• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » سۇلتان ئۇۋەيىسخان توغرىسىدا

سۇلتان ئۇۋەيىسخان توغرىسىدا

Türklerde-Devlet-Felsefesiئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى

مىلادىيە 1225-يىلى (توخۇ يىلى) بۈيۈك ئىستىلاچى چىڭگىزخان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا «قۇياش پاتماس زېمىن» دەپ ئاتالغان بىپايان زېمىنلارنى جوجى، چاغاتاي ، ئوگداي ۋە تولۇي قاتارلىق تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى. بۇ سۇيۇرغاللىقلار تارىختا «ئالتۇن ئوردا خانلىقى»، چىپچاق خانلىقى » ۋە «ئېلىخانىيە خانلىقى» (تولۈيخاننىڭ نەرۋىسى ھېلاكۇ مىلادىيە 1253-يىلى ھازىرقى ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان خانلىقنىڭ نامى) دىن ئىبارەت تۆت خانلىق بولۇپ قۇرۇلدى.

«چاغاتاي خانلىقى»-چىڭگىزخاننىڭ 2-ئوغلى چاغاتاينىڭ سويۇرغانلىقى ۋە بۇ سۇيۇرغانلىقتا تىكلەنگەن ھاكىمىيەتنىڭ نامى ئىدى. بۇ خانلىق شۇ چاغلاردا ئىلى ۋادىسىدىكى قەدىمكى شەھەر ئالمالىقنى پايتەخت قىلغان بولۇپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ غەربىدىكى سىر دەرياسى بىلەن ئامۇ دەرياسى ئارىسىدىكى ماۋارەئۇننەھر (ئىككى دەريا ئارىسىدىكى زېمىن) رايوننى ھەمدە تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدىكى چالىش (ھازىرقى قارا  شەھەر) ، تۇرپان، قومۇل ۋە ئىلى ۋادىسى، ماڭلايسۆيەر (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ۋە پەرغانە ۋادىسى) ۋە يەتتىسۇ ۋادىسى بىلەن بەدەخشان، بەلخ ۋە قۇندۇز قاتارلىق بىپايان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

مىلادىيە 1320-يىلى (مايمۇن يىلى) چاغاتاينىڭ 5-ئەۋلاد نەۋرىسى چاغاتاي خانى بۇغا ۋاپات بولدى، ئورنىغ ائۇنىڭ ئاكىسى كەبەك خان بولدى ۋە خانلىقنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە ماۋارەئۇننەھرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بارلاس ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن پايتەختنى خانلىقنىڭ شەرقىدىكى ئالمالىقتىن ماۋارەئۇننەھردىكى سەمەرقەنتكە يۆتكىدى، بۇ  ئىش خانلىقنىڭ شەرقى قىسمىدىكى مۇغۇلىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دوغلات ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويغاچقا، بىر پۈتۈن چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىم دەپ ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولدى.

مىلادىيە 1348-يىلى (چاشقان يىلى) دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئۇلۇسبېگى ئەمىر بۇلاجى مەرھۇم چاغاتاي خانى ئېسەن بۇغانىڭ ئوغلى تۇغلۇق تكمۈر (چاغاتاينىڭ 6-ئەۋلاد نەۋرىسى) نى ئاقسۇدا تەختكە يۆلەپ چىقىرىپ، «چاغاتاي خانى» دەپ ئېلان قىلدى، تۇغلۇق تۆمۈر خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتراپ قىلغان رايونلار تارىختا «چاغاتاي خانلىقى» دەپ ئاتالدى.

تۇغلۇق تۆمۈر خان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى پارچىلىنىپ كەتكەن چاغاتاي خانلىقىنى يېڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ماۋارەئۇننەھرگە قايتا-قايتا لەشكەر تارتىپ ئۇدا بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇش قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما غەلىبە قازىنالمىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ زېمىن دائىرىسى باشىتن-ئاخىر خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمىدىن ھالقىپ كېتەلمىدى.

مىلادىيە 1418-يىلى (ئىت يىلى) شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدىكى ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان دوغلات ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ۋەكىلى ئۇلۇسبېگى ئەمىر خۇدايداد چاغاتاينىڭ 9-ئەۋلاد نەۋرىسى ئۇۋەيس ئوغلان بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چاغاتاي خانى شەمئىي جاھانخان (چاغاتاينىڭ 8-ئەۋلاد نەۋرىسى) غا قارشى ئىسيان كۆتۈردى، بىراق ئۈچ يىل داۋام قىلغان ئۇرۇشتا ئۇلارنىڭ ئىسيانى ئاخىر مەغلۇپ بولدى.

مىلادىيە 1420-يىلى (چاشقان يىلى) مەرھۇم شەمئىي جاھانخاننىڭ شىر مۇھەممەد دېگەن ئوغلى (چاغاتاينىڭ 9-ئەۋلاد نەۋرىسى) تەختكە چىقتى، شۇ مەزگىللەردە ماۋارەئۇننەھر ھۆكۈمرانى ئۇلۇغبەگ مىرزا شەرقىي چاغاتاي خانلىقىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ چىگرىسىدىكى تالاس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلارنى ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگۈزۈۋالغانىدى. شىر مۇھەممەد ئىنىسى خىزىرخۇجا ئوغلان ۋە قوماندانلىرى ئەمىر شەھ جاھانشاھ، ئۇلۇسبېگى ئەمىر خۇدايداد، سەدىرىئىسلام ۋە مەلىكۇلئىسلام قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، يەتتىسۇدىكى ئىسسىقكۆلنىڭ غەربىگە قايتا-قايتا لەشكەر ئەۋەتىپ، ئۇلۇغبەگ مىرزىنى كېلىشىم تۈزۈپ بۇ جايلاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى.

مىلادىيە 1425-يىلى (يىلان يىلى) ئۇلۇغبەگ مىرزا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم بۇزۇلغانلىقتىن، شىر مۇھەممەتخان پايتەخت ئالمالىقتىن لەشكەر باشلاپ سىر دەرياسىنىڭ بېشىدىكى «تېكە سەكرەر» دەرياسىنىڭ بويىدا كېش يايلىقىنى بازا قىلىپ ئورۇنلاشتى. چۇ دەرياسى بويىد ابولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇلۇغبەگ مىرزىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، دەھشەتلىك مەغلۇپ بولدى. شۇ يىلى كۈزدە شىر مۇھەممەتخان ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا ئۇنىڭ تەخت رەقىبى بولغان بىر نەۋرە ئىنىسى ئۇۋەيىس ئوغلان چىقىپ، 2-ئەۋلاد چاغاتاي خانى بولدى ۋە «سۇلتان ئۇۋەيىسخان» دەپ ئاتالدى.

مىلادىيە 1426-يىلى (ئات يىلى) سۇلتان ئۇۋەيىسخان پايتەختنى ئالمالىقتىن ئىلىغا كۆچۈرۈپ كەلدى، بۇ چاغدا تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردىن تارتىپلا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا ياشاپ كەلگەن موغۇل قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلى ۋادىسى، تەڭرى تاغنىڭ شەرقىدىكى چالىش، تۇرپان، قومۇل ھەم شۇنىڭدەك جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىلغار دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئارلىشىپ ياشاپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى تاشلىدى ۋە تەدرىجىي ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كۆچۈشكە باشلىدى.

سۇلتان ئۇۋەيىسخان تەختكە ئولتۇرغان 10 يىلدا شىمالدىكى ئالتاي، ئىمىل، زارغالانتۇ (قۇبدۇ)، زىرغالانتۇ (ئۇلاستاي) قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان بۇددىست قالماقلىرىنىڭ يەتتىسۇ، بارىسكۆل (قومۇل) ئەتراپلىرىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان پاراكەندىچىلىك ۋە زۇلۇملىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، قالماق خانى ئېسەن تاش بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 61 قېتىم جەڭ قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئېسەن تاشنى ئاران بىر قېتىم يېڭەلىدى، ئىككى قېتىم ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. 2-قېتىدا سۇلتان ئۇۋەيىسخان سىڭلىسى مەختۇمسۇلانى قالماق خانى ئېسەن تاشنىڭ ئوغلى ئامۇر سانجى تاشقا ياتلىق قىلىش ئارقىلىق تۇتقۇنلۇقتىن ئاران ئازاد بولالىدى. مەختۇمسۇلا ئامۇ سانجى تاشتىن ئىبراھىم، ئىلياس ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى، ئۇ بالىلار ئانىسى مەختۇمسۇلانىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇشتى.

سۇلتان ئۇۋەيسخان مىلادىيە 1435-يىلى (تۇشقان يىلى) كۈزدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدە كەنجى ئوغلى يۇنۇسخاننىڭ قولىدا ئۆلدى.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

توردىكى مەنبەسى: ئوكيان قامۇسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top