• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » «بۇ زېمىنغا تۈكۈرۈشكە بولمايدۇ!»

«بۇ زېمىنغا تۈكۈرۈشكە بولمايدۇ!»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

image

مەن تۈركىيەگە بېرىپ،ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتىتنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانىتى بولغىنىمدىن كىيىن،تەبىئي ھالدا ئاشۇ يەردە ئۇقۇۋاتقان بىرمۇنچە يۇرتداش ياش ئۇقۇغۇچىلار بىلەن تۇنۇشۇم قالدىم.شۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇمىجىت مۇھەممەدجان ئىسىملىك خەلىقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىى بۇيچە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقتا ئۇقۇۋاتقان بىر يېگىت بۇلۇپ،يېڭى بارغان چېغىمدا يۇرتداشلىق-قېرىنداشلىق كۆرسىتىپ،ھال-ئەھۋالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئالغان ئىدى.
-ئانا يۇرتتا مېنىڭ بىر تاغام بار،ئۇنىڭغا بەك ئوخشىشىدىكەنسىز،-دەيتتى ئۇ پات-پات،-تارتىنماڭ،نېمە ئىشىڭىز بولسا،«ھايىت»دېسىڭىزلا ھايال ئۆتمەيلا يېنىڭىزغا ئۈنىمىز.
ئەمەليەتتە بۇمۇ يۇرت سۆيگۈسى،ۋەتەن مۇھەببىتىنىڭ تەبىئىي ھاسىلى ئىدى.چۈنكى تۈركىيەدىمۇ 80 مىليۇن ئىنسان بار،ئۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ئابدۇمىجىت ئىنمنىڭ تاغىسىغا ئوخشايدىغان ئادەم چىقماسمۇ؟چىقىدۇ،بەلكى كۈرمىڭ!بۇ يەردىكى گەپ ۋەتەندىن يېڭىلا كەلگەن،يېنىغا كەلسە ئانا يۇرتىنىڭ توپىسى«گۈپ-گۈپ»پۇراپ تۇردىغان مەن ھەمشەھىر ئۇ ئىنىمنىڭ كۆزىگە ئۆز تاغىسىدەك ئىللىق كۈرۈنگەن گەپ،خالاس.
1998-يىلى مارت ئېيىنىڭ باشلىرى ئىدى.بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت بەشلەر ئەتىراپىدا،ئەنقەرەنىڭ مەركىزى«قىزىل ئاي مەيدانى»يېنىدىكى تۆمەر(تۈرك تىلى ئۆگىتىش مەركىزى)دىن دەرستىن يېىنىپ چىقىۋاتسام،تېلفۇنۇم سايرىدى.ئالسام،ئابدۇمىجىت ئىنىم ئىكەن.ئۇ:«مۇئەللىم پولو قىلغان ئىدۇق،شۇنداق ئوخشاپتۇ،قىسنىپ قالدۇق.دەرھال كەلگەن بولسىڭىز»دېدى ئۈتۈنۈش ئاھاڭىدا.كەچلىك تاماق ۋاقتىمۇ يېقىنلىشىپ قالغاچقا،نېزقاپ ئولتۇرماي،«ماقۇل»دېدىم ۋە دەرھال يولغا چىقتىم.
مەن تۇرۇشلۇق جاي قىزىل ئاي مەيدانىنىڭ شەرقىي جەنۇپ تەرپىگە بىر كىلومىتىرچە كېلدىغان «جەبەجى»رايۇندا.ئابدۇمىجىتلەر بولسا،قىزىل ئاي مەيدانىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 5-6 كىلومېتىر كېلدىغان «ئەتلىك»ئولتۇراق رايۇندا تۇراتتى.
كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن بېرىپ،ئەتلىك ئولتۇراق رايۇنى بېكىتىدە چۈشۈپ قالدىم.ئاندىن،ئابدۇمىجىتلار تۇردىغان بىنا بار كوچىغا قايرىلىپ،يولنىڭ ئوڭ چېتى بىلەن كېتىۋاتاتتىم.توساتتىن،نېمىشقىدۇر تۈكۈرگۈم كەلگەندەك بولدى،ئاڭلىق-ئاڭسىز ھالدا يەرگە تۈكۈردۈم.«تۈفى!»قىلغىنىمنى بىلىمەن،شۇئان ئارقامدىن كېلۋاتقان 10 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا دەرھال ئالدىمغا ئۈتۈپ،جىددى ھالدا ۋارقىراپ سوردى:
-ئابى!سەن بۇ يەردە تۈكۈردۈن دېيىلمى؟(ھەي ئاكا!سەن بۇ يەرگە تۈكۈرۈپ قويدۇڭ،شۇنداقمۇ؟)
قارىسام،بۇ شاكىچىكىنىڭ ئەلپازى بەكلا يامان،كۆزلىرنى چەكچەيتىپ،كىچىككىنە مۇشىتلىرىنى مەھكەم تۈگۈپ،چۈجە خورازدەك «ئېتىلىمەن»دەپلا تۇرۇپتۇ.ئەتىراپىمغا قارىسام باشقا ئادەملەرمۇ يوق،كوچا ئازادە ئىدى.نېمىشقىدۇر بۇ كىچىككىنىە بىر بالا ئالدىدا ئەيبىمنى بوينۇمغا ئالغۇم كەلمىدى.
-مەن تۈكۈرمىدىم،-مەنمۇ بوش كەلمىگەن قىياپەتتە ۋارقىراپ جاۋاب بەردىم.بىراق،جىدديىلەشكىنىمدىن ئۇيغۇرچە جاۋاب بىرىپ تاشلاپتىمەن،شاكىچىك دەرھال سىزىپ،سەل يۇمشىغان ئاھاڭدا دېدى:
-ھە،سەن ئورتا ئاسىيادان گەلەن مىسافىرمىشىسىن دېيلىمى،ئابى؟(ھە،سەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن مېھمان كىشىكەنسەن-دە،ئاكا؟)
مەن بېشىمنى لىڭىشتىپ جىم تۇردۇم.
-ئاما،سەن كىم ئولۇرسان ئول،ئابى،بىلمەن كەرەككى،بۇ زەمىنە مۇتلاكا تۈكۈرۈلمەز!(ئەمما،سەن كىم بۇلىشىڭدىن قەتئىينەزەر،شۇنى بىلىپ قويغىنكى،بۇ زېىمىنگە مۇتلەق تۈكۈرۈشكە بولمايدۇ!).شاكىچىك سەل تۇرۋالغاندىن كىيىن،جىددىي ئاگاھلاندۇرغان قىياپەتتە يەنە داۋام قىلدى،-نىچىن بىلىيۇرمۇسۇن؟چۈنكۇ ئاياغىن ئالتىنداكى بۇ زەمىنىن ھەر يەرىندە ھەپ شەھىدلەر ياتىيۇر!كۇرتۇلۇش ساۋاشى دۆنەمىندە،يالنىز چاناك كالە ساۋاشىندا بابالارىمىز تام 500 بىن شەھىد ۋەرمىشلەر،ئابجىم(سەۋەبىنى بىلەمسەنكىن،سەن دەسسەپ تۇرغان بۇ زېىمىننىڭ ھەممە يېرىدە شېھىتلەر ياتىدۇ.ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلدە،يالغۇز چاناق قەلئە ئۇرۇشىدىلا 500 مىڭ شېھىت بەرگەن ئىكەن،جېنىم ئاكا)!
بۇلۇنغان گەپ شۇ،ئەمدى بۇ ھالدا،مەن نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟قۇلقىمغىچە قىزىرىپ كەتتىم.يۈزۈم يال-يال ئوت ئېلىپ كەتكەندەك بولدى.دەرۋەقە،كۆرۈنگەن يەرگە كەلسە-كەلمەس تۈكۈرۈشقۇ دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە شەرەپلىك ئىش ئەمەس،تازلىق ئۆلچىمى نوقتىسىدىن تۇرۇپ،ھەممە ئادەم ئەيىبلەيدۇ.بىراق،ئون ياشلىق بىرتۈرك بالىسىنىڭ ئۆز ۋەتىننىڭ زېىمىننى شۇ قەدەر ئاددىي،ئەمما شۇقەدەر ساپ ۋە شۇ قەدەر بىباھا ئاڭ ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان بىلىك تۇيغۇسى بىلەن ئەزىزلىشى ماڭا ئۇنتۇلماس بىر دەرىس بولدى ئۆمرۈمدە.
ئاخىردا،ئابدۇمىجىتلەرنىڭ ئۆيىگە سالام بىلەن كىردىم.پولو ھەقىقەتەن ئوخشاپتىكەن،دۇئادىن كىيىن،بۇ بالا دېمەتلىك دوسىتلىرىمغا يۇقىرقى ئىبرەتلىك سەرگۈزەشتەمنى ئەينەن سۆزلەپ بەردىم……

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئىنكاسلار (2)

  • ئۇيغۇرىيە1021

    شۇنداق ،بىزمۇ تۈرىك قىرىنداشلىرىمىزدىن قىلشمغۇدەك پاكىزلقنى ،ھالاللىقنى سۆيدىغان مللەت ئىدۇق،نىمە بولدىكن تاڭ ،ياكى يامانغا يۇلۇقساڭ يارسى يۇقار دىگەندەك بەزىلەرنىڭ مەينەتچىلىكى بىزگىمۇ يۇققان ئوخشايدۇ.

  • كامىلە

    ئئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قېرىندىشىم!يازمىڭىزدىن شۇنداق تەسىرلەندىم.ئەسلى بىزمۇ شۇنداق بىر مىللەت ئىدۇق،لېكىن ھازىر ئۆزىمىزدىكى ئېسىل خىسلەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمز،بۇنىڭغا زادى نىمە سەۋەپتۇ؟……

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش