You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىگە بولغان تەسىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىگە بولغان تەسىرى

شەۋۋال بەستە گۆكچەلىك (ياۋرۇ-ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئامىنە ئىسمائىل

تەھرىر: ئابدۇخالىق قارا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خىتتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق سىياسەتلىرىنى رەت قىلىشى، مەسلىنى تېرورلۇققا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىشى ۋە مەسىلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ دىققەتكە ئېلىنماسلىقى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئېرىشىشىگە سەۋەب بولدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، دۇنيا پاختا بازىرىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئېكىسپورت قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى.

داڭلىق ماركىلارنىڭ پاختا سودىسىدا خىتايلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندا، بۇ ئەھۋال خەلقئارا ماركىلارنىڭ تىجارەت نىزاملىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. نامايىشلاردا تەنقىدلەنگەن دۇنياغا داڭلىق ماركىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قالدى. مەسىلەن، H&M ئۇيغۇر رايونىدىن ماتېرىيال ئەكىلىشتىن ۋاز كەچتى. ئامېرىكىنىڭ سابىق ترامپ ھۆكۈمىتى خىتتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن بىرى بولغا بىڭتۇەندىن پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. Ikea  ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا ئېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئادىداس «مۇھاپىزەتچىلەر» گېزىتدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ رايوندىن مال سېتىۋالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە باشقا تەمىنلىگۈچىلەرنىمۇ سېتىۋالماسلىققا چاقىردى. چوڭ ماركىلارنىڭ بۇنداق پوزۇتىسيەسى ۋە ئىنكاسى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكى دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاغدۇرۇشقا باشلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە ، تۈركىيە ۋە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەيىبلەش پوزىتسىيىسى قوللىنىشنى خالىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئالاقىلىق. ياۋرو-ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقاندا، تۈركىيە شەرقتە خىتتاي بىلەن ياخشى سودا مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىسادىي ئىتتىپاق ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ بۇ يۈزلىنىشى، غەرب كاپىتالى يېتەرلىك بولمىغان بىر پەيتتە خىتاي مەبلىغىگە بولغان ئېھتىياچنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىدىن سەۋەبىدىن بولغان. بۇ ۋەزىيەتتە، خىتاي تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمراھىغا ئايلانماقتا.

بۇ خىل ئەھۋالغا قارىماي، تۈركىيە تارىختا 60-يىللاردىن باشلاپ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەر پاناھگاھى بولۇپ كەلدى. تۈركىيە «خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى زۇلۇملىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇئامىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر ۋاقىتتا ياخشى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىدىغان سەزگۈر ۋە قوش بىسلىق سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. بۇ سىياسەت، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن تەنقىدلەنمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات تۈرلىرىگە زور مەبلەغ سالماقتا. ياۋروپانى ئاسىيا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەتكە بۇنداق مەبلەغ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان سودا يولى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي يۈك پويىزلىرى مارماراي تۆمۈر يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى .

تۈركىيە بارلىق ئىقتىسادىي سەزگۈرلۈكىگە قارىماي، تۈرك دۇنياسى بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلىش غايسىىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇنىڭ ئۈچۈن خىتتايغا قارىتا مۇئامىلىدە پايدىلىق يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتاي بىلەن تۈركىيە خەلقلىرى ئارىسىدا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇ كۆۋرۈكنى بۇزماسلىقى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)  ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ 75- قېتىملىق يىغىنىدا، تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ب د ت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا سۇپىلاردا بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خىتتاي بىلەن نىشانلىق ۋە بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى داۋام قىلىدۇ.

بۇ تېمىدىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارغا قارىغاندا، 2017-يىلى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى خىتاي تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ خەۋەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا ئەندىشە پەيدا قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىم ئارقىلىق «تېرورلۇق جىنايىتى» سادىر قىلىپ تۈركىيەگە پاناھلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى «ئەگەر تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق تەنقىد قىلسا، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماقالەمدە بايان قىلىنغاندەك يەرشارىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكياندىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئېغىپ، خىتاي كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دۆلەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا قارىتا تەنقىتلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. شۇڭلاشقا، خىتايغا  قارىتىلغان بىر قىسىم قاتتىق خەلقئارالىق تەنقىدلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەس  بەلكى خىتتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ باھانىسى دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تۈركىيە ۋە خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش قارارى تۈركىيەنىڭ قىتئەلەر ئارا ئېنېرگىيە ۋە سودا لىنىيىسىنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەسىلىدە ئوخشىمىغان كۆز قارىشى  بار. ئەمما بۇ يەنىلا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە  ۋە تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.

تۈركچە ئەسلىي مەنبە ئۇلىنىشى: https://avim.org.tr/tr/yorum/uygur-turklerının-turkıye-cın-ılıskılerıne-etkısı

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top