You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن گۇۋاھ (2)

ۋەتەن گۇۋاھ (2)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مېھنەت، كۈرەش، ھەۋەس ئاشۇنداق،

قىلسا شەيدا بۇندا ھەر كىمنى.

شۇنداق كۈندە كۆرسەم بىر نەپەس،

ئازاد دىيار، ئازاد خەلقىمنى.

فاۇست دىن

1952 – يىلى باھار ئايلىرى ئىدى، ئۈرۈمچىنىڭ قەھرىتان قىش كۈنلىرىنى قوغلىغان باھارنىڭ ئىللىق قۇياشى تەبىئەتكە ئىللىق بېقىپ تۇراتتى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ ئىللىق ھارارىتىنىڭ قۇدرىتى ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ يۈرىكىدىكى مۇزنى ئېرىتىشكە يەتمەيۋاتاتتى. شۇنداق بىر نەرسە روشەن رەۋىشتە ئېنىقكى، ھەركىمنىڭ قەلبىدىكى ئەندىشىسى كۈندىن-كۈنگە ئارتىپ بېرىۋاتقان بولغاچقا، چېھرىدىكى تەبەسسۇم يوقۇلۇپ، چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان كەيپىيات ھەممە كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغىۋالغان ئىدى. ھازىر شەھەرنى تىمتاسلىق قاپلىغان بولۇپ، قارىماققا ھاياتلىق ئۆچكەندەك كۆرۈنەتتى. كوچا – كويلاردىكى كىشىلەر ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئوشۇق – تۆشۈك گەپ قىلماي، سالپىيىشىپ ئۆز ئىشى بىلەنلا مەشغۇل ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كومپارتىيەنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مەھەللىمۇمەھەللە كېزىپ يۈرۈپ، ناتونۇش، بوغۇق ئاۋازدا ئېيتىۋاتقان «ئۈچ چوڭ ئىنتىزام سەككىز دىققەت» دېگەن ناخشىسىنىڭ ئاۋازى كۈندىن كۈنگە ياڭراشقا باشلىغان ئىدى، ھەتتا رادىيو كانايلىرىدىن ئادەمنىڭ مېڭىسىنى پارتىلتىۋېتىدىغاندەك يۇقىرى بىر ئاۋاز بىلەن پۈتۈن شەھەرگە يېيىلىپ، كىشىنىڭ ئارامىنى قويمايۋاتاتتى.

ناخشىنىڭ ئاۋازى كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ جېنىغا، مال-مۈلكىگە، قورۇ – جايلىرىغا، يەر – زېمىن ۋە دۇكانلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا بولغان ئەندىشىسى ئارتىشقا باشلىغان ۋە خوشنۇتسىزلىققا سەۋەب بولىدىغان ئىشلار ئارقا – ئارقىدىن كۆپىيىۋاتقان ئىدى. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا كومپارتىيە خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى بىرەر ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەربىي تەييارلىقلارنى قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي كۈچىنى ۋە خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشكە تۇتۇش قىلىشقان ئىدى. بولۇپمۇ ئەسكەرلەر ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سەللا ئۆزلىرىگە قارشى كەلگەنلەرنى دەرھال جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى. ھەتتا قورساق بېقىش ئۈچۈن تىجارەت قىلىدىغان قاسساپ پىچىقىدىن، كاۋاپچى زىخىدىن ئەنسىرەيدىغان كەيپىيات شەكىللەنگەن ئىدى، ناۋادا ئاتالمىش خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى پىچاق بىلەن زىخنى ئۆزلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان قورال دەپ قاراپ قالسا، قاسساپ بىلەن كاۋاپچى قارىلىنىپ، جازالىنىشى تەبىئىي بىر ئەھۋال ئىدى.

كۈندىلىك گېزىتلەردە بولسا، كومپارتىيە ئالغان قارارلار ۋە يولغا قويۇلىدىغان يېڭى سىياسەتلەر ھەمدە «باندىت» لارنى تازىلاش ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەر، شۇنىڭدەك كوممۇنىستىك ئاڭنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، كەمبەغەل ۋە تۆۋەن ئوتتۇرا دېھقانلار سىنىپىغا بولغان غەمخورلۇق قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى تەشۋىقات ماقالىلەرنىڭ تېمىسى قىزىل چوڭ خەتلىك ماۋزۇلار بىلەن يېزىلىپ، توختىماي ئېلان قىلىنىپ تۇيۇلۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھۆكۈمگە ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ تىزىملىكى يېزىلغان چوڭ خەتلىك ئېلانلار كوچا – كوچىلاردىكى تاملارغا چاپلىنىپ تۇراتتى. مۈرىلىرىگە بەتلەنگەن قوراللارنى ئېسىپ، ئون ئىككىدىن- ئون ئىككىدىن بولۇپ، رەت – رەت تىزىلىپ كېتىۋاتقان ئاتالمىش خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى كوماندىغا پۇتلىرى كەلتۈرۈپ، مارشقا دەسسەپ مېڭىپ، مەھەللە كوچىسىنىڭ ئۇياقىدىن كىرىپ، بۇياقىدىن چىقىپ كېتەتتى. بۇ ئارقىلىق ئۇلار بۇ شەھەرنى تەلتۆكۇس ئىشغال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەن بىرگە، مەھەللىدىكى ئاھالىنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ، يۈرىكىگە ۋەھىمە سالماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ كوچىلارغا كىرگىنى كۆرگەن ئاھالىلەر دەرھال ئىشىك، دېرىزىلىرىنى جالاقلىتىپ تاقاپ، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەيتتى. دېمىسىمۇ خەلقنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قارشىلىق قىلغۇدەك ياخشى بىر ئامالىمۇ يوق ئىدى.

گەرچە ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە بولغان نەپرىتى كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز غايىسى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە ھەرقاچان تەييار تۇرغان بىر قىسىم باتۇرلار بۇ شەھەردە چىقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپارتىيەنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قاتتىق ئىنتىزامچان بولغاچقا، شەھەر ئاھالىسىدە بۇنداق ئىنتىزامچان قوشۇنغا قارشى جۈرئەت تۇغۇلمىغان ئىدى. دەرۋەقە قارا بۇلۇتلار ئاستىدا قالغان شەھەر خەلقىنىڭ ئۈستىدىكى دەھشەت بارغانسېرى ئارتىپ، خەلق نېمە قىلىشىنى بىلمەي كوچىلارغا چىقىشتىنمۇ ئەندىشە قىلىپ، ئۆيگە سولىنىپلا قالغان ئىدى. كەچ كىرە كىرمەيلا بىر ۋەھىمىلىك سۇكۇنات پەردىسى شەھەرنىڭ ئۈستىنى يېپىپ، تۆت ئەتراپىدىن تاجاۋۇزچىلىقنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان ھالەت شەكىللىنەتتى. تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ رادىيو كانايلىرىدىن ئاڭلىنىۋاتقان يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئاۋازلىرىدەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز شەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، ئەنە شۇ ۋەھىمىلىك سۇكۇنات پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ مېڭىسىنى قوچۇيتتى. ئۇنى ئاز دەپ چوڭ – كىچىك كوچىلاردا بويۇنلىرىغا قارا خەتلىك تاختاي ئېسىلغان، قوللىرى ئارقىغا چەمبەر – چاس باغلانغان، بويۇنلىرى تىزىغىچە ئېگىلگەن كىشىلەر سازايى قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرى پاش قىلىناتتى، ئاندىن ھۆكۈم بېرىلگەنلىرى ئىچىدىن ئاتقانلىرىنى ئېتىپ، تۈرمىگە تاشلايدىغانلىرىنى تاشلايتتى. مۇھىمراقلىرىنى بولسا، قايتا سوراقخانىغا ئەكىرىپ كېچىچە سوراق قىلاتتى. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا «مىللەتچى، پانتۈركىست، تۈركىيەنىڭ ئىشپىيونى، ئامېرىكىنىڭ جاسۇسى، گومىنداڭنىڭ غالچىسى» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن قارىلىنىپ، قولغا ئېلىنغان بىر بوۋاي بار ئىدى.

ئەنە شۇ بوۋاي ئالدىنقى كېچە قىلىنغان سوراقتىن كېيىن، خورلۇق ئوقۇبەت يالقۇنىدا كۆيۈپ، پۇت – قولىنى مىدىرلىتىشقىمۇ ماجالى يوق ھالەتتە تۈرمىنىڭ يالغۇز كىشىلىك كامىرىنىڭ سۇپىسىغا سېلىنغان ئەسكى كىگىزنىڭ ئۈستىدە تەنھا ياتاتتى. تالاي – تالاي قېتىم مىسلىسىز قىيىن – قىستاقلارغا مەھكۇم بولغانلىق سەۋەبتىن، بوۋاي شۇنچىلىك ياداپ كەتكەن ئىدىكى، ئۇنىڭ تۆش سۆڭىكى بىلەن قوۋۇرغا سۆڭەكلىرى كۆرۈنۈپلا قالغان ئىدى، بىلەك سۆڭەكلىرى بىلەن يوتا ۋە پاقالچاق سۆڭەكلىرى بولسا، پۇرلىشىپ كەتكەن موخوركا خالتىسىدەك بولۇپ قالغان تېرىسىنىڭ ئىچىدە مېخانىكىلىق ھەرىكەتتىن توختىغان ئىستانوكنىڭ ئوقلىرىدەك مىدىرلىماي تۇراتتى، ماغدۇرسىزلىقتىن مىدىرلاشقا قۇدرىتى يەتمەيۋاتقان نۇرسىز كۆزلىرى تورۇستىكى تۈڭلۈككە تىكىلىپ قالغان ئىدى. تۈڭلۈكتىن چۈشكەن تاڭنىڭ يورۇقى كامېرنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىنى ئاستا -ئاستا يورۇتۇشقا باشلىغان چاغدا، كامېر ئىشىكىنىڭ تاماق سۇنۇپ بېرىدىغان روجەكلىرىدىن قىسىلىپ كىرگەن يورۇقلۇقمۇ ئىنچىكە شولىسىنى ئۇدۇلدىكى كاھىشلىرى ئۈركۈپ كەتكەن تامغا تاشلاشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى. شۇ تامنىڭ يېنىدىلا ياتقان بوۋاي ئەمدى ئاشۇ يورۇق شولىغا قاراش ئۈچۈن بوينىنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە بۇراپ، كۆز ئۇۋىسىغا پېتىپ كەتكەن كۆزلىرىنى شولىغا تىكىپ چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ئىدى.

ئۇ، تۈرمە قورۇسىدا ناگان – ناگاندا سايرىغان باھار قۇشلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان بېشىنى يەنە مىڭبىر مۇشەققەتتە ئىشىك تەرەپكە بۇراپ، خۇددى بىرسىنى ساقلاۋاتقاندەك ئۇزۇندىن ئۇزۇنغىچە ئىشىككە تەلمۈرۈپ قارايتتى. مانا بۇ ئاپئاق ساقاللىق بوۋاي بولسا قەد – قامەتلىك، پوزۇر كىيىنىپ يۈرۈيدىغان ھەتتا بۇرۇلكىلىرىنىڭ قىرلىرنىمۇ بۇزماي، شىبلىتلىرىگە توپا قوندۇرماي، ئاقارغان چاچلىرىنى چىرايلىق تاراپ، يۇرۇيدىغان مەسئۇت ئەپەندى ئىدى. ئۇ، قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان دەھشەتلىك قىيناشلارغا، خورلۇققا، ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئىدى، ئۇنىڭ گويا تاشلارنى يالاپ جېنىنى باقىدىغان تاغ تېكىلىرىگە ئوخشاش ھەم ئورۇقلاپ، ھەم تېخىمۇ ئۇزىراپ كەتكەندەك كۆرۈنۈۋاتقان بەدىنى پالەچ ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ بۇ تۇرقىغا تەققاس قىلغان ئۇ تاغ تېكىلىرى بولسا، ئەسلىدە تاشلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆسىدىغان ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ شېرىن تاغ گۈللىرىنى يەپ ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇراتتى، بىراق مەسئۇت ئەپەندىچۇ؟ ئۇنىڭغا ھازىر ئۇنداق قۇۋۋەتلىك ئوزۇق قەيەردە دەيسىز؟ نەچچە ئايدىن بېرى ئېغىر قىيىن – قىستاقنى ئاز دەپ، كۈندە ئۈچ ۋاق ئۇماچ بىلەن قۇرۇق گۈرۈچ شورپىسى ئىچىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھالسىزلىنىپ، ئىككى كۈندىن بۇيان گېلىدىن سۇدىن باشقا بىر تال دان چاغلىق نەرسە ئۆتمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى بولسا مۇشۇ زەي كامېردىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ئۆيىدە، قەدىناس ئايالىنىڭ قولىدا جان تەسەددۇق قىلىشلا ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقى سوراقتا سول بىلىكىگە سالغان ئوكۇلدىن كېيىن، بەدىنىدە بىردىنلا ئۆزگىرىش بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى جانسىز ھالغا كېلىپ، كۆزى تورلىشىپ، تىلى گەپكە كەلمەي قالغان ئىدى.

ئۇ ئەمدىلىكتە ھەممە نەرسىدىن ۋاز كەچكەن، ئۈمىدىنى يوقاتقان بوۋايغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەتلا ئۆلۈم ئىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىنايىتى ۋە مەرھەمىتى كېلىپ، ئەزرائىلنى قېشىغا چاققانراق ئەۋەتىشىنىلا ئويلايتتى. گەرچە پۇت – قولى جانسىز، تىلى گەپكە كەلمىسىمۇ، ئەقلىنى تېخى يوقۇتۇپ قويمىغان بولغاچقا، بۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، پەرۋەردىگارغا مىڭ – مىڭلاپ ھەمدۇسانا ئېيتاتتى. ئۇ، شۇ دەملەردە مۇنداق ئويلاۋاتقان ئىدى: «گەرچە بەدىنىمنى ھەپسىخانىگە سولىغان بىلەن، ئەقلىمنى سولىمايدۇ. ئەقلىم ئۆزۈمنىڭ مەڭگۈ ئىگىدارچىلىقىدا، مۇشۇ ئەقلىملا بولىدىكەن ھەرگىز ئۇلارغا بويۇن ئەگمەيمەن، ئۇلارغا قۇل بولمايمەن. ئويلاشتىن قالمىساملا ئاخىرقى تىنىقىمغىچە ھۆر قالىمەن. گەرچە پۇت – قولۇمدا جان يوق، تىلىم گەپكە كەلمىسىمۇ، ئەقلىم جايىدا، بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا مىڭ مەرتىۋە تەشەككۈر ئېيتىمەن». ئۇ ئەمدى ئىشىكنىڭ روجەكلىرىدىكى يورۇقلۇقتىن كۆزىنى ئۈزۈپ، تورۇستىكى تۈڭلۈككە قارىدى ۋە كۆك ئاسماننىڭ ئالىقاندەك بىر پارچىسىنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى، قەپەسكە سولىنىپ، ئەرز-دادىنى ئاڭلىتالماي تىنىمسىز سايرىغان جان قۇشتەك، يېقىنقى يىللاردا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تەكرار – تەكرار ئەسكە ئالدى. ئۇ، غۇلجىدىن ئايرىلىپ قىزى گۈلتەكىن ۋە ئوغلى ئەرتۇغرۇل بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىنكى ھاياتىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرقانچىسىنى ئەسكە ئېلىپ، كۆز ئالدىدىن سۈرەتتەك بىر – بىرلەپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئەنە شۇ سۈرەتلەرنىڭ بەزىلىرىگە خۇشاللىق، بەختىيارلىق كۈنلەرنىڭ يالدامىلىرى سىزىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرىدە پاجىئەلىك ۋەقەلەرنىڭ كارتىنىلىرى ئەكس ئەتمەكتە ئىدى.

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top