• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » 2- قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

2- قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2- قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىچىلدى

2012- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:15 تە، ئىستانبۇل IHH ئىنسانى ياردەم ۋەقفىنىڭ قۇددۇس يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىسىنىڭ 2- قېتىملىق ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئوقوغۇچىلار، خىزمەتچىلەر ۋە مەرىپەتۋەر زاتلاردىن بولۇپ ئالاھەزەل 60 كىشى قاتناشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى بويىچە، ئالدى بىلەن تۈركىيە دۆلەت مارشى ئورۇنلىنىپ ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى. كەينىدىن قۇرئان تىلاۋىتى قىلىندى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۇنجى مەزمۇنى بولۇپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ھازىرقى رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

    تۆۋەندە ئابدۇلھەمىد ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى:

سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پىداكار ھەيئەت ئەزالىرى!

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۈگۈن يەنە 2-قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارماقچى. مەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 20 دۆلەتتىن 250 نەپەر ئەزاسىغا ۋاكالىتەن، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ھەممىڭلارغا چىن يۈرەكتىن تەشەككۈر ئېيتىمەن، خوش كەلدىڭلار!

ئەزىز قېرىنداشلار، تارىخقا نەزەر سالساق، بىزدىن فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئۇلۇغبەگ، ئەلىشىر نەۋائىي، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق نۇرغۇن دۇنياغا مەشھۇر ئالىم – مۇتەپەككۇرلىرىمىز يېتىشىپ چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە، جۇملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت غەزىنىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. كۈنىمىزدىمۇ ئۇيغۇرلاردىن يۇقارقىدەك ئىلىم – پەننىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىققان ئالىملىرىمىز ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم – پەن كۈچىنى دۇنياغا نامايان قىلماقتا. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەپلەردىن، كۈنىمىزدە ئىلىم – پەندە ئۆزگە مىللەتلەردىن تۇلىمۇ ئارقىدا قالدۇق. بۇ سەۋەپتىن، ھازىر بىز ھەر قايسى ساھەلەردە يېتىشىپ چىققان ئىلىم ئەھلىلىرىگە ھەر زامانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىھتىياجلىق بولىۋاتىمىز. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىز تۇلىمۇ ئېغىر. بۇ مۈشكۈل، ئەمما ئەھمىيەتلىك ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلالىساق، ئۆزىمىزنى تۇلىمۇ بەختىيار ھىس قىلىمىز.

ئاخىرىدا، بۈگۈنكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇلۇغ مىللىتىمىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيىرلىك بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

كۆپچىلىككە كۆپ رەھمەت!

كەينىدىن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپى دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئابدۇمىجىت غوپۇر خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپى ۋە نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى ۋە جەمئىيىتىمىزدىكى كۈنسىرى بۇزۇلىۋاتقان ئەخلاق مەسىلىسىنىڭ تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە توختالدى. ئابدۇمىجىت غوپۇر ئەپەندى ھازىرقى خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسىنىڭ غەربنىڭ «كىم كۈچلۈك بولسا شۇ ھەقلىق» دىگەن پەلسەپىسى ئاساسىدا قۇرۇلغانلىقى، لېكىن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ «كىم ھەقلىق بولسا شۇ كۈچلۈك» دىگەن پەلسەپە كۆز-قارىشىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن غەرب خەلقئارا مۇناسىۋىتىنىڭ بىزگە ماس كەلمەيدىغانلىقى، شۇڭلاشقا تۈركىيەنىڭ يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان ئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت پىرىنسىپلىرىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ئەخلاقنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدىكى تېمىغا ئۆتتى. ئابدۇمىجىت غوپۇر ئەپەندى بىر ئىنسان ئىلىم – پەن ياكى باشقا ساھەلەردە ھەرقانچە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئۇ ئادەمنىڭ باشقا نەتىجىلىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋىتىدىغانلىقى، بۇنداق ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ ئۆز مىللىتىگە ۋە ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيلا قالماستىن، ھەتتا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىنسانلارنى پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ ئەخلاقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، پانى ۋە باقى ئالەمدە خاتىرجەم ياشاشقا چاقىردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قىسقىغىنە ئىككى يىلدا پىداكار ئوقوغۇچىلار ۋە مەرىپەتۋەر زاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن نۇرغۇن پائالىيەتلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىغىندىن بۇرۇن ئارقا سەپ خىزمەتچىلىرى قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ نەتىجىلەرنى بىر قىسقا فىلىم قىلىپ تەييارلىغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئىككىنچى مەزمۇنىدا بۇ قىسقا فىلىم كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ھەر دائىم يېنىمىزدا بولالمىىسىمۇ، لېكىن ھېچقاچان بىزنى يالغۇر قويمىدى. بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغىمۇ ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزى كېلەلمىگەن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ سەمىمى تەبرىكلىرى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلەپ تەبرىك خېتى يازغان ئىدى، تۆۋەندە بۇ تەبرىك خېتىنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى:

     ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، مېھمانلار، دوستلار، ئۇكىلار ۋە سىڭىللار:

بۈگۈن سىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلىۋاتىسىلەر. يەنى سىلەر ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئۇيغۇر پەن–مائارىپى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىۋاتىسىلەر. گەرچە بۇ يىغىنغا مەن ئۆزەم كېلىپ قاتنىشالمىغان بولساممۇ، مۇشۇ خېتىم ئارقىلىق مەن ھەممىڭلارنى، يەنى مەزكۇر يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بارلىق قېرىنداشلارنى چىن كۆڭلۈمدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن – مۇبارەك بولسۇن!

بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەركىزىي قىسمى مەكتەپ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ .بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە باشقا ھەممە جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولۇشىنى، شۇ مىللەت ياكى شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ ئومۇمىي بىلىم قۇرۇلىشى ھەمدە چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئاساسلاش قاتارلىق مېڭە ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولىشى بەلگىلەيدۇ. 2-دۇنيا ئۇرىشىدا خەلقارالىق بىرلەشمە قوشۇن توكيو بىلەن بېرلىننى بومباردىمان قىلىپ تۈزلىۋېتىپ، ياپونىيە بىلەن گېرمانىيىنى تەلتۈكۈس مەغلۇپ قىلىۋەتكەن ئىدى. لېكىن بۇ ئىككى مىللەتنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق مەجبۇرى مائارىپ ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن مىللىي ساپاسى بولغاچقا، كېيىنكى 30 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۆز دۆلەتلىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپلا قالماي، ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلارنىڭ قاتارىغا ئۆتتى. ئۇيغۇر مىللىتى قەدىمدىن تارتىپلا بىلىمنى سۆيۈدىغان، بىلىمنى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلەيدىغان بىر مىللەت بولۇپ، دۇنيانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەكلا بىلىم ئېلىش ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئەلىنغان ھەر خىل مېڭە ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىستەيدۇ. ھەمدە ئاشۇ يولدا بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىز بۇ جەھەتتە ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش ئېلىپ بېرىش، ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىش، ئۆز ئىمكانىيەتلىرى ۋە ئەقلىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشقا سېلىش ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋال ھازىر سەگەك كىشىلىرىمىزنى ئىنتايىن قاتتىق ئازابلاۋاتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن بۈگۈن مەزكۇر سورۇنغا جەم بولغان ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىكى ئەڭ تەلەيلىك ئۇيغۇرلار، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. يەنى بىز مۇشۇنداق بىر جايغا جەم بولۇپ، ئۆزىمىز ئىلىم-پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلەر، ھەمدە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە ئۆز ئانا تىلىمىزدا دوكلاد بېرەلەيمىز. ياكى ئاشۇنداق دوكلادلارنى بىۋاستە ئاڭلىيالايمىز. بىز بۇنداق پۇرسەتلەرنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. ھەمدە بۇنداق ئىمكانىيىتىمىزدىن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تولۇق ۋە ئۈنۈملۇك پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى بۇ سورۇنغا كېلەلىگەنلەرنىڭ سانى ئىنتايىن چەكلىك. لېكىن ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىزگە بولغان ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ.

مەن مۇشۇ باياننىڭ بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە، 0112-يىلى 30-يانىۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تور بېتىغا يېزىلغان، ۋەتەندىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسىنى سىلەرگە سۇنىمەن:

نەقىل:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى ئەل ئىشقىدا پەرۋانە بولغان قېدىردانلار! ئاللا ئىگەم ھەرقاچان ئالتۇن بويۇڭلارنى ئامان، كۆمۈش

تېنىڭلەرنى ئېسەن قىلسۇن! مىللەت ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان يۈرىكىڭلارنىڭ، ھەر بىر تىنىقىڭلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بۇ سادالار بىزنىڭ يۈرەك سادالىرىمىزغا ئۈن-تىنسىز قوشۇلۇپ بولدى .ۋەتەن، مىللەتكە پايدىسى تەگمىگەن بىلىمنىڭ قىممىتى نۆلگ تەڭدۇر! ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇشبۇ ساھادە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىشىلىرىغا مەڭگۈلۈك ئۇتۇقلار يار بولغاي!!!

ئاخىرىدا مەن سىلەرنىڭ بۈگۈنكى بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتىڭلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى، لوس ئاڭىلىس شەھىرىدىن ئەركىن سىدىق

2012-2-11


ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۇنجى لىكسىيەسىنى ئىستانبۇل تېخنىىك ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا كەسپى بويىچە ماگېستىر ئوقۇغۇچىسى ئابدۇغېنى نىياز «21-ئەسىردىكى چىراقلار ۋە پارلىغۇچى قوش قۇتۇپلۇق لامپا» دېگەن تېمىدا سۇندى.

     ئابدۇغېنى كۈنىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتقان، ئەمما نەزىرىمىزدىن ئاسانلا ساقىت بولۇپ قالىدىغان لامپىلارنىڭ تارىخى، تۈرى ۋە پرىنسىپى، تەرەققىياتى، كەلگۈسىدىكى ئورنى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئىنچىكە توختىلىپ، يىغىن ئشتىراكچىلىرىغا لامپىلار بولۇپمۇ قوش قۇتۇپلۇق لامپا توغرىسدا تەپسىلى چۈشەنچە بەردى.پارلىغۇچى قوش قۇتۇپلۇق لامپا 1962-يىلى كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، قىسقىغىنا 50 يىل ئىچىدە ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى، يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە قوللىنىشچان ھالغا كەلگەنلىكىنى، پارلىغۇچى قوش قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ باشقا چىراقلارغا قارىغاندا نۇر چىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى، ئۆمرى ئۇزۇن، مۇھىتقا زىيىنى يوق، ئىخچام ۋە ھەر خىل رەڭدە نۇر چىقىرىش ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە تىز سۇرەتتە بازارنى ئىگەللىشى مولچەرلەنمەكتە ئىكەنلىكىنى ۋە LED لەر 2020- يىلىغا بارغاندا 80% چىراق بازىرىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاڭلىغۇچىلارمۇ تۇرمۇشىمىزدىكى مۇھىملىقىنى تېلىفون، كومپىيوتېر قاتارلىق ئېلىكتىر مەھسۇلاتلاردا كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بۇ لامپىلار ھەققىدە خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدى.


ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە يېقىندىن يۆلەك بولۇپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزغا كېلەلمىگەچكە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. تەبرىكنامىنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى:

     ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى ئەزالىرى، بۇ قېتىمقى ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلار، ئۇكىلار ۋە سىڭىللار، ئالدى بىلەن سىلەرنى چىن كۆڭلۇمدىن تەبىرىكلەش بىلەن بىرگە، يىغىننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتەن ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئاراغا تونۇلىشى بىلەن، ئۇيغۇرلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت ۋە رىقابەتكە يۈزلەنمەكتە. بىر تەرەپتىن ۋەتەن ئىچىدە پەن مەدەنىيىتىمىز ۋە تىلىمىز كەسكىن بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىز خەلقئارادا ياخشى بىر پۇرسەتكە يۇزلەنمەكتە. بىزگە كەلگەن بۇ ياخشى پۇرسەتنىڭ قانچە ئۇزۇن داۋاملىشىشى ۋە پەن مەدەنىيىتىمىزنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان بۇ تەھدىتتىن ئىسەن-ئامان ساقلىنىپ قىلىشى، بۇ يەردە ئولتۇرىۋاتقان ۋەتەننىڭ ۋە مىللەتنىڭ كىلەچىگى بولغان ھەرقايسىڭلارغا باغلىق. ئەگەر بۇ يەردە ئولتۇرىۋاتقان ھەرقايسىمىز، كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ، مەيلى نەدە ياشايلى، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمىئىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىمىزنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە نامايەن قىلساق، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمىئىيەتكە بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشساق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىللىق، تىرىشچان ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلغان بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزگە تېخىمۇ داغدام ۋە كەڭ يول ئاچىمىز، بىزنى قوللايدىغانلار ۋە بىزگە ھىسىداشلىق قىلىدىغانلارمۇ كۆپ بولىدۇ. تەسىر دائىرىمىز كېڭىيىدۇ، كېيىنكىلەرگە تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتلەر ھازىرلىنىدۇ. ئەگەر بىز ۋەتەن ئىچىدە پۇرسەت يوق دەپ قاقشاپ، ۋەتەن سىرتىغا چىققاندىن كېيىنمۇ قولغا كەلگەن ياخشى پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنالمىساق، ئۇ چاغدا بىزگە كەلگەن پۇرسەتلەر كۆپىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىزنى قوللايدىغانلار ۋە بىزگە ھىسىداشلىق قىلىدىغانلارمۇ بارا – بارا تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن. نەتىجىدە ئارىمىزدىن چىققان ئىقتىدارلىق ئادەملىرىمىزنىڭ كەم بولۇشى، جەمىئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمەسلىكىمىز ئۇپەيلىدىن كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان پەن مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن.

دۇنياغا مەشھۇر بولغان بىل گېيتىس، ياش ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرغان 10 نەسىھەتىنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دىگەن ئىكەن: ” ھاياتلىق مەۋسۇمغا بۆلۈنمەيدۇ، ھەم يازلىق تەتىل، قىشلىق تەتىل دىگەنلەرمۇ بولمايدۇ، سىلەرگە ياردەم قىلىدىغان كىشىلەرمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ھەممە ئىشتا ئۆزۈڭلارغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ. ئارام ئېلىشنى ۋە تەتىل قىلىشنى ئويلاۋەرمەڭلار، بولمىسا سىلەر باشقىلارنىڭ كەينىدە قالىسىلەر. كەينىدە قىلىش دىمەكلىك جەمىئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە ئىشسىزلىنىپ قېلىش دىمەكلىكتۇر.”

ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ئىمىر ھۇسەيىن سەبۇرى مۇنداق دىگەن ئىكەن: “ئۇلۇغۋار مەقسەد يولىدا يۈرۈش قىلغۇچىلار، ھەر خىل ھاۋايى ھەۋەسلەرنى كۆڭلىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋىتىشى، بىر دىللىق، بىر ئىرادىلىك بولىشى لازىم.”

ئاللاھ گەرچە ھەممىمىزنى باراۋەر ياراتقان بولسىمۇ، بىراق بىز ياشاۋاتقان بۇ جەمىئىيەت باراۋەرسىزلىك بىلەن تولۇپ تاشقان جەمىئىيەت. ھەر بىرىمىزنىڭ ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان شۇ باراۋەر ھەق – ھوقۇقىمىزغا تولۇق ئىگە بولۇش ياكى بولالماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ بەرگەن ئەقىل پاراسىتىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ياكى قىلدۇرالماسلقىمىزغا باغلىق.

قېرىنداشلار، ئۇكىلار، سىڭىللار، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەرقايسىڭلارغا ئوخشاش ياشلارغا باغلىق. ئىگە بولغان پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئۆز ئەقىل پاراسىتىڭلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ۋە مىللەتنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلاشقا، ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان ھەق-ھوقۇقىڭلاردىن تولۇق بەھرىمان بولۇشقا تىرىشىڭلار.

ئاخىرىدا، سىلەرگە ئۇتۇق ۋە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

ھۆرمەت بىلەن:

ئامېرىكا نىيويورك كولۇمبىيا ئۇنىۋېرسىتىتى تىبببى پەنلەر تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن


بۇنىڭ كەينىدىن مارمارا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە بوغالتىرلېق كەسپى ماگېستىر ئوقوغۇچىسى قۇربانجان غېنى «دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسى» توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

     دۈنيا ئىقتىسادىي كرىزىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن دۈنيا ئىقتىساد كرىزىسىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى سەۋەبىنى ئۆي-مۈلۈك مىسالى بىلەن چۈشەندۈردى ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ئەڭ ئاساسىي سەۋەبىنىڭ ئايلانما مەبلەغ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىزگە جانلىق بىر شەكىلدە چۈشەندۈردى.

كىيىنكى قىسمىدا 1929-يىلىدىكى دۇنيا چوڭ ئىقتىسادىي كرىزىسى ۋە ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى بىزگە ئەسلىتىپ، بۇ كرىزىسلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ئۇنىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرى ۋە كرىزىستىن كىيىن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلەرنى بىزگە چۈشەندۈردى

ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئادەتتىكى پۇقرالار دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسىغا قانداق تەدبىرلەر قوللانالايمىز ۋە قولىمىزدىن نېمە كېلىدۇ، قانداق قىلغاندا بىز كرىزىسكە يولۇققاندا ئۆزىمىزنى كرىزىستىن ئەڭ ئۇزاق تۇتالايمىز دېگەن مەسىلىلەرنى سۆزلەپ لىكسيەسىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ تېما دۇنيادىكى قىزىق تېمىلاردىن بىرسى بولغاچقا لېكسيەدىن كېيىن يىغىن ئەھلى بەس-بەس بىلەن سۇئال سوراشقا باشلىدى.


كەينىدىن ساكاريا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ بازار ئىگىلىكى پەنلىرى بويىچە ماگېستىرى بۇئايشەم غوپۇر«تېلىۋوزور ئېلانلىرىنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ماركا پەرقلەندۈرۈشىگە بولغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق بەردى.

     بۇئايشەم ماركا ۋە ئۇنىڭغا ئائىت كەسپىي كەلىمەلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ، ماركا، ئېلان ۋە تېلېۋوزور ئېلانى، ئىستىمالچىلارغا ماركا تونۇتۇش ئۈچۈن كارخانىلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇللىرى، ماركا پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى، ئىستىمالچىلارغا مەھسۇلات سۇنغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قاتارلىق تېمىلاردا ئەتراپلىق توختالدى.


سائەت بىر يېرىم بولغان ئىدى، مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى قىسمىمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ۋە مېھمانلار تاماق زالىغا يىغىلىپ چۈشلۈك تامىقىنى يەۋالدى ۋە نامازلىرىنى ئوقۇۋالدى.

45 مىنۇتلۇق دەم ئېلىشتىن كېيىن مۇھاكىمە يىغىنى داۋام قىلدى. ئالدى بىلەن رىياسەتچى ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا پەنلىرى ئوقوغۇچىسى، توردا Jack ئىسمى بىلەن تونۇلغان تۇرسۇنجان ئابلېكىمنىڭ تەبرىكنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى:

     ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2- قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇستازلار، قېرىنداشلار:

بۈگۈن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان، ئۆزى ۋە مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان، يول ئىزدەۋاتقان تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلار ئۈچۈن يەنە بىر خوشاللىق كۈن. بۈگۈن بىز يەنە ئۆز ئىچىمىزدىكى تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش داۋامىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى، ئاققۇزغان تەرلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىمىز. يىغىنغا قاتنىشالىغانلار نەق مەيداندىن، قاتنىشالمىغانلار تور ئارقىلىق خەۋەر تاپىمىز. بىر بىرىمىزگە بولغان چۇشىنىش چوڭقۇرلايدۇ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئورتاقلىشىش بىزنى ئىتىپاقلىققا، بىردەكلىككە ئېلىپ بارىدۇ. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار مەيلى قايسى دۆلەتتە بولمايلى نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردە ئورتاقلىقىمىز بار. بىز ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۈچ كىلىمىز، ئوخشاش مەسىلىنى ئويلايمىز، ئوخشاش بىر جاي ئۈچۈن تەلپۇنىمىز، ئوخشاش ئىشلار ئۈچۈن خوشال بۇلىمىز يەنە ئوخشاش ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرىمىز. ئەنە شۇ ئوخشاشلىق ھەممەيلەننى بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت ئۈچۈن بىر يەرگە ئېلىپ كەلدى.

ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ بىر يەرگە كىلىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ناھايتى ياخشى سورۇن ھازىرلىدى. تۈركىيەدىكى قېرىنداشلار ئاۋانگارتلىق رول ئويناپ ياشلارنى يىتەكلىدى. باشقا دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار ۋە باشقىلار بۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز ۋە ھەر خىل ئوسۇللار بىلەن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۋاتىمىز. ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ ئوخشىمىغان كەسىپ، دۈلەت ۋە ئوخشىمىغان سىياسى، ئىجتىمائى، دىنى كۆزقاراشتىكى زىيالىلارنىڭ بىر يەرگە كىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەش رولىنى ئوينىشنى، قوللاپ كىلىۋاتقان زىيالىلارنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق قوللىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان دوكلات بەرگۈچىلەر ۋە مىھمانلارنىڭ بۇ پائالىيەتتىن تولۇق نەپ ئالالايدىغىنىغا ئىشىنىمەن. ئامرىكا ۋە باشقا دۈلەتلەردىكى مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا «يوللار يىراق، ئاتلار ئورۇق» بولۇپ قېلىپ پائالىيەتكە نەخ مەيدانغا قاتنىشىش پۈرسىتى بولالماي قالدى. لېكىن سىلەرگە بولغان قوللاش ۋە ھۆرمەت ھەرۋاقىت يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدە بار.

ھۆرمەت بىلەن:

– ئامېرىكا ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتېتى دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى: تۇرسۇنجان ئابلېكىم


چۈشتىن كېيىنكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۇنجى لېكسىيىسىنى دوختۇر ئەخمەتجان پولات ئەپەندى «شېكەر (دىئابىت) كېسىلى توغرىسىدا» دېگەن لېكسىيىسى بىلەن باشلىدى.

     ئەخمەتجان ئەپەندى ئالدى بىلەن شىكەر كىسەللىگىىنىڭ قاندىكى شىكەر (گلىكوز) مىقدارىنىڭ نورمالدىن يۇقىرى بولىشى بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكەن، ئاستا خاراكتىرلىك ۋە ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەممە ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كىسەللىك ئىكەنلىگىنى، ئاچلىق قان شىكىرى (8 سائەت ئاچلىق) >=126 mg/dl ۋە توقلۇق قان شىكىرى (تاماقتىن 2 سائەت كەيىنكى) >=200 mg/dl بولغاندا شېكەر كىسەللىگى (دىيابىت) دەپ دىئاگنوز قويۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. دىيابىت كىسەللىگىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ ئاساسلىق كىچىك تەرەتكە كۆپ چىقىش، كۆپ ئۇسساش، كۆپ يىمەك يىيىش ئەمما سەمىرىمەسلىك، ئاغزى قۇرۇش، ھالسىزلىق ۋە تىز ھېرىپ قېلىش، كىچىدە كۆپ كىچىك تەرەت قىلىش قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ، ئەگەشكۇچى كىسەللىكلەر يۈرەك-قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى، بۆرەك كېسەللىكلىرى ۋە كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاخىرىدا دىيابىت كىسەل بىمارلىرىنىڭ كۈندىلىك يىمەك-ئىچمەكتە پەرھىز تۇتۇشى، ياغدا قىزارتىلغان يىمەكلىكلەردىن كۆپرەك ھوردا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يىيىشى، ھەركۈنى پىلانلىق چىنىقىشى، دورىنى ۋاقتىدا ئىچىشى، دوختۇرغا بېرىپ قان شىكىرى ۋە كۆزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ۋە پۇت تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى سۆزلەپ لىكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇردى. ساغلاملىق ھەر زامان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن تېمىسى بولغاچقا، بۇ لېكسىيىدىن كېيىنمۇ يىغىن ئەھلى بەس-بەستە سۇئال سوراپ كەيپىياتنى خېلى يۇقىرى كۆتۈردى.


بۇنىڭ كەينىدىن مارمارا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە بوغالتىرلىق كەسپى ماگېستىر ئوقوغۇچىسى ئەخمەتجان مۇھەممەت ئىمىن «بانكىلارنىڭ خەلقئارا سودىدىكى رولى» دىگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

     ئەخمەتجان ئالدى بىلەن بانكىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، تۈركىيەدىكى ۋە جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان بانكىلارنى، بۇ بانكىلارنىڭ قۇرۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋە بۇ بانكىلارنىڭ رولىنى چۈشەندۈردى. بانكىلارنىڭ رولىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈنىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ بانكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاددى بىر شەكىلدە يىغىن ئاڭلىغۇچىلىرىغا چۈشەندۈردى. ئارقىدىن بانكنىڭ ھازىرقى زامان خەلقئارا تىجارەتتىكى رولى، خەلقئارا سودىدىكى پۇل تۆلەش (مال ھەققى) ئۇسۇلى ۋە تۈرلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ لېكسىيەسينى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ لېكسىيەدىن كېيىنمۇ ساۋاقداشلار ئاكتىپ سۇئال سوراپ چۈشەنمىگەن يەرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالدى.


ياپونىيەدىكى كومپىيوتىر مۇتەخەسىسى غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىمۇ تەبرىكنامە يوللىغان بولۇپ، تۆۋەندە تەپسىلى مەزمۇنى:

     ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ «2-قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا، بۇ قۇتلۇق يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا، يىغىنغا قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلىپ كەلگەن دوكتور ۋە ماگىستىرلارغا تەشەككۈرۈمنى ئېيتىمەن. ھەممەيلەننىڭ ئەجرى ئۇنتۇلمىغاي.

«يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېمى چىقماس» دېگەندەك، يالغۇز تەتقىقاتمۇ نەتىجىلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولمايدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىلىرى نامايان قىلىدىغان سورۇن كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىزگە كۈچلۈك بولغان بىر جامائەت كېرەك. كۈچلۈك جامائەت – ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرى ۋە جامائەت ئۈچۈن كۈچىنى ئايىمايدىغانلار كوپ بولغاندا ئاندىن كۈچلۈك بولالايدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىزنىڭ جامائىتىمىزدۇر.

بۇ يىغىنغا قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ماگىستىر ۋە دوكتورلار جامائىتىمىزنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىسىلەر. سىلەر ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ ۋە كىچىكلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. سىلەرگە كوپ تەشەككۈر. تەتقىقاتىڭلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى ۋە نەتىجىلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋام قىلىشى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىشى ۋە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن: غەيرەت كەنجى

2012-يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ياپونىيە


مۇھاكىمە يىغىنى قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلىۋاتاتتى، ئەمدى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپى بويىچە ماگېستىرى مەڭگۈنۇر ئىپەك «پىسخولوگىيە ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

     مەڭگۈنۇر لېكسىيىسىنى مېڭىنىڭ تۈزۈلۈشى، مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانى ۋە فۇنكىسىيىسى، ھامىلە مەزگىلدىكى ئاياللارنىڭ پىسخولوگىيىسى، مەجرۇھ بالىلار پىسخولوگىيىسى، يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ پىسخولوگىيىسى، ئۆزىنى كەمسىتىس پىسخولوگىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زوراۋانلىق پىسخولوگىيىسى قاتارلىق قىسىملارغا ئايرىپ، ئاڭلىغۇچىلارغا پىسخولوگىيە ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە بەردى.


كەينىدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتى تۈرك تىلى ئەدەبىياتى ماگېستېر ئوقوغۇچىسى ھېيىت قارى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىك» دېگەن تېمىدا ئۆز لىكسىيەسىنى ئاڭلىغۇچىلارغا سۇندى.

     ھېيىت قارى ئالدى بىلەن قۇتادغۇبىلىكنىڭ تۈرك تىلى ئەدەبىياتىدىكى ئورنىدىن باشلاپ، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئاندىن قۇتادغۇبىلىكتىكى شېئىرلاردىن مىسال ئېلىپ، قۇتادغۇبىلىكنىڭ قۇرۇلمىسى، مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ باشقا ئىجادى ھاياتى ۋە تۇرمۇشى قاتارلىق تېمىلاردا چۈشەنچە بەردى.


گېرمانىيە ئولىم ئۇنىۋېرسىتېتى نانو تېخنىكىسى دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى قۇربانجان باراتمۇ ئۆزىنىڭ تەبرىكنامىسىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، تۆۋەندە تەپسىلى مەزمۇنى:

     ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم، ئىلمىي يىغىن خەۋىرىنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خوش بولدۇم. شۇنداق بىر پۇرسەتلەردە ئۆز قېرىنداشلىرىم بىلەن ھال-مۇڭ ئېيتىشىپ، ئۆز-ئارا ئىلھام ئېلىپ، ئەقلىمگە ئەقىل قوشۇۋالسام تولىمۇ مەنىلىك بولغان بولاتتى. ئەپسۇس، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىش مۇمكىن بولماي قالدى. شۇنداقتىمۇ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئەڭ گۈزل تىلەكلىرىمنى تىلەيمەن. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ خۇددىي ئالدىنقى قېتىمقىلاردىكىدەك مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىچىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

تارىخىمىزنى ۋاراقلىساق، ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى تەۋپىق، ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخىدا چاقنىغان يۇلتۇزلىرىمىز ئۆز دەۋرىلىرىدە چەتئەللەرنى كۆرۈپ، ئەقلىنى يۈكسەلدۈرۈپ، بىزگە نىمە لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەچكە، جىنى ھەم مىلىنى تىكىپ ۋەتەنگە قايتىپ ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىلىرنى قوشۇشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ مېھنىتى ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۈچىنى يوقاتقىنى يوق. بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۈچىنى يوقاتقىنى يوق. شۇڭلاشقىمۇ، بىزگە ئوخشاش ۋەتەندىن ئايرىلىپ، مۇساپىرچىلىقتا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، تەبىئىيكى ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ! ئاللاھ خالىسا، بىزمۇ ئەشۇ بوۋىلىرىمىزدەك ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىمىز، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاتىق ئاكتىپ كەيپىياتتا بولۇپ، تىرىشچان بولۇشىمىزىغا، جاسارەتلىك بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شىكايەت، باھانە، ھورۇنلۇقلار بىزگە ھەرۋاقىت يات بولسۇن! «قىزىل گۈل سۇنغان قولدىن قىزىل گۈلنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ» دەيدىكەن، ئۆز خەلقىمىزگە مۇشۇنىڭدەك «قىزىل گۈللەر» سۇنىدىغان پۇرسىتىڭلار بولغىنىغا ھەۋىسىم كېلىدۇ. خەيىرلىك ئىشىڭلارغا خەيىرلىك نەتىجىلەر تىلەيمەن. باسقان ئىزىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگۈسى!

كامالى ئېھتىراملار بىلەن: قۇربانجاندىن


ئەڭ ئاخىرىدا ئابدۇلھەمىد ئاتائوغلى ئەپەندى «ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇر دۇنياسى» دىگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

     ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ئالدى بىلەن ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرنىڭ ھازىرقى زاماندا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر قىسقا فىلىم بىلەن ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى يىغدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇرنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى، قايسى ساھەلەردە قوللىنىلىدىغانلىقى، قايسى دۆلەتلەردە ئەڭ تەرەققي قىلغان ئاساستا قانداق قوللىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئارقىدىن ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە قاتتىق دېتال ۋە ئىلغار ئېلىكتىرۇنلۇق ئۈسكۈنىلەرنى مىسال ئېلىپ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئەسلىھەلىرى ۋە تېخنىكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇچۇر بېخەرتەرلىگى ۋە ئۇچۇرنىڭ قوغدىلىشى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ لېكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇردى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشتى. ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يېپىلىش نۇتىقىدا بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى قسقىچە خۇلاسىلەپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

** تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كۆز يۈگۈرتۇڭ! **

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top