You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سىرلىق سۆھبەت – مەسئۇت ئەپەندى (39)

سىرلىق سۆھبەت – مەسئۇت ئەپەندى (39)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ما دوتەي بۇ گەپلەرنى ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئولتۇرغان، جۇ دارېنغا ئەينەن ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ رەھىمسىزلىك يىغىپ تۇرغان چىرايىغا مەنىلىك قارىدى. جۇ دارىن گەرچە ھەربىي گازارمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ھەربىي ئەمەلدار بولسىمۇ، ئادەتتىكى يۈرۈش – تۇرۇشلىرى، گەپ – سۆزلىرى موللىلارغا ئوخشاپ قالىدىغان، ناھايىتىمۇ قۇۋ ھەم ئەقىللىك كىشى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ما دوتەي چوڭ – چوڭ ئىشلارنى ئۇنىڭ مەسلىھەتىسىز قىلمايتتى.

بۈگۈن ما دوتەينىڭ، ئادىلبەگنىڭ چاقۇ قىلىپ قىلغان گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە ئەينەن ئېيتقانلىقىنى نەزەرگە ئالغان جۇ دارىن دەرھال دوتەينىڭ چوڭ بىر سۇيىقەست پىلانىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى پەملىدى – دە، خۇددى كۈچۈكى تولا ئېمىپ خالتىدەك بولۇپ كەتكەن چوشقىنىڭ ئەمچىكىدەك بوشاپ، پۇرلىشىپ كەتكەن ئېڭىكىنى يەڭگىل سىلاپ تۇرۇپ،- ئەۋلىيا ئەزەم كۇڭزى ھەزرەتنىڭ «ئاقىللار قايمۇقماس، ئاق كۆڭۈللەر قايغۇرماس، باتۇرلار قورقماس» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار.

ئەگەر ئۆزلىرى ھەقىقەتەن چوڭ بىر ئىشقا قوپقان بولسىلا، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يەتكۈدەك ئەقىل – چارە بىزدە كەم ئەمەس، – دەپ، سوغۇق كۈلۈمسىرىدى ۋە « تۇڭگانلار ئارقىلىق چەنتۇ مۇسۇلمانلارنى ئىدارە قىلىش» ۋە يەنە «چەنتۇلارنى بىر- بىرىگە دۈشمەن قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزىنىڭ يېڭى بىلەن قورۇش» دېگەن پىكىرلەرنى بەئەينى جۇدۇنلۇق ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئۇچۇپ چۈشكەن شۇم خەۋەر يەتكۈزگۈچى ئاقار يۇلتۇزدەك ئەقلىدىن غىل – پال ئۆتكۈزدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈزىگە يوغان كەپقالغان كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى بۇرۇن كۆرەلمىگەن قارا روجەكلەرنى كۆرۈۋاتقاندەك تېخىمۇ يوغىناپ كەتكەن ئىدى. بۇ كۆزلەردە ئەقىل – پاراسەتكە قارىغاندا  قۇۋلۇق – شۇملۇق بەكرەك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇ ئالدىغا ساڭگىلاپ تۇرىدىغان دورداي كالپۇكلىرىنى تىترىتىپ تۇرۇپ:

-چەنتۇلاردا «تۇل خوتۇننىڭ ئېتىكى ئوتلۇق» دېگەن گەپ بار. بۇ ئادىلبەگ دېگەن دەل تۇل خوتۇننىڭ ئۆزى. سورۇن – سورۇندىكى ھەممە گەپنى بىزگە توشۇپ ئەكېلىپ، بىزنىڭ بېشىمىزنى ئوچاق قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ نۇرغۇن سىرلىرىمىزنى بىلىپ كەتتى. دېمەكچىمەنكى، شۇنداق بىر سۇيىقەستنى پىلانلايلىكى، بۇ ئىشنى بىزنىڭ قىلغانلىقىمىزنى بۇ يۇرتنىڭ خەلقى ئەقلىنىڭ ئۇچىغىمۇ كەلتۈرەلمىسۇن. يەنى ئادىلبەگنى يەمچۈك قىلىپ، ئىلىدىكى پۈتۈن مەرىپەتچىلىكنىڭ بېشى بولغان مەسئۇت ۋە ئابدۇراخمان يەنە تېخى دائىم ئادەملىرى چېرىكلىرىمىزنى ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقان ئېلاخۇن كۆككۆزدەك قېرى لۈكچەكلەردىن بىراقلا قۇتۇلايلى، ئاڭلىشىمچە بۇ ئېلاخۇن كۆككۆز:

«ئېلاخۇن دەپ ئېتىم بار،

شەنگەنلەردە ئۆچۈم بار.

نېمە قىلساڭ قىل شەنگەن،

ساڭا تېتار كۈچۈم بار».

دەپ، سورۇنلاردا قوشاق قېتىم ناخشا ئېيتىپ كۆرەڭلەپ يۈرگۈدەكمىش، مانا بۇ قېتىم، كىمنىڭ كىمگە تېتىيدىغانلىقىنى خەلق – ئالەم ئالدىدا نامايەندە قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنى بىر كۆرسىتىپ قويايلى ۋە ئۆچىمىزنى ئۇلاردىن ئېلىپ پۇخادىن چىقايلى، – دەپ، مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجايدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ما دوتەي سەل ئىككىلىنىپ قالدى ۋە مۇنداق دېدى:

– بۇ سۆزلىرى ماڭا گويا ناشۇدلۇق ئىچىدە ئاڭلانغان يېقىملىق كۈيدەك تۇيۇلۇۋاتىدۇ. ئەمما لېكىن، «يولۋاس ۋەھشىي بولسىمۇ، ئۆز بالىسىغا قەست قىلماس»دېگەن سۆز بار. نەچچە يىللاردىن بىرى ئادىلبەگ بىزگە ھەم توڭچى ھەم پايلاقچى بولۇپ، نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى قولايلاشتۇردى. ئالدىمىزدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى تەرىپلىگۈسىز دەرىجىدە. مۇشۇنداق قابىلىيەتلىك بىر ئادىمىمىزنى قانداقمۇ، ئۇ تۆت سولتەك ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىمىز، – بۇ گەپلەردىن كېيىن، جۇ دارىن بويۇنلىرىنى سەل ئالدىغا سوزۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تەمكىن، تېخىمۇ ئەقىلدان كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

-دوتەي جانابلىرى بۇ چەنتۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز ئۈچۈن ئىشلەشنى خالايدىغان ئادەم كەم ئەمەس. مەن ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ بەتەرىنى راسلاپ قويدۇم. ھازىر سىلى دەۋاتقان ئۇ تۆت سولتەك ئۇنچىلىك سەل چاغلايدىغان كىشىلەردىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچى كۈندىن – كۈنگە زورىيىۋاتىدۇ. ئاچقان مەكتەپلىرىنى ئاشۇ تەرىقىدىكى ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ تۇرۇپ ۋاقتىدا تاقىمىساق، ئۇ مەكتەپلەردە يېتىشىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار بىرنەچچە يىلدىن كېيىن  ھۆكۈمرانلىقىمىزغا زور تەھدىت بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن يىلاننىڭ بېشىنى ۋاقتىدا ئەزمىسەك بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن مۇشۇنىڭدىن بۆلەك ئەپچىل چارە يوق.  بۇ خەقنىڭ موللىلىرى بەكمۇ مال – دۇنياغا ھېرىسمەن كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكمۇ ھەسەتخور. ئازراق ئالتۇن خەجلەپ، ئۇ ئارقىلىق ئىغۋا، پىتنە – پاساتنىڭ ئۇرۇقىنى چاچساقلا ھەممە ئىش ئۆزلۈكىدىن تامام بولىدۇ. ئەخمەق پۇقرالار پۈتۈن جىنايەتنى مەرىپەتچىلەر قىپتۇ دەپ بىلىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى بىر كېچىدىلا قولغا ئېلىپ، پۈتۈن جىنايەتنى ئۈستىگە ئارتىپ، خەلق – ئالەمگە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ھەربىرىنى بىردىن تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىچىگە سولاپ، ياڭ جاڭجۈن جانابلىرىغا يوللاپ بېرىمىز. بۇنىڭ بىلەن ئاۋام – خەلقنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىنمۇ، مەرىپەتچىلىك تەرغىباتچىلىرىدىنمۇ قۇتۇلۇپ، ئاچقان مەكتەپلىرىنى بىراقلا تاقايمىز. ئۇ ئاچكۆز ئادىلبەگ بىزگە ھەرقانچە خىزمەت كۆرسەتكەن بىلەنمۇ يەنىلا ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قان چەنتۇنىڭ قېنى. بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايلى. ئاشۇ قان تومۇرىدا ئاقىدىكەن ھامان بىزنىڭ دۈشمىنىمىز.

ۋەزىيەت شۇنداق قىلىشنى تەقەززا قىلغان ئىكەن پەيتى قولدىن بەرمەي، ئۆزىمىزنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھەممىسىدىن بىراقلا قۇتۇلۇشىمىز كېرەك. بىزگە بۇلارنىڭ كاللىسى ئىشلەيدىغانلىرى كېرەك ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن بۇلارنىڭ زېھنىنى خورىتىدىغان بارلىق ۋاسىتىلارنى قوللىنىشتىن قول ئۈزمەسلىكىمىز لازىم. بىز بۇ يۇرت خەلقلىرىنى دەتتە – دەتتە ئۆزلىرىگە تېخىمۇ ناتونۇش بولغان بۇرۇقتۇرما تۇرمۇشنىڭ ئىچىگە ئەكىرىشىمىز زۆرۈر. شۇ چاغدىلا بۇلارنى بۇرنىنىڭ ئۇچىغا چۆلەك تاقىغان ئۆكۈزدەك قاياققا تارتساق شۇ ياققا ساپان سۆرەيدىغان قىلىپ چىقالايمىز. شۇنىسى مۇقەررەركى، بىز بۇلارنىڭ ھوشيارلىرىنى، نوچىلىرىنى، مەرىپەتچىلىرىنى، شەھەر كۆرگەن بايلىرىنى، كۆزى ئوچۇق ئۆلىمالىرىنى كۆزدىن يوقىتىۋەتسەكلا ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشىدۇ. پەقەت بىز بۇلارنىڭ ناماز قىلىدىغان مەسچىتىگە چېقىلمىساق، بۇلار ئۇنچىلىك ھوشيار بولۇپ كەتمەيدۇ. ھەتتا بۇ تۆتىنى كۆزدىن يوقۇتۇپلا، ھەربىرىنىڭ  مەھەللىسىگە بىرەردىن مەسچىت سېلىپ بەرسەك، ھەممە ئىشنى ئۇنتۇيدۇ. ھەتتا قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئۆزلىرىگە قىلغان ئىلتىپات دەپ چۈشىنىپ، بىزگە بولغان ئىتائەتمەنلىكى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ – دە، ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئەسكىرىي چىقىمنىمۇ تېجەپ قالىمىز. چەنتۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بولسا پۈتۈن ئۆرپ – ئادەتلىرىگە، تۇرمۇشىغا ۋە سىياسەتلىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.

بۇنداق بىر قوۋم ۋە بۇنداق بىر جاي دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوق. بۇنداق جايدا ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغان ۋاسىتە دىن. بۇ خەقنىڭ دىنغا ئەھمىيەت بەرگەن بولىۋالساق ۋە كاززاپ جاھىل موللىلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىسەكلا بىزنىڭ يولىمىزغا چىققان ھەرقانداق بىر سەگەك مەرىپەتچىنىمۇ بىمالال كۆزدىن يوق قىلالايمىز. ئوپقاندەك نەپسىدىن كېچەلمەيدىغان موللىلار ئۆزىنىلا ئويلىغاچقا، شۇنچىلىك پەرۋاسىز بولۇپ كەتكەنكى، بىزنىڭ قانداق ئويۇنلارنى ئويناۋاتقانلىقىمىز ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ، –   بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ما دوتەي ئەمدى قايىل بولغان ئىدى. ئۇ، قايىللىقىدىن رەزىللىككە ھامىي بولغان ئەقىل بۇلىقى ئېچىلىپ، ئىشنى قىلغاندىكىن پۈتۈنلا قىلاي دەپ ئويلىدى بولغاي، جۇ دارېننىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى ۋە قوشۇمچە قىلىپ – ئېيتقانلىرىڭىزغا قايىلمەن، يەنىلا كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئوي – پىكىرلىرى ئۆزگىچە بولىدۇ. بىز بۇ مەرىپەتچىلەرنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ باشلىرىنى بىراقلا ئىزىمىز دېگەنىكەنمىز، بۇلارغا قوشۇپ يەنە تۈركىيەدە ئوقۇپ ۋە مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپى قىلىپ كەلگەن، جىرجىس ھاجىنىمۇ قوشۇپ بىراقلا كۆزدىن يوقىتايلى. ئۇ، ھەم ئاشقۇن مىللەتچى ھەم ھەقىقىي دىندار بىر ئۇنسۇر ؛ ئەگەر ئۇنى ئايرىپ قويساق، قولغا ئالغانلارنىڭ داۋاسىنى قىلىپ، بىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشى تۇرغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىرجىس ھاجى دېگەن بۇ ئەبلەخ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئۇچىغا چىققان ئۆكتەم. ئەگەر بىز بۇ قېتىم بىر ھەملە بىلەن ھەممىسىنى كۆزدىن يوق قىلالىساق، ئىلىدا ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمرانلىقىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشقا كاپالەتلىك قىلالايمىز، – دەپ ئورنىدىن قوزغىلىپ، جۇ دارېننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

جۇ دارىن ئابايىتىن مەسئۇت ئەپەندىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىدىن چىقارغاندا قانداقتۇر بىر ئىسىم سارغىيىپ كەتكەن چىشلىرىنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قىلىپ، كۆڭلىنىڭ ئارامىنى قويمىغاندەك روھىي ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى سېزىۋاتقاندا، ما دوتەينىڭ قوشۇمچە قىلىپ جىرجىس ھاجىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغانلىقى، ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى قويمىغان سىرىنى بىراقلا يېشىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ تەنلىرى تىترەپ، تومۇرلىرى كۆپۈپ، كۆزلىرى يېنىپ، مېڭىسىگە قان يۈگۈرۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار يانمۇ يان ئولتۇرۇپ شۇنداق بىر سۇيىقەست پىلانلىدىكى، بۇ سۇيىقەست شەيتاننىڭمۇ ئەقلىگە كەلمەيدىغان شۇنداق بىر سۇيىقەست بولۇپ تارىخقا يېزىلىپ قالىدىغاندەك قىلاتتى. ما دوتەي ئەزەلدىن بۇنداق بىر سۇيىقەست پىلانىنى ئويلاپ باقمىغان بولغاچقا، خۇشاللىقىدىن قىن – قىنىغا پاتماي، ئۇنسىز ھىجايدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرى گويا بىر چوشقا كۈچۈكىنىڭ ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى ئېمىپ ئېرىشكەن خۇشاللىقىدەك يۇمۇلۇپ، مۇڭلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئاندىن ئۇلار ئۆينىڭ تېمىغا يۆلەپ ئالدىن راسلانغان ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇشتى ۋە ئىچى لىق تولدۇرۇلغان قەدەھنى قوللىرىغا ئېلىپ، بىر- بىرىگە سوقۇشتۇرغاندىن كېيىن، گۈپپىدىلا كۆتۈرۈۋېتىشتى. شۇ دەقىقىلەردە ئۇلارنىڭ يامان نىيىتى چەكسىزلىككە قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top