ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ياۋروپادىكى ھونلار قانداق ھالاك بولغان؟

ياۋروپادىكى ھونلار قانداق ھالاك بولغان؟

 

ئاتتىلا قاغان

مىلادى 1- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇل يايلىقىدا ياشاۋاتقان ھونلار شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن زەربە بېرىشى ۋە موڭغۇل يايلىقىدا يېڭىدىن گۈللەنگەن سىيانپىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىلاجسىز غەربكە كۆچكەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى 300 يىللىق تارىختا ھونلار ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنغان. مىلادى 4- ئەسىرردە بۇ سىرلىق مىلللەت ياۋروپادا يەنە پەيدا بولۇپ، كاسپىي دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دون دەرياسى يايلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
مىلادى 375- يىلى ھونلار كەڭ كۆلەملىك كېڭەيمىچىلىك قىلغان. ئۇلار ئالانىيلار بىلەن ئوستروگوتلار دوناي دەرياسى بويىدا قۇرغان دۆلەتلەرنى يوقاتقان، جەنۇبتا ئەرمىنىيەنى بوي سۇندۇرۇپ، پىرسىيە ۋە سۈرىيەگىچە باررغان. ۋېنگىرىيە يايلىقىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھونلار ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مىلادى 433-يىلى ھونلارنىڭ تەڭرىقۇتى ئاتىللا ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەەت قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن شەرقتە ۋولگا دەرياسىدىن غەربتە رېيىن دەرياسىغىچە، جەنۇبتا دوناي دەرياسى بويىدىكى بىپايان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ئىمپېرىيىە شەكىللەنگەن ئاتىللا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 20 يىلدا ھونلارنىڭ پايتەىتى بۇداپىشت ياۋروپاننىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ئارقا- ئارقىدىن بۇ يەرگە كېلىپ سوۋغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بوي سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ھون ئىمپېرىيىسى گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويغان.
مىلادى 5- ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى تەۋرىنىپ قالغان بولۇپ، ھەرقايسى بەدەۋىي مىللەتلەر، ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا بارغانسېرى ئاجىزلاپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. دەل شۇ ۋاقىتتا ،رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخىدا بىر ئۇلۇغ شەخس مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئاچېس ئىدى. ئاچېس گاللودىكى مەرتىۋىلىك جەمەتتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى غەربىي رىم قوشۇنىدا زور تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئاتلىق قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، گراف ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى. ئاچېسنىڭ ياشلىق دەۋرى گوتلار بىلەن ھونلارنىڭ يېنىدا ئۆتكەن. ئاچېس ھونلارنىڭ قېشىدا تۇرغاندا كۆپلىگەن ھون ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن تونۇشقان. ھونلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن ئاچېس تېزلىكتە رىم سىياسىي سەھنىسىدە باش كۆتۈرۈپ، غەربىي برىم ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى گاللونىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ئۇ گاللودا غەربىي گوتلار ، فرانكلار ۋە ئالانىيلار قاتارلىق بەدەۋىي مىللەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئارقا -ئارقىدىن غەلىبە قازىنىپ بىراقلا نام چىقارغان.
ئاچېس بىلەن ئاتىللا كىچىكىدىن باشلاپلا تونۇشىدىغان بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ دوستلۇقى خېلى چوڭقۇر ئىدى. ئاچېس ئاتىللاغا بىلىملىك بىر خاس كاتىپ تېپىپ بېرىپ ئۇنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم قىلغان؛ ئۇ يەنە ئوغلىنى ئاتىللانىڭ قېشىغا چەۋەندازلىقنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن. ئاچېس ھون ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ غەربىي رىمنىڭ گېرمانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خېلىلا ھالسىراپ قالغانلىقىنى، ھونلارغا رەقىب بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بالىلىق دەۋرىدىكى تۇرغاقلىقتا تۇرۇش كەچۈرمىشى ئاچېسنى ھونلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلغان بولۇپ، ئۇ ھونلارنىڭ جەڭ تاكتىكىسى ۋە ئاجىزلىقىنى ئېنىق چۈشىنەتتى. ئاچېسنىڭ تىرىشچانلىقى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنى 20 نەچچە يىللىق تىنچلىققا ئىگە قىلغان. بۇ مەزگىلدە ئاتىللا شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىەە كۆپ قىتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىزچىل ئىناق ئۆتكەن. بىراق مەنپەئەت كۈرىشى بۇ ئىككى دوستنى رەقىبكە ئايلاندۇرغان. قارا نىيەت ئاتىللا بۇرۇنلا گوللو بىلەن ئىتالىيىنىڭ مول بايلىقىغا كۆز قىزارتىپ كەلگەنىدى.
مىلادى 449- يىلى غەربىي رىم ئىمپېراتورىنىڭ سىڭلىسى ئونولىيىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئىمپېراتور ۋالىنتىنائان ئۇنى بىر مۇناستىرغا سولاپ قويغان. ئونولىيە ئاتىللاغا مەخپىي خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئۆتۈنگەن ھەمدە ئۆزىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىىش ئارقىلىق تەشەككۈر بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاتىللا دەرھال غەربىي رىم ئىمپېراتورىدىن ئونولىيىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يېرىم زېمىنىنى قىز مېلى سۈپىتىدە ئۆزىگە تەقدىم قىلىشنى بۇيرىغان. چەكتىن ئاشقان ۋە نومۇسسىزلارچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەلەپ غەربىي رىم ئىمپېراتورىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئاتىللا بۇنى باھانە قىلىپ، غەربىي رىمغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان.
مىلادى 450 -يىلى ئاتىللا ھون قوشۇنى بوي سۇندۇرۇلغان مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن 500 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى يىغىپ غەربىي رىمنىڭ گاللوغا ھۇجۇم قىلغان. گاللونىڭ شەھەرلىرى بىر -بىلەپ قولدىن كېتىپ، ئاتىللا قوشۇنى ئۇۇدل ئورلانغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. ئاتىللا قوشۇنىنىڭ گاللونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بۇزغۇنچىلىقى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بارلىق بەدەۋىي مىللەتلەرنى چۆچۈتكەن. ئۇلار ئۆزلىرنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ھونلارغا تەڭ كەلگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئاچېس بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەپ- تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى بەدەۋىيلەر بىلەن بىرلىشىپ ھونلارغا قارشى بىرلىك سەپنى قۇرۇپ چىققان. گاللوغا ئىسپانىيىدىكى گېرمانلار ،ھەتتا بىرىتانىيىدىكى كىبىرت قەبىلىلىرىمۇ قوشۇن ئەۋەتىپ ياردەم بەرگەن. ئاتىللانىڭ قوشۇنى ئورلان شەھەر سېپىلىنڭ تۈۋىگە كەلگەندە، ئاچېسنىڭ غەربىي رىم بىرلەشمە قوشۇنى كۈنسايىن زورىيىپ، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم توپلىنىپ بولغانىدى. بۇ قىيامەتلىك دوستلار ئاخىرى جەڭ مەيدانىدا تىغ تەڭلەپ كۆرۈشكەن.
ئاتىللا غەربىي رىم بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ئورلانغا قىستاپ كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال شىمالغا چېكىنگەن ھەمدەە گاللونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تالان-تاراج بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھون قوشۇنلىرىنى شامپان تۈزلەڭلىكىگە يىغىلىشقا بۇيرىغان. ئاچېس چوڭ قوشۇننى باشلاپ ئارقىدىنلا يېتتپ كەلگەن. ئىككى قوشۇن سالون ئەتراپىدا ھەل قىلغۇچ جەڭگە ئاتلانغان.
مىلادىيە 451-يىلى 9-ئاينىڭ 20- كۈنى ئىككى قوشۇن سالوندا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغان لەشكىرىي كۈچ بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ھون قوشۇنى ئالدى بىلەن ھۇجۇم باشلاپ، يا ئوقىنىڭ ھىمايىسىدە غەربىي رىم قوشۇنىنىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان. بەدەۋىيلەردىن تەشكىللەنگەن مەركىزىي فرونت تاقابىل تۇرالماي ھون قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يېمىرىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ھون ئاتلىق قوشۇنى سولغا بۇرۇلۇپ، غەربىي گوتلار قوشۇنىنى قورشىۋالغان. ئاتىللا غەربىي رىم قوشۇنىنىڭ ھونلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىراق، غەربىي گوتلارنىڭ لەشكەرلىرى باتۇر، ئاتلىرى خىل بولۇپ ئۇنى تارمار قىلىش ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانغا باراۋەر ئىدى. شۇڭا ئاتىللا ھون قوشۇنىنىڭ ئوڭ -سول قانات قوشۇنىنى قىستاپ ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللىگەن. جەڭ مەيدانى قالايمىقانلىشىپ، غەربىي رىم بىرلەشمە قوشۇنى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان. جەڭ بەش سائەت داۋاملىشىپ، 160 مىڭ ئادەمنىڭ جەسىتى دالىدا قالغان.
تېز پۈكمەس غەربىي گوتلار غەربىي رىم بىرلەشمە قوشۇنىنى قۇتقۇزىۋالغان. يېشى 60 تىن ئاشقان غەربىي گوتلار شاھى تېئودورۇك ئاتلىق قوشۇنغا شەخسەن ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن، نەتىجىدە ئۇنىڭغا يا ئوقى تېگىپ قازا قىلغان. يولباشچىسىدىن ئايرىلغان غەربىي گوتلار قاتتىق ھودۇققان ئەمما شاھزادە توررىس تېزلىكتە تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. غەربىي گوتلار شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ھونلارنى چېكىندۈرگەن. ئالاقزادە بولغان ھون لەشكەرلىرى كەينىگە چېكىنگەندە، غەربىي رىمنىڭ سول قانات قوشۇنىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسى تەرىپىدىن توسۇلۇپ قېلىپ، يا ئوقىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇ ۋاقىتتا ھونلارنىڭ سول قانات قوشۇنىدىكى شەرقىي گوتلارمۇ ئاتلىق قوشۇنىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، پېتىراپ كەتكەن . ساللون جېڭىدە كىمنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقان .
ئاتىللا ئىلاجسىز قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ مانكىس دەرياسى بويىدىكى بارگھقا قايتىپ، مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى قۇرغان. ئاتىللا قوشۇندىكى ھەممە ئىگەرلەرنى يىغدۇرۇپ كېلىپ، بىر يەرگە دۆۋىلىگەندىن كېيىن، بارلىق ئالتۇن- كۈمۈش، ئۈنچە- مەرۋايىتلىرى ، خانىش توقاللىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ غەربىي رىم قوشۇنى مۇداپىئەنى بۇزۇپ بارگاھقا باستۇرۇپ كىرسە، ئوت يېقىپ ئۆزى بىلەن بىللە كۆيدۈرىۋېتىشكە تەييارلانغان. ئاچېس ھالقىلىق پەيتتە ئاتىللاغا چىقىش يولى بېرىشنى قارار قىلغان. غەربىي رىمنىڭ بۇ داڭلىق سەركەردىسى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يۈرىكىگە قادالغان مىخ ھونلار بولماستىن، بەلكى گاللودىكى بەدەۋىيلەر، ھونلارنى قالدۇرۇپ قويغاندىلا، غەربىي گوتلار باشچىلىقىدىكى بەدەۋىيلەر ھونلاردىن قورقۇپ بولسىمۇ غەربىي رىم بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدۇ، ئەگەر ئاتىللا ئۆلسە، ھون ئىمپىرىيىسى گۇۇمران بولۇپ، گاللودىكى بەدەۋىي مىللەتلەر تىغ ئۇچىنى غەربىي رىم ئىمپىېرىيىسىگە قارىتىدۇ، دەپ قارىغان.

«قەشقەر گېزىتى» 2009- يىللىق 6- فېۋرال سانىدىن ئېلىندى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش