You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (41)

مەسئۇت ئەپەندى (41)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ھېلىلا ھاۋاغا قارىتىپ ئېتىلغان ئىككى پاي ئوقنىڭ ئاۋازىدىن ئۈركۈپ كەتكەن بالىلار قىيا – چىيا قىلىپ يىغلىغان چاغدا، زەيناۋىددىن سارا خانىم بىلەن بالىلارنى قوشۇپ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغان ئىدى. زەيناۋىددىن بولۇۋاتقان قالايمىقانچىلىقتا ئالىمادىس بىر ئىش يۈز بېرىپ قالسا، بالىلارنىڭ بېشىغا بىر ئىش كېلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلارغا «داداڭلارنى مەن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىپ بېرىمەن» دەپ ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنى مىڭبىر مۇشەققەتتە قايىل قىلىپ ئۆيىگە قايتۇرۇپ ئەكەتتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ جەدە ئېتىنى ئېگەرلەپ، بەش كۆشۈك ھارۋىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئات سالدى. بۇ چاغدا كۆشۈك ھارۋىلار ئاللىقاچان غۇلجا شەھىرىدىن يىراقلاپ كەتكەن ئىدى. ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئادەملەرمۇ بارا – بارا شالاڭلاپ، ئاخىرى ھېچكىم قالمىغان ئىدى. ئادەمسىز كوچىدا چېرىكلەر يالاپ كېتىۋاتقان بەش تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىچىدىكى بەشى، بەش خىل غەم – خىيال بىلەن جىمجىت كېتىۋاتاتتى. بولۇپمۇ مەسئۇت ئەپەندى توپىلىق يولنىڭ يان تەرىپىدىكى پاكار- پاكار ئەسكى سوقما تاملاردىن ساڭگىلاپ قالغان ئالما شاخلىرىدىكى سارغىيىپ پىشقان ئالمىلارغا قاراپ، بىر جەھەتتىن ھايات ئىكەنلىكىدىن مەمنۇن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. ئۇ بىر چەتتىن شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان ئائىلىسىنى پەقەت يىراقتىن غىل – پال كۆرگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىراينى ئېنىق كۆرەلمىگەنلىكىگە رەللە بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئاشۇ پۇت – قوللىرى تۆمۈر زەنجىر بىلەن كىشەنلەنمىگەن خەلقىنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ ئاللاھ بۇرۇن كىشەنلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. كۆز يېشى، نالە – پەرياد ۋە جۇدالىق داغلىرى خەلقنىڭ قەلبىدىكى دۈشمەنگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئۇلغايتىپ، ئۇلارغا قارشى كۈرەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنىڭ ئورنىغا،  مىسكىنلىككە، يالۋۇرۇشقا، مۇڭغا، بىچارىلىككە بەند قىلىپ قويغان ئىدى. نەچچە مىڭ ئامما 40 چېرىكتىن قورقۇپ، ھارۋىنىڭ يېنىغا كېلەلمىگەن قوۋمدىن چوڭ ئىشلارنى كۈتۈشكە ئەسلا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ مەيۈسلىنىۋاتاتتى، ئۈمىدى سۇسلىشىپ، غايىب بولۇپ كېتىۋاتاتتى. دەل مۇشۇ دەقىقىلەردە قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە، ساندور پېتوفى (1823-1849) نىڭ ئۈمىد دېگەن ناخشىسى ياڭرىغاندەك بولدى:

ئۈمىد نېمە ئۇ؟ ئۈمىد – پاھىشە :

ھەممىگە جىلۋە قىلىپ، بارىنى بېرەر.

سەن ئۇنىڭغا بىباھا ياشلىق باھارىڭنى بېرىسەنۇ،

ئاخىر ئۇ سېنى پەرۋاسىز تاشلاپ كېتەر.

ۋېنگىرىيەنىڭ بۈيۈك لىرىك شائىرى، ۋەتەنپەرۋەر باھادىر ئوغلانى ساندور پېتوفى بولسا، ۋەتىنىنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇنقەرز قىلىشىدىن قوغداش ئۈچۈن، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نەيزىسىدە ئۆلگىنىگە 77 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، مەسئۇت ئەپەندى شۇ ياش شائىردەك ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. ئەينى چاغدا جەڭ مەيدانلىرىدا بىر قولىدا قەلەم، بىر قولىدا قورال تۇتۇپ، بىر ياقتىن ياڭراق قەسىدىلەرنى يېزىپ، بىر ياقتىن قان كېچىپ جەڭ قىلغان شۇ جەڭگىۋار مەغرۇر يىگىتمۇ، ناشۇدلۇق ئىچىدىكى قاراڭغۇ تۈندە، بىپايان قاراڭغۇ زېمىنغا قاراپ: «ئۈمىدسىزلىكمۇ ئۈمىدكە ئوخشاشلا بىھۇدە نەرسە» دېگەن ئىكەن. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ روھى دۇنياسىدىكى بۇرۇنقى ئۈمىدۋارلىق، جۇشقۇنلۇق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سۇسلىشىپ كېتىۋاتقاندەك، روھىي چۈشكىن كۆرۈنەتتى. ئۇ، ياش شائىر، ۋەتەنپەرۋەر ساندور پېتوفىنى ياد ئېلىپ، خۇددى شارقىراتمىنىڭ سۈيى پەسكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن بارا -بارا ئاستىلاپ، كېڭىيىپ تىنچ ئاققانغا ئوخشاش، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئويلىنىشنىڭ، ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرگە چوڭقۇر تەپەككۇر كۆزى بىلەن قايتىدىن بىر نەزەر تاشلاپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندى.

دېمىسىمۇ كىشىلىك ھاياتتا پۈتۈن بۇ دەردلەر، ئەلەملەر، ئىزتىراپلار، كۆڭۈلسىزلىكلەر، ئۆچمەنلىكلەر، گۇمانلار، نەپرەتلەر، قورقۇنچلار ۋە ھەتتا ئۈمىد قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئۆز چۈشەنچىلىرىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە مەيدانغا كەلگەن نەتىجىلەر، ئاقىۋەتلەر بىلەن يۈزلىنىشى ۋە ھايات پىلانلىرىنى ئۇنىڭغا ئاساسەن تۈزۈشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەڭرىدىن باشقا نەرسىلەردىن قورقۇنچتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تېپىشى كېرەك.  ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇسۇرسىز ۋە ياخشىلىقنى ئويلايدىغان توغرا بىر ئىدىيەگە، پىكىرگە ئىگە بولۇشىمىز لازىم.

مەسئۇت ئەپەندى ئەنە شۇنداق ئويلار ئىچىدە كېتىۋاتقاندا، ئالدىدىكى كۆشۈك ھارۋىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان سوپىدەك بەدەشقان قۇرۇپ، ئالدىغا قاراپ جىممىدە ئولتۇرغان جىرجىس ھاجىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن كۈچ -قۇۋۋەت ئالغاندەك روھلىنىپ قالدى.  جىرجىس ھاجى قوڭۇر كۆزلىرىنى ئالدىدىكى يىلان باغرىدەك تولغىنىپ ياتقان توپا يولغا تىكىپ، ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتىنى پىچىرلاپ ئوقۇۋاتاتتى:«بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر». ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز بولسا، يولغا سايە تاشلاپ تۇرغان سوقما تام تۈۋىدىكى مەدەنىي دەرەخلەرنىڭ ياپيېشىل يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ، جىرجىس ھاجىنىڭ ئاقسېرىق چېھرىگە كېلىپ سوقۇلۇۋاتقان يەڭگىل ئاۋازدەك يېقىملىق، مېھرىبان بىر ئاۋاز ئىدى. ئەمما، بۇ يېقىملىق، مېھرىبانلىق نازۇك قەلبتىن چىقىۋاتقان بىر مۇڭ – زار ئىدى. مانا بۇ مۇڭ – زار ئۆز يولى ئۈچۈن ئادەتتىكى بەختتىن بەتەر دەرد – ئەلەمنى ۋە جاپا – مۇشەققەتنى ئۇلۇغ كۆرگەن بىر روھنىڭ مەدھىيە ناخشىسى ئىدى. ئۇنىڭ سولغۇن چىرايىنى تېخىمۇ مۇڭلۇق كۆرسىتىۋاتقان ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى بىر جۈپ كۆزى كۆز ئەمەس، بەلكى قان يىغلاۋاتقان يۈرەك ئىدى. ئەمما 45 ياشلارغا كىرىپ قالغان جىرجىس ھاجىنىڭ قان يىغلاۋاتقان قەلبى ۋە تۆمۈر زەنجىرلەر بىلەن كىشەنلەنگەن ئۇرۇق ۋۇجۇدى بۇ دەرد – ئەلەملەرگە، زۇلۇملارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، گۈللىرى ئۆڭۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قۇياش نۇرىدا يەنىلا جۇلالىنىپ تۇرغان مانچېستېر دوپپا كىيىۋالغان بېشىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرۇشلىرى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۇ ئىچىدە«سەنلەر شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، ئوڭ قولۇمغا قۇياشنى، سول قولۇمغا ئاينى تۇتقۇزساڭمۇ، ئۆزۈم توغرا دەپ ماڭغان يولدىن ئەسلا يانمايمەن. ۋاقتى كەلگەندە ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بۇ ئەزىز جاننى پىدا قىلىشقا تەييارمەن» دەپ ئىچىدە پەيمان ئەيلىمەكتە ئىدى. ئۆزىنى ئىللىق باغرىغا بېسىپ چوڭ قىلغان غۇلجا شەھىرىدىن بارا – بارا يىراقلاشقانسېرى كۆڭۈللىرىدىكى تەشۋىشلىرى سۇسلىشىپ، غەيرىتى ئېشىپ، ئۆزىنىڭ روھىدىن ئۆزى كۈچ – قۇۋۋەت ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ياز قۇياشىنىڭ كۈچلۈك نۇرلىرى نېپىز ئاق تېرىلىرىدىن ئۆتۈپ، كۆكرەك قەپىسىنى دالدىچاق قىلغان يۈرىكىنى قىزدۇرۇۋاتقان بولسا كېرەك، ئوڭ قولىنى سول كۆكسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ يەنە بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى، ئۇ ئۆزىنى تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ، توپا يوللاردا كېتىۋاتقاندەك ئەمەس، بەلكى نامەلۇم بىر بوشلۇقتا كېتىۋاتقاندەك شۇنچىلىك خاتىرجەم، شۇنچىلىك پەرۋاسىز ھېس قىلدى. ئۇنىڭغا ئەتراپتىكى نەرسىلەردىن كېلىۋاتقان ئاۋازلار بولسا بەلكى مېڭىسىدىن، يۈرىكىدىن، روھىدىن ئىشقىلىپ ئىچىدىكى ھەممە يېرىدىن بىردەك دۈپۈرلەپ كېلىۋاتقان ئاۋازلاردەك ئاڭلىنىۋاتقان ئىدى. ئۇ گويا بىر بۈركۈت بولۇپ، تۆمۈر قەپەسنىڭ تۆمۈر رىشاتكىلىرى ئارىسىدىن ئۇچۇپ كېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچىدىكى ئاۋاز ئۇنىڭغا «سەۋر قىل! سەۋرنىڭ ئاخىرى سالامەتتۇر!» دەپ پىچىرلىماقتا ئىدى.

ئەڭ ئالدىدىكى كۆشۈك ھارۋىدا كېتىۋاتقان ئابدۇراخمان شاھىدىمۇ چوڭقۇر خىيال دېڭىزىغا چۆكۈپ كەكتەن ئىدى. ئۇ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان ھارۋىلارغا قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ بەختسىزلىككە تولغان قىسمىتىدىن ئۆكۈندى. ئىچىدە «بەختسىزلىكنىڭ ئۆزىمۇ ۋابادەك يۇقۇملۇق ئوخشىمامدۇ. بىر- بىرىمىز بىلەن يېقىن دوست بولۇپ ئۆتكەن بەشىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بەختسىزلىك، باشقا كىمنىڭ بېشىغا كەلدى؟ تۈركىيەدە ئوقۇغان ئۈچىمىزگە ۋە بىزنى قوللىغان ئىككى دوستىمىزغا بەختسىزلىك كېسىلى بىراقلا يۇقتى. خۇددى بىر- بىرىمىزگە يۇقتۇرغان ۋابادەك. بەختسىزلىك بىزنى بىراقلا بۇ تۆمۈر قەپەزنىڭ ئىچىگە بەند قىلدى. ياكى بۇ، بەختسىزلىك ئىچىدىكى بەختمىدۇ؟ ئەسلىدە بىزگە يۇققىنى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ سۆيگۈسى ئىدىغۇ، بۇ قانداقمۇ بەختسىزلىك كېسىلى بولۇپ قالسۇن؟ ئەسلىدە ئۆز خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى، تۆمۈر قەپەزگە بەند قىلغان ئاشۇ زالىملار ۋابانىڭ مەنبەسىدۇر. بىزنىڭ بەختلىك بولۇشىمىزغا يول قويمىغانلار، بەختنىڭ دۈشمىنىدۇر. بىز مىللىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن بەختلىك تۇرمۇشىمىزدىن ۋاز كېچىپ، بۇ يولغا چىقتۇق، مانا بۇ يول بىزنى ھەقىقىي بەختكە مۇيەسسەر قىلىدىغان بەخت يولىدۇر. مانا بۇ ھەققى ئىنسان پەزىلىتىدۇر» دەپ  ئۆز – ئۆزىگە مەدەت بەردى ۋە پەيتارى بولۇپ قالغان ماغدۇرسىز ۋۇجۇدى تۆمۈر قەپەس ئىچىدە تىترەپ كەتتى. جۇدالىق تۇيغۇلىرى يۈرىكىنى ئامبۇردەك قىسىپ، ئۇنىڭغا ئىلاخۇن كۆككۈزدەك بويلۇق پالىۋانلار پاتقان كۆشۈك ھارۋا تار كېلىۋاتقاندەك، دۈپ – دۈپ سوقۇۋاتقان يۈرىكى بارا – بارا يوغىناپ قەپىزىگە سىغماۋاتقاندەك ھېس – تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدى. نىگاھىدا ئۆزلىرىنى قايسۇ بىر ئەرەب شائىرىنىڭ مۇنۇ بېيىتلىرىدا تەسۋىرلىگەن بۇلبۇلغا تەققاس قىلدى:

رىيازى جەننەت  ئارا قۇشقاچ ئۇچار، راھەتتە،

چۇرۇكلايدۇ، كۈلىدۇ، لېكىن ھامان بىنەزەر.

بۇلبۇل تار بىر قەپەستە تېپىرلايدۇ زۇلمەتتە،

گۇناھى شۇ – چاراكى خۇش ئاۋاز ئۇ ئەلھەزەر!

مۇشۇ چاغدا ئەڭ ئاخىرقى كۆشۈك ھارۋىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، بالا – چاقىلىرى بىلەن نەۋرىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئەنسىرەپ، بارغانسېرى يىگىلەپ كېتىۋاتقان سۇلايماننىڭ ئالدىدىكى ھارۋىدا كېتىۋاتقان ئېلاخۇن كۆككۆزنىڭ قوشاق قېتىم توۋلىغان ناخشا ئاۋازى ھەممىسىنىڭ خىيال كەپتەرلىرىنى كۆك ئاسمانغا گۈررىدە ئۇچۇرۇۋەتتى.

قەپەسكە سولاپ قويدى،

نەگە بېقىپ سايرايمەن.

ئۈرۈمچىگە پالىدى،

كىمگە بېقىپ قارايمەن.

بىر قەپەستە ئېلاخۇن،

ئارا قەپەستە سۇلايمان.

يىغلىماڭلار يارەنلەر،

كېلەرمىز ئېسەن-ئامان.

قەپەسكە سولاپ قويۇپ،

بىزنى قورقۇتاي دەمسەن؟!

زۇلۇمنى تولا قىلىپ،

ئۆزۈڭ يوقىلاي دەمسەن؟!

ئالاردا ئۆزۈڭ ئالغان،

باقماي ئۆز قارارىڭغا.

بىز ئادەم، كەكلىك ئەمەس،

قەپەسكە سولارىڭغا.

قەپەسكە سولاپ قويدى،

ھەر تەرەپكە قارايمەن.

ئامان بولغىن دوستلار، دەپ،

بىر خۇدادىن تىلەيمەن.

تاغدا كەكلىك غەلەت بولماي،

قەپەسكە چۈشمەس.

قىلغان ئىشىم ھەقتۇر مېنىڭ،

چىرىغىم ئۆچمەس.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top