You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «سىسىفوس ئەپسانىسى» دىن تەسىراتلىرىم

«سىسىفوس ئەپسانىسى» دىن تەسىراتلىرىم

«سىسىفوس ئەپسانىسى» دىن تەسىراتلىرىم

(ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ئالبېرت كامۇسنىڭ مەۋجۇتلۇق پەلسەپەسىگە قوسۇمچە قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان « ئابسۇرت » (مەنىسىزلىك، غەلىتىلىك، تاققا-تۇققا) ئۇقۇمى شەرھلەنگەن «سىسىفوس ئەپسانىسى»ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم. ئالدى بىلەن مەن بۇ يازمامدا ئالبېرت كامۇس ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق تاپتىم.

ئالبېرت كامۇس 20-ئەسىر پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، يازغان ئەسەرلىرى، رومانلىرى  ۋە ئىدىيىلىرى بىلەن دۇنيادا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بىر مۇنەۋەر يازغۇچىدۇر. كامۇس 1913-يىلى فرانسىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئالجىرىيەدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى فرانسۇس بولۇپ، ئانىسى بولسا ئالجىرىيەلىك بىر ئەرەپ خانىمى ئىدى.  دادىسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا بولغاندىن كېيىن ئانىسى  نامراتلىق ئىچىدە كامۇسنى چوڭ قىلغان.  ئالجىرىيەدىكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زۇلۇمىنى تارتقان دەسلەپكى كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن ۋە كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا  ئاساس سالغان. كامۇس يازغۇچى بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئۆزىدە شەكىللەنگەن مەۋجۇت ئىدىيىلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاممىۋى زىيالىي دەپ تونۇلغان بىر شەخسدۇر.

كامۇسنىڭ يادرولۇق پەلسەپىۋى ئۇقۇملىرىنىڭ بىرى «ئابسۇرد»  يەنى «بىمەنىلىك» بولۇپ ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەنا ئىزدىشى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ پەرۋاسىزلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن. بۇ ئىدىيە ئۇنىڭ «ياد ئادەم»  ۋە «ۋابا» قاتارلىق  رومانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىسيان قىلغان ئادەم»  ۋە «سىسىفوس ئەپسانىسى»  قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلىرىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسىدۇر. ئۇ «ياد ئادەم» ناملىق رومانىدا ئىجتىمائىي ئۈمىدكە پەرۋا قىلماي ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگەن قەھرىماننى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. بۇ كامۇسنىڭ يالغۇزلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىشىكە بولغان قىزىقىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. ئۇ بۇ يەردە ئۈمىدسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارماستىن ، بەلكى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەسلى مەنىسىزلىكىنى(ئابسۇرد) تونۇپ يېتىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىكىدىن مۇستەقىل ياشاشقا ۋە شەخسىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندۇرمەكچى بولغان ۋە ئۇ بۇنى «ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك ، بەلكى سۆيۈلمەسلىك » دەپ قەدىرلىگەن. كامۇس ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان ۋە يەر ئاستى گېزىتى «كۈرەش» گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولغان . ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشكە قاتنىشىشى زىيالىيلارنىڭ ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇمغا قارشىتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغان. كامۇس 1957-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە 44 ياش ۋاقتىدا ئەڭ ياش نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان  ۋە ئۇ 1960-يىلى قاتناش ۋەقەسىدە قازا بولغان،  بۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋە قىسقا بولغانلىقىدىن ئىبارەت بىر تراگېدىيەلىك خاتىرىلارنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى ۋە ئوتتۇرغا قويغان پەلسەپەۋى قاراشلىرى ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. چۈنكى  ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە  كىشىلەرنى جاسارەت ، مۇھەببەت ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان بىر يازغۇچى ئىدى ۋە شۇ دەۋرنىڭ ۋىجدانى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم ۋە بۇندىن كېيىنكى يېزىقچىلىق ھاياتىمدا ئالبېرت كامۇسقا ئوخشاش مۇنەۋەر يازغۇچى ۋە پەيلەسوفلارنىڭ ئىدىيەسىنى، ئۆز خەلقىمنىڭ بۇگۈنكى تراگېدىيەسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئەسەر يېزىشىمدا ئالاھىدە تۇركۇلۇك رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن. ئەمدى يازمامدىكى ئاساسلىق مەخسەتكە كەلسەك، مەن ئوقۇغان ئالبېرت كامۇسنىڭ «سىسىفوس  ئەپسانىسى»  ناملىق كىتاب توغرىسىدكى ئوز تەسىراتلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۇمەن.

«سىسىفوس ئەپسانىسى»  ناملىق كىتابنىڭ باش قەھرىمانى سىسىفوس بولسا، قەدىمقى گېرىتسىيە رىۋايەتلىرىدە بايان قىلىنغان بىر قەھرىمان بولۇپ، ئۇ تەڭرىلەرگە ئىسيان قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويۇن ئەگمىگەنلىكى ئۈچۈن، تەڭرىلەر تەرىپىدىن جازاغا ئۇچرىغان بىر مەھكۇمدۇر. ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا بولسا، بىر يوغان يۇمۇلاق تاشنى ئېگىز بىر دۆڭنىڭ ئۈستۈگە ئىشتىرىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن بۇ يوغان يۇمۇلاق تاشنى ئۇ دۆڭگە ئىشتىرىپ ئەچىقىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تەڭرىلەر ئۇنىڭغا بۇ جازانى لايىق تاپقان ئىدى. سىسىفوس ھەر قېتىم مىڭبىر مۇشەقەت بىلەن تاشنى ئۇ ئېگىز دۆڭنىڭ ئۈستىگە ئىشتىرىپ ئەكىلىشى بىلەن تەڭ، تاش يەنە تۆۋەنگە ئىشتىن دومۇلاپ كېتەتتى. سىسىفوس بولسا تەر ئىچىدە ئۇ تاشنىڭ ئارقىسىدىن قوغلايتتى ۋە تۆۋەنگە دۇمۇلاپ چۈشكەن تاشنى يەنە يۇقۇرغا ئىشتىرەتتى. سىسىفوس قانداقلا قىلمىسۇن ئۇ تاشنى يۇقۇرغا ئىشتىرىپ ئەچىقالمايتتى، بىراق شۇنداق بولۇشىغا قارىماي سىسىفوس بۇ جازاغا رازى بولۇپ ئوشاش ئىشنى تەكرارلايتتى ۋە ئۆزى بۇ جازانى تارتىش ئارقىلىق ھايات قىلىۋاتقانلىقىدىن بەختىيار بولاتتى. دېمەك بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ سىسىفوسدىن نېمە پەرقىمىز بار؟ مانا بۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدىغان بىر سوئال. بىز ھەممىمىز بۇ دۇنيادا ھايات قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، ئۆز تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىنماي جاپالىق ئەمگەك قىلىمىز. بۇلۇپمۇ مەندەك چوڭ شەھەرلەردە ياشايدىغان كىشىلەر سەھەر تۇرىمىز، ئالدىراپ-سالدىراپ تاشتا قىلغاندىن كېيىن ئىشقا ماڭىمىز ۋە ئىشتا سەككىز، توققۇز سائەت ئىشلىگەندىن كېيىن يەنە ئۆيگە قايتىمىز ۋە  تاماق تەييار بولسا كەچلىك غىزا يەيمىز، بولمىسا يەڭنى تۇرۇپ تاماق ئىتىشكە تۇتۇش قىلىمىز، قوساق تويغاندا تېلىۋېزورنىڭ ئالدىدا ۋە ياكى قولىمىزدكى تېلىفوننىڭ ئىكرانىدىكى كۆرۇنۇشلەر بىلەن بىر ئاز ئۆزىمىزنى ئالدايمىز، ئۇيقۇمىز كەلگەندە ياتىمىز ۋە ئەتىسى يەنە ئوخشاش مەشغۇلاتتى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.  ئەمدى ۋەتەننىڭ ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ھالى بولسا بىزدىن بەتەر. دېمەك بىزنىڭ ھاياتىمىز ئاشۇ تەڭرىلەرنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان سىسىفوسنىڭ ھاياتىدىن قىلىشمايدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن بىزمۇ خۇددى سىسىفوسقا ئوخشاش ھايات قىلىش ئۈچۈن ئۈمىد بىلەن تۇرمۇشنىڭ يولىدا ئات چاپتۇرىمىز. بىز ئەنە شۇ ئوخشاش رېتىمدىكى ئىشلارنى قىلىۋېتىپ، بىزنىڭ سىسىفوستىن نېمە پەرقىمىز بار؟ بىز مۇشۇنداق ئىشلەش ئارقىلىق زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ دەپ ئويلىغان چىغىمزدا ، ئۆزىمىزنىڭ كاللىسىدىكى پىلانلىرىمىزنىڭ ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. شەخسەن مەن دەل 50 ياشقا كىرگەن چىغىمدا ئەقلىمنى تېپىپ، مەن مۇشۇنداق ئىشلەپ زادى نېمىگە ئېرىشتىم؟ دەپ سوئال قويغان چىغىمدا، ھەقىقەتەن مېنىڭ ھاياتىمدا زور ئۆزگۇرۇشلەر بولغان ئىدى. يەنى مەن قولۇمغا قەلەم ئىلىپ، ئۆزۈم ئۈچۈن، مىللىتىم ئۈچۈن بىر مەنىلىك ئىش قىلىش قارارىغان كەلگەن ۋە قوشۇمچە يېزىقچىلىق قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. دېمەك ئادەمنىڭ كاللىسىدا ئەنە شۇنداق سوئال پەيدا بولغان چېغىدا بۇ ھاياتنىڭ ھەقىقەتەن مەنىسىز ئۆتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز ۋە ئازابلىنىمىز، بۇ ھاياتنىڭ «ئابسۇرد»لىقىنى يەنى مەنىسىزلىكىنى تېخىمۇ ئىنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئالبېرت كامۇسنىڭ «ئابسۇرد» ئۇقۇمىنى چۈشىنىشكە باشلايمىز.  بىز «ئابسۇرد»نى چۈشەنگەن چېغىمىزدىلا بۇ دۇنيا بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يەنى ئاشۇ رېتىملىق ۋە ياكى بىزگە تاشقى دۇنيا تەرىپىدىن تېڭىلغان، مەجبۇرلانغان ھايات بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىزنى قەتئىي رەۋىشتە ئۇزۇشكە تىرىشىمىز ۋە ئاخىرىدا ئۇزىمىز.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېڭىمىزدا «بىز»  ۋە ياكى «مەن»  بۇ ھاياتنى ياشاشقا ئەرزىمدۇ، ئەرزىمەمدۇ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ ۋە  بۇ تۇغۇلغان  سوئالغا جاۋاب ئىزدەيمىز. ئالبېرت كامۇسنىڭ «سىسىفوس ئەپسانىسى» ناملىق كىتابى  دەل مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىنىڭ بېشىدىلا مۇنداق يازىدۇ:« پەلسەپەنىڭ پەقەت بىرلا مەسىلىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆلۈۋېلىش. بۇ ھاياتنى ياشاشقا ئەرزىمدۇ، ئەرزىمەمدۇ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىشى، پەلسەپەنىڭ نېگىزلىك مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىش دېگەنلىكتۇر» يەنى پەلسەپە بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىدە. چۈنكى ئادەم ھەقىقەتەن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇش بىلەن تەڭلا ئۆلۈمگە قاراپ سەپەر قىلغان بولىدۇ. ھەر بىر ئادەم تۇغۇلۇش بىلەن تەڭ يېنىدا ئۆلۈمنى بىرگە ئېلىپ ماڭغان بىر يولچىدۇر ۋە ھامان بۇ يولنىڭ ئاخىرىدا ئۆلۈم باردۇر.  گەرچە بىز ياشاۋاتىمىز دەپ ئويلىغىنىمىز بىلەن ئەسلىدە ھەر بىر مىنۇتتا ئاز ئازدىن ئۆلۈۋاتقان بولىمىز، ئۆلۈمگە ، قاراڭغۇلۇققا، ئاخىرەتكە، جانسىزلىققا  قاراپ كېتىۋاتقان بولىمىز. مۇشۇ سەۋەبتىن كاللىمىزدا «ئابسۇرد» سوئالى تۇغۇلغان ھامان مۇشۇنداق جەبىر-جابالىق ھاياتنى ياشاشقا ئەرزىمدۇ ئەرزىمەمدۇ، ئەگەر ئەرزىسە قانداق ياشىمىز لازىم، ئەگەر ئەرىمىسە، ئۆلۈۋېلىش كېرەكمۇ ياكى مۇشۇ ئەرزىمەيدىغان ھاياتنى ئەرزىگۇدەك ھاياتقا ئۆزگەرتىشنىڭ بىر يولى بارمۇ؟ دېگەندەك قاتمۇ قات سوئاللار كاللىمىزنى قويچىيدۇ. ئەلۋەتتە بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىغا ئۆلۈۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ قاراش بىردىنلا كەلمەيدۇ ۋە لېكىن ئاشۇ ئادەمنى ئۆلۈۋېلىشتىنمۇ بەتەر قىيناۋاتقان ھاياتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەش ئۈچۈن پارە -پارە بولۇپ كېتىمىز.  دەل مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزۈ ھاياتنى ھەقىقىي مەنىدە تونۇپ يەتكەنلىكىمىزنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۇزۇشنى ئويلىغان ھەرقانداق ئىدراكلىق ئادەم ھاياتنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ئەنە شۇنداق سوئاللارنى قويماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پەيلاسوف سوقرات(مىلادىيەدىن ئىلگىرى 469 – 399) «سوئال سورالمىغان ھايات، ياشاشقا ئەرىمەيدىغان بىر ھاياتتۇر» دېگەن ئىدى.  دېمەك ئادەم ئۆزۈ ياشاۋاتقان تۇرمۇشقا قاراپ ئەنە شۇنداق سوئال سوراش ئويىغا كەلگەن چىغىدا ئالبېرت كامۇسنىڭ «ئابسۇرد» ئۇقۇمى ئوتتۇرغا چىقىپ، ئەنە شۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا ياردەمدە بولىدۇ.  ئالبېرت كامۇس بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ« ئىنسان ئېڭى دەل ئابسۇردنىڭ ئۇگىسىدۇر ۋە ئابسۇرد دەل شۇ يەرگە يىلتىز تارتقان بولىدۇ» دېمەك «ئابسۇرد»نىڭ پەلسەپەدىكى مەنىسى بولسا مېنىڭچە بولغاندا ئىنسان ئېڭى بىلەن بۇ ھاياتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىر-بىرىگە ئۇيغۇن كەلەمسلىكىدىن كېلىپ چىققان بىر مەنتىقىسىزلىكتىن ئىبارەتتۇر.  تېخىمۇ ئىنىقراق قىلىپ ئېيتقان  ئىنساننىڭ بۇ ھايات بىلەن توغرا بىر مۇناسىۋەت قۇرالماسلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن بىر مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسىدۇر.  بۇنداق بىر تۇيغۇ ھەرۋاقىت ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن. بەختلىك  تۇرمۇش كەچۇرىۋاتقان بىر ئائىلىدىكى بىرسى تۇيۇقسىز بىر كېسەلگە گېرىپتار بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ۋە ياكى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرۇشى مۇمكىن. دەل مۇشۇنداق بىر كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەن چاغدىمۇ ئادەم بالىسىدا ئابسۇرد تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.  دېمەك ئابسۇرد تۇيغۇسى ئەنە شۇنداق بىردىنلا ھاياتى ئاست-ئۈستۈن بولغان چاغدا، ۋاقىتنىڭ بىھۇدە ئېقىپ كەتىۋاتقانلىقىنى سەزگەن چاغدا، ئادەملەر بىر-بىرىدىن يادلاشقان چاغدا، يالغۇزلۇق باشقا كەلگەن چاغدا، قايغۇ ئادەمنى چىرماۋالغان چاغدا ۋە ئۆلۈمنىڭ مۇقەرەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن چاغدا، ئادەمدە ئەنە شۇنداق ئابسۇرد تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئاندا بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ«ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر» دەيدۇ.

«قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسەردە يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئۆلۈم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ.

قانچە قاچساڭمۇ، ئاخىر ئۆلۈم تۇتقۇسىدۇر،

قانچىلىك تىرىك قالساڭمۇ، ئاخىر ئۆلۈم يەتكۇسىدۇر.

ئالبېرت كامۇس بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ «بۇ ھاياتتا ئۆلۈمنىڭ بارلىقىنى پەرق ئېتىشىمىز لازىم ۋە ئۇنى پەرق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بۇ ھاياتنى تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ گۈزەل ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك»

ئۇنداقتا كاللىمىزدا ئابسۇرد تۇيغۇسى پەيدا بولغان چاغدا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بارمۇ؟ بىز ئاشۇنداق شارائىتتا قانداق پوسىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك؟ بۇ سوئاللارغا ئالبېرت كامۇس جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «يا ئارزۇنى تاللىشىمىز، ياكى ئۆلۈۋېلىشىمىز  ياكى بولمىسا ئىسيان قىلىشىمىز لازىم». ئۇ بۇ قاراشلىرىنى شەرھىلەپ كېلىپ ئارزۇ بىلەن ئۆلۈۋېلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.  چۈنكى ئارزۇقىلىشنىڭ ئۆزۈ پەلسەپەۋى ئۆلۈۋېلىشتىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. ھاياتى بويىچە ئۇ دۇنيانى ئارزۇ قىلىپ ياشىغان ئادەم بۇ دۇنيادىن ۋاز كېچىپ ئۇ دۇنيانى تاللىغان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ ۋە ھاياتى بويىچە ئۇ دۇنيا ئۈچۈنلا ياشايدۇ، ھەمدە بۇ دۇنيادىكى ھاياتنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرمەي، بەربات قىلىۋېتىدۇ ۋە ئۇ دۇنياغا باغلىنىپ، بىر ئۆمۈر ھېچ ئىش قىلماي ئۇ دۇنيا ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئۆزۈ بولسا ئابسۇرداقا باش ئەگكەنلىك بولۇپ، بۇ دۇنيانى پۈتۈنلەي رەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت. بۇنداق بولغاندا ئابسۇرد پۈتۈنلەي غەلبە قىلغان بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئارزۇ ۋە ئۆلۈۋېلىش پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ تاللىشىدۇر.  ھەقىقىي جەسۇر ئىنسان ئارزۇ ۋە ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئورنىغا بۇ ھايات بىلەن كۈرەش قىلىشنى تاللايدۇ. ھاياتنى سۆيۈپ تۇرۇپ، گۈزەل كۈنلەرنى ئۆتكۈزۇشنى ئۆگۈنىدۇ. ھەر ۋاقىت تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ ھەتتا بىر ئۆمۈر ئىزدەنگۈچى بولۇپ ياشاپ ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.  مانا بۇ ئالبېرت كامۇسنىڭ «ئابسۇرد» قارشى «ئىسيان قىلىش» ئۇقۇمى بولۇپ،  يەنى قارشى چىقىشنىڭ ئۆزى ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكىگە باش ئەگمەي كۈرەش قىلىش دېمەكلىكنىڭ ئۆزى دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا «ئابسۇرد» قا قارشى قانداق ئىسيان قىلىمىز؟ بۇ سوئالغا ئالبېرت كامۇس جاۋاب بېرىپ، ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىلەپ بىزنى سەنئەت بىلەن شۇغۇلنىشقا، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇلنىشقا، تىرىشىپ بىر كەسىپنى ئۆگۈنۇپ، كەسپىي مۇتەخەسىس بولۇشقا چاقىرىدۇ. يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۇزۇش ئۈچۈن مەنىۋىي بايلىقىمىزنى يۇكسەلدۇرىغان سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا چاقىرىدۇ.  ئابسۇردقا قارشى سەنئەتنى تاللىشىدىكى سەۋەب، ئۇ سەنئەتنىڭ ئۆزۈ بىر ئىجادىيەت دەپ قارىغانلىقىدىندۇر. ئىجادىيەت دېمەك بارلىق ئىلمىي ئىجادىيەتلەرنىڭ دەل ئۆزۈ.  دېمەك بۇ ھاياتتا ئابسۇرد بىلەن بىرگە سەنئەت پاراللىل پائالىيەت قىلىدۇ.  ئىنسان ئابسۇردسىز ياشالمىغىنىغا ئوخشاش، سەنئەتسىزمۇ ياشالمايدۇ.  ئابسۇردن ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئۈچۈن سەنئەت بولۇشى شەرت.  سەنئەت ئادەمنىڭ روھىنى داۋالاپ ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ۋە ياكى قۇرۇق ئۈمىدكە تاقىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىنسان ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇلانغاندا ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئورنىغا ھايات قىلىشنى، بەربات ھاياتنىڭ ئورنىغا گۈزەل ھاياتنى تاللىغان بولىدۇ ۋە يەنە ئەسكىلىكنىڭ ئورنىغا ياخشىلىقنى، ئادەلەتسىزلىكنىڭ ئورنىغا ئادەلەتنى، چېچىلانغۇلۇقنىڭ ئورنىغا تەرتىپ-ئىنتىزامنى تاللىغان بولىدۇ.  بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلاردەك تراگېدىيەلىك قىسمەتكە قالغانلار ھېچ ئىككىلەنمەي مۇقەرەر ھالدا ئالبېرت كامۇسنىڭ ئىسيان قىلىشىنى تاللىشىمىز لازىم. ئىسيان قىلغاندىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالغىنى بولىدۇ. ئالببېرت كامۇسنىڭ ئىسيانى ئىجادىيەت، ئۆزۈنى يېتىلدۇرۇش، ھايات بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە يەنە ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆزۈنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە مەۋجۇتلۇقنى مۇتلەق رەۋىشتە ساقلاپ قالغىنى بولىدۇ.

03.11.2024

گېرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top