ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى پاجىئەلەر

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى پاجىئەلەر

1918- يىلى 5- ئايدا، يىڭى تىكلىنىۋاتقان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتانى ئىگىلىگەن قىزىل گىۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا-قۇيۇق قىرغىن قىلىشتەك قانلىق ۋەقە يۈز بەردى. مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى زىيانكەشلىك قىلىش سۈيقەستى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ قانلىق پاجىئە ئەينى ۋاقىتتا يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئېغىر بالايى ئاپەتكە دۇچار قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت قالدۇرغان. يېڭى تىكلىنىۋاتقان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى نېمە ئۈچۈن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى بۈنچە قىرغىن قىلىدۇ؟ 1917- يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلىپ، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تارمار قىلىنغان ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ قالدۇقلىرى يوشۇرۇن تۈردە جاي-جايلارغا بېرىپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتۈشكە ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇتراتقان. ئاقلارنىڭ ئاز ساندىكى ئوفېتسىرلىرى ئالمۇتا تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ئارىسىدىمۇ «بولشىۋىكلار دىنغا ئېتىقات قىلىدىغانلارنى جازالايدۇ، شەخسىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋالىدۇ …..» دېگەندەك تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق تەشۋىقات يەتتە سۇ رايونىدىكى چىلەك قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا ئىشىنىپ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان. 1918- يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرى بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار قاراسۇ بولۇسلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى باشلاپ، كەتمەن- گۈرجەك، ئارا- ئوغاققا ئوخشاش ئىنتايىن قالاق قوراللار بىلەن قوراللىنىپ قىزىل ئارمىيە ئىگەللىۋالغان ئالمۇتا سېپىلىغا ھۇجۇم قىلغان. سېپىل ئىچىدىكى مۇنتىزىم قوراللار بىلەن قوراللانغان قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى قاتتىق قايتۇرما زەربە بېرىپ، 3- ئاينىڭ 2- كۈنىگە قەدەر ئىسيانچى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. سېپىل ئىچىدىكى قىزىل گىۋاردىيە كوماندىرلىرى ئىۋان مامۇنتۇۋ، مۇرايىۋلار مەسىلىگە ئىنتايىن خاتا ھالدا مىللەتچىلىك نۇقتىنەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، 1918- يىلى 5- ئايدا، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا يۈرۈش قوزغىغان. مۇرايىۋ قوشۇنلىرى ئالمۇتادىن غالجاتقىچە بولغان چىلەك، كىيىكۋاي، ئىنچىكە بۇلاق، قۇرام، لاۋار، مالىۋاي، قاراتۇرۇق، بايسىيىت، قارا يوتا، غەيرەت، ئاۋات، دولاتا، تۈگمەن دېگەندەك ئۇيغۇر يېزا-قىشلاقلىرىغا ھوجۇم قىلىپ، ئالمۇتا سېپىلى ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇقلا رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلغان. بۇ پاجىئە ئەڭ دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلانغان. مۇرايىف قوشۇنلىرى ئىككى يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ئوتتۇرا كوچا بىلەن ھايداپ كېلىپ، سادىر ئىمام دېگەن كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئارقا تەرەپتىن پىلىمۇتقا تۇتقان. ئۆلمەي مىدىرلىغانلىرىنى نەيزە بىلەن سانجىپ، تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۇرگەن. كوچىمۇ-كوچا، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغانغا قەدەر، ئۆزلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئوققا تۇتۇلىدىغانلىغىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەن. چىلەك ناھىيىسىنىڭ لاۋار، ئىنچىكە بۇلاق دېگەن يېزىلىرىدىمۇ مۇرايىف قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا قىرغىن قىلغان. لاۋارنىڭ ئۆستەڭ سۇلىرى قىپ-قىزىل قانغا بويالغان. تۇگمەن يېزىسى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى چىكى بولۇپ، بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانغان. نەچچە كۈن داۋام قىلغان «ئاتۇ قىرغىنچىلىغى» جەريانىدا، نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆلتۇرۇلگەن. پەقەت چىلەك يېزىسىنىڭ قۇرام يېزىسىدىلا 3000 غا يېقىن ئۇيغۇر قىرىپ تاشلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىنچىلىق داۋامىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۈركۈپ كەتكەن سان-ساناقسىز ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جان قايغۇسىدا تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بەزىلەر تاغ-ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنغان. بەزىلەر ئۇزاق سەپەرلەردە ھېرىپ-چارچاپ، ئاچ-يالىڭاچ قىلىپ ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ چەككەن، يۇزلىگەن ئۇششاق بالىلار ۋە تىنى ئاجىز قىرىلار ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان ئاھالە باشقا يۇرتلارغا ۋە چەتئەللەرگە قىچىپ كەتكەن. قىچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنغان. قىسقىسى، قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق ۋە ئازابلىق تۇرمۇش تېخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلغان. ناھەق قىرىپ تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئۇرۇق توغقانلىرى ئۇزاق يىللارغىچە جۇدالىق ۋە ئۇۋالچىلىق دەردىنى تارتقان، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خورلانغان. دېمەك بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئېسىگە كېلەلمىگەن.

ئىنكاسلار (1)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش