ۋىجدان بىلەن مەردانە ئۆلۈپ، ئۆز ئەسلىمىزگە قايتىش ئەمەسمۇ؟ ياكى پىكىردىن ئىبارەت بۇ ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ جەۋھىرى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقمۇ؟ ھە چۈشەندىم ! شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار ئوخشىمىغان پىكىر – ئىدىيەدىكىلەرنىڭ ئۈستىلىرىگە ھۇجۇم ياغدۇرۇپ، جىمىكى ئالەمنى قىيامەتكە ئايلاندۇرىدۇ، شۇنداقمۇ؟.«شۇ دەمدە ئۆستەڭگە چىلىشىپ تۇرغان مۇز پارچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان سۇنىڭ شىرىلدىغان يېقىملىق ئاۋازى بولسا ئۈستىگە پەيدەك يەڭگىل چۈشۈۋاتقان قارلارنىڭ ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ، كىشىگە ئاجايىپ سېھىرلىك زوق ئاتا قىلىدىغان، ئېسىل بىر سىمفونىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈۋاتقان ئىدى. مانا بۇ سىمفونىيە مەسئۇت ئەپەندىنى ئىختىيارسىز تولغىنىپ قاراشقا ئۈندىدى. ئۇ، ئارقىسىدىكى ئاپئاق داۋاندەك كۆرۈنۈپ تۇرغان قازانچى مەھەللىسىگە قاراپ، ئەنە شۇ مەھەللىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپنىڭ بۇ پانى دۇنيا ھەققىدە يازغان نەزملىرىنى ئەسكە ئالدى:

تىرىك قالماس بۇ دۇنيادا ئايا دوستلار ھەمە ئەشيا،

قالۇر بولسا قالۇر ئېردى كى باقى ئادەمۇ – ھەۋۋا.

بۇ كۈن سەن كۆز ئاچىپ كۆرگىل ھەمە زىرى لەھەد بولدى،

تىرىك ھەم قالمىدى باقساڭ جەمى ئەنبىيا ئەسلا.

نە شىس قالدى نە ئىدرىس، نوھ پەيغەمبەر بىلەن جىرجىس،

كى ئىبراھىمۇ، ئىسمائىل، كى يۇ شەھ، يۇسۇفى بەرنا.

يەنە ھەم ئەرمىيا ھەم ئەشيا، ئول لۇت قايان كەتدى؟

تەقى يەقۇب، نەبى ئىشاق، قەنى يەھيا ۋە زىكىرىيا؟

سۇلەيمانى زەمان كەتتى، قەنى ئىسكەندەرى دەۋران؟

قەنى ئەييۇب، نەبى زۇلكەفل، قەنى ھارۇن ئىلە مۇسا؟

قەنى مەريەم، قەنى ئىيسا، قەنى ئول دانيال، مۇرسەل،

قەنى ئول سەيىدىل كەۋنەين مۇھەممەد مۇستەفا دانا؟

شۇئىب ھەم فانى بولدى، قالدىمۇ سالىھ ئىلە ئول ھۇد،

بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئېردى مىسالى گەۋھەرى يەكتا.

ھەمە ئۆتدى بۇ دۇنيادىن تەقى فىرەۋن ئىلە نەمرۇد،

قەنى ئەفراسياب شەدداد، قەنى جەمشىد ئىلە دارا؟

نە ئول سۇقرات ھەم بۇقراتكى، ئەفلاتۇن خىرەت بارمۇ؟

كى ھاكىم ئەرشىمدىست ھەم بىلىناس، ئەرستۇ ئەلا.

قەنى ئول شىرى خارەزمى كى زەرباد لەندىھۇر قۇززات؟

قەنى سام، ئەھمەدى زەمچى، قەنى مەجنۇن، قەنى لەيلا؟

كى يەتتە نېمەدىن ئۆزگە جەمى فانى بولغايلار،

نېچە كۈن باقى تۇرغايمۇ بىلالنىڭ بۇ سۆز ئايا.

مەسئۇت ئەپەندى ئايدۆڭ مەھەللىسىگە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ، گوياكى ئەرش – ئەلادىن بۇيرۇق كەلگەندەك لەپىلدەپ يىغىۋاتقان چاقماق قەندەك چوڭلۇقتىكى قارلار شىپپىدە توختاپ، ئاسماننىڭ چىرايى سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. پەقەت ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرى ھاۋادا لەيلەپ ئۇچۇشاتتى. ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىچى سىقىلغان ئۇششاق بالىلار ئۇۋىسىدىن چىققان ئىشچان ھەسەل ھەرىلىرىدەك تالا – تۈزگە چىقىشقا باشلىغان ئىدى. بالىلارنىڭ گاھى بىرلىرى تام ياقىلىرىدا تۇرۇپ، پاختىدەك يۇمشاق قارنى مۇشتۇمىنىڭ چوڭلۇقىدا پوملىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىزچىل قارنىڭ ئۈستىدە دۇمىلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بويلىرىدىن ئېگىز چوڭلۇقىدىكى قار توپلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قار بوۋاي ياساشقا تۇتۇش قىلغان بولسا، گاھى بىرلىرى قارلارنى پوملاپ بىر- بىرىگە ئېتىشىپ ئويناۋاتاتتى. يەنە گاھى ئويۇنغا قانمايدىغان «كەپسىز» بالىلار يۈزلىرىنىڭ سوغۇقتىن قىزىرىپ ۋە قوللىرىنىڭ مۇزلاپ كۆكىرىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيمىغان ھالدا، ئۆز تېنىگە سىغمايۋاتقان ھاياجان بىلەن بىر- بىرىنى قوغلىشىپ، چىلىشىپ، پوملاقلىشىپ ئويناۋاتقان ئىدى. يەنە بەزى بالىلار بويىدىن ئۇزۇن كۈرەكلەرنى ھويلىسىدىن سۆرەپ ئەپچىقىپ، ساپلىرىنى ئەپلەشتۈرۈپ تۇتالمايۋاتقانلىقىغا قارىماي، يەنىلا تىرىشىپ – تىرمىشىپ يۈرۈپ، دەرۋازا تۆۋىدىكى قارلارنى ئالدىدىكى ئېرىققا كۈچەپ ئىتتىرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى يول بويى ئىنسانلارنىڭ بۇ ھاياتتىكى قىلمىشلىرىدىن بۇلغانغان رېئال جەمئىيەتنى ئويلاپ تەئەججۈپلەنگەن بولسىمۇ، ھازىر ئۆزىنىڭ ۋە كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ئۈستبېشىدىكى قارلارغا، بالىلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ۋە ئاپئاق ئاقارغان مەھەللىگە قاراپ ھاياتنىڭ قانچىلىك پاكىز، ساپ ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلدى ۋە «ھايات نېمە دېگەن گۈزەل! ھەر يەرگە نەزەر سېلىش نېمە دېگەن ئېسىل! ھايات دېمەك، بۇلۇڭ – پۇچقاقتىن تارتىپ ھەممە رۈجەكلەرگە باق ۋە تەپەككۇر قىل دېمەكتۇر!» دەپ، ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلىدى. ئاندىن قەدەملىرىنى ئىلدام ئېلىپ ھاۋارەڭدە سىرلانغان ئىككى قاناتلىق دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىتىدى. بۇ قورۇ دەل ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپەنىڭ قورۇسى ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى ئۈستىدىكى قارلارنى قېقىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بېشىدىكى قۇلاقچىسىنى ئېلىپ قاقتى ۋە قۇلاق ياپقۇچلىرى تۈرگەندىن كېيىن، ئىككى ئۇچىدىكى يىپلىرىنى كىرمەك ئۇرۇپ باغلاپ، بېشىغا قايتا كىيدى ۋە ئىككى قولى بىلەن تۈزەشتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، ئىككى پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ كالىچىغا يېپىشىۋالغان قارلارنى چۈشۈرۈۋەتتى، ئاندىن قولىدىكى قارا خۇرۇم پەلىيىنى چىقىرىپ پەلتوسىنىڭ يانچۇقىغا سالدى ۋە دەرۋازىنىڭ تۆڭگىسىنى يەڭگىل قاقتى. ھايال ئۆتمەيلا دەرۋازىنى ئاقپىشماق بىر يىگىت ئاچتى. ئۇلار سالاملاشقاندىن كېيىن، مەسئۇت ئەپەندى ئابدۇمۇتائالى خەلىپەنىڭ ئۆيدە بار يوقلۇقىنى سورىدى. يېشىغا باققاندا بويلىرى ئېگىز، ئۆزى زىلۋا كەلگەن يىگىت سوئالغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا، بېشىنى كۈلۈپ تۇرۇپ يۇقىرى – تۆۋەن يەڭگىل لىڭشىتىپ، دەرھال مەسئۇت ئەپەندى قورۇغا باشلاپ كىردى. دەرۋازىدىن كىرگەندە ئۇدۇل تەرەپتىكى قاتار پېشايۋانلىق ئۆيلەر بولسا، تۆت چاسا كەلگەن ھويلىنىڭ كۈنگەي تەرىپىگە خويمۇ ياراشقان ئىدى. ئۆيگە ئۇدۇل تۇتىشىدىغان، ئاستىغا پىششىق كۆك خىشلار ياتقۇزۇلغان يولنىڭ قارلىرى ئىككى تەرەپتىكى كەيزىلىكنىڭ يانلىرىغا چىرايلىق قىرقىپ قويغاندەك قىر چىقىرىپ ئاداۋېتىلگەن ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى بويۇنلىرى قاقىرنىڭ بوينىدەك ئۇزۇن يىگىتنىڭ يول باشلىشى بىلەن پېشايۋاننىڭ پەشتىقىدىن ئاۋايلاپ ئۈستىگە چىقىپ، كالىچىنى سالدى ۋە ئىككى ياققا قايرىلغان كۆكۈش سىرلانغان دېرىزە قاپقاقلىرىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ ئىچىگە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم » دەپ كىردى. بۇ يەر دەھلىز بولۇپ، ئىككى ياقتا قاتار- قاتار ئىككىدىن تۆت ھاۋارەڭ سىردا سىرلانغان ئىشىك ۋە ئۇدۇلدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشىكتىن بىرى بار ئىدى. ئىشىكلەرنىڭ قاناتلىرى چىڭ يېپىقلىق تۇراتتى. ئارقىدىنلا كىرگەن ئاقپىشماق يىگىت، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۇچىسىدىن يەشكەن پەلتوسى بىلەن شارپىسىنى ۋە قۇلاقچىسىنى ئېلىپ، ئوڭ تەرەپتىكى كىيىم ئاسقۇغا ئەپچىللىك بىلەن ئاستى. ئاندىن مەسئۇت ئەپەندىنى ئۇدۇلدىكى ئۆيگە باشلىدى. مەسئۇت ئەپەندى ئۇدۇلدىكى ھۇجرىغا قاراپ قەدەم تاشلىغاندا يوغان پۇتلىرىنىڭ ئاستىدىكى زىغىررەڭ سىردا سىرلىغان پول غىرسلاپ كەتتى. ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئاۋازنى ئاڭلىغان ئابدۇمۇتائالى خەلىپە ئورنىدىن تۇرۇشىغا،  مەسئۇت ئەپەندى جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن سالام بېرىپ كىرىپ كەلدى. ئوقۇغۇچى ۋە ئۇستاز قول ئېلىشىپ سەمىمىي سالاملاشقاندىن كېيىن، ئابدۇمۇتائالى خەلىپە، مېھماننى ئوتقاشتەك خوتەن گىلىمىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان تۆردىكى زەڭگەر مەخمەل كۆرپىگە باشلىدى. ھەر ئىككىلىسى كۆرپىگە كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن قوللىرى كۆتۈرۈپ «ئامىن! ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھ ئامانچىلىق بەرسۇن!» دەپ، يەنە بىر قېتىم ئامان ئېسەنلىك سوراشتى. ئاندىن مەسئۇت ئەپەندى ھۇپپىدە ئىسسىپ كەتكەن، چاققانغىنا مەرى ئىسسىق بۇ ئۆيگە بىر قۇر كۆز ئاتتى. دېرىزىنىڭ ئۈستىدىكى كۆكۈش سىرلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، نەققاشلار ئويۇلغان ياغاچ گەرنىزگە ئېسىلغان، ئاق شايى پەردە ئىككى ياققا قايرىۋېتىلگەن ئىدى. ئۆيگە باققاندا چوڭ كۆرۈنىدىغان كۈنگەيگە قارىتىلغان دېرىزىنىڭ قاپقاقلىرى ئېچىقلىق بولغاچقا، پاكىز سۈرتۈلگەن دېرىزە ئەينەكلىرىدىن چۈشۈپ تۇرغان يورۇقلۇق ئۆينىڭ ئىچىنى گۇڭگا يورۇتۇپ تۇراتتى. دېرىزىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامغا يۆلەپ ياسالغان پەشتاختىغا قاتار- قاتار تىزىلغان

كىتابلارنىڭ سانى يوق ئىدى. كىتاب پەشتاختىسىنىڭ ئالدىدا بولسا چىرايلىق بىر راھلە تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىدە قۇرئان كەرىم  قويۇقلۇق ئىدى. ئۆينىڭ پەگاھى تەرەپكە قويۇلغان مەشنىڭ ئىچىدە قاراسلاپ كۆيۈۋاتقان كۆمۈرنىڭ ئاتەش تەپتىدىن مەشنىڭ قورساقلىرىدىن تارتىپ بويۇنلىرىغىچە قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئېغىز ياپقۇچىسىدىكى چېچەك شەكىلدە ئويۇپ چىقارغان گۈللىرىدىن چىقىۋاتقان قىزغۇچ نۇر سىزىقچىلىرى مەشنىڭ ئاستىغا قويۇلغان تۆمۈر تاختىنىڭ ئۈستىدىكى لاخشىگىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ۋىلىلداپ تۇرغان ھەرخىل رەڭلەرنىڭ ئەكسىنى پەيدا قىلىۋاتاتتى. مەسئۇت ئەپەندى، سالام – سائەتتىن كېيىنكى بىر لەھزە ھۆكۈم سۈرگەن جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:«خەلىپە ھەزرەتلىرى، قىرائەتخانىڭىزدىكى كىتابلارنىڭ سانى كۈندىن – كۈنگە كۆپەيگىنى تۇرۇپتۇ. يۇرتىمىزدا كىتابقا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە كونا قول يازمىلارنى ئىزدەپ – سۈرۈشتۈرۈپ ساقلايدىغان ۋە ئۇ قول يازمىلارنى قايتا كۆچۈرۈپ تۈپلەيدىغان سىزدىن باشقا ئىككىنچى بىر ئادەم بولمىسا كېرەك. ھەر قېتىم سىزنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭىزنى ئويلىغان چېغىمدا، دەرھال قولۇمغا بىر كىتابنى ئېلىپ ئوقۇغۇم كېلىدۇ» دېدى. چار ساقال – بۇرۇتلىرىنى گۆشسىز يۈزىگە ياراشتۇرۇپ قىسقا قىلىپ ياسىتىۋالغان ئابدۇمۇتائالى خەلىپە ھەزرەت، كۆز ئۇۋىسىدا چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى كىتابلار ئۈستىدىن بىر قۇر يورغىلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، نېپىز لەۋلىرى ئارىسىدىكى قاردەك ئاق مەزمۇت چىشلىرى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇلايىم كۈلدى ۋە – پارسلاردا مۇنداق بىر ئاتا سۆزى بار:«كىتابتىن كىتاب چىقىدۇ؛ ئالىمدىن ئالىم» دەيدىغان. ئۆز تارىخىمىزدا يېزىلغان ھەر تۈرلۈك كىتابلار نۇرغۇن بولسىمۇ، ئەمما بىزگە ئۇلاشقانلىرى ساناقلىقلا. شۇ ۋەجىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن بۇ ئازغىنە كىتابلارنى قەدىرلەپ ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ھەم ئۆينىڭ، ھەم كۆڭۈلنىڭ تۆرىدىن ئورۇن بەرمىسەك بولماس. بولۇپمۇ پارسلار ئېيتقاندەك قولىمىزدىكى چەكلىك كىتابلارنى ئۆگىنىپ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ روياپقا چىقارمىساق بولمايدۇ ۋە سىزدەك يېتىلگەن ئالىملار ياش – ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەپ كەلگۈسى ئۈچۈن ياراملىق ئالىملارنى يېتىلدۈرۈپ چىقمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. ھاياتتا ئىنسانغا ئەڭ زىيان سالىدىغان نەرسە ساۋاتسىزلىق، جاھالەتتۇر. جاھالەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن – بىر يولى كىتاب ئوقۇشتۇر. ساۋاتلىق بولغان ئادەم ئۈچۈن ئوقۇيدىغان كىتاب بولسىلا، بىلىمسىز بولۇپ قىلىشقا ھېچقانداق بىر باھانە – سەۋەب قالمايدۇ. كىتاب بىلەن مۇناسىۋىتىنى كەسكەن ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. چۈنكى كىتابسىز ھايات، قارىغۇ، گاس – گاچىدەك ياشىغان بىلەن باراۋەر. پەقەت مەشھۇر كىشىلەر كىتاب ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم بولالىغان، شۇ ۋەجىدىن كىتاب سىياسەتتىنمۇ قۇدرەتلىك. كىتاب ۋە ئالىم بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكتىكى قۇياشتەك بىباھا. مەن ئېيتىپ ئولتۇرمىساممۇ، ئۇكام مەسئۇت ئۆزىڭىز ئوبدان بىلىسىز؛ كىتاب ئوقۇغان ئادەم تەپەككۇر قىلىشتىن باشقا يەنە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى، ئۆزىنى بېغىشلاشنى ئۆگىنىدۇ. ئىنسان نىجادىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولۇش لازىم. مەن بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى پىلە قۇرۇتىغا ئوخشىتىمەن. پىلە قۇرۇتى شۇنداق بىر يۈكسەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگىكى، ئۇ ئۆزىنىڭ مېھنەت تەرى بىلەن بىر بىرلەپ توقۇپ چىققان غوزىكىنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ. ئىنسانىيەتكە قىممەت يارىتىپ ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ. بىر پارچە نەپىس يىپەك قولياغلىقى ئۈچۈن يۈزلەرچە پىلە قۇرۇتى كېچە كۈندۈز ئەمگەك قىلىدۇ ۋە غوزىكىنىڭ ئىچىدە قىلىپ ئۆلىدۇ. پەقەت پىلە قۇرۇتى باققۇچى داۋاملىق يىپەك ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۆز ئەجىرى بىلەن توقۇپ چىققان غوزىكىنى يېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى بىتچىت قىلىش ئارقىلىق ئاز بىر قىسمىنىڭ ھايتىنى ساقلاپ قالىدۇ. ھاياتىنى مېھنەت تەرىنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن قۇربان قىلىدىغان، پىلە قۇرۇتىدەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە ئىنسانلارنىڭ ئۆلمەس روھى بىلەن بۇ قوۋم، بۇ مىللەت ۋە بۇ دۇنيا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمايدۇ.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top