You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (8)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (8)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۇلتۇر يىلنىڭ ئاخىرلاشقان مەزگىللىرىدە ئانام تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتكەنىدى. شۇ يىلى قىش كىرىش بىلەن تەڭ قار تازا قاتتىق ياغقانىدى. ئاسماندىن گويا توختىماي تاسقىلىۋاتقان ئەگلەكتىن چۈشىۋاتقان ئۇندەك قار يېغىپلا تۇردى. مەھەللىمىز قارنىڭ ئاستىدا قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كورونا دېگەن بۇ ۋابا ھەممە جاھانغا تېز تارقىلىشقا باشلىغان چاغ بولغاچقا، پۈتۈن شەھەردە نىسپىي قامال يولغا قويۇلغانىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئانامنىڭ مېيىتىنى ئۇزۇتۇشقا، ھاز ئېچىشقا ۋە روھىغا ئاتاپ مەھەللە – كويغا نەزىر بېرىشكە قەتئىي رەۋىشتە يول قويۇلمىدى، پەقەت سىڭلىم كىچىك بىر قازان ئېسىپ ياغ پۇراتتى. بۇ ئىشلارنىمۇ بۇسىنى چىقارماي جىمىدىلا قىلدى. ھەتتا مېيىتىنى پەقەت تۆت ئادەم دەمنە قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇق – تۇققانلاردىن پەقەت سىڭلىملا بار ئىدى، قالغان ئىككىسى ئاساسىي قاتلام كادىرى، يەنە بىرسى بولسا جىنازە ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ئىدى. ئانامنىڭ مېيىتى شەھەردىن ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دادامنىڭ قەبرىسى بار يېزىغا دەمنە قىلغانىدى. قەبرە بېشىنى زىيارەت قىلىشقىمۇ مەھەللە كومىتىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇ سەۋەبتىن ماڭا ئانام ۋاپات بولۇپ ئىككى كۈن ئۆتكەندە قەبرىستانلىققا بېرىشكە رۇخسەت بېرىلدى.

مەن ئانامنىڭ قەبرىسىگە بارغاندا ئالدىمدا پۈتۈنلەي قارنىڭ ئاستىدا قالغان بىر دالا كۆز ئالدىمدا تاشلىنىپ ياتاتتى. كۆزۈمگە ئاسمانمۇ قار، يەرمۇ قاردەك تۇيۇلدى. ئەتراپنى ئىلغا قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. پۈتۈن قەبرىلەر ئاپئاق قارنىڭ ئاستىدا جىمجىت ياتاتتى. بۇلارنىڭ قاتارىدا ئانامنىڭ قەبرىسىمۇ قارنىڭ ئاستىدا قالغانىدى. مەن پەقەت سىڭلىمدىن سورىۋالغان «17» نومۇر قويۇلغان قەبرىسىنى ئىزدىدىم. قاننىڭ رەڭگىدە يېزىلغان «17» نومۇرلۇق تاش قارنىڭ ئاستىدىن ئاران كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مانا بۇ نومۇر ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى كىملىك نومۇرىسى ئىدى. بۇغداي ئۆڭلۈك، كۈلەر يۈزلۈك، ئېگىز بويلۇق، ئورۇق كەلگەن ئانامنىڭ بەدىنى گويا بىر پارچە مۇزدەك تۇرغان «17» نومۇرلۇق تاشنىڭ ئاستىدا ئىدى، ئەنە شۇ سان ئانامنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى خۇلاسلىغان رەقەم ئىدى. مەزكۇر رەقەمنى يېزىشمۇ بەك ئاسان ئىدى، بىر سېزىق بىلەن «1»  ۋە ئىككى سېزىق بىلەن «7»    يازغانىدى. ۋاھالەنكى، مەھەللە كومىتىت كادىرى جەمى ئۈچ سېزىقنى سېزىپلا ئانامنى يەرنىڭ ئاستىغا كۆمۈۋەتكە ۋە ئارقىدىنلا تەبىئەت قار بىلەن ئۈستۈنى چۈنكۈۋەتكەنىدى. ئانام شۇنچىلىك كەڭ قوساق، خۇش – چاقچاقچى ئايال ئىدى. ئۇ ياخشى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، سۆيۈملۈك مۇئەللىمە ئىدى. ئۇنىڭ يۈرىكىدە ھەممىمىزگە يەتكۇدەك سۆيگۈ – مۇھەببەت بار ئىدى ۋە شۇ يۈرەككە ھەرقانداق خاپىلىق سېڭىپ كېتەتتى. لېكىن بىر ئۆمۈر تۇگۇمىگەن بۇنداق چەكسىز خاپىلىققا تۆمۈردۈن سوققان يۈرەك بولسىمۇ چىدىمايدىدە. ئاخىرى ئانامنىڭ يېشى 60 قا يەتكەندە يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالدى ۋە شۇ كېسەلنىڭ سەۋەبىدىن  70 يېشىدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.

ئانام جان ئۈزگەن چاغدا يەنە مەن مۇشۇ تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئىدىم، ئۈستۈمدىكى ئاشۇ بورا – چەڭزىلىرى قېرى كالىنىڭ چىشلىرىدەك ساغىرىپ كەتكەن تورۇسقا قاراپ ياتاتتىم. مېنى بۇ ھاياتتا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان شۇ ئانام ئىدى، ئانامنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مەنمۇ بىراقلا تۇگەشتىم، ئەسلىدىكى مېنى قىيناۋاتقان بۇ سىل كېسىلى مېنى تېخىمۇ ئۆز قوينىغا ئالغانىدى. مەن بۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقىمنى 2004 – يىلى 4 – ئاپرىلدا ئېنىق بىلگەن ئىدىم. ئەنە شۇ مەزگىل مېنىڭ تۈرمىدىن يېڭىلا چىققان چاغلىرىم ئىدى. مەن جىسمانى جەھەتتىن پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتكەن ئىدىم. تەن – سالامەتلىكىم كۈندىن – كۈنگە ناچارلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانتىم. ئۆزۈم ئېگىز، قوللىرىم ئۇزۇن بولغاچقا ئورۇقلىقىم تېخىمۇ بىلىنىپ، يوغان -يوغان ئۇستىخانلىرىم تېرەمنىڭ ئىچىدە شالاقلاپ قالغانىدى. يولدا ماڭسام كۆكرىكىمنى ئىچىگە تارتىپ، ئىككى غولۇمنى چىقىرىپ، ئالدىغا سەل ئىگىلىپ، تۆگىدەك لوكىلداپ ماڭاتتىم. پۇت – قوللىرىمدا  ماڭدۇر يوق، پاچاقلىرىم قۇيغان ئۆپكىدەك ئىششىپ كەتكەنىدى. مۇبادا بىر يىل ئوشۇقراق تۈرمىدە ياتقان بولسام، تىرىكىم ئەمەس، ئۆلۈكۈم چىققان بولاتتى.

كاشكى، شۇ چاغدا سوتچى مېنى ئۈچ يىل ئەمەس، تۆت يىل كەسكەن بولسىچۇ. بۈگۈنكىدەك خارلىقتا قالماس ئىدىم ۋە ئاچلىقنىڭ ئازابىنى، ئانام بىلەن دادامنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرمەس ئىدىم. شۇ چاغدىمۇ ھازىرقىدەك قاتتىق يۆتىلەتتىم، ھەر بىر يۆتەلگەندە، ئىچىمدىن بىر بارچەم سۆكۈلۈپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ئاغزىمغا لىققىدە بەلغەم كېلەتتى. مەن گويا دەسمالنىڭ بىر پارچىسىنى تۈكۈرگەندەك بەلغەم تۈكۈرەتتىم. كۆكرەك سۆڭەكلىرىم بولسا، تىغ تەككەندەك سىقىراپ ئاغرىپ كېتەتتى. بەزىدە ئىككى پاقالچىكىم تەڭلا ئىششىپ، ماڭالماي قالاتتىم. ئىششىغان پۇتۇمنى بارمىقىم بىلەن باسسام، ئىچىگە پېتىپ كېتەتتى. لېكىن مەن تېزراق ئۆلۈشنى ئويلاپ دوختۇرغا بارمىغان ئىدىم. ئانامنىڭ نەچچە قېتىم يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي يۈرىۋەرگەن ئىدىم. بۇ جاھىللىقىمغا چىداپ تۇرالمىغان ئانام بىلەن سىڭلىم ئاخىرى مېنى مەجبۇرى  دوختۇرغا ئاپارماقچى بولدى. سىڭلىم تىببىي مەكتەپنى پۈتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا شىپاخانا ئىچىپ ئىشلەۋاتقانىدى. ئۇنىڭ بەرگەن دورىلىرى، ئۇرغان ئوكۇللىرى ماڭا شىپا بولمىغانىدى. مەن دوختۇرغا بېرشنى رەت قىلدىم. بىراق ئانام ئالدىمغا كېلىپ، ياش تۆكۈپ تۇرۇپ «جېنىم بالام، ماڭا بۇ دۇنيادا بالا ھەسرىتىنى سالمىغىن، سەن كېتىپ قالساڭ مېنىڭ بۇ ئاجىز يۈرىكىم جىدىمايدۇ» دېگەن ئۆتۈنۈشلىرى، مېنى ئىلاجىسىز سىڭلىم بىلەن دوختۇرغا بېرىشقا مەجبۇر قىلغانىدى.

شۇ چاغدا ئاناممۇ بىرگە بارغانىدى. دوختۇر مېنى بىر كۆرۈپلا كېسىلىمنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدى ۋە تەپسىلى تەشۇرگەندىن كېيىن، قان ئالدى، رېنتىگېنگە چۈشۈردى. ئاخىردا بالنىستدا يېتىپ داۋالىنىشىمنى ئېيتتى. لېكىن مەن قەتئىي رەۋىشتە رەت قىلدىم. دادامنى چىقىمدار قىلىشنى ھەرگىز خالىمايتتىم، ھەمدە داداممۇ چىقىمدار بولۇشنى خالىمايتتى. بۇنىسى ماڭا بەش قولدەك ئايانىدى. بىز يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن، بىر يۈرۈش تەشۇرۇش نەتىجىسىنى بىلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كەلدۇق. دوختۇر ماڭا ئۇدۇللا قىلىپ ئەھۋالىمنىڭ ھەقىقەتەتن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆپكەمنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ پۈتۈنلەي قاداق – قاداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئاخىرىدا مەيۇسلەنگەن ھالدا ئۈچ ئايلىق ئۆمرۈمنىڭ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دوختۇرنىڭ ئاغزىدىن تىترەپ چىقىۋاتقان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ناھايىتى ھاياجنالاندىم. بېشىمغا ھامان بىر كۈنى بۇنداق بىر پاجىئەنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. شۇ ۋەجىدىن بۇ خەۋەر ماڭا ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق تۇيۇلمىدى. ھەتتا  دوختۇرنىڭ كېسىلىمگە قويغان دىئاگونۇسىدىن رازى بولدۇم، دوختۇرغا «تەجىربىلىك دوختۇر ئىكەن» دەپ، ئىچىمدە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.

ئاخىرى ئۆلۈمنىڭ قوينىغا كېرىدىغانلىقىمنى ئويلاپ خوشال بولدۇم. بىراق نېمىشقىدۇر بىردىنلا تىرناقلىرىمنى چىشلەشكە باشلىدىم. چىشلەۋەتىپ تىرناقلىرىمنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆردۇم، بارماقلىرىمنىڭ تىرناق ئورۇنلاشقان قىسىملىرى يارا بولۇپ كەتكەنىدى. تىرناقلىرىمنىڭ ئارالىرىدا قارا كىر يوق ئىدى. مېنىڭ تىرنىقىمۇ بولمىغاچقا، ئىچىنىڭ كىرگە تولۇپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى. بىراق تولا چىشلەپ يارا قىلىۋەتكەن ئىدىم. شۇ ۋەجىدىن قاننىڭ تەمىنى ئوبدان بىلەتتىم. ئانام بەزىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ ماڭا باقاتتى. ئارىلاپ – ئارىلاپ مېيىپ ئادەمنىڭ قولىدەك، تىرناقسىز يارا بارماقلىرىمنى، گۆشسىز يۈزلىرمنى سېلاپ – سېلاپ قوياتتى. مانا مۇشۇنداق چاغلاردا، دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەمگە ئايلىنىپ قالاتتىم. زېھنىمدە چەكسىز بىر ھۇزۇر تۇيغۇسى بالقىيتى. دەل شۇ لەھزە بولسا، ھاياتنىڭ ئەڭ مەناغا ئېرىشكەن چاغلىرى ئىدى. مېنىڭ قوللىرىمدىلا ساقايماس يارا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە  روھىمدىمۇ ساقايماس بىر جاراھەت بار ئىدى، بۇنى ھېسلىرىم سېزەتتى، ئەقلىم تەستىقلايتتى. مانا ئەمدى بۇلارغا ئۆپكەمدىكى يارا قوشۇلدى. ئۆپكەمدىكى يارا بولسا، مېنىڭ ئاخىرەتلىك يول خېتىم بولۇپ قالىدىغاندەك قىلاتتى.

(داۋامى بار)

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top