ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىماننىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى -ئۇستاز ئابدۇلمىجىت زىندانى

ئىماننىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى -ئۇستاز ئابدۇلمىجىت زىندانى

SU VE KEMTERLIKتەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

ئىمان:

ئاللاھقا بولغان ئىمان ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمان نېمىتى مۇتلەق ئەڭ ئۇلۇغ نېمەت ھېسابلىنىدۇ. ئىمان تىل بىلەن سۆزلەپ قۇيۇش، ئەقىل بىلەن ئىتىقاد قىلىپ قۇيۇش بىلەنلا مۇكەممەل بولمايدۇ. ئىمان دىلغا ئورۇنلاشقان ئەقىدە بولۇپ، قۇياش ئەتراپىغا نۇر چاچقاندەك ياكى قىزىل گۈلنىڭ خۇشپۇراق ھىدى چىقىپ تۇرغىنىدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەسەر – نىشانلىرى سىرىتقا نامايان بولىدۇ.

ئىماننىڭ مېۋىسى:

ئىماننىڭ تۈنجى مېۋىسى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى نىشانى ئىنسانغا ئاللاھ ۋە رەسۇلنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بولىشى، ۋە ئىنساننىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىدە ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ نامايان بولىشىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل – ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھدىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھ نىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك – چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ»}. سۈرە تەۋبە 24- ئايەت.

ئىمان ئاللاھ تائاللانى، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاللاھ تائالا پەيغەبرىگە ۋەھىي قىلغان شەرىئەتنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت ھەقىقى مۇھەببەت بىلەن كامالەتكە يېتىدۇ. ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دېيىلگەن: “ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ مۇھەببىتى ھەر قانداق نەرسىنىڭ مۇھەببىتىدىن ئۈستۈن بولۇش، بىر ئىنساننى ياخشى كۆرگەندە پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، كۇفرىلىققا قايتىشنى ئوتقا تاشلىنىشىنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىسلەتكە ئىگە ئىنسان ئىماننىڭ ھەقىقى ھالاۋىتىنى تېتالايدۇ”.

ئىمان ئاللاھقا بولغان مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلغاندەك ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا جىھاد قىلىشقا، ھەقىقەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زۇلۇم ۋە بۇزۇقچىلىقلاغا قارشى كۈرەش قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {شۈبھىسىزكى، (ھەقىقى) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر}. سۈرە ھوجرات 15- ئايەت.

ئىماننىڭ ئىز – نىشانى ئاللاھ تائالادىن قورقۇشتا روشەن ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانى، ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقىنى، ئۇلۇغلۇقىنى بىلگەن ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تونۇغان ئادەم ئاللاھ تائالادىن ھەقىقى قورقۇدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ}. سۈرە فاتىر 28- ئايەت.

ئىمان مۆمىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە مۆمىنلەر بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت رىشتىسىنى چىڭىتىدۇ، مۆمىنلەر بىلەن ھەقىقەتكە توسقۇنلۇق قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. بۇ سۈپەت رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىدە ھەقىقى نامايان بولغانىدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۈيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن، دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى}. سۈرە فەتھ 29- ئايەت.

نەپسىنى تازىلايدىغان، دىلنى پاكىزلايدىغان، ھاياتنى گۈللەندۈرىدىغان ياخشى ئەمەللەر ئىماننىڭ ئىز – نىشانلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەللەر بىر – بىرىگە يېقىن قىلىنغان ھالدا بايان قىلىنىدۇ، ياخشى ئەمەللەردىن خالى ئىمان بەرىكەتسىز ئىمان بولۇپ، مېۋىسىز ھەتتا سايىمۇ بەرمەيدىغان قاغجالما دەرەخكە ئوخشايدۇ، ئىماندىن خالى ئەمەل رىيا ۋە نىپاقنىڭ ئەمىلى ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر- بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر – بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر}. سۈرە ئەسر.

ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىنى ئەقىل ۋە دىل بىلەن تۇنۇشى ئىنسانغا شىرىن مېۋىلەرنى ئاتا قىلىدۇ، ئىنساننىڭ نەپسىدە غۇبارسىز، پاك ئىز – نىشانلارنى قالدۇرىدۇ، ئىنساننى ياخشىلىق يولىغا باشلايدۇ، ئۇنىڭ نەپسىدە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى نېمەتلەرگە قىزىقىدىغان، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارەت روھىنى يېتىلدۈرىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشى بىلەن ئۇچرىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

نەپسىنى باشقىلارنىڭ ئىگىلىۋېلىشىدىن ئازات قىلىشمۇ ئىماننىڭ مېۋىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىمان تىرىلدۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرگۈچى، مەرتىۋىلەرنى چۈشۈرگۈچى ۋە كۆتۈرگۈچى، پايدا ۋە زىيان يەتكۈزگۈچى پەقەت ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {(ئى مۇھەممەد !) ئېيتقىنكى، ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزەمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى ئۆزەمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيىبنى بىلىدىغان بولسام (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن) نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان – زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن. شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى – يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ) مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن}. سۈرە ئەئراف 188- ئايەت.

ئىمان ھەقىقى رىزىق بەرگۈچى ئاللاھ تائالادۇر، دەپ ئىتىقاد قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن) كۆمۈلىدىغان جايىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا) يېزىلغاندۇر}. سۈرە ھۇد 6- ئايەت.

{نۇرغۇن ھايۋانلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ (يەنى ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىزدۇر)، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر}. سۈرە ئەنكەبۇت.

{ئاللاھ بەندىلىرىدىن قايسى ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلماقچى بولىدىكەن) ئۇنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر}. سۈرە ئەنكەبۇت 62- ئايەت.

ئىمان ئىنساننىڭ روھىنى يۈكسەلدۈرىدۇ ۋە ئۇنى ياخشىلىق ۋە كامالەتنىڭ مەنبەسى ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ يۈكسەك چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ياخشىلىق ۋە سائادەتنىڭ پاكلىق بىلەن ئالىجاناپلىقتا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. مانا بۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىر – بىرىگە يېقىن قىلىنغان ھالدا بايان قىلىنىشىنىڭ سىرىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ دىنىگە دەۋەت قىلىش:

ئىمانىدا راستچىل مۆمىنلەر خەلق ئاممىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىگە دەۋەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟}. سۈرە فۇسسىلەت 33- ئايەت.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە پەيغەمبىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەرىپلەشنى تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: {ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، (كىشىلەرنى) ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز»}. سۈرە يۈسۈپ 108- ئايەت.

بۇنىڭ بىلەن مۆمىن شەخس ۋە مۆمىن جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق غېمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۇقەددەس دىنىنى تارقىتىش، بۇ دىننىڭ خەلقئارالىق دىن بولىشى ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بۇ دىنغا دەۋەت قىلىش بولىدۇ.

ھەقىقەتنىڭ تەبىئىتى غالىپ ۋە ئۈستۈنلۈكتىن باشقىغا رازى بولمىغىنىدەك، ھەقىقەتنى ھىمايە قىلغۇچىلارمۇ ھەقىقەتنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا جان پىدا قىلىپ، ئىززەت ۋە بەخت – سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن باشقىسىغا رازى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە پۈتۈن خەلق ئاممىسىغا يېتەكچى ۋە ئۇلارغا شاھىد بولۇش خىزمىتىنى تاپشۇردى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولىشى ئۈچۈن بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق}. سۈرە بەقەرە 143- ئايەت.

پۈتۈن خەلققە ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغاندەك شاھىت بولۇش خىزمىتى ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى تۇلۇق يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ. ئىلگىرىكىلەر بۇ خىزمەتنى ئادا قىلىش يولىدا ئىسلام بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ شەرىق ۋە غەربىگە، شىمال ۋە جەنۇبىغا يۈرۈش قىلدى، نەتىجىدە دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپىدە “ئاللاھۇ ئەكبەر” ساداسى ياڭرىدى. دۇنيا مىللەتلىرى قېرىنداش بولغان ھالدا ئىسلام بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتى.

ھەقىقەتكە ئەگىشىش:

ئىمانىدا راستچىل مۆمىنلەر ئىسلام دىنىنى مۇكەممەل دىن، دەپ بىلىپ ئۇنىڭ بارلىق تەلىماتلىرىغا ئەگىشىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم}. سۈرە مائىدە 3- ئايەت.

بۇ ئايەت كەرىم بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام دىنىنى پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ ئورتاق دىنى بولىشىغا تاللاپ بەرگەنلىكىنى، بۇ دىننىڭ بىر پۈتۈن مۇكەممەل دىن بولۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن تۇلۇقلىنىشقا مۇھتاج ئەمەسلىكىنى، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ بۇ دىننىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگىشىشىنىڭ ۋاجىپلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمانىدا راستچىل كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە ناھايىتى قىزغىن ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر}. سۈرە ئال ئىمران 31- ئايەت.

مۆمىنلەرگە كۆيۈنۈش:

ئىمانىدا راستچىل مۆمىنلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، (ئاللاھ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر}. سۈرە مائىدە 54- ئايەت.

ئىمانىدا راستچىل مۆمىنلەر مۆمىنلەرنىڭ جەننەت يولىغا، كاپىرلارنىڭ دوزاخ يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن دوزاخ يولىغا مېڭىشنى يامان كۆرىدۇ، مۆمىنلەر ماڭغان توغرا يولدا مېڭىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، ئاللاھدىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز، (يەنى سىنالمايمىز) دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر}. سۈرە تەۋبە 16- ئايەت.

{ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە (يەنى كۇفرىدا مەھكەم تۇرسا)، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىن كىملەركى، ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر (يەنى ئۇلارغا ئوخشاش مۇشرىكتۇر، چۈنكى مۇشرىكلىككە رازى بولغان ئادەممۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ)}. سۈرە تەۋبە 23- ئايەت.

{ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى – ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ – دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان روھ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئاللاھدىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر}. سۈرە مۇجادەلە 22- ئايەت.

بارلىق مۆمىنلەرنى ياخشى كۆرۈش بولۇپمۇ ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان ساھابىلەرنى ياخشى كۆرۈش ئىمانىدا راستچىل مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھ دىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر}. سۈرە تەۋبە 100- ئايەت.

{ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ}. سۈرە ھەشر 10- ئايەت.

ياخشى ئەمەل ئىماننىڭ غىزاسىدۇر:

ياخشى ئەمەل ئىماننىڭ مېۋىسى بولغىنىدەك ئىمان ئۈچۈن ھەم ياخشى غىزادۇر. غىزا ياخشى بولمىسا بەدەن ئاجىزلىشىپ ھالاكەتكە يۈزلەنگەندەك، ياخشى ئەمەللەردىن مەھرۇم ئىمان زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ)، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ}. سۈرە زۇخرۇف 37- ئايەت.

ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلغان، نەپسى بىلەن كۆرەش قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىمانى كۈچلۈك بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن داۋاملىق بىللە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر}. سۈرە ئەنكەبۇت 69- ئايەت.

ئۈندىدار : qutad8

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش