You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » يازغۇچى كنۇت ھامسۇن

يازغۇچى كنۇت ھامسۇن

يازغۇچى كنۇت ھامسۇن

(ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

نورۋېگىيەلىك يازغۇچىسى كنۇت ھامسۇن (1859 – 1952)ئۆز ھاياتىدا بېشىدىن ئۆتكۇزگەن قورقۇنچلۇق كەچۇرمىشلىرىنى „ئاچلىق“ ناملىق رومانى ئارقىلىق بايان قىلغان. بۇ روماندا بايان قىلىنىشچە ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كۈنلەردىكى ئاچلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى روماندىكى باش قەھرىمان يازغۇچى بولۇشنى ئويلىغان پېرسوناجنىڭ كەچۈرمۇشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. بۇ روماندىكى باش قەھرىمان يازغۇچى ئېچىپ كەتكەن قوسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن چاپىنىنىڭ تۇگمىسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى سېتىپ ئازراق بولسىمۇ بىرنەرسە سېتىۋېلىپ يېيىشنى ئويلايدۇ، بىراق كامسىئونچى تۇگمىنى ئېلىشنى رەت قىلىدۇ، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۈستىگە يېپىپ ياتىدىغان ئەدىيالىنى سېتىشنىمۇ ئويلايدۇ. بىراق بۇ كونىراپ جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن ئەدىيالنىمۇ پۇلغا يارىتىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ئاچلىققا چىدىمىغان روماننىڭ باش قەھرىمانى چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى ئاغزىغا سېلىپ شۇمەيدۇ ۋە ئاخىرى غۇرۇرىنى بىر چەتكەن قايرىپ قويۇپ، تىلەمچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ، ئەمما ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. قوساقلىرى ئىچىپ، ئاشقازىنى چاپلىشىپ كېتىدۇ، بەدىنىدە ماغدۇر قالمايدۇ. ئۇ يەنە قاسسامنىڭ ئالدىغا بىرىپ“ئىتىمغا بېرىدىغان بىر پارچە سۆڭەك بەرسىڭىز“ دەپ، سۆڭەك سورايدۇ ۋە كاسساپ بەرگەن گۆشسىز سۆڭەكنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى قالدۇق گۆشلەرنى خام پېتى يېيىشكە باشلايدۇ ۋە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇدۇ. بۇ چاغدا يولدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان بىر كىشى يازغۇچىنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ، ئازراق پۇل بېرىدۇ ۋە بۇ پۇلغا قوسىقىنى تويغۇزىدۇ. كېيىن يازغان ماقالىلىرى ئۈچۈن نەشىرياتتىن ئالغان ئازراق مىقتاردىكى پۇل بىلەن كۈن ئۆتكۇزىدۇ، ئۆزى شۇنچىلىك قىيىنچىلىق شارائىتتا تۇرۇپ، بۇ پۇلنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ھال ئەخۋالى ئۆزىدىن ياشىراق باشقا بىرسىگە ياردەم قىلىپ بېرىۋەتىدۇ ۋە يەنە ئاچلىق كۈنلىرى باشلىنىدۇ. ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ مۇنداق خىيال سۈرۈدۇ“ ئادەم دېگەننىڭ يېنىدا بىر پارچە نېنى بولسا نېمە دېگەن ياخشى ھە! كوچىلاردا چىشلەپ-چىشلەپ تۇرۇپ يەپ ماڭىدىغان بىر تال بۇغداي نېنى! بىر چەتتىن مېڭىپ، بىر چەتتىن يەپ ماڭسا ئاجايىپ ياخشى بولمامادۇ ھە! مەن مۇشۇداق مىزىلىك ناننى ئارزۇ قىلىمەن، ھازىرلا يېيىشكە تەشنا مەن. بۇ ئاچلىق ئىلھام بۇلاقىمنى تىندۇرۋېتىپ بارىدۇ، كاللامدا يازغۇدەك ھىچنېمە يوق. ئۆلۈشنى، بۇ دۇنيادىن بىراقلا يوق بولۇپ كېتىشنى سېغىنىۋاتىمەن….“ بۇ ھاياتتىكى يوقسۇللۇق ئۇنىنغا بەك ھار كېلىدۇ، يېغلىغۇسى كېلىدۇ، بۇ بىچارىلىكتىن قاچان قۇتۇلۇشنى بىلمەيدۇ. ئۇ „مېنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىم تۈگىمەس !“ دەپ ئويلاپ، تۇيۇقسىز كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ، پۇتلىرىم بىلەن يەرنى قاتتىق تېپىپ تۇرۇپ ، ئاغزىنى بۇزۇشقا باشلايدۇ.
يازغۇچى كنۇت ھامسۇن ئۆزىنىڭ بۇ مەشھۇر رومانى ئارقىلىق 1920-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئادەم دېگەن ئاجايىپ بىر مەۋجۇدات، شۇنچە قىيىنچىلقىلارنى بېشىدىن ئۆتكۇزۇپ، ئاخىرى ھاياتنىڭ مۇشكۇللىرىنى يېڭىپ، پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان يازغۇچى كنۇت ھامسۇن 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە ناسىس گېرمانىيەسى تەرىپىدە تۇرىدۇ ، ھەتتا ئۆزۈ ئېرىشكەن نوبېل مېدالىنى ھىتلېرغا سوغات قىلماقچى بولىدۇ. نورۋېگىيە، گېرمانىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان چاغدا ئۇ „ گېرمانلار بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ“ دەپ ماقالىلار يازىدۇ. ھەتتا ھىتلېر ئۆلۈپ بىر ھەپتىدىن كېيىن كنۇت ھامسۇن :“ ئو بىر كۈرەشچى ئىدى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلدى…“ دېگەن ئىبارىلەر تولغان ماقالە ئېلان قىلىدۇ.
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان بىر كۈنى، بىر قىز كنۇت ھامسۇننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، قولىدىكى كنۇت ھامسۇنغا ئائىت بىر كىتابنى قويۇپ قۇيۇپ ، ھېچ بىر نەرسە دېمەيلا كېتىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەر خەلقى ئۆيلىرىدىكى كنۇت ھامسۇننىڭ كىتاپلىرىنى ئەكلىپ، ئۇنىڭ ئىشىگىنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۇ دېرىزىدىن سىرتىكى لاۋۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان كىتابلىرىغا قاراپ ئىچىنغان ھالدا“ كاشكى ئاشۇ كىتابلارنىڭ ئورنىدا مەن كۆيگەن بولسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە!“ دەپ، ئۆز قىلمىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇ سوتقا تارتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە بار دەپ قارالغانلىقتىن، ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ. 1952  -يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 92 يېشىدا ئۆز ئۆيىدە ۋاپات بولىدۇ، ئۆلۈكۈ كۆيدۈرۋېتىلىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشۇ بىلەن نورۋېگىيە خەلق ئۆزىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشۇدا ئۆتكۇزگەن خاتالىقىنى ئۇنتۇشقا باشلايدۇ. ئۇ ۋاپات بولۇپ يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن 2009 -يىلىنى ھامسۇن يىلى دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى بېرىلگەن مەكتەپلەر، كوچىلار مەيدانغا كېلىدۇ، ھەيكىلى قاتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇلغۇسىز قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ „ئاچلىق“، „ۋىكتورىئا“، „تاۋا“، „دۈنيا نىممەتى“، „ئاخىرقى قىسىم“، ”سەگەردان” ۋە “سىرلار” قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم.

10.11.2024

گېرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top