You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (9)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (9)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

يولدا كېتىۋاتاتتىم، يېڭى ھاياتنىڭ بىرىجى كۈنى. بەدىنىمنىڭ  سايىسى سايىۋەندەك يولغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۆتكەن يىلدىن قالغان چىرىگەن يوپۇرماقلارنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ مېڭىۋاتاتتىم. كۆزۈمنى يەردىن ئېلىپ، ئاسمانغا قارىدىم، ئاسماندىكى بۇلۇتلار گويا ئۆپكەمدىكى داغلاردەك، ئاسمان بولسا بەجايىكى ئۆپكەمدەك كۆرۈننۈپ كەتتى. مەن كۆزۈمنى ئاسماندىن ئۇزۇپ يېنىمدا جىمجىت كېتىۋاتقان ئانام بىلەن سىڭلىمغا قاراتتىم. جىمجىتلىق ئادەمنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرىشىگە ياردەمچى بولىدىكەن. دەرۋەقە، «ئەقىلنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى ئۇيقۇ، جىمجىتلىق ۋە يالغۇزلۇق» دېگەن سۆزلەرنى  بىر زامانلار بىر كىتابتىن ئوقۇغان ئېسىمدە. بىراق مەن بۇ قاراشقا گۇمان نەزىرىم بىلەن قارايمەن.

بۇ دۇنيادا مەندەك كۆپ ئۇخلىغان، مەندەك جىمجىت يۈرگەن، مەندەك يالغۇز ياشىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. ئانامنىڭ ۋە سىڭلىمنىڭ يۈزى سولغۇنىدى، ئاچچىقلىنىش، ئۆكۈنۈش ئىپادىلىرى بىلىنىپ تۇراتتى. چۈنكى مەن داۋالىنىش قەتئىي رەۋىشتە رەت قىلغانىدىم. مېنىڭ ھاياتقا بولغان قېيداشلىرىمدىن پەيدا بولغان ئاچچىقلىنىش تۇيغۇلىرىم قارداپ كەتكەن يۈزۈمدە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. روھىم چىرايىمغا سىڭىپ كەتكەنىدى. ئانام بىلەن سىڭلىمنىڭ ھالىغا قاراپ يۈرىكىم بۇلبۇل قونغان ئۈرۈك سىۋىقىدەك تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. قوسۇقۇمنىڭ ئاچقانلىقىنىمۇ سەزدىم. ئىشتىھام بەك ياخشى ئىدى.

ئالدىمغا كەلگەن ھەرقانداق نەرسىنى پوش دېمەي يالماپ يۇتاتتىم. ھەيتاڭەي، مۇشۇ تاماققا بولغان مايىللىقىم مېنى ئۆلۈمنىڭ يولىدىن توراپ قىلىشى مۇمكىن دەپ ئاجايىپ بىر خىيالنىمۇ زېھنىمدىن تاسقاپ ئۆتكۈزدۈم. سىڭلىم«جۇرۇڭلار! ئاشخانىغا كېرىپ تاماق يەيلى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا«جۇرۇڭلار! قىزىل بايراق رەسىمخانىسىغا كېرىپ خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشۇپ قويايلى» دېدى. سىڭلىمنىڭ زېھنىدە مېنىڭ ئۆلۈمۈم جانلانغانلىقىنى سەزدىم. ئاناممۇ سىڭلىمنىڭ تەھلىپىگە دەرھال قوشۇلدى. ئۇلار مېنىڭ پىكرىمنى، قوسۇقۇمنىڭ ئاچقان ئاچمىغانلىقىنى سوراپ ئولتۇرمايلا قىزىل بايراق رەسىمخانىسىنىڭ يولىنى تۇتتى. مەن رەسىمگە چۈشۇشنى ياخشى كۆرمىسەممۇ، بىراق بۇ رەسىمخانىنىڭ ئورنىنى ئوبدان بىلەتتىم. ھەتتا بىر قېتىم رەسىمگە چۈشىدىغان بىر قېياپەت بىلەن ئىچىگە كىرىپ ئايلىنىپمۇ چىققان ئىدىم.

مەزكۇر رەسىمخانا بۇ شەھەردىكى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەڭ چوڭ رەسىمخانا ئىدى. ئانام ئۈچ بالىنى تۇغۇپ، ئۈچىلىسى ئالتە ئايلىق بولغاندا مۇشۇ رەسىمخانىغا ئەكىلىپ رەسىمگە چۈشۇرگەن ئىكەن. بولۇپمۇ مېنىڭ ئالتە ئايلىق ۋاقتىمدا مۇشۇ رەسىمخانىدا چۈشكەن رەسىمىم شۇنچىلىك چىرايلىق، شۇنچىلىك پوكۇس، شۇنچىلىك ئىستېتىك قىممەتكە ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە رەسىم ئىدى. مەن بۇ رەسىمگە ئاكامدەك جىددىيلەشكەن قىياپەتتتە ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئەركىن – ئازادە كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشكەن ئىدىم. ئاكامنىڭ كۆزلىرى چىراغنىڭ نۇرىدا پىلجىكتوردەك پاقىراپ كەتكەن بولسا، مېنىڭ كۆزلىرىم گويا كۈلكىلىك بىر نەرسىنى كۆرۈپ كۈلگىسى كەلگەن ئادەمدەك، كۈلكىگە تولغان كۆزلىرىم سەل يۇمۇلغان قىياپەتتە ئىدى. ئاكامنىڭ ئالتە ئايلىق چاغلىرىدىكى  يۈزلىرى گۆشسىز ئاۋاق بولسا، مېنىڭ يۈزلىرىم گۆشلۈك، ئاپئاق ئىدى. مېنىڭ ئۈستبېشىمدىكى كېيىم – كېچەكلىرىم ئاكامنىڭكىگە ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. بولۇپمۇ ھەر ئىككىلىمىزنىڭ بېشىدىكى قۇش پېيى قادالغان ئاق پاناما دوپپا شۇنچىلىك سۈپەتلىك ۋە يارىمشىلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاپام بۇ دوپپىنى ئۆز قولى بىلەن تىككەن ئىكەن. زاتەن ئاپام بىزنىڭ كىچىك چاغلىرىمىزدىكى كېيىملىرىمىزنى ئۆيىمىزدىكى كېيىم تىكىش ماشىنىسى بىلەن ئۆزى تىكىپ، كىيگۇزەتتى.

بوينۇمغا قادالغان رېشىللىيە ئىشلەنگەن ئاپئاق شالدامىمۇ قاراكۆك چاپىنىمغا چۇنچىلىك ياراشقانىدى. كىچىك ئوماق قوللۇرۇم بولسا، رەسىمخانىنىڭ بامبۇكتىن ياسالغان ئورۇندۇقىنىڭ ئالدىدىكى تۇتقۇچىنى ئاكامدەك چىڭڭىدەك تۇتىۋالغان ھالەتتە ئەمەس، بەلكى گويا شۇ ئورۇنداققا يۆلۇنۇپ تۇرۇپ بىرسى بىلەن ئەركىن سۆزلىشىۋاتقان ئادەمدەك، تۇتقۇشنىڭ ئۈستىگە ئازادەك قويۇقلۇق تۇراتتى. بامۇك ئورۇندۇقنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان چاغدىكى چىراي شەكلىم ئاكامنىڭكىدەك بىر نەرسىدىن ئۈركۈپ كەتكەندەك ئەمەس، ئەكسىنچە ناھايىتى تونۇش بىرسىنى يېراقتىن كۆرۈپ، خوشال بولغان بىرسىدەك شۇنچىلىك تەبەسۇمغا تولغان ھالەتتە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھەتتا جىلىتتەك نېپىز لەۋلىرىم ئىچىلغان ھالدا ئىدى. ئومۇمەن مەن شۇنچىلىك بەختلىك ئىدىم، ھەر قېتىم شۇ رەسىمنى كۆرگىنىمدە، مەڭگۈ چوڭ بولماي شۇ ئالتە ئايلىق ۋاقتىمدىكىدەك تۇرغان بولسامچۇ دەپ، ئويلاپ كېتىمەن. بالىلىقنىڭ گۈزەل چاغلىرىنىڭ پەيزىنى خىيال دۇنيارىمدا سۈرۈپ، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن رەسىمگە قاراپ ئىچىمگە تولغان ھۇزۇرلۇق تۇيغۇسىنىڭ ئۇزۇنغىچە يوقالماي تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

بىز ئەنە شۇ ئالتە ئايلىق ۋاقتىمدا رەسىمگە چۈشكەن قىزىل بايراق رەسىمخانىسىغا كىرىپ  رەسىمگە چۈشتۇق. مەن باشتا ئانام بىلەن بىر پارچە ئولتۇرۇپ چۈشتۇم، ئاندىن كېيىن سىڭلىم بىلەن ئۆرە تۇرۇپ چۈشتۇم. مەن چاپىنىمنى سېلىۋېتىپ، ئىچىمدىكى بىغىررەڭ قارا يولى بار پوپايكام بىلەن چۈشكەن يادىمدا بار. سىڭلىم رەسىمخانىدىن چىققاندا ماڭا قاراپ تۇرۇپ«بۇ رەسىملەردىن بىر پارچىسىنى ئاكامغا ئەۋەتىپ بېرەيلى» دېدى. ئانام دەرھال كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ «ھە،شۇنداق قىلايلى، ئاكاڭلار بىزنى كۆرۈپ كىچىككىنە بولسىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ» دېدى. ئارقىندىن سۆزىگە ئۇلاپ «ئۇ ساقام بولسىمۇ خاتىرجەم ياشىسۇن، يىراق ئەللەردە غېرىپلىقنىڭ ھەسرىتىنى تارتىپ، نېمە كۈنلەرنى كۆرۋاتىدىكىن مېنىڭ كۆيۈمچان بالام» دەپ، تۇمۇرلىرى كۆپۈپ قالغان، گۆشسىز قوللىرىنىڭ دۇمبىسى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتۈپ قويغانىدى.

(داۋامى بار)

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top