«مۇز تۇتقان دەريا» ناملىق روماندىن ئارىيە (2)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
كوچىدا يەنىلا تېمتاسلىق پادىشاھ ئىدى ، بىراق قىرىشقاندەك بىر لەھزە ئۆتە – ئۆتمەيلا تېمتاسلىق پادىشاھىنىڭ تەختى – راۋېغىغا دەز كەتتى . يەنى پاكار ئۆگزىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان بىر چا غوراز ئىككى قانىتىنى دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتىدەك ئېچىپ تۇرۇپ ، قاقاقلاپ ئاۋاز چىرىشقا باشلىغانىدى . غورازنىڭ ئاۋازى يۇكسەلگەنسېرى ، پوكانلىرى كۆپۈپ ، پەيلىرى بەدىنىدىن توزۇپ كېتىدىغاندەك بىر- بىرىدن ئايرىلىپ كېتىۋاتاتتى . بۇ ھال كوچىدا بىرەسېنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئېتىنىڭ پۇشۇلدىشىدىنمۇ خۇدۇكسىرەپ تۇرىۋاتقان بوۋاينىڭ غەزىپىنى تازا قوزغىدى بولغاي ، شالاڭ چىشلىرى ئاچچىقىدىن قىمىرلاپ كەتتى ، ھەتتا تامدىن يامىشىپ چىقىپ ، ئىككى قانىتىنى سۆرەپ ئۆگزىنى سۈپۈرىۋاتقان ئاۋۇ قاغىش تەككەن غورازنىڭ چىرايلىق پەيلەر بىلەن بىزەلگەن بوينىنى كاپلا قىلىپ تۇتۇپ ئۈزۈۋەتكۇسى كەپ كەتكەنىدى . لېكىن ، غورازنىڭ قانات سۆرەپ قاقىلداشلىرى ئۇزاققا بارماي پەسەيدى ، ئەمدى بوۋاينىڭ بىھۇدە ئەنسىرەشلىرى ، ئاچچىقلاشلىرىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانىدى ، يەنە شۇنداقتىمۇ بوۋاي ھارۋىسىغا ئىرغىپ چىقىپلا ، ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى سىلكىپ ئىشتىك مېڭىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى . بوۋاي كوچىدا بىرەسىنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى ، ئەگەر بىرەسىنىڭ ئۇلارنى كۆرۈپ ، سالاملاشقاندىن كېيىن نەرگە ماڭغانلىقىنى سورىسا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى تېخى ئويلاشمىغانىدى. ئەگەر راستىنلا بېرەسى ئۇچراپ ئەنە شۇ سوئالنى سوراپ قالسا بوۋاي ئادىتى بويىچە « ياۋا توشقان ئوۋلىغىنى » دەپ جاۋاب بېرىشى مۇتلەق ئىدى . ئەسلىدە، بوۋاي ياۋا توشقان ئوۋلاشنى ئەمەس ، بەلكى تۈلكە ئوۋلاشنىڭ ماھىرى ئىدى .لېكىن ھازىر ئوۋلايدىغان تۈلكە نەدە تۇرۇپتۇ دەيسىز، ھەرقانداق ھېلىگەر تۈلكىمۇ مۇشۇ ئاي ، مۇشۇ كۈنلەردە ئوۋلىنىشتىن قورقۇپ ، قۇيرۇقىنى ئاستىغا باستۇرۇپ ، ئۇۋىسىدىن تالاغا چىقالماس بولۇپ كەتكەن تۇرسا . بۇرۇنلاردا جىلغا – ئېدىرلاردا تۈلكە كۆپ ئىدى ، ئۇلار ئەركىن ئوۋلاپ يۈرەتتى ، ئەنە شۇ ئەركىن چاغلاردا بوۋايمۇ تۈلكىدىن قىلىشمايدىغان ئۇستا ئوۋچى ئىدى . شۇ سەۋەبتىن بوۋاينىڭ لەقىمىمۇ « تۈلكە » ئىدى . كىشىلەر دائىم ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا « تۈلكە » دېگەن لەقىمىنى قوشۇپ ئاتايتتى . بوۋاي بۇ لەقەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيتتى ، چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تۈلكىدەك ھىلىگەر ، كاززاپ بىرسىدەك تونۇپ قىلىشىنى خالىمايتتى ۋە بۇ لەقەم بەزىدە غۇرۇرىغا تىگەتتى . لېكىن ، نېمە چارە « لەقەمنى غىزىر قويۇدۇ » دەپ مەزكۇر لەقەم بوۋايغا دېۋىرقايدەك مەككەم چاپلىشىۋالغانىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بوۋايمۇ « ئەلەكمۇللىللا » دەپ لەقەمگە كۆنۈپ قالغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋايدا تۈلكىنىڭ ئۇنداق « سەلبىي » خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق بولۇپ ، ئەكسىنچە ئەنە شۇنداق تۈلكىدەك خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىگە مىزان قىلغان كىشىلەرنىڭ ئوۋچىسى بولۇشقا مۇناسىپ كىشىلەردىن ئىدى ؛ ئۇ پەيتتى كەلگەندە تۈلكە خۇسۇسىيەتلىك شەخسلەرنىڭ ئەدىپىنى تازا ئوبدان بېرىپ كېلىۋاتقان بۆرە خۇسۇسىيەتلىك كىشىلەردىن ھېسابلىناتتى . ھېلىمۇ ياخشى ھازىر بوۋاينىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ، دەرۋازىنى تاقاپ ، مەھەللىدىن يىراقلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا كوچىدا بىرەسى ئۇچرىمىدى . مانا بۇ ئاجايىپ ئەھۋال بولسا سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنىڭ بېشارىتى ئىدى . بوۋاينىڭ كەيپى چاغ ئىدى ، ئۇ بېشىغا چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان تۈلكە تېرىسىدىن تىكىلگەن قۇلاقچىسىنى تۇزەشتۇرۇپ قويۇپ ، ئۇچۇسىدىكى مېتىس قوينىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن ئەستەرلىك ، توقۇلما ياقىلىق كالتە جۇۋىسېنىڭ ياقىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، بويۇنلىرىنى ئوبدان ئېتىپ ، ھارۋىسىنى تۇز يولغا سېلىپ كېتىۋاتاتتى . ماڭلىيىدا ئاپئاق بۇلۇتتەك قاشقىسى بار، بوينى ئۇزۇن تورۇق ئېتى ئويناقلاپ ھارۋىنى ئىشتىك سۆرەپ ، بۆرە يورغۇسىدا مېڭىۋاتاتتى ، ئۇمۇ گويا مۇشۇ يېزىدىن چاققانراق يېراقلىشىشنى ئويلىغاندەك قىلىپ ، بوۋاينىڭ تىزگىنى تارتىپ تۇرۇشلىرىغا بوي بەرمەي ، بويۇنلىرى تولغاپ ، شاشلىشىپ كەتكەنىدى ; نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئېغىلدىن سىرتقا چىقماي ، ئىچى تىتىلداپ تۇرغان چاغدا ، مەزكۇر سەپەر ئۇنىڭغا كەيپىياتىنى تەڭشەيدىغانغا تازا ئوبدان پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەستەك قىلاتتى . بوۋاي بولسا نەۋرە ۋە ئەۋرىسىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن يورغۇلاپ كېتىۋاتقان ئېتىدىن ۋە ئۇدۇلىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان تاغدىن ئالغان جاسارىتىنى نەۋرىسى بىلەن ئەۋرىسىنىڭ ئۈستىگە چېچىشقا ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېرىپ توختىماي ياخشى گەپلەرنى قىلىپ ، سۆزلەشكە تۇتۇش قىلماقچى بولىۋاتاتتى . بوۋاينىڭ شوتىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرغان قارا پىمە كىيۋالغان ئىككى پۇتى بولسا ، ئاتنىڭ يورغۇلىشىغا تەڭكەش بولۇپ پىلاڭلاۋاتاتتى . بۇ چاغدا قۇياش دىلمۇك تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە چىرايلىق كۈلۈپ تۇراتتى . ئاسماندىكى قارا بۇلۇت سۈزۈلۈپ ، پارچە – پارچە قاردەك ئاق بۇلۇتلارغا ئايلىنىپ ، شەرقتىن غەربكە قاراپ ئۈزۈپ كېتىۋاتاتتى ، كۆكتىكى ئۇشبۇ ئاق بۇلۇتلارنىڭ يولى بىلەن ئانا ۋە بالىنىڭ يولى بىر ئىدى .
ھازىر قۇياشمۇ ئادەتتىكى كۈنلەرنىڭ مۇشۇ ۋاقتىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە پاقىراق ئىدى ؛ تاغنىڭ يان باغرىدىكى بىر- بىرى بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسكەن قارىغاي – ئارچىلار، تال – چىتىنلار، تىۋىلغا – ئىرغايلار بولسا ئۈستبېشىغا قونغان بوز قارلار بىلەن قوشۇلۇپ بەرق ئۇرۇپ چاقناپ ، كۆزنى قاماشتۇراتتى. شۇڭقار چوققىسى كۈمۈشتەك يالتىراپ گويا ياش خانىمغا تەلپۇنۇپ تۇرغان بوۋاقنىڭ سەبى كۈلكۈسىدەك يېقىملىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى . تاغنىڭ ئۈستىدىكى قۇياش بولسا گويا يۈزىنى رىزىنكە چاقلىق ئات ھارۋىسىنىڭ ئارقىسىدىن بارغانسېرى ئۇزاقلىشىۋاتقان يېزىغا قېلىپ ، نۇرلۇق قانىتىنى يېزىنىڭ ئۈستىگە يېيىپ جايىدا مىدىرلىماي تۇرغان پەرىشتىدەك باقماقتا ئىدى . ھالبۇكى ، يېزىنىڭ ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان قۇياش نۇرلىرى ھەم سوغۇق ، ھەم جانسىز بولۇپ ، قار – مۇزنىڭ ئىچىدە قالغان يېزىنى ئىسسىتىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى . دەرۋەقە ، مۇشۇ دەمدە قۇياش ئەڭ يۇكسەك نۇقتىغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ ئىسسىتىش قۇۋۋىتى يەنىلا ئاجىز ئىدى . يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى قارلىق دالانىڭ بەزىبىر يەرلىرىدىكى قارلارنى شامال ئاللاقاياقلارغا ئۇچۇرتۇپ ئەكەتكەنلىكى ئۈچۈن ، ئاستىدىكى مۇز تۇتقان قارا تۇپراق ئېچىلىپ قالغاننىدى ، ئاغىل – تاغىل كۆرۈنۈپ تۇرغان يەرلەر بولسا كىشىنىڭ كۆزىگە دۇنيا خەرىتىسىنى ئەسلىتەتتى . بوۋاي ئاتنىڭ تىزگىنىنى مەيلىگە قويۇۋەتتى ، ئات ھارۋىنى سۆرەپ قار ۋە مۇز قاپلىغان دالىدا ئۆز يولىنى تېپىپ كېتۋاتاتتى . ئات بۇ يوللاردا كۆپ ماڭغان ، بوۋاي ئەنە شۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان تاغ باغرىدىكى كۆمۈر كانلىرىغا مۇشۇ ھارۋىسىغا مۇشۇ ئاتنى قېتىپ كۆپ قېتىم قاترىغان ، بۇ يوللار ئاتقا يات ئەمەس . تاغ يولىدا بەخىرامان كېتىۋاتقان ئات ھارۋىسى بولسا ، يولنىڭ ئو ڭغۇل – دوڭغۇل چوقۇرلىرىغا چۈشىۋاتقان چاقىدىن چىققان ئاۋازى بىلەن ساقىلىق قازىنىدىكى شارىكلارنىڭ غىچىرلاشلىرىغا ئات تۇيىقىغا مىقلانغان تۆمۈر تاقىنىڭ توڭ يەرگە تەككەندە كۆتۈرۈلگەن سادالىرىنى تەڭكەش قىلىپ گويا ئاجايىپ بىر كېلاسسىك مۇزىكىنى ئورۇلاپ كېتىۋاتقان ئورچېستىرغا ئوخشاپ قالغانىدى . يولدا ئۇشبۇ ئورچېستىر ئورۇنلاۋاتقان تەبىئىي مىلودىيەدىن ۋە يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى قارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالغان قۇرۇق گىياھلارنىڭ شىرىلداشلىرىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان تەبىئەت مۇزىكىسىدىن باشقا بىر ئاۋاز يوق ئىدى . يول ياقىسىدىكى قۇرۇق گىياھلار ئارىسىدىكى ئۇچى سۇنغان تىۋىلغىلارنىڭ باشلىرى يەرگە ساڭگىلاپ قالغان بولۇپ ، گويا بېشى كېسىلگەن باھادىرلاردەك كۆزگە چىلىقىپ تۇراتتى . تىۋىلغىلارنىڭ سۇنۇپ غولىدىن ئايرىلغان بەزى ئىنچىكە شۇڭلىرى شامالنىڭ كۈچى بىلەن تەنھا ھالدا غەربكە قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. گويا ئەنە شۇ ئۇچۇپ ، دومىلاپ ، سۆرۈلۈپ كېتىۋاتقان تىۋىلغا شۇڭلىرىدا ھامان بىر كۈنى ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىدىغاندەك بىر تەنھالىق ۋە ھەسرەت بار ئىدى . ئەنە شۇ سۇنۇق تىۋىلغا شۇڭلىرى ئۇچۇپ كېتىۋاتقان يېراق جايلاردا قانداقتۇر بىر نېمىلەر مىدىرلا ۋاتقاندەك كۆرىنىۋاتاتتى . بەلكى مۇشۇ دالادىكى مىدىرلاۋاتقان بىردىن – بىر مەزكۇر جانلىق نىڭ ياۋا توشقان بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى . جۇۋىنى يېپىنىم ، دۈمبىسىنى ھارۋىنىڭ ئوڭ يان پېنىگە تىيەپ ئولتۇرغان ئانا ۋە بالا قانداقتۇر بىر خىياللارنىڭ ئىچىگە شۇڭغىغان پېتى جىمجىت ئولتۇراتتى ، جۇۋىدىن چىقىۋاتقان يۇڭنىڭ پۇرىقى بىلەن سوغۇق ھاۋا ئۇلارنىڭ نەپەس يولىغا بۇرنىدىن كېرىپ تۇرىۋاتاتتى . دەسلەپتە ئۇلار يۇڭنىڭ پۇرىقىدىن سەسكەنگەن بولسىمۇ ، مۇزلىغانسېرى ئۇشبۇ پۇراققا كۆنۈپ قالغانىدى ، ھەتتا مەزكۇر پۇراق ئۇلارنى ئىسسىتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىغانىدى ۋە يولنىڭ ئاۋۇيىشىغا ئەگىشىپ ئۇلار ئۇشبۇ پۇراقنى ياخشى كۆرۈپ قالىۋاتقانىدى . جۇۋا يۇڭىنىڭ بەزىلىرى قارا ، بەزىلىرى ئاق رەڭدە بولۇپ ، ھەممىسى ۋاقىتنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزلىگىدىن ئېشىلىپ ئۇچلىنىپ قالغانىدى . ئاق رەڭدىكىلىرى بولسا ، كىرپىشىپ رەڭگى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بولغاچقا بەجايىكى لامپىنىڭ كىرسىن سۈمۈرگەن پىلىكىگىلا ئوشاپ قالغانىدى . مەيلى نېمە بولسا بولسۇن ئەنە شۇ قارا ۋە كىرپىشىپ قالغان ئاق يۇڭلۇق جۇۋا ئۇلارغا مۇشۇ دالىدا ھەممىدىن ئىسسىق يوتقان بولغانىدى . ئۇشبۇ جۇۋا ئاق ۋە قارا قازاق قويىنىڭ تېرىلىرىدىن تىكىلگەن بولۇپ ، پېشىنىڭ ئاق قازاق قويىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن قىسمىنىڭ بىر پارچىسى پىچاق بىلەن كىسىپ تاشلىۋېتىلگەندەك پۇچۇق ئىدى . ياش خانىم جۇۋىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ كۆڭلى سەل يېرىم بولغاندەك بولدى ، بىراق ھازىرقى مەسىلە بۇ ئەمەس ئىدى . ئۇلارنىڭ ئەس – يادى يول ئاۋۇپ ، مەنزىلگە تېز ۋە بىخەتەر يېتىۋېلىشتا ئىدى . شۇ ۋەجىدىن ياش خانىم دەسلەپتە جۇۋىنىڭ ئۇ يېرىنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسىلىپ تاشلىۋېتىلگەنلىكىگە ئىرەڭشىپ كەتمىدى . بىراق يول ئۇزارغانسېرى بۇ يەرگە كۆزى تىكىلىپلا قالغانىدى ، قارىغانسېرى جۇۋىنىڭ پۇچۇق پېشى تېخىمۇ سىرلىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى . لېكىن ھارۋىنىڭ مېڭىشى ياش خانىمنىڭ دىققىتىنى بۇزىۋېتىپ باراتتى ، يول تۆۋەنگە قاراپ سوزۇلغان بولغاچقا ، ئاتنىڭ تۇياقلىرى بارغانسېرى ئىشتىكلەپ ، ھارۋا سىلكىنىپ كېتىۋاتاتتى . بوۋاي بولسا ، ئاتنىڭ تىزگىنى تارتىپ – تارتىپ قويۇۋاتاتتى ، ئات گويا ئۆزىنى مۇشۇ ئانا ۋە بالا قاراپ قاچقان ئەركىنلىككە ئىنتىلىۋاتقان ۋە ئاشۇ مەنزىلگە قاراپ چېپىۋاتقان تۇلپاردەك چاغلاپ، ئۆكىرەڭ تاشلاپ شۇنچىلىك ئىشتىك مېڭىشقا تەمشىلىۋاتاتتى . ئۇ بوۋاينىڭ تىزگىننى تارتىپ تۇرغىنىغا بوي بەرمەي ، تېخىمۇ ئىشتىك مېڭىشقا ئۇرىنىۋاتاتتى ، ئاتنىڭ ئۇشبۇ ئەسكى خۇيىنى كۆرگەن بوۋاينىڭ تەرسالىقى ئۆرىلەپ ، قولىدىكى ئۈچ تال ئىنچىكە تاسمىدىن ئېشىلگەن ئۇزۇن تىۋىلغا ساپلىق قاپچىسى بىلەن ئاتنىڭ بوغىسىغا كلەتۈرۈپ بىرنى سالدى ، قامچىنىڭ ئۇچى بوغىدىن ئۆتۈپ ئاتنىڭ بېشىغا تەككەن بولغاچقا ، ئاتنىڭ قۇلۇقىنىڭ قېنى قاچتى بولغاي كىشنەپ ، پۇشقۇرۇپ ، يالىسىنى سىلكىپ سۇنچىلىك تەرسالىشىپ كەتتى ، ھەتتا ئاتنىڭ تەرسالىقى بوۋاينىڭكىدىن ئېشىپ چۈشتى بولغاي يەرنى چاپچىپ ، تۇمشۇقلىرىنى كېرىپ ، يۈگەننىڭ سۇلۇقىنى چاينىغاچقا ئاغزىدىن كۆپۈك قايناپ چىقىپ كەتتى . دەل مۇشۇ چاغدا ئاتنىڭ ھېلال ئايدەك پاقىراق تاقىلىق تۇياقلىرى قارلىق يولغا ھەر ئۇرۇلۇپ كۆتۈرۈلگەندە يەرلەردىن ئويۇلۇپ – ئويۇلۇپ چىققان چېڭدالغان قارلار ئالما چېچەكلىرىدەك توزۇپ ، ھاۋادا لەيلىگەن پېتى ھارۋىنىڭ ئارقىسىدا قېلىۋاتاتتى . بوۋاي بولسا داۋاملىق تىزگىننى تارتىپ ئولتۇراتتى ، ھەتتا شۇنچىلىك چىڭ تارتاتتىكى ئاتنىڭ ئاغزىدىكى يۈگەن ئېغىزىنى ئاغرىتىۋەتكەنلىكتىن ، ئاتنىڭ جانلىرى قىيلىنىپ ، بويۇنلىرى تولغۇنۇپ كېتىۋاتاتتى . يەنە شۇنداقتىمۇ ئات ئاشۇ تاغنىڭ غەربىدىكى ئەركىنلىك ئۈچۈن تۆمۈر يۇگەنگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغاندەك قىلىپ ، بوۋاينىڭ تىزگىنىنى چىڭ تارتىپ تۇرۇشىغا قارىماي تىزگىن سىيرىپ ، ئىرغىپ تۇرۇپ شامالدەك ئىشتىك مېڭىشقا تەمشىلىۋاتاتتى . ھاسىراشتىن كېرىلىپ كەتكەن بۇرۇنلىرىنىڭ تۆشۈكلىرىدىن توختىماي ئاقۇش تۇمان چىقىۋاتاتتى . ھالبۇكى ، ئات يەنىلا ئۆز پەيلىدىن يانماۋاتاتتى . مىجەزى قوداڭشىپ كەتكەن بوۋاي ئېتىنىڭ تىزگىننى غەزەپ بىلەن تارتىپ تۇرۇپ – بۇ لەنىتى ئاتقا بۈگۈن نېمە بولدى ؟ خۇددى ئالدىدا تېزراق يېتىپ بارمىسا بولمايدىغان بايتىلى ساقلاپ تۇرغاندەك شۇنچىلىك ئالدىراپ كېتىۋاتقىنىغا قارمامدىغان ، – دەپ غۇدۇڭشىدى . بوۋاي تىرەككەنسېرى ئاتمۇ بوي بەرمەي تەڭ غەزەپلىنىپ ، بىر چەتتىن تۇمشىقىنى ئۇياق – بۇياققا تولغاپ سىلكىسە ، يەنە بىر چەتتىن غەزەپ بىلەن قۇيرۇقىنى سىلكىپ ، ھارۋىنىڭ شوتىسىغا تاراسلىتىپ ئۇرىۋاتاتتى ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە ھارۋىنىڭ ياغسىراپ كەتكەن ساقىلىق قازانلىرىدىن نالە قىلىۋاتقاندەك چىقىۋاتقان غىچىرلىغان ئاۋازلار بوۋاينىڭ چىشىنى تېخىمۇ قىرىشتۇرۋەتكەنىدى . ئات بىلەن بوۋاي ئەنە شۇنداق تىركىشىپ ، يولمۇ ئوبدانلا ئاۋىغانىدى . ئات ئەنە شۇ تەرىقىدە بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن ھاردى بولغاي ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھالىغا تەن بېرىپ ، تۇياقلىرىنى ئاستىلاتتى ، بوۋايمۇ « ئۇۋ» دېگەندەك قىلىپ ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، نەۋرىسى بىلەن ئەۋرىسىگە قارىدى . بالا ھارۋىدا كېتىۋېتىپ گويا پۈتۈن دۇنيا ئاپئاق قار بىلەن پۈركەنگەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك قىلىپ ، قارا زەيتۇندەك كۆزلىرىنى ئاق قار بىلەن تون كىيگەن دالاغا ۋە سوزۇلۇپ ياتقان دىلمۇك تاغلىرىغا تىكىپ ئولتۇراتتى . ياش خانىم يەنىلا خىيالچان كۆزلىرىنى جۇۋىنىڭ پۇچۇق يېرىدىن ئالماي تۇراتتى . بوۋاي ئەمدى ئاتنىڭ تەن ئالغانلىقىدىن مەمنۇنىدى . ئۇ، ئات بىلەن ھارۋىنىڭ جىدىلىدىن قۇتۇلغانلىقىدىن ھوش بولۇپ ، گېلىنى قىرىپ تۇرۇپ ، بىر يۆتۇلىۋەتكەندىن كېيىن سۆز ئاچتى – قىزىم قاراپ تۇرسام كۆزىڭنى جۇۋىنىڭ پېشىدىن ئالماي ئولتۇرىسەن ، ھەقاچان بۇ جۇۋىنىڭ پېشىنى كىم كېسىپ تاشلىغاندۇ ، شۇنداق قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بولغىيتى ؟ دەپ ئويلاۋاتقانسەن ، مەن ساڭا بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىپ ، سېنى بۇ يۇكتىن قۇتۇلدۇراي ، – دەپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى ھارۋىنىڭ دوغېسىغا ئوراپ قويغاندىن كېيىن ، تاغ تەرەپكە بىر قاراۋېتىپ ، يەنە سۆزىنى داۋام قىلىشقا ئالدىراپ – قىزىم سەن ھەقىقەتەن شۇ تاغنىڭ غەرب تەرىپىگە ئۆتۈش نىيىتىدىن يانمىغان بولساڭ ، ئىككى نەرسىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىڭ كېرەك ، ئۇنىڭ بىرى چېگرا چارلىغۇچى ئەسكەرلەردىن يەنە بىرى بولسا بۆرىلەردىن . بۈگۈن كەچتىغۇ چېگرا قاراۋۇللىرى بەكمۇ چارلاپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ، ئەممازە بۆرىلەر ئۆزلىرىگە ئوزۇق ئىزدەپ توپ – توپ بولۇپ يۈرۈدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىنراق . ئەنە شۇ بۆرىلەرگە ئۇچراپ قىلىشدىن خۇدا ساقلىسۇن . بۇنىي ئويلاشنىڭ ئۆزىمۇ شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق . قىشتا بۆرىلەر ئوۋ تاپالمىغاچقا ئۆزىنىڭ كۈچى يەتكۇدەك نەرسىنى كۆرسىلا ھېچ پەيتنى قولدىن بەرمەي ھۇجۇم قىلىدۇ، – دەل مۇشۇ چاغدا بوۋاينىڭ گېپىنى بۆلگەن ياش خانىم – سەن تاغدا بۆرە بارلىقىغا قانداق جەزم قىلدىڭ ؟ مۇشۇ زاماندا تاغدا بۆرە نېمە قىلسۇن، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ئەسكەرلەر تاغدا ياشايدىغان كىيىك ، تاغ ئۆچكىسى ، تۈلكە ۋە بۆرە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئوۋلاپ ، نەسلىنى قۇرۇتىۋەتكەنمىش ، – بۇ سۆزلەرنى تەخىرسىزلىك بىلەن ئاڭلىغان بوۋاي جىددىي تۇس بىلەن – قىزىم ، بۆرە دېگەن ئەقىللىق ، ھوشيار ھايۋان ، ئۆزىنىڭ جانلىرىنى قانداق ساقلاپ قىلىشنى بىلىدۇ ، ناۋادا ئالدىغا قوراللىق ئەسكەرلەر چىقسا ، كۆزگە چىلىقماي ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ، تىۋىش چىقارماي چېگرانىڭ ئۇياقىغا قېچىپ كېتىدۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە يارىشا تاكتىكلىرى ۋە ئالدىن چارلىغۇچىلىرى بار . ئۇلار شۇنداق بىر خىسلەتكە ئىگە ئىكەنكى ، ئىنسانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەقلىگە ھەيران قالماي تۇرالمايدۇ . مەسىلەن ، ئۇلار شۇنچىلىك ئۆم ياشايدۇ ، كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇچرىغاندا چوقۇم كوللىكتىپ ھۇجۇم قىلىدۇ ؛ ھەمدە ھۇجۇم قىلغاندا شۇنداق ھۇجۇم قىلۇدىكى ، دۈشمىنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسىنى تېپىپ تۇرۇپ شىددەتلىك زەربە بېرىدۇ . ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئاجىز كېلىپ قىلىشىنى بايقىغان ھامان چېكىنىش يولىنى تاللايدۇ، قارغۇلارچە جېنىنى دوغا تىكمەيدۇ . بۆرە ھەر زامان ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياشايدۇ ، ھەرگىز ئۆزىنى شىر چاغلىمايدۇ . شۇڭا ئۇلار دائىم ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتىدۇ ، ئەڭ ئاز بەدەل تۆلەپ ، زور غەلبىگە ئېرىشىشنى بىلىدۇ . ئۇلار يەنە ئىنتايىن ئىنتىزامچان كېلىدۇ ، گەرچە تەنھا ياشاشنى خالىسىمۇ ، كۈچلۈك رەقىپكە دۇچ كەلگەندە تەلۋىلەرچە ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەي ، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ تاقابىل تۇرىدۇ ۋە ھۇجۇم قىلغاندا تەڭ ھۇجۇم قىلىپ ، تەڭ چىكىنىدۇ ، سەپداشلىرىدىن بىرەسىنى جەڭ مەيدانىغا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ چېكىنمەيدۇ . بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇلار بىر- بىرىگە ئىنتايىن ساداقەتمەن . بولۇپمۇ بۆرە ئۆز جۈپتىنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ. ئەركەك ۋە چىش بۆرە ئۆز كۇچىكىنى تەڭ بېقىپ چوڭ قىلىپ ، بىرگە قاتارغا قاتىدۇ. كۇچىكى مۇستەققىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندا ، ئۇلار بالىسىنى تاشلاپ خاتىرجەم ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ . دەرۋەقە ، ئۇلار ئۆزى يېتىشتۇرگەن بالىسىنىڭ قوي ئەمەس بەلكى بۆرە ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ، شۇڭا بالىسىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىشىنىدۇ . بۆرە يەنە ئىنتايىن ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان ھايۋان ، شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ھەر زامان تەبىئەت قوينىدا ياشايدۇ ، ئەنە شۇ ئېگىز تاغلارنىڭ قوينى بۆرىنىڭ ئۆز ئۆيىدۇر ، ئەركىن ياشايدىغان مۇقەددەس ماكانىدۇر . ئۇ ئەركىن ، تەنھا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئەگەر ئوۋلايدىغان ئوۋ تاپالمىسا ، نەپسىنى دەپ ، بىر پارچە تەييار لوقمىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈلكىدەك قۇيرۇق شىپاڭشىتمايدۇ . مەن مۇشۇ سەۋەبتىن بۆرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن ، – ياش خانىم گەپنىڭ بەك ئۇزىراپ ، ئۆزىنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان جاۋابىغا تېخىچە ئىگە بولالمىغانلىقىدىن ئىشى پۇشقاندەك قىلىپ بوۋاينىڭ سۆزىنى يەنە كەستى – بوۋا مەنمۇ سېنىڭ بۆرە توغرىسا سۆزلەۋاتقانلىرىڭنى كىتابلاردىن كۆپ ئوقۇغان ، قېنى ئېيتقىنە جۇۋىنىڭ پۇچۇق پېشى بىلەن بۆرىنىڭ زادى نېمە مۇناسىۋېتى بار ؟ ، – بوۋاي بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋال ، ئالدىغا بۇرۇلۇپ سوزۇلۇپ ياتقان قارلىق يولغا بىر قاراۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى – قىزىم بۇ سەل ئۇزۇن ھېكايە ، سەن پاراڭنىڭ بېلىگە تەپمەي ئاخىرغىچە ئاڭلا ، قارا قىزىم ، كەچ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى ، مەن بۇرۇنقى خۇيۇم بويىچە تاغقا ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن چىقتىم ، بۇنداق مەزگىللەردە دەرەخلەر ياپراق تاشلاپ ، ئۆت – چۆپلەر قۇرۇپ ، تاغلار تاقىرلىشىپ كېتەتتى ، شۇ ۋەجىدىن ئوۋنى پەملەش ۋە ئۇنى ئوۋلاش ئاسانغا چۈشەتتى . مەن شۇ چاغدا ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا ئېتىمنى توقۇپ ، ئوۋ مىلتىقىمنى دولامغا ئېسىپ، مۇشۇ جۇۋىنى ئېگەرنىڭ ئارقىسىدىكى غانجۇغىغا ئوبدان تېڭىپ يولغا چىقتىم . ئەپسۇس كەچ كۈزدە تاغنىڭ ھاۋاسى تېز ئۆزگىرەتتى ، ئەگەر ئۆزگىرىدىغان بولسا قىشتىنمۇ بەتەر جۇدۇن بولۇپ كېتەتتى ، ھەتتا ھەش – پەش دىگۇچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن تاغ ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ ، يوللارمۇ تامامەن ئېتىلىپ قالىدىغان پالاكەتلەر يۈز بېردىغان ئەھۋال بولۇپ تۇراتتى ، مۇشۇ ۋەجىدىن ھەر ئېھتىمالنى كۈزدە تۇتۇپ ، جۇۋىنى ئېلىۋالغان ئىدىم . مەزكۇر جۇۋا مەن ئۈچۈن ھەم ئىسسىق يېپىنچا ھەم كەچتە ئورۇنۇپ ياتىدىغان يوتقان ھېسابلىناتتى . شۇنداق قىلىپ دىلمۇك تېغىغا يېتىپ باردىم . مەن بارغاندىمۇ ھازىر بىز كۆزلەپ كېتىۋاتقان چېگراغا يېقىن شۇڭقار غولىنى كۆزلەپ ماڭدىم . تاغنىڭ كۈنگەي تەرىپى بىز تەرەپكە ، تەسكەي تەرىپى قازىغىزتانغا قارايتتى . بۇ تاغلار بۆرىلەرنى قوغدايدىغان ئەڭ ياخشى جاي بولۇپلا قالماي ، بەلكى بىز ئۇيغۇرلارنى ئاتام – ئانام زامانىسىدن تارتىپ قوغداپ كېلىۋاتقان باش سىغدۇرىدىغان جاي ئىدى . بۇياقتا جانلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئۇياققا ئۆتەتتى ، ئۇياقتا جانلىرىنى تاھدىتكە ئۇچرىغاندا بۇياققا قاچاتتى . ئەنە شۇنداق قېچىپ يۈرۈپ ھاياتلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلار قاتارىدا بۆرىلەرمۇ بار ئىدى . ئۇلارمۇ بىز خەقتەك ئۇياقتىن بۇياققا ، بۇياقتىن ئۇياققا قېچىپ نەسىللىرىنى تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ تاغلار بولماي ، ئورنىدا تۇپ – تۇز تۈزلەڭلىك بولغان بولسا ئىدى ، ئۇياقتىن بۇياققا ياكى بۇياقتىن ئۇياققا جان سالاپ قىلىش ئۈچۈن ئۆتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ توساقلىرىدىن ئۆتۈش مۇمكىن بولمايتتى . دېمەك بىز ئۈچۈن مەزكۇر تاغلار ناھايىتىمۇ ياخشى مۇداپىئەلىنىش قورغانىغا ئوخشايدۇ . ئۇ بىزنى ۋە بۆرىلەرنى خەتەردىن ، دۈشمەننىڭ ئوقىدىن قوغداپ ، دائىم ئۆز قوينىغا ئېلىپ كەلدى . مانا بۈگۈنكى كۈندە سەنمۇ مۇشۇ بەش ياشلىق ئوغلۇڭ بىلەن ئاشۇ تاغدىن ئۆتمەكچى بولىۋاتىسەن . ئەمما ئىشىنىمەنكى سەن چوقۇم بىخەتەر ئۇياققا ئۆتۈپ كېتىسەن ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ ، خۇددى ساڭا بىر ئىلاھى قول ياردەم قىلىدىغاندەكلا بىر تۇيغۇ ئىچىمنى يورۇتۇپ تۇرىۋاتىدۇ . يەنە گەپتىن قىيىپ كەتتىم ، ھە راس يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ ، بۇ تاغلار ئەلمىساقتىن تارتىپ بىزنىڭ يۆلەنچىكىمىز بولۇپ كەلدى . يەنى مەيلى سادىر پەۋلان بولسۇن مەيلى نوزۇگۇم بولسۇن ، مەيلى غېنى باتۇر بولسۇن ھەممىسى مۇشۇ تاغلارنى ئۆزلىرىگە ماكان قىلىپ ، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ جاجىسىنى بېرىپ كەلگەن . بۇ قېتىم بۇ تاغ سىلەرگە ھەمرا ھەم باشپاناھ بولىدۇ . مەن ئەنە شۇ ئەڭ ئاخىرقى ئوۋغا چىققان چىغىمدا كەچ كىرىشگە يېقىن قاتتىق شىۋىرغان چىقىپ ، ھەممە يەردە قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچۇپ يۈرۈشكەن باشلىدى . شۇ چاغدا مۇنۇ جۇۋا ئۇچامدا بولغاچقا ، تۇمشۇقۇمنى جۇۋىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ، ئوۋلىغان يەتتە ياۋا توشقاننى مۇرەمگە ئېسىپ ، قولۇمدا مىلتىقىمنى تۇتقان ھالدا ئېتىمنى باغلاپ قويغان تاغ باغرىغا قاراپ چۈشۈپ كېتىۋاتسام ، قولۇقىمغا بىر نەرسىنىڭ ئېڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . مەزكۇر ئاۋاز خۇددى قاتتىق ئازاپقا چىدىمىغان بىر جانۋارنىڭ نالە قىلىۋاتقان ئاۋازىغا ئوخشايتتى . مەن قەدىمىمنى توختۇتۇپ ، قۇلۇقىمنى دىڭ تۇتۇپ، تاۋۇش چىققان تەرەپنى تىڭشىدىم ، قارىسام راستىن لا بىر جانۋارنىڭ ئېڭرىغان ئاۋازى ئىكەن . بۇنىڭ بىلەن تېز- تېز قەدەم تاشلاپ ، ئاشۇ تاۋۇش چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم . ئازراق ماڭا ماڭمايلا نېمىنى كۆردۇڭ دېمەمسىلەر ، شۇنداق قارىسام ئالدىمدا قانغا مىلىنىپ ياتقان بىر بۆرە تۇرمامدۇ . مېنى شۇ چاغدا ئاشۇ بۆرىنىڭ ئالتۇن قوڭۇر رەڭلىك تېرىسى راسا ئىسسىق جۇۋا بولىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى دەپ قالماڭلار ، ياق ئۇنداق خىيال زىنھار ئەقلىمدىن كەچمىدى . ئۇنداقتا نېمىنى ئويلۇمدۇم دەمسىلەر؟ مەن ئۇنى قانداق قىلىپ قۇتۇكلدۇرۇشنى ئويلۇدۇم ، ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا ئۇنىڭ يېنىغا ئېھتىيات بىلەن كەلدىم . ئۇ يارىلانغان يېرىنى ماڭا كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلىپ ، ماڭا شۇنچىلىك چارىسىز ھالدا تەلمۇرۇپ قارىدى ، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۈل رەڭ كۆزلىرىدىن شۇنچىلىك مۇختاجلىقنىڭ ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتىكى ، تاسلا قالدىم ، ئۆز بالامغا ئېتىلغاندەك ئېتىلىپ بېرىپ ، ئۇنى باغرىمغا باسقىنى . لېكىن ئۇ بەرىبىر بۆرىدە ، دەرھال ئەقىل – ھوشۇمنى يىغىپ پەم بىلەن ، ئېھتىيات بىلەن ئۇنىڭ قانغا مىلەنگەن ئوڭ ئارقا پۇتىغا قولۇمنىڭ ئۇچىنى ئاستا تەككۇزدۇم ۋە نەرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە نېمە بىلەن زەھمىلەنگەنلىكىنى بىلمەكچى بولدۇم. قولۇم ئۇچى تېگە – تەگمەيلا ، ئۇ شۇنچىلىك سەت سىلكىندى ۋە بىر ئېڭراپلا كۆزىنى يۇمدى . مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي بىر پەس تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ، دەرھال ئۆزۈمنى ئوڭشاۋېلىپ ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن يەنە تەشۇردۇم ، قارىسام ئۇنىڭ پۇتىغا ئوق تەككەن ئىكەن ، تەلىيىگە نەپىسى تېخى كېسىلمەپتۇ ، ئەمما لېكىنزە يارا ئېغىزىدىن كۆپ قان ئېقىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ھالسىزلىنىپ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھوشىدىن كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ئەپلىك بىر جايغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ ، ئاندىن پۇتىغا تەككەن ئوقنى چىقىراي دەپ ئويلۇدۇم – دە ، جۇۋامنى سېلىپ ئۇنى ئورىغان پېتى كۆتۈرۈپ يەنە پەسكە قاراپ ماڭدىم . ئازراق ماڭا ماڭمايلا تاغنىڭ تۆۋېنىدىن شاخ ئايرىپ چىققان چوڭ بىر قىيا تاشنى كۆردۈم ۋە تاشنىڭ ئاستى قار- يامغۇردىن دالدىلىنىشقا ئەپلىك بىر جاي ئىكەنلىكىنى پەملىدىم . مەن بۆرىنى شۇ يەرگە ئۇخلاۋاتقان بوۋاق ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دەپ ئاستا ئاۋايلاپ قويغاندەك پەم بىلەن قويدۇم . ئاندىن ئېتىمنى باغلاپ قويغان يەردىن يېشىپ ئەكىلىپ ، غانجۇغىسىدىكى قىل خۇرجۇنغا سېلىۋالغان كىچىك – كىچك كەسلەنگەن قۇرۇق ئوتۇنلارنى ئېلىپ كىچىك گۈلخان ياقتىم ۋە يانچوقۇمدىن قول ياغلىقىمنى ئالدىم ، پىچىقىمنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ تەق قىلدىم ، ھە راس قىل خۇرجۇندا پاكىز بىر تال ئاپئاق لۆڭگە بار ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن قايناق سۇ قاچىلانغان تېرموسنى بىرگە ئېلىپ يېنىمغا قويدۇم . شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمچە ئازراق ئوپېراسىيەنىڭ تەييارلىقىنى تاماملىغاندەك بولدۇم . بۇ چاغدا يەنە ئىچىمدە بىر قورقۇنچۇلۇق ھېس پەيدا بولدى ، گويا مۇشۇ ئالدىمدا ياتقان بۆرىگە تەككەن ئوقتىن بىرسى ئارقا تەرەپتىن تۇيۇقسىز كېلىپ ، ماڭا تىگىدىغاندەكلا قېرى جېنىمدىن ئەنسىرەپ قالدىم . يەنە شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ، تەمكىنلىك بىلەن ئىشنى پۈتتۈرۈپ بۇ جايدىن تېزراق كېتىشنى ئويلۇدۇم . مەن دەرھال قول ياغلىقىم بىلەن يارا ئېغىزىنىڭ ئەتراپىنى تازلىدىم ۋە پىچىقىمنىڭ ئۇچۇنى ئوتتا قىزىتىپ دىزىنپىكسىيە قىلغاندىن كېيىن ، بۆرىنىڭ يارىسىغا پەم بىلەن تىقىپ تۇرۇپ ، پىچاقنى ئۇچىنى بىر ئىرغىتىپلا ئوقنى چىقاردىم . مەزكۇر ئوق مۇتلەق سۇ خىتاي چېگرا قاراۋۇللىرىنىڭ ئوقى ئىدى . ئۇشبۇ ئوق بۆرىنىڭ پاچاق مۇسكىلىنى ئوبدانلا زەھمىلەندۈرگەن بولغاچقا ، يارا ئېغىزىدىن توختىماي قان تامچىپ تۇرىۋاتاتتى ، مەن چوقۇم قاننى توختاتمىسام بولمايتتى ، شۇ ۋەجىدىن دەرھال قولۇمدىكى پىچاقنى يەنە ئوتقا تىقىپ قويۇپ ، تېرموستىكى سۇ بىلەن بۆرىنىڭ قان ئېقىپ تۇرغان جاراھەتنى پاكىز يۇيۇپ تازلىدىم ۋە ئاتراپىنى پاكىز سۇرتىم ، بۇ مەشغۇلاتلار تاماملانغاندىن كېيىن ، چوغدەك قىزارغان پىچاقنىڭ ئۇچى بىلەن يارا ئېغىزىنى داغلىدىم . ئىشقىلىپ ئىچىمدە ئىشنى خېلە ئوبدان ئەپلەشتۇردۇم دەپ ئويلۇدۇم ، ئاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن بۆرىنىڭ داغلانغان يارىسىنى تېڭىپ قويدۇم . يەنە شۇنداقتىمۇ زادى خاتىرجەم بولالمىدىم ، قارىسام قار لەپپىلدەپ ياققىنى تۇردى ، بۇ جانۋارنىڭ جاراھەتلەنگەن پۇتىغا سوغ ئۆتۈپ كەتمىسۇن دەپ ئويلاپ ، جۇۋامنىڭ پېشىنى كېسىپ ، بۇنىڭ بىلەن بۆرىنىڭ يارىلانغان پۇتىنى ئوبدان تاڭدىم ۋە ئۈستىنى كەندىر شوينا بىلەن ئاۋايلاپ باغلاپ قويدۇم ۋە ھېلىقى ئۆزۈم ئوۋلىغان يەتتە توشقاننى بۆرىنىڭ بېشىغا قويۇپ قويۇپ ، ئوتنى يەنە ئۇلغايتىپ يېقىپ قويغاندىن كېيىن ، يولۇمغا راۋان بولدۇم. ماڭا بۇنداق قىلماي ئامال يوق ئىدى ، ناۋادا چارلىغۇچىلار كېلىپ قالسا ، قېرى بېشىمغا بالانىڭ چوڭى كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتىم . دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ، بۆرىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ، ئاتنىڭ ئۈستىدە نىمكەش جۇۋىغا ئورۇنۇپ ئولتۇرۇپ ، ئۆيگە ئامان – ئېسەن يېتىپ كېلىۋالدىم . ئەنە شۇ چاغدا شۇ ياخشىلىقنى قىلغانلىقىم ئۈچۈن مەن بىلەن ئېتىم شۇنچىلك شاشلىشىپ كەتكەن ئىدۇق ، ئۆيگە قانداق تېز كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەيلا قالغان ئىدىم . ئەمما ئۆيگە يېتىپ كېلىۋالغىنىم بىلەن ئەس – خىيالىم ئاشۇ بۆرىدە قالغان ئىدى . شۇ ئىشلار يۈز بېرىپ ، ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي ئۇ تاغقا ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ قېتىم چىققان بولساممۇ، ئۇ بۆرىنى ھېچ ئۇچراتمىدىم . كېيىن مېنىڭمۇ ئوۋ ئوۋلاشقا رايىم بارمىدى ، ئاستا – ئاستا قېرىپ كۈچ – قۇۋۋېتىمدىن قالدىم. بىراق تاغقا چىقانلارنىڭ ئېيتىشىچە تاغدىكى بۆرە سۈرىسى ئىچىدە ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئاخساپ ماڭىدىغان ئالتۇن قوڭۇر رەڭلىك ، بويۇنلىرىنى توم بىر ئەركەك بۆرە بارمىش . دېمەككى مەن قۇتۇلدۇرۋالغان بۆرە دەل ئەنە شۇ بۆرە بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن . مەن بۆرە سۈرىلىرى توغرىسىدىكى شۇ ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئۆزۈم شۇنچىلىك خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدىم . مۇبادا كېيىن ئاشۇ بۆرىنى كۆرگەن بولسام چوقۇم ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە بىر قاراپلا تۇنىۋالغان بولاتتىم . چۈنكى مەن ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ياردەم سورىغان قىياپەتتىكى تەلمۇرۇپ قاراشلىرىنى ھېچ ئەقلىمدىن چىرالمىغان ئىدىم . ھەتتا تا ھازىرغىچە ھېلىلا يۈز بەرگەن ئىشتەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەۋاتىدۇ . شۇنى دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي ، تېخى بۇ بۆرە قايسى بىر كۈنى چۈشۈمگىمۇ كىرىپ قاپتۇ . چۈشۈمدە ، ئۇ ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئاقساپ ئالدىمدا ماڭا يول باشلاپ كېتىپ باراتتى ، مەن بولسام ئۆزۈمدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ كېتىۋاتاتتىم ، قەدىمقى زاماندا ئوغۇزغان ئاتىمىزغا يول باشلاپ ماڭغان كۆك بۆرە ماڭا يول باشلاپ كېتىۋاتقاندەك خوشنۇت بىر ھېسيات ئىچىمنى قاپلىۋالغانىدى . ئىچىمدە ، دېمەك «تارىخ تەكرارلىنىدۇ» دېگەن گەپ راس ئىكەندە دېگۈدەكمەن . بىراق بۇ ھېسيات ئۇزۇنغا بارمىدى ، بىردەمدىكىن قارىسام ئالدىما يول باشلاپ كېتىپ بارغان بۆرە شۇ توكۇر ئالتۇن قوڭۇر رەڭلىك بۆرە بولغىنى بىلەن ، مەن ئۆزۈم مەن ئەمەس بولۇپ چىقتىم ، بۆرىنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقان كىشى باشقا ناتۇنۇش بىرسى بولۇپ قالدى ، ھە تېخى يېنىدا گۇڭگا كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر بالىمۇ بار ئىدى . مەن يىراقتىن ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن ۋە ئارقىسىدىن بۆرىنىڭ ھوۋلىشىنى دوراپ ، بار كۈچۈم بىلەن ھوۋلاپتىمەن ، شۇ چاغدا ئۇلارغا ئاڭلىتىمەن دەپ كۈچەپ ھوۋلاپ چاچراپ ئويغۇنۇپ كەتتىم . قارىسام تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ئىكەن ، دەل شۇ دەمدە ئىچىمنى شەپەقتەك يېقىملىق بىرھېس چۇلغىۋالغانىدى ، كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇشنىڭ ئورنىغا شۇنچىلىك تىنىق تۇرغانلىقنى سەزگەنىدىم . ئەنە شۇ ھوشنۇت ھېسلار كۆڭلۈمدىن ھېچ كەچمىدى ، ئىگەكىم بارغانسېرى كۈچىيىپ بۈگۈنگە قەدەر كەلدى . تا ھازىرمۇ ئاشۇ بۆرە ئالدىمغا چىقىپ ماڭا قاراپ ھوۋلاپ ، قىلغان ياخشىلىقىمغا رەخمەت بىلدۇرىدىغاندەكلا بىلىنىدۇ . بۇنداق دېگەنلىكىم قىلغان ياخشىلىقىمغا مىننەت قىلۋاتقانلىقىم ئەمەس ، ئىچىمدىن كەچكەن تەبىئىي تۇيغۇلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمەن . بىراق مىڭ ئەپسۇس ، ھازىر ئۇ بۆرە سۈرىلىرى يوق ، ئەسكەرلەر ئاللىقاچان ئۇ بۆرە سۈرىلىرىنىمۇ تىرە – پىرەڭ قىلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى بۆرە سۈرىلىرى بىراقلا قازاغىزتان تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ، مەيلى نېمىلا دېمەي ، ئۇ بۆرىلەر ھازىر مەۋجۇت ئەمەس ، جۈملىدىن ئۇ توكۇر ئالتۇن قوڭۇر رەڭلىك ئەركەك بۆرىمۇ بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆرىلەرنىڭ ئاجايىپ بىر غەلىتە قېلىقى بار، يەنى بۆرىلەر ئاچ قىلىپ ، زادى يەيدىغان نەرسە تاپالمىغاندا شۇنداق ئاجايىپ بىر ئويۇننى ئوينادۇ ، ئۇ بولسىمۇ بۆرىلەر دۇپ – دۇگىلەك بولۇپ توختىماي تېز پىقىرايدۇ ۋە ئۇزلۇكسىز پىقىراش جەريانىدا قايسى بىرسى ھالىدىن كېتىپ باشتا يىقىلىپ چۈشسە ، قالغان بۆرىلەر ئۇنىنغا ئېتىلىپ بارغان پېتى يەيدۇ ۋە قارنىنى تويغۇزىدۇ ؛ مانا بۇ « بۆرە قانۇنى » دۇر ، جۈملىدىن بۇ رەھىمسىز ۋە رەھىملىك تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. دېمەك بۇنىڭدىن شۇنداق بىر يەكۇنگە ئېرىشىمىزكى ، كىم ئاجىز بولسا گاھ دۈشمىنىگە ، گاھ ئۆز سۈرىلىرىگە يەم بولىدۇ . گەرچە بۆرىلەر گۆشخور ، تەبىئىيتى ۋەھشى ھايۋان بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ خىل ۋەھشىلىكنى ئەقلىمىزگە ئاسانلا قوبۇل قىلدۇرىمىز ، ھالبۇكى ، ئىنسانلار توق تۇرۇپ ئاجىزلارغا قىلغان ۋەھشىلىكىنى ، ياۋۇزلىقىنى قانداقمۇ ئەقلىمىز قوبۇل قىلسۇن ؟ مانا بۇ ھەممىدىن قورقۇنچلۇق ئىنسان قانۇنىدۇر . قىزىم ئەمدى چۈشەنگەنسەن ، مانا بۇ جۇۋىنىڭ پېشىنىڭ نېمە سەۋەبتىن پۇچۇق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ بايانى ، – دەپ ئالدىغا قارىدى ۋە ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ قويىۋىدى ، ئات يەنە بۇرۇنقى ھۇشيار ھالىتىگە كېلىپ ، قۇلاقلىرىنى شىڭتايتىپ ، تۇياقلىرىنى تېز- تېز يۆتكەپ ، ھارۋىنى يەڭگىل سۆرەپ مېڭىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا ياش خانىم بوۋاينىڭ ئېيتقان ھېكايىسىنى ئىچىدە تۇزەپ ، قايتا يېزىپ چىۋاتقاندەك ھەتتا يازغان ھېكايىسىنىڭ پەش ۋە چىكىتلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ، تەھرىرلەۋاتقاندەك لام – جىم دېمەي يەنە شۇ جۇۋىنىڭ پۇچۇق پېشىغا كۆزىنى تىكىپ ئولتۇراتتى . ئادەم ئەڭ قىممەتلىك كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ ، يىراق – يىراق جايلارغا قاراپ يولغا چىققاندا قانداقتۇر بىلىپ بىلمەي بىر نەرسىگە تىكىلىپ قالىدۇ ، خۇددى ئاشۇ ھىجران ئازابىنى تارتىشقا سەۋەپ بولغان كىشىنىڭ ئاشۇ يەردە ئەمەسلىكىنى ئوپمۇئوچۇق بىلىپ تۇرسىمۇ ، يەنە شۇ يەردىن كۆزىنى ئۇزمەيدۇ . ياش خانىمنىڭ ھازىرقى روھى دۇنياسى دەل شۇنداق ئىدى ، كۆزىنى تەنھا ئارالدەك كۆرۈنۈپ تۇرغان جۇۋىنىڭ پۇچۇق يېرىدىن ئۇزمەي ، خۇددى شۇ ئارالدىن ئېرىنى ئىزدەۋاتقاندەك ، ئاشۇ ھېكايىلەر بىلەن تولغان سىرلىق ئارالدا بىر ياخشلىق يوشۇرنۇپ ياتقاندەك ، شۇ يەردىن كۆزىنى ئالماي ئولتۇراتتى . بالا بولسا جۇۋىنىڭ ئىچىگە تۇمشىقىنى تىقىپ ، بۆرىنىڭ كۇچىكىدەك ، كۆزىنىڭ قارچۇغىسىنى ئۇياقتىن بۇياققا تېز يۆتكەپ تۇراتتى . ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى قۇياش قىش پەسلىگە خاس سوغۇق نۇرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سېپىۋاتاتتى ، ئاق بۇلۇتلار بولسا پەرۋاسىز ئۈزۈپ يۈرەتتى . ئات ھارۋىسى يەنە ئالاھەزەل يارىم سائەتچە ئادەمنىڭ ئۈچەيلىرىگە ئوخشاپ قالىدىغان ئەگىر- بۈگۈر يوللاردا ماڭغاندىن كېيىن ، يولنىڭ ئاچىمىقىغا يېتىپ كەلدى . مەزكۇر ئاچا يولنىڭ بىر تەرىپى كۆمۈر كانغا ، يەنە بىر ئۇچى بولسا چېگرا تەرەپكە تۇتىشاتتى . بوۋاي ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا تىزگىننى تارتىپ ، ئاتنىڭ بېشىنى چېگراغا تۇتىشىدىغان يول تەرەپكە بۇرىدى. ئاتمۇ دائىم مېڭىپ كۆنۈپ كەتكەن كۆمۈر كان بار يولغا تارتىشىپ يۈرمەي ، ئىگىسى باشلىغان يولغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن بۇرالدى . دەرۋەقە ، ئۇ بۇ يوللارنىمۇ بەش قولدەك بىلەتتى ، گەرچە بۇ يوللاردا ھارۋا سۆرەپ ماڭمىغىنى بىلەن ، ئۈستىگە بوۋاينى مېندىرىپ ، ئوۋغا نەچچە ئون قېتىم چىققان يوللار بولغاچقا ، يولنىڭ ئېگىز- پەس يەرلىرىنى پىششىق بېلەتتى . شۇ ۋەجىدىن ئات يەنىلا بۇرۇنقى سۈرئىتىنى ئاستىلاتماي بۆرە يورغىسىدا مېڭىپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن ئازراق ماڭاماڭمايلا ئات ئۆزلىگىدىن توختىدى ، چۈنكى ئالىدا يول يوق ئىدى . ئالدىدا ئاپئاق قارلىق جىلغا تەنھا سوزۇلۇپ ياتاتتى ، جىلغىنىڭ ئىككى يېنىنى بولسا بۇژغۇن چىقىرىپ ، ئۆركەش ياساپ ئېقىۋاتقان دەرياغا ئوخشايدىغان دولقۇنسىمان قارلىق تاغلار ئوراپ تۇراتتى . ئۇياققا ئاتنىڭ ھارۋىنى سۆرەپ مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . قالغان يولنى قار كېچىپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى . ئات توختىشى بىلەن تەڭ بوۋاي ھارۋىسىدىن ئىرغىپ چۈشتى ۋە ھارۋىدا نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ ئولتۇرغان ياش خانىم بىلەن بالىنى يەرگە چۈشۈشكە ئىشارەت قىلدى . ئەمدى بوۋاينىڭ چىرايىدىكى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى ئەنسىزلىك ئالامىتى ئىگىلىگەنىدى ، بوۋاي بۇ ئوچۇقچۇلۇقتا ئۇزۇن تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . بۇنداق تاغنىڭ باغرىدا ، ئادەمنىڭ ئايىقى تەگمىگەن يەردە ئۇزۇن تۇرۇش ھەرقانداق بىر چارلىغۇچىنىڭ دېققىتىنى قوزىماي قالمايتتى ، شۇ سەۋەبتىن بوۋاي نەۋرە ۋە ئەۋرىسىگە ماڭىدىغان يولنى ئېنىق تەسۋىرلەپ بەرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنى جىلغىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋېتىپلا ئارقىسىغا يانمىسا ، باشلىرىغا قانداق بىر بالا- قازانىڭ كېلىدىغانلىقى ئۆزىگە بەش قولدەك ئايان ئىدى . ياش خانىم ۋە بالا ئىسسىق جۇۋىنىڭ ئىچىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ ، ھارۋىدىن يەرگە چۈشتى ۋە سومكىلىرىنى قولىغا ئالدى ، جۇۋىدىكى يۇڭنىڭ پۇرىقى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن روھىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى . ئۇلارنىڭ ئايرىلىدىغان جايى دەل مۇشۇ ھارۋىدىن چۈشكەن جاي ئىدى. ئانا ۋە بالا شۇنداق بىر نۇقتىغا كەلگەن ئىدىكى ، بۇ نۇقتىدىن زىنھار ئارقىغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئانا ۋە بالىنىڭ پەقەت ۋە پەقەتلە ئالدىغا قاراپ ، يولسىز يەردىن يول ئېچىپ ماڭماقتىن باشقا بىر يولى يوق ئىدى . نەزەر دائىرىسى تارلىشىپ قالغاندەك ھېس – تۇيغۇدا بولىۋاتقان ياش خانىم بوۋىسىغا ھەسرەت بىلەن قارىدى. بوۋاينىڭ پىلەك يايغان ساقال – بۇرۇتلىرى بىلەن تەڭ لەۋلىرى تىرەۋاتاتتى ، كۆزلىرى ياش پەردىلىرى بىلەن تورلۇشۇپ خىرەلىشىشكە باشلىغانىدى . بوۋاي قانداق خوشلىشىشنى ، نېمە دېيىشىنى بىلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى ، بولۇپمۇ مۇشۇ ئىككى يۈرەك پارىسىنى قىشنىڭ سوغۇقىدا مۇشۇ تاغنىڭ باغرىغا تاشلاپ قويۇشقا رايى بارۋايۋاتقانىدى . بىراق قارار ئېلىنىپ بولدى ، دېيىلىدىغان سۆزلەر سۆزلىنىپ بولدى ، نەسىھەت ۋە چارىلار بايان قىلىندى ، دۇئالار ئوقۇلۇپ بولغانىدى ، ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى . بوۋاي ، بوينىدىن بىر قارا يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن ئوشۇقنى چىقىرىپ ئېلىپ – بىزدە « ئوغۇللارغا بۆرە ئوشۇقى تۇمار » دېگەن سەقىمە سۆزى بار ، بۇ بۆرە ئوشۇقى ، ساڭا يولدا ھەمرا بولسۇن ، – دەپ بالىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدى . بالا ھەيرانلىق بىلەن بۆرە ئوشۇقىنى ئۇيان – بۇيان ئۆرۈپ ، تاكىسىنى كىچىك بارمىقى بىلەن سىلاپ – سىلاپ قويغاندىن كېيىن يەنە بىر ئۆرۈپ ، ئالچۇسىغا قاراپ قويدى – دە ، ئاندىن ئوشۇقنى قوينىغان تىقىپ تۇرۇپ – رەخمەت بوۋا ، سەنمۇ ئامان بول ! ، – دەپ تاتلىق كۈلدى . بۇ چاغدا بوۋاينىڭ نۇرسىز كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى ، ئۇ نەۋرىسىگە قاراپ تۇرۇپ – قىزىم ئالدىڭلاردىكى جىلغا يولى بىلەن ئازراق مانغاندىن كېيىن ، سول تەرەپكە قايرىلغان يەنە بىر تار جىلغا يولى كۆرۈنىدۇ ، ئاشۇ يولنى بويلاپ ئۇدۇل ماڭسانلار كۆزلىگەن نىشانىڭلارغا يېتىسىلەر ، ئەڭ ياخشىسى تېز يولغا چىقىڭلار ، قاراڭغۇ چۈشكىچە چېگراغا تۇتىشىدىغان جايغا بېرىۋېلىپ ، ئەپلىك بىر ئۆڭكۈرنى تېپىپ پاناھلىنىڭلار، تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭلا ئۇياققا ئۆتۈپ كېتدىغان ئامالنى قىلىڭلار ، ئۇلۇغ ئىگەم سىلەرگە باش – پاناھ بولسۇن ، – دەپ كۆزلىرىدە ئابايىتىن بېرى ساقلاپ كەلگەن مېھرىلىك يېشىنى قۇيۇۋەتتى . بوۋاينىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ئاققان ياشلار ، قاردەك ئاقارغان ساقال – بۇرۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋېتىپ باراتتى . ياش خانىم يانچۇقىدىن پەرەڭ ياغلىقىنى چىقىرىپ ، بوۋىسىنىڭ جۇدالىق ياشلىرىنى سۈرتى ۋە بوۋاينىڭ پۈتۈن سىغىنىشلىرىنى ، بارلىق ھەسرەتلىرىنى ، ئەلەملىرىنى ، پەريادىنى ئاشۇ پەرەڭ ياغلىققا ئوراپ ئېلىپ ، ئۆزىگە مەڭگۈلۈك خاتىرە قىلىۋېلىشنى ئويلىغاندەك ، ياش يۇقا ياغلىقنى پوملاپ يانچۇقىغا سالدى ۋە بوۋاينىڭ بوينىغا ئېسىلىپ خوشلاشتى . بوۋاي ئوشۇق – تۆشۈك گەپ قىلىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتمەلسىك ئۈچۈن دەرھال ئېتىنى بۇراپ ، ھارۋىسىغا چىقتى ۋە ئارقىسىغا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي ئېتىغا قامچا سېلىپ ، يۇرۇپ كەتتى . ئات ھەسرەتلىك كىشنەپ ، يۇلقۇنۇپ كەلگەن يولىدا كېتىۋاتاتتى. ئانا ۋە بالا بولسا ئۆزلىرىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقان بوۋايغا قاراپ تۇراتتى. ياش خانىمنىڭ سوغۇقتىن قىزىل گۈلنىڭ بەرگىسىدەك قىزىرىپ كەتكەن لەۋلىرى تىترەۋاتاتتى ، بۇ ھال ئىچىدە بوۋىسىغا دۇئا قىلغانلىقىنى روشەن رەۋىشتە ئىپادىلەپ بېرىۋاتاتتى . بىر لەھزە ئۆتە – ئۆتمەيلا بوۋاي ھارۋىسى بىلەن تەڭ كۆزدىن غايىپ بولدى . شۇ تەرەپكە كۆزلىرىنى تىكىپ ، يەرگە قىقىپ قويغان قوغزۇقتەك تۇرغان ئانا ۋە بالا يەنە بىر پەس جايىدىن بىدىرلىماي جىم تۇرغاندىن كېيىن ، ئارىقىسىغا بۇرۇلۇپ ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان قارلىق جىلغىغا قاراپ قانداق قىلىشىنى بىلمەي قاراپ تۇرۇپ قىلىشتى .
…………………