• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » زىيا سەمىدىنىڭ «يىللار سىرى» رومانى

زىيا سەمىدىنىڭ «يىللار سىرى» رومانى

ziya_semi(ئۈمىدۋار تەييارلىغان)

ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ 19-20-ئەسىرلەردىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلىغان، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نامايەندىلىرىدىن، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلىرىدىن بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمىدى، ئۆزىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى تۇنجى يىرىك ئەسىرى، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلى ۋادىسىدا مەنچىڭ باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىپ، دۈشمەنگە تېز پۈكمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان باتۇر ئۇيغۇر قىزى مايىمخاننى ئاساسىي قەھرىمان قىلغان تارىخىي رومانى «مايىمخان»نى 1965-يىلى يورۇقلۇققا چىقىرىش بىلەن ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

ئۇ ئارقىدىنلا يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئېلىپ بارغان داغدۇغىلىق ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تۇتۇش قىلىپ، «يىللار سىرى» ناملىق تۆت توملۇق رومانىنىڭ بىرىنچى كىتابىنى 1967-يىلى، ئىككىنچى كىتابىنى 1971-يىلى نەشر قىلدۇردى. ئۇ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ روماننىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كىتابلىرىنى 1989-يىلى قازاقىستان «يازغۇچى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«يىللار سىرى»دا خاتىرىلەنگەن تارىخى ۋەقەلەر
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
يازغۇچى «يىللار سىرى»نىڭ 1-، 2-كىتابلىرىدا خوجانىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى قۇمۇل خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى، بۇ قوزغىلاڭ ئوتلىرىنىڭ تېزدىن كېڭىيىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا جايلىرىغا تۇتۇشۇپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى بايان قىلىدۇ.
بۇ كىتابلاردا خوجانىياز ھاجىم ئاساسىي قەھرىمان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىش جەريانىدا، ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقىدىكى ئىجابىيلىكلەر ۋە قارمۇ-قارشى زىددىيەتلىك تەرەپلەر ئېچىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي كۆز قاراشلىرى، شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى شېڭ شىسەي، ما جۇڭيىڭ، خوجانىياز ھاجىم ۋە سابىت داموللام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا كۈرەشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەقسەت-نىشانلىرى ئەتراپلىق بايان قىلىنىدۇ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
باش قەھرىمان پازىلنىڭ روھى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئەسەردىكى باش قەھرىمان پازىل باشتىن-ئاخىرى دېگۈدەك خوجانىياز ھاجىمنىڭ يېنىدا يۈرۈدىغان، ئۇنىڭ سىياسىي كۆزقاراشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان شەخس بولۇپ، پازىل ئانا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىق يوللىرىنى ئىزدىگۈچى ياش مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.
زىيا سەمىدىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پازىل 30-يىللار ئۇيغۇر سىياسىي مۇھىتىنى ياخشى چۈشەنگەن، بەلكى مىللەتنى ھەقىقى ئازادلىق يولىغا باشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى ۋەزىيەت ھەمدە خەلقئارا مۇھىتنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغان يۇقۇرى سىياسىي تەپەككۇرغا ئىگە ياش ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ، ئۇ دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغاندىن كېيىن، خوجانىياز ھاجىم ھەر خىل ئادەملەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. ھەتتا قەشقەردە زور ئابرۇيغا ئىگە، يەنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نى بەرپا قىلىپ، 30-يىللار ئۇيغۇر تەقدىرىنى ئوڭلاپ قېلىشقا يول ئاچقان، يۇقىرى سىياسىي تەپەككۇر ۋە ئەخلاق-پەزىلەتكە ئىگە سابىت داموللام بىلەنمۇ تىل تاپالمايدۇ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئىنقىلابلار نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولدى؟
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
زىيا سەمىدى خوجانىياز ھاجىمنىڭ بۇ خىل خاتالىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ 30-يىللاردىكى ئازادلىق كۈرەشلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ھەر بىر قەھرىماننىڭ ئۆزىگە چۈشلۈك ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقلىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
زىيا سەمىدى «يىللار سىرى»نىڭ مەزكۇر ئىككى كىتابىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، خوجانىياز ھاجىم قوزغىغان كۈرەشنىڭ مەغلۇبىيىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى كۈچ سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ئەپچىللىك بىلەن يورۇتۇش بىلەن بىرگە، ئاساسىي سەۋەبنى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نادانلىقى، ئىتتىپاقسىزلىقى، ئىنقىلابنى توغرا نىشانغا باشلايدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان بىرلىككە كەلگەن، يەنى ھەممە قوزغىلاڭچىلار بىردەك بويسۇنغان سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىلەن باغلايدۇ.
ئەسەردە يەنە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ساتقىن-خائىنلار ۋە شېڭ شىسەينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكلىرى، شېڭ شىسەينىڭ ئالدامچىلىقىغا ئىشەنگەن نادانلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاجىئە ئېلىپ كەلگەنلىكى يورۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خائىن-ساتقىنلار مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىدە پىكىر ئىختىلاپلىرىنى تۇغدۇرغۇچى، ئارىنى بۇزغۇچىلاردۇر.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
كىملەر جاۋابكار ياكى كىملەر ئەيىبلىك؟ بۇ پەقەت يىللار سىرىدۇر
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«يىللار سىرى» رومانىنىڭ ئۈچىنچى كىتابى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسىم سەككىز باپتىن، ئىككىنچى قىسمى ئون باپتىن تۈزۈلگەن.
ئۈچىنچى كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا 1934-يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆلكىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكىلگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان بىر قاتار سىياسىي تەدبىرلىرى، ئۇنىڭ ئىشپىيونلۇق ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، بۇ خىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن قوزغىلاڭچىلارنى پارچىلىغانلىقى، «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» دېگەندەك يالغان شوئارلار بىلەن جاسۇسلۇق ۋاسىتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقى، جۈملىدىن رەھبىرىي شەخسلەر ۋە ئىلغار زىيالىيلارنى نازارەت قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ.
زىيا سەمىدى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان: «دېمەك ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان قانلىق توقۇنۇشلار، شىددەتلىك جەڭلەردە مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تۆكۈلگەن مەسۇم قانلىرى ۋە ئومۇمەن دىيارىمىز خەلقىنىڭ بېشىغا چۈشكەن خانۇ-ۋەيرانچىلىق ھېچ بىر نەتىجىسىز، خۇلاسىسىزلا يوققا چىقامدۇ؟ بۇ كەبى دەۋر تەلىپى، ۋىجدان تەلىپى بولغان سوئالغا كىملەر جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك؟ كىملەر جاۋابكار ياكى كىملەر ئەيىبلىك؟ بەلكىم بار بۇ ھالەت، شارائىت، جەريانلار يىللار سىرىدۇر»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تەپەككۇرلەر ئەبىدى داۋاملىشىدۇ
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
زىيا سەمىدى ۋەقەلەرنى ئەنە شۇنداق خۇلاسەلەش بىلەن بىرگە ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى، يەنى زىيا سەمىدىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى تىپى بولغان زاماننىڭ تەپەككۇرلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئەسەردىكى بارلىق ئىنقىلابنىڭ شاھىدى ھېسابلانغان زامان خوجا نىياز ھاجىمنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئاتالمىش «يېڭى ھۆكۈمەت»كە مۇئاۋىن رەئىس بولغانلىقىغا نىسبەتەن گۇمانىي كۆز بىلەن قاراپ، شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ھېچ ئىشەنمەيدۇ، ئەكسىچە بۇنى بىر يېڭى قۇۋلۇق–شۇملۇق ۋە پاجىئەنىڭ باشلىنىشى دەپ پەرەز قىلىدۇ.
زىيا سەمىدى زاماننىڭ قوزغىلاڭ مەغلۇبىيىتى ھەققىدىكى تەھلىللىرى توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىزنى مۇشۇ كۈنگە قويغان ئاساسىي ئىللەت-بىزگە يېپىشىۋالغان نادانلىق ۋە چىرىك خۇراپات! مۇشۇ قوشمۇ-قوش قالاقلىق تۈپەيلى بىز روناق تاپماي كېلىۋاتىمىز، مۇشۇ ھالىتىمىزدىن پايدىلانغان چەتئەل مۇستەملىكىچىلىرى، يەنى بىزگە ئەسىرلەر بويى ئەڭ رەزىل ۋە مەككار دۈشمىنىمىز گومىنداڭ قاراقچىلىرىدىن كۆرە، ئاشۇ نادانلىقىمىز، قالاقلىقىمىز تېخىمۇ خەتەرلىكرەكتۇر»
ئاتاقلىق تارىخى رومان يازغۇچىسى زىيا سەمىدى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «يىللار سىرى» ناملىق رومانىنىڭ ئۈچىنچى كىتابىنىڭ 2-بابىدا، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي سەھنەسىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئىككى شەخس، يەنى بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئەبەدىي ياراشتۇرۇپ بولغىلى بولماس سىياسىي كۆز قاراش ۋە مەقسەتكە ئىگە ئىككى رەقىب – شېڭ شىسەي بىلەن سابىت داموللام ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە ھەققىدە بايان قىلىدۇ.
«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ بەرپا قىلغۇچىسى سابىت داموللام، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن خوجانىياز ھاجىمنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
جاللاتنىڭ ھىيلىسى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە، شەڭ شىسەي ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئابرۇي ۋە ئىناۋەتكە ئىگە، شۇنىڭدەك ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تەسىرى بار بۇ دىنىي ئالىمنى جۇڭگولۇقلارنىڭ «ھارۋىدا توشقان ئېلىش» تاكتىكىسى بويىچە ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قارشىلىقلىرىنى باستۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپتىكى ئىسلام دۇنياسىنى ئالداشنى مەقسەت قىلغان ئۆز پىلانى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىدۇ. زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەككار شىڭ شىسەي ئەنە شۇ كەلگۈسى ھىلە-نەيرەڭلىرى ئۈچۈن سابىت داموللامنى مىرزا قاماق ھېسابىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئەتراپىغا ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە خەن مىللەتلىرىدىن بولغان جاسۇسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇمشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ زاتنى ئەيۋەشكە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.
پېرسوناژلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە خاراكتىرىنى ئوبرازلىق ھەم قايىل قىلارلىق يورۇتۇشقا ماھىر يازغۇچى زىيا سەمىدى، بىرى ئۆز مىللىتى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل، ئازاد دۆلىتىنى بەرپا قىلىش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كۈرەشكە ئاتلانغان، يەنە بىرى ئۆز مىللىتى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ئىدىيىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەممە ۋاستەلەرنى قوللىنىشقا تەييار تۇرغان بۇ ئىككى رەقىب، يەنى سابىت داموللام بىلەن شېڭ شىسەينى بىر يەردە ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسكىن سىياسىي مۇنازىرىسى ئارقىلىق، بۇ ئىككى شەخسنىڭ، جۈملىدىن ئىككى مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىدىكى توقۇنۇشلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئىككى رەقىبنىڭ تۇنجى يۈز كۆرۈشۈشى زىيا سەمىدىنىڭ قەلىمى ئاستىدا مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:
سابىت داموللام ئىككى جاسۇسنىڭ باشلىشى بىلەن شىڭ شىسەينىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىلىدۇ. سابىت داموللام ۋەھشىي رەقىبىنى تۇنجى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ ئادەتتىكىدەك تەلەتى سەت بىر خەن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ھەمدە بىپەرۋا ھالدا ئولتۇرىدۇ. شىڭ شىسەيمۇ ئۆزىنى ساراسىمىگە سالغان بۇ رەقىبىنىڭ ئۆزى ئادەتتە كۆرۈپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بىر مەيدان ئېلىشىش
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
شىڭ شىسەينىڭ سابىت داموللام بىلەن بولغان سۆھبىتى مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
شېڭ شىسەي: دا ئاخۇن جانابنىڭ ئىلتىماسى بولسا، مەرھەمەت، ئېيتسۇن
سابىت داموللام: مېنىڭ نېمە ئىلتىماسىم بولغاي؟ زاتەن مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى دۇبەن جانابلىرى ئۆزى خالىغان ئىدىغۇ؟!
شېڭ شىسەي: تۇرمۇش جەھەتتىن ئېيتايلۇق .مەسىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇش، كۈتۈش قاتارلىق ئىشلارچۇ؟
سابىت داموللام شېڭنىڭ بۇ مۇغەمبەرلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇپ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ:
سابىت داموللام: مەن بىر تۇتقۇندىكى مەھبۇسمەن، ئەسلا مېھمان ئەمەسدۇرمەن، ئۇنى-بۇنى تەلەپ قىلىپ ئەكىلەيدىغان ياكى تەۋەزلىك قىلىدىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، گەپ تەگىشىشلەر، كۈچلۈك سىياسىي پۇراققا ئىگە سۆزلەر ۋە شىڭ شىسەينىڭ خىرىس ھەم ھەيۋىلىرى ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدىكى سۆھبەت داۋاملىشىدۇ.
سابىت داموللام، شىڭ شىسەينىڭ يالغاندىن ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ داھىيسى ۋە قەھرىمانى دەپ تەرىپلىشىنى قەتئىي تۈردە رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛
سابىت داموللام: پېقىر بولسا، بەختسىز خەلقىمنىڭ ئازادلىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر ئاددىي جەڭچىمەن، دېمەك ئۆزۈمنى تەكرار قەيت قىلىمەنكى، ئۆزۈمنى داھىلار ۋە مۇرەببىلەر قاتارىغا قويۇش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتاكى قىياسەن ئوخشىتىشقىمۇ ئۇيۇلىمەن.
شېڭ شىسەي: دا ئاخۇننىڭ ئومۇمەن ئىلتىماس ياكى تەلەپ قىلىدىغان بىرەر مەسىلىسى يوق ئىكەنلىكىگە تەئەجۈپلىنىمەن.
سابىت داموللا: شەخسەن ئىلتىماس ئەمەس، تەلەپلىرىم بارلىقىدا شۈبھەم يوقتۇركى، ۋە لېكىن مەن ئۆزۈمدىن ئۆزگىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىشقا، تەلەپلەر قويۇشقا ھەققى-ھوقۇقۇم يوق. ئەمدى ئىلتىماس مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىلتىماس، ئۆتۈنۈش ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىمەن دېيىشنىڭ ئۆزى ساددا دىللىق ۋە خامۇشلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شېڭ شىسەي: ئەگەر مەن دا ئاخۇننىڭ ئورنىدا بولسام، مەن شۇ ھالەتتە ئولتۇرمايتىم.
سابىت داموللام: ھە-ھە! مەن چەتئەلگە قېچىپ جان بېقىشتىن كۆرە، ئوز ئانا دىيارىمدا قېلىشنى، كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئۇلۇغ زېمىندا ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆردۈم.
شېڭ شىسەي: ھا، ھا، دېمەك دا ئاخۇننى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن چەتئەللىكلەر، توغرىراقى ئىنگىلىزلار ئاخىرىسىدا كېرەكسىز ھېسابلاپ تاشلاپ كېتىپتۇ-دە؟
سابىت داموللام: بەلكىم شۇنداقتۇر، چەتئەللىكلەرگە ئىشەنگەن، مۇناسىۋەت باغلىغان ۋە قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەن سىياقى پاراسەتسىزلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق، دەل مەن كەبى بولمىقى بىقاراردۇر.
شېڭ شىسەي: خوپ، شۇنداق ئىكەن نېمە سەۋەبتىن بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئىنگلىزلار بىلەن تىل بىرىكتۈردىڭىز، جانابىي دا ئاخۇن؟
سابىت داموللام: سىزلەرگە، يەنى مەسىلەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئازادلىق كۈرەشتە بىرەر زور، قۇدرەتلىك، سىزلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان مەملىكەتكە تايانماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېسابقا ئېلىپ، ئىنگىلىزلارغا تايانغان ئىكەنمىز. ئەپسۇسكى، ئۇلار مەن دېگەن يەردىن چىقمىدى، ئەلھاسىل مېنىڭ كەچۈرۈپ بولمايدىغان خاتالىقىم – باش پاناھ بولارلىق ياردەمچىنى تاللاپ ئالالمىغانلىقىمدا.
شېڭ شىسەي: دا ئاخۇن ئىنگىلىزلاردىن قاتتىق رەنجىگەن ئوخشىمامدۇ؟
سابىت داموللام: ئۇلاردىن ئەمەس، ئۆزۈمدىن رەنجىگەن ئادەممەن،
شېڭ شىسەي: سىز جانابىي دا ئاخۇن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنى «مۇستەملىكىچى» دەپ ئاتاپ ئۆتۈپ كەتتىڭىز، ئەجەبا جۇڭگونىڭ جاھانگىرلار قورشاۋى ۋە بىۋاسىتە تەسىرى ئاستىدا يېرىم مۇستەملىكە ھالىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلىرىمىزنى، يەنى مانجۇرىيەنى ئىشغال قىلىۋىلىپ، ئوز يېرىمىزدە ئاتالمىش مانجۇرىيە قورچاق دۆلىتىنى قۇرغانلىقىنى نېمە دەيسىز ياكى ئىنكار قىلامسىز؟
سابىت داموللام: ھەقىقەتەن قانداقلارچە ئىنكار قىلغىلى بولىدۇ؟ دۇبەن جانابلىرى قەيت قىلغان ھالەت دەرھەقىقەت مەۋجۇتتۇر، خەلقئارا مىقيادا سىزلەر خىتايلار يېرىم مۇستەملىكە ھالىتىنى باشتىن كەچۈرىۋاتساڭلارمۇ، بىزگە نىسبەتەن سىزلەر مۇستەملىكىچى، بىزلەر بولساق بوزەكنىڭ بوزىكى!
شېڭ شىسەي: نېمە دېدىڭ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئارىلماس بىر تەركىبى قىسمى، شۇنداق ئىكەن، بىز قانداقلارچە ئۆز ئېلىمىزگە ئۆزىمىز مۇستەملىكىچى بولىدىكەنمىز؟
سابىت داموللام: دىنىي دەستۇر بويىچە دۇبەننىڭ كەلتۈرمەك بولغان دەلىلى – سىزلەر، ئۆزۈڭلار توقۇۋالغان پەتىۋادۇر. بىزنىڭ پەتىۋارىمىز بولسا، شىنجاڭ – بۇ بىزنىڭ ۋەتەندۇركى، ھېچكىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىشقا ھەققى-ھوقۇقى يوق! شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئازادلىق كۈرىشىمىز، مەيلى ئۇ قايسى شەكىلدە بولمىسۇن، ھەققانىي كۈرەشتۇر..
شېڭ شىسەي: ياق! ئۇنداق ئەمەس، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ماجىرالارنىڭ ھەممىسى ئائىلىۋى ماجىرا، ئاكا-ئۇكىلار ئارىسىدىكى ماجىرادىن باشقا نەرسە ئەمەس.
سابىت داموللام: ياق! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىزلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ماجىرالار مۇستەملىكىچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى، ھاكىم مىللەت بىلەن مەھكۇم مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسە قىلىپ بولمايدىغان كۈرەشتىن ئىبارەت!
بۇ تەرىقە رەت قىلىپ بولمايدىغان ھەققانىي دەلىل ئىسپاتلارغا چەك باسقىچە جاۋاب بېرىشتىن قىينالغان شېڭ شىسەي ئوڭايسىزلىنىپ، پەۋەز كالپۇكىنى يالىغانچە لۆم-لۆم كرېسلوغا چۆكۈپ كەتكەندەك ئولتۇرۇپ قالدى. سابىت داموللام رەقىبىگە زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇردى.
سابىت داموللام: سىزلەر خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەمىشە داتلاپ، شىكايەت قىلىدىغان «ئون يىلدا بىر كىچىك قوزغىلاڭ، ئوتتۇز يىلدا بىر چوڭ قوزغىلاڭ» كۆتۈرۈشىمىزمۇ مېنىڭ يۇقۇرىدا قەيت قىلغان دەلىللىرىمنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى ئەمەسمىكەن جانابىي دۇبەن؟
شېڭ ئاخىرى جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:
شېڭ شىسەي: سىز، دا ئاخۇن، دىنىي ئالىمدىن كۆرە نازۇك سىياسەتچى ئىكەنسىز، ھەتتا، كۈرەش، ماجىراغا ئوخشىغان قان تۆكۈشتىن قايتمايدىكەنسىز، پانى دۇنيانىڭ مۇلاقىتىگە بېرىلىپ، باقى دۇنيانى-ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟
سابىت داموللام: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۆرىتى كەلگەندە جەڭگە قاتنىشىپ، ئىككى چىشى شېھىت بولغانلار…. ۋەتەن ئازادلىقى، مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن تۇغ كۆتۈرۈپ، جەڭ قىلىش مۇقەددەس پەرزىمىزدۇر.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
قاتتىق ۋاسىتىدىن يۇمشاق ۋاستىغا ئۆتۈش
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
زىيا سەمىدى بۇ ئىككى رەقىبنىڭ سۆھبىتىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا شىڭ شىسەينىڭ قاتتىق ۋاسىتىدىن يۇمشاق ۋاسىتىگە ئۆتۈش تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقى ھەققىدە يەنە مۇنداق يازىدۇ؛
شەڭ شىسەي: دا ئاخۇننى شىنجاڭ بويىچە قازىكالان قىلىپ تەيىنلىسەك، بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە تاۋى قانداق؟
سابىت داموللام جاۋاب قايتۇرۇشقا ئالدىرىمىدى. ھالبۇكى بۇ جاۋابنىڭ ئۇنىڭ كېلەچەك تەقدىرىنى ھەل قىلىشىنى چۈشىنەتتى. ئەگەر شېڭ شىسەينىڭ شەرتىگە كۆنۈدىكەن، دېمەك، قەست دۈشمىنى بىلەن شېرىكچىلىك قىلاتتى، رەت قىلسا، ھاياتىدىن جۇدا بولۇش دېمەكتۇر.
شەڭ شىسەي: جاۋاب كۈتمەكتىمەن دا ئاخۇن؟
سابىت داموللام: مەن باقى دۇنيانىڭ تەرەددۇتىنى قىلىۋاتقان بەندەمەن.
سابىت داموللا بىلەن شىڭ شىسەينىڭ سۆھبىتى ئەنە شۇنداق كەسكىن ئېلىشىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. زىيا سەمىدىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، سابىت داموللامنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتەن ئىككى يول، بىرى ئۆز مەقسەت-نىشانى ۋە غايىسىگە خائىنلىق قىلىپ، دۈشمىنى شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلىشىش، يەنە بىرى ئۇنىڭغا تىز پۈكمەي، ئوز قەسىمى ۋە ۋىجدانى يولىدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش مەۋجۇت ئىدى.
تارىخىي مەلۇماتلار ئىسپاتلىدىكى شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزى بىلەن ھەمكارلاشقان خوجانىياز ھاجىم قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە يۈز مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(ئۈمىدۋار تەييارلىغان)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (3)

  • Terry

    Thanky Thanky for all this good inintmarfoo!

  • كەتمەنباي

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بەگيار قېرىندىشىم، ھەممىنى ئىلان قىلىش مۈمكىن بولمىسىمۇ، مۇۋاپىق كېلىدىغان بابلىرىنى تاللاپ مۇشۇ توربەتتە ئىلان قىلىۋەتسىڭىزمۇ بوپتىكەن.

  • bagyar

    زىياسەمەدىي ئەپەندىنىڭ «يىللار سىرى»ناملىق رومانىنىڭ 1-2-قىسمى مەندە بار. لېكىن سىلاۋيان ئۇيغۇر يېزىقىدا، ئەگەر نەشر قىلىپ تارقاتقۇچىلار بولسا ئۇيغۇر كونايېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرىمەن.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top