• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » سەيىد قۇتۇپ ۋە ئەلى شەرىئاتى – ئەلى بۇلاچ

سەيىد قۇتۇپ ۋە ئەلى شەرىئاتى – ئەلى بۇلاچ

S.kUTUB&A.SARIATIقۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى

ئەلى شەرىئاتىنىڭ ئەسەرلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا ئۈچ مۇھىم ھالقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرىمىز. غەرب ھالقىسى: نېتىزى، سارترې، جامۇس (كامۇس)، ماسسىگنون، فىرانسىز فانون، ماركس، ئالېكىس كاررېل، فىرىئود، ئارون، پاسكال، سىمون دې بىرېۋيور قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە سارترې بىلەن تونۇشاتتى. مارتىنىكلىق فىرانسىز فانون بىلەن يېقىن دوستلاردىن ئىدى. شەرق ھالقىسى: بۇددا، كۇڭزى، مازدېك، گەندى ۋە چې گۇۋېرا قاتارلىقلار.
چې گۇۋېرانى شەرق سېپىغا ئورۇنلاشتۇردۇم. چې گۇۋېرا ماركسىزملىق ئەنئەنىدىن كەلگەن بولسىمۇ ئەسلىدە ئىسپانىيە كۈلتۈرى ئارقىلىق ئەرەب شىئىرچىلىقىنى ئىنقىلابىغا كىرگۈزگەن غوللۇق ئىنقىلابچىلاردىن بىرى. چې گۇۋېرانىڭ خىتابلىرىدا فېرېزداكنىڭ چۆلدە چېپىۋاتقان ئەرەب ئېتىنىڭ رېتىمىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. چې گۇۋېرا ماركسىست ئىنقىلابچىلاردىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇ ئىنقىلابنى ئەخلاقىي ۋە روھىي جەھەتتىن پاكلىشىش دەپ قارايتتى. ئەسلىدە بۇ ئىسلامىي بىر ئىدىيەدۇر. بۇ ئىدىيىنى ئەلى شەرىئاتىدا قويۇق ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەلى شەرىئاتى تۈرك مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە باشقا ئىرانلىق زىيالىيلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق.
تۈرك زىيالىيلىرى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان غەربلىك مۇتەپەككۇرلارنى ئوبدان بىلىدۇ، بىراق شەرقلىق مۇتەپەككۇرلاردىن كۆپ خەۋىرى يوق. رەھمەتلىك جەمىل مەرىچ مۇستەسنادۇر. ئەلى شەرىئاتى شەرق مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى. ھەممىدىن مۇھىمى قۇرئانى كەرىمگە پىششىق ئىدى. مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغا ئىشىنەتتى، ئۇنىڭغا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرەتتى. ئۇنى كائىناتنىڭ ئىپتىخارى دەپ بىلەتتى. قۇرئانى كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى مەنىۋى ۋە پىكىر جەھەتتىن ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئوزۇقلىنىش مەنبەسى ھېسابلىناتتى. ئىسلامىي ئېڭى ۋە بىلىمىنىڭ بۇلارغا قەرزدار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيتتى. شۇنچە بېسىم ئاستىدا ئىسلام يولىدا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تەۋرەنمەي ماڭالىدى. غەربلىكلەر ۋە ھاكىمىيەت كۈچلىرىدىن كەچۈرۈم سوراش، ئۇلارغا ياخشىچاق بولۇش، يېلىنىش،  ئۇلار سىزىپ بەرگەن يولدىن مېڭىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئەنئەنىچى تۈرك زىيالىلىرىغا ئوخشاش مۇقەددەسلەشتۈرمەيتتى.
ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ئۇستازى ئىدى. مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنى ئوبدان بىلەتتى. مۇھەممەد ئىقبالنى ياخشى تونۇيتتى. نۇتۇقلىرىدا ئۇنىڭ پىكىرلىرىدىن ئۈزۈندى بېرەتتى. جامالىدىن ئافغانى، غەززالى، ئىبنى ئەرەبى، موللا سادرى، ئىبنى سىنا، ئبىنى خالدۇن، سۇخرەۋەردى ماقتۇللارنى ئائىلىسىدىن، دادىسىدىن ئۆگىنىپ پىكىرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. تۈرك زىيالىيلىرى ھازىرغىچە بىلىپ بولالماي كېلىۋاتقان، ئىچىگە سىڭىپ كىرەلمەيۋاتقان نۇقتا دەل مۇشۇدۇر. تۈرك زىيالىيلىرى دۇنياغا، جەمئىيىتىگە زىيالىي سۈپىتى بىلەنلا قارايدۇ، خالاس. 200 يىللىق غەربلىشىش مۇساپىسى تۈرك زىيالىلىرىنى غەرب ئالدىدا پاسسىپ قىلىپ قويغان، باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرپان ۋە ئارىف ھاۋزىلىرىدىن ئۆزىنى كۈچەپ پەرقلەندۈرۈپ  غەربلىكلەرگە «بىز سىلەرگە ئۇلارغا قارىغاندا بەكرەك يېقىن، بىز غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايمىز، ئىسلام بىلەن غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرىمىز» دېيىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى باشقا مۇسۇلمانلاردىن ئايرىيدۇ.
تۈركىيەلىك ئەنئەنىچى زىيالىيلار ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ سەلتەنەتىنىلا  خىيال قىلىدۇ، خىيالى ئىسلام دۇنياسى ئارقىلىق زامانىۋى يەنى يېڭىچە ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقىنى بەرپا قىلىشتۇر. بۇ خىيالىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا غەربنىڭ تەستىقى ۋە قوللىشى شەرت، دەپ ئويلىشىدۇ. ئۈممەتنىڭ روھىغا ئىشەنگەن مۇسۇلمان مۇتەپەككۇر ئالدى بىلەن تەقۋا بولۇشى، ئارقىدىن جەمئىيىتى ۋە ئىسلام ئالىمىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىسى دەپ قارىشى، دەردلىرىدە كۆيۈشى كېرەك.
ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۈچ ھاۋزىسى ۋە ئۈچ سىمۋوللۇق ئىسمى تۆۋەندىكىدەك بولۇشى مۇمكىن:
1-​مىسىر ۋە سەيىد قۇتۇپ
2-​ھىند يېرىم ئارىلى ۋە مەۋدۇدى
3-​ئىران ۋە ئەلى شەرىئاتى
سەيىد قۇتۇپ بىلەن شەرىئاتى ئوتتۇرىسىدىمۇ بەزى ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. ھەر ئىككىلىسى غەربتە تەلىم-تەربىيە كۆرگەن ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىي ئوقۇغان. ئىسلامىي  مەنبەلەرگە ۋە ئىسلام تارىخىغا پىششىق.
سەيىد قۇتۇپ ئىسلامنى ئىجتىمائىي تۈزۈم، نىزام سۈپىتىدە چۈشىنەتتى، ئۇ يېڭى دۆلەت ۋە يېڭى جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. سەيىد قۇتۇپ ئانالىزلىرىدا مىسىرنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىنى تېما قىلغان. مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتتە ھەققىي مەنىدىكى ئەمىر بولمايدۇ، ناۋادا ئەمىر بولسا ئۇ مۇسۇلمان بولمايدۇ، مىسىردا مۇستەملىكە ۋالىيلىرى ياكى ئەمەلدارلىرى بولىدۇ. تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ زېھنىدە «دۆلەت ئەبەدىيدۇر» دەيدىغان ئىدىيە بار. بىراق سەيىد قۇتۇپ ۋە ئەرەب زىيالىيلىرىنىڭ زامانىۋى زېھنىدە «دۆلەت ئەبەدىيدۇر» دەيدىغان قاراش يوق. چۈنكى مۇستەملىكە قىلىندى، مۇستەملىكە ۋالىيلىرى، مۇستەملىكە ئەمەلدارلىرى ئەمىر ھېسابلانمايتتى.
مۇستەملىكە ھادىسىسى سوپىلار ئېيتقاندەك «قەھىردىن خوشاللىق تۇغىدۇ» دېگەن نەتىجىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنى سەيىد قۇتۇپقا كۆرەلەيمىز. سەيىد قۇتۇپقا كۆرە، جەمئىيەت جاھىلىيەدۇر. زامانىۋى تەبىرى بويىچە جەمئىيەت بىلىم ئاساسىغا بەرپا قىلىنىدۇ، ئىلمىي ئۇسۇل، ئىلمىي مەلۇماتلار بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بىلىم-جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى پوزىتىۋىزم (ئەمەلىيەتچانلىق) تەسىس قىلىدۇ. بۇ تەبىرگە كۆرە «ھاياتتا ئەڭ ھەق يولباشلىغۇچى ئىلىمدۇر». بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىلىم پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ ئىلمىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئىلمىي ئۇسۇل ۋە ئەقىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەبىئەتتىن قولغا كەلتۈرۈلگەن بىلىمنى كۆرسىتىدۇ. سەيىد قۇتۇپ بۇنىڭ جاھىلىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. قۇرئانى كەرىمدە تەرىپلەنگەن «نادان ۋە جاھىلىيە» مەلۇماتسىزلىق دېگەنلىك ئەمەس. نادان بىلىپ تۇرۇپ گۇناھنى، ئىسياننى، ئادالەتسىزلىكنى، تەڭسىزلىكنى ۋە ئىنكارنى قۇرۇلمىلاشتۇرغان ۋە ئورگانلاشتۇرغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەبۇ جەھىل ئەينى دەۋىردە ئەڭ ئوقۇمۇشلۇق بىر كىشى ئىدى. ئەلۋەتتە تاش دۆۋىسى، بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئەخمەقلەردىن ئەمەس ئىدى. بىراق ھەقىقەتنىڭ ئەكسىچە قەبىلە مۇتەئەسسىپلىكىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن «نېمە ئۈچۈن يېگانە ئاللاھ قەبىلىمىزدىن پەيغەمبەر ئەۋەتمىدى؟» دەپ ئىسيان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەبۇ جەھىل بولۇپ قالدى، يەنى نادان بولدى. ئىسرائىلىيە ئوغۇللىرى ۋەھىيگە ئىشىنىپ تۇرۇپ جەبرائىلغا خاتا ئادەمگە ۋەھىي ئېلىپ كەلدى، دەپ خاپا بولغىنىغا ئوخشاش.
سەيىد قۇتۇپنىڭ جاھىلىيە تەبىرى يۇقىرىقىدەك. ئەلى شەرىئاتى ئوخشاش زېھنى ھادىسىنى باشقا تېرمىن ۋە ئۇقۇم بىلەن ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭچە «دىنغا قارشى دىن» مۇشۇ ھادىسىنى ئىزاھلايتتى.
تۈركىيەدە ئەنئەنىچى دىندار زىيالىلارنىڭ تەپەككۇر دائىرىسىدە «دۆلەت ئەبەدىيدۇر» دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت. بۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان دۆلەت قارىشىدا «ھىكمەت ھۆكۈمەت ئارقىلىق بولىدۇ». مۇسۇلمان زىيالىي ھۆكۈمەتنى ھىكمەتلەشتۈرگەن دۆلەتنى پرىنسىپ جەھەتتە تەنقىد قىلىدۇ، بىراق توغرا چۈشىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ چۈشەنچە جەمئىيەتنى ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق مۇستەملىكە قىلىنىشقا ئىتتىرىدۇ. چۈنكى ئىسلامچى ئەنئەنىدىن چىقىپ ئەنئەنىچى كىملىككە ئۆتكەن تۈرك زىيالىيلىرى دۆلەت، ھاكىمىيەت ۋە سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك كۈلتۈر ئامىللىرىنىڭ بەزىلىرىنى غەرب مەنبەلىرىدىن قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە تەۋە بولمىغان غەربنىڭ مەپكۇرلىرى، بىلىملىرى ۋە سىياسىي چۈشەنچىلىرى ئۇلارنى يەنى تۈرك زىيالىلىرىنى ئۆز دائىرىسىدىلا مۇستەملىكە زىيالىسى قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن دۆلەتكە قارشى ئۆكتى قىلسىمۇ بىراق دۆلەتنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن قىلچىمۇ گۇمان قىلمايدۇ.  دۆلەتنى ۋە ھاكىمىيەتنى «خاتا قوللار»دا بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەنقىد قىلىدۇ. ئۇلارچە ئۆزلىرى دۆلەتنى قولىغا ئالغان ھامان دۆلەت دەرھال تۈزۈلىدۇ. ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئويلاشماستىن ئەگرى جەدۋەلگە ئوخشاش دۆلەتنى قولىغا ئالسا ئىلاھىي سۈننەتكە زىت ھالدا بۇ ئەگرى جەدۋەلنى تۈز سىزىققا ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ.  ناۋادا جەدۋەل ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قولىدىمۇ بولغان تەقدىردىمۇ ئەگرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەگرى سىزىققا چىقاتتى، خالاس. ئىمام خۇمەينى ۋە ئەلى شەرىئاتى خەلقىگە ئىشىنەتتى. ئۇلار خەلقنى ھاكىمىيەتنى قوللىماسلىقى چاقىردى. بۇ ھەرگىزمۇ خەلقنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقان قىممەت قاراشلىرى ۋە قەدرىيەتلىرىنى سىياسىي غەرەزگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان مەنپەئەتچىلىك ئەمەس ئىدى. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئىنقىلاب ئېلىپ بارغاندا پاكىزلىنىدىغانلىقىنى ۋە يېڭى قىممەت ئۆلچەملىرىنى بەرپا قىلالايدىغانلىقىنى ئويلايتتى، بۇ سەۋەبتىن كۈچنى خەلق ۋە جەمئىيەتتىن ئىزدىگەن. ئەنئەنىچى تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ زىھنىدە جەمئىيەت مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار سەل قاراۋاتقان ھەقىقەت ۋە مىللىي بولغان ھەر نەرسە جەمئىيەتكە ئەمەس بەلكى دۆلەتكە مەنسۇپ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top