• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﻰ – ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ

ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﻰ – ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ

Mustafa_Kemal_Atat_rkﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ نۇرى
ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮪﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ. ﮪﻪﺟﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺲ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﮪﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﯕﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻣﯘ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺕ – ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻳﯧﯖﻰ«ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ — ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﺩﻩ، «ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ» ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ — ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻴﺪﯗﺭ.

ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﻲ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ» ﻧﻰ ﻳﺎﺩﻻﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﮔﯩﻨﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﮪﻪﺝ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯘﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻻﺭﻏﺎ ﮪﻪﯞﻩﺳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ– ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ «ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﻣﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯩﺴﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮﻻﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ (ﺗﯜﺭﻙ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺟﯩﺰﯞﯨﺖ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ» ﮔﻪ) ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﮪﻪﺝ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﺯﯦﮭﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ، ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯩﺴﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮﻻﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺷﻜﻪ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ: «ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺘﺎ ﻛﺎﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻻﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﺗﻪ، ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﻨﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻣﯩﺴﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ….
ﮪﻪﺝ ﭘﻪﺭﮪﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ، ﻣﯩﺴﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﻣﯘﮪﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، «ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ» ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﮔﺎﻻﺗﺎﺳﺎﺭﺍﻱ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻟﯩﺴﻪﺳﻰ» («ﮔﺎﻻﺗﺎﺳﺎﺭﺍﻱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ» ﺑﻮﻟﯘﭖ، 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭ) ﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﯩﮕﻪ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺱ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻻﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ. 1917-ﻳﯩﻠﻰ «ﮔﺎﻻﺗﺎﺳﺎﺭﺍﻱ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻟﯩﺴﻪﺳﻰ» ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ «ﺋﻪﻟﯩﻴﯘﻝ ﺋﻪﻻ»، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﮪﺎﻻﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯗ….
ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﺴﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮﻻﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﺎﺭﯨﮋﻏﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﺭﺑﯘﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﺦ – ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﺋﯘ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﻣﯧﺴﯩﺖ ﺭﯦﻨﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ……..
ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﯨﮋﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ — ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﮪﯘﺟﯘﻣﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ.ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ «ﺑﻪﻙ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ» ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﭖ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯘﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﺎﺭﺍﺯﯨﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﻴﻪ، ﮔﯩﺮﯦﺘﺴﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻣﯩﻨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﻮ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘ ﺧﯧﻴﯩﻢ – ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﻮﻏﺎ ﺋﯚﺗﯘﭖ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ «ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ» ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ، ﺋﺎﻧﺎﺩﯗﻟﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﺗﯘﻧﯘﺵ ﺑﯘﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺸﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻻﺭ ﺋﻪﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ،«ﺗﺎﭘﺎﻥ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﯘﻻﯓ –ﺗﺎﻻﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯚﯕﻠﯘﻙ، ﻗﯩﻴﺴﯩﻖ ﻛﯚﺯﻟﯘﻙ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺳﯚﺯ –ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﮕﻪ: «ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﻴﻪﺗﭽﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺵ، ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻝ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯ» ﺩﻩﭖ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ.ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ،ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻟﯘﻛﯧﺌﯩﻦ ﻣﺎﺭﻛﻜﺎﯞﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﺳﯘﻟﮭﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ….
ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﮪﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﻰ «ﺳﺎﺭﯤ ﭘﺎﺷﺎ» (ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ) ﺩﻩﭖ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﻰ «ﺳﺎﺭﯤ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﺎﺷﺎ» ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ…ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ، ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺗﯜﺭﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﯩﯟﯨﺴﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ» ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.
ﺟﻪﯕﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺳﯘﻟﮭﯩﻨﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ. ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﯨﮋﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﭘﺎﺭﯨﮋﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ…
1930 – ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ -«ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﺵ» ﺗﯩﻦ «ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﺷﻘﺎ» ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﺴﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ» ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﭼﺎﺭﺭﯗﺳﯩﻴﻪ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ «ﭘﺎﻧﺘﯜﺭﻛﯩﺰﻡ» ﯞﻩ «ﭘﺎﻧﺌﯩﺴﻼﻣﯩﺰﻡ» ﺩﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﺴﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯧﻴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺧﺎﺩﯨﻢ –ﺟﺎﺳﻮﺱ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯘﺯ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯜﺭﻙ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﭼﯧﮕﺮﺍﺩﯨﻦ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﭽﻪ ﻛﯩﺮﻩﻟﯩﺴﻤﯘ، ﻗﯧﻨﯩﻐﺎ ﺳﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯘﺯ ﺳﯧﭙﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺟﺎﺳﯘﺳﻼﺭ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻱ، ﮪﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻘﯩﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻦ… ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺯﺧﻮﺭ – ﺗﯘﺯﺧﯘﻣﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ، ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯩﻚ، ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ… ﺷﯘﻧﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻤﯘ ﻙ ﮒ ﺏ ﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﯩﻐﺎ: «ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺘﯘﺩﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﭘﺎﺭﯨﮋﺩﯨﻜﻰ «ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﺎ» ﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻗﯩﺰﻯ ـــــــ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﺎﻗﺘﯘ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﻮﺭﺑﻮﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.
(ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻱ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﮪﯧﻜﺎﻳﻪ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ» 1996-ﻳﯩﻞ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ، 345-346-347-ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﺰﻯ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﺎﻗﺘﯘ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ).
«ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ (2011) 1-ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ

مەنبە :  http://ejdad.com/m/show.php?hid=315

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top