You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (10)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (10)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەن ئۆلىدىغىنىم بىلگەن ئاشۇ كۈنى ئانامغا قارىدىم، ئانامنىڭ قولىدا دەسمال تۇراتتى، دەسمالغا كىر پىشىپ قالغانىدى. تولا سۈرتۈپ، تولا سىقىپ ھالى قالمىغاچقا چۆرىلىرى يىرتىلىپ، تىتىلىپ كەتكەنىدى، مەن تۇرۇپلا ئۆزۈمنى ئانام تۇتۇپ تۇرغان دەسمال ئوخشاتقىم كېلىپ قالدى، مەنمۇ بۇ ھاياتنىڭ كىرلىرىغا پىشىپ قالغان ئىدىم، روھىمدىكى كىرلەرنى ھەرقانچە قىلىپمى پاك – پاكىز يۇيىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ ھاياتنىڭ سىقىشلىرىدىن، مىجىشلىرىدىن ماجالىم قالمىغانىدى. روھىمدا كىر، جىسمىمنى كېسەل چىرمىۋالغانىدى.  -ئۆپكەمنىڭ چۆرىلىرى بەلكى ئانامنىڭ قولىدىكى دەسمالدەك تىتىلىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن،- دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە. ۋە يەنە قاتتىق يۆتەلدىم، يۆتەلگەندىمۇ شۇنداق قاتتىق يۆتەلدىمدىكى ئۆپكەمنىڭ ئۇچلىرى تىتىلىپ، ئاغزىمدىن پارچە – پارچە قان ئارىلاش سۇيۇقلۇق فۇنتاندەك ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك قېقىلىپ كەتتىم، كۆڭلۈم ئېلىشىپ قۇسقۇم كېلىپ كەتتى. مەيدەم بولسا كۆكرەك قەپىزىمگە پېتىپ كەتكەنىدى. ئانام قولىدىكى دەسمالنى پاكىز سۇ بىلەن چايقاپ سىقتى، ئوچاقنىڭ ئۈستىنى يەنە سۈرتتى، سۈرتتى، سۈرتتى. يەنە سۇدا چايقاپ سىقتى.  ئىچىم ئېلىشىپ تالاغا چىقىپ كەتتىم ۋە قۇستۇم، ئاغزىمدىن راستىنلا قان ئارىلاش سۇيۇقلۇق كەلگەنىدى. ئويلىرىم، ئوخشۇتىشلىرىم رېئاللىققا ئايلانغانىدى.

رېئاللىق ئالدىدا كۈلگۈم كەلدى، ئۆلۈمنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ كۈلدۈم، قورقمىدىم، ئەكسىنچە ئويلىرىمنىڭ ئەمەللىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىغا قاراپ خوشال بولدۇم. بىر قېتىم بولسىمۇ تەسەۋۋۇرۇمنىڭ توغرا چىققانلىقىدىن رازى بولدۇم، ئويلىرىمغا تەشەككۇر ئەتتىم. ئاغزىمنى سۈرتۈم ۋە ھۇجرامغا ئۇدۇل كېرىپ ياتتىم. شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم، بىراق بىر نەچچە كۈن ئۆتە – ئۆتمەيلا ئاشۇ قىلىشقا زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قىلىشقا قادىر ئەمەسلىكىم تونۇپ يېتىپ، ناھايىتى قاتتىق ئىزدىراپ چەكتىم، ئۆكۈندۈم، ئۆزۈمنىڭ كۈچسىز، چارىسىز، ئاجىس بىرسى ئىكەنلىكىمگە ئىشەندىم ۋە بۇ ئۆلۈمنىنىڭ ئامال بار تېزراق ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دوختۇر بەرگەن دورىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىچمەي ئەكسىنچە كېسىلىمنى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھاراقنى كۈندە ئىچىشكە باشلىدىم، ئەنە شۇ چاغلاردا ئارقا – ئارقىدىن ئىچكەن ھاراقنىڭ دەستىدىن ھاراققا خۇمار بولغان بىر ھاراقكەشكە ئايلاندىم.

ئەمدى مەن كۈندە مەس، كۈندە ئۆلۈپ تىرىلىدىغان بىرسىگە ئايلانغان ئىدىم. ھەر كۈن ئۆلەتتىم، سەھەردە يەنە تىرىلەتتىم. بارا – بارا گۆرگە يېقىنلىشىۋاتاتتىم. يانچۇقۇمغا پۇل چۈشكەن ھامان قاۋاققا يۈگرەيتتىم. مانا بۇ ھاراقكەشلىك، ھاراققا كۆنۈپ قالغانلىقىم ئاخىرى بېرىپ مېنىڭ تەغدىرىمنى بەلگىلىدى، گەرچە دوختۇر «ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆلۈدۇ» دېگەن مەندەك بىر بىمار ئۆلمىگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىتنىڭ ئۆلۈكىدىنمۇ قەدىرسىز بىر ھاياتنى كەچۈرۋاتاتتىم. دەمەك مېنىڭ ھاراق بولغان خۇمارىم بىر ئىتنىڭ تەغدىرىنى ماڭا لايىق كۆرگەنىدى. دەرۋەقە، بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۆلۈپ تىرىلىشىم ئىدى. مەن ئۆز تەغدىرىمنى تاللىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەسلىدە ھاراققا بولغان خۇمارنى تاللىغان ئىدىم.

(داۋامى بار)

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top