You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (12)

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (12)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بالىلىق چاغلىرىمنىڭ بىر كۈنى ئۇدۇل قوشنىمىزنىڭ چوڭ قىزىنىڭ تويى بولغانىدى. ئوغۇل تەرەپتىن مال تاپشۇرۇشقا كەلگەن ھارۋىلار ئىچىدە ئاجايىپ چىرايلىق بىر ھارۋا بار ئىدى. بۇ ھارۋىنى گۈزەل قىلغان ئۇنىڭغا قېتىلغان ئېشەكنىڭ گۈزەللىكى ئىدى. گۈزەل بولغاندىمۇ شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى، بويلىرى ئېگىز، پۇتلىرى ئىنچىكە، تۇياقلىرى سېلىق، قوڭۇررەڭ تۇكلىرى كەھرىۋادەك پاقىراپ تۇرىدىغان، ئېگەر -جاپدۇقلىرى سۆلەتلىك، نوقتىلىرىغا قادالغان قىزىل پۆپۈكلۈك جالالار چېچىلىپ تۇرىدىغان، ئېسىلغان مىس قوڭغۇراقلار جاراڭلاپ تۇرىدىغان، ھەممە ئادەمنى تويدا ياسانغان قىزدەك ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان بىر ئېشەك ئىدى. بەزەن – بەزەن قويۇق يالىسىنى سىلكىپ – سىلكىپ قوياتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يەرگە يەتكەن قۇيرۇقى ئاجايىپ چىرايلىق ئىدى. قىللىرى تال – تال، رەڭگى ۋال – ۋال ئىدى. مەن ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىغا بىر قاراپلا ئىچىمگە بىر شەيتان كىردى. ئاشۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسكە سېلىشى بىلەن، ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىپ، تەپكۈچ ياساش ئىستېكى قەلبىمنى چۇلغىلۋالدى. ئەنە شۇ ئارزۇنىڭ ۋەسۋېسى بىلەن، پەملەپ تۇرۇپ، كوچىدا ئادەم يوق  پەيتتىن ئۇستۇلۇق بىلەن پايدىلىنىپ، قايچا بىلەن ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىنى كېسىشكە كىرىشتىم. يۈرىكىم قورققانلىقىمدىن جىغىلداپ، پوكۇلداپ قەپىزىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇۋاتاتتى. ئۇدۇل قوشنىمىزنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان قورادا ئولتۇرىدىغان خەنزۇلارنىڭ چوشقا ئېغىلىدىن شۇنچىلىك بىر سېسىق پۇراق كېلىپ بۇرنۇمنى قېچىشتۇرۋاتاتتى. مەن تېخى قۇيرۇقنى تۇتقان چېغىمدا ئېشەك ئوسۇرۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدىم. بىراق بىردىنلا بۇ سېسىق پۇراقنىڭ تونۇش پۇراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇرۇنقى گۇمانىمدىن دەرھال ۋاز كەچتىم، ھەم ئەقلىمدىن «بۇنچىلىك چىرايلىق ئېشەك ئوسۇرامتى» دېگەن ئويلار كەچكەنىدى. ئېشەكنىڭ قىلىنىڭ بۇنچىلىك قاتتىقلىقىنى مۇشۇكەمگىچە بىلمەپتىكەنمەن، قايچا ئۆتمەي شۇنچىلىك كۈچەپ كېسىۋاتاتتىم. تازا كۈچەۋاتقاندا يەنە شۇ سېسىق پۇراق كەلگەن تەرەپتىن چوشقىنىڭ قىرتىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، مەزكۇر ئاۋاز قولۇمدىكى قايچىنىڭ ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىۋاتقان چاغدا چىقىۋاتقان تاۋۇشنى بېسىپ كەتكەنىدى. نىھايەت، قۇيرۇقنى كەسكەنىدىم. خوشاللىقىمدىن ئەتراپقا ئوغرى مۈشۈكتەك بىر قاراۋەتكەندىن كېيىن، ئېشەكننىڭ قىلىنى چاڭگاللىغان پېتى ئۆيگە پىرام قاچتىم ۋە دەرھال ئاشۇ كېسىلگەن قۇيرۇقنىڭ قىلى بىلەن تەمكۈچ ياساشقا كىرىشتىم. بىراق ياسىغان تەمكۈچىم ھېچ پۇتقا چۈشمىدى، ھەر تەمكىنىمدە پۇتۇمدىن قاچتى. دەرۋەقە، ئوتتۇرىسى تۆشۈك ياماققا ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرىسىغا ئۇچلانغان تېۋىلغىنى قاققان بولساممۇ، يەنىلا ئېشەكنىڭ قىلى، ئېشەكلىكىنى قىلغانىدى، يەنى مەزكۇر قىل جاھىللىق قىلىپ تىك تۇرىۋالغانىدى. بۇنداق قىلى تىك تۇرىۋالىدىغان تەپكۈچلەر ئۆزىنىڭ تەڭپۇقلىقىنى ساقلىيالمىغانلىغى ئۈچۈن، تەپكەن ھامان، پۇتقا قايتا چۈشمەي، قوتاندىن قاچقان چوشقىدەك ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاچاتتى. دېمەك بۇنداق تەپكۈچنى ئويناش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا شۇنچە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، مىڭبىر مۇشەقەتتە ياسىغان تەپكۈچ كارغا كەلمەس بىر نەرسە بولۇپ چىققانىدى. مەن مەيۇسلەنگەن ھالدا يەنە تالاغا چىقتىم. قۇيرۇقسىز ئېشەك بۇرۇنقى جايىدا تۇراتتى، ئالدىغا سەپ بەرگەن بىر باغلام چۆپنى پاك – پاكىز يەپ بولغانىدى. ئۇنىڭ شىپپاڭلىتىپ تۇرىدىغان چىرايلىق ئويناق قۇيرۇقى ئەمدى يوق ئىدى. ئېشەكنىڭ بۇ ھالى كۆزۈمگە شۇنچىلىك سەت كۆرۈندى. ئېشەكنىڭ بۇرۇنقى سەلتەنەتلىك گۈزەللىكىنى تامامەن يوقاتقانلىقىنى دەرھال بايقىدىم. ئىچىم ئاچچىق مېڭىز يەۋالغەندەك بولۇپ قالدى. بىردەمدىن كېيىن ئېشەكنىڭ ئىگىسى چىقتى ۋە بىر قاراپلا ئېشىكىنىڭ بىر يېرىنىڭ كەملىكىنى بايقىدى – دە، ۋاقىراپ – جاقىراپ كوچىنى بېشىغا كىيدى ۋە ئاغزىغا كەلگەن يامان سۆزلەر بىلەن ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنى كەسكەن ئادەمنى يەنى مېنى تىللاشقا باشلىدى، ئاخىرى بېرىپ ئېشىكىنىڭ كېسىلگەن كالتە قۇيرۇقىغا مەڭزىنى يېقىپ تۇرۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەنىدى. مەن بۇ بالىنىڭ يىغلاشلىرىدىكى سەمىمىيلىكنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئۇ ئەنە شۇنداق ھەسرەتلىك يىغلاۋاتقاندا مەن خۇددىي ھېچ ئىش قىلمىغان ئادەمدەك ئۇنىڭ يېنىدا، ئىككىلا قولۇمنى ئىشتىمنىڭ ئىككى يانچۇقىغا سېلىپ ئۆرە تۇراتتىم. بىر قولۇمدا كېسىلگەن قۇيرۇقنىڭ كارغا كەلمىگەن تەمگۈچتىن ئېشىپ قالغان قىسمىنى سېقىمداق تۇتۇپ تۇرغان بولسام، يەنە بىر قولۇپ بىلەن ياسىغان تەمكۈچنىڭ يامىقىنى سىلاپ – سىلاپ ئويناۋاتاتتىم. دەرۋەقە، شۇ چاغدا يانچۇقىمدىكى قىلنىڭ پەقەت ئېشكەنىڭ بەدىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان قۇيرۇقنىڭ ئۇچىدا يەلپۇنۇپ تۇرغاندىلا قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. قىلنىڭ ئېشەكنىڭ بىر پارچىسى بولۇشتىن ئايرىلغان ھامان ئۆز قىممىتىنى، ئۆز سەلتەنىتىنى يوقىتىدىغانلىقىنى چۈشەندىم ۋە «ھەرقانداق نەرسە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان يەردە ۋە ياكى ئۆزىنىڭ پۈتۈنى بىلەن قەدىرلىك» دېگەن جۈملىنى زېھنىمدە جانلاندۇردۇم. مەن ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنىڭ كۆتمەك بولۇپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ يىغلاۋاتقان بالىغا قاراپ، بۇ بالىنىڭ ئېشىكىگە بولغان مۇھەببىتى مېنىڭ دادامغا بولغان مۇھەببىتىمدىن يۈكسەكلىكىنى، ئېشەكنىڭ قۇيرىقىنى كەسكەن ماڭا بولغان نەپرىتىنىڭ دادامنىڭ ماڭا بولغان نەپرىتىدىن قىلىشمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم ۋە ئۇ قۇيرۇقى كېسىلگەن ئېشەك ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئانامغا ئوخشاش قەدىرلىك ئىكەنلىكىنىمۇ زېھنىمدە جانلاندۇرۇپ، ئۆزۈمنى دادامنىڭ ساقىلىنى كېسىۋەتكەندەك مەغرۇر تۇتۇشقا تىرىشتىم. بىراق ئازراق ۋاقىت ئۆتە ئۆتمەيلا، قىلغان نەتىجىسىز ئىشىمدىن نومۇس قىلدىم، لېكىن ئىقرار قىلىشقا جاسارىتىم يەتمىدى، ھالبۇكى، بالىغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى. بىراق ئېشەككە بولغان قىزغانچاقلىقىمدىن ئىچىمدە زەھەرلىك بىر خوشاللىق شەيتاندەك كېزىپ يۇرىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم. مەن ئۆزۈمدىن ئۈستۈن ھۆرمەتكە، مۇھەببەتكە ئىگە بولغان ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىپ، ئۇنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان سەلتەنەتلىك قۇيرۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقىمدىن ئىچىمدىكى شەيتاننىڭ ھېجىيېۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. مەن دەرھال ئۈستىگە مۇزدەك سۇ تۆكۈلۈپ كەتكەن ئادەمدەك ئەندىكىپ، باشقىلارنىڭ مەندىن گۇمانلىشىدىن قېچىپ دەرھال بۇ تىراگېدىيەلىك سەھنىدىن ئايرىلىپ، قوراغا شىپپىدە كىرىپ كەتتىم ۋە ئۇدۇل ئۆستەڭنىڭ يېنىغا كېلىپ يانچۇقۇمدىكى سېقىمداپ تۇتۇپ تۇرغان قىل بىلەن تەمكۈچنى پوملىغان پېتى سۇغا تاشلىۋەتتىم. ئېشەكنىڭ كېسىلگەن قۇيرۇقىنىڭ ئۇچى سۇ يۈزىدە لەيلىگەن پېتى كۆزۈمدىن بىر لەھزە ئىچىدىلا غايىپ بولدى.

 

……………………….

(داۋامى بار)

 

 

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top