«ھاياتتىن سورا» ناملىق روماندىن ئارىيە
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئەرتىسى تاڭ قۇياشى ئۈستۈمنى يورۇتقان چاغدا يۈزۈمنى دادامنىڭ قەبرىسى ئۈستۈدىن ئېلىپ، ئەتراپقا باقتىم، ئەتراپ قۇشلارنىڭ سايرىشى بىلەن قايناپ كەتكەنىدى. ياپيېشىل چۆپلەرنىڭ ئۈستىنى نېپىز بىر تۇمان پەردىسى ئۆرتكەن ئىدى. مەزكۇر تۇمان پەردىسىنىڭ ئۈستىدە قۇياشنىڭ رەڭلىك چىۋەر نۇرلىرى ئۇششاق چېچەكلەرنى كەشتىلەۋاتاتتى. مەن بويۇنلىرىمنىڭ تېيلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى، تاماقلىرىم قۇرۇپ، قوساقلىرىمنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىن سەزدىم، دەل مۇشۇ پەيتتە يەردە بىر نەرسىنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم. ئىچىمدە – بۇ بىر يەرنى تېشىپ چىققان كىرپە بولۇشى مۇمكىن،- دەپ ئويلىدىم. -ۋە ياكى بىر يىلان، ئىشقىلىپ يەرنىڭ ئاستىدىن چىققان نەرسە، چوقۇم دادامنىڭ تەنلىرىدىن بىر پارچىنى چىشلەپ ئۇزۇپ يەپ، قوسىقى تويغاندىن كېيىن، ساپ ھاۋادىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن يورۇق دۇنياغا چىققان بولۇشى مۇمكىن، – دەپ ئويلاپ، يەردىكى مىدىرلاۋاتقان نەرسىگە پېتىنىم قارالماي، ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، قەبرىدىن سەل نېرىراق يەرگە كەتتىم ۋە ئۈستبېشىمدىكى توپىلارنى قاقتىم. دەل مۇشۇ چاغدا ئۈستۈمدىكى كىيىملىرىمنىڭ يىرتىلىپ، تىتىلىپ كەتكەنلىكنى بايقىدىم. تا بۈگۈنگە قەدەر ئۈستبېشىمغا سەپ سېلىپ قاراپ باقمىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
يالاڭ چاپېنىمنىڭ يەڭلىرىنى تىتىلىپ يىپلىرى چىقىپ قالغانىدى. مۇنداق قارىغان ئادەمنىڭ كۆزىگە ئۈستبېشىم تازنىڭ بېشىنى، ياكى يېڭىلا قىرقىۋەتكەن قوينىڭ دۈمبىسىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى زېھنىم جانلاندۇردۇم ۋە ئۆزۈمدىن ئۆزۈم خىجىل بولدۇم. دېمىسىمۇ مەن مۇشۇ كۈنلەردە تازدەك تارتىنچاق، قويدەك يۇۋاش بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىدىم، ھەتتا يۇۋاشلىقىمدىن ئۆزۈمگە ئۆزۈم قاتتىراق بىر گەپ قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدىم. توساتتىن«قورسىقى ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، قورسىقى توقنىڭ كۆزى ئۈستباشتا» دېگەن، ماقال ئەقلىمگە كەلدى ۋە مېيىغىمدا تەبەسسۇم قىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. گەرچە قورسىقىم ئېچىپ، ئاشقازانلىرىم چاپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر ئىختىيارسىز بۇ ماقالنىڭ زېھنىمدا جانلانغانلىقىدىن خوش بولدۇم. مەن بەجايىكى دادام تارتىۋالغان ئىرادەمنى ئۇنىڭ روھىدىن قايتۇرۋالغاندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىمنىڭ مۇختەشەم ھەيرانلىقى ئىچىدە يەنە يېنىش – يېنىشلاپ ئۈستبېشىمغا بىر قۇر سەپسېلىپ قارىدىم ۋە يىرتىلغان تىزلىرىمنى تۇزەشتۇرۇپ، ئۆرە تۇرغان پېتى كىچىك چاغلىرىمدا دادامدىن ئۆگىنىۋالغان ۋاتىھە سۈرەسىنى يەنە ئوقۇدۇم، ئىككى قولۇمنى پۈتۈن سەمىمىيىتىم بىلەن كۆتۈرۈپ قەبرىگە قاراپ دۇئا قىلدىم ۋە دادامنى قەبرە بېشىدا تۇرغان بىر تۈپ ئالما دەرىخىگە ئامانەت قىلىۋاتقاندەك ئالما دەرىخىنىڭ شۇڭلىرىغا بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم.
ئازراق ماڭا ماڭمايلا يەنە دادامنىڭ قەبرىسى ئاستىدىن چىققان قايسى بىر جانلىقنى يادىمغا ئالدىم. بىز ئىنسانلار يەرنىڭ ئاستىدا قانداق بىر دۇنيانىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما يەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەممە نەرسە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ، پۇراقلىرى بۇرۇنلىرىمىزغا پۇرايدۇ. مانا سەھەردە ئەتراپتىكى چۆپلەرنىڭ پۇرىقى بىلەن گۈل – چېچەكلەرنىڭ ھىدى بۇرنۇمغا ئۇرۇلىۋاتاتىدۇ. يېراقتىكى بۇلاقلارنىڭ بۇلدۇقلاشلىرى قولۇقىمغا ئاڭلىنىۋاتىدۇ. كۆلدىكى پاقىلار بولسا قۇشلاردەك ئاۋاز چىقىرىۋاتىدۇ. ئىچىمدە بىردىنلا مۇشۇ تەبىئەت قوينىدىن ئورۇن ئالغان قەبرىستانلىقنى ئۆزۈمگە ماكان قىلىش ئىستېكى تۇغۇلدى. بۇ پىنھان ماكان شەھەردىن يىراق ئىدى. ۋاراڭ – چۇرۇڭدىن يىراق ئىدى، توپا – توزان، ئىس – تۈتەكتىن ئۇزاقتا ئىدى. ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردە كىشى ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلالايتتى. شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئېسىل ئۆي – سەرەمجانلىرى، گۈزەل بىزەكلىرى، ئېسىل كىيىم – كېچەكلەر، خىلمۇخىل يەيدىغان ۋە ئىچىدىغانلىرى بولسىمۇ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە شۇ نەرسىلەرنىڭ زەنجىرلىرى بىلەن كىشەنلەنگەنىدى. ئۇلارنىڭ روھلىرىدىكى ئەركىنلىك تۇيغۇلىرىنى ئاشۇ نەرسىلەر چەكلەپ تۇراتتى. شۇڭا ئىچىمدە «ئاشۇ شەھەردىكى ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ نەرسىلەرگە قىززىققۇچىلارغا مەنسۇپ بولسۇن، ماڭا پەقەت مۇشۇ بۇكباراخسان دەل – دەرەخلەر ئارىسىغا جايلاشقان قەبرىستانلىق ماكان بولسۇن» دەپ، ئويلۇدۇم ئۆزۈمچە. مەن دەرەخلەر ئارىسىدا قۇشلارنى ئۈركۈتۈپ مېڭىپ، بارغانسېرى دادامنىڭ قەبرىسىدىن يىراقلاشتىم ۋە شەھەرگە تۇتاشقا يولغا ئاز قالغاندا ئىختىيارسىز ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىدىم، يىراقتىن دادامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستۈ، ئۇزۇن ئۆسكەن چۆپلەرنىڭ ئارىسىدا بىر چېكىتتەك كۆرۈندى. دادام ئەنە شۇ بىر چېكىتنىڭ ئاستىدا ئىدى، ئۇ بىر چېكىت مىدىرلىماي جىم تۇراتتى. «دېمەك ئىنسانلار پەقەت ئۆلگەندىلا كائىناتتىكى يەر شارىنىڭ يۈزىدە بىر چېكىتكە ئايلىنىدۇ»دەپ، پىكىر يۈرگۈزدۈم ئىچىمدە. ئۇشبۇ چېكىت بولسا، دەل ئاشۇ قەبرە، ھەر بىر قەبرە يەر شارىدىكى بىر چېكىت. بۇ چىكىت يەر شارى بىلەن تەڭ ئايلىنىدۇ، يەر شارى مەۋجۇتلا بولۇپ تۇرىدىكەن ئۇ چىكىت يوقالماي، ئاشۇ جەسەت كۆمۈلگەن جايدا مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
گەرچە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ئاشۇ چىكىت جايلاشقان قەبرىلەر مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن يوق قىلىۋېتىلگەن تەغدىردىمۇ، مېيىتنىڭ روھى شۇ چىكىتنىڭ جايىدا مەڭگۈ ياشايدۇ. دادامنىڭ روھىمۇ مەن بىر كېچە باش قويۇپ ياتقان قەبرىدە يەنى شۇ چىكىتتە مەڭگۈ ياشايدۇ. ئادەم ئۆلگەندىلا ئەنە شۇنداق مۇتلەق چىكىتكە مۇيەسسەر بولىدۇ. مانا بۇ ھاياتنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ ماھىيىتى. ئادەم ھايات چېغىدا بىر جايدا چىكىتتەك جىم تۇرالمايدۇ، بىر ئۆمۈر ھاياتلىق ئۈچۈن چاپىدۇ، تىركىشىدۇ، ئەمگەك قىلىدۇ، پەقەت ئۆلگەندىلا ئەڭ ئاخىرقى نوقتىغا كېلىپ، چىكىت بولۇپ توختايدۇ. خۇددىي مەيلى ئۇزۇن بولسۇن، مەيلى قىسقا بولسۇن ھامان ئاخىرلىشىدىغان جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا قويۇلغان چىكىتتەك. ئىنسانلار ئۆلگەندە ھەممىسى ماكان ۋە زاماندىن مۇستەسسىنا بىر چىكىت بولغانلىقى ئۈچۈن تەڭ باراۋەرلىككە ئېرىشىدۇ. دېمەك ئۆلۈمدە بىر ھېكمەت بار، بىر چىكىت بار. ھېكمەت ھاياتتا ئەمەس، ئۆلۈمدە. يۇقارقى روھىي بايانلار قەبرىستانلىق يولىدا ھېس قىلغانلىرىمدۇر.