You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » NASA: كېيىنكى 10 يىللىق ئاي كالېندارى

NASA: كېيىنكى 10 يىللىق ئاي كالېندارى

بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش، ئۆزىنى «ئۇيغۇر زىيالىسى» دەپ ھېسابلايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ مىللىي مەجبۇرىيىتى.
—ئەركىن سىدىق

رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قېرىندىشىمىز مەندىن يېڭى ئاينىڭ قايسى كۈنى چىقىدىغانلىقىنى سوراپ ئۇچۇر يوللاپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن مەن توردا ئىزدىنىش جەريانىدا، ھەممەيلەن ئۈچۈن لازىم بولىدىغان بىر تور بېتىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.  بۇ تور بېتى ئارقىلىق ھازىردىن باشلاپ بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر ئاي ئىچىدە ئاينىڭ چىقىش ئەھۋالى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.  بۇ تور بېتىنىڭ ئادرېسى:

http://www.moonconnection.com/moon_phases_calendar.phtml
بۇ تور بېتىدە ئاي سانلىق رەقەم بىلەن ئەمەس، ئىنگلىزچە يېزىلىشى بويىچە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى مۇنداق:
1.January – يانىۋار
2.February – فەۋرال
3.March – مارت
4.April – ئاپرەل
5.May – ماي
6.June – ئىيۇن
7.July – ئىيۇل
8.August – ئاۋغۇست
9.September – سىنتەبىر
10.October – ئۆكتەبىر
11.November – نويابىر
12.December — دىكابىر

بولسا بۇ تور بېتىنى ئېچىپ بېقىپ، ئۇنىڭ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان-ئېچىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا بىر ئۇچۇر يوللاپ قويغان بولساڭلار.  ئەگەر بۇ تور بېتى ئېچىلمىسا، مەن يەنە باشقىلىرىنى ئىزدەپ باقاي.

قۇياش سىستېمىسىدىكى پلانېتىلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىر ئىنتايىن ئېنىق تەرتىپ ۋە ئاسترونومىيىلىك قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان بولغاچقا، ناسا بۈگۈندىن باشلاپ مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە، يەنى، 3013-يىلى ئىيۇل ئېيىدا، ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ ھېسابلاپ چىقالايدۇ.  تۆۋەندىكى رەسىمدە بۇ يىل (يەنى 2013-يىلى) ئىيۇن، ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.  ئۇنىڭغا قارىساق، بۇ قېتىمقى يېڭى ئاي 9-ئىيۇل كۈنى چىقىپتۇ.  ئاۋغۇستتىكى يېڭى ئاي 8-ئاۋغۇست كۈنى چىقىدىكەن.  مەن بۇ 3 پارچە رەسىمنى يۇقىرىدىكى تور بېتىدىن ئالدىم.  ئاشۇ تور بېتىدە سىز بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدىكى خالىغان بىر يىلنىڭ خالىغان بىر ئېيىدىكى ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

مېنىڭ بىلىشىمچە، بىرەر ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتا، سەھۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلار يېڭى ئاينى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىشى شەرت ئىكەن.  ئەگەر يېڭى ئاي چىقىدىغان كۈنى ھاۋا بولۇتلۇق بولۇپ قالىدىكەن، مەن تۇرىۋاتقان يەردىكى مۇسۇلمانلار سەھۇدى ئەرەبىستاندىن يوليۇرۇق سوراپ، ئاندىن ھېيت نامىزىنى قايسى كۈنى ئوقۇشنى قارار قىلىدىكەن.  كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا، بىز تۇرىۋاتقان يەردىكى مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىنى ئىككى كۈن ئوقۇيدۇ.  بۇ شىئاي بىلەن سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەرقىمۇ، ياكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ، ئۇنى مەن تازا بىلىپ كېتەلمىدىم.

ئاينىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر ئاز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئاينىڭ مەركىزى بىلەن يەر شارىنىڭ مەركىزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 363 مىڭ كىلومېتىر، ئەڭ يىراق ئارىلىقى بولسا 407 مىڭ كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە ئارلىقى 384،403 كىلومېتىر كېلىدۇ.  يەر شارى بىلەن ئاينىڭ ئارىلىقى يەر شارى دىيامېتىرىنىڭ 30 ھەسسىسىگە تەڭ.  ئەمما، بۇلۇتلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىگىزلىكى ئاران 11 كىلومېتىر كېلىدۇ.  يەنى، يەر يۈزىدىن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپ، 11 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسەك، بىز بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كېتىمىزدە، ئاينى بۇلۇت توسىۋالىدىغان ئىش بولمايدۇ.

نۇر ھەر سېكونتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ.  ئاينىڭ ئۆزىدىن نۇر چىقمايدىغان بولۇپ، ئۇ خۇددى كۈننىڭ نۇرىنى قايتۇرىدىغان بىر پارچە ئىنتايىن قاسماق بولۇپ كەتكەن ئەينەككە ئوخشاش (ئاينىڭ يۈزى ھەر خىل تاشلاردىن تۈزۈلگەن)، ئۆزىگە كۈندىن كەلگەن نۇرنى سرىتقا چېچىپ قايتۇرىدۇ.  بىز ئاخشىمى ئەنە ئاشۇنداق نۇرنى كۆرۈپ، «ئاينى كۆردۈق» دەپ يۈرۈيمىز.  ئايدىن قايتقان نۇر بىزگە بىر سېكونتتىن سەل ئۇزۇنراق ۋاقىتتا يېتىپ كېلىدۇ.  قۇياشتىن چىققان نۇر بىزگە 8 مىنۇت 20 سېكونتتا يېتىپ كېلىدۇ.102045dj68aj4z74xaxaf9[1]

 

102011m11zpafr1mf7dmik[1]

102029tynyt1ovv4x5zrnd[1]

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top