«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (11)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
تارىخ ئېڭىمنى كۆرۈپ يېزىشقا قادىر ئەمەس، پەقەت مەن ئۆزۈملا بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىشىم كېرەك، روھۇمدىكى ھايات ھېكايىلىرىمنى، بەختسىز بىر ئۆمرۈمنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىشقا قاادىر مۇشۇ دەقىقىلەرنى قولدىن بەرمەسلىكىم لازىم. بەلكى بۇ مېنىڭ بۇ ھاياتتا قىلغان بىردىن – بىر ياخشى ئىشىم بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. مۇشۇ سەۋەبتىن سەكرات ئالدىدىكى ئوي – پىكىرلىرىمنى روھىي بايان قىلىش ئارقىلىق ئىزھار قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ھەتتا بەزىدە ئۇنۇمنى تىشىغا چىقىرىپ، كارۋاتنىڭ يېنىغا سايە تاشلاپ تۇرغان ئۇزۇن يېرىمجان گەۋدەمگە خىتاپ قىلىپ تۇرۇپ، بايان قىلىشىقىمۇ ئۇرۇنىۋاتىمەن،
مۇشۇنداق قىلغان چېغىمدا، قىلغان سۆزلىرىمنىڭ بىرئاز بولسىمۇ تەسىر كۈچۈنى يۇقۇرى كۆتۈرەلەيمەن دەپ ئويلاۋاتىمەن. مانا ھېلىتىنلا ئوي – پىكىرلىرىمنى ئىپادىلىمەكچى بولغان سۆزلەرنى تېپىشتا قىيلىنىۋاتىمەن ۋە يەنە ئاران تاپقان شۇ سۆزلەرنى سايەمگە قاراپ ئېيتتاي دېسەم قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىمگە چاپلىشىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەنىلا روھۇمدا بايان قىلسام ئاسان بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمەن. ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىققان قاتار – قاتار، دانە – دانە تىزىلغان سۆزلەر چىشلىرىم بىلەن لەۋلىرىم ئاراسىغا قىسىلىپ قىلىۋاتىدۇ، سايەم مىدىرلىماي ياتىدۇ، گەۋدەممۇ ھەم شۇنداق، پەقەت ھەرىكەت قىلىۋاتقىنى ئەقلىم بىلەن روھۇم. ھەقىقىي بىر روھىي بايان چوقۇم رېئال بولۇشى كېرەك.
رېئال ھاياتنى ھېچقانداق پەردەزلىمەي، قورقماي ئىپادىلەش كېرەك. روھتىكى باياننى كۈزىتىدىغان ئادەم يوق، ئاڭلايدىغان ئادەم يوق، پەقەت ئۆزۈڭدىن باشقىسى بىلمەيدىغان بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتتەن ئادەمنىڭ ئوي – پىكىرلىرىنى دادىللىق بىلەن ئىپادىلىۋېلىشقا يارايدىغان ئاجايىپ قۇدرەتلىك قورال، ئۇنىڭ قۇدرىتى خۇددىي دېڭىزنى ئىككىگە بۆلگەن ھەزرىتى مۇسانىڭ سېھىرلىك ھاسىسىدىنمۇ بەتەر. بىراق روھىي بايان بولغاندىكىن ئىپادىلىمەكچى بولغان سۆزلەرنى ئامالىمنىڭ بارىچە ياخشى تاللاشقا تىرىشىمەن. گەرچە ۋاقتىم قىس بولسىمۇ روھىي بايان ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز بايان قىلىش ئۇسۇلىدۇر، ئۇننىڭ تېزلىكىگە ھەرقانداق نەرسىنىڭ سۈرئىتى يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا مەن ئېڭىمدا ئەڭ مۇكەممەل جۈملىلەرنى قۇرۇشقا تىرىشىمەن. ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چىققان ۋە ياكى زېھنىدىن كەچكەن ھەربىر جۈملىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن مېنىڭ ئەقلىمدىن كەچكەن جۈملىلەرنىڭ بىر قىسمىنى بۇرۇن باشقىلار دېگەن جۈملىلەر. مەن ئۆزۈمنىڭ كەچمىشىنىڭ بايانىنى ئىپادىلەشتە شۇ جۈملىلەرگە مۇراجەت قىلغان يەرلىرىم ئاز ئەمەس.
ئۇنۇتماق نېمە دېگەن تەس بىر ئىس ھە! ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەڭ بەختىيار چاغلىرىنى ۋە ئەڭ ئازابلىق مەزگىللىرىنى ئۇنۇتىمەن دەپ، ئۇنۇتالمايدىغانلىقىنى بىر ئۆمۈر روھىمدا ھېس قىلىپ ياشىدىم. دەرۋەقە، كەچمىشىمنىڭ سايىسى بەك ئۇزۇن بولغانلىقىدىن، ھېچ بىر ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلىيالمىدىم. مېنىڭ ئۆمرۈم بىر ھېكايە، دادامنىڭمۇ ھەم شۇنداق. ھەممە ئادەمنىڭ بىر ھېكايىسى بولىدۇ. مەھەللىمىزدىكى ناۋاي ئۇستامنىڭمۇ بىر ھېكايىسى بار، ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان قوشنىمىزنىڭمۇ بىر ھېكايىسى بار، ماۋزېدوڭنىڭ رەسىمى ئېسىلغان كىچىك دۇكاندا ئولتۇرۇپ شىمىشكە- پۇچاق ۋە موخۇركا ساتىدىغان دۇكاندارنىڭمۇ بىر ھېكايىسى بار ئىدى. ھە راس، ئۇدۇل قوشنىمىز ھاۋاخان موماي ۋاپات بولغان چاغدا كېسىۋېتىلگەن قارىياغاچمۇ ئاجايىپ بىر ھېكايىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. دەرۋەقە، سوقۇشقاق غوراز بىلەن تاز مېكىياننىڭمۇ ئاجايىپ بىر سەرگۈزەشتىلىرى بار. ھەتتا مەن قۇيرۇقىنى كېسىۋەتكەن ھېلىقى چىرايلىق ئېشەكنىڭمۇ بىر ھېكايىسى بار. توۋا ئاجايىپ بىر ئىش بولغانتى ھە! شۇ چاغلاردا. چۈمۈلىنى ئۆلتۈرۈشكە كۆزۈم قىيمىغىنى بىلەن، ھېچ ئىككىلەنمەي ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىۋەتكەن ئىدىم. دەمەك مەنمۇ بالىلىق چاغلىرىمدا كەپسىزلىكلەرنى ئاز قىلماپتىكەنمەن.
……………………….
(داۋامى بار)