• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئالىم – ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

ئالىم – ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

3431057191_b52717d0b3[1]ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى شەكىللەندۈرگۈچى قەدىمكى ھەر قايسى ئۇرۇق ، قەبىلە ، قەۋم ۋە خەلقلەر يىراق ئۆتمۈشتىن باشلاپ تارىم ۋادىلىرى ، يارىش ( جۇڭغارىيە ) ئويمانلىقى ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، ئىسسىق كۆل ساھىلى ، ئېرتىش دەرياسىدىن تارتىپ بالقاش كۆلىنىڭ ئەتىراپلىرىدا ، بايقال ئەتىراپلىرىدا ، تاشقى مۇڭغۇلىيىدىكى سېلىنگا ، ئورخۇن ، تۇغلا ، قۇرۇلۇن دەريالىرىنىڭ ساھىللىرىدا ، ئورال – ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ، سەنشى ، شەنشى ، نىڭشيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا ياشىغان . قەدىمقى دەۋردىن ھازىرغىچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن تارتىپ قوشنا خەلقلىرىگىچە ئورتاق ، ئىزچىل قوللىنىپ كېلىنگەن ئىسىم ‹‹ ئۇيغۇر ›› دېگەندىن ئىبارەت . مەسىلەن ، ‹‹ كونا تاڭ سۇلالىسى تارىخى ›› دا ‹‹ ئۇيغۇر ›› دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى ‹‹ شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلغۇچى ›› دەپ ئىزاھلىغان بولسا ، مەھمۇت قەشقەرىي : ‹‹ باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يىگۈچىلەر، قولىدىكى ئوۋنى قاچۇرماي ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ تۇتقۇچىلار ›› دەپ چۈشەندۈرگەن .
ئۇيغۇر تىلى ئورال – ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ئالتاي – تەڭرىتاغ تىللىرى ئائىلىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى شەرقىي ھون تۈركۈمى ئۇيغۇر – ئوغۇز تىلى بۆلۈكى ئۇيغۇر – قارلۇق تىلى قىسمى ئۇيغۇر تىلى دېئالىكتىكىغا تەئەللۇق .
ئامىرىكىلىق ئالىم ر. گروسسىي : ‹‹ يايلاق ئىمپېرىيىلىرى تارخى ›› دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلارغا يوقىرى باھا بېرىپ ، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ‹‹ مەدەنىيەت ئۇستازلىرى ›› دىن بولغان ، دەيدۇ . دېمەك ، تۈركىيىلىك ئاتاقلىق تاتار ئالىمى ئەھمەد زەكىي كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك : ‹‹ ئۇيغۇرلار تۈركلەر ئارىسىدا قۇۋۋەتلىكرەك ، مەدەنىيەتلىرىمۇ يوقىرىراق بولغانلىقتىن ، ئۆزىنىڭ تىللىرى باشقا تۈركلەر ئۈچۈنمۇ ئەدەبىي تىل بولۇپ خىزمەت قىلغان ››
ــ ‹‹ ئۇيغۇر كللاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تىزىس ›› دىن .
قەدىمقى ئۇيغۇرلار قوڭۇر ( ساغۇچ ) چاچلىق ، قوي كۆزلۈك ( ياكى كۆك كۆز ) ئىدى . ھازىرقى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئۆزگىرىپ كەتكەن .
سىلەر ئەرەپچە ، رۇسچە ئىسىملاردىن ئەمەس ، قەدىمقى ئۇيغۇر ئىسىملىرىدىن فامىلە ياسىساڭلار ياخشى بولىدۇ . بۇ ئىسىملار كونا قول يازمىلاردا بار . سىلەر ھازىر مەدەنىيەتتە ئارقىدا . بۇ دېگەنلىك ئەزەلدىن ئارقىدا ئىدىڭلار ، دېگەنلىك ئەمەس . ئۆز مەدەنىيىتىڭلارنى ئۆگۈنىڭلار ، ساقلاڭلار ، راۋاجلاندۇرۇڭلار . يازغۇچىلار بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىشى كېرەك . بولۇپمۇ دېھقانلارنى ئەينەن يېزىشى ، كۆپلەپ يېزىشى كېرەك. سەۋەبى ، ئۇلار مىللەتكە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالايدۇ ، ئۇلار ئاساسى خەلق . بىر مىللەتكە خاس بولغان نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەر دېھقانلاردا ساقلانغان بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئاستا بولىدۇ . ئۇلار يەرلىك ئادەت ، يەرلىك تىل ، مىللى مەدەنىيەتكە ئامىراق . مەن سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تىلىڭلاردا يېزىلغان ئەسەرلىرىڭلارنى ئوقۇپ باقتىم . تىل ئادىتىڭلار ، تىلدىكى مىللى خۇسۇسىيەتلەردە ئۆزگىرىش كۆپ ئىكەن . سىلەر ئۆز تىلىڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە جۈملە تۈزىشىڭلار كېرەك .
ــ زورىدۇن سابىر : ‹‹ ياۋروپاغا سەپەر ›› دە بىر ياۋروپالىق ئالىمنىڭ ئاپتورغا ئېيتقانلىرىدىن .
ئۇيغۇر دوستلىرىم ماڭا ‹‹ پەنجىگاھ ›› مۇقامى ئېلىنغان لېنتىنى سوۋغا قىلىشتى . مەشرەپ مۇقاملىرىنى ئۇيغۇر مۇقامچىلىرى چەكسىز ئىجتىھات بىلەن يۈرەكنى ئۆرتەيدىغان ئاۋاز ئېقىملىرى بىلەن كۈيلەيدىكەن . ئۇلارنىڭ ئاق تېرەكلەرنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ ياڭراتقان بۇ باھاسىز سىمفونىيە سادالىرىغا تەڭكەش بولۇپ تۇغۇلغان گۈزەل شېئىرلار كىشىلەرنى بىر – بىرىگە نەقەدەر دوست – ئاشىنا قىلىپ تۇرىدۇ – ھە ! قەبرىگاھتا ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەمەت سىزغان مەھمۇت قەشقەرىينىڭ رەسىمىگە ئۇزاق تىكىلدىم . ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈملۈك شاپاق دوپپىسى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىزدىنىشتىن ھېچقاچان تالمايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش تازا ھەم روشەن . مەھمۇد قەشقەرىي سۆزلەرنى يوقۇلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان تەڭدىشى يوق ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى . ئۇنىڭ داھىيانە شاراپىتى بىلەن مىڭلىغان سۆزلەر ئەمدى مەڭگۈ تىرىك ، ئۇ سۆزلەر ئازاق بۇلاقلىرىغا ئوخشاش قايناپ تۇرىدۇ . نەچچىلىگەن خەلقلەرنىڭ شائىرلىرىغا ئىلھام بېرىۋېرىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىيگە ئوخشاش دانىشمەن ئالىملار ئىنسانىيەت جەمئىيەت تارىخى ئۈچۈن ساناقلىقلا . مەھمۇد قەشقەرىي خەلقلەرنىڭ سۆزلىرىنىلا ئەمەس ، ئۇلارنىڭ يامبۇ ، ئالتۇندەك ئېسىل ماقال – تەمسىللىرى ۋە رېئالىستىك روھقا باي شېئىرىيىتىنىمۇ ئەسىرلەر ئۈچۈن، تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن ساقلاپ قالغان . ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ جاھان مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە قوشقان ئۆلمەس ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىڭ بىرىدۇر .
ــ ئىبىراھىم غاپۇرۇف ( ئۆزبەكىستان ) : ‹‹ قەشقەردە ›› ، تارىم ژورنىلى 1988-يىل 5- سان .
قەشقەرنىڭ تارىخى موسكۋانىڭ تارىخىدىن مىڭ يىللار ئۇزۇن . بىز رۇسلار ياكى سلاۋيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سلاۋيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا ، ئۇيغۇرلار ئاللاقاچان شەھەرلىشىپ بولغان ، شانلىق ـ يۇقىرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدى .
ــ ۋاسلېيېف ( رۇسىيە )
ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر جۈملىسىدىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەڭ قەدىمكى كۆپ سانلىق تۈركىي ( تىللىق ) خەلق ئىدى .
ــ ۋ. رادلوف ( رۇسىيە )
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يوقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان شەھەر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ، ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدى .
ــ س. مالوف ( رۇسىيە )
ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ، لېكىن ئازاراق مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى ئارلىشىپ قالغان ، بۇلار قەدىمدە تېخىمۇ روشەن ياۋروپا ئىرقلىق خەلق ئىدى . ھەتتا كۆكۈچ كۆزلۈك ،سېرىق چاچلىق ، ئاق يۈزلۈك ، قاڭشارلىق ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلار مۇڭغۇل ئىرقى ۋە باشقا ھىندى ، ياۋروپا خەلىلىرىبىلەن ئارلىشىش نەتىجىسىدە ۋە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن . خاتالاشمىسام ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قەدىمكە بۇ ھالەتلەر ھازىرمۇ مەۋجۇتقۇدقۇ، دەيمەن؟
ــ ۋاسلىي ( رۇسىيە )
جۇڭگو ، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ، ئۇيغۇرلار ئېسىل مىللەت دىگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز تەبىئى . شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ . مەسىلەن ، قەدىمكى زاماندا بۇ زېمىندا ھونلار ، چوڭ ياۋچىلار ، ساكلار ، ئىفتالىتلار ، چاڭلار ، تۇبۇتلار ، تۈركلەر ، سىيانپىلار ، قىتانلار ، جۇرجىنلار ، مۇڭغۇللار ياشىغان . بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىسى ئۆز دەۋرىدە كارامەت زورىيىپ ، قۇدرەت تېپىپ جاھاننى سورىغان . لېكىن ھازىرقى كۈندە بولسا بەزىسى كىچىكلەپ ئاجىزلاپ كەتتى ، بەزىسى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى . ئۇيغۇرلار بولسا ، تارىخدىكى بوران – چاپقۇندا راۋاج تېپىپ زورىيىپ ، شىنجاڭنىڭ ئاساسى مىللىتىگە ئايلاندى . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
بۇرۇنقى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىلا سوغدى يېزىقى ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ، خەنزۇ يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى ، سانسكرت يېزىقى ، پارس يېزىقى ،تۈرك يېزىقى ۋە تاڭغۇت يېزىقى بىلەن بۇددا دىنىغا ، مانىي دىنىغا ، نىستورىئان دىنى، مەجۇسىي دىنىغا ئائىت دىنىي كىتاپلارنى تاش مەتبەئەدە نەشىر قىلالىغان . بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچىراپتىكەن . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
بىرەر دەۋىرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەرباپلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت ، دەپ ئاتىماق تەس . شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۇسۇپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىي دېگەن ئىككى نەپەر كاتتا مەدەنىيەت ئەربابى چىققان .
بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ـ ئاخىرى بولۇپ شامان دىنىغا ، مانىي دىنىغا ، مەجۇسىي دىنىغا ، بۇددا دىنىغا ، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان . دۇنيادا دىن ئەقىدىنى شۇنداق كۆپ تاللىغان مىللەت تولىمۇ ئاز تېپىلىدۇ . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
ئۇيغۇرلار شىمالىي مۇڭغۇل قۇملىقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتە ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى . كېيىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچۈپ تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى . ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تارىمدىكى بىرمۇنچە قەبىلە ـ ئەللەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلدى . كېيىكى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى ، مۇڭغۇلنى ، قىتاننى ئاسسىمىلاتسىيە قىلدى . شۇنداق زور ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نىمە ؟
ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار ، لېكىن ئۆز ئالدىغا سىستېما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
ئەرەپلەرنىڭ بىر ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىنى مۇنداق ئوبرازلىق سۈرەتلىگەن : ‹‹ ئۇ گويا تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدىن دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە ، گۈللەرنىڭ رەڭ ـ پۇراق تۈرلىرىنى ئايرىپمۇ تۇرمايلا شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ ›› .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەئەنىلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ پارلاق نەتىجسى قاراخانىيلار سۇلتانلىقىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدۇر . ئۇنىڭدىن كېيىن دېڭىز – ئوكيان قاتنىشى راۋاجلانغانلىقتىن ، شىنجاڭنى ئارىلاپ ماڭىدىغان خەلقئارا سودا كارۋان يوللىرى بىكار بوپقالدى . شۇنداق بولسىمۇ ، ئۇيغۇرلار شۇ كونا ‹‹ يىپەك يولى ›› دا جاپاغا چىداپ قاتناپ يۈرۈپ ، كەڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەنىدى .
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ، كۆپ يولدىن، كۆپ تەرەپتىن، كۆپ قاتلامدىن كەلگەن چۆكتۈرمىلەرنىڭ جۇغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت .
ــ مىڭچىبى لۇلۇلۇ ( مۇڭغۇل ): ( ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش ) دىن .
مۇڭغۇللار ( چىڭگىزخان دەۋرىدە ) ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشنى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى دەپ قاراپ بۇ يېزىقنى ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئىران خەلقلىرىنىڭمۇ ئۆگىنىشىنىمۇ تەشەببۇس قىلغان . ئىلخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقى دۆلەت مەمۇرى ئاپىراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىق مەمۇرلارمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان . ھەتتا ئەينى دەۋرلەردە ئىلىم – پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان خوراساندىمۇ قىرغىندىن ساق قالغان ئالىملار ۋە پۇقرالار ئۇيغۇر تىل ـ يېزىقىنى ئۆگەنگەن .
ــ جۈۋەينىي ( ئىران )
ئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمى باشقا تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە قارىغاندا ، بالدۇر ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كىردى ھەم ھەممىدىن بۇرۇن شامانىزم بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ، ئالدى بىلەن مانىي دىنى ، كېيىنرەك بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلدى . تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر ئىچىدە بالدۇر يېزىق ئىجاد قىلىپ ، جۇڭگو بىلەن ماۋرائۈننەھىر ئارىسىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلققە ئايلاندى .
ــ ئا. يۇ. ياكۇبوۋىسكىې ( رۇسىيە )
كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا ، ئالدى بىلەن مېڭ سۇلالىسى دەۋرى ( 1368-1644 ) دە ئۆتكەن ، غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭ خېنى تىلغا ئېلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 يىل ئىلگىرى ـ يۇەن سۇلالىسى دەۋرى ( 1206-1368 ) دە ئۆتكەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش بولسا ، ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغانىدى. ئەلئۇقمىش ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى ، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىكى ئاتاقلىق شەخس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
ــ ۋاڭ شياۋ جيەن : ‹‹ ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش توغرىسىدا قىسسە ››، ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژورنىلى 1987-يىل 1-سان .
‹‹ سىلەر ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدىڭلار . تۈركي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن سىلەر يېزىقنى ئىجاد قىلغان . بۇ يېزىق نۇرغۇن تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە ئورتاق يېزىق بوپقالغان .ھازىرقى مۇڭغۇل يېزىقىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . قەدىمكى زامانلاردا ، ئۇيغۇرلاردىن ئاجايىپ زور ئالىملار يېتىشكەن . چىڭگىزخان ۋە ئۇنۇڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ، پۈتكۈل دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئىلىم – پەن ئۆگۈتۈش ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قولىدا ئىدى. تاتار خانلىرىمۇ ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن كۆپ نەرسىلەر ئۆگەنگەن ›› .
ــ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : ‹‹ ئىز ›› رومانىدىن .
بىز ئۇيغۇرلار تارىختا شانۇ ـ شەۋكەتلىك ئىشلارنى قىلغان ئەقىل ـ پاراسەتلىك مىللەت بولغان بولساقمۇ، كېيىن جەبرۇ – زۇلۇم، قۇللۇق، ئاسارەت تۈپەيلى قالاق، نادان، قاششاق بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالغانمىز . نادان مىللەتتە مەنىۋى ئىللەت كۆپ بولىدۇ. پۇلغا، مەنسەپكە خوتۇنغا ھېرىسلىق، خۇراپاتقا ئىشىنىش، يۇرتۋازلىق، قەبىلەۋازلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆزغورۇرىنى ساقلىماسلىق، ھەركىم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ، مىللەتنى ئويلىماسلىق ـ خۇلاسە كالام ، نادانلىق، نادانلىق ۋە يەنە نادانلىق، مانا بۇلار ئۇزۇن يىللىق ئاسارەتنىڭ مىللەت روھىغا باسقان مەرەز تامغىسى .
ــ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : ‹‹ ئىز ›› رومانىدىن .
مەنبە : مىسرانىم ( قىسقارتىلدى )  ئەجداد تورىدىن نەقىل قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top