تىراگېدىيەلىك مۇھەببەت

ھەبىبۇللا ئابلىمىت
تارىخنىڭ سۈكۈت ئىچىدە قالغان بەتلىرىدە بەزى ۋىدا مەكتۇپلىرى باركى، ئۇلارنىڭ ھەر بىر جۈملىسى ئادەمنىڭ قەلبىگە سانجىلغان سۈزۈك بىر خەنجەرگە ئوخشايدۇ. شۇنداق مەكتۇپلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ نازۇك، ئەمما ۋەزىنىي ئەڭ ئېغىرلىرىدىن بىرى، ئەنگىلىيە مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامى ۋىرجىنىيا ۋولفنىڭ يولدىشى لېئونارد ۋولفقا يازغان ۋىدا مەكتۇبىدۇر.
ۋىرگىنىيا ۋولف — پەقەتلا بىر يازغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆز زېھنىنىڭ چەكسىز دۇنياسىدا يالغۇز سەيلى قىلىدىغان بىر روھ ئىدى.
ئۇ «بىلىنچ ئاقىمى» دەپ ئاتالغان ئەدەبى ئۇسلۇپ ئارقىلىق، ئىنساننىڭ ئىچكى ئاۋازىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە پىكىرلىرىنى تەرتىپسىز، تەبىئىي ھالدا، سۈزۈك ۋە بوشاشمايدىغان جۈملىلەر بىلەن بىزگە ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ قەھرىمانلىرى ۋاقىتنىڭ قاپسىلىپ قالغان بىر پەيتىدە ئەمەس، بەلكى پىكىر بىلەن ھېسسىياتنىڭ ئېقىمىدا ياشايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ رومانلىرىدا ۋاقىت سوزۇلىدۇ، ئەسلىمىلەر ھازىرقى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ، روھ بولسا سۈكۈتتە سۆزلەيدۇ ۋە يەنە ئىدراك، ۋاقىت ۋە شەخس ئىددىيەلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىدۇ. مانا بۇ ئېسىل رومانلار 20-ئەسىردىكى زامانىۋىي بايانچىلىققا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئەمما بۇ ئىجادىيەتنىڭ ئارقىسىدا، سۈكۈتسىز بىر بوران ياتاتتى. ئۇنىڭ زېھنىدە پەسىل-پەسىل قوزغىلىدىغان قاراڭغۇ دولقۇنلار، ئۇنى ئاستا-ئاستا ئىچىدىن يىمىرىۋاتاتتى.
بۈگۈن بىز «ئىككى قۇتۇپلىق روھىي كېسەللىك» دەپ ئاتايدىغان بۇ ھالەت، ئۇنىڭ ھاياتىنى بىر قېتىم نۇرغا، بىر قېتىم قاراڭغۇغا تولدۇرىدىغان بىر سىناق ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا بولسا، 29 يىل بويىچە سۈكۈتسىز بىر قەلەدەك تۇرغان بىر ئادەم بار ئىدى — لېئونارد. ئۇ پەقەت ۋىرجىنىيانىڭ يولدىشىلا ئەمەس، بەلكى بىر قوغدىغۇچىسى، بىر سەۋر ئىگىسى، بىر سۈكۈتتىكى قەھرىمان ئىدى. ۋىرجىنىيا يېزىشنى داۋاملاشتۇرسۇن دەپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۇنىڭ روھىي جەڭلىرىگە سەپەر قىلدى. ئۇنىڭ ھەر بىر جۈملىسىنىڭ ئارقىسىدا، لېئوناردنىڭ سۈكۈتتىكى قوللىشى بار ئىدى. بىراق، بەزى مۇھەببەتلەر باركى، ئۇلار قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ يېتىشەلمەيدۇ.
1941-يىلى 28-مارت سەھەردە، ۋىرجىنىيا كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى ئاۋازلارنىڭ يەنە غەلبە قىلىدىغانلىقىنى سەزدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ قەلبىدە ئەڭ ئېغىر بىر ھېسنى تۇيدى: ئۆزىنىڭ سۆيگەن ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىش كېرەكلىكىنى.
ئۇنىڭ قالدۇرغان خېتىدە مۇنداق جۈملە بار ئىدى:
«ساڭا بۇ دۇنيادا ھېچكىمنىڭ بىزدەك بەختلىك بولالمىغانلىقىنى ئېيتماقچىمەن… بىلىمەن، مەن سېنىڭ ھاياتىڭنى ۋەيران قىلىۋاتىمەن… ئەگەر مېنى بىرەرسى قۇتقۇزالايدىغان بولسا، ئۇ چوقۇم سەن بولاتتىڭ.»
بۇ جۈملىلەر، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەمما ئەڭ ئېغىر ئىقرارىدۇر.
ئۇ خېتىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، سۈكۈتتە دەريا قىرغىقىغا باردى. يانچۇقلىرىنى تاش بىلەن تولدۇرۇپ، سوغۇق سۇغا قاراپ ئاستا مېڭىپ كەتتى. شۇ پەيتتە سۇ پەقەت بىر جىسمىنىلا ئەمەس، بەلكى 29 يىللىق مۇھەببەت، ساداقەت، سەۋر ۋە سۈكۈتنىمۇ ئۆزىگە قوبۇل قىلدى. ئۇ كۈنى، پەقەت بىر يازغۇچىلا ئەمەس، بەلكى بىر مۇھەببەتنىڭ پۈتۈن ھېكايىسى دەريا ئاستىغا چۆكۈپ كەتتى.
ۋىرجىنىيا ۋولفنىڭ ھاياتى بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، بەزىدە مۇھەببەت دېگەن نەرسە بىر ئادەمنى ساقلاپ قېلىش، قۇتقۇزۇش ياكى ئۆزىڭىزگە باغلاپ قويۇش ئەمەس؛ بەلكى ئۇ ئادەم ئۈچۈن ياخشى بولسا، ئۇنى قويۇپ بېرىشنىمۇ، ھىجران يولىنى تالالشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ دەل بۇ ھاياتتىكى تىراگېدىيەلىك ئاشىقتۇر!
شەخسىي ھېسسىياتىمدا، ۋىرجىنىيا ۋولف مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، تىلنىڭ پەقەت بايان قىلىش قورالى ئەمەس، بەلكى روھنى يەتكۈزۈش كۈچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ “دولقۇنلار” ناملىق رومانى، مەندە ھەر قېتىم يېڭى بىر سەزگۈنى ئويغېتىدۇ. بىر ئىشلاردىن نارازى بولۇپ، كۆڭلۈم پراكەندە، زېھنىم چىچىلغان چاغلاردا ئەنە شۇ “دولقۇنلار” ناملىق رومانىنى قولۇمغا ئېلىپ، ھەربىر بەتلىرىگە قاتار-قاتار تىزىلغان گۈزەل جۈملىلەردىن ئاجايىپ بىر زوق ئېلىپ، پاراغەت بېغېدىن بىرتال گۈلنى ئېلىپ قەلبىمگە تاقىغاندەك بولىمەن. بەلكىم، ھەقىقىي ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىمۇ شۇنداق بولسا كېرەك: ئۇ بىزنى يىقىلغان يەرلىرىمىزدىن ئاستا كۆتۈرۈپ، سۈكۈتتە بىزگە ھەمراھ بولىدۇ.
03.05.2026