• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » كلون – تارىخقا نەزەر – بىلگەجان

كلون – تارىخقا نەزەر – بىلگەجان

kulun

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
بۇ قىسقا يازمىنى بەلكىم سىز يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن تومتاق ھەم چۈشىنىش تەس بولغان بىر ماقالە دەپ ئويلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئىشنىڭكى، بۇ يازمىنى ھەر قانداق كىشى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ئىنتايىن ئاممىباپ تىلدا يىزىپ چىقتىم. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر بىر قەدەر ياخشى تونۇشقا ئىگە بولغان ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ قىزىق نۇقتا تىمىسى بولغان كلون تىمىسى بىزگە بەلكىم ئۇنچىۋالا تونۇشلۇق بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمەليەتتە دۇنياۋى قىزىق نۇقتا بولغان مۇشۇ خىلدىكى تىمىلاردا مۇنازىرە قىلىش ۋە كۆز قارىشىمىزنى ئىپادىلەش بىزگىمۇ خويمۇ ئوبدان يارىشىدۇ. پەقەت بىز دەسلەپكى توغرا بولغان چۈشەنچىگە ئىگە بولساقلا، بۇ خىل مەسلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىش پەقەت ئىلىم-پەن تەتقىقات خادىملىرىغىلا خاس بولماستىن، بەلكى پاراڭلىشىدىغان پاراڭ نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. قېنى سىز بۇ قىسقا ماقالىغا مەرھەممەت قىلىڭ ۋە كلونغا بولغان تونۇشلىرىڭىز، سۇئاللىرىڭىز ياكى كۆز قاراشلىرىڭىزنى تارتىنماي ئوتتۇرىغا قويۇڭ، شۇنداق بولغاندا بىز ھوزۇر ئىچىدە بىللە ئۆگىنەلەيمىز.

دۇنيادا ئەخمىقانە سۇئال يوق، بەلكى پەقەت ئەخمىقانە جاۋابلا بار. ئەگەر ئەخمىقانە سۇئال بار دىيلسە، ئۇ سورالمىغان سۇئال بولۇشى مۇمكىن. -ئەقىليە سۆزلەردىن

بۇنىڭدىن ئىككى يىل مۇقەددەم بىر قېتىملىق دوكلات سۆزلەشنى ئاساس قىلغان «كۆپىيىش بىئولوگىيسى» دەرىسىدە فاكۇلتىتىمىزدىكى پىرافىسور ۋە ئاسپىرانىتىلارغا مۇشۇ تىمىدا دوكلات سۆزلەپ ناھايتى ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن ئىدىم. مەن شۇ قېتىملىق دوكلاتىمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بىر قەدەر «ئىخچام» بولغان كلوننىڭ تارىخى ئۈستىدىكى ماقالىنى يىزىپ چىقتىم. ئېسىت، بۇ دوكلاتىمنى سىلەرگە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئاغزاكى سۆزلەپ بىرىش مۇمكىن بولغان بولسا ئىدى، قالتىس بولاتتى…شۇنداقتىمۇ مەن سۆزلىگەنلىرىمنى يىزىققا ئىلىپ ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ باقاي (دوكلاتنىڭ ئەسلى ئېنگلىزچە نۇسخىسى ئاستىدىكى بىرىنچى ئىنكاستا قوشۇپ قويۇلدى).

بۇ ماقالە تۆۋەندىكى ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. كلون دىگەن نېمە؟
2. كلون تېخنىكىسىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى
3. كلونلاشنىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟ كلون تېخنىكىسىنىڭ يىتەرسىزلىكى نەدە؟ نىمە ئۈچۈن بۇ قىزىق تىما بولۇپ قالدى؟ بەزى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن كلونلاشقا قارشى تۇرىدۇ؟
4. كلون تارىخىدىكى ئەڭ تۆھپىكار ئالىملار
5. كلونلاشنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر
6. قوشۇمچە پايدىلىنىش بىلىملىرى

1. كلون دىگەن نېمە؟
092246m1ofokj3do03ot5k[1]

كلون دىگەن سۆز گرىكچىدىكى «ئۇلاش»دىگەن سۆزدىن يەنى دەرەخلەرنىڭ بىر تال شېخىنى كىسىۋىلىپ يەرگە كۆمۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش ئارقىلىق يەنە بىر ئوخشاش دەرەخنى ھاسىل قىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بىر سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. كلوننىڭ پەندىكى ئېنىقلىمىسى جىنىسسىز كۆپىيىش (ھايۋانلارغا نېسبەتەن ئىسپىرما بىلەن تۇخۇمنىڭ بىۋاستە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولمىغان كۆپيىش) دىگەنلىك بولۇپ، بۇ خىل كۆپىيىش ئادەتتە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا كۆرۈلمەيدۇ. كلون بىر پۈتۈن جانلىقنىڭ جىنىسسىز كۆپىيىشىنى كۆرسەتكەندىن باشقا بەزىدە مەلۇم بىر گېننىڭ كۆپەيتىلىشى، بىر تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ جىننىسسىز كۆپىيىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كىلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، لىكىن كۆپىنچە ئەھۋالدا كلون دىگىنىمىز پەقەت ئومۇرتقىلىق ھايۋاناتلارنىڭ جىنىسلىق كۆپىيىشتىن باشقا ئۇسۇللاردا ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر نۇسخىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشىگە قارىتىلىدۇ. بىز بۈگۈن بۇ يەردە تىلغا ئىلىۋاتقىنىمىز پۈتۈن بىر جانلىقنىڭ كلونلىنىشى ياكى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشىغا قارىتىلغان. كلونلاشتكى ئەڭ مۇھىم قەدەم باسقۇچ شۇ خىل ھايۋاننىڭ تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاپ چىقىشتۇر.

2. كلون تېخنىكىسى قانداق پەيدا بولغان؟

ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردىكى دەسلەپكى بايقاشلار
بۇ بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان تارىخىي بايقاش جەريانى بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال 1891-يىلى گېرمانىيىلىك تۆرەلمەشۇناس ئالىم ھانز درىيىش (Hans Driesh) تەساددىپىي ھالدا دېڭىز كىرپىسى تۆرەلمىسىنى تەن سىرتىدا يىتىشتۈرۋاتقاندا چايقىلىپ كىتىش سەۋەبىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كىتىدۇ ۋە ھەر ئىككىلى پارچىسى بىردىن يىتىلگەن دېڭىز كىرپىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھادىسە تۆرەلمىنىڭ يېرىلىشى دەپ ئاتىلىدۇ. دەل مۇشۇ تەساددىپي ۋەقە كىشىلەرنى كلونلاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئەڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئويغا سالىدۇ.. دېڭىز كىرپىسىنىڭ رەسىمى:
092252bpt0bqritobobfbl[1]

كلون تارىخى ئەمەليەتتە تۆرەلمىشۇناسلىق (ئىمبىرولوگىيە) نىڭ تارىخى بىلەن چەمبەر-چاس باغلانغان بولۇپ، كلوننىڭ ئاخرىقى ھېسابتا ئەمەلگە ئېشىشى تۆرەلمشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ يۇقىرى پەللىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. 1894-يىلى، گېرمانىيە ئالىمى جاكىۋىس لوب (Jacques loeb) دېڭىز كىرپىسى تۆرەلمىسىى بلاستۇلا (خالتىلىق تۆرەلمە) باسقۇچىدا ئىككى خىل ھۆجەيرە قەۋىتىگە ئايرىلىدىغانلىقى، ۋە توپلىشىپ بىر قۇتۇپقا جايلاشقان ئچىكى ھۆجەيرە توپى(ICM) دەپ ئاتىلىدىغان قىسمىنىڭ توختىماي بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆزىتىدۇ. 1914-يىلى گېرمانىيە ئالىمى ھانز سپېمەن (Hans Spemman) ئوخشاش ھادىسىنى بىر قەدەر مۇرەككەپ ئومۇرتقىسىز جانلىق سالماندىردا كۆزىتىدۇ. 1938-يىلى، ئۇ تۇنجى بولۇپ تۆرەلمە ھۆجەيرىلىرىنى يادروسىزلانغان تۇخۇمغا كۆچۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى قىياس قىلىدۇ.

ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ كلونلىنىشى
0922571uf15fcaxvraee8j[1]

1952-يىلى ئامرىكا ئالىملىرىدىن روبىېرت برىگگىس (Robert Briggs) ۋە توماس كېڭ (Thomas King) تەڭگىلىك پاقا (يىلىپىز پاقىسى) دا تەجىرىبە ئىشلەپ، بلاستۇلا باسقۇچىدا تۇرۋاتقان تەڭگىلىك پاقا تۆرەلمىسىدىكى بىر ھۆجەيرە يادروسىنى ئىلىپ يادروسىزلانغان تۇخۇمغا كۆچۈرگەندە يىڭىدىن تۆرەلمە ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ يېڭى تۆرەلمە جىننىسىز كۆپەيتىلگەن بولغاچقا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنى كلونلاشقا بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قىتىم كۆرسىتىپ بەرگەن. 1984-يىلى جۇڭگو ئالىملىرى بېلىق تۈرىدىكى ھايۋانلاردىن كارپ بېلىقىنى كلونلىغان. يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئۇزۇن يىللار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا سىناق قىلىنغان بولسىمۇ ھىچبىر نەتىجە چىقماي، ئاخىرى 1996-يىلى دولى ئىسىملىك قوي بىر چىشى قوينىڭ تىرە ھۆجەيرىسىدىن مۇۋاپىققيەتلىك كلونلىنىپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان (بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى بىرىنچى رەسىمدىكى قويغا قاراڭ). بۇ تېخنىكىدا بىر چىشى قوينىڭ ئەمچىكىدىن ئايرىۋىلىنغان بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى تەجىرىبىخانا مۇھىتىدا يەنە بىر چىشى قوينىڭ يادروسى ئىلىۋىتىلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسى ئىچىگە كۆچۈرۈلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا ئەمچەكتىن كەلگەن تەن ھۆجەيرىسى يادروسىدىكى گېنلار خۇددى ئىسپىرما تۇخۇمغا كىرگەندەكلا تۇخۇم تەرىپىدىن قوزغىتىلىدۇ دە، بۇ بىرىكمە ھۆجەيرە ئاشۇ يادرونىڭ يىتەكچىلىكىدە خۇددى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدەك جىددى بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر ھۆجەيرە بۆلۈنۈپ ئىككىگە، ئىككىسى تۆتكە، تۆتى سەككىزگە……ئايلىنىپ دەسلەپكى تۆرەلمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۆرەلمە خالتىسى مەزگىلىگە كىرگەن تۆرەلمە بىر چىشى قوينىڭ بالياتقۇسىغا كىرگۈزۈلۈپ ئۇ قوي ھامىلدا قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ يىڭى بىر قوزا دۇنياغا كىلىدۇ. بۇ تۇغۇلغان قوزا دەل دولى بولۇپ ئۇنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى پەقەت يادروسى كۆچۈرۈلگەن ئەمچەك تەن ھۆجەيرىسىنى تەقدىم قىلغان چىشى قويغا پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا دولىنىڭ ئاتىسىمۇ ئانىسىمۇ شۇ چىشى قوي بولغان بولىدۇ. كەينىدىنلا ئوخشاش تېخنىكا ئارقىلىق چاشقان، كالا، چوشقا، مۈشۈك، توشقان، ئات، ئىت ۋە ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا قوي، ئامرىكا كالىسى قاتارلىق نۇرغۇن ھايۋانلار كلونلاپ چىقىلغان. كۆپ قېتىم سىناق قىلىنغان بولسىمۇ مايمۇنسىمانلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنى كلونلاش مەغلۇپ بولغان بولغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ مايمۇنلار ۋە ئىنسانلارنى كلونلاش مۇمكىنچىلىكىگە بولغان قىزىقىشى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەن. 2007-يىلى ئامرىكا ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ (ئۇيغۇر) مايمۇن غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاپ چىققان. 2007-يىلى ياپونىيە ئالىمى شىنيا ياماناكا تەن ھۆجەيرىلىرىدىكى تۆت خىل گېننى قوزغىتىش ئارقىلىق ئاللىقاچان باشقا ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىش پوتىنسئالىنى يوقاتقان چوڭلار تىنىدىكى تەن ھۆجەيرىلىرىنى قايتا پروگراممىلاپ غول ھۆجەيرە ھالىتىگە قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە تۇنجى سۈنئىي يىتىشتۈرۈلگەن تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرە لىنىيىسىنى يىتىشتۈرگەن. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇنجى ئىنسانلار تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلاپ چىقىلغانلىقى شۆھرەت مۇتەللىپ تەرىپىدىن دۇنياغا جاكارلانغان. http://bbs.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=5033

3. كلونلاشنىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟ كلون تېخنىكىسىنىڭ يىتەرسىزلىكى نەدە؟ نىمە ئۈچۈن بۇ قىزىق تىما بولۇپ قالدى؟ بەزى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن كلونلاشقا قارشى تۇرىدۇ؟

كلونلاش بىر جانلىقنى يوقتىن بارلىققا كەلتۈرۈش ئەمەس بەلكى بار بولغان جانلىق تىنىدىكى ھۆجەيرىلەردىن پايدىلىنىپ نورمال جېنىسلىق كۆپيىشتىن باشقا ئۇسۇلدا يىڭى تۆرەلمە ياكى يىتىلگەن جانلىقنى دۇنياغا كەلتۈرۈشتۇر (بۇ يەردىكى جانلىق دىگىنىمىز جېنىسلىق كۆپيىدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارغا قارىتىلىدۇ). نورمال تەبىئىي شارائىتتا پەقەت تۇخۇم بىلەن ئىسپىرمىدىن ئىبارەت جىنسىي ھۆجەيرىلەر بىرىككەندىن كىينلا ئاندىن يېڭى جانلىق ھاسىل بولىدۇ، لىكىن كلونلىغاندا جېنىسلىق ھۆجەيرىلەرنىڭ بىرىكىشى شەرت قىلىنمايدۇ. كلونلاش تېخنىكىسى ئىككى خىل مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ بۇنىڭ بىرى، كۆپەيتىش ئۈچۈن كلونلاش؛ يەنە بىرى، داۋالاش ئۈچۈن كلونلاشتىن ئىبارەت.

كلونلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ مۇھىم تېخنىكا بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى تەن ھۆجەيرە (جېنىسسىز ياكى تۇخۇم بىلەن ئىسپىرمىدىن بۆلەك بارلىق ھۆجەيرىلەرنى كۆرسىتىدۇ) يادروسىنى باشقا بىر يادروسى ئىلىۋىتلىگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈشنى ئاساس قىلغان يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى؛ ئىككىنچىسى، بىر جانلىقنىڭ تۆرەلمە ھۆجەيرىلىرى بىلەن باشقا بىر جانلىقنىڭ تەن ھۆجەيرىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىككىلى جانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يىڭىچە جانلىق يىتىشتۇرىدىغان ھۆجەيرە ئارىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى؛ ۋە ئەڭ يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن يىتىلگەن تەن ھۆجەيرىسى ئىچىدىكى تۆت خىل گېننى قوزغىتىپ ئۇنى غول ھۆجەيرىدەك تولۇق پوتىنسىئالغا ئىگە قىلغىلى بولىدىغان سۈنئىي يىتىشۈرۈلگەن تولۇق پوتىنسىئاللىق ھۆجەيرە ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

كۆپەيتىش ئۈچۈن كلونلاشتا ئەڭ ئومۇملاشقان يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بىر يىتىلگەن جانلىقنى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئاساسلىقى يوقىلىش گېرداۋىغا بىرىپ قالغان، ئۆز-ئارا جۈپلىشىپ تەبىئەتتە سانىنى ۋە ساغلاملىقىنى ساقلاپ قىلىش ئىمكانىيتى يوق ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇپ يەر شارىدىكى جانلىقلار كۆپ خىللىقى ۋە گېن مەنبەلەرنى قوغداپ قىلىشتىن ئىبارەت. 2001-يىلى ئىتالىيە ئالىملىرى mouflon دەپ ئاتىلىدىغان ياۋا قوينى كلونلاپ چىققان بولۇپ، بۇ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كلونلاشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالدى. بۇ ياۋا قوي ھازىرمۇ ساردېنىيەدىكى ياۋايى ھايۋانلار مەركىزىدە ياشىماقتا.

داۋالاش ئۈچۈن كلونلاشتا يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ۋە قايتا پروگراممىلاش تېخنىكىسنى ئىشلىتىپ مەلۇم ھايۋان ياكى ئىنساننىڭ تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. غول ھۆجەيرىلەرنىڭ كۆپ خىل تۈرلىرى بولۇپ (قوشۇمچە پايدىلىنىش بىلىملىرى قىسمىغا قاراڭ)، پەقەت دەسلەپكى باسقۇچتىكى تۆرەلمىدىلا تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھۆجەيرىلەر نەزەرىيە جەھەتتىن غايەت زور قوللىنىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. چۈنكى تۆرەلمە تىنىدىكى تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەرنى ئىندۇكسىيەلەش (مەلۇم خېمىيلىك، ھورمۇنلۇق، ياكى گېنتىكىلىق ئۇسۇللاردا يىتەكلەش) ئارقىلىق ئۇلاردىن ھايۋان ياكى ئىنسان ئەزالىرىنى يىتىشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ھۆجەيرىلەر مۇۋاپىق شارائىتتا بىر يۈرەك، بىر ئۆپكە، بىر بۆرەك، بىر قۇلاق، …ياكى تىرە دىگەندەك بىر ئەزاغا ئايلىنالايدۇ. شۇنداق بولغاندا ئورگان ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى بار بىمارلارنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۋىلىنىشى مۇمكىن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن كلون تېخنىكىسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئايلىنىپ قالغان.

داۋالاش ئۈچۈن كلونلاش تېخنىكىسى ئاللىقاچان دوختۇرخانىلارغا كىرگەن بولۇپ، قايتا پروگراممىلاش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ كلونلاپ چىقىلغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى ئارقىلىق ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاشقازان ئاستى بىزى ھۆجەيرىلىرى ياساپ چىقىلغان. ئەگەر بۇ ھۆجەيرىلەر بىمارلارغا كۆچۈرلسە 1 تىپلىق دىئابىت كېسلىگە گېرىپتار بولغان بىمارلار پۈتۈنلەي ساقىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھايۋانلارنىڭ ئەزالىرى كلون تېخنىكىسى ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلگەن بولۇپ بۇ ئەزالارنى ئىنسانلارغا كۆچۈرسە يەكلەش خەتىرى يوق قىلىپ ياسىغىلى بولۇشى مۇمكىن چۈنكى يەكلەشنى كونتىرول قىلىدىغان گېنلىرىنى ئىپادىلەنمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى، مېڭە يىگىلەش كېسىلى قاتارلىق داۋاسى يوق كېسەللەرگە گېرىپتار بولغان بىمارنىڭ بەدىنىدىكى تىرە ھۆجەيرىسىدىن كلونلاش ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىپ ۋە ئۇنى ئىندۇكسىيەلەپ نېرۋا ھۆجەيرىلىرى ھاسىل قىلسا، ئۇ ھالدا بۇ ھۆجەيرىلەرنى بىمارغا كۆچۈرسە ئۇلار ساقىيىشى مۇمكىن. دىمەك داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كلون تېخنىكىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ھەقىقەتەن زور.

كلون تېخنىكىسى تېخى پىشىپ يىتىلمىگەن بولۇپ، كىلىپ چىقىۋاتقان بەزى مەسلىلەر كىشىلەرنىڭ بۇ تېخنىكىغا بولغان ئىشەنچى ۋە باغلىغان ئۈمىد-ئىستەكلىرىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيانى زىلزىلگە سالغان تۇنجى كلونلانغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان – دولى قويى كېسەل سەۋەبىدىن 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 7 ياشقىمۇ كىرمەي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتكەن. ئالىملارنىڭ تەكشۈرىشىچە دولىنىڭ خروموسوملارنى (ھۆجەيرە يادروسىدىكى گېنلارنى ئىلىپ يۈرىدىغان تۈزۈلۈش) قوغدايدىغان خروموسومنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى تىلومېر دەپ ئاتىلىدىغان قىسمنىڭ نورمال قويلاردىن قىسقا ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆمرىىنىڭ قىسقا بولۇپ قالغانلىقىنى دەلىللىگەن. كلونلانغان ھايۋانلار دائىم ئازراق بىنورمال بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى نورمال ئەھۋالدىكى تۇخۇم بىلەن ئىسپىرما بىرلىشىپ ھاسىل قىلغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن يىتىشتۈرۈلگەن غول ھۆجەيرىلەر بىلەن كلونلاپ يىتىشتۈرۈلگەن غول ھۆجەيرىلەرنىڭ ئېپىگېنتىكىلىق ھالىتى (گېنلارنىڭ خېمىيلىك تۈزۈلۈشى) ئوخشىمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.

تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنىڭ كلونلىنىشىغا كەلسەك، ئۇلار چەكسىز قېتىم بۆلۈنۈش ۋە ئۆزىنى كۆپەيتىش پوتىنسىئالىغا ئىگە بولغاچقا، كۆپلىگەن ھايۋاندا ئىلىپ بىرىلغان سىناقلاردا تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى راك ھۆجەيرىلىرىگە ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. بۇ كىشىلەرنىڭ كلون تېخنىكىسىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانلارنى ياكى ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى كلونلاش نۇرغۇن دۆلەتلەردە چەكلەنگەن بولۇپ، دىن ۋە ئىنسان ئەخلاقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا. بەزى بىر قىسىم جايلاردا ھەتتا ھايۋانلارنى داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈن كلونلاشمۇ ھايۋانلارنى قوغداش، ھايۋانلار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچىرىغان.

4. كلون تارىخىدىكى ئەڭ تۆھپىكار ئالىملار

1. Briggs and King (روبېرىت بىرىگس ۋە توماس كېڭ)
ئامرىكا ئالىملىرى روبېرىت بىرىگس ۋە توماس كېڭ 1952-يىلى تۇنجى بولۇپ يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق تەڭگىلىك پاقىنى كلونلىغان. ئۇلار تۇنجى بولۇپ تۆرەلمە يىتىلىش جەريانىدا ھەر بىر ھۆجەيرىدىكى گېن ماتىرىياللىرىنىڭ (يوقىماي، ئازلىماي) ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
070122puycn39przjupjhp[1]

2. John Gurdon (جون گۇردون)
ئەنگىليە ئالىمى جون گۇردون 1958-يىلى تۇنجى بولۇپ يىتىلگەن پاقا تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرونى ئىلىپ پاقا تۇخۇمىغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى غول ھۆجەيرە ھالىتىگە قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ھايۋانلارنى كلونلاشقا ئەڭ ئاساسلىق ئۇل سالغان.
070641qunoagg2k0220uka[1]

ئۇنىڭ بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۇ توغۇرلۇق مۇنداق يازغان:

مەن گۇردوننىڭ ئالىم بولۇش ئازرۇسى بارلىقىنى بىلىمەن، ئۇنىڭ ھازىرقى ئىپادىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ ھەقىقەتەن ئالجىغانلىق. ئۇ ھەتتا ئاددىي بىئولوگىيلىك چۈشەنچىلەرنى ئۆگەنەلمىگەن يەردە، ئۇنىڭ بىر كەسپىي بىئولوگىيە ئالىم بولۇشىنىڭ مۇتلەق مۇمكىنچىلىكى يوق. ئەگەر ئۇ بۇ قارىشىدىن ۋاز كەچمىسە بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭغا دەرس ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق بىلەن تەڭ.
-1947

ھەيران قالارلىق يىرى، گۇردون ئالىم بولۇپلا قالماي ناھايتى پىشقان پرافىسور ۋە نۇرغۇن بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان تەتقىقاتچى بولغان ۋە ئۇنىڭ تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئۇ 2012-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

3. Martin Evans (مارتىن ئىۋانز)
ئەنگىلىيە ئالىمى مارتىن ئىۋانز 1981-يىلى تۆرەلمە راك ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالغان ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق پوتىنسىئالغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكسىز قىتىم يىڭىلاش ئالاھىدىلىكىنى بايقىغان. ئۇ تۇنجى بولۇپ چاشقان تۆرەلمە ھۆجەيرىلىرىنى تەجىرىبخانىدا يىتىشتۈرگەن ۋە گېنى ئۆزگەرتىلگەن چاشقانلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇ 2007-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتىسنا مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.
092326fz0c0cm70fgn9804[1]

4. Wilmut & Campbell (ئىيان ۋىلمات ۋە كېيىت كامپبەل)
ئەنگىلىيە ئالىملىرى ئىيان ۋىلمات ۋە كېيىت كامپبەل ئىككەيلەن 1996-يىلى تۇنجى قىتىم بىر سۈت ئەمگۈچى ھايۋاننى – دول ئىسىملىك قوينى كلونلاپ پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلگە سالغان. ۋىلمات 1997-يىلى Time ژورنىلى تەرىپىدىن ئەڭ شۇ يىللىق ئەڭ داڭدار كىشى بولۇپ باھالانغان (بۇ يازمىنىڭ ئۈستىدىكى بىرنىچى سۈرەت دەل تايمىس ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان دولىنىڭ سۈرىتى). تۆۋەندىكىسى ۋىلماتنىڭ دولى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى:
092332f0u53gf6r35b75yl[1]

5. James Thomson (جەيمىس تومسون)
ئامرىكا ئالىمى جەيمىس تومسون 1998-يىلى تۇنجى بولۇپ ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۆجەيرە لىنىيىسىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان. بۇ ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم قورال بىلەن تەمىنلىگەن. 2007-يىلى ئۇ تۇنجى بولۇپ ئىنسانلارنىڭ سۈنئىي تولۇق پوتىنىسئاللىق ھۆجەيرىسىنى يىتىشتۈرگەن.
092352hc2wquqnjmvwzvbj[1]

6. Shinya Yamanaka (شىنيا ياماناكا)
ياپونىيە ئالىمى شىنيا ياماناكا 2007-يىلى يىتلىگەن تەن ھۆجەيرىسىنى قانداق قىلىپ تولۇق پوتىنسىئاللىق ھالەتكە قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ فاكتورلارنى Oct4, Sox2, Klf4, cc-Myc قاتارلىقلار بولۇپ، بىر ھۆجەيرىنىڭ تولۇق پوتىنىسئاللىق ھالەتنى ساقلىشىدا مۇشۇ تۆت خىل گېنىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ۋە مۇشۇ تۆت خىل گېننى قوزغىتىش ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىلىرىنى تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرمەيمۇ تولۇق پوتىنسىئالغا ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرىستىپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 2012-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى جون گۇردون ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن.
070925nxnfytfx8ffijshl[1]

7. Shoukhrat Mitalipov (شۆھرەت مۇتەللىپ)
ئامرىكا ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ (قازاقىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر) 2007-يىللىق پەن-تېخنىكىدىكى ئون چوڭ بۆسۈشنىڭ بىرى بولغان مايمۇننىڭ تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاپ چىقىپ پۈتۈن دۇنيا كلون ۋە غول ھۆجەيرە ساھەسىنى زىلزىلگە سالغان. ئۇ يەنە بۇ يىل 5-ئايدا تۇنجى بولۇپ ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى مۇۋاپىققىيەتلىك كلونلاپ دۇنيانى يەنە بىر قىتىم زىلزىلگە سالغان.
070945gk4aqvvjhidyy9ds[1]

5. كلونلاشنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر

گەرچە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىنىڭ قوللىنىلىشچانلىقى ھەققىدە خىلمۇ-خىل گۇمانىي قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لىكىن سۈنئىي يىتىشتۈرۈلگەن كۆپ پوتىنسىئاللىق ھۆجەيرىنىڭ ئايرىپ ئىلىنىپ بۇ تېخنىكىنىڭ ئىنسان بەدىنىدىكى ئاشقازان ئاستى بىزى ھۆجەيرىلىرى، يۈرەك مۇسكۇللىرى قاتارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئۆزگىرەلەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىنىشى كىشىلەرگە يەنە يىڭى ئۈمىدا بىغىشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا 2013-يىلى ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بىمارغا خاس ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى مۇۋاپىققىيەتلىك ئايرىپ ئىلىشى بۇ تېخنىكىنى ئەزا يىتىشتۈرۈشكە يەنە بىر قەدەم يىقىنلاشتۇردى. شۇنداق بولغاچقا، كلون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانلار داۋالاپ ساقايتىشقا ئامالسىز قالغان كېسەللىكلەرنى بىمارغا خاس غول ھۆجەيرە كۆچۈرۈش ئارقىلىق داۋالاش ۋە بىمارغا خاس ئەزا يىشىتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئەزا ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش قاتارلىق كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كەشىپىياتلارنىڭ كەلگۈسىدە ۋۇجۇدقا كىلىشىگە يەنىمۇ يىقىنلىشىپ بىرىۋاتىمىز دىسەك خاتا بولماس. گەرچە بۇ بىرنەزەرىيە جەھەتتىكى پەرەزلەرنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىنى مۇتلەقلەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، بىراق تىز ئىلگىرلەۋاتقان كلون تېخنىكىسىنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلەلەيدىغان ئالامشۇمۇل يىڭىلىقلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرماي تۇرالمايمىز،

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرسىنىڭ كلونلىنىشى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئىنساننى كلونلاشقا بارغانسېىرى يىقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەرگەچكە، ھەر قايسى دۆلەتلەردە كلون تېخنىكىسىغا قارشى ئاۋازلارمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. ئىنساننى كلونلاش ھازىرچە مۇمكىن بولمىسىمۇ ھەم ئالىملارنىڭ ئىنسانلارنى كلونلاش مۇددىئاسى يوق بولسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا بۇ خەۋىپنى يۈز بەرمەيدۇ دىيەلمىگەچكە ئىنسانلار ھۆجەيرىلىرى ئۈستىدىكى كلون تەتقىقاتى يەنىلا نۇرغۇنلىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە قانۇنسىز پېتى. ئىنساننى كلونلاش بولسا بارلىق دۆلەتلەردە قانۇنسىز، دەپ بەلگىلەنگەن.

شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كلون تېخنىكىسى كەلگۈسىدە تېخىمۇ پىشىپ يىتىلىپ نەزەرىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەرەزلەر رىئاللىققا ئايلانسا ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملەرگە ئىچىدە پەقەت ئىنسانلار ساغلاملىقىنى ياخشىلاش ۋە نەسلى قۇرۇش گېردابىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلسا ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن بەخت ئىلىپ كىلىدۇ.

6. قوشۇمچە پايدىلىنىش بىلىملىرى

ئىزاھات 1: ھۆجەيرە ۋىرۇسلاردىن باشقا بارلىق جانلىقلارنىڭ تىنىنى تۈزگۈچى ئاساسىي بىرلىك بولۇپ ئېرسىي ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆجەيرە يادروسى ئومۇمەن ئوتتۇرىغا جايلاشقان زىچلىقى يۇقىرى قىسمى بولۇپ ھۆجەيرە ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىتوپلازما تەرىپىدىن ئورىلىپ تۇرىدۇ ھەمدە ھۆجەيرە پەردىسى سىتوپلازما سىرتىنى قاپلاپ ھەر بىر ھۆجەيرىنى مەلۇم شەكىل ۋە ئايرىم بولغان تۈزۈلۈشكە ئىگە قىلىدۇ.

ئىزاھات 2: تۆۋەندىكى رەسىمنى قوشۇش ئارقىلىق غول ھۆجەيرە دىگەننىڭ نىمىلكىنى ئىخچام چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن: بىر ھايۋان تۈرىدىكى جانلىق ئادەتتە جىنىسلىق كۆپىيىدىغان بولۇپ، ئاتىدىن كەلگەن ئىسپىرما ئانىدىن كەلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسى بىلەن قوشۇلۇپ بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ئىبارەت سېڭىشىپ كەتكەن بىر تال ھۆجەيرىگە ئايلىنىدۇ. دەل مۇشۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈنۈش ئارقىلىق بىر يېڭى جانلىقنى ھاسىل قىلىدۇ. يەنى ئادەمنى مىسال قىلساق ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈنۈپ 2 ھۆجەيرىگە ئاندىن 4 ھۆجەيرىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇ ھۆجەيرە ھەممىسىلا مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئال (totipotent) غا ئىگە بولۇپ، ھەربىرسى ئايرىۋىتىلسە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4 يېڭى جانلىقنى ھاسىل قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. لىكىن مۇشۇ 4 ھۆجەيرە باسقۇچىدىن كىيىن ئىنسان تۆرەلمىسى داۋاملىق بۆلۈنىدۇ، لىكىن بۆلۈنۈش جەريانىدا بۇ ھۆجەيرىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر پۈتۈن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىنى يوقىتىپ، بىر يىڭى جانلىق تىنىدىكى مەلۇم خىل ھۆجەيرىلەرگىلا ئايلىنالايدىغان تولۇق پوتىنسىئاللىق (pluripotent) ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ. يتىلىۋاتقان تۆرەلمە خالتىلىق تۆرەلمە (blastocyst) دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كىين بۇ ھۆجەيرىلەر داۋاملىق ھالدا يوشۇرۇن كۈچىنى يوقىتىپ پەقەت بىر قانچە خىل ھۆجەيرە تۈرلىرىگىلا ئۆزگىرەلەيدىغان كۆپ پوتىنسىئاللىق (multipotent) ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل ھۆجەيرىلەر تۆرەلمىنىڭ شۇ مەزگىلىدىن باشلاپ ھامىلە مەزگىلى، تۇغۇلغاندىن كىينكى بوۋاقلىق مەزگىلى ۋە يىتىلگەن كىشىگە ئايلانغۇچە بولغان جەريانلاردا داۋاملىق سانى ئازلاپ ماڭىدۇ. دىمەك، تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەردىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل ھۆجەيرىلەرنى ۋە ياكى ئەزالارنى يىتىشتۈرۈش مۇمكىن.

092341gggg7kzz8zgmg7xr[1]

ئىزاھات 3: قايتا پروگراممىلاش دىگىنىمىز مەلۇم غول ھۆجەيرە بولمىغان چوڭلار (بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پەقەت تۆرەلمە ئەمەس دىمەكچى) تىنىدىكى تولۇق ئىندۇكسىيەلىنىپ بولغان باشقا ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىش ئىقتىدارى يوق ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسىنى ئىلىپ يەنە بىر يادروسى ئىلىۋىتىلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسىغا كىرگۈزگەندە ھېلىقى تەن ھۆجەيرە يادروسىدىكى تىنىچ ھالەتتە ياتقان نۇرغۇن گېنلار قوزغىلىپ بۇ بىرىكمە ھۆجەيرىنىڭ تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىگە ئوخشاش ھالەتكە قايتىدىن ئۆزگىرىشىنى ۋە تولۇق پوتىنسىئالغا قايتىدىن ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياندىكى تەن ھۆجەيرە يادروسىنىڭ يادروسىزلاندۇرۇلغان تۇخۇم ھۆجەيرىگە كۆچۈرۈلىشىدىن ئىبارەت تېخنىكا يادرو كۆچۈرۈش دىيىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ تىما ئەسلىدە نۇرغۇنلىغان رەسىم، ھەتتا ۋىدىئولار بىلەن ناھايتى ئوبدان يورۇتۇپ بىرىلەتتى. بۇلارنى تورغا ماقالە سۈپىتىدە يوللاشتىكى قىينچىلقنى كۆزدە تۇتۇپ مەن ئۆزەم تەييارلىغان دوكلاتىمنىڭ ئەسلى ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنى PDF ھۆججەت شەكلىدە قوشۇپ يوللاپ قوياي، قىزىقىدىغانلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ دوكلاتقا مەن بىر نەچچە ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ نەچچە يۈز پارچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ شۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ كىرگۈزۈپ تەييارلاپ چىققان. ئەگەر سىز بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مىنىڭ رۇخسىتىمنى ئالماي خالىغانچە پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

مەنبە: قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرى
http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=5034&fromuid=5341

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top