You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (7)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (7)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مانا يىراقتىن ۋەھشى ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى كېلىۋاتىدۇ، سۈكۈناتنى بۇزۇۋاتىدۇ، مەن ھازىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن پو تېرەكتەك كارۋاتنىڭ ئۈستىدە ياتقىنىم بىلەن، ئەمەلىيەتتە مەن  دەل بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك بىر چېكىت، يا بۇياققا تەۋە ئەمەس، يا ئۇياققا. بىردەمدىن كېيىن بۇ چېكىت چوقۇم ئۇياققا تەۋە بولىدۇ، مەن بۇياق بىلەن خوشلىشىمەن. ئاچلىق ئاخىرى مېنى جۈملىنىڭ ئاخىرىدىكى چىكىتنى ئۆچۈرگەن ئۆچۈرگۈچتەك بۇ دۇنيادىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. دۇنيادا ئاچلىقتىن يامان نەرسە بولمىسا كېرەك، قوللىرىمنى شۈمۈگۈم كېلىۋاتىدۇ، لېكىن ئاغزىمنى ھەرىكەت قىلغۇدەك ماغدۇرۇم يوق، ھەمدە جاۋىغايلىرىم قۇرۇپ تاراقشىپ كەتكەن ئۆچكە تېرىسىدەك بولۇپ كەتكىنى نەۋاق. ئوڭدىسىغا ئاچ يېتىپ تۇرۇپ، پۈتۈن بىر ئۆمۈرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشنىڭ قانداق بىر تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟

مېنىڭچە بېشىغا كەلمىگەن ئادەم بىلمەيدۇ. ھەيتاڭەي، ھەرقانچە بولسىمۇ ئاچلىقنىڭ ئازابىنى بىلمەي قالامدۇ؟ مەن ئەنە شۇ ئۆمۈرنى سايەمگە بايان قىلماقچى، ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى پۇراش سېزىمىم بىلەن ئەمەس، بەلكى زېھنىمدا ھېس قىلىۋاتىمەن. ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزەمنى ئىچىۋەتكەن بولسام، ئۆينىڭ ئىچىگە ئاخىرقى يازنىڭ ھاۋاسى كىرگەن بولاتتى. لېكىن يا ئورنۇمدىن تۇرۇشقا مادار يوق،  يا بىر ئامال قىلىپ دېرىزەمنى ئاچقان تاغدىردىمۇ، دېرىزىدىن كىرگەن ساپ ھاۋانى ئىچىمگە تارقۇدەك كۆكرەك قەپىزىمدە بىر ساق ئۆپكەم يوق. ئۆپكەم ئاللىقاچان كاردىن چىققان. مەن بۇ ئىشلارنى ئالدىرماي، زېھنىمنى يىغىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىمەن، مۇبادا سۆزلىيەلمىسەم، زېھنىمدا روھىي بايان قىلىپ بولسىمۇ ئىچىمدىكى تىندۇرمىلارنى پېتىغلايمەن. مەن ئازراق ماغدۇرۇمغا كېلىپ دەرۋازىنى ئاچقان بىلەنمۇ سىرتقا چىقىشقا، بۇسۇغىدىن ئاتلاشقا، كوچىدا يۇرۇشكە رۇخسەت يوق، ھەممە يەر قامالدا.

مەن نېمە ئۈچۈن پاسسىپ نىھىلىزمغا قاراپ ماڭدىم؟ نېمىشكە مىسكىنلىشىپ، بۇنچىلىك تۇگۇشۇپ كەتتىم؟ نېمە ئۈچۈن مەن بەختسىز؟ ئاچلىقتىنمۇ؟ كېسەلدىنمۇ؟ ھاياتنىڭ ئىمكانسىزلىقلىرىدىنمۇ؟ خورلۇقتىنمۇ؟ ھەسرەتتىنمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى كىمدە؟ نەردە؟ ۋاھالەنكى، ھايات مېنى ئەمەس، مەن ھاياتنى ياشىدىم. مەن ياشىغان مەزكۇر ھايات بەختلىك ياشىشىم ئۈچۈن ئازراقمۇ ئىمكان سۇنمىدى. ئۇنداقدا سوئالنى ھاياتتىن سورايمەن.

سۆيگۈسىز، غەم – خورلۇققا مۇيەسسەر بولۇشتىن مەھرۇم قالغان يالغۇزلۇق ئىچىدە سايەمگە كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ماراپ قاراپ سۆلەشكە باشلىدىم. ھاياتتىكى بارلىق دەرد – ئەلەملەرگە چىداپ كەلدىم. لېكىن قوسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىغا زىبىز چىدالمىدىم. باشقىلاردەك يالغاندىن قوساق ئاچ تۇرۇقلۇق ئۆزۈمنى توقتەك ھېس قىلالمايمەن.

بەزىدە بۇ دۇنيادا قوسىقىمنى ئوبدان تائام بىلەن تويدۇرۇشتىن باشقا بىر غېمى يوق ئادەمدەك ياشىدىم. ھەتتا بىر كۈنى بىر ئۆپكە – ھېسىپچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرھال بىر قاچا ئېلىپ يېگىم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يانچۇقۇمدا بىر تىيىننىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەدىمىمنى دەرھال توختاتتىم ۋە ئۆپكە -ھېسىپچى ئۇستامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بىر قاچا بۇيرۇتۇپ، ئىشتىھا بىلەن يېدىم، سۈيىدىن قۇيغۇزۇپ ئىچتىم. ھاۋا سوغۇقتى، ئۆپكە – يېسىپنىڭ شورپىسى ئىچىمنى ئوبدان ئىسسىتقانىدى؛ يېيىشنىغۇ يېدىم، ئەمما يانچۇقۇمدا پۇلۇم يوق. قانداق قىلىشنى بىلمەي بىر لەھزە ئويلۇشۇپ تۇرۇپ قالدىم، ئۆپكە – ھېسىپچى ئۇستام «نەرقىنى بەرمەمسە» دېگەندەك قىلىپ، چەكچەيتكەن كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇراتتى، مەن دەرھال يېپ – يېڭى كۈلرەڭ سارجا شەپكەمنى بېشىمدىن يۇلۇپ ئېلىپ، ئۆپكە – ھېسىپچى ئۇستامنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، ھېچ بىر ئىش بولمىغاندەك ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپلا كېتىپ قالدىم، ئارقامدىن بىرنېمىلەرنى دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، لېكىن ئاغزىمدا ھېلىلا يېگەن ئۆپكە – ھېسىپنىڭ تەمى بولغاچقا، شۇ تەم بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇ ئاۋازلار قۇلۇقىمغا كىرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئارقامغا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدىم. كەچ كۈز بولغاچقا ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بېشىمنىڭ سەل مۇزلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، لېكىن زېھنىم پەرۋا قىلمىدى، قوسۇقۇم توق، زېھنىم يورۇق ئىدى.

ھازىر قوساقنىڭ ئاچلىقىغۇ بىر نۆرى، سۇسىراپ ئاغزىلىرىمنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى ھەممىدىن يامان بولاۋاتاتتى. ئاۋازىمنى چىقىرىپ تۇرۇپ، غەزەپ بىلەن سايەمگە كىنايە سۆزلەرنى قىلغۇم بار ئىدى، بىراق نە چارە، ئېغىزىمنىڭ ئىچىدىكى ھەرىكەتسىز ھالدىكى تىلىمنى پۇراپ قالغان بىر پارچە گۆشتەك ھېس قىلىۋاتىمەن. شۇ دەمدە قۇرىغان دىماقلىرىمغا ئانار سۈيىنى تامچە – تامچە قىلىپ قۇيۇشنى ئويلاۋاتىمەن. گويا جاراھەتلەنگەن يەردىن ۋە ياكى يېڭىلا سويغان قوينىڭ قارنىدىن يۇلۇپ ئالغان قاسساپنىڭ قولىدىكى ئۆپكە – زاسۈيدىن تامچىۋاتقان قىپقىزىل قاندەك، ئانار سۈيىنى ئىچىشنى ئىستەۋاتىمەن. قىپ – قىزىل ئانارنىڭ قارنى شەمشەردەك ئىشتىك پىچاق بىلەن گويا يەر شارىنى ئىككىگە بۆلگەندەك ئوتتۇرىسىدىن بۆلۈپ، ئىچىدىكى ئۇرۇقلارنى يېپىپ تۇرغان نېپىز پەردىلەرنى يىرتىپ تاشلاپ، ئىچىگە مۆكۈنگەن قاتار – قاتار ئۇرۇقلارنى پوستى بىلەن قوشۇپ ئانار سىقىش ماشىنىسىنىڭ پولات باستۇرۇقلىرىنى بىلەن كۈچەپ سىققاندىن كېيىنكى سۈيىنى ئىچكىم كېلىۋاتىدۇ. ئاندىن ئانار سىقىش ماشىنىسىغا چاپلىشىپ قالغان ھېچنېمىسى قالمىغان رەڭگى ئۆڭگەن ئانار شۆپۈكلىرىنى گويا بۇ ھايات مېنى بىر چەتكە كېرەكسىز ئەخلەتنى ئاتقاندەك، كاتەكتەك بۇ ئۆينىڭ دېرىزىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق نۇرلىرىنى تاشلاۋاتقان قۇياشقا قارىتىپ ئاتقىپ كېلىۋاتىدۇ.

ياق قۇياشتا نېمە گۇناھ، بۇ دۇنيادا ئەڭ ئادىل نەرسە قۇياش بىلەن ئۆلۈم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋاقىت. قۇياش ھەممە ئادەم ئۈچۈن بىر، ئۆلۈم ھەممە ئادەم ئۈچۈن بىر مۇقەررەرلىك، ۋاقىتمۇ ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوخشاش، يەنى بىر كۈن ھەممە ئادەم ئۈچۈن 24 سائەت. ئانار شۆپۈكلىرىنى كوچا تەرەپكە ئاتسام دەيمەن. كوچا تەرەپتىن قاننىڭ پۇرىقى كېلىۋاتىدۇ. بۇ پۇراقنى بۇرنۇم پۇراپ ئۆلگۈردى. كۆڭلۈم ئېلىشتى، لېكىن ھۇ.. قىلىشقا ماغدۇرۇپ يوق، ئاغزىمدىن چىققان قانلارنى ئۈستۈمدىكى يوتقانغا سۈرتۈم، سۈرتكەندىمۇ شۇنچىلىك تەستە سۈرتۈم، ئۆزۈمنى بەك بىچارە ھېس قىلدىم، ئەمما كۆزۈمگە ھېچ ياش كەلمىدى، ئۆزۈمگە بولغان ئىچ ئاغرىتىش ھېسياتى مەندە يوق ئىدى، دەل ئەكسىچە مەن خوشال ئىدىم، چۈنكى ئۆلۈم بېشىمدا چۆگىلەپ يۈرۋاتاتتى. ئىچىمدە ئىسسىق بىر شوخاللىق قىمىرلاۋاتىدۇ. بۇ ھېسنى ئەقلىم بىلەن تەستىقلاپ تۇردۇم، بىراق نېمەدېمىگەنبىلەن مەندىمۇ بىر تۇيغۇ بولغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا غېرىپ ھېس قىلدىم. ھاياتتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىمنى ئۇزگەن ئىدىم. ئەسلىدە مەن، بۇ ئۆمۈرنى ئەنە شۇ ئىچىدىكى مەسۇم ئۇرۇقلىرىنى سىقىپ، سۈيىنى چىقىرۋالغاندىن كېيىن كوچىغا پىقىرتىپ چۆرىۋەتكەن ئانار شۆپۈكلىرىغا ئوخشاش قەدىرسىز ياشىغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە مەن ئەنە شۇ شۆپۈكنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقلارنىڭ قاندەك قىزىل شەربىتىنى ئىچىشنى ئارزۇ قىلماقتىمەن. بۇ راستىنلا ئاجايىپ بىر ئىش، ئادەم ئۆلىدىغان چاغدا قاندەك نەرسىلەرنى ئىچكىسى كېلىدىغانلىقىنى ساق چاغلاردا يەتتە ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان بىر ھادىسىدە. ياكى بولمىسا ئۆلۈم قاننى ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟ ياكى قىزىل رەڭنىمۇ؟  ئانامنىڭ قەبرىسىگە تىكلەنگەن تاشقا يېزىلغان سان قىزىل رەڭدە ئىدى.

(داۋامى بار)

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top