• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ

ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ   ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻯ  ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ 2013-ﻳﯩﻠﻰ، 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7-ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ  40 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ  ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 8-ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻜﻰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻯ  ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻯ، ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﺎﺭﯨﻨﺒﺎﻳﯧﻔﻨﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ  ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ  « ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻮﺭﻯ» ،   « ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺗﻮﺭﻯ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻗﺎﻧﯩﻠﻰ»، « ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻝ»  ﺗﻮﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ  ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.  ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ،  ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ.
http://uyghur.people.com.cn/165019/15150081.html

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ 1973–ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﺋﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 1997-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ  ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ  ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ   ﻧﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ  ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ، ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ، ﻏﻪﺭﺏ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ  ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﻴﺴﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻜﻰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻯ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻧﺎﺭﯨﻨﺒﺎﻳﯧﻔﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯨﻞ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، « ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ  ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﯟﺍﻟﯩﺌﯘﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ  ( ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ)»   ﺩﯦﮕﻪﻥ  ﺗﯧﻤﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ 2002-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻟﯘﻕ(Ph.d)   ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﯨﻠﯩﻖ    (Ph.d)ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.
ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﺷﻪﺭﯨﻖ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯩﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ   ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ  ﺭﯗﺱ-ﺳﻼﯞﯨﻴﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ، ﻣﺎﻧﺎﺱ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ -ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ  ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ  ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ   ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺭﯗﺱ، ﺧﻪﻧﺰﯗ،  ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ،  ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ  ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ  ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ « ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ  ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﻯ »  ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ   ﻛﯩﺘﺎﺏ  ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﻪ 2003- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ « ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﭘﻪﻥ»  ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﯔ  « ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﻯ»   ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ   ﻣﻮﻧﻮﮔﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ  ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﻮﺷﻤﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﻛﯜﺗﯜﺑﺨﺎﺑﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﭗ،   ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯜﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﻛﺎﺗﻮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯜﭖ، ﻣﯘﺗﻪﺧﺨﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ.  ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ،ﺟﯘﯕﮕﯘ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ   ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﻠﻤﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ  ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﻮﻧﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﯩﺪﺍ،  ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﻪ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ  ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ  ﻛﯘﺗﯘﺑﺨﺎﻧﯩﺴﻰ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﯞﻩ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺋﯘ، ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻭﺱ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،« ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻮﯦﺰﯨﻴﯩﺴﻰ»  ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ  ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﺍ  ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ  ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ  ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،  ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ  ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻱ،  ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﺩﺍ-ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ  ﺗﯜﺭﺩﻩ   ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﯔ  ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ  ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ :

1.    ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ .  «ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ . ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ» .1998-ﻳﯩﻠﻰ، ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ، ( ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﭼﻪ)

2.  ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ .   « ﻳﺎﺵ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ» . ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ. 1999-ﻳﯩﻠﻰ، ( ﺭﯗﺳﭽﻪ)
3.  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ .  « ﻳﺎﺵ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ». ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ، 2000-ﻳﯩﻠﻰ، ( ﺭﯗﺳﭽﻪ)
4.    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﯘﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ . « ﻳﺎﺵ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ»  .ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ، 2000-ﻳﯩﻠﻰ.
( ﺭﯗﺳﭽﻪ).
5.    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺗﻪﭘﻜﻜﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ  ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ  ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ . « ﻳﺎﺵ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ»  . ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ، 2001-ﻳﯩﻠﻰ، ( ﺭﯗﺳﭽﻪ)
6.     ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﻛﻮﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ. « ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ-ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ  ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ»ﺑﯩﺸﻪﻡ، 2003-ﻳﯩﻠﻰ2-ﺳﺎﻥ ( ﺭﯗﺳﭽﻪ)
7.    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﻛﻮﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ .  « ﻳﺎﺵ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ». 2001-ﻳﯩﻠﻰ، ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ، ( ﺭﯗﺳﭽﻪ)

8.    ﭼﯘﻳﺴﺎ ﺗﯘﺗﯘﯕﺎ ﯞﻩ ﻛﺎﻟﯩﻤﺎ ﻛﺎﻳﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ .  « ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 5-ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ». 2002-ﻳﯩﻠﻰ، ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ.( ﺭﯗﺳﭽﻪ).
9.  ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ. «  ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ  -ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ» ، 2001-ﻳﯩﻠﻰ، 2-ﺳﺎﻥ، ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ( ﺭﯗﺳﭽﻪ).
10.     ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺴﺖ ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯘﺭﻯ  ﭘﺮﯨﺘﯩﺌﺎ ﻻﺷﺮﯨﻨﯩﯔ  ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ .  «  ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ  ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﯞﻩ ﺧﯩﺮﺳﺘﯩﻴﺎﻧﯩﺰﻡ»   ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ  ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ  2002-ﻳﯩﻠﻰ.( ﺭﯗﺳﭽﻪ).
11. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ  ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ  ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ.   ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ (ﺭﯗﺳﭽﻪ)
ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻳﻪﻧﻪ « ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ» ، «  ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ» ، «  ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺦ-ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ»  ﯞﻩ «  ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ»  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ .
مەنبە: مىسرانىم تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش