«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (13)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
مەن «17» نومۇرلۇق قار دۆۋىسىنىڭ ئاستىدا ياتقان ئانامنىڭ روھىغا ئاتاپ بىلىدىغان ئايەتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ دۇئا قىلدىم. شامالدا ئۇچۇۋاتقان چاڭ – توزاندەك قارلار قەبرىنىڭ ئۈستۈنى سۈپۈرۋاتىدۇ، كىرپىكلىرمگە يىپىشقان قار توزلىرىنى قولۇمنىڭ دۇممبىسى بىلەن سۈرتۈپ – سۈرتۈپ قويىۋاتىمەن، قولۇمنىڭ دۇمبىسىنىڭ ئىسسىقلىقى قار توزلىرىنى ئېرىتىپ، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان نەملىكلەر تېرە تۆشۈكچىلىرىم ئارقىلىق ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ كىرىۋاتۋانلىقىنى سەزدىم ۋە قارنىڭ بەدىنىم بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، بەدىمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
قار ۋە مەن بىر روھ، بىر گەۋدە،
قارلار ئانام بىلەن دادامغا ئاپئاق مامۇق يۇتقان.
دۇئادىن كېيىن قولۇمنى يۈزۈمگە سۈرتتىم ۋە گۆشسىز قوللىرىمنىڭ ئاۋاق يۈزۈمنى سېلاۋاتقان چاغدىكى ھېسلىرىمدىن ئۆزۈمنىڭ ياداڭغۇلۇقىمدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. ھەقىقەتەن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ساقالىمنى ئالغان چېغىمدا ئاپئاق يۈزلىرىرىمنىڭ سارغايغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، يەنە بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئەينەكتىن يۈزۈمنىڭ قارىداپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ھازىر يۈزۈمنىڭ رەڭگى قانداق بىر رەڭگە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن، بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر، بىردەمدىن كېيىن ئۆلۈدىغانلىقىمنى بىلىدىغان تۇرسام. ھازىر يۈزۈمنى سېلاپ بېقىشقىمۇ قولۇمنىڭ مادارى يوق، بۇنىڭغا يېنىمدا مىدىرلىماي تۇرغان سايەم گۇۋا. بەلكى ھازىر يۈزۈمنىڭ تېرىلىرى ئۇستۇخانغا چاپلىشىپ ياغاچتا ئويغان قوشۇقتەك قاتتىق بىر شەكىلگە كىرىپ قالغان بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. يېنىمدا ياتقان سايەم، كۆز ئۇۋىسىغا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خۇنسىز كۆزلىرىمنىڭ ئىچىدىكى كۆپكۆك كۆز قارچۇغۇلىرىمنىڭ ئۇياق بۇياققا مىدىراشلىرىدىنلا مېنىڭ تىرىك بىر جان ئىكەنلىكمنى بىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئانامغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قان رەڭگىدىكى «17» دېگەن ساننىڭ ئالدىدا كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلارنى ھېچ سۈرتمىدىم، ئىچىمدىكى بارلىق ياشلار ئالدىمدىكى شۇ قان رەڭلىك «17» نومۇرنىڭ ئۈستۈگە تۆكۈشنى ئويلۇدۇم. ئۆلۈم يەنىلا ئەقلىمدىن ھېچ كەتمىدى، ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمىدىم، ئۈستۈمدىكى ئۆلۈم دەھشىتى گويا كۆك يۈزىدىكى قارا بۇلۇتلاردەك ئۈزۈپ يۈرىۋاتاتتى. مەن بۇلارنى سېزىپ ئىچىمدىن خوش بولدۇم، ئانامنىڭ قىشىغا ھازىرلا كېتىشنى ئويلۇدۇم. بېشىمنى ئىككى قولۇمنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قىزىل سىردا يېزىلغان «17» نومۇرغا قاراپ بىر ۋاققىچە جىمجىت تۇردۇم، ھازىرلا ئۆلسەم بەلكى ماڭا ۋەكىللىك قىلىدىغان قان رەڭلىك نومۇر «18» بولۇشى مۇمكىن دېگەن پىكىر ئەقلىمدىن كەچتى. مەزكۇر نومۇر قارنىڭ يورۇقىدا پاقىراپ تۇراتتى، قان رەڭلىك سىر يېڭى بولغاچقا، «17» نومۇردىن مېزىلىك سىرنىڭ پۇرۇقى كېلىۋاتتى. مەن سىرنىڭ، ماشىننىڭ موتۇرىدىن چىققان ئىسنىڭ پۇرۇقىنى ياشى كۆرىمەن، بۇ پۇراقلار ماڭا ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى ئەسلىتىدۇ، گەرچە مەن ئەركىنلىكنى بىلمىسەممۇ ياكى ئەركىن ياشاپ باقمىغان بولساممۇ، نېمىشقىدۇر شۇنداق بوياقلارنىڭ، بېنزىننىڭ پۇراقلىرىنىڭ ھاۋادا ئەركىن ئۇچۇپ يۇرۇيدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن شۇ پۇراقلارنى ياشى كۆرۈمەن. ئۇلار ماڭا تەسەۋۋۇرىمدىكى ئەركىنلىكنى يادىمغا سالىدۇ. مەن يەنە ئازراق يېقىن كېلىپ، ئازراق ئېڭىشىپ تۇرۇپ، قولۇمنى ناھايىتى ئاستا سوزۇپ ئانامغا خاس بولغان «17» دېگەن ساننى يەڭگىل سېلىدىم. مەزكۇر نومۇر شۇنچىلىك سوغۇق ئىدى، بۇ ئىككى رەقەم مۇزدەك سىپەن تاشنىڭ ئۈستىدە قاندەك ئۇيۇپ قالغانىدى. مېنىڭ پۈتۈن ئەزايىم تىترەشكە باشلىدى، «ئانام توڭ يەرنىڭ ئاستىدا بولغىنى بىلەن روھىي ئاسماندىمىدۇ؟» دەپ، سوئال نەزىرى بىلەن يۇقۇرغا باقتىم، ئاسماندا توپ – توپ قارا بۇلۇتلار بىر يەرگە يېغىلىۋاتاتتى. ئىچىمدە «روھى بار دەپ ئويلىسام بار، يوق دەپ ئويلىسام يوق، شۇ ۋەجىدىن مەن چوقۇم بار دېيىشىن كېرەك» دەپ، ئويلۇدۇم. ئۆز ۋاقتىدا دادامنىڭ قەبرىسى ئالدىدىمۇ شۇنداق ئويلىغانلىقىم ھېلىھەم ئېسىمدە، بىراق ئۇ چاغدا ئاشۇ جۈملىنىڭ ئاخىرىنى«….مەن چوقۇم يوق دېيىشىم كېرەك» دەپ، چۈشۈرگەندەك ئىسىمدە؛ يەنە ئارىدىن بىر لەھزە ئۆتە ئۆتمەيلا دەرھال ئىچىمدە توۋا قىلىپ «روھى بار دەپ ئويلىسام بار، يوق دەپ ئويلىسام يوق، شۇ ۋەجىدىن مەن چوقۇم بار دېيىشىن كېرەك» دەپ ئالدىنقى پىكرىمدىن دەرھال يېنىۋالغانلىقىممۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئەنە ئاۋۇ بىر دۆۋە قار دادامنىڭ قەبرىسى. شۇنچە كۈچلۈك، شۇنچە زوراۋان دادامنىڭ قەبرىسىمۇ باشقا قەبرىلەرگە ئوخشاشلا قارنىڭ ئاستىدا قالغانىدى. بىراق يەنىلا باشقا قەبرىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر يېرى مەۋجۇت؛ ئۇ بولسىمۇ، دادامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا بىر تۈپ ئالما دەرىخى بار ئىدى. ئەنە ئاشۇ ئالما دەرىخى قار باسقان شاخلىرىنى ئاران كۆتۈرۈپ دادامنىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇراتتى. مەن شۇ ئالما دەرىخىي تەرەپكە قاراپ، قار كېچىپ ماڭدىم. ئەتراپتىكى دەرەخلەرنىڭ ئۈستبېشىنى پۈتۈنلەي قار قاپلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ قانداق بىر تۈردىكى دەرەخ ئىكەنلىكىنى ئايرىماق تەس ئىدى. پەقەت دادامنىڭ گەبرە بېشىدىكى دەرەخنى تونۇيدىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدە مېنىڭ ئۈستۈمدىكى غەمدەك كۆپ قار بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بىر قاراپ تونىۋالغان ئىدىم. ئەتراپ گۆرجىستان جىمجىتلىقىغا چۆككەنىدى. ھېچقانداق جانلىقنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. يەرنىڭ ئۈستى گويا يەرنىڭ ئاستىدىكى ئۆلۈكلەردەك تاۋۇشسىز ئىدى. پەقەت پۇتۇمنىڭ قارغا كىرىپ چىقىۋاتقان ئاۋازى قۇلۇقىمغا روشەن رەۋىشتە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاۋازسىز، جىمجىت، سۈكۈناتتا ئەسكەن قىشنىڭ سوغۇق شامىلى يۈزۈمگە كېلىپ تىكەندەك سانجىلىۋاتاتتى. دادامنىڭ قەبرىسى يېنىغا بارغاندا ماڭا تونۇش بولغان ئالما كۆچىتىنى كۈچەپ تېپىپ، دادامنىڭ قەبرىسىگە باشلىرىنى ئېگىپ تۇرغان جالغاي شاخلارنىڭ ئۈستىدىكى قارلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرۋەتتىم، شاختىن توزۇغان قارلار ئېتىلغان پاختىدەك ئەتراپقا ۋە ئۈستۈمگە توزۇپ چۈشتى، ئۈستىنى بېسىپ تۇرغان قارلاردىن قۇتۇلغان ئالمىنىڭ جالغاي شاخلىرى دادامنىڭ قەبرىسى ئۈستۈگە ئېگىلىپ قالغان باشلىرىنى كۆتۈرۈپ كۆككە قاراتتى. ئالما دەرىخىدىكى بۇ خىل ئۆزگۈرۈشنى كۆرۈپ ئېچىپ يورۇپ، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن قار توزلىرىغا قاراۋېتىپ، ئۆزلىگىمدىن «ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى بولىدۇ» دېگەن، پىكىرلەرنى زېھنىمدە قايتا جانلاندۇردۇم ۋە ئۆزۈمچە يەنە «مەن ئۆلگەندىمۇ روھىم تېنىمدىن كۆتۈرۈلۈپ مۇشۇ قار توزلىرىدەك ھاۋادا لەيلەپ، تەبىئەتنىڭ باغرىدا ئەبەدىي ياشايدۇ» دەپ، پىكىر يۈرگۈزدۈم. مانا مەن ئۆلۈۋاتقانلىقىم ئۈچۈن شۇنچىلىك بەختلىك مەن! مەن بۇ دۇنيادا توپ – توپرا 55 يىل ياشىدىم. ياشىغاندىمۇ غېرىپ ياشىدىم، ھەسرەت بىلەن ياشىدىم. بۇنىڭغا ھايات گۇۋا! ھەقىقەتەن 55 يىل دېگەن نېمە دېگەن ئۇزۇن ئۆمۈر ھە! بولۇپمۇ مەندەك بىر غېرىپ ئۈچۈن ئۇزۇن بىر ئۆمۈر. ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى. مېنىڭدەك ئادەمنىڭ ئەمدى يەنە ياشىشىنىڭ ئۆزى بىر ھاماقەتلىك. مەن قانچە ئۇزۇن ياشىغانسېرى باشقىلارغا شۇنچە ئېغىر يۇك بولىمەن، باشقىلارنىڭ ئۆچلىكىنى تېخىمۇ كەلتۇرىمەن، مەن ئۆزۈمگە بولغان شۇنداق مۇئامىلىنى كۆرگەنسېرى تېخىمۇ مەيۇسلىنىمەن، تېخىمۇ ئىزتىراپ چېكىمەن، تېخىمۇ غېرىپ ھېس قىلىمەن. بۇنداق بەختسىزلىكىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ ياشاش مەن ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ بەتەر ئازاب. مەن كۆپ قېتىم ئۆلۈۋېلىشنى ئويلۇدۇم، لېكىن ئۆلۈۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئادەم ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىشتىنمۇ بەتەر قورقۇنچلۇق ئىش بولمىسا كېرەك. ئۆزۈمنى ئۆلتۇرۋالماي مۇشۇ كۈنلەرگە يېتىپ كەلگىنىم ئۈچۈن خۇداغا شۈكرە ئېيتتىمەن. مۇبادا ئۆزۈمنىڭ جېنىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېلىپ، ئۆزۈمنىڭ قاتىلى بولۇپ قالغان بولسام، ئۇ چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك بېشىمغا كەلگەن بولاتتى. دەرۋەقە، ھايات ماڭا ئۆلۈمدىنمۇ بەتەر، ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر بەختسىزلىكلەرنى ياغدۇرغانىدى؛ ئەھۋال مۇنداق ئىكەن مەن ھايات بەخشەندە ئەتكەن چەكسىز بەختسىزلىكلەرگە قوشۇپ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالغان بولسام، ئۆزۈمگە ئۆزۈم چەكسىز ھەقسىزلىك قىلغان بولاتتىم. بۇ مېنىڭ روھىمغا قىلىنغان ھاقارەت ئىدى، مەن ئۆز بەدىنىمنىڭ كاردىن چىقىشىغا ئۆزۈم سەۋەبچى بولغان، بىراق روھۇمنىڭ كاردىن چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى مەن بولۇپ قىلىشتىن قورقۇمەن. بولۇپمۇ شەيتان چالغان سازغا تاڭگو ئويناشتىن ئۆلگۈدەك قورقىمەن. شۇ ۋەجىدىن ئەنە شۇ قورقۇنچ مېنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلدى. ئەمدى مەن ئۆلۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن ۋە لېكىن بۇنىڭ سەۋەبچىسى ۋە قاتىلى مەن ئەمەس. ۋاھالەنكى، ئەسلى قاتىل بۇ دۇنيادىكى رەزىللىك. ئەمما مەن بۇ ئۆلۈمدىن قورقمايمەن، رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرى يوق، بەرىبىر مېنىڭ جېنىمنى ئالىدۇ، يا ھازىر، ياكى كېيىن، بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر. بۇنداق روھى ۋە جىسمانى ئازاب ئىچىدە ياشىغاندىن، ئەلۋەتتە قاتىلىمنىڭ قولىدا ئۆلگىنىم تۇزۇك، بۇ ئۆلۈمدىن قىچىپ قۇتۇلۇش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس. نېمىلادېگەنبىلەن مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالماسلىقىم، مېنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ساناقلىق ياخشى ئىشلىرىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەملىرىدە يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىشىم كېرەك. ئەگەر مەن بۈگۈن جان ئۇزسەم، چوقۇم باشقىلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ. بۇمۇ ئۆزۈم ئۈچۈن قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىق. ياق ئۇنداق دېسەم بولمايدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ ياراتقۇچىنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان ئەڭ چوڭ شەپقىتى. زاتەن مەن ئۆلسەم مېنىڭ ئارقامدىن كۆز يېشى قىلىدىغان بۇ دۇنيادا كىم بار دەيسىز. دەرۋەقە، ئۆلۈم مەن ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى بولسىمۇ، بىراق مەن ئۆلىۋالمىدىم، ئەمما يەنىلا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ، مۇشۇ پەيتنى تۆت كۆز بىلەن كۈتتۈم. بۇرۇنقى جازىبەمدىن پەقەت كۆز ئۇۋىلىرىغا ئولتۇرشۇپ كەتكەن كۆك كۆزلىرىملا جانلىق ھالەتتە قالغانىدى. ئەپسۇس بۇ كۆزلەرمۇ يۇمۇلىدۇ، قاراڭغۇلۇققا ئەسىر بولىدۇ. ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا قۇياشنىڭ ئاستىدا مېڭىشتەك بىر كۈشكۈرتكۈچى بىر ئىستەكنى قەلبىمدە ھېس قىلدىم، بىراق ئورنۇمدىن تۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىر يېنىمغا قىڭغىيىشقىمۇ چارىسىز ئىدىم. بوپتۇ! ئۆلگەندە بارلىق ئىستەكلەردىن بىراقلا قوتۇلىمەن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھەسرەت، يالغۇزلۇق ۋە ئاچلىق قاتارلىق ئازابلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ دۇنياغا تاشلاپ كېتىمەن. بۇلارنى ئويلىغىنىمدا قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر تاڭنىڭ جىلۋىسى روھىمدا ئەكس ئېتىشكە باشلايدۇ.
ھە، راس يەنە بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالغىنى تەس قاپتىمەن، ھەر قېتىم ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغىنىمدا، سەھەردە مېنى بىر تام ئايرىپ تۇرىدىغان مەسچىتتىن ئاڭلىنىدىغان ئەزەننىڭ ئاۋازى مېنى ئۆلۈۋېلىش نېيىتىدىن ۋاز كەچتۈرەتتى. گەرچە مەن ئاشۇ ئەزاننى ئاڭلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، مەسچىتكە چىقىپ ئۆز ئۆمرۈمدە بىر قېتىم بولسىمۇ ناماز ئوقۇپ باقمىغان بولساممۇ، نېمىشقىدۇر ئاشۇ «م…..»نىڭ ئېيتقان ئەزان ئاۋازى مېنىڭ تا بۈگۈنگىچە ياشىشىمغا سەۋەب بولدى. مەن مەزكۇر ئەزان ئاۋازىنى «ئۇ دۇنيادىكى ھاياتىمنىڭ مەشئىلى، مېنى ئۇ دۇنيا قاراڭغۇلىقىدىن سۆرەپ ئەپچىققۇچى» دەپ، ئويلاپ كەلدىم. ۋاھالەنكى، ھازىر شۇ ئەزان ئاۋازىمۇ مېنى ئۆلۈمدىن قۇدۇلدۇرالمايدۇ. چۈنكى جان ئالغۇچى ئۆزۈم ئەمەس، بەلكى ئەزرائىل، ئۇ ئەتراپىمدا تۈگمەن تېشىدەك پېقىراپ نېرى كەتمەيۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزان ساداسى يان تەرەپتىن كۆتۈرۈلمىگىنىگىمۇ خېلە يىللار بولدى. مەسچىت تاقالغانىدى، دەرۋازىسىنىڭ تۆڭگېسىدە يوغان تاشتەك بىر تال قارا قۇلۇپ دائىم ساڭگىلاپ تۇرغىنى نەۋاق، تېخى ئۇنى ئاز دېگەندەك قىلىپ ئىككى قات زەنجىر بىلەن تۆڭگېسىنى باغلاپ قويغانىدى. «م…..»مۇ ئانام ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كەتكەنىدى، لېكىن ئانامدىن خېلىلا ياش ئىدى، ئۆلۈم ياش قېرىغا باقمايدۇ – دە.
……………………….
(داۋامى بار)