• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئـۇلـۇغ ئـۇيـغـۇر ئـالـىـمــى مـۇھـەمـمـەد ھـەيــدەر

ئـۇلـۇغ ئـۇيـغـۇر ئـالـىـمــى مـۇھـەمـمـەد ھـەيــدەر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

40_1046_43238621e7c1357[1]مۇھەممەت زەيدى
مۇھەممەد ھەيدەر 16-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ تارىخچى،ئەدىب،سەيياھ ۋە سىياسىي ئەرباب. ئۇ شەرىقنىڭ كۆزگە كۆرۇنگەن تارىخچىلىرى قاتارىدىن ئۆزىگە خاس ئورۇن ئالغان بولۇپ،ئەدىبىي تەخەللۇسى‹‹ئاياز›› ئىدى.
مۇھەممەد ھەيدەر ئاساسەن ئىككى ئەسىرى بار،ئۇنىڭ بىرى 1547-يىلى پارىس تىلىدا يېزىلغان ،موغۇلىستان،شىنجاڭ ۋە مەركىزى ئاسىيا تارىخىغا بىغىشلانغان مەشھۇر تارىخى ئەسىرى ‹‹تارىخى رەشىدى›› يەنە بىرى،1534-يىلى بەدەخشاندا خەلق ئىغىز ئەدەبىياتى،ھىكايەتلەر ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان‹‹جاھاننامە›› داستانىدۇر.
مۇھەممەد ھەيدەر ۋە ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەسلى قەشقەرلىك بولۇپ،چاغاتاي ئۇلۇسىدا ئابرويلۇق بولغان دوغلات قەبىلىسىدىندۇر. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئۇلارغا دەسلەپكى چاغاتاي خانلىرىدىن تۇغلۇق تۈمۈرخان ۋە ئۇنىڭ مىراسخورلىرى زور ئىمتىياز،ئىنئاملارنى ھەمدە تارخانلىق ھوقوقى بەرگەن.
موغۇل خانلىرى ئۇلارغا ماڭلاي سۈيىنى بۆلۈپ بەرگەن. ئۇلار شىنجاڭ تارىخىدا چوڭ رول ئوينىغان. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ چوڭ بوۋىسى ئەمىر سەيىد ئەلى تېمۇرىيلارنى قەشقەردىن چىقارغاندىن كىيىن ئۇزۇن مۇددەت(قەشقەردىكى قەبرە ئۈستىدىكى خاتىرە بويىچە 1434-1458-يىللار) قەشقەرىيىنى باشقۇرغان. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ چوڭ تاغىسى(دادىسىنىڭ ئاكىسى) مۇھەممەد ھەيدەر مىرزامۇ بىر مۇددەت(1445-1480-يىللار) قەشقەرىيىنى ئىدارە قىلغان.
ئۇ ئۈزۇن مۇددەت موغۇلىستان خانى يۇنۇسخان (1487-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلغان.مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەييىن كوراگان موغۇلىستان خانى يۈنۇسخانغا كۈيئوغۇل ئىدى. ئىستىداتلىق شائېر موغۇلىستان خانى سۇلتان مەھمۇتخان قەشقەرى بىلەن بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ دوسىت ئىدى.
ئۇ ئىككى يىلدەك ئۆمەر شەيىخ سارىيىدا بولغان. ئوراتۆپىدە سۇلتان مەھمۇت قەشقەرىينىڭ نائىبي بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت تاشكەنىتتە خىزمەتتە بولغانىدى.
ئالىم مىن گولوفنىڭ تەكىتلىشىچە ، مۇھەممەد ھەيدەر تۇغۇلغىنىدا دادىسى مۇھەممەد ھۈسەييىن قەدىمى شاش ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى تاشكەنىتتە ھاكىم بولغىنىغا ئالتە يىل بولغان ئىكەن.
مۇھەممەد ھەيدەر 1499-يىلى مۇھاجىرلىقتا تۇغۇلغان.مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەييىن ئانا يۇرتى قەشقەردە بىلىم ئالغان. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ بىلىملىك ئادىمى ،ماھىر ھەربى باشلىق ئىدى. ئۇ پات-پاتلا ئۇستازى مۇھەممەد ئىمىن بۇرھانىدىن بىلەن زامانىنىڭ زىرەك شائىرى،ئۆلىمالىرى ئابدۇرەخمان جامى،ئەلشىر ناۋائى ۋە باشقىلارنىڭ دائىرىسىدە بولاتتى.ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ پەم-پاراسەتلىك ،بىلىملىك ئادەم بولىشىنى ئارزۇ قىلىپ ، ياش ھەيدەرگە تەربىيىچىلەرنى تەكلىپ قىلغان ئىدى،ئوغلىنى ئۆز سەپەرلىرىگە بىللە ئىلىپ چىقاتتى.
مۇھەممد ھەيدەر شىئېرلارنى يادقا ئالاتتى،رەسىم سىزاتتى،ئۇ تىنىم تاپماي كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئىدى.
مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ياشلىقى تىنىچسىز،خەۋىپ-خەتەر ئىچىدە ئۆتتى. دەشتى قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ زور ئارمىيىسى بۇ دەۋىردە ئۆزبېك خانى مۇھەممەد شەيبانى باشچىلىقىدا ماۋەرائۇننەھىرگە بىسىپ كىرىپ،بۇخارا سەمەرقەنىتلەرنى ئىگىلىگەن . بۇ چاغدا (1500يىللىرى ئەتراپىدا) سۇلتان مەھمۇدخان شەيبانخاننى قوللىغانىدى.
لېكىن شەيبانىخان ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئىگەللەشكە ئىنتىلدى.
1503-يىلى سۇلتان مەھمۇتخان شەيبانى ئارمىيىسىدىن قاتتىق يىڭىلدى. ئۆزبېكلەر ئوراتۆپە،تاشكەنىتلەرنى ئىشخال قىلدى. شەيبانىخاننىڭ بۇيرىقى بىلەن ئەسىرگە ئىلىنغان سۇلتان مەخمۇتخان ئالتە ئوغلى بىلەن بىللە 1508-يىلى قەتلى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ھۈسەييىن ئاۋۋال قارا تېكىنگە،ئاندىن خۇسراۋ شاھ يېنىغا، سۇلتان ھۈسەيىن (بايقارا)نىڭ تەكلىۋى بىلەن خۇراسانغا ،ئۇ يەردىن كابۇلغا-بابۇر مىرزا ھوزۇرىغا بارغان ئىدى.
كېيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن پەرغانىغا قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە بۇ يەردە ئۆزبېكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ شەيبانىخاننىڭ بۇيرىقى بىلەن 1508-يىلى ھىراتتا ئۆلتۈرۈلگەن.
‹‹ئاتام بىلەن خۇسراۋ شاھ يىنىدا بىر يىل بولدۇق›› دەيدۇ مۇھەممەد ھەيدەر ئاتىسى بىلەن بولغان ئاخىرقى پەيىتلەرنى ئەسلەپ ‹‹ئاندىن قىش بىشىدا شەيبانىلار خارەزىمگە يۇرۇش قىلغاندا بىز خۇراسانغا كەتكەن ئىدۇق.مەن
كىچىك بولساممۇ بۇ ھادىسىلەر مىنىڭ خاتىرەمدە ساقلىنىپ قالغان››
مۇھەممەد ھەيدەر ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندە بۇخارادا ئىدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ ئاغىنىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مەزگىل ئايالى بىلەن يوشۇرۇنۇپ يۈردى. كېيىن ئاتىسىنىڭ ئۇستازى مەۋلانە مۇھەممەد ئىمىن بۇرھانىدىن بىلەن بەدەخشان مېرزا ئالدىغا، ئاندىن 1509-يىلى كابۇلدىكى بابۇر يىنىغا بىرىپ ئۇنىڭ سارىيىدا تۇردى. بابۇر مۇھەممەد ھەيدەرگە ئانا جەمەتتىن يىقىن تۇققان (بىر تۇققاننىڭ باللىرى)ئىدى. بابۇرنىڭ ئانىسى خوپنىگار خانىم (يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنجى قىزى)مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئانىسى نىگار خانىم (يۇنۇسخاننىڭ ئۈچىنچى قىزى)نىڭ ئاچىسى ئىدى.
مۇھەممەد ھەيدەر بابۇرنىڭ سەنەرقەنىتكە قىلغان يۇرىشلىرىدە بىللە بولدى ھەم جەڭلەرگە قاتناشتى.
1512-يىلى مۇھەممەد ھەيدەر سۇلتان سەئىدخان ھوزۇرىغا كەلدى (ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئەنجاندا ئىدى) سۇلتان سەئىدخان مۇھەممەد ھەيدەرگە ئاتا جەمەتتىن يىقىن تۇققان بولۇپ، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئاتىسى ئەخمەتخان مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ تاغىسى (خوپنىگار خانىمنىڭ ئاكىسى)ئىدى.
مۇھەممەد ھەيدەر سۇلتان سەئىدخان ئالدىدا بۇ ئائىلىنىڭ مۇھىم ئەزاسى سۇپىتىدە 24يىل ياشىدى.بۇ يىللار ئىچىدە بۇ يەردىكى كەڭ-كۇشادە ئوردا شارائىتىدە ھەر تەرەپلىمە تەلىم ئىلىپ يىتۈك ئالىم،ئەرباب سۈپىتىدە كامالەتكە يەتتى.
بۇ ھەقتە مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئۆزىمۇ كەڭ دائىرىدە يازغان ئىدى. زاھىررىدىن بابۇرمۇ ‹‹بابۇرنامە››دە مۇھەممەد ھەيدەرگە يۇقىرى باھا بەرگەن. بابۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە ،‹‹ھەيدەر مېرزا ….ئاتىسىنى ئۆزبېكلەر ئۆلتۇرگەندىن كىيىن مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ مۇلازىمىتىمدە 3-4يىل تۇرۇپ ئاندىن ئىجازەت ئىلىپ قەشقەرگە ،خان قېشىغا باردى››.
مۇھەممەد ھەيدەر ھەر تەرەپلىمە يىتىشكەن، مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قارايدىغان ئادەم ئىدى.ۋەقەلەرگە باي ھاياتىدا ئۇ نۇرغۇن جايلاردا،كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە بولغان ۋە تۇرلۇك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا تۇرلۇك تەبىقە-گورۇھلار دائىرىسىدە ھەرخىل تۇرمۇش،سەنئەت كەچۇرمىشلىرىدە بولدى. ھەرخىل خەلقلەر ئارىسىدا ھاياتنى چۇڭقۇر ئۆگەنگەن، بىلگەنىدى. ئۇ شىنجاڭ ،موغۇلىستان، مەركىزى ئاسىيانىڭ ئىككى ئەسىرلىك ۋەقەلىرى توغۇرلۇق يىتۈك ،يىگانە ئەسەر ياراتتى.
مۇھەممەد ھەيدەر ئۆز دەۋرىگە نىسپەتەن كەڭ ۋە چۇڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدىغان ،زېھنى ئۆتكۇر،پاراسەتلىك ئالىم ۋە دانىشمەن دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە تونىلدى ۋە بۇ ھەقتە مۇناسىپ خاتىرلەرنى قالدۇرۇشقا ئىنتىلدى. ئەسەر نامىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە قايتا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئانا يۇرتى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ،ئۆزى بىلەن بىر ئۆيدە ئۆسكەن ئابدۇرىشىتخان نامى بىلەن ئاتىدى.
شۇنى ئىيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇكى: ئىيتىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇھەممەد ھەيدەر ياشىغان ۋە ئۆسۈپ يىتىلگەن مۇھىت ۋە شارائىتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىسا كىرەك. بۇ دەۋىردە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىلىم-مەرىپەت، مەدىنىيەت خېلىلا ئالدىغا كەتكەن،ئەدىبىيات-سەنئەت راۋاجلانغان ئىدى. قەشقەرىيىدە مۇھەممەد ھەيدەرنى ئۆز تەربىيىسىگە ئالغان سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئۆزىمۇ ئاتاقلىق دۆلەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابى ھەم زاماننىڭ زور بىلىملىك،سالاھىيەتلىك ئادەملىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر ۋە پارىس تىللىرىدا ماھارەت بىلەن شىئېرلارنى يازغان ئىستىداتلىق شائىر، زېھنى ئۆتكۈر ئالىم ۋە ناتىق ئىدى.
مۇھەممەد ھەيدەر سۇلتان سەئىدخان سارىيىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرباب سۈپىتىدە مۇھىم دۆلەت ئىشلىرىنى ئورۇندىغان ھالدا سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ دۆلەتنىڭ سىياسى ھاياتى ۋە ھەربى پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى. مۇھەممەد ھەيدەر ئۆزىنىڭ ئىككىنچى تەربىيىچىسى ئاتىسى سۇلتان سەئىدخانغا تولىمۇ ئىخلاسمەن، سادىق ۋە مىھرى-مۇھەببىتى زور ئىدى. ئۇ سۇلتان سەئىدخاننىڭ كافىرىستان، لاداق،تىبەت،ئامۇ دەريا ۋە باشقا يۇرۈشلىرىگە قاتناشقان.
سۇلتان سەئىدخان ۋاپاتىدىن كىيىن مۇھەممەد ھەيدەر بۇ يەردىن كىتىشكە مەجبۇر بولدى. سۇلتان سەئىدخان ئاخىرقى قىتىم يۈرۈش قىلغاندا ۋە ئۇ يەردىن قايتىۋىتىپ لاداقتا قازا قىلغاندا (1533-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۇنى)مۇھەممەد ھەيدەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ بەدەخشانغا ،ئاندىن بابۇرىيلار ئالدىغا باردى. لاھۇردا بابۇرنىڭ ئوغلى كامىران مىرزا ھوزۇرىدا بولدى. 1539-1540-يىللىرى ئاگرادا ھۇمايۇن بىلەن قوشۇلدى. ئۇنىڭ بىلەن كاتتا ‹‹ئۇژىدا شىر شاھ››قا قارشى ئۇرۇش قىلدى.1541-يىلى كەشمىرنى ئىگەللىدى. بۇ يەردە ئاۋۋال يەرلىك شاھزادە نازۇك شاھ ۋە كىيىن ھۇمايۇن شاھ ناملىرى بىلەن تەڭگىلەر چىقارغان بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ئىدى. مۇھەممەد ھەيدەر 1551-يىلى كەشمىردىكى تاغلىق قەبىلىلەرنىڭ بىر توقۇنىشىدا ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئوقى بىلەن 52يىشىدا ۋاپات بولدى.
ئانا ۋەتىنى شىنجاڭنى قايتا كۆرۈش ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن ۋەتەنپەرۋەر ئالىم،شائىر مۇھەممەد ھەيدەر ئۆزى سىرىتتا يۈرسىمۇ ئىجادىيىتىنى ۋەتىنىگە بىغىشلىدى. ئۆزى كامال تاپقان ۋە قىزغىن سۆيگەن ۋەتىنىنىڭ گۈزەللىكى،بايلىق ۋە ئۆتمۈشىدىن گۇۋاھلىق بەرگەن ئۆلمەس ئەسەرلىرى-‹‹تارىخى رەشىدى››ۋە ‹‹جاھاننامە››نى يىزىپ قالدۇردى.
بىۋاقىت كەلگەن ئەجەل مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئۈنۈملۇك ئىجادىيىتىنى ئوتتۇرا يولدا ئۈزۈپ قويدى.
تامام
مەنبە :شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلى 1998-يىللىق 3-سانىدىن ئىلىندى
مەنبە: قارا ھىجران مۇنبىرى
http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=4924

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش