• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » مۇتەپەككۈر ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

مۇتەپەككۈر ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

biyografi_aliya_izzet_begovic_1925_2003_h886[1]ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ 1925-يىلى بوسنىيەنىڭ (1878-يىلىدىن 1918-يىلغىچە نىمىسلارنىڭ قول ئاستىدا، 1945-يىلىدىن 1992-يىلغىچە يۈگۈسلاۋىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالغان)  بوسانا كىروبا دېگەن شەھىرىدە ئەسلى ئسىلامى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ سارايىۋۇ شەھىرىدە  تەلىم ئېلىپ، سارايىۋۇ ئۇنۋىرسىتېتىدا قانۇن، ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-پەنلەر پاكولتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. (http://tr.wikipedia.org/wiki/Alija_Izetbegovi%C4%87)

ئەلى ئىززەت 25 يىل قانۇن مەسلىھەتچى ۋە ئادۇكات بولۇپ خىزمەت قىلغان، 1946-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە (مۇسۇلمان ياشلىرى) نامىلىق تەشكىلات قۇرغان دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئەلى ئىززەت 1954-يىلى قانۇن پاكولتىتىغا كىرىپ 1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ، ئۇ مۇشۇ مەزگىللەردە “ئىسلام بايانى” نامىلىق كىتاب يېزىپ چىقىپ ژورنالدا نەشىر قىلىدۇ ۋە 1970-يىلى كىتاب قىلىپ چىقىرىدۇ. ئەلى ئىززەت 40 بەتلىك بۇ كىتاۋىنىڭ سەۋەبىدىن 1983-يىلى مۇھاكىمە قىلىنىپ 1988-يىلىغىچە تۈرمە جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ قانۇنشۇناس ۋە ئادۇكات بولغانلىقى ئۈچۈن قايتا تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىش ئارقىلىق 14يىللىق  قاماق جازاسىنى 5 يىلغا چۈشۈرىدۇ.
ئەلى ئىززەت (شەخسى تەرجىمھالىم) نامىلىق كىتاۋىدا، مەن “ئىسلام شەرق ۋە غەرب ئارسىدا” نامىلىق كىتاۋىمنى 1946-يىلدىن تارتىپ يېزىشقا باشلىغان ئىدىم، شارائىتنىڭ ناچارلىقىدىن بۇ كىتابنىڭ قول يازمىسى 20 يىلغا يېقىن مەخپى ساقلاندى، شارائىت بىر ئاز ياخشىلانغاندا بۇ كىتابنى قايتا تەھرىرلەپ كانادىدا تۇرۇشلۇق بىر دوستۇمغا ئەۋەتىپ بەردىم، ئۇ دوستۇم مەن تۈرمىدىكى چاغدا كىتابنى نەشىر قىلدى دەپ زىكىر قىلىدۇ.
ئەلى ئىززەت 1990-يىلى سىياسى پارتىيىسىنىڭ سايلامدا ئۇتقانلىقى ئۈچۈن بوسنىيەنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇ خەلق تەرەپتە تۇرۇپ، خەلقىنى پۈتۈن ئىشەنچ، جۈرئەت ۋە ئىمان بىلەن يېتەكلەيدۇ.
insan-1[1]ئۇرۇش بەش يىلغا يېقىن داۋاملىشىدۇ، بوسنىيە خەلقى ئاخىرى غەلبە قىلىپ ھۆرلىكىگە ئېرشىدۇ، 1995-يىلى دايتون تىنىچلىق ئىتتىپاقى تۈزۈلىدۇ، ئۇ 1996-يىلدىكى سايلامدا يەنە رەئىسلىككە قايتا سايلىنىدۇ.
ئەلى ئىززەت 2000-يىلى رەئىسلىك مەنسىپىدىن ئىستىپا بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بوسنىيەگە قاراتقان سىياسىتى بىلەن كىلىشەلمەيدۇ.
ئەلى ئىززەت ياۋرۇپانىڭ يۈركىدە ياشىغان شەخس بولۇپ غەرب تۈزۈمى ۋە ماركسىزمنى قاتتىق ئىنچىكە تەتقىق قىلغان.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ”ئىسلام شەرق ۋە غەرب ئارسىدا”نامىلىق كىتاۋىدا غەرب ۋە ماركىسىزم توغرىسىدا ئوتتۇرغا قويغان كۆز قاراشلىرى ئىسلام دۇنياسىدىن سىرت غەرب دۇنياسىدىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن.
ئەلى ئىززەت 78يېشىدا 2002-يىلى بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىدۇ.
ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.”ئىسلام بايانى” 1970-يىلى نەشىر قىلىنغان.
2.”ئىسلام شەرق ۋە غەرب ئارسىدا” 1984-يىلى نەشىر قىلىنغان.
3.”ئەركىنلىككە قېچىشىم”1999-يىلى نەشىر قىلىنغان.
4.”شەخسى تەرجىمھالىم ۋە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان سوئاللار” 2001-يىلى نەشىر قىلىنغان.
مانا بۇ مۇتەپەككۈر، ئالىم، بوسنىيە خەلقىنىڭ سىياسى ۋە پىكىرى داھىسى ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى.

(ئسىلام شەرق ۋە غەرب ئارسىدا)نامىلىق كىتاب ھەققىدە قىسقىچە ئوقۇشلۇق
ماددى ئىنسان
ئىنسان مەسىلىسى ئالەمدىكى بارلىق پىكىرلەرنىڭ ئاساسلىق تۈگۈنى،ئىنسان قانداق ياشىشى لازىم؟ دېگەن مۇنازىرە بولغاندا، مەسىلە بىزنى ئارقىغا سۆرەيدۇ،يەنى ئىنساننىڭ ئەسلىسى نېمە ئىدى؟دېگەن نوقتىغا باشلاپ كىلىدۇ.
دارۋىن نەزىريىسى بويىچە بولغاندا ئىنسان ماددى ئالەمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئىنسان جانلىق مەۋجۇدات بىلەن تەبىئەت ئارسىىدىكى ماددى ئالمىشىش ھەركىتىنىڭ تەبئى نەتىجىسى ياكى ئىنگىلىز ئېيتقاندەك” مۇھىتى،خىزمىتى ۋە ماددىنىڭ نەتىجىسى”،ئىنساننى ماددىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ھېچ بىر نەرسە تېپىلمايدۇ. مانا بۇ دارۋىنىزمنىڭ ئىنسانغا بولغان كۆز قارىشى.
ئىنسان ھاياتى بىر قۇتۇپلۇق مەپكۇرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھايۋان ھاياتىنىڭ داۋامى. ھايۋان دېگەن تامامەن تەبىئى بىر مەخلۇق يەنى ھايۋاندا سىر يوشۇرۇنمايدۇ، ئۇنىڭغا ياراملىق شەكىلدە ھەرىكەت قىلغىدەك تەبئى پروگىرام بىكىتىلگەن بولىدۇ(يەنى ھايۋاندا ئىختىيارلىق ۋە ئەركىنلىك بولمايدۇ).شۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋان ئۆزىگە ئىلگىرى بەلگىلەنگەن پروگىرامنىڭ سىرتىدا ۋاقتىنى زايا قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنى چارچىتىپ يۈرمەيدۇ.
مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن رەتكە سالىدۇ، چۈنكى گۈللەرنىڭ كۆپىنچىسى شىرنىسىنى مۇئەييەن ۋاقىتتا بىر قانچە سائەت تارقىتىدۇ،شۇ ۋاقىتتا ھەسەل ھەرىسى گۈللەرنىڭ شىرنىسنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن بارىدۇ.ئۇ ياخشى ئورۇنلارنى تاللىغاندەك مۇناسىپ ۋاقىت تاللايدۇ.يۆلۈنۈشنى بەلگىلەش ئۈچۈن زېمىندىكى خىلمۇ-خىل بەلگە ۋە ئالامەتلەرنى ئىشلىتىدۇ.ئاسمان بۇلۇتلۇق بولۇپ قالغاندا ھەسەل ھەرىسى ئۆزىنى ھاۋاغا ماسلاشتۇرۇپ بۇلۇتلار ئارسىدىن قوياش نۇرىنى تارتالايدۇ…مانا مۇشۇنداق.
kalbi-2[1]بۇ ئىقتىدارلار بۇ ئالەمنىڭ ئىقتىدارى بولۇپ، جانلىق مەۋجۇداتلارنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنى ياشاشقا قادىر قىلىدۇ.ھايۋانلار مۇتلەق ۋەزىپە ۋە تولۇق قانۇنىيەت ئىچىدە ياشايدۇ، مەسىلەن، چۈمۈلە ۋەزىپىسنى چۈمۈلىلەر ئارسىدا تولۇق ئادا قىلىدۇ، جامائىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قوربانمۇ قىلىدۇ. لېكىن بۇ چۈمۈلىنىڭ ئەركىن ئىختىيارىلىقى بىلەن بولمايدۇ بەلكى ئىجتىمائى سايماندىكى پەقەتلا ۋەزىپىسىدىن ئىبارەت.
ھايۋانلار ئەمەلىيەتچان بولۇپ، ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا ئۆز ئەينى يەنى سىرتى ئىچىگە ئوخشاش كۆرنىدۇ، ھايۋانلار ئىككى قۇتۇپلۇق(ماددى ۋە روھى)ھاياتىدا ياشىمايدۇ،ئۆز قانۇنىيىتىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشنى چۈشىگىمۇ كەلتۈرمەيدۇ،نىيەت ياكى ئىلھام دېگەننى بىلمەيدۇ. ھايۋانلار بىر تەرەپلىمە ھالەتتە ياشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك بولمايدۇ،ھايۋانلار خاتالىقسىز ياشايدۇ. غەيىب،مۇقەددەس، سىرلار، ئىبادەت، قوربان بېرىش، گۈزەللىك ياكى سەنئەت دېگەندىن بىر نەرسىنى بىلمەيدۇ.ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن ھاياتى ماددى كۆرسەتمە بىلەن پروگىراممىلاشتۇرۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭدا سىر ياكى مەخپى ئىشلار دېگەن نەرسە بولمايدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭدا بىر ئالەمدىن يەنە بىر ئالەمگە يۆتكىلىش چۈشلىرى بولمايدۇ.
ھايۋاننىڭ ئىنسان بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟
دارۋىننىڭ ئىنسانغا قارىتا ماددى نەزىريىسى ئەسلى تۈرىدىن سۆزلەيدۇ،داۋرىنىزم تەسەۋۋۇرى بويىچە ھەممە مەخلۇقاتلار ھاياتنىڭ ئىپتىدائى(ئامبىيا)شەكلىگەقايتىدۇ. ئىپتىدائى شەكلى خىمىيۋى(ماددى) بىرىكمىلەرنىڭ ھەرىكەت نەتىجىسى ئارقىلىق پەيدا بولغان بولىدۇ.
داۋرىن نەزىريىسى بويىچە بولغاندا ئىنسان ماددىدىن ئامبىياغا(ئىپتىدائى شەكىل)تەرەققى قىلغان، ئامبىيا تەرەققى قىلىپ يۇقىرى مايمۇنغا تەرەققى قىلغان، ئۇنىڭدىن ئىنسانغا تەرەققى قىلىپ جىسمانى ۋە پىكرى مۇكەممەللىككە يۈزلەنگەن.تەرەققى قىلىش ھايۋانى ۋە جەۋھىرىدە سرتقى بولغانلىقى ئۈچۈن ماددا دائىرىسىدە داۋاملاشقان.
ئەلۋەتتە ئىنسان بىلەن ھايۋان ئارسىدا ئورتاق ئىشلار مەۋجۇد، مەسىلەن:تۇيغۇ، ھۇشيارلىق، ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى، ھاجىتىنى قاندۇرۇش رىغبىتى، كوللىكتىب بولۇپ ياشاش رىغىبىتى…ئىنسان بىلەن ھايۋان ئارسىدىكى پەرق تەرەققى قىلغاندىن كېيىنمۇ دەرىجە، سەۋىيە ۋە تەرتىپتە بولغان،تۈردە بولمىغان. ماددىزم نەزىريىسى بولغاندا ئالاھىدە ئىنسان جەۋھىرى تېپىلمايدۇ.
دارۋىن نەزىريىسى ئىنساننى تەبىئەتنىڭ ئوغلى، تەبىئەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، جون ۋاتسۇن:”ئىنسان بىلەن ھايۋان ئارسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان سىزىق بولمايدۇ”دەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ماددى دائىرىدىكى پىسخولوگىيە ئىلمى كائىناتنى ماددى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئالەمگە ئىنچىكە سۈرەت بەرمەكچى بولىدۇ، ئاخىرىدا ئىنساننى ماددىلارغا پارچىلاپ تەبىئەت قانۇنىيتى ئاستىدا ئېرىپ تۈگەيدۇ دەپ قارايدۇ.
ماددىزم كۆز قارشىدا پىسخولوگىيە ئىلمى ھايۋانى ۋە ئىنسانى پىسخولوگىيە ئىلىمى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنمەيدۇ.ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئىنسان بىلەن ھايۋان ئارسىدىكى پىسخولوگىيە ئىلىمى بىر.ماددىزمدا كىشلەرنىڭ ئىجتىمائى مەۋجۇتلىقىنى ئاڭ بەلگىلىمەيدۇ، ماددا بەلگىلەيدۇ.شۇنداقلا كشىلەرنىڭ روھى ھاياتىنى ماددى شارائىتى بەلگىلەپ بېرىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ماددى نەزىريەنىڭ پرىنسىپى بىر قانچە نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىدۇ:بىرىنچى قېتىم ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئاندىن-تەدرىجى چۈشۈش ئۇسۇلىغا قارىتا-ئىنساننى ئىنكار قىلدى.ئاندىن كېيىن ھاياتلىقنىمۇ ئىنكار قىلدى.ئاخىردا ھەممە نەرسە پەقەتلا ئويۇنچۇق ئورنىدا ۋە پارچە كۈچلەرنىڭ بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ ئالمىشىشىدا دېگەن نوقتىغا يەتكۈزدى.
ئەمەلىيەتتە ئىنسان ماددى ئىنساندىن جەۋھىرى شەكىلدە پەرقىلىنىپ تۇرىدۇ.ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا بىئولۇگىيەلىك ۋەزىپە ئەمەس(يەنى ھايۋاندەك ئىختىيارسىز ھەرىكەتلىنىدىغان مەخلۇق ئەمەس)،ئىنساندا ئىنساننى تەبىئەت مۇقەررەرلىكى، مۇتلەق سەبەبىيەت ۋە ماددى مەنپەئەت دۇنياسىدىن ئەركىنلىك، ئىختىيارلىق، ئىككىلىنىش، قوربان بېرىش…دۇنياسىغا يۆتكەيدىغان بىر نەرسە بار.

مىتافىزىكا رولى ۋە كەسكىن نەتىجە
ئىنساندا ماددى تەبئىيىتى بىلەن قانائەتلەنمەيدىغان بىر نەرسە مەۋجۇد، بۇ نەرسە ئىنساننى داۋاملىق كۆز ۋە قۇلاق ھېس قىلالايدىغان ماددى يۈزىدىن باشقا بىر نەرسىنى ئىزدەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، بىز بۇ ئىنسان ئىزدەپ يۈرگەن نەرسىنى “مۇقەددەس”دەپ ئاتىيالايمىز.چۈنكى ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشقا باشلايدۇ. ئەمدى ئىنساننى ماددى ھاياتىنى ياخشىلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ياساش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ئىبادەت،ئەپسانە، خۇراپى ئېتىقادلار، ئۇسۇل، بۇت، سىھىر، پاكلىق، نىجىسلىق،ئۈستۈنلۈك، لەنەت،بەرىكەت، مۇقەددەس،ھارام قىلىنغان…دېگەندەك ھاياتىنى ئوراپ تۇرىدىغان پىكىرلەر ھەققىدە ئويلىنىشقا نېمە سەۋەبچى بولدى؟
نېمە ئۈچۈن ماددىلارنىڭ بىۋاستە كۆرسەتمىسى بىلەن قانائەتلەنمەي،ئۇنىڭ نەزىرىدە بەك ئەھمىيەتلىك دەپ قارىلىدىغان ماددىغا خىيالچان بىر خىل كۆرسەتمىنى قوشىۋالىدۇ؟. ھايۋانلار ۋەزىپىسىنى يېتەرلىك مۇقەررەرلىك بىلەن ئادا قىلىدۇ.مەسىلەن، ھايۋان ئوۋسىغا بىۋاستە يۈزلىنىپ، ئوۋسىنى ئوۋلاش ئۈچۈن پۈتۈن ھۇشيارلىقىنى ئىشقا سالىدۇ.ھايۋان ئوۋسىنى كەسكىن لوگىكا بىلەن قوغلايدۇ.ئىنسان بولسا ئەتراپىدىكى ئامىللار بىلەن تەسىرلىنىدۇ.قۇربانلىق قىلىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ ۋە دىنى شوئارلارنى ئېلىپ بارىدۇ.
ھەسەل ھەرىسى بولسا ئۆز جىنسىدىن پايدىسى قالمىغان ھەسەل ھەرىلىرىنى يوقتىۋىتىدۇ، ئىنسان بولسا ياشىنىپ قالغانلارنى، ئۆلۈكلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە جىنازا شوئارلىرىىنى تۇرغۇزىدۇ.
ھايۋاناتلار ماددى ئالەم(ماددىنىڭ يۈزەكى كۆرنىشى)بىلەن ئىنساننى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرجىدە مۇئامىلە قىلىدۇ،لېكىن ئىنسان ھەقىقى ۋە خىيالى نەرسىلەرنىڭ چوڭقۇرىغا ۋە ئىچى-سىرتىغا چۆكىدۇ، مۇشۇ نوقتىدىن نىيەت ۋە ئىلھامنىڭ ئەھمىيىتى كۆرنىدۇ.
ھايۋاناتلار كەسكىن قانۇنىيەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ، قولايلىق پۇرسەت كەلگەندە ئوۋىسغا ھۇجۇم قىلىدۇ، خەتەر ھېس قىلغاندا قاچىدۇ،ئۇ قايغۇرماي ياكى چۇچۇپ كەتمەي ئۆز گورۇھى ئىچىدە ياشايدۇ.ئىنسان بولسا داۋاملىق ئىككىلىنىپ تۇرىدۇ، ئىنساننىڭ ئىستىلى ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ۋە تۈرلۈك ئىختىيارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.ئىنسان ئىلگىرى بەلگىلەنگەن ئىجتىمائى ۋەزىپە سايمىنى بولۇشقا ھەرگىز رازى بولمايدۇ.ئۇنىڭدىن سىرت ئىنسان قورقۇنچا ۋە ئىككىلىنىش دېگەن نەرسىنى كائىنات ۋە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ھېس قىلىدۇ.ئىنساندىكى قورقۇش ھايۋان ھېس قىلىدىغان بىئولوگىيەلىك قورقۇشنىڭ ئۆزى ئەمەس.ئىنساندىكى قورقۇش ئىنسانىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ سىرلىرى ۋە تېپىشماقلىرى بىلەن باغلانغان.بىلىپ بېقىش، ھەيران بولۇش، نەپرەتلىنىش ۋە دەھشەت بېسىش ئارلاشقان قورقۇنچىدۇر.مانا بۇ ئارلاشما تۇيغۇلار ئىنساننىڭ مەۋجۇتلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئەزەلى ئامىلدۇر، بۇ تۇيغۇلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇرىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
ئىنسان ئەقىل، خىيال ۋە ۋىجدانغا ئىگە مەخلۇق بولۇپ ھايۋاندىن پەرق ئېتىپ تۇرىدۇ،ئىنسان تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىدۇ،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەبىئەتتىن يات مەخلۇق ئىكەنلىگىنىمۇ ھېس قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان باشقا بىر ئالەمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئىنسان(تەرەققى قىلىش سەۋىيسىدىن قەتئى نەزەر)رەسىم سىزىش، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش،ئىلاھقا قۇربانلىق قىلىش ۋە قەبىرلەرگە گۇۋاھچى تۇرغۇزۇش( يەنى قەبرىگە بەلگە قويۇش)قا مايىل بولىدۇ.
ئىنسان ئىچىدە(يەنى كۆڭلىدە) ئۆزىنى ھايۋاندىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ. مەسىلەن، مايمۇن دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى مىۋىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىنى ئىشلىتىشى ياكى ئېيىقنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تاشنى ئىشلىتىشى مۈمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ قايسى بىرسى قۇربانلىق قىلمايدۇ ياكى رەسىم سىزمايدۇ ياكى ۋىجداننىڭ ئەيىپلىشىنى ھېس قىلمايدۇ.
گىرىك دىراممىلىرى،دانتىنىڭ جەننەت ۋە دوزاختىكى چۈشى،گىرىك دىنى ناخشىلىرى، ياپۇننىڭ قەدىمقى گەج سۈرەتلىرى ۋە يېڭى سۈرەتلىرىنىڭ داۋرىننىڭ مايمۇن ئىنسانى(ئادىمى)بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بىزنىڭ يۇقىرىقى نەرسىلەرنى تەبىئەتنىڭ نەتىجىسى دەپ قوبۇل قىلىشىمىز مۈمكىن بولمايدۇ. “قۇتۇلۇش دىنى”نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇيغۇلار قايسى؟تىراگىدىيەلىك ئىپادىلەش دېگەن نېمە؟نېمە ئۈچۈن-ئىنسان ۋە ھايۋان ئانا تەبىئەتنىڭ سەمەرىسى تۇرۇپ-بارلىق جانلىق نەرسىلەردە قورقۇنچا دېگەن نەرسە تېپىلىدۇ.
مىتافىزىكا ئايلىنىشى ئىنساننى ماددى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئايرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان تەبىئەت ئۈستىدە بولسىمۇ تەبىئەتتىن يۇقىرى تۇرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساندا ماددى تەبىئەت يەنە بىر تەرەپتىن روھى قۇتۇپ تېپىلىدۇ.مىسال ئالايلى:بىز (تەۋھىد)بىلەن (ۋاھىدىيە)نى پەرقلەندۈرۈپ قارشىمىز لازىم،چۈنكى ئۇ ئىككى سۆز بىر بىرىگە زىت ئۇقۇمنى بېرىدۇ.(تەۋھىد)دېگەن سۆز تەبىئەت ۋە تارىختىن پاك(يەنى سرت) بىر ئىلاھقا ئىشىنىش دېگەنلىك بولىدۇ.بۇ دېگەنلىك ياراتقۇچى بىلەن يارتىلغۇچىنىڭ ئىككى قۇتۇپلۇقىنى يەنى ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.مانا بۇ كۆز قاراش ئاللاھ ئالەمنى ياراتتى ۋە ئالەمگە چۈشمىدى دېگەن ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر،يەنى ياراتقۇچى يارتىلغان مەخلۇقاتلىرى بىلەن ئوخشاش ئەمەس دېگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ.( ئاللاھنى كائىناتنىڭ ئىچىدە دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش چوڭ خاتالىقتۇر، چۈنكى كائىنات مەخلۇق ۋە تەبىئەتتىن ئىبارەت، ئاللاھ كائىناتنىڭ سىرتىدا.شۇنداقلا ھەللاجىنىڭ(ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد)يەنى ئىلاھنىڭ روھى زېمىنغا چۈشكەن دەيدىغان نەزىريىسى پۈتۈن خاتادۇر).
ماددى نەرسىلەرگە قارايدىغان بولساق ماددى نەرسىلەردە پەقەتلا ماددى جەۋھەر تېپىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ماددا”ۋاھىدىيە”(يەنى بىرلىك تۈزۈمى)دەپ ئاتىلىدۇ.پەرەز بويىنچە بىر ماددىزمچى ئىلاھغا ئىشەندى دەيلى، ئۇنىڭ نەزرىدىكى ئىلاھ ماددىغا چۈشكەن بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن داۋاملىق دەيمەنكى:(ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد)تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسى جەۋھىرىدە-گەرچە ئۇلار سوپىزم ئىمانى ئاتالغۇلىرىنى ئىشلەتسىمۇ-ماددىزم كۆز قارشىدۇر.چۈنكى كائىناتتا بىر جەۋھەر(قۇتۇپ)بار دەپ ئىشىنىدىغان كىشى بىرلىككە ئىشەنگەن بولىدۇ، تەۋھىدكە ئىشەنگەن بولمايدۇ. چۈنكى تەۋھىد-ئۇقۇمى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك-ئاللاھنىڭ ماددىدىن ئايرىملىقى ۋە ماددىدىن پاكلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
ئىنسان ئىلاھنىڭ يارتىشى ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان نەرسە،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلاھ بولمىسا ئىنسان بولمايدۇ.
تاسادىپىلىق ئەپسانىسى
“ئىنسان تاسادىپى پەيدا بولۇپ قالغان” دېگەن كۆز قاراش ئىلمى نەزىريە ئەمەس، دارۋىن نەزىرىيىسى ئىنساننىڭ ئىككى قۇتۇپلىقىنى ئىزاھلاپ بېرەلمەيدۇ.مەسىلەن،ئالەم تاسادىپى يۈز بەرگەن خىمىيىۋى بىرىكمىلەرنىڭ نەتىجىسىدىن پەيدا بولۇش نەتىجىسىدە ئاددى ھۈجەيرىلەر ئاشكارا بولۇپ ئىنسانغا ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ. تاسادىپىلىق نەزىريىسى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريىسىگە تەۋە.
ئالەمنى تاسادىپى يارتىلغان دەپ پەرەز قىلىش پەقەتلا تەخمىنى گەپ، ھەقىقەت ئەمەس، يەنى ئۇنىڭ پاكىتقا ئىگە ئىلمىلىكى يوق قۇرۇق گەپ.ئەگەر بىز ئالەمنىڭ تاسادىپى پەيدا بولىشى مۈمكىن دەپ قارىساق، ئۇنداقتا بىر پارچە نادىر شېئىر كومپىيوتىردا ئۆزلىكىدىن بېسىلىپ قالامدۇ ياكى كونۇپكىلارنى قالايمىقان بېسىش نەتىجىسىدە يېزىلىپ قالامدۇ؟
تاسادىپىلىق مەخلۇقلارنى ئىزاھلاپ بېرەلمەيدۇ،چۈنكى كائىناتلارنىڭ شۇنچە كۆپ زەررىلەردىن تەركىپ تېپىشى پىلانلىق بولغان ئىش، زەررىلەر مۇئەييەن ئۇسۇل بىلەن بىرىكسە ئالتۇن بولىدۇ، يەنە بىر خىل ئۇسۇل بىلەن تىزىلسا سۇ بولىدۇ…مانا مۇشۇنداق پىلانلاش تاسادىپىلىقنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
تاسادىپىلىق نەزىرىيىسى يالغان نەزىريە، چۈنكى شىۋىتسىيەلىك تەبىئەت ئالىمى(تىشارلىز يوجىن جاي):”بىروتىن قىسمىنى ھىساپلاش ئارقىلىق تاسادىپى يارتىلىش ئىھتىماللىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان.ئۇ بىروتىن ماددىسىنىڭ بىر قىسمىنى يارتىش ئۈچۈنلا بىر سىكونىتتا 51014 دولقۇن(چاستوتا)پەيدا قىلىدىغان شارائىت ئاستىدا 10243 مىليارت يىل كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.شۇنىڭغا ئاساسەن ھاياتلىقنىڭ(زېمىننىڭ ئۆمرى دەپ ئۆلچىنىۋاتقان) 4 ياكى 5 مىليۇن ئىچىدە تاسادىپى يارتىلىپ قالغانلىقىغا ئورۇن يوق”.
بۇ ھىساپنى گىرمانىيەنىڭ جوتنجىندىكى جانلىق تەبىئەت خىمىيەسى ماكىس بىلانىك ئىنوستېتى فىروفېسورى مانفىريد ئىيجىن قايتا ھىساپلاب كۆرگەن. ئۇ ئالىم: “يەر شارىدىكى بارلىق سۇلار تاسادىپى يول بىلەن بىر بىروتىن ماددىسىنى پەيدا قىلىشقا يەتمەيدۇ دېگەن كۆز قاراشنى ئىسپاتلاپ چىققان.كائىنات پەيدا بولغاندىن تارتىپ 10مىليۇن يىللار قايسى بىر تۈردىكى بىروتىن ماددىسىنى ئىشلەپچىقىرشقا يەتمىگەن،يەنى ئىشلەپچىقىرالمىغان”.
روسىيەلىك ئالىم بىلاندىن مۇنداق دەيدۇ:”زېمىندا مىليۇن تەجىربىخانا بولۇپ مىليۇن يىللار خىمىيۋى ماددىلارنىڭ تەركىپ تېپىىشى ئۈچۈن ئىشلىسە سىناق شىشىسىدىكى(قان تپىىنى تەكشۈرۈشتە قان ساقلىنىدىغان نەيچە كۆزدە تۇتۇلىدۇ)بىر ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى بەك نادىر ئەھۋال. ھولدىن ھىساۋاتىغا ئاساسلانغاندا 1310 دا 1 پۇرسەت بولىشى مۈمكىن. مانا بۇ بىروتىن ماددىسىنىڭ بىر قىسمىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان مەسىلە، ئۇ بىر ھايات نەرسىگە قىياس قىلىنسا پۈتۈن بىر بىناغا قارشى تۇرۋاتقان بىر تال توپىغا ئوخشايدۇ.
بىئولوگىيە ئىلمى ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈك ماددىلار ئارسىدىكى چوڭ بوشلۇقنى تارايتىشقا قادىر بولالىدى، لېكىن ھاياتلىق ۋە ئۆلۈك ماددىلار ئارسىدا ئېنىقلانماي قېلىپ قالغان كىچىك بوشلۇقتىن ئۆتۈش مۈمكىن ئەمەس، بۇ كىچىك بوشلۇققا سەل قاراش ئىلمى خاتالىق سانىلىدۇ…شۇنداقتىمۇ مانا بۇ ماددىزمنىڭ رەسمى مەيدانى(يەنى ئىلمى خاتالىق بولسىمۇ دەستەك قىلىش)”.
مەسىلەن بىز مۇئەييەن ئۇسۇلدا قويۇلغان ياكى مۇئەييەن غەرەز ئۈچۈن ئىككى يادىكار تاشنى ئۇچراتساق، بىز شەكسىز ھالەتتە بۇ قەدىمقى زاماندىكى ئىنساننىڭ ئىشى دېگەن خۇلاسىگە يېتىمىز.ئەگەر بىز تاشقا زادى ئوخشىمايدىغان بىر ئىنساننىڭ  تولۇق باش موسكولىسىنى ئۇچراتساق، ھېچ بىر ئىنسان ئۇ تولۇق باش موسكولىنى ئاڭلىق بىر ئىنساننىڭ ئىجادىيىتى دەپ ئويلاپ قالمايدۇ. بۇ ئادەم باش مەسكولى ياكى ئىنساننىڭ تولۇق موسكول ھەيكىلى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالغان ياكى تاسادىپى يارتىلىپ قالغان دەپ قارىسا ئەقىلسىزلىق بولىدۇ.
ماددا-تاسادىپىلىق ئارقىلىق-ماددىنى كىسىپ ئۆتىدىغان ئىنسان، ئاڭ، ئەقىل ۋە غايىگە ئوخشاش ئامىللارنىڭ پەيدا بولىشىغا ئېلىپ باردى دەپ قارايدىغانلار،ئىشنىڭ ئاخىرىدا ماددىغا ماددى بولمىغان نەرسىلەرنى نىسبەت بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماددىزم پەلسەپىسى مەقسەتلىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ.ئۇلارنىڭ پەرەزلىرى كىچىك بالىنىڭ تەرسا جاھىللىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننى ماددى ئەسلى ئەپسانىسى بىلەن ئىزاھلاشتا چىڭ تۇرۇش ئۇلارنى ئەخلاق مەسئۇلىيىتىدىن قوغداپ قالىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top