• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ھازىرقى زامان ئىسلامىيەتى

ھازىرقى زامان ئىسلامىيەتى

1987- يىلى 1- ئايدا كۇۋەيت ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىسلامىيەت تەتقىقات ئىشلىرىگە بېغىشلانمىش نەشر ئەفكارى «ئەرەبلەر» ژۇرنىلىدا ئىستاتىسكا قېلىنىشىچە، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئومۇمىي نوپۇسى 9يۈز 20 مىليوندىن ئېشىپ دۇنيا ئاھالىسىنىڭ %18.54 نى ئىگىلىگەن. ئەمما، «ئىسلامىيەت دۇنياسى قىسقىچە ئېنىسكپىلودېيىسى» دىكى ئىستاتىسكا بويىچە بولغاندا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئاھالسى بىر مىليارد 250 مىليون، غەيرى مۇسۇلمان رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 371 مىليون بولۇپ، مۇشۇ ئىستاتىكىلار بويىچە بولغاندا، دۇنيا مۇسۇلمانلار نوپۇسى بىر مىليارد 400 مىليونغا يېقىنلاشقان بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ %83 نى سۈننىي مەزھىپىدە، %16 نى شىئە مەزھىپىدە بولۇپ، بۇلاردىن تاشقىرى مەزھەپتىكىلەرنىڭ بارىلىقى %1 گە يەتمەيدۇ. ھازىر ئىسلامىيەت 172 دۆلەت ۋە رايونغا تارقىلىپ بولدى، ئەمما ئاساسلىقى يەنە ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رايوندا، ئوتتۇرا شەرقتە سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيەدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممسى ئىسلام دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. بۇلار ئىچىدە، ئىراندا شىئە مۇسۇلمانلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەندىن سىرت، باشقا ئەللەرنىڭ ھەممسىدە دېگۈدەكلا سۈننىي مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شىمالىي ئافرىقا رايونى ئەنئەنە جەھەتتىن ئىسلامىيەتنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭقۇر سىڭىشكەن، مەسىلەن سۇدان، ئالجىرىيە، ماراكەش، مىسىر، لېۋىيە، لىبىرىيە، تونىس قاتارلىقلارنىڭ ھەممسى ئىسلام دۆلەتلىرىدۇر. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى مۇسۇلمانلىرى ئومۇمىي نوپۇسى ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلار نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇلار ئىچىدە پاكىستان بىلەن مالايسىيا ئىسلام دۆلىتىدۇر. ھىندۇنوزىيەدە مۇسۇلمانلار دۆلەت نوپۇسىنىڭ %90 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار نىسبىتى يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
بىر تۈرلىك پىكىر ئېقىمىنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دۆلىتى 50 (ئاسىيادا 22، ئافرىقىدا 27، ياۋروپادا ئالبانىيە بىر) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ يەنە بىر تۈرلىك قاراشتا، ئىسلام دۆلىتى57 دەپ قارىلىدۇ. بۇ 57دۆلەت ئىچىدە، مۇسۇلمانلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %50 دىن يۇقىرىسىنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت 43، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %25 تىن يۇقىرىسىنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت 8 دىن ئىبارەت. ئاسىيا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى 7 يۈز 52 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 4 يۈز 70 مىلليونى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياشايدۇ، %2.82 نى غەيرى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياشايدۇ. ئافرىقا مۇسۇلمانلىرىنىڭ نوپۇسى 2 يۈز 93 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 2 يۈز 33 مىلليونى ئىسلام دۆلىتىدە ياشايدۇ، 70 مىليون مۇسۇلمان غەيرى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ياشايدۇ. ياۋروپادا پەقەت ئالبانىيەلا مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ، مۇسۇلمانلار نوپۇسى 2 مىليون. ياۋروپادا غەيرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار 15 مىليون بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئىلگىرىكى يۇگۇسىلاۋىيە رايونىدا 5 مىليون مۇسۇلمان بار. جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى 4 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، بۇ سان شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 3 مىليون مۇسۇلمان مۇھاجىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، 2 مىليوندىن كۆپرەكى ئافرىقىدىن كەلگەنلەر. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە، مۇسۇلمانلار تەخمىنەن 4 يۈزمىڭ ئەتراپىدا. ئاۋېسترالىيەدە مۇسۇلمانلار3 يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادا ئىسلام دىننى دۆلەت دىنىي قىلغان دۆلەتتىن 29 ى بولۇپ، چامىسى 50 دۆلەت دۇنيا ئسلامىيەت تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولغان، ئۇلار ئاساسلىقى ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىگە مەركەزلەشكەن، بۇ رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ 3 تىن 2 قىسمىدىن ئوشۇق. دۇنيا ئىسلام مۇدىرىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئەزا دۆلەتلىرى 40 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە21 دۆلەت ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلىتىدۇر. دۇنيا مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت 45 كەيېتىدۇ.
1) غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا
غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ئىسلامىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى رايونىدۇر، يەنە شۇنداقلا غەرب ئىلىم ساھەسى ئاتالمىشىچە ئوتتۇرا شەرق، ئورنى ئاسىيا- ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەنىڭ تۇتاشقان قىسىملىرى بولۇپ، تارىختا، غەربىي ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئاسىيا رايونلىرىغا بېرىشتىكى ئاساسلىق مەنزىللەردىن بولغان بولۇپ، بۇ رايونلار دۇنيانىڭ شەرقى بىلەن غەرىبىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان، مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم، يەرشارى خاراكتېرلىق سترادېگىيىلىك قىممەتكە ئىگە.
غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونى 17دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شىمالىي ئافرىقا 8 دۆلەت، غەربىي ئاسىيا رايونى كىچىك ئاسىيانىڭ شىمالىي بىلەن كىچىك ئاسىيانىڭ جەنوبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، غەربىي ئاسىيانىڭ شىمالىي بولسا تۈركىيە، سىپىروس، سۈرىيە، لىۋان، لىباۋىن، پەلەستىن، ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە، ئىراق، كۇۋەيتتىن ئىبارەت 9 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبىي بولسا، يەمەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، بەھرەيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئومماندىن ئىبارەت 6 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىران بىلەن ئافغانىستان تارىختا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەنلىكتىن ھەمدە ئەنئەنىۋى ئىسلام دۆلەتلىرى بولغانلىقتىن بۇ كىتابتىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلاردا كىچىك ئاسىيا رايونىغا تەئەللۇق قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، غەربىي ئاسىيا رايونى 17دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. يەر تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، غەربىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر يەنە تۈرلىكچە رايون ئاتالمىلىرىغا ئىگىدۇر، ئالايلى، ئەرەب يېرىم ئارىلى (ياكى ئەربىستان)، مۇنبەت ھىلال ئاي بەلبېغى، قۇملىق رايون، دېڭىز قۇلتۇقى رايونى، ھەمدە يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ شەرقى ھاۋزىسى قاتارلىقلار، مۇشۇنداق رايونلار ئۈستىدىكى ئاتالمىلار ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دۆلەت يا تەكرارلىنىش يا مەلۇم دۆلەت ئۇ ياكى بۇ جۇغرا- پىيىلىك رايونلارغا ئورتاق تەۋە بولۇش ھادىسىلىرى بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، «دېڭىز قولتۇقى رايونى» دە سەككىز دۆلەت بولۇپ، ئىران، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، بەھرەيىن، ئوممان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق بولىدۇ، مۇنبەت ھىلال ئاي بەلبېغىدا، سۈرىيە، ئىئوردان. لېۋان، پەلەستىن ۋە ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، شىمالىي ئافرىقا رايونى شەرقىي شىمال ئافرىقىسى ۋە غەربىي شىمال ئافرىقىسىغا بۆلىنىدۇ. شەرقى شىمال ئافرىقىسى، مىسىر، سۇدان، لىۋىيەدىن ئىبارەت 3 دۆلەتنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولىدۇ، غەربىي شىمال ئافرىقىسى بولسا، ماراكەش، ئالجىرىيە، تونىستىن ئىبارەت 3 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. غەربىي سەھرايى كەبىر بىلەن ماۋرېتانىيەمۇ جۇغراپىيىلىك ۋە ئېرق مۇناسىۋېتىدىن كۆرە ئادەتتە يەنىلا غەربىي ئافرىقىغا تەۋە قىلىنىدۇ. بۇلاردىن ئۆزگە بىرقىسىم ئالىملار يەنە، مىسىر، لىۋىيە، ئالجىرىيە، ماراكەش، تونىس، غەربىي سەھرايى كەبىرلەر نى «ئاق تەنلىكلەر ئافرىقىسى» دەپ ئاتاپ، ئافرىقىنىڭ قالدى قىسمىنىڭ بەرىنى «قارا تەنلىك ئافرىقا» دەپ ئاتايدۇرلەر.
غەربىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 205 مىليون، مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى 193مىللىـيون بولۇپ، تەخمىنەن بۇ رايون ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %95 نى ئىگىلەيدۇ، شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 140مىليون، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى 130مىليون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %93 نى ئىگىلەيدۇ.
غەربىي ئاسىيادىكى پەلەستىن يەھۇدىي دىن ۋە خىرىستىئان دىننىڭ پەيدا بولغان جايى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى غەربىي ئاسىيادىكى بىرقىسىم دۆلەتلەرگە يەھۇدىي دىنى ۋەخىرستىئان دىنى تارقالـغانىدى، ئىسلامىيەت گۈللەنگەندىن كېيىن يەھۇدىي دىن بىلەن خىرستىئاننىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى سىمىقىپلا كەتكەنىدى، بىراق، يەنىلا مەۋجۇدبولىۋاتىدۇ. ئومۇمىي گەۋدىدىن ئالغاندا، ئىسلامىـيەت مۇتلەق كۆپلىك ۋە ئۈستۈلىككە ئىگە، ئەمما، تارىخى سەۋەبلەردىن كۆرە ھەمدە ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يار- يۆلەك بولۇشىدىكى ئىسرائىلىيە ھامانەم ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن قۇراللىق توقۇنۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار ئۇرۇشقانسىرى باتۇرلىشىپ، كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە ياۋۇزلۇق ۋە زومىگەرلىك بىلەن پەلەستىننىڭ كەڭ تېرىتورىيسىنى ئىگىلىۋېلىپ، بىر مىليوندىن ئوشۇق پەلەستىنلىك ئەرەبنى شۇ يەرلەردىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە ھەربىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە قوشنا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەنلىكى ئۈچۈن «ئەرەب- ئىسرائىيە توقۇنۇشى» كېلىپ چىقىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقى، بولۇپمۇ ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ «يۈرىكىدىكى مەڭگۈلۈك زەرداب» بولۇپ قالغان. يېرىم ئەسىردىن بۇيان «ئەرەب- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى» ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق زىددىيەتلەر توقۇنۇشلىرىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى. ئەسلىدىمۇ ئەرەب ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئىزچىل رەۋىشتە ئوخشىمىغان قوۋملار، ئوخشىـمىغان مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار مەۋجۇد ئىدى. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن بۇيان، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش مەسلىكى ھەرىكەتلىرى ئەل ئارىسىدا روناق تاپقاچقا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىش ئىختىلاپلىرى تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشىگە قاراپ ماڭماقتا. غەربىي ئاسىيا بولسا ئىسلامــيەتنىڭ ئاپىرىدە بولغان جايى، سەئۇدى نېفىت ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايــلىرىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە يار- يۆلەك بولۇپ كەلمەكتە. ئىراندا «ئىران ئىسلامىيەت ئىنقىلابى» پارتلىدى، ئافغانىستان مۇسۇلمانلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى «غازات» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇشبۇ رايوندىكى ئىسلامىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شىمالىي ئافرىقا رايونى، بولۇپمۇ، مىسىر بىلەن لېۋىيە ئىسلا- مىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم روللارنى ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلار «قارا تەنلىك ئېرق» ئافرىقىسىغا ئىسلام دىننى تارقىتىشتىكى مۇھىم ئىستىھكام بولۇپ قالغان. بۇلاردىن باشقا شىمالىي ئافرىقا رايونى يەنە ھازىرقى زامان ئىسلامىيەت گۈللىنىشىنىڭ بىر مۇھىم بازىسى بولۇپ قالغان. مەسىلەن1905 – يىلى، مىسىردا قۇرۇلغان «ئىسلام بۇرادەرلەرئىتتىپاقى» 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىنتايىن تىز سۈر- ئەتتە تەرەققىي قىلغان، ئەرەب ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۇلارنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى قۇرۇلغان، ياكى شۇ ئىتتىپاقنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان قېرىنداش تەشكىلاتلار بولۇپ قۇرۇلغان. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللرىدىن بۇيان، شىمالىي ئافرىقا رايونى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ئىسلامىيەت گۈللىنىش مەسلىكى بىلەن ئەنئەنىچىلەرنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى بولۇپ قالغان، بىرقىسىم ئىسلام شەرىئەتىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغۇچى تەشكىلاتلار تەرەپ- تەرەپلەردە مەيدانغا چىققان، گاھىبىر قۇراللىق كۈرەش بىلەن مەشغۇل بولغۇچى چەكتىن ئاشار (رادىكال) تەشكىلاتلارمۇ ھەم ئاستا- ئاستا جاراستانغا چىققانىدى.
2) ئوتتۇرا ئاسىيادا
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى (بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىي جۇغراپىيە ئاتالمىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇقۇمىنى كۆرسىتىدۇ) ئاسىيانىڭ مەركىزى قىسمىدا، غەربىي قىسمى ئىچكى دېڭىز بىلەن، شەرقى قىسمى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن، شىمالىي قىسمى روسىيە بىلەن، جەنۇبىي قىسمى بولسا، ئىران ئافغانىستانلار بىلەن چىگىرىلىنىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئەسلىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئىدى.1991- يىلى، سوۋېت ئتتىپاقى پارچىلاندى، ئۇنىڭ قارمىقى بولۇپ تۇرمىش ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئارقا- ئارقىدىن مۇستەقللىق جاكارلىدى، ئۇلار، ئۆبېكىستان، قازاقىستان، قىزغىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئازاربەيجان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. 8- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ئەرەب قوشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشكە باشلىغان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بۇخارا، سەمەرقەند، خارەزىم، فەرغانە، قاتارلىق رايونلارنى ئىستىلاھ قىلغان، 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، داۋاملىق رەۋىشتە شاش (تاشكەند) قاتارلىق جايلارنى ئىستىلاھ قىلىپ، ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. يامىنىيە، گروزىيە، ئازاربەيجان قاتارلىق رايونلار ئاللىبۇرۇنلا يەتتىنچى ئەسىرىدىلا مۇسۇلمانلارنىڭ تېررىتورىيىسىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پارىسلار، تۈركلەر، موڭغۇللار ئىگىرى- كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىپ، ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىغا دەسسىگەن. 16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈگەل رەۋىشتە روسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» دىن كېيىن بۇ رايونلار روسىيەنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئايلانغانىدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە مۇسۇلمانلار ئومۇمىي نوپۇسى 45 مىليون بولۇپ، ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز رايونى، ۋولگا دەريا ۋادىسى، سىبىرىيە قاتارلىق رايونلارغا تارقالغانىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ %70 نى ئىگىلەيتتى، كاۋكاز رايونىدىكىلەر %20 نى، باشقا رايونلاردىكىلەرنىڭ ھەممسى %10نى ئىگىلەيتتى. سۈننىي مەزھەپتكىلەر %92 نى، شىئەلەر بولسا، %8 نى ئىگىلەيتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيا، تاشقى كاۋكاز رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى

نىسبىتى مۇسۇلمانلار نوپۇس ئاھالە (مىلليون) دۆلەت نامى
% 87 20مىليۇن619مىڭ 23مىليون700مىڭ ئۆزبېكىستان
% 42 6مىليون 636مىڭ 15مىليون8يۈزمىڭ قازاقىستان
% 65 3مىليون 550مىڭ 4مىليون7يۈزمىڭ قىرغىزىستان
% 86 5مىليو160مىڭ 6مىليون تاجىكىستان
% 83 3مىليون 910مىڭ 4مىليون 7يۈزمىڭ تۈركمەنىستان
% 82 5مىليون3يۈز 30 مىڭ 6مىليون 5يۈزمىڭ ئازاربەيجان
% 72 44مىليون710مىڭ 62مىليون450مىڭ جەمئى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىسلام دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان مىللەتتىن 30 نەچچىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇسى 50 مىڭدىن ئاشىدىغانلاردىن 28 قوۋم بارئىدى. 1943- 1944- يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى نىسبىي مۇستەقىل بولغان تۆت ئاپپارات قۇرۇپ، ئايرىم- ئارىم ھالدا جايلار- دىكى ئىسلامىيەتكە ئائىت ئىشلارنى بىجىرگەنىدى. مەسىلەن، دىنىي ئىتىقاد ۋە دىنىي پائالىيەتــلەرگە ئائىت بولغان شەرىئەت كېسىملىرى (پەتىۋا) نى چىقىرىش، مەسجىدلەرگە دىنىي خادىملارنى تەۋسىيە قىلىش ۋە خىزمەتكە تەيىنلەش، قالدۇرۇش ئىشلىرىنى بىجىرىش، مۇسۇلمانلار ئارا دىنىي مەسىللەرگە چېتىلىدىغان دەۋا- دەستۇر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھەمدە دىنىي ئەسەر، ماتېرىياللىرىنى نەشر قىلىش، دىنىي فونىد ۋە مەبلەغلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىللەردىن ئىبارەت ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قازاقىستاندا: تاشكەنت، ئۆبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىـ- ـكىستان، تۈرىكمەنىستان قاتارلىقلارنىڭ ھەممسى ھەنەفىيە ئىتىقادىدىكى ئەھلى سۈننىيلەر رايونىدۇر. تاجىكىستان زېمىنى مەلۇم ساندا ئىچىدە شىئە مەزھىپىنىڭ ئىمامىيە پىرقىسىنىڭ مۇخلىسلىرى بار ئىدى.
ياۋروپا ۋە سىبىرىيەدە: ئوفا (باشقىرىت ئىستان رېسبوبىلىكاسىنىڭ پايتەختى) ھەنەفىيە پىرقىسـ- ىنىڭ ئىتىقادىغا تالىق سۈننىي مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان.
كاۋكازدا: چېچىنىيە، ئىنگوش، تاجىكىستان قاتارلىقلاردا، شافىئىييە پىرقىسى ۋە ھەنەفىيە پىرقىسىغا تالىق سۈننىي مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان.
تاشقى كاۋكازدا: باكۇ (ئازار بەيجاننىڭ پايتەختى) ئازاربەيجان، گروزىيە، يامىنىيە؛ بۇلار ئىچىدە ئازاربەيجانلىق مۇسۇلمانلار شىئە مەزھىپىدە، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى سۈننىي مەزھىپىنىڭ شافىئىييە پىرقىسىغا تالىقتۇر.
ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ تەسىرى ناھايىتىمۇ چوڭقۇر، شەيخ ۋە ئىشانلار دىني رەھبەرلەردۇر، مازار شەيخلىرى، مۇتىۋەللى ۋە كەپسەن ئايرىغۇچىلار ئادەتتىكى مۇخلىسلارغا قارىغاندا بەلگىلىك ئىمتىيازلارغا ئىگە بولىدۇ، 20- ئەسىرنىڭ 60- 70- يىللىرى ئىسلامىيەت قايتا جانلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن.

1991- يىل 1988- يىل 1966- يىل
6 2 2 ئىسلامىيەت مەكتەپلىرى
510 133 116 ئوقۇغۇچى سانى
5 0 0 ئىسلام ئىنىستېتۇتـلىرى
414 ئوقۇغۇچى سانى
1602 402 394 ئىسلام تەشكىلاتلىرى

ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرى، ئەنئەنىۋىچى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار غەربچە يۈرۈش- تۇرۇشلارغا قارشى تۇرىدۇ، ئاياللار ئازادلىقىغىمۇ قارشى پوزىتسىيىدە بولىدۇ. ئايرىم ئىماملار بەشۋاقلىق ناماز ئوقۇمايدىغان، دىني پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ دىنىي پەرزلىرىنى بىجىرىشتىن باش تارتىش پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ. (مەسىلەن شۇنداقلارنىڭ توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىغا قاتناشماسلىق) ۋەھھابىيە ناماز چۈشۈرۈش، خەتمە قۇرئان قىلىش ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئايەت ئوقۇش ھەققى ئېلىشتەك ھادىسىلەرگە قارشى تۇرىدۇ، داغۋازلىق، دىنىي پائالىيەتلەرنى ھەشەمەتچىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادچىل، تىجەشلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
3) جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا؛
جەنۇبىي ئاسىيا، ھىندىستان، پاكىستان، بىنگال، سىككىم، بۇتان، مالدىۋ، نىپال، سېرىلانكا، قاتارلىق 8 دۆلەتنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. بۇلار ئىچىدە سىككىمدىن باشقىلىرىدا ئومۇمەن مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان. جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئومۇمىي نوپۇسى1 مىللىيارت 78 مىلليون، مۇسۇلمانلار 3 يۈز 45 مىليون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %28.24 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پاكىستاندا، 103مىلــلىيون، بىنگالدا، 101 مىليون، ھىندىستاندا 97 مىليون نوپۇستىن ئىبارەت. جەنۇبىي ئاسىيادا مۇسۇلمانلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، غەربىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى سانىغا بارابەر تۇرىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ھىندىستان، پاكىستان ۋە بىنگاللار ئايرىلمىغان ھالدا، ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ ئۈچ دۆلەتكە ئايرىلىپ كەتكەن. مەزەھەپلەر كۈرىشى ۋە زېمىن تالاش- تارتىشلىرى جەنۇبىي ئاسىيا تېنچلىقى خەۋىــپىنىڭ يوشۇرۇن ئىللىتى بولۇپ قالدى.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا؛ ھىندۇنوزىيە، فىلىپىن، مالايسىيا، كامبودژا، لائوس، تايلاند، برۇنېي، سىنگاپور، ۋېيتنام ۋە شەرقىي تېمۇر قاتارلىق 11دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ۋېيتنام بىلەن شەرقىي تېمۇردا مۇسۇلمانلار يوق بولۇشىدىن باشقا 9 دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە مۇسۇلمانلاربار. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 4 يۈز 26 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلار 174 مىليون بولۇپ، %41 نى ئىگىلەيدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا تارقىلىشى نىسبىتەن كېيىنرەك بولغان، ئەڭ ئاۋۋال سودا- سېتىق، كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى ھالىتىدە بولغان. بۈگۈنكى دەۋر ئىسلامىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دولقۇنى تەسىرىدە، فېلىپىن، تايلاند قاتارلىق ئايرىم رايونلاردا ئاپتونۇمىيە ھوقۇقى، مىللىي باراۋەرلىكلەر تەلەپ قىلىنماقتا. ھۆكۈمەت مەسجىدلەرنىڭ كۆپلەپ سېلىنىشىغا قىزغىن پوزىتسىيىدە بولماقتا.
4) ياۋروپا، ئامېرىكىدا؛
بىرىنچى، شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىنىشىدا، شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيەلەر بىرلىشىپ كەتتى، چېخسىلوۋاكىيە 1993- يىلى 1- ئايدا، چېخ ۋە سېلوۋاكىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە ئايرىلدى، يۇگۇسلاۋېيە 6 دۆلەتكە، يەنى، سېرۋىيە، كرودىيە، سىلوۋېنىيە، ماكىدونىيە، بوسنىيە، مىندېنىگلو (قاراتاغ) قاتارلىقلارغا ئايرىلدى. شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپانىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 133مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلار نوپۇسى6 مىليون 150مىڭ بولۇپ، % 4.6 نى ئىگىلەيدۇ، 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىسلام دىن شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپاغا تارقىــلىپ كىرگەن. 19- ئەسىردە، ئوسمانلى ئېمپىرىيىسى كۈچلىرى چىكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئىسلام دىن پەقەت بۇرۇنقى يۇگۇسلاۋىيە، ئالبانىيە ۋە بولغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان. يۇگۇسلاۋىيە مۇسۇلمانلىرى سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھەنەپىيە پىرقىسىغا تەئەللۇق، ئالبانىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىمۇ ھەنەفىيەدە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالبانىيەدە 200 مىڭ ئەتىراپىدا سوپىزم مۇخلىسى بار.
ئاساسلىق مەسىللەر: بۇ قاتارلىق رايونلاردىكى مەسجىدلەركونىراپ ھالىدىن كەتكەن، ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان رېمونتسىز، ئىماملارنىڭ يېشى ئۇلغىيىپ، دېمى سىغىدىغان بولۇپ قالغان، ئىزباسارلىرى يوق دېيەرلىك، زامانىۋىلىق، جاھاندارچىلىقلارنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن نامازغا قاتنىشىدىغان ئادەملەر كۆپ ئەمەس. مىللىي جىدەللەر، مەزھەپلەر سۈركىلىشى، دىن بىلەن ھۆكۈمەت تۇتۇشۇپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى، غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ياۋروپا؛ بۇ رايونلار ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، ئاۋىستىرىيە قاتارلىق 16دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي نوپۇس 363 مىليون، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلار نوپۇسى6 مىليون 4 يۈزمىڭ بولۇپ %1.76 نى ئىگىلەيدۇ. 8- ئەسىردە، ئەرەب مۇسۇلمانـلار ئارمىيىسى جەبىلتارىف بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىسپانىيىنى ئىستىلاھ قىلغانىدى، 1492- يىلى، خىرىستىئانلارنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلىك غەلىبىگە ئېرىشتى، مۇسۇلمانلار ئىسپانىيەدىن قوغلاپ چىقرىلدى، 16- ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ بېرىشقا باشلىدى، بىراق ئادەم ئاز، تەسىرى كىچىك بولدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەخمنەن 6 مىليون كۆچمەن غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ياۋروپالارغا كىرىپ ئولتۇراقلاشقان.
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىسلام دىن غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ياۋروپالاردا زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى. فرانسىيەدە ئىسلام دىن ئىككىنچى چوڭ دىن بولۇپ قالدى، ھازىر بار مەسجىدلەر مىڭدىن ئاشىدۇ. ئەنگلىيەدە مەسجىدلەر مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، مۇستەقىل ئىسلام مەكتىپى 11، ھۆكۈمەتتە «ئىسلام مەملىكەتلىك مائارىپ كومېتىتى» قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىسلام مائارىپىنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ غەربتىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشى دىنىي ئىتىقاد، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى قاتارلىقلاردىن باشقا ئىجتىمائىي تۇرمۇشلىرى غەرىبلىشىپ كەتكەن. ئەمما ئۇلار يەنىلا نۇرغۇنلىغان مەسىللەرگە دۇچ كەلمەكتە، مەسىلەن گراژدانلىق ھوقۇق، مائارىپ، ئولتۇراقلىشىش، تىل، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىقلاردا دېگەندەك. ئۇلار ئەرزەن ئەمگەك كۈچى بولۇشىدىن غەرب يەنىلا ئۇلارغا ئىھتىياجلىق، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار ھېچقانداق سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت ئورنى ئائىلە، مەسجىد، خىزمەت ئورنى قاتارلىقلاردۇر. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەر ئاساسلىق كەسپىي ئىشچىلار بولغانىدى، چۈنكى تىل توسالغۇسى يوق بولىشىدىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بىر قەدەر ياخشىلىنىشلارغا نائىل بولدى، يەنە شۇنىڭدەك بىرقىسىملار يەرلىكلەر بىلەن نىكاھلاندى.
ئۈچىنچى، شىمالىي ئامېرىكا (كانادا، ئامېرىكا) ئىسلامىيەت تەخمىنەن 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقىلىپ كىردى. بۇ ھال ئاساسلىق ئۈچ مەنبەدىن بولدى. بىرىنچىسى، كۆچمەنلەر، بۇنى تۆت تۈركۈمگە ئايرىشقا بولىدۇ، ئەڭ دەسلەپتىكىسى 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغىچە، لېۋان، سۈرىيە، ئېئوردانىيە كۆچمەنلىرىدىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن ھەم تىل ئوقۇشماسلىقىدىن كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق ئىشچىسى، ئىشچى، كانچى، ئۇششاق تىجارەتچى دېگەندەكلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكىلەر بولسا، 1947- يىلىدىن 1960- يىللارغىچە بولغان. ئاخىرقىلىرى بولسا، 1967- يىلىدىن تاھازىرغىچە ئولـتۇراقلىشىۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆچمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان، ئۇلار ئىچىدە 1 مىليون ئامېرىكىدا ئوقۇغان سىتودېنتلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قېلىپ، ئىنژىنېر، دوختۇر، ئادۋۇكات قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن ياكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلار بولۇپ، كۆچمەنلەر ئىچىدىن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى شەكىللەنگەن. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئامېرىكا مۇسۇلمان زىيالىلىرى مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
ئىككىنچى، نېگىرلار، ئامېرىكىلىق نېگىر خارەشىدىن مۇھەممەد 1975- يىلى «ئىسلام مىللىيەتى» نى ئۆتكۈزۋېلىپ، ھەمدە بۇ ئۈممەنى داۋاملىق ئۆزگەرتكەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئىسلامىيەت دۇنياسى ئۈممەسى» (1976- يىلى) «ئامېرىكا مۇسۇلمانلار دىنىي ئىتتىپاقى» (1980- يىلى، قىسقارتىلما نامى (A M M). 1978- يىلى ئۇ مەككىگە ھەجتاۋابقا كېلىپ، سۈننىيي ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغان، ئامېرىكا نېگىرلىرى ئېتىقادىدىكى ئەنئەنىۋىيلىك ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. ھازىر بۇ ئۈممە قارمىقىدا 2 يۈز مەسجىد، 150 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار.
ئۈچىنچى، ئاق تەنلىكلەر، بۇلار ئاساسلىقى مۇسۇلمانلار بىلەن يەرلىكلەرنىڭ نىكاھلانغانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى، تەخمىنەن 750 مىڭ كىشى، بۇلار ئىچىدە يەنە بىر قىسىم سېپى ئۆزىدىنلا ئاق تەنلىكلەرمۇ بار، ئۇلار ئاساسەن سوپىزمچى مۇرتلاردۇر.
ئامېرىكىدا مەسجىد ۋە ئىسلام دىن پائالىيەت مەركەزلىرى 600، بۇنىڭ ئىچىدە نېگىر مەسجىدلەر 200، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئالاھەزەل 5 مىليون، بۇنىڭ ئىچىدە نېگىرلەر 2 مىليون، شىئە مەزھىپىدىكىلەر پۈتكۈل ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە %20 نى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى ئىران كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى.
كانادا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 100مىڭدىن 150مىڭغىچە كىشى.
ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ بارغان بىرىنچى ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇش شەكلى ۋە قىممەت قاراشلىرىدا ئاللىقاچانلا ئامېرىكىلىشىپ كەتكەن ئىدى. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى مۇسۇلمان كۆچمەنلەر بىلەن 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مۇسۇلمان كۆچمەنلەردە يارقىن پەرىقلەر بار بولۇپ، ئۇلار كېيىكىنكى مەزگىللەردە ئەربىستاندىن تەكلىپ قىلىنغان ئىماملار بىلەنمۇ چىقىشالمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئولتۇراقىلىشىشىمۇ ئايرىم- ئايرىم بولىدۇ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان رايونلىرىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشىدۇ، بىراق، ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ماسلىشىشى لازىم، ئالايلى خىزمەت سورۇنلىرى، كىيىم- كىچەك دېگەندەك تەرەپلەردە. مەسجىدمۇ ئامېرىكىدا پەقەتلا دىنىي پائالىيەت سورۇنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ يەنە مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، تاماقلىنىش ۋە مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭمۇ مەركىزى بولۇپ قالىدۇ. گاھىبىر مۇسۇلمان ئولتۇراق رايونلارنىڭ مەسجىدلىرىدە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ، دېمەك، مەسجىدلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىمۇ بولۇپ قالىدۇ.

§1 مۇسۇلمانلار جامائە ئويۇشمىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى

ئەرەب دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارتەشكىلاتلىرى ۋە جامائە ئويۇشمىلىرىدىن بىرقەدەر ئاساسلىقلىرى ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئىتتىپاقى، ئىلامىيەت قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى، ئىسلامىيەت دۇنياۋى بىرلەشمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى تەشكىلى شەكلى ۋە تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى مەۋقەلىرىدىن ئالغاندا، ئەرەب مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت ئويۇشمىلىرى چوڭ تەرەپتىن دۇنياۋى خاراكتېرلىك، ئىقلىم خاراكتېرلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك دېگەندەك خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆز جىسمىغا مۇجەسسەم ئەتكەن بولىدۇ. تەشكىلاتلارنىڭ مەيدانغا كەلگەن دۆلىتى ھەمدە شۇ تەشكىلاتلارنىڭ باش ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنغان ئورۇنلىرى مەۋقەسىدىن نەزەرسالساق، ئۇلار ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، لېبىرىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىسلام دۆلەتلىرىدە بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەت خاراكېترلىق تەشكىلاتلار، غەيرى ھۆكۈمەت خاراكتېرلىق تەشكىلاتلار، ئوتتۇرا مەۋقە- دىكى مۆتىدىل تەشكىلاتلار دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئىسلام تەشكىلاتلىرى ھەمدە مۇسۇلمانلار ئويۇشمىلىرىنىڭ شەكلى خىلمۇ- خىل بولغانلىقىدىن كۆرە، ئۇلارنىڭ خاراكتېر- خۇسۇسىيەتلىرىمۇ پەرقلىق بولغان بولىدۇ. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك جامائە ئويۇشمىلار ۋە تەشكىلاتلار ئۈستىدە ئاددىيغىنا تونۇشتۇرۇشلار ئېلىپ بارىمىز.
باش ئاپپاراتى سەئۇدىدا تەسىس ئېتىلگەن ياكى سەئۇدىدا بىرقەدەر مۇھىم ھەمدە مۆتىدىل ئىسلامىيەت خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن: «ئىسلامىيەت مەجلىسى ئويۇشمىسى» (ئىسلامىيەت دۆۋلەتلىك مەجلىسى. 1954- يىلى قۇرۇلغان) ؛ «ئىسلام دۇنيا رابىتەسى» (قىسقارتىلمىسى «رابىتە» 1962- يىلى قۇرۇلغان) ؛ھەمدە ئىسلام رابىتەسىگە قاراشلىق بولغان «دۇنيا ئىسلام ياشلىرى مەجلىسى» (1972- يىلى قۇرۇلغان) ؛ «دۇنيا مۇسۇلمان ياشلار مۇھاكىمە مەجلىسى» (1972- يىلى قۇرۇلغان) ؛ «دۇنيا مەسجىدلەر ئەڭ ئالىي مۇدىرىيىتى» (1975- يىلى قۇرۇلغان). باش ئاپپاراتى لېبىرىيەدە تەسىس قىلىنغان «دۇنيا ئىسلامىيەت دىن تەبلىغات جەمئىيەتى» (1972- يىلى قۇرۇلغان) بۇ ئويۇشما يەنە «دۇنيائىسلام تەبلىغات ئىنستىتۇتى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۇنيا ئىسلام تەبلىغات جەمئىيىتى، بۇرۇنقى نامى «لېبىرىيە ئىسلام تەبلىغات جەمئىيىتى» 1972- يىلى5- ئايدا قۇرۇلۇپ، 1986- يىلى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەنىدى. جەمئىيەت ئورنى لېبىـرىيەنىڭ پايتەختى تېروپولىدا، بۇ جەمئىيەت مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىدارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ھەمدە لېبىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يار- يۆلەكلىكىدىكى دىنىي تەشكىلات بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار بىلەن خىزمەت مۇناسىۋېتى ئورناتقان، چوڭ قىتئەلەرگە ئىش باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەسىس قىلغان ھەمدە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق خىزمەتچى خادىملارنى ئىبەرتـىدىغان تەشكىلاتتۇر. جەمئىيەت تەشكىلى ئاپپاراتى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، مۇدىرىيەت كومېتىتى، مەمۇرىيەت ھەيئەت رىياسىتى ھەمدە كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتكە قاتناشقان بارلىق ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن جامائە ئويۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ھەر 4 يىلدا بىر قېتىملىق مۇھاكىمە، مەسلىھەت كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىدۇ. ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن 36 نەپەر ۋەكىلدىن مۇدىرىيەت تەشكىل ئېتىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ دائىملىق ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى مۇدىرىيىتىنىڭ خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى 4 يىل بولىدۇ. مۇدىرىيەت ئاستىدا 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان مەمۇرىيەت ھەيئەت رىياسىتى ھەمدە بىر يۈرۈش ئىشخانىلاردىن تەشكىل ئېتىلگەن كاتىبات باشقارمىسى تۈرلىك پېلانلار ئىجراسى ھەمدە سىرتقى ئالاقە خىزمەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تۈپكى بۇرچى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئىسلام تەبلىغاتىنى يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت. جەمئىيەتنىڭ كونكرېت خىزمەتلىرى؛ (1) «قۇرئان كەرىم» نى قىرائەت قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەفسىرلەش، يەنە، ئىسلامىيەت ئاساسى بىلىملىرىنى تارقىتىش. (2) ئىسلام دىنغا مۇناسىۋەتلىك گېزىت- ژۇرنال، كىتاب، ماتېرىياللارنى تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر ئىتىش. (3) دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياشلار ۋە ئاممىۋى جامائە تەشكىلاتلىرىنى جەم قىلىش، دىنىي بىلىملەرنى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىش. (4) ئەرەب تىلىنى «قۇرئان كەرىم» نىڭ تىلى سۈپىتىدە ئۆگىنىشلەرگە يار- يۆلەك بولۇش ھەم رىغبەتلەندۈرۈش. (5) ئىسلام دىن تەبلىـغات، تەشۋىقاتچىلىرىنى تەبىيىلەپ يېتىشتۈرۈشلەردىن ئىبارەت. جەمئىيەت قارمىقىدا دۇنياۋى ئىسلام ئالىي ئوقۇش يۇرتى بولغان «دۇنيا ئىسلام تەبلىغات ئىنستىتۇتى» بار.
بۇ جەمئىيەتنىڭ دۇنيا ئىسلام تەبلىغات ئىنستىتۇتى 1974- يىلى قۇرۇلغان، مەكتەپ ئورنى تېرىپولى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتىراپىدا، كۆلىمى 70 گېكتار كېلىدۇ، ھازىرقى زامان ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى ئوقۇتۇش بىنالىرى، كۈتۈپخانە، ياتاق بىناسى، مەسجىد ھەمدە قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى تۈگەل، ئوقۇغۇچىلار ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق قىتئەلەردىن كېلىدۇ، ئۇلار ئاساسەن مەكتەپ تەرەپ تەمىن ئەتكەن ئوقۇش مۇكاپاتىدىن بەھرمەند بولىدۇ. ئىنىستىتۇتنىڭ مەخسۇس كۇرس تۈزۈمى 4 يىللىق بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماگىستىر ۋە دوكتۇر قاتارلىق ئاسپېرانتلىق سىنىپلىرى بار. ئىنىستىتۇتنىڭ يىللىق مەجئۈمەسى «ئەل ئىسلام تەبلىغاتى» دىن ئىبارەت، مەكتەپ كاراچى ۋە دەمەشىق قاتارلىق شەھەرلەدە شۆبە ئىنىستىتۇتلارنى ئاچقان، ئىنىستىتۇتنىڭ ئاساسلىق دەرىسلىرىدىن «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شىرىپ» تەفسىرشۇناسلىقى، «قۇرئان كەرىم» نى قىرائەت قىلىش ئىلمى، ئىلمىي تەھۋىد، ئىسلامىيەت تارىخى، سوتسئولوگىيە، پىسخولوگىيە قاتارلىقلار بولۇپ، چەتئەل تىللىرىدىن ئىنگلىز تىلى، فرانسۇز تىلى ۋە ئەرەب تىلى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.
ئىسلام ئىشلىرى ئەڭ ئالىي مۇدىرىيىتى بولسا، مىسىر ھۆكۈمىتى مەبلەغ بىلەن يۆلەيدىغان ئىسلام خەلقئارالىق دىن تەبلىغات ۋە مەدەنىيەت تەشكىلىدۇر، باش ئاپپارات قاھىرەدە، 1960- يىلى قۇرۇلغان. دەسلەپكى مەزگىلدە، مىسىر دۆلەت ئىچىدىكى دىنى ئىلمى ئورگان بولۇپ، ئاسىتىدا مۇدىرىـيەت رىياسىتى ۋە ئىمىي كومېتېت تەسىس قىلىنغانىدى، ئاساسلىق «قۇرئان» كەرىم ۋە ھەدىسلەر ئىلىملىرى بىلەن ئىسلام مەدەنىيەت ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. 70- يىللاردا، ئىسلامىيەت دۇنياسىكى بىر قىسىم مەشھۇر ئالىملاردىن بىرلەشمسى مۇدىرىيەتى مەيدانغا چىقىپ، ئورگاننىڭ ئىجتىـمائىي تەسىرىنى ناھايىتى يۇقىرى مۇقامغا كۆتىرىۋەتتى، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىش ۋە قوللىشىغا مۇيەسسەر بولدى. 1988- يىلى، مىسر ئىچكى كابېنىتنىڭ تەستىقى بىلەن مۇدىرىيەت رىياسىتى 30 نەپەرگە يېقىن ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مېنستىر، ئەدلىيە ۋەزىرى، مۇفتى قاتارلىقلىرى مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغان مۇدىرىيەت دائىمىي رىياسىتى مەيدانغا كەلدى. مۇدىرىيەت رىياسىتىنىڭ تۈپ بۇرچى: ئىسلامىيەت ئىدىئولوگىيىسىنى سىستېملىق، ئومۇميۈزلىك رەۋىشتە تارقىتىش، ئىسلامىيەتنىڭ داھىيانە شەخسلىرى بىلەن ئەللامە، ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلامىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جەۋلان قىلىش، ئىسلام شەرىئەتىنىڭ مۇقەددەسـلىكىنى قوغداش، ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان. مۇدىرىيەت رىياسىتى «قۇرئان» ھەدىسلەر ۋە دىنىي شەرىئەت تەتقىقاتىغا ئەھميەت بېرىپ، ھازىرقى زامان تىلى بىلەن «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شېرىپ» لەرنى ئومۇمىيۈزلىك ھالدا تەفسىرلەپ تۈزۈپ، نەشر قىلىش، شەرىئەت بىلەن ھەدىسلەر تەتقىقاتى جەھەتتە ئىنسكلو- پىدىيە تۈزۈپ چىقىش ھەمدە «ئىسلامىيەت مۇنبەرى» ژۇرنىلىنى نەشر قىلىشلارنى تەكىتلىدى. بۇ تەشكىلات ھەريىلى ئىسكەنـدەرىيەدە، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا يازلىق لاگىر ئويۇشتۇرىدۇ. ئەرەب ئەللىرىدە تىل ئۆگىنىۋاتقان ياكى دىنىي ئىلىملەرنى ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنـلەيدۇ. 1989- يىلى، مۇدىرىيەت رىياسىتى 2- قېتىملىق يىغىنى ئاچتى، يىغىن باش تېمىسى «تېنچلىق ۋە ئىسلام دىن» بولدى. مۇدىرىيەت رەئىسلىكىنى دائىم دېگۈدەك مىسىردىنىي فوند مېنىسـتىرلىكىنىڭ مېنىستىرى ئۆتەيدۇ، ئۇنىڭ ئاستىدا مەدەنىيەت مۇناسىۋېتى، «ھەدىس» ئىلمى ۋە مەمورىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ مەركەز تەسىس قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا يەنە، مەخسۇس «قۇرئان كەرىم» ھەدىس ئىلمىي، فىقھە، ئىسلام ئىدىئولوگىيىسى، ئىسلام ئەخبارچىلىقى، ئىسلامىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىق 9 ئورگان كومېتېت تەسىس قىلىنغان. مۇدىرىيەت رىياسىتى جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنى ئىشلار تارماقلىرى، ئىسلام تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئەل ئارا دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن كەڭ كۆلەملىك مۇناسىۋەتلەر ئورناتقان.
ئىسلامىيەت دۇنيا ئىتتىپاقى قىسقارتىلىپ «رابىتە» دەپ قويىلىدۇ، يەنە بىر نامى «مۇسۇلمانلار دۇنياۋى ئىتتىپاقى» باش ئاپپاراتى مەككىدە تەسىس قىلىنغان. 1962- يىلى، ھەجتاۋاب مەزگىلىدە سەئۇدى پادىشاھى ئىبنى ئابدۇللاھ ئابدۇلئەزىزىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان. ئىسلامىيەتنى تەشۋىق قىلىش، مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دىن، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتـلـەردىكى قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش، ئىسلام جامائە ئۇيۇشمىسى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىــيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى تۈپكى بۇرچى قىلغان. رابىتەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى كومېتېت تەسىس قىلغان، باش كاتىب رەھبەرلىكىدىكى باش كاتىبات باشقارمىسى ئىجرائىيە ئورگىنىدۇر. ئاساسلىق ئورگانلاردىن؛ مەدەنىيەت باشقارمىسى، شەرىئەت باشقارمىسى، رەسەتخانە، كىتاب، ماتېرىيال باشقارمىسى، مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەرئىشلىرى باشقارمىسى، تەبلىغات ئىنىسـتىتۇتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئىسلام دىن تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەكىللىرى ئىتتىپاقنىڭ ئەزاسىدۇر. ئاساسلىق ئەزا دۆلەتلەر «دۇنيا مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى» بىلەن بىردەك. ئىسلامىيەت دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ خىراجىتىنى ئاساسەن سەئۇدى تەمىنلەيدۇ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرىمۇ ھەم ئىئانىلەر تەمىن ئېتىپ تۇرىدۇ. غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلامىيەت دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى ھەريىلقى ھەجتاۋاب مەزگىلىدە، تۈرلىك يىغىنلارنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىسلامىيەت دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىللەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، دىنىي تەشۋىق- تەرغىبات ماتېرىياللىرى تارقىتىدۇ، مەخسۇس مۇھاكىمە لېكسىيەلىرى ئويۇشتۇرىدۇ؛ ئىلمىي تەھۋىد تەشۋىقاتى جەھەتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تەبلىغات خادەملىرىنى ئەۋەتىدۇ، «قۇرئان كەرىم» سوغا قىلىش، مەسجىدلەرنى ياساش، رېمونت قىلىشلارغا ھەمدەم بولۇپ، ئىسلام ئىنىستېتۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەرجىمە ۋە نەشر قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشلەردىن ئىبارەت. نەشر ئەفكارلىرىدىن ئايلىق ژۇرنال «ئىسلامىيەت دۇنيا رابىتەسى» ۋە «ئىسلامىيەت ئىتتىپاقلىقى» ھەمدە «ئىسلامىيەت دۇنيا ئەخبارلەرى ھەپتىلىكى»، «مەسجىدنىڭ ۋەزىپىلىرى» قاتارلىقلار بار. ئىسلامىيەت دۇنيا ئىتتىپاقى ئاسىيا، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق ئىسلام دۆلەتلىرىـدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ھەمدە يەنە بىرقىسىم ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئىش بىــجىرىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلغان ياكى شۇيەردە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەرنى ئەۋەتكەن، يەنە شۇنىڭدەك، دۇنيا مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى باش قوشۇش يىغىنلىرىنى ئېچىپ ۋە ئاسىيا، ئافرىقا ئامېرىكا قىتئەلىرى ئىسلام مەجلىسىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، «دۇنيا ئىسلام دىن تەشـكىلاتلىرى ئەڭ ئالىي ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى» قاتارلىق ئاپپاراتلارنى قۇرۇپ چىققان.
«دۇنيا مۇسۇلمان ياشلار مەجلىسى»1972- يىلى قۇرۇلغان، باش ئاپپاراتى سەئۇدىنىڭ پايتەختى رىياددا، پائالىيەت خىراجىتى «دۇنيا ئىسلام رابىتەسى» تەرىپىدىن ياردەم قىلىنىدۇ. بۇ تەشكىلات دۇنيا خاراكتېرلىق مۇسۇلمان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى، تۈپكى بۇرچى: مۇسۇلمان ياشلار بىرلەشمە، ئىتتىپاقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، مۇسۇلمانلار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ ئۇچرۇشىشلىرىنى كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلرىدىكى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ئىسلام دىننى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتىشكە كۈچ سەرىپ قىلىشتىن ئىبارەت.
«دۇنيا مۇسۇلمان ياشلار مۇھاكىمە جەمئىيىتى» خەلقئارالىق ئىسلام ئىدىئولوگىيە مۇھاكىمە جەمئـىيىتى بولۇپ، 1972- يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھەر ئۈچ يىلدا بىرقېتىم قۇرۇلتاي ئۆتكۈزىدۇ. كاتىبات باشقارمىسى سەئۇدىنىڭ پايتەختى رىياددا تەسىس قىلىنغان. 1988- يىلغىچە، دۇنيا بويىچە 450 نەچچە مۇسۇلمان ياشلىرى تەشكىلاتلىرىنى جەلپ قىلغان، ئويۇشمىنىڭ تۈپكى بۇرچى: ئىسلامىيەت ئەنئەنىۋى ئىدىئولوگىيىسىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ دوستلۇقى ۋە مۇناسىۋېتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياشلارنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئاكتىپ رولىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئافرىقا ئىسلام مەركىزى، يەنە بىر نامى «كاشىمى ئافرىقا ئىسلامىيەت مەركىزى» بولۇپ، ئافرىقا رايونىدىكى ئىسلامىيەت تەشكىلاتى. 1972- يىلى، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان، مىسىر، سەئۇدى، قاتار، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ماراكەش قاتارلىقىلار ئەزا دۆلەتلەردۇر. مەركەزنىڭ تۈپ بۇرچى: ئافرىقىدىكى غەيرى ئەرەب تىلى دۆلەتلىرىگە ئىسلام دىنىنى تارقىتىش، ئىسلام دىن مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، تەبىلىغاتچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش، مۇسۇلمانلار جەمئىيىـ- ـتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت. مەركەزنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى مۇدىرىيەت رىياسىتى، مۇدىرىيەت ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، مۇدىرىيەت رىياسىتى ئاستىدا مەمۇرىيەت كومىتېتى تەسىس قىلىنغان. مەمۇرىيەت كومىتېتى سۇدان مائارىپ مېنىستىرلىكى، ئىسلا- مىيەت تەبلىغات مېنىسترلىكى ھەمدە كاشىمى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇنتۇمەن ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى، سانائەت ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالىملىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، كومىتېت ئاستىغا مائارىپ بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، تەتقىقات بۆلۈمى، جەمئىيەت مۇلازىمەت بۆلۈمى ۋە باسما، نەشرىيات بۆلۈمى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى بۆلۈملەر ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، مەركەز چۈشۈرگەن تۈرلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ.
«دۇنيا مەسجىدلەر ئەڭ ئالىي مۇدىرىيىتى»، «دۇنيا مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى» قارمىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەسجىد ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئورگان، 1975- يىلى مەككىدە قۇرۇلغان. مۇدىرىيەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي ئورگىنى ۋە كاتىبات باشقارمىسى مەككىدە تەسىس قىلىنغان. ئاساسلىق ۋەزىپىسى: ئىماملار ۋە تەبلىغاتچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە تاللاپ ئىشقا قويۇلىشىغا كۈچ سەرىپ قىلىش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسجىدلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، جەمئىيەت ژۇرنلى «مەسجىدنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى» نى نەشر قىلىش، مەسجىدلەرنىڭ دىنىي جەھەتتىكى يېتەچىلىكىنى، دىنىي مائارىپى، دىن تارقىتىش ھەمدە، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە خىزمەت قىلىش تەرەپلىـرىدىكى رولىنى ئومۇميۈزلىك يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىسلامىيەت تەتقىقاتىغا ئائىد ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشتىن ئىبارەت.
«ئىسلامىيەت ھەمكارلىق فونىد جەمئىيىتى» بولسا، خەلقئارالىق ئىسلام فونىد تەشكىلاتى، 1974- يىلى قۇرۇلغان، «ئىسلامىيەت مەجلىسى تەشكىلاتى» غا تەۋە. ئۇشبۇ فونىد جەمئىيىتىنىڭ بۇرچى: ئىسلامىيەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ئىسلامىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلام مەدە- نىيىتىنى، ئىسلامنىڭ قىممىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئىسلامىيەت دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. مەبلەغ ياردەم بېرىش ئوبيېكتىلىرىنىڭ ئاساسلىق دائىرىسى: بىرىنچى، ئىسلام دۆلەتلىرى يولۇقۇش مۇمكىنچىلىكىدىكى ئىجتىمائىي قىيىنچىلىق، كېرزىس ۋە تەبئىي ئاپەتلەر؛ ئىككىنچى، مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە كۆچمەنلەر؛ ئۈچىنچى، مەسجىد قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلام ئىنستىتۇتلىرى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدىن ئىبارەت. مەبلەغ كېلىش مەنبەئى ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مەبلەغ ئاجىرىتىشى، باي ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئەل ئارا ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىئانە قىلغانلىرىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا، فونىد جەمئىيىتى ھەريىلى روزا ئېيىدا ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئويۇشتۇرىدۇ ھەمدە پوچتا ماركىسى تارقىتىش، ئېچىۋېتىلگەن بازارلارغا مۇراجىئەت قىلىش، يەنە شۇنىڭدەك، تۈرلۈك مۇسابىقە شەكىللىرى ئارقىلىق ئىئانە مەبلىغى توپلايدۇ.
«ئىسلامىيەت تەرەققىيات بانكىسى» 1975- يىلى قۇرۇلغان، باش بانكا سەئۇدىنىڭ جىددە شەھـرىدە، ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرىدە شۆبە بانكا ياكى ئىش بىجىرىش باشقارمىلىرى قۇرۇلغان، «دۇنيا ئىسلامىيەت مەجلىسى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەزا دۆلەت 45 كە يەتكەن. بانـكىنىڭ تۈپ بۇرچى: ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام شەرىئەتىگە مۇناسىپ كېلىدىغان بانكىلارنى قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىش، غەيرى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان جامائەلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 2 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغى بار. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق، بېيجىڭ، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارغا 4 مىليون نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھەقسىز ياردەم يەتكۈزۈپ بەرگەن، بۇ مەبلەغلەر ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلدى.
«ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى باش ئورگىنى» 1981- يىلى بىرقىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ پاي قوشۇشى ئارقىلىق ئورتاق قۇرۇپ چىقىلغانىدى، باش ئورگان شېۋىتسارىيە جەنۋەدە، جەلپ قىلىنغان مەبلەغ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، يۈز ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئاكسىيە پايدىن10مىليونى تارقىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 8 يۈز 85 مىليونى مەبلەغ سېلىشقا، 1 يۈز 15 مىليونى قەرەلسىز ئېچىش خاراكتېرلىك تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىسلام خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئورگىنىڭ تۈپكى بۇرچى: ئىسلام شەرىئەتىگە ئەمەل قىلىش شەرتى ئاستىدا ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاشتىن ئىبارەت، كونكرېت نىشانى، بىرىنچىسى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئىسلامىيەت روھىغا مۇناسىپ بولغان ھالدا زامانىۋى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىش، ئۇلارنىڭ جازانە كېردىتىنىڭ ئېكسپىلاتاتىسىيىسىگە ئۇچرىماي سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىككىنچىسى، مەبلەغ توپلاش ۋە مەبلەغ سېلىش شەكىللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىــرىدىكى مۇسۇلمان رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، ئۈچىنچىسى، مۇسۇلمان جامائەلىرى، تەشكىلاتلىرى تۇرۇشلۇق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتـلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىپ، شۇ يەر ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆزئارا بۇرادەرلىك مېھىر- مۇھەببەتلىرىنى كۈچەيتىش، يۇقىرىقى نىشانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تەسىر يەتمىگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنىي تاپاۋىتى كاپالەت قىلىنىدۇ. تىجارەت كەسپىنى جانلاندۇرۇش، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن باش ئاپپارات تۆت چوڭ ساھە بويىچە ئىسلام پۇل مۇئامىلە ئورگىنى تەسىس قىلغان.
1. ئىسلام مەبلەغ سېلىش شېركىتى: كاپىتال ئومۇمىي سوممىسى 103مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 26 تارماق شېركەتكە بۆلۈنگەن. باش شېركەت بىلەن يەرلىكتىكى پايچىكلار %51 دە، %49 نىسبەت بىلەن مەبلەغ چىقىرىپ، پۇل مۇئامىلە ئاكسىيىسى شەكلى بىلەن تۈرلەرگە مەبلەغ سالىدۇ، ئېرىشىلگەن پايدا مۇسۇلمانلارنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىغاسەرىپ قىلىنىدۇ.
2. ئىسلام ماسلاشتۇرۇش شېركىتى: 15مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتى بارابەرىدە دەسمايىگە ئىگە، 20 تارماق شىركەت قۇرغان، تارماق شىركەتكە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن مەخسۇس مەبلەغ زايۇم تارقاتقۇچىلارغا بېرىلىدۇ، زايۇم خىيىم- خەتىرى باش شىركەت بىلەن تارماق شىركەتلەر ئورتاق ئۈستىگە ئېلىنىدۇ.
3. ئىسلام بانكىسى: 38 مىلليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتى بارابەرىدە كاپىتالغا ئىگە، 4 خەلقئارا خاراكتېرلىق، 20 يەرلىك خاراكتېرلىك بانكا قۇرغان.
4. كەسپىي مەشغۇلات شىركىتى: 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتى بارابەرىدە كاپىتالغا ئىگە، ئىجارىكەشلىك شىركىتى، سودا شىركىتى، ھۆددىگەرلىك شىركىتى، مەسلىھەت بېرىش شىركىتى ۋە كانچىلىق شىركىتى ھەمدە ئاۋىئاتىسىيە، دېڭىز قاتناش ئىشلىرى شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنى قۇرغان.
نۆۋەتتە، بىر قىسىم دۆلەتلەردە يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان پۇل مۇئامىلە شىركەتلىرى تىجارەتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. باش شىركەت يەنە بىرقسىم مۇناسىۋەتلىك ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ھەمكارلىق تۈرلەر ئۈستىدە سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن، كىنىيەدە نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىنى قۇرۇش، يۇقىرى ۋولتنىڭ ئۆسمۈرلەر يېمەكلىكلىرى زاۋۇتى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

§2 پانئىسلامىزم ھەرىكىتى

پانئىسلامىزم مەسلىكى 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، غەرب مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى سىياسىي تەشەببۇس ۋە دىنىي سىياسىي ئىدىيىۋى ئېقىمدىن ئىبارەت. بۇ ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ قوزغىلىشى ئىسلامىيەتنىڭ سىياسىي زاۋاللىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش، ئاساسلىقى ئوسمانلى ئىمپېرىىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشگە تاقابىل تۇرۇشتىن بولغان. پانئىسلامىزم مەسلىكى مۇسۇلمان ھەرمىللەت خەلقىنىڭ سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇش، ئىمان ئەركنى قوغداش، مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىشتىكى مۇھىم ئىدىيىۋى قۇرالدۇر. تا بۈگۈنگىچە تەرەققىي قىلىپ كەلمىش پانئىسلامىزم مەسلىكـنىڭ ئىتتىپاقلىق ئېڭى يەنىلا ئىسلام مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، شۇنداقلا خەلقئارا سىياسىي ھاياتتىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مۇھىم ئامىلدۇر.
پانئىسلامىزم مەسلىكىنى ئەڭ ئاۋۋال تەرغىب قىلغۇچى جامالىددىن ئەفغانى (1897- 1838). ئۇ ئىراننىڭ ھەمەدان شەھىرى يېنىدىكى ئەسەد ئاباد بازىرىدىكى نامرات مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بالىلىقىدا ئاتسىدىن ئەرەب تىلى ۋە «قۇرئان كەرىم» ئۆگەنگەن، ياشلىق مەزگىلىدە تېھرانغا، ھەمدە ئىراق شىئە مەزھەپتىكىلەرنىڭ مۇقەددەس جايى بولمىش نەجىبىيەلەرگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئەنئەنىۋى ئىسلامىيەتنىڭ تاۋلاشلىرىنى قوبۇل قىلغان، يەنە شۇنىڭدەك، ئىسلام پەلسەپىسى ۋە سوپىزمنى ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىق قىلغانىدى.1857- يلى، ئۇ، مەككىگە بېرىپ ھەجتاۋاب قىلىدۇ، «ئىسلامىيەت دۇنياسى زور بىرلىك ئىتتىپاقى» ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ ھەمدە مەككە قەدىمىي شەھىرى نامىدا «ئۈممە قۇرا جەمئىيەتى» نى قۇرىدۇ ۋە «ئۈممە قۇرا» ژۇرنىلىنى نەشر قىلىدۇ. ئۇ، 1858- يىلىدىن1865- يىلىغىچە، ھىندىستاندا تۇرغان مەزگىلىدە، غەرب پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە تەتقىقات مىتودلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ قىلىۋاتقان ياۋۇزلۇقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قەلبىدە جاھانگىرلىككە قارشى ئىدىيە بىخلىنىدۇ. 1866- يىلىدىن 1868- يىلىغىچە، ئافغانىستاننىڭ باش ۋەزىرلىك خىزمىتىدە بولىدۇ، سىياسىي ئۆزگىرىش تۈپەيلى خىزمەتتىن ئايرىلىپ 1869- يىلى ھىندىستان زىيارىتى ئارقىلىق مىسىرغا بارىدۇ، ئۇ يەردىن ئىستانبولغا كېلىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىدىيىلىرى سۇلتاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلاھاتچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە نۇتۇقلىرىدا پەيلاسوپ بىلەن پەيغەمبەرنىڭ مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ ئادا قىلىدىغان بۇرچلىرى تەشەببۇس قىلىنغانلىقتىن مۇتىئەسىپ يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ زىتىغا تىگىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنغا «يالا چاپلىغان» لىق جىنايىتى بىلەن چىگىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. 1871- يىلى، ئۇ يەنە مىسىردا ئولتۇراقلىشىپ قالدۇ، مىسىردا تۇرغان سەككىز يىلدا ئەزھەر دارىلـ- فونىنىدا دەرس ئۆتۈش، يېڭى ئىدىئولوگىيەنى تەشۋىق قىلىش، ئەدەبىيات ئىنقىلابىنى تەرغىب قىلىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، زور بىر تۈركۈم ياش ئوقۇغۇچىلارنى جەلىب قىلىدۇ. ئۇ «ياشلار جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، ياشلار ئارىسىدا ئوقۇپ يۈرۈپ گېزىت چىقىرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مىسىر خەلقىنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ئەركىنلىككە نىدا قىلىش، ئېزىلىشكە قارشى تۇرۇشلار ئارقىلىق، پەلسەپە شەكلىدە پىكىر قىلىش ۋە رېئال مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرىپ قىلىدۇ. ئۇ، ئەرەبى رەھبەرلىك قىلغان مىللىي قوزغىلاڭغا ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ، ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇستەبىت ۋە چىرىكلىكىگە زەربە بېرىپ، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قارانىيىتىنى پاش قىلىپ، مىسىر خەلقىنى ئۆز- ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆز- ئۆزىنى قەدىرلەشكە، ئۆز تەقدىرىنى قولىغا ئېلىشقا چاقىرىدۇ. 1879- يىلى، ئۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشــقانلىق سەۋەبىدىن مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن يەنە چىگرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، ئايلىنىپ ھىندىستاننىڭ بومبايغا كېلىدۇ. مۇستەملىكىچى دائىرىلەرنىڭ قاتتىق كۆز تىكىپ تۇرۇشىدىن ئۇنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىشى ناقولاي بولۇپ قالىدۇ، باش چۆكۈرۈپ ئەسەر يېزىپ، مەسلەك بايان ئەيلەشكە چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ پارىس تىلىدا ئېلان قىلغان ئەسىرى «ئەھلى تەبىئەت مەسلەككە رەددىيە»، (ناتو رالستلارغا رەددىيە) «پەلسەپەنىڭ مەنپەئەتلىك تەرەپلىرى»، «ئىنسانىيەت بەخت- سائادىتى بىلەن ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنىڭ نەقتىلى مەنبەسى»، «ئوقۇتۇش ۋە مائارىپ»، «مىللەتنىڭ ئىتتىپاقـ- لىقى ۋە بىرلىكىدىكى پەلسەپە ۋە ھەقىقەت»، قاتارلىق پوبىلىستىكىلارنى ئېلان قىلغان. 1882- يىلى، ئەفغانى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ لوندۇن ئارقىلىق پارىژغا بارىدۇ، ئوقۇغۇچىسى ۋە شاگىرتى مۇھەممەد ئابدۇ بىلەن بىرلىكتە «ئەل ئۇر ۋە تۇل ۋۇسفا» (يېمىرىلمەس مۇناسىبەتتىكى ئىتتىپاق) قاتارلىق ژۇرناللارنى نەشر قىلىپ، پانئىسلامىزم مەسلكىنى تەشۋىق قىلىدۇ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلىشىپ، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ. 1885- يىلىدىن 1886-يىلغىچە، ئۇ ئىككى قېتىم ئىران بىلەن روسىيەنى زىيارەت قىلىپ، يۇقىرى تەبىقىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىنى تەشۋىقات قىلىدۇ. ئىراندا جۇمھۇرىيەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتنى مەخپىي پىلانلاشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن يەنە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈركىيەدە سۇلتان ئابدۇل ھەمىدⅡنىڭ ئەتىۋارلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، پانئىسلامىزم مەسلىكى تەشەببۇسىنى يولغا قويۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ، بىراق، ھەسەتخورلارنىڭ غالجىرانە ھۇجۇمى تۈپەيلى يەنە مەغلۇب بولىدۇ، ئوردىدىكى مۇتىئەسىپ كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن «ئالتۇن قەپەزدىكى قۇش» بولۇپ، تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
پانئىسلامىزىمنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: سىياسىي جەھەتتە، مۇستەملىكىچىلىككە ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئېرق، مىللەت ئايرىماي، ئورتاق بىر خەلىپىنى تەن ئېلىپ، ئىسلام شەرىئەتى ئاساسىدا دۆلەت ھالقىغان، مىللەت ھالقىغان، رايون- ئىقلىم ھالقىغان رەۋىشتىكى ئىسلامىيەت ئىمپېرىيەسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، شەرقتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىچكى جەھەتتە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتىن، سىرتقى جەھەتتە، تاشقى مۇستەملىكىچىلەردىن قۇتۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىش؛ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ جەزمەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئۆز- ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى تەشەببۇس قىلىش، ئىسلامىيەتنىڭ بۇرادەرلىك روھىيىتىنى تەرغىب قىلشىتىن ئىبارەت. مۇشۇ نىشانغا يەتمەك ئۈچۈن ئەفغانى1887- يىلى ئوسمانلى سۇلتانىغا ئۈمىد باغلاپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن «غازات» يولىدا ئۆز جېنىنى تەقدىم قىلىشقا رازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ سۇلتاندىن جايلار- دىكى تۆرە- ئاقسۈڭەكلەرنى، جامائەت داھىيلىرى ۋە دىنىي ئەللامەلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ «غازات» قا تەييارلىنىش، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدىكى مۇسۇلمان خەلقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چارروسىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە تاجاۋۇزىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان. 1882- يىلدىن 1885- يىللار ئارىلىقىدا، ئۇ «ئەنگلىيەنىڭ شەرق ئەللىرىدىكى سىياسەتلىرى» ۋە «مىسىر ئۇرۇشى قوزغۇلىشىنىڭ سەۋەبى» ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستان ۋە مىسىرغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكە خەلقتە مەزھەپ ئىختىلاپلىرى ۋە پارچىلىنىشلىرى پەيدا قىلىشتەك جىنايەتلىرىنى پاش قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ قۇرۇپ چىققان «ئەل ئۇر ۋەتۇل ۋۇسىفا ھەپتەلىكى» پانئىسلامىزمنىڭ جامائەت پىكىرى ئىستھكامىغا ئايلىنىپ، ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستان، مىسىر، سۇدانلاردىكى تاجاۋۇزچىلىق جەريانلىرىنى پاش قىلىپ، پانئىسلامىزم ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتىنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق ئىمان ئاساسىدا كەڭ دائىرىلىك جاھانگىرلىككە قارشى بىرلىكسەپ بولۇپ ئويۇشۇشقا چاقىرغان ھەمدە شەرق خەلقىگە زاۋال- زەبونلىقنىڭ مەنبەسىنى ۋە روناق، گۈللىنىشنىڭ يولىنى چۈشەندۈرگەن، زادى قانداق قىلىپ، ئەجدادلارنىڭ پرىنسىپلىرىگە ئەمەل قىلىپ، باي، قۇدرەتلىك بولۇشقا يېتىنىشنى يورۇتۇپ بەرگەن. دىنىي ئىدىيە جەھەتتە، ئەفغانى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلاشلارنى تەرغىب قىلىدۇ، مۇسۇلمانلار چوقۇم دەۋرنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن روبىرۇ تۇرۇشى لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىلغار پەن- تېخنىكىسى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ساۋادسىزلىقنى يۇيۇپ تاشلاپ، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، دىنىي مائارىپنى ئەل رەئىيە مائارىپىنىڭ بىرىنچى ئوقۇش مەنزىلى قىلماق لازىم، دىننى پاكلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساپاسىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قالاق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى تەرغىب قىلغانىدى. پەلسەپە ئىدىيىسى جەھەتتە، ئەفغانى ئاتېئىزىم ۋە ماتېرىيالىزمغا قەتئىي قارشى تۇرغان، ئۇ، «ئەھلى تەبىئەت مەسلەككە رەددىيە» (ناتورالىـستلارغا رەددىيە) ناملىق ئەسىرىدە، دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى كۈچلۈك رەۋىشتە دىنغا ئاسىيلىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغاپ، دۇنيانى پەقەت بىرلا مەنبەلىك، پەقەت ماددىغىلا تالىق قىلىپ قويۇپ، ئىلاھنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىنكار قىلىپ، سولتسزمنى تەرغىب قىلىپ، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تايىنىش، يۇغۇرۇلۇپ كېتىش كۈچىنى يوقاتتى، دەپ قارىغان. ئۇ، پەقەت دىندىن ئاپىرىدە بولمىش ئۈچ چوڭ پەزىلەت تەقۋادارلىق، ساداقەت ۋە ئۆز- ئۆزىنى ئەيبلەش قاتارلىقلارلا، ئادەملەرنى ياراتقۇچىغا ئىشىنىشكە ۋە ئۇنىڭ شاپائىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش تۇيغۇسىغا ئېلىپ بارىدۇ، مانا شۇندىلا ئىنسان سولتسزمنى يېڭەلەيدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن تەسەددۇق بولالايدۇ، بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە بەخت- سائادىتىنىڭ ئاساسى، ئۇ خۇلاسىلىگەن ئىسلامىيەتنىڭ تۆت چوڭ ئالاھىدىلىكىنى؛ ئاللاھنىڭ بىرلىكى، بارلىق ئېرقلارنىڭ باپ- باراۋەرلىكى، ئادەمنىڭ پەقەت پاراسەت ئۈستۈنلىكى ئارقىلىق باشقىلاردىن يۇقىرى تۇرمىقى، روھ ۋە پاراسەتنىڭ تەرغىب قىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭچە، پۈتكۈل بىلىملەر بىلەن خەلقنى تەبىيىلىمەك ۋاجىبكى، مىللەتنى بىلىم قوغلىشىدىغان، جىنايەتلەرنى چەكلەيدىغان، بەخت ئىزدەيدىغان بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇش لازىم. دىن بولسا بىر تۈرلۈك ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا مەنپەئەتلىك بولغان سىستېما ۋە تۈزۈلمىدۇر، ئەمما ئۇ ئۆزگەرمەس، قېتىپ قالغان ھالەتتە بولماستىن، بەلكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىيلىكىگە ماسلاشقان، ئىلىم- پەن بىلەن ماسلىشىپ، گىرەلىشەلەيدىغان بولۇشى لازىم، دەپ قارىغان. بىر ئادەم مۇبادا ھېچقانداق بىر دەلىل- پاكىتسىزلا مەلۇم ئىشلارغا ئىشەنسە، ئالدىنقىلارنى دوراپ ۋە شۇلاردىن قالغانلارغا ئەمەل قىلىپلا ئۆتۈشكە رازى بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق كىشىنىڭ دىلى قۇتقازغىلى بولماس دەرىجىدە بىلىم ۋە پاراسەتنى خالىماس بولىدۇ، نادانلىققا چۆكۈپ كېتىدۇ، ئاق- قارىنى پەرق ئەتمەس، ياخشى، يامان بىلەن گۈزەللىك سەتلىكلەرنىمۇ پەرق ئېتەلمەسلىككە بېرىپ يېتىدۇ. ئۇ يەنە، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ دىنىي ھېسسىياتقا بېرىلىپ، قارغۇلارچە چەتكە قېقىش، غەربنى يەكلەش، بىلىم ۋە پەننى يەكلەش غەرىب مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق سەنئەت نەتىجىلىرىدىن بىزار بولۇشتەك پوزىتسىيەلىرىگە قارشى تۇرىدۇ، بۇنداق قىلىش دىننى قوغدىغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى بىرئىزدا توختاپ ئالغا باسماسلىققا مۇپتىلا قىلغانلىق دەپ قارىغان.
پانئىسلامىزم مەسلىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى قوغداش، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىنكاس قىلىدىغان بىر تۈرلۈك چوڭقۇر، بىۋاسىتە بولغان پىسخىك ھالەتنى ۋە ھېسسىياتنى نامايەندە قىلىپ بېرىدۇ. بۇ خىل ھېسسىيات مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىلا بار ئىدى، يەنى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ يولىنى تۇتۇپ ئۆزئارا ئايرىلماسلىق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، مۇسۇلمانلار غەربنىڭ تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى ئوتتۇرا ئەسىرىدىكى ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسى ئۇرۇشلىرىنىڭ داۋامى دەپ قارايدۇ، كۈنسايىن زاۋاللىققا پېتىۋاتقان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈچ بولۇشى سۈپىتىدە، ئىسلام قوۋۇملىرى ئوسمانلى سۇلتان ھۆكۈمىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشقا ئىھتىياجلىق ئىدى. 1883- يىلى، ئەفغانى پارىژدىكى بىر ئەرەب تىلى ژۇرنىلىدا، گېزىت ئەھلىگە بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ تەنقىد قىلىۋەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغانىدى. ئۇ، شەرقلىقلەر ئاللاقاچان قۇدرەتلىك دۈشمەنلەرنىڭ بويسۈندۇرۇشنىڭ نىشانى بولۇپ قالدى، نۇمۇسنى ئاقلاش ئۈچۈن چوقۇم بىر بايراق ئاستىغا بىرلىشىشى، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمەتلىرىنى قوللىشى، پۈتكۈل ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋەزىرول- رەئىيە زىچ بىرلىشىپ، ئۆزھاكىمىيەتلىرىنى مۇستەھكەملىشى لازىم، دەپ كۆرسەتكەنىدى. ئەفغانى بىلەن بىرلىكتە پانئىسلامىزىم مەسلىكىنى تەشۋىق قىلغۇچى مۇھەممەد ئابدۇ 1886- يىلى بېيروتتىكى مەزگىلىدە : ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى قوغداش ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ئۇنىڭ رەسولىغا ئىمان ئېيتىشتىن قالسا ئۈچىنىچى زور بىر ئىمان مەسىلىسى بولۇپ قالدى، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن دىننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ قېلىپ، ۋە ئويۇشۇشچانلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. بۇ تۈرلىك خاھىش سىياسىي كېرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇل ھەمىد (1876- يىلدىن1909- يىلىغىچە تەختتە بولغان) تەرىپىدىن پايدىلىنىلغان. ئۇ ئىچكى جەھەتتىن سۇلتاننىڭ مۇسۇلمانلار نەزەرىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سۇلتاننىڭ ھوقۇقى دىنىي مەنبەگە ئىگە، ئۇ ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى سايىسى مۇسۇلمان خەلقنىڭ خوجىسى؛ سىرتقا قارىتا بارلىق چارە- تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىپ، ئىمپېرىيە ئىچىدىكى ھەرمىللەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئىتىقادى ۋە دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەۋرەپ قالغان ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشقا كۈچ سەرىپ قىلشقا باشلىغانىدى. سۇلتاننىڭ سىياسىي مەقسىدى ئەفغانىنىڭ تەشەببۇسلىرى بىلەن پەقەت يۈزەكى كۆرۈنۈشتىلا ئورتاقلىق ۋە باغلىنىشقا ئىگە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بولسا، پۈتۈنلەي باشقا- باشقا مەسىلىلەر ئىدى. گەرچە ئۇ غايەت زور مەبلەغ سەرىپ قىلىپ، مول ئالتۇن دىنارلار بىلەن يۇقىرى تەبىقە دىنىي شەخسلەرنى سېتىۋالغان بولسىمۇ، بىراق ھاسىلاتى تېرىقچە بولۇپ قالغان. چۈنكى ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ ئوبرازى ئاللىقاچانلا تەقۋادار، شەخسىيەتسىز بولماي قالغانىدى، نەزەرى ئۈستۈن خەلىپىلەر، جاھاندارچىلىقتىكى ھوقۇق ئارقىلىق دىنىي نوپۇز- لۇقنى بېسىپ تاشلاشقا ئورۇنىدىغان مۇستەبىتچىلەر بولسا، ئىسلاھات تەرەبدارلىرى تەرىپىدىن «ھەممە ياۋۇز- لۇقنىڭ مەنبەئى» دەپ شىكايەت قىلىنىدىغان نىشانلار ئىدى. ئابدۇل ھەمىد ئۆز خەلىپىكىنىڭ ئالا- ھىدىلىكى ئىزچىل تەكىتلەيتتى، ئەمما بۇ پىكىرلەرنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىقى بەسى مۇشكۈل ئىدى، پارىستىكى شىئەلەر بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ۋەھھابىيلەر ئۇنى ئېتراپ قىلىشتىن قەتئىي باش تارتاتتى. 1908- يىلى، تۈركىيە ياشلار پارتىيىسى سۇلتاننىڭ ئورنىنى بىكار قىلدى، مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پانئىسلامىزم مەسلىكى ھەرىكىتىگە مەدەت بېرىشى ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە پانتۈركىسزم مەيدانغا چىقىپ ئىسلام ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بولۇپمۇ ئەرەبلەرنىڭ پانئىسلامىزمغا بولغان ئارمانلىرى بەرباد بولدى، بۇ ھال ئەرەب مىلللەتچىلىكىنى غولدىتىۋەتتى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىمۇ پانئىسلامىزم كەيپىياتى مەيدانغا چىقىپ باققانىدى. دىنىي ساھەنىڭ پانئىسلامىزملىق ھەرىكەت قوللۇنۇپ، داۋالاش ئۆمەكلىرى ئەۋەتىپ بالقان ئۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتقان تۈرك ئارمىيىسىگە ياردەم بەرگەنىدى، 1914- يىلى، ئارىكا ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى مۇھەممەد ئەل ماقالە ئېلان قىلىپ تۈركىيىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىرلىكىگە قاتنىشىشتەك تاللىشىنى مەدھىيلىگەن، مۇشۇ سەۋەبتىن ئەنگلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە قامالغان، 1919- يىلى، ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن خەلىپە مەجلىسى تەشكىلاتىنى قۇرغان. ئۇشبۇ تەشكىلات ھىندىستان كونگرىسلار پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاممىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، جامائەت پىكرى قوزغاپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلاش ۋە تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيە تۈگەللىكىنى قوغداپ، مۇستەملىكىچىلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت زېمىنىنى «دۈشمەنلەربېسىۋالغان دۆلەت زېمىنى» دەپ ئېلان قىلىپ، مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆچۈش ھەرىكىتنى قوزغاپ، قوشنا دۆلەت ئافغانىستانغا كىرىپ ئولتۇراقلاشقانىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ نەزەرىيىچىسى ئەسەد : ئىسلامىيەت تارىخىدا پەيغەمبەر ھەم تۆت چوڭ خەلىپە ۋە ئۇمەۋىييە، ئابباسىيلار سۇلالىسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيە ھاكىمىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شاھ ھوقۇقى مەركەزلەشكەن، جاھانغا مۇناسىپ بولغان خەلىپىلىك تۈزۈمدۇر، خەلىپە ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ سىياسىي مەركىزى، پۇتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خەلىپىلىككە بويسۇنۇپ، غازاتقا قاتنىشىپ، قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇپ ئېلىشى لازىم، دېگەنىدى. ئۇ يەنە، ھەربىر مۇسۇلمان دۆلەت بىردىن جامائەت ئېتراپ قىلغان دىنىي داھىينىڭ رەھبەرلىكىدە تاجاۋۇزچىلارغا قارشى غازات ئېلىپ بىرىشى لازىم، دەپ قارىغانىدى. 1924- يىلى، تۈركىيىدە خەلىپە تۈزۈمى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن بۇ تەشكىلاتـنىڭمۇ مەۋجۇدلىقىنىڭ مەنىسى قالمىدى، پەيدىن- پەي ئاۋازى پەسىيىپ كەتتى.
1924- يىلى، ھىندىستان خەلىپە يىغىنى تەشكىلاتى بومبايدا چاقىرغان يىغىنىدا، بۇ تەشكىلات ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋېتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەرغىب قىلىپ، خەلىپە مەسىلىسىنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشتى، مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتى. شۇ ھەرىكەتلەرنىڭ سۈپىتىدە، 1926- يىلى، 6- ئايدا، سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللا ئەزىزى بىننى سەئۇدى مەككىدە يىغىن چاقىردى، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسىسىدىن ۋەكىللەر قاتناشتى، مەقسەد مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنى جەلپ قىلىش ۋە تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ھاسىلاتتا، پانئىسلامىزملىق خەلقئارالىق تەشكىلات دۇنيا ئىسلام بۈيۈك مەجلىسى قۇرۇلدى. 1931- يىلى، ئېرۇسالىمدا 2- قېتىملىق ئىسلام مۇدىرىيەت رىياسىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، پەلەستىنلىك مۇھەممەد ئەمىن ھۈسەيىننى تۈنجى نۆۋەتلىك رەئىسلىككە سايلىدى.
پانئىسلامىزم مەسلىكىنىڭ كونا گەپلەرنى قايتا تەكىتلەپ ھەقىقىي تەسىرات پەيدا قىلىش بولسا 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىشلار. ئۇرۇشتىن كېيىن مىللىي دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دۆلەتلىرى ئارقا- ئارقىدىن مۇستەقىل بولۇشقا باشلىدى، پانئىسلامىزمنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇ ئەمدى بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك ئاستىدىكى ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى، ئوخشىمىغان ماكان ۋە زامانلاردا ئوخشىمىغان بەلگىلەرگە ئىگە، كۆپ مەركەزلىك ھەرىكەتكە ئۆزگىرىپ كەتتى. سىياسىي نىشانە جەھەتتىمۇ ئەمدى خەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، بىرلىككە كەلگەن ئىسلامىيەت ئىمپېرىيىسى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىمەيدىغان، بەلكى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق دىنىي ئىتىقادىنى، مەدەنىيەت ئەنئە- نىسى ۋە قىممەت قارىشىنى تەكىتلەيدىغان، ئىسلام مەدەنىيەت ئىلمىي تەتقىقاتىنى، كىتاب، ژۇرنال نەشر قىلىشىنى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشلارنى تەرغىپ قىلىدىغان، ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دائىرىـلىك ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقى مەيدانغا چىقىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەمدە باشقا دىنلار بىلەن سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، دىنىي كۈچ ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جاھانگىرلىك ۋە يەھۇدىي تىرىلدۈرگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي تېنچلىق ۋە ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆمىد قىلماقتا. 1949- يىلدىن باشلاپ دۇنيا ئىسلام بۈيۈك مەجىلسى داۋاملىشىپ، 1926- يىلدىكى مەككە يىغىنىدىن كېيىنكى پائالىيىتىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى، باش ئورگان كاراچىدا تەسىس قىلىندى. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن كېيىن سەئۇدىنىڭ نېفىت بايلىقى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، سەئۇدى پادىشاھى 1962- يىلى، دۇنيا ئىسـلام بىرلىك ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەرغىب قىلدى، باش ئاپپارات مەككىدە بەرقارار تاپتى. 3- قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە خەلقئارالىق ئىتتىپاقنىڭ تەخرسىزلىكىنى ھېس قىلدۇردى. 1969- يىلى، رىيادتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۈچ دەرىجىلىك تۈزۈمدىكى ئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتى، يەنى: ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى، تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىنى ۋە دائىملىق كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىشتەك ئىسلام ئەللىرى بىرلەشمە يىغىنى مەيدانغان چىقتى. بۇ قاتارلىق خەلقئارا خاراكتېرلىك پانئىسلامىزملىق تەشكىلاتلار مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇسۇلمان دۆلەتلەر مەنپەئەتلىرىنى قوغداش قاتارلىقلاردا ئۆزئارا جىپسىلىشىپ كېلىپ، غايەت زور روللارنى ئوينىدى. 1970- يىللاردىن بۇيان، ئىسلامىيەت دۇنياسىدا يەنە داۋملىق تۈردە بىر قىسىم خەلقئارا خاراكتېرلىق، ئىقلىم- رايون خاراكتېرلىك پانئىسلامىزملىق تەشكىلات ياكى ئورگانلار قۇرۇلدى، ئاساسلىقى ئىسلامىيەت تەرەقـقىيات بانكىسى، ئىسلامىيەت ئاخبارات ئاگېنىتلىقى، ئىسلام دۆلەتلىرى رادېئو- تېلېۋىزىيە تەشكىلاتى، ئىسلامىيەت تەرەققىيات فونىد جەمئىيىتى، ئىسلام سودا تەرەققىيات مەركىزى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. مانا بۇلار پانئىسلامىزم مەسلىكىنىڭ تەسىرى ۋە رولىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

§3 ئىسلامىيەت زامانىۋىچىلىقى

ئىسلامىيەت زامانىۋىچىلىق پىكىر ئېقىمى پانئىسلامىزمنىڭ كۈچلۈك سىياسىي خاھىشى بىلەن ئوخشاش ئەمەس، بەلكى، ناھايىتى قويۇق مەدەنىيەت تۈسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ بولسا مۇسۇلمان زىيالىلىرىنىڭ سەردارلىرى قوزغىغان بىر تۈرلۈك دىنىي مەدەنىيەت ھەرىكىتى بولۇپ، مۇھاكىمە مەركىزىگە قويغىنى ئىسلام دىنى بىلەن زامانىۋىلىشىش مەسىلىلىرىدىن ئىبارەت. بۇ ھەرىكەت تەخمىنەن 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلانغان. ئىلگىرى جامالىددىن ئەفغانى تەشۋىق قىلغان پانئىسلامىزم مەسلىكى تەركىبىدە، ئىسلام دىننى زامانىۋىلىققا مۇناسىپ ئىسلاھ قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئۈندۈرمىلىرىمۇ بارىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۈچ نەپەر ئوخشىمىغان سىياسىي خاھىشنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىدىن؛ ھىندىستانلىق سەئىد ئەھمەدخان، مۇھەممەد ئەكبەر ۋە مىسىرلىق مۇھەممەد ئابدۇلار بار.
سەئىدئەھمەدخان (1898- 1871) دىھلىدىكى مۇغۇل (بابۇرىيلار) ئىمپېرىيىسى فېئودال ئاقسۈڭەك ئائىــلىسدە دۇنياغا كەلگەن. مۇھەممەد ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەۋالغان، ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپى تەربىيىسى ئالغان. ياشلىق مەزگىلىدە ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدە خىزمەت قىلىپ، ئەنگلىيە مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى قوبۇل قىلىۋالغان. 1857- يىلى، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۇنىڭ ئىسلام دىننىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، غەرىبنىڭ پەن- مەدەنىيەت ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلمىغاندا، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمىگەندە، رېئال زۆرۈرىيەتلەرگە ئاساسەن ئەنئەنىۋى دىننى ئىسلاھ قىلمىغاندا، ئىسلام دىن ئالغا باسالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ نامرات، قالاقىلىقى نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىكتىن، كەچكەن كۈنگە شۈكرى قىلىپ، ئالغا بېسىشنى خالىمىغانلىقىدىن بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، قىيىنچىلىق ئاسارەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشنىڭ يولى مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا، مەدەنىيەت، ئىلىم پەن بىلىملىرىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇشتا، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. 1864- يىلى، ئۇ «ئىلىم- پەن جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا غەرىبنىڭ ئىلىم- پەن ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغان. 1869- يىلى، ئۇ ئەنگلىيە جەمئىيىتىدە زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولىدۇ، ۋەتەنگە قايىتقاندىن كېيىن دىنىي مائارىپى ۋە دىنىي ئىسلاھاتقا كىرىشىپ كېتىدۇ. 1874- يىلى، ئۇ ئالىگاردا «ئەنگلىيە ئىسلام دىن شەرق ئىنىستىتۇتى» نى قۇرۇپ چىقىپ، مەكتەپ باشقۇرۇشلارنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىگە تەقلىد قىلىدۇ، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارغا جاھاندارچىلىق تەلىم- تەربىيىلىرى ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. 1886- يىلى، «پۈتۈن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى مائارىپ جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، بىر يۈرۈش مائارىپ ۋە جەمئىيەت ئىسلاھات نىشانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئالىگار ئىنستىتۇتى 1920- يىلى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆزگەرتىلىپ، ھىندىستاندىكى ئىسلامىيەت زامانىۋىچىلىرىنىڭ ئىلمىي مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. ئەھمەدخان سىياسىي جەھەتتە فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى بولۇپ، پارلامىنت دېموكراتىك تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولغاچقا مۇتىئەسىپ ئۆلىمالار تەبىقىسىنىڭ جاھىللىق بىلەن سۈكۈشلىرىگە ئۇچرايدۇ.
مۇھەممەد ئەكبەر (1938- 1877) پاكىستاننىڭ مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى، شائىرى ۋە جامائەت ئەربابى ئىدى. ئەسلى يۇرتى كەشمىر، پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى بىر ئوتتۇرا بۇژۇئازىيەگە تەئەللۇق بولغان ئىخلاسمەن مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئەنئەنىۋى دىنىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. 1897- يىلى، لاھۇر ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرىدۇ، 1899- يىلى، پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتدە ئەدەبىيات ماگىستىرلىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئەنگىلىيىگە بېرىپ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە گېرمانىيە مىيونخىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا داۋاملىق سەۋىيە ئاشۇرىدۇ، غەرىبنىڭ پەلسەپە قانۇنچىلىقلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئاساسلىقى پارسينىڭ سىرلىق پەلسەپەسى تەتقىقاتىنى نىشان قىلىدۇ، ياۋروپا پەلسەپىسى، پەن ۋە مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ دائىرىلىك تونۇشۇپ، پەلسەپە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1908- يىلى، ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ ئادۋۇكات بولۇپ ئىشلەيدۇ، ھەمدە لاھور ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنى قۇرىدۇ. 1911- يىلى، ئۇ لاھور ئۇنىۋېرسىتېتدە پەلسەپە ۋە ئەنگلىيە ئەدەبىياتى پروفىسسورىلىققا تەيىنلىنىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىستىپا بېرىپ، مەخسۇس پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھەمدە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. 1930- يىلى، مۇھەممەد ئەكبەر پۈتۈن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، ئايرىم مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇش سىياسىي تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە 1931- يىلى، لوندۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگلىيە، ھىندىستان سۆھبىتى يۇمۇلاق جوزا يېغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان نۇتۇقلىرى، پوبىلىستىكا ۋە شېئىرلىرى مىللىي مۇستەقىللىق تېمىسىنى جاكار قىلىدۇ، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئايرىم مىللەت ۋە ئۆزگە مەدەنىيەت گەۋدىسى نەزەرىيىسىنى بايان قىلىپ، پاكىستاننىڭ دۆلەت بولۇپ قۇرۇلىشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ دىنىي ئىسلاھات مەپكۇرەسى ۋە قەدىمكىنى تىرىلدۈرۈش تەشەببۇسلىرى بەكمۇ ئۆزگىچە، «قۇرئان كەرىم» ھەممە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نوم ئەمەس، دەۋر شەرت- شارائىتلىرىغا ئاساسەن تۈپ پرىنسىپلار ۋە روھىيەت مەزمۇنلىرىدا يېڭىچە ئىزاھاتلارنى قىلىش كېرەك، «ھەدىس» لەرگەرچە ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ ئەمما بۈگۈنكى كىشىـلەر ئەينى پېتىلا ئەپكېلىپ تەدبىقلىشىغا مۇمكىن بولمايدۇ، بەلكى، ئىجمائ ۋە سېلىشتۇرما يەكۈن چىقىرىش ئۇسۇللىرى ئەڭ مۇھىم قانۇن پرىنسىپلىرى بولۇشى لازىم، دەپ قارايدۇ. ئىجتىھاد قىلماق ئىسلامىيەتتە ئەزەلدىن بار بولغان «ھەرىكەت قائىدە» سى پەقەت ئىجدىھاد روھىدا چىڭ تۇرغاندىلا ئىسلامىيەت جاھىل قاتماللىقتىن ساقلىنالايدۇ، دەپ قارايدۇ. سىياسىي جەھەتتە ئەكبەر ئەركىنلىك، بارابەر ۋە ئىتتىپاقلىق روھىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇستەبىت بىيۇگراتلىققا قارشى تۇرىدۇ. ئۇ پانئىسلامىزمنىڭ دۆلەت تەسەۋۋۇرىغا قارشى تۇرىدۇ، پانئىسلامىزملىق سىياسىي سىستېما بىلەن پانئىسلامىزملىق ئىتتىپاقلىق، بىرلىك ئېڭىنى كەسكىن پەرقلەندۈرىدۇ. ئەكبەر مۇسۇلمان مىللەت مەسلىكى نەزەرىيىسىنى ھىندىستان پاكىستان سانى چوڭ قۇرۇقلىقى سىياسىي ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ ئىسلام دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان خەلق بىلەن ھىندى دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان خەلق ھىندىستاندىكى ئىككى چوڭ قوۋم بولۇپ قالغانىدى، ھەرئىككىلىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى بار، ئۇلارنىڭ بىرقازاندا قاينىمىقى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىلا دۇرۇسلىق بولىدۇ، دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. پاكىستاننىڭ قۇرۇلىشى مانا مۇشۇ «ئىككى تۈرلىك قوۋۇم» نەزەرىيەسىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
مۇھەممەد ئابدۇ (1905- 1849) بولسا، يېقىنقى زامان مىسىردىكى مەشھۇر ئىسلامىيەت ئالىمى، دىن ۋە ئىجتىمائىيەت ئىسلاھاتچىسى، ئەسلى يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركمەنىستان، مىسىرنىڭ بۇخارى ئۆلكىسىدە بىر مۇسۇلمان دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق مەزگىلىدە مەدرىسەدە ئوقۇغان، ئەمما ئۆلۈك، قاتمال ئوقۇتۇش شەكىلىدىن نارازى بولۇپ يېرىم يولدا ئوقۇشتىن يېنىپ چىققان، كېيىن بىر سوپى شەيخنى پىرئۇستاز تۇتۇپ، ئوقۇش، ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان، قايتىدىن مەكتەپكە كىرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىلىمنى قەدىرلەيدىغان، مەنىۋىي ھاياتقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغانىدى. 1866- يىلى، مۇھەممەد ئابدۇ ئەزھەر دارىفونىنىغا كېرىپ ئەنئەنىۋى مائارىپ تەربىيىسى ئالغان، قاتمال، مۇتىئەسىپلىك كەيپىيات ئىچىدە 12يىل ئوقۇغان، جەمئىيەتنى چۈشەنگەن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيەتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. كېيىن ئۇ ئەفغانىنىڭ شاگرىتى ۋە ئەگەشكۈسى بولۇپ قالىدۇ. 1882- يىلى، ئۇ ئەرەبى رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ، قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن چەتئەللەردە سەرسان بولۇشقا باشلايدۇ. 1884- يىلى، ئۇ پارىژدا جامالىددىن ئەفغانى بىلەن بىرلىكتە «ئەل ئۇر ۋەتۇل ۋۇسفا» تەشكىلىنى قۇرىدۇ، ھەم شۇ نامدىكى ئىككى ژۇرنالنى نەشر قىلىپ، پانئىسلامىزم مەسلىكىنى تەرغىب قىلىپ، غەرىبنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە فېئودال تۆرىچىلىك تۈزۈمگە قارشى تۇرىدۇ. 1888- يىلى، ئۇ مىسىرگە قايىتىپ دەسلەپكى سوراقچى قازى ۋە دەۋا- دەستۈركوللىگىيەسى مەسلىھەتچىسى بولىدۇ. مىسىرغا فرانسىيە قانۇنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ تەسىرىدىن، ئۇ، مائارىپنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ، چەتئەل مائارىپشۇناسلىق ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىدۇ، ھەمدە، شىۋېتسارىيە ۋە فرانسىيەلەردە زىيارەتلەردە بولۇپ، ياخشى ئۆنۈملەرگە نائىل بولىدۇ، 1895- يىلى، ئۇ ھۆكۈمەت ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەزھەردارىلفونىنىڭ مەمۇرىيەت باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئەنئەنىۋى مائارىپ تۈزۈمىگە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىسلاھاتلار ئېلىپ بارىدۇ، 1899- يىلى، ئۇ مىسىرنىڭ ئالىي مۇپتىسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ، زامانىۋى جەمئىيەتكە ئويغۇن بولمىغان ئىسلام شەرىئەتلىرى ئۈستىدە ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىشقا كۈچ سەرىپ قىلىدۇ. 1900- يىلى، مۇھەممەد ئابدۇ ئەرەب مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتىنى قۇرىدۇ، جەمئىيەت كۆپ مىقداردا ئەرەب كلاسسېك ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ، ئەرەب تىل، مەدەنىيىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن كاتتا تۆھپە يارىتىدۇ. 1905- يىلى مۇھەممەد ئابدۇ كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەزھەر جامەسىدە زور داغدۇغۇلۇق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ئىسلاھات مەپكۇرەسى ئىسلامىيەتنىڭ ئاددىي- ساددا ئىتىقادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ گۈللەندۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلاتتى. ئۇ، ئىسلام دۆلىتى ۋە قوۋمىنىڭ زاۋاللىقى، ئاۋۋىلىدە ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىك، ئىقتىدارسىزلىقىدىن دىننى تاشلىۋېتىشىدىن، ئادەم ئىرادىسى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسستىلىپ، تەڭرىنىڭ ۋەھىي قانۇنى بولۇۋالغانلىقتىن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، تارىختكى ئىلاھشۇناسلار، فىقھەلەر، مۇتەككەلـلىمۇنلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەزھەپ تەپرىقىچىلىكىگە چۈشۈپ كېتىپ، خەلقنى توغرا يولغا باشلاشقا سەل قاراشتىن بولغان، دەپ قارىغانىدى. ھەمدە يەنە تەسەۋۋۇپچى داھىيلارمۇ مەنىۋى يولباشچى بولۇۋېلىپ، چوقۇنغۇچى ئاممىنڭ قەلبىنى ئەگرى يوللارغا باشلىۋەتكەن. ئۇ يەنە، ئەخلاقنى تۈپ ئاساسىدىن تۈزەش، ئىماننى پاكلاشتۇرۇش، ئىسلامىيەتنىڭ بۇرۇنقى ئەسلى روھىيەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم، دەپ قارايدۇ؛ شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە، شەرىئەتتە ئىجتىھاد قىلىش ۋاقتىدا جەزمەن ئەقلىيلىككە مۇراجىئەت قىلماق ۋاجىب، مانا شۇ ھالدىلا ھازىر زامان مەدەنىيەتىدىكى يېڭى مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىغانىدى. ئۇ، ئىسلامىيەتنىڭ تۈپكى ئىتىقادى بەرھەقلىققە ئىگە، ئۇنىڭدا تەۋرەنمەي تۇرۇرۇش كېرەك، بىراق ئۇنىڭ مەزمۇنى نىسبىي قىممەتكە ئىگە، زامان، ماكان ۋە شەرت- شارائىتلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ رەۋىشتە ئۆزگىرىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ مۆتىۋەر ئەسەرلەرنى تۈر، ساھەلەرگە ئايرىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېتىكا ئەخلاق قاتارلىق مەسىللەردە رېئال ئەھمىيەتلىك ۋە يېتەكچى خاراكتېرلىك تەفسىرلەش ۋە ھۆكۈمـلەشلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ ئەدىلىيە ئىسلاھاتىغا كۈچ سەرىپ قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئاياللارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئازاد قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئادىتىنى چەكلەش، مۇسۇلمانلارنىڭ پوچتا بانكىسى ئامانىتىدە ئۆسۈم نىسبىتىگە ئېرىشىشىگە يول قويۇش قاتارلىقلارنى چاقىرىق قىلغانىدى. مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ئىمانى مۇستەھكەم، ئەقلىيلىك ۋە ئىلمىيلىكنى تەرغىب قىلىش تەشەببۇسىلىرى يەنىلا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئېتىكالىق مەپكۇرەلىرى ۋە سىياسىي نوقتەئىينەزەرلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ، ئاخبارات، نەشر بويۇملىرىدىن پايدىلىنىپ چىرىكلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنى، خەلقنىڭ ئېڭىنى ئويغۇتىشنى تەرغىب قىلغان، ئەمما دەرھاللا تۈزۈم يېڭىلاپ پالاتالىق تۈزۈمنى يولغا قويۇشنىمۇ قوللىمىغانىدى. ئۇ، تۈزۈم يېڭىلاپ پالاتالىق ھاكىمىيەت شەكلىنى يولغا قويۇش خەلقنىڭ ئېڭى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، پەقەت مىللەت ئېڭى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىلا ئاندىن پالاتالىق تۈزۈم يولغا قويۇلسا، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، دەپ ھېسابلايتتى. مانا بۇلار ئەفغانىنىڭ «ئاۋۋال خەلقنىڭ مەنىۋېيىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، ئاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنى ئويلىشىش كېرەك» دەيدىغان مەپكۇرەلىرى بىلەن بىردەكتۇر. مۇھەممەد ئابدۇ قارايدۇكى، جەمئىيەت تۈزۈلۈشىنى بەرپا قىلىدىغان ئامىللار يەتتە تۈرلىك بولىدۇ، يەنى: ئىلىم- پەن بىلىملىرى، مەدەنىيەت تەربىيىلىنىشلەر، سودا- سېتىقلار، ئەدىلىيە، دىن ۋە قۇرالدىن ئىبارەت، ئۇ، ئەخلاق ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان جەمئىيەتنىڭ سودا- سانائەت پائالىيىتىگە سەل قارىماسلىقى، بىر ھەققانىيەتچىل تۈزۈم ئارقىلىق دۆلەتنى تۈزەش، خەلقنى ئەمىن قىلىشنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتـكەنىدى، ئەمما، ئۇيەنە نادانلىقنىڭ خەتەرلىكلىكى، دۆتلۈكنىڭ ئىنسانىيەتكە ئەڭ زور گادايلىق، قاششاقلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونىغانىدى. ئۇ، ئەدلى- ئادالەتلىك تۈزۈم، پاك ئېتىكىلىق ئەخلاق ۋە ئىلغار مائارىپ بىلەن پەن- تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى تۈزەشلا، ئاندىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى مۇقىم بەختلىك قىلىدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان زامانىۋى دىن مۇتىپەككۈرلىرى ئىسلاھات مەپكۇرەلىرىنىڭ ئورتاقلىق تەرەپلىرى؛ بىرىنچى، ئەنئەنىۋى دىنىي مائارىپنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ، دىن ئاساسلىقىدىكى ئەخلاق تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، دىننى گۈللەندۈرۈشكە يېتىنگىلى بولىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ، ھەمدە سىياسىي ئىسلاتنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قاراش؛ ئىككىنچى، دىن بىلەن ئەقلىيلىكنى، دىن بىلەن ئىلىم- پەننى ئۆزئارا ياراشتۇرۇش، ئىسلام دىندىكى تەقدىرچىلىك قارىشى بىلەن قاتمال شەكىلبازلىقنى تەنقىد قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەركىن ئىرادە ئەركىنلىكىنى، تەبىئەتنىڭ بارلىق مەۋجۇداتلىق سەۋەب- نەتىجىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقى ۋە تەرەققى قىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئادەم دىننىڭ يېتەكچىلىكىدە پاراسەت ۋە ئەقلىيلىككە تايىنىپ تەبىئەتنى بىلىپ، چۈشىنىپ يېتەلەيدىغانلىقى مەۋقەلىرىدىكى نۇقتىئىينەزەرلەر؛ ئۈچىنچى، شەرىئەت ئىسلاھاتىنى دىنى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش، ئوتتۇرا ئەسىرىدىكى فىقھە، مۇتەككىللمۇنلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ، «ئىجتىھاد» قا تايىنىپ، ئىسلام دىننىڭ تۈپكى روھىيىتى ۋە پرىنسىپلىرىنى قايتىدىن ئىزاھاتلاش، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
20- ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، ئىسلام زامانىۋىلىقى ئىدىيە مەسلىكى نۇرغۇنلىغان ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاساسلىق دىنىي ۋە ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىغا ئايلاندى. مىللىي دېموكراتىزىملىق ھەرىكەتنىڭ تەرەقـقىياتىغا، ھەمدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ زامانىۋىيلىشىشى بىلەن جاھاندارچىلىق تۈسى ئېلىشىغا ئەگىشىپ، دىن ئىسلاھاتىنىڭ ساداسى يەنىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، پەيدىن- پەي تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانى زىل- زىلەگە سالىدىغان ھازىرقى زامان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتى بولۇپ قالدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top