You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (3)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (3)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئاۋغۇست ئايى كىرىش بىلەن تەڭ كورونا ۋېروسى سەۋەبىدىن باشلانغان قامال ھەممە ئادەمنى ئۆيدىن چىقماسلىققا مەجبۇرلىدى. دەسلەپ سىڭلىم ئەتكەن تاماقلىرىدىن ئۆيۈمگە ئەكىرىپ بېرىۋاتاتتى، مانا ئىككى كۈن بولدى ئۆيگە سىڭلىممۇ ئاياغ باسمىدى، ئاياغ تېۋىشى ئىشىك تۈۋىگە يېقىنلاشمىدى، ئىز – قارىسى كۆرۈنمىدى. ئۆيۈمدىكى ئازغىنا قاتتىق قۇرۇق يەيدىغان نەرسىلەر پۈتۈنلەي تۇگىگەنىدى. كۆزۈمنى ئاچا – ئاچماس ئادېتىم بويىچە يەنە ئەتراپقا يەيدىغان بىر نەرسە بارمىدۇ؟ دەپ، قارىدىم، ئۇدۇلۇمدىكى كىچىككىنە ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە چايداندىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى،  قۇپقۇرۇق چايداننىڭ ئاغزى ئۈستەلنىڭ بىر ئۇچۇدا غېرىپسىنىپ تۇراتتى. ئۈستىدە لەيلەپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان توزلار كۆزۈمگە كۆرۈنۈۋاتاتتى.

مەن بۈگۈن مېنى خوشال قىلىدىغان نەرسە يەنىلا ئۆلۈم دەپ ئويلۇدۇم. زاتەن مەن ياشاۋاتقاندا روھىم بىر چىمدىمدىن بىر چىمدىمدىن ئۆلۈپ ماڭغانىدى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى دادام ئۆلتۈرگەن بولسا، بەزىلىرىنى ئۆزۈم ئۆلتۈرگەن، يەنە بەزىلىرىنى ئەتراپىمدىكى ماڭا كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان ئىنسانلار ئۆلتۈرگەنىدى. شۇ ۋەجىدىن ھازىر مەندە ئۆلۈدىغان بىر نەرسە يوق، ئىلكىمدىكى ھەممە نەرسە ئۆلۈك. ئۆيۈمگە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشمۇ ئۆلۈكتەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. مانا ئۆلۈمنىڭ دۇمبىقى قۇلۇمقۇمغا چېلىنىۋاتىدۇ. ئادەم بالىسىنىڭ ئۆلۈشى ئۈچۈن بۈگۈنكىدىن باشقا يەنە ياخشى بىر كۈن بولمىسا كېرەك. بۇنداق بىر ھايات، ياشاشقا ھەقىقەتەن ئەرزىمەيدۇ. بۈگۈن ياكى ئەرتە ھامان ئادەمنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كېلىدۇ. رېئاللىق بۇنداق ئىكەن، ئەتە ئۆلگەن بىلەن بۈگۈن ئۆلگەننىڭ پەرقى يوق.

ئەگەر مېنىڭ پىكرىمنى سورىساڭ ئەتە ئۆلگەندىن بۈگۈن ئۆلگەن ياخشىراق، ھەتتا ھازىرلا ئۆلگەن مىڭ ئەۋزەل. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئەقلىم جايىدا، زېھنىم ئوچۇق، بۇنداق چاغدىكى ئۆلۈم مەن ئۈچۈن بىر توي. ھاياتىمدا بىرەر قېتىم تويۇم بولۇپ باقمىغان. يا ئايالىم بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ بولمىدى، يا خەتنە تويۇم بولمىدى. بولۇمۇ ماڭا ئەڭ ھار كەلگىنى خەتنە تويۇمنىڭ ئازراق بولسىمۇ داغدۇغۇلۇق ئۆتكۇزۇلمىگەنلىكى ئىدى. سەھرادىكى مەندىن بىر ياشلا چوڭ نەۋرە ئاكامنىڭ خەتنە تويى شۇنچىلىك ياخشى، شۇنچىلىك داڭدۇغۇلۇق بولغانىدى. خەتنە تويى قىلىشنىڭ ئۆزى بولسا ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ خاسلىققا ئىگە ئۆرپە – ئادەتلىرىمىزنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن بىرى ئىدى. خەتنە توي بولسا گۈزەللىكنى سۆيۈش، قىلغان ئىشنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەش ۋە ئۇرۇق – تۇغقان، مەھەلە – كوينىڭ جەم بولۇپ، خوشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇشىغا ۋەسىلە بولىدىغان ئەڭ ئېسىل مۇراسىم. ئەمما مېنىڭ مۇراسىمىم ئۆتكۇزىلمىدى، تۆت ئادەمنى چاقىرىپلا، خۇددى يەرگە قاقىدىغان قوزۇقنىڭ ئۇچىنى ئۇچلىغاندەك، بىرنېمەمنى ئۇچلاپ قويدى. بىراق نەۋرە ئاكامنىڭ خەتنە تويى ئۇنداق ئاددى بولمىدى، ئۇنىڭ خەتنە تويى بەك ھەيۋەت ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ دادىسى مىنگەن ئاتنىڭ ئالدىغا مىنىپ، سەھرادىن شەھەردىكى تۇققانلارنى تويغا چاقىرىش ئۈچۈن كەلگەن چاغدىكى تەققى – تۇرقى ئاجايىپ كۆركەم ئىدى.

ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ياسانغانىدى، ئاتمۇ قالتىس ياسىداق ئىدى. ئاق بوز ئاتنىڭ نۇقتىلىرىغا ئېسىلغان قىزىل پۆپۈكلۈك جالالىلار شۇنچىلىك جۇلالىنىپ تۇراتتى. بىر نەۋرە ئاكامنىڭ ئۈستبېشىدىكى يېپ – يېڭى كېيىملىرىمۇ كۆزۈمنى قاماشتۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئالدىغا كىچىك بۇلاپكىلار بىلەن ئېسىلغان رەڭمۇ – رەڭ، چوڭ – كىچىك قولياغلىقلار مەھەللىمىزنىڭ شامىلىدا لەرزان لەپىلدەپ، قىزىرىپ كەتكەن توقاچتەك يۈزلىرىنى سېلىغانىدى. ئاپاممۇ چۆرىلىرىگە رېشىللىيە ئىشلەنگەن بىر ھاۋا رەڭ چىرايلىق قولياغلىقنى كىچىك بۇلاپكا بىلەن مەيدىسىنىڭ بىر يېرىگە «مۇبارەك بولسۇن بالام، يىگىت بولۇشقا جابدۇپسەن» دەپ، ياشى تېلەكلەرنى تېلەپ تۇرۇپ قاداپ قويغانىدى ۋە بەخت تۆكۇلۇپ تۇرىدىغان مەڭزىلىرىگە مېھرىلىك سۆيۈپ قويغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ خەتنە تويىنىڭ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم، ئەمما نەدىكىنى، ئۇنداق ئاتقا مىندۇرۇش بۇياقتا تۇرسۇن، ئاباي دېگىنىمدەك جىمجىتلا بىر تال توخۇمۇ سويماي ئۆتكۇزىۋەتتى. مانا ئەمدى ئۆلۈم تويىنىڭ شېرىن شەربىتىنى ئىچىۋاتىمەن. ئانامنىڭ قوسىقىدىن چۈشۈپ، بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندا، قانداق خوشاللىق يىغىسىنى يىغلىغان بولسام، شۇ دەملەردە ئوخشاشلا خوشاللىق يىغىسىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۆلۈۋاتىمەن.

ئۆلۈشىمنىڭ ئۆزى بولسا، بۇ بەختسىز ئۆمۈردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن – بىر شەرتى بولۇپ قالدى. ھەسرەت بىلەن يۇغۇرۇلغان خوشاللىق بىلەن ئۆلۈشنىڭ ئۆزى بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ئۆمۈرنى كەچۈرگەنلىكىمنى سوراشقا پېتىنغان ھاياتنىڭ نەتىجىسىدۇر. تۇغۇلۇپ بىر مەھەل ئۆتۈپلا دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر كۆزۈمگە ھايات بەخش ئەتكەن ھالەتتە كۆرۈنۈشكە باشلىغان بولسا، ئۆلۇشۇم  بىلەن تەڭ ئەنە شۇ بارلىق ھايات نەرسىلەر بىراقلا ئۆلگەن بولىدۇ. مېنىڭ ئۆلۈمۇم ئەنە شۇ تىرىك شەيئىلەرنىڭ ئۆلۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا مەن ئۈچۈن ھەممىسى بىراقلا ئۆلگەن، ئۆز خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۆلدۈممۇ ھەممە جانلىق ئۆلگەن بولىدۇ، ھەتتا قۇياشمۇ ئۆلگەن بولىدۇ، ئايمۇ ھەم شۇنداق ئۆلگەن بولىدۇ. ھەممە نەرسە مەن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غايىپ بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيا ئۆلگەن، پۈتۈن ئىنسانلار ئۆلگەن، جاھان قاراڭغۇلۇققا پاتقان بولىدۇ.

مېنىڭ ئۆلۈمۈم بولسا، مەن ئۈچۈن پۈتۈن جاھاننى ئۆلتۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ، پۈتۈن ئىنتىقامىمنى ئالىدىغان دەھشەتلىق قورال. ئەمەلىيەت بۇنداق ئىكەن،  ئۆلمەك مەن ئۈچۈن بەخت! ئۇنىڭ ئۈستىگەن ئۆلۈپ تىرىلگەن بىرمۇ ئادەم يوق، ئاخىرەتتىن قايىتقان بىرمۇ تىرىك يوق. ئۆلۈكلەرنىڭ قايتىش يولى  دۆۋە – دۆۋە ئىسكىلىتلار بىلەن توسالغان، قايتىشقا يول يوق، شۇ ۋەجىدىن بۇ رەزىل دۇنياغا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلىغىنىمدا ئىچىمدە مىڭ بۇلاقتىن سۇ ئاقىدۇ. يەنە كېلىپ ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ئاللا بۇرۇن سادىر بولۇپ بولغان بىر ھادىسە. بۇ قېتىمقىسى پەقەت ۋە پەقەتلا جىسمىم ئۈستۈدە يۈز بېرىدىغان بىر خىل مۇقەررەرلىك. ئەسلىدە ۋۇجۇدۇم ئاللىقاچان كاردىن چىققان، بىراق نېمىشقىدۇر تۇغۇلۇشتىنلا كۈچلۈك ۋە بىجىرىپ ئاپىرىدە بولغان ۋۇجۇدۇمنىڭ ئىممۇنۇتكۈچى كۈچلۈك بولغانلىقىدىنمىكىنتاڭ، بەدىنىم تا بۈگۈنگە قەدەر بەرداشلىق بەردى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا مەن باشقىلارغا قارىغاندا يەنىلا مەلۇم جەھەتتىن تەلەيلىك جۇمۇ.

(داۋامى بار)

Copyright 2025 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top