• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » يېقىنقى زامان ئىسلامىيەت ئىجتىمائىي ئىدىيە ئېقىملىرى ۋە ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى

يېقىنقى زامان ئىسلامىيەت ئىجتىمائىي ئىدىيە ئېقىملىرى ۋە ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى

18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 19- ئەسىرگىچە غەرب مۇستەملىكىچىلىرى ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ كەڭ رايونلىرىنى كونترول قىلىۋالغاندىن كېيىن، غەربنىڭ پەن- تېخنىكىسى، سىياسى ئىدىيىسى ۋە مەدەنىيەت قاراشلىرى ئىسلامىيەت ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىيىتىگە ئاستا- ئاستا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. مۇشۇنداق جەڭ ئېلان قىلىش ۋەزىيىتىگە روبىرى كەلگەن مۇسۇلمان زىيالىلار ۋە بىر قىسىم دىنىي ئالىملار ئىسلامىيەت قايسى تامانغا ماڭىدۇ؟ ئىسلام دۆلىتى ۋە جەمئىيىتى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ دېگەن مەسىللەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى، مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئىسلامىيەت دۇنياسىدا بىر تۈركۈم دىنى ئىسلاھاتچىلار ۋە ئىسلامىيەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكەتلىرى كېلىپ چىقتى.
ئىسلامىيەت ئىسلاھاتچىلىرى گەرچە ئىسلامىيەت مىللەتلىرىنىڭ رېئال دۇنياغا ئېچىۋېتلگەن پوزىتـسىيە قوللۇنمىقى لازىملىقىنى ئېتراپ قىلسىمۇ، بىراق، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىسلاھات شۇئارلىرى ۋە ھەرىكەت ئەمەلىيەتلىرى ئەجدادلار ئەنئەنسىگە مۇناسىپ كېلىشىنى مەقسەد قىلىشتى، ھەممىدە ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مۇتەككەللىمۇنلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاساس قىلىشنى، غەززا- لى ۋە ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق ئالدىنقى ئەجدادلارنى ئۈلگە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەھۋىدنى قايتا گۈللەندۈرۈش ۋە ئىسلامىيەت روھىنى جارى قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئىسلاھات پىكىر تەرتىبلىرى تۈرلىكچە بولدى، گاھىلاردىن ۋە ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىشىپ، پەيغەمبەرنىڭ بۇرچلىرىنى ئادا قىلىنشىلىرىنى شۇ مەسىللەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا سۆرەپ كىرگەندەك تەروزدە مەيدانغا چىقىپ، مىللىيەتنى دەۋرنىڭ خىرىسىدىن ۋە ئۆز- ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەد قىلىشتى. يەنە گاھىلار بىر تەرەپلىملىك ھالدا ئىجتىمائىي ساھەلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە جەمئىيەتنىڭ ئىدىئولوگىيە، ئەخلاق، ۋە مائارىپ تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۆزگىرىش ياسىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە تەلىپىگە ماسلىشىشقا پايدىلىق بولۇشقا يېتىشنى نىشان قىلىشتى. مەيلى ئىسلاھات قىلىش بولسۇن ياكى ئەنئەنىلەردە چىڭ تۇرۇش بولسۇن ۋە ياكى غەربتىن قوبۇل قىلىشلار بولسۇن، نىشان بىرلا، يەنى ئۆزىنىڭ دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ئارقىلىق، غەربنىڭ ئىلغار پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلىك تەرەققىياتىغا يېتىنىش، شۇنىڭ بىلەن ئىسلامىيەتـنىڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى شان- شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىسلامىيەت مىللەتلىرىنى تولۇق ئىپتىخارلىق بىلەن يېقىنقى زامان مەدەنىيىتى قاتارىغا سەكرەپ كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت.

§1 ۋەھھابىي ھەرىكىتى

18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىسلامىيەت دۇنياسى، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەنى كېسىپ ئۆتكەنىدى، گەرچە بارلىق قوۋم ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما، ئېمپىرىيەدە مىللەت كۆپ، ئېتىقادلار تۈرلىكچە بولۇپ ھۆكۈمرانلارنىڭ باشقۇرمىقى ناھايىتى مۈشكۈل بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش جاراھەتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى، چىگىش- چىرماش ئىجتىمائىي مەسىللەرنىڭ دىنىي ئىشلارنى قالايمىقان قىلىشلىرى، ئېمپىرىيىدە مۇقەددەس دەرەخكە، مۇقەددەس تاشقا، مۇقەددەس سۇغا چوقۇنىدىغانلار، سوپىلارنىڭ ۋەلىلىرىگە، ئەۋلىيالار قەبرە، مازارلىرىغا چوقۇنىدىغانلار جاراستانغا چىققىلى تۇردى. ئىسلامىيەتنىڭ كېرزىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ نەجىبىيە رايونىدا يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق كۆلىمى نىسبىتەن زور بولغان ئىسلامىيەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى— ۋەھھابىي ھەرىكىتى پارتىلىدى، بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا ۋەھھابىي (1792- 1703) بولغاچقا، ھەرىكەتمۇ شۇنداق نامدا بولدى. ۋەھھابىي كىشىلەرنىڭ ئىسلامىيەت توغرا يولىدىن قېيىپ كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئىسلامىيەت پەيغەمبەرلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، رەزىللىك ۋە بىدئەد تەلىماتلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، پاك، ئادىل ئىسلامىيەت ئېتىقادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر ئۆمۈرلىك بۇرچى قىلىپ تاللىدى. ئالدىنقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا، ئۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىبنى تەيمىيەنىڭ دىننىڭ ئەسلىنى تىرىلدۈرۈش ئىدىيىسىنى ھەمدە ھەنبەلىيە پىرقىسىنىڭ ئىلمىي تەھۋىد تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دىنىي ئىسلاھات ئىدىيىسىنى تارقىتىشقا باشلىدى. ۋەھھابىي مەزھىپىنىڭ تۈپكى ئەقىدىسى ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ساپ ئىماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەسلىيەچىلەرنىڭ تەلىماتلىرى ھەمدە يولى بويىچە ئىسلامىيەت جەمئىيىتىنى پاكلاشتۇرۇش، ئىسلامىيەتـنىڭ دەسلەپكى دەۋردىكى روھىيەتى ۋە ئاددىي- ساددا يوسۇنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرنى دىننىڭ تۈپكى ئاساسىي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلاھى كىتابلاردىن چەتنىگەن دىنىي تۇرمۇشقا قارشى تۇرۇش، بولۇپمۇ، مازارلارغا چوقۇنۇشقا، ۋەلىيلەرگە ۋە مۇقەددەس بويۇملارغا چوقۇنۇشلارغا قارشى تۇرۇش؛ ئەھلى مۆئمىنلەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ئوتتۇرىدىكى ۋاسىتىچىلەر» مەۋجۇد دەيدىغان ئەقىدلەرگە قارشى تۇرۇش، ھەمدە، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، قىمار ئويناش، ناخشا- ئۇسسۇلغا مەھلىيا بولۇش، تاۋار- دۇردۇن كېيىش، زىبۇ- زىننەت بويۇملىرىنى تاقاشتەك ھەرىكەتلەرنى يامان ئادەت ۋە چىرىكلىك دەپ قاراپ، مەنئىي قىلىشنى تەرغىب قىلىدۇ. مەزكۇر مەزھەپ يەنە «غازات» ئارقىلىق پاك، ئادىل ئىسلامىيەت ئېتىقادىنى جارى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، نەپسىدىن ۋاز كېچىش، قەستەن رىيازەت چىكىش، پاسسىپ رەۋىشتە تەرك دۇنيا بولۇۋېلىشتەك سوپىزمنىڭ ئېتىقاد ئەنئەنىلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ۋەھھابىينىڭ ئىسلاھات تەشەببۇسلىرى بىلەن شۇ رايوندىكى قەبىلە باشلىقى ئىبنى سەئۇدىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىي ئىدىيىسى بىر يەردىن چىقىپ، ئۇلار ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ يىمىرلىشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ بىرلەشمە سىياسەت، سېلۈېلەرنى قوللىنىپ، قۇراللىق كۈرەشلەر بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىشى بىلەن، ئادەتتىكى پىرقە- مەزھەپلىرىنىڭ كۈچىنىڭ سىرتقا كېڭىيىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ۋەھھابىي مەزھىپى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، كەربالا (1801- يىلى)، مەدىنە (1804- يىلى)، قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، شۇيەرلەردىكى مۇقەددەس مازارلارنى پاچاقلاپ، نەجىدىيە رايونىنىڭ تۈگەل تېررىتورىيەسىنى كونترول قىلىپ، تارىختا تۇنجى قېتىملىق ۋەھھابىيە سىياسىي ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. 1818- يىلى، ئوسمانلى سۇلتان مىسىر باش ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئەسكەر باشلاپ ۋەھھابىي مەزھىپىدىكىلەرنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋەھھابىيلەرنى بىتجىت قىلىپ ئوسمانلى ئېمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا دەسسەتتى. ۋەھھابىي مەزھىپىدىكىلەر قالدۇق كۈچلىرى كۈۋەيتكە چىكىندى. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، سەئۇدى جەمەتى قايتىدىن بەلنى چىڭ باغلاپ، توغ- ئەلەمـلىرىنى قايتا جەۋلانە قىلدى، 1910- يىلى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ھەربىي ئىشلار بىرلەشكەن بۇرادەرلەر ئىتتىپاقى شەكلىدىكى تەشكىلات «ئىخۋان ئەل تەھۋىد» نى قۇرۇپ چىقىپ «غازات» توغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەيدانغا چۈشۈپ، ئەرەبىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى باشقىدىن بېسىۋالدى ھەمدە 1926- يىلى، سەئۇدى جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىدى، ئەڭ ئاخىرىدا، 1932- يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى قۇرۇلدى، ۋەھھابىيە مەزھىپى ئەقىدىلىرى دۆلەت ئەقىدىسى قىلىپ بېكىتىلدى. ئالىملار ۋەھھابىيلەر ھەرىكىتىگە باھا بېرىپ: بۇ پەقەت بىر قېتىملىق دىنىي ئىسلاھات بىلەن گۈللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشلا بولۇپ قالماي، بەلكى، يەنە دىننى بايراق قىلغان، قويۇق مىللىيەتـلىك تۈس ئالغان بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي سىياسىي ھەرىكەت، دېيىشتى. ۋەھھابىيە ئۇزاق مەزگىللىك ئەگرى- توقاي ھەربىي كۈرەش يولىدا مېڭىپ، ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتنى قۇرۇپ چىقتى. دىنىي ئەقىدىلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرۇپ، سىياسى بىلەن دىن بىرلەشكەن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلدى. ۋەھھابىيە مەزھىپى ئېچىپ بەرگەن دىنىي ئىسلاھات ۋە ئەسلىگە قايتىپ گۈللەندۈرۈش مەسلىكى ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئومۇمىيۈزلىك ئەكس سادا قوزغىۋەتتى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا شىمالىي ئافرىقىدا مەيدانغا چىققان سەينوش ھەرىكىتى، سۇداندىكى مەھدىلەر ھەرىكىتى، ھىندىستان غازاتچىلار ھەرىكىتى، ھىندۇنوزىيە سۇماتېرا رايونىدىكى بادېرى ھەرىكىتى، ھەمدە، پانئىسلامىزم ۋە ئىسلامىيەتتىكى مودېرنىزم ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ بەرى دېگۈدەك بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا ۋەھھابىيە ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانىدى.
ۋەھھابىيە ھەرىكىتى ئەنئەنىچى ئىدىيۋى ئېقىم بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە ھازىرقى زامان ئامىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزى ئەرەب ئالىملىرى ۋەھھابىيلەر ھەرىكىتىنى «ئىسلامىيەتنىڭ يېڭى دىن ھەرىكىتى» دەپ ئاتاشتى. ئۇ، دىنى ئېتىقاد جەھەتتە «قۇرئان كەرىمگە قايىتىش» نى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇقەددەس كىتابلارنىڭ ئەسلى مەنىسىگە ئاساسلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ تەفسىرلىرىگە قارىغۇلارچە ئەگەشمەستىن، مۇستەقىل تەپەككۈر قىلىش، مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشلىرى، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئىدىيە تەقىبچىلىكى ۋە قارىسىغا ئەگىشىشتەك كونا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن بۆسۆپ ئۆتۈشكە ياردەم بېرىدۇ، يەنە شۇنىڭدەك، ئىسلام دىنى ئەھكاملىرىنى رېئالنى ئەھۋاللارغا قارىتا جانلىق، كونكرېت تەپسىرلەش پرىنسىپىنىڭ ئىزچىللىشىغا ياردىمى بولىدۇ. ئۇ، سوپىزمنىڭ پاسسىپ تەرك دۇنيا بولۇش، ئالغا باسماسلىق كىشىلىك قارىشىنى تەنقىدلەپ، ئاكىتىپ، ئەمەلىي پائالىيەتچانلىق روھىنىڭ بولۇشىنى تەرغىب قىلىدۇ، بارىلىق «قۇرئان كەرىمدىن چەتنەپ، ئاسىيلىق يولىغا مېڭىش» ھەرىكەتلىرىگە رەھىمدىللىق قىلىنمايدۇ. ئۇلار ھەم تۈپ ئاساسىدىن تۈزەش، ھەقىقەتكە قايىتىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ھەم يەنە، دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇددىئاسى شۇكى، مۇسۇلـمانلارغا بىرتۈرلىك ئەسلى مەزگىللەردىكىدەك ھەممە تەرەپ جىپسىلاشقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات ھەرىكەت كۈچى كىرگۈزمەكچى. ۋەھھابىيە مەزھىپىنىڭ تەشەببۇسلىرى 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۈچۈن ئالغاندا، بىر تۈرلىك يېڭى دەۋر روھىغا ۋەكىللىك قىلاتتى، يەنى ئىدىيە مەنبەسى ھەم غەرب مەدەنىيىتىدىن كەلگەن، ھەم ئوسمانلى ئېمپىرىيىسى دۆلەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن كەلگەنىدى. مۇشۇنداق بىر دەۋر روھى ۋەھھابىيە مەزھىپىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جاراستاندا جارى بولۇپ، ئەرەبىستان ۋە ھىندى يېرىم ئارىلىدىن ئىبارەت كەڭ زېمىننى قاپلاپ كەتكەن.خۇددى مەشھۇر مۇسۇلمان مۇتىپەككۈرى ۋە شائىرى ئەكبەر (1938- 1877) باھا بەرگىنىدەك ۋەھھابىيە ھەرىكىتى بولسا «يېقىنقى زاماندىكى ئىسلامىيەتنىڭ بىدئەدلىك بىلەن بىرىنچى قېتىملىق جان تىكىپ ئېلىشىشىدۇر».

§2 شىمالىي ئافرىقا، غەربىي ئافرىقا ئىسلامىيەت ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى

18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋەھھابىيە ھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ۋە تەسىر قوزغىشىدىن پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدا تۈپ ئاساسىدىن تۈزەش، ئەسلى ھەقىقەتكە قايىتىشتەك ئەنئەنىچىلىك ئېقىمى كېلىپ چىقتى، سوپىزم تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇق ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، سوپىزم ئېتىقاد ئەنئەنىسىدىكىلەردە، سۈننىي مەزھىپى ئەنئەنىسىگە ماسلىشىشقا ئورۇنۇشتەك يېڭىچە ئىدىيىۋى دولقۇن مەيدانغا چىقتى، بۇ ئېقىم «يېڭى سوپىزمچىلار» دەپ ئاتالدىلەر. يېڭى سوپىزم ئېتىقاد ئەقىدە ۋە ئىدىيىۋى يۆنۈلۈش جەھەتلەردە سۈننىي مەزھەپنىڭ ئەنئەنىچىلەرتەلىماتلىرىغا يەنىمۇ يېقىنلاشتى. تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى سوپىزم نامراتلىققا شۈكرانىلىقتا ياشاش، تەركىي دۇنيا بولۇش، نەپسى ئىنتىلەشلەرنى بوغۇپ تاشلاش، بىھۇدە رىيازەت چېكىش قاتارلىق پاسسىپ كىشىلىك ھايات قارشى پوزىتسىيەلىرىنى ئەمدى تەشەببۇس قىلماس بولۇپ قالدى، رېئالىستىك پوزىتسىيە بىلەن كىشىلىك ھايات ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، بەلكى ئىستىقامەت شەكىللىرىنى يەنىمۇ ئاددىي ۋە ئەمەلىيەتچىل قىلىشقا باشلىدى. يېڭى سوپىزم ئىدىيىسى مۇخلىس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، زىيارەت قىلىش، ھەجتاۋاب قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ناھايىتى تىز سۈرئەتتە غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي غەربىي ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا تارقالدى، بولۇپمۇ بىر قىسىم يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان پىرقە، سۈلۈكلەر ئارىسىدا تەسىرى خېلى يارقىن ئىپادىلىنىشكە باشلىدى.19- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، غەربىي ئافرىقىدا يۈز بەرگەن سەنۇسى ھەرىكىتى دەل ئەسلىيەچىلىكى ئىدىيىسى بىلەن سوپىزم مىستىتسىزمنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنىڭ مەھسۇلىدۇر.
1) سەنۇسى ھەرىكىتى
سەنۇسى (1859- 1791) ئالجىرىيە مۇستەگەنېمدە تۇغۇلغان، ماراكەشنىڭ فىس شەھىرىدە ئەنئەنـۋى ئىسلام مائارىپى تەربىيىسى ئالغان. ئۇ مەككىگە ھەجتاۋابقا بېرىش يولىدا مىسىرنى زىيارەت قىلىپ، ئىتتىپاقلىقىنى تەرغىب قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھسسالام دەۋرىدىكى ئېتىقاد ئەقىدىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۇشنى چاقىرىق قىلغان. كېيىنچە، سوپىزم مۇتەككەللىمۇنى ئەھمەد بىننى ئىدرىس فاسى (1837- ؟) نى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىدىرىس سۈلۈكىنىڭ ئەزاسى بولغان. مەزكۇر پىرقە ئەزەلدىنلا ئىسلاھاتـچىلىق ئىدىيىسىگە ئىگە يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان پىرقەلەردىن بولۇپ، دىنىي مەپكۇرە جەھەتتىن ۋەھھا- بىيلەرگە يېقىنلىشاتتى، پەقەت «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرنى ئىلمىي تەھۋىد، شەرىئەت تۈزۈش، ئىجتىھاد، قىلىشلارنىڭ ئاساسى قىلىشقا مايىل بولۇپ، شەرىئەتتە ئىمائ ۋە سېلىشتۇرما خۇلاسە قىلىشلارنى ئېتراپ قىلماي، بەلكى، ئۇلار ئورنىغا ئىجتىھادنى دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ پىرقە سوپىسزمنىڭ مۇقەددەس ۋەلىيلەرگە، مۇقەددەس مازارلارغا چوقۇنۇشتەك يوسۇنلىرىنى ئەيىبلەپ قالماي، بەلكى، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تائەت قىلىشلارغىمۇ قارشى تۇراتتى. 1837- يىلى، پىرقە يولباشچىسى ئىدىرىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سەينۇسى ۋارىسـلىق قىلغۇچىلىققا سايلىنالمايدۇ، ئۇ كېيىنكى يىلى مەككىدىكى بىر ئېدىرلىقتا «زاۋىيە» تەسىس قىلىپ، مۇخلىس قوبۇل قىلىشنى جاكارلاپ ئۆز نامىدىكى ئايرىم پىرقە- سۈلۈكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەسلى پىرقىدىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىدىن مەزكۇر يېڭى پىرقىنىڭ تەرەققياتى دەسلەپتە راۋاج تاپالمايدۇ، 1840- يىلدىن باشلاپ مەككىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردا سەرسان بولۇشقا باشلايدۇ، 1843- يىلى بۈگۈنكى لېۋىيەنىڭ شەرقى چىگىرىسىدىكى رايون سېنىگالىدا يىلتىز تارتىشقا باشلايدۇ. 1853- يىلى، پىرقە باش ئاپپاراتىنى لېۋىيەنىڭ جاغبۇب بوستانلىقىغا كۆچۈرىدۇ. ئۇ قۇرغان «زاۋىيە» سى شۇ يەر- دىكى يەرلىك دېھقان، چارۋىچىلار تۇرمۇش شەكلى بىلەن بىرىكىپ ئىشلەپچىــقىرىش، ھەربىي، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشتىن ئىبارەت تەرەپلەر ئۆز ئارا بىرىكىپ، بىر گەۋدىلەشـكەن ئاساسقاتلام ئىجتىمائىي تەشكىل بولۇپ چىقىدۇ. بۇ پىرقىنىڭ ئاقساقىلى ئۆز نۆۋېتىدە پىرقە يولباشچىسى ھەم جامائەتنىڭ داھىيسى بولۇپ، بوزيەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، دىني پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇپ، ھەمدە ھەربىي تەلىم- تەبىيە ۋە مەشىقلەرنى ئېلىپ بېرىپ، چېچىلىپ كەتكەن قەبىلىنى بىرلەشتۈرگەنىدى. سەنۇسى ۋاپات بولغۇچە مۇرتلار ئۈچ مىليونغا يەتكەن بولۇپ، «زاۋىيە» نىڭ جايلاردىكى ياچىيكالىرى يۈزگە يېتىپ پۈتكۈل شىمالىي ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلىغانىدى. سەينۇسى پىرقىسى ئىدىيە جەھەتتە ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاددىي ئېتىقاد ۋە روھىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇئمىنلەرنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، دىنىي پەرىزلەرنى ئادا قىلىشنى، يالغان سۆزلىمەسلىك، ساختا گۇۋاھچى بولماسلىقنى، باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى ئىگىلىۋالماسلىقنى، ھاراق ئىچمەسلىكنى، تاۋار- دۇردۇن كىيمەسلىكنى، چوڭچى، ھەشەمەتخور، داغباز بولماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزكۇر پىرقە نەپسىنى يىغىپ، رىيازەت چېكىش كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ پاراغىتى ئۈچۈنلا بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە نۆۋەتتىكى رېئاللىقتىكى ئەخلاقىي تەربىيىلىنىش بولۇشىنى تەرغىب قىلىدۇ؛ ئەلھال، ئۇلار رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە سىياسىي تۇرمۇشقا ئاكىتىپ قاتنىشىنى تەشەببۇس قىلغان. مۇخلىسلار «زاۋىيە» تەشكىلى ئارقىلىق دىنىي يېتەكچىلىك، ھەربىي مەشىقلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، پىرقە ھەم مۇخلىسلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يا دېھقانچىـلىق، يا سودا دېگەندەك ئۆزىگە مۇناسىپ ئىش بىلەن شۇغۇللاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە بەخت- سائادىتىنى تۇراقلاندۇرىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلار شەرىئەت جەھەتتە، ۋەھھابىيە مەزھىپىگە يېقىنلىشىدۇ، پەقەت «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرنى قانۇن چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىشنى، مۇتەككەلـلـمۇنلارنىڭ بىۋاستە «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىشىنى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇتەككەللىمۇنلار ئوتتۇرىغا قويغان، تەييار ئەنئەنىلەرگە ئېسىلىۋېلىۋالماستىن، ئىجتىھادقا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېڭىچە تەبىر، تەفسىرلەرنى مەيغانغا چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سىياسىي جەھەتتىن، غەربنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، قۇملۇقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئىتتىپاقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. مەزكۇر مەزھەپ غەربىي ئافرىقىغا، شەرقىي ئافرىقىغا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا تەبلىغاتچى دايىلار ئەۋەتىپ، تەشكىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوپىزم ئىدىيىسىنى تارقاتقان. مىسىر، ئەرەب يېرىم ئارىلى، تۈركىيە، سەنگېبار، مالايسىيا قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممسىدە تەبلىغاتچى ئۆمەكلىرى ھەمدە تارماق تەشكىللىرى پائالىيەتتە بولغان. 1886- يىلى، بۇ مەزھەپ پانئىسلامىزمچىلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئوسمانلى ئېمپىرىيىسى سۇلتان ئابدۇل ھەمىدⅡنى مەزھەپكە جەلىپ قىلغان ھەمدە ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلىپىسى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان. 1911- يىلى، بۇ مەزھەپ ئوسمانلى ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە لېۋىيەگە تاجاۋۇز قىلغان ئىتالىيە ئارمىيىسىگە قارشى تۇرغان. ئوسمانلى ئارمىيىسى چىكىنگەندىن كېيىن بۇ مەزھەپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئاساسلىق قوشۇن بولۇپ قالغان. كېيىنكى تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا لېۋىيە مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالـغان.
مەھدى ھەرىكىتى بولسا، 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، سۇداندا ئىسلامىيەتنى بايراق قىلىش ئارقىلىق پارتلىغان بىر قېتىملىق ئەنگىلىيەگە قارشى مىللىي قوزغىلاڭدىن ئىبارەتتۇر. 13- ئەسىردە، ئەرەبلەرنىڭ شىمالدىن جەنوبقا قاراپ كۆچۈشى سۇداننىڭ شىمالىدىكى نوبىيە نېگىرلىرىغا تەسىر كۆر- سەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرەبلەر توختاۋسىز كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان، نوبىيەدىكى ھەرقايسى خانلىقلار ئاساسەن ئەرەبلەرنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغان. 15- ئەسىرگىچە بۇ يەردە زېمىنى كەڭ فۇنج ئىسلام خانىدانلىقىنى قۇرغان. 16- ئەسىردە، خانىدانلىق ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىـنىڭ تەۋەلىكىگە ئايلانغان. 19- ئەسىردە، فۇنج خانىدانلىقى مۇھەممەد ئەلى ئارمىيىسى تەرىپىدىن زەبىد قىلىنغاندىن كېيىن مىسىر پۈتكۈل سۇدانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىسىردىكى مۇستەملىكىچى ئەمەلدارلار بايلىق تالان- تاراج قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى ۋەكالەتچىلىرىگە يار- يۆلەك بولۇپ، پىل چىشى ۋە قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، باجنى ھۆددىگە بېرىپ، ئەمەلدارلار چىرىكلەشكەن، باشقۇرۇش بوشاپ كەتكەن، ئوغرى- قاراقچىلار ئەردەپ كەتكەن، ئاچارچىلىق ئۈزۈلـمەيدىغان، خەلق يالجىمايدىغان ۋەزىيەت كېلىپ چىققانىدى. مۇستەملىكىچىلەر ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سۇداندىكى دىنى تەبىقىلەرنىڭ مەجبۇرىي ھالدا دىنىي ئىسلاھات سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شۇ يەردىكى سوپىزم پىرقىلىرىنىڭ «ئەدەبكە ئىتائەتمەن بولۇپ، قانۇنغا بويسۇنىشى»، ھۆكۈمەت تەرەپ دىني ئەقىدىلىرىگە ئەگىشىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن پىرقىلەردە بۆلۈنۈشلەر كېلىپ چىققانىدى. بىر قىسىم ئەزەلدىنلا يەرلىك ئەنئەنىۋى ئەقىدىلەردىكى سوپىستىك پىرقىلەر، مەسىلەن شازىلىيە پىرقىسى شۇ يەرلىك قەبىلىلەر تەشكىلى بىلەن يەنىمۇ ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ، ئېتىقاد ۋە ئىبادەت يوسۇنلىرىدا ئىپتىدائى ھالدىكى بويۇمغا چوقۇنۇش ئامىللىرىنى يەنىمۇ غولدىتىۋەتتى، ئەمما، ئىسلاھاتنى قوللۇغۇچى خاتىم پىرقىسى ئەنگىلىيەدىن كەلگەن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن تېخىمۇ روناق تېپىپ كەتكەنىدى. ئەنگىليە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەمدە مىسىر بىيوگراتلىرىنىڭ زومىگەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 1851- يىلى مەھدى ھەرىكىتى ئەۋىج ئېلىپ كەتتى. ھەرىكەت داھىيسى مۇھەممەد ئەھمەد (1885- 1848) كېمىچى ئائىلىسى دۇنياغا كەلگەن، ئەنئەنىۋى دىنىي تەربىيىسى ئالغان، 1861- يىلى شازىلىيە پىرقىسىغا كىرگەن، 1871- يىلى نېل دەرياسىنىڭ ئابا ئارىلىدا خانىقا قۇرۇپ، مۇستەقىل تەرغىبات ئېلىپ بارغان. ئىلگىرى تەرغىباتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە دىنىي تىل بىلەن جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكلەرنى سۆككەن، ئاچكۆز خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ بايلىق ئۈچۈن رەھىمسىزلىك قىلىدىغانـلىقىنى ئەيىبلەپ، دىنىي يۇقىرى تەبىقىسىنىڭ ساختا مىھىر- شەپقەتچىلىكىنى پاش قىلىپ، خەلقنى ياۋروپا ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغانىدى. ئۇنىڭ رادىكال كەيپىياتى دىنىي يۇقىرى تەبىقىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ، ئەمما، ھەرقايسى جايلاردىكى خەلق ئاممسى ئۇنىڭ تەبلىغات، تەشەببۇسلىرىنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئاڭلاپ روھى ئوزۇق ئالىدۇ. 1881- يىلى، ئۇ، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامىنى كۆرگەنـلىكىنى جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ «مەھدى» بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، سىرتتىن كەلگەن ھۆكۈمرانلارغا قارشى «غازات» ئېچىپ، زومىگەرلىك، ياۋۇزلۇق ۋە چىرىكلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش، دۇنيانى پاكلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. مىسىر ۋالىيسىنىڭ باستۇرىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇلار تەبلىغات مەركىزىنى كوردۇفەن تاغلىق رايونغا يۆتكەپ كېلىپ، مۇشۇ يەرنى مەركەز قىلغان پىرقە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. مەھدى ئىلمىي تەھۋىدلىرىنىڭ تۈپ ئەقىدىلىرى «قۇرئان كەرىم» گە ھۆرمەت قىلىشتىن باشقا يەنە سوپىزمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە شىئەلەرنىڭ بىرقىسىم ئەقىدىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، قۇتقازغۇچى مەھدىنىڭ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ، ئىسلامىـيەتنى گۈللەندۈرىدىغان «يېتەكچى» ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىش ۋە بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار رېئاللىققا يۈزلىنىپ ئىسلاھات- ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەسىلەن، ھەشەمەتخورلۇق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، نەغمە- ناۋا، ناخشا- ئۇسسۇل، ھاراق- شارابلارنى مەنئىي قىلىپ، ئاددىى- ساددا، پاك- ھالال تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىش؛ مۇخلىسلارنىڭ ھەممسى باب- باراۋەر، بارلىق بايلىق ۋە ئۇرۇش غەنىمەتلىرى مەھدى تەرىپىدىن بىرتۇتاش تەقسىم قىلىنىپ، ئىپتىدائى (ئۈممە) كوممۇنا تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ ئىسلام شەرىئەتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىش، ئوغرىلىق، ھاراقكەشلىك، بەڭگىلىك قاتارلىق شەرىئەتكە مۇخالىپ ھەرىكەتلەرگە قول كېسىش ياكى دەررە سېلىش قاتارلىق جازالارنى بېرىش؛ ئاياللارغا بولغان تەلەپ يەنىمۇ ئېغىر ئىدى، ئاياللار چوقۇم چۈمبەل تارتىپ يۈرىشى، نامازلارنى قازا قىلماسلىقى، مىيىت قەبرىستانلىققا ئېلىپ مېڭىلغاندا جامائەت بىلەن بىللە تۇپراق بېشىغا چىقماسلىقى، قىممەت باھالىق سوغىلارنى قوبۇل قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغانىدى. بۇ پىرقە يەنە «غازات» نى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، 1881- يىلدىن 1885- يىلغىچە ئۇلار بىرتەرەپتىن تەشۋىق- تەبلىغاتلار ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن غازاتچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ پۈتكۈل سۇدان خەلقىنى قوزغاپ، ئەنگلىيە ۋە مىسىر قوشۇنلىرىنى نۇرغۇن قېتىملار مەغلۇب قىلىپ، مۇستەملىكىچىلەرنى پەيدىن- پەي سۇدان زېمىنىدىن قوغلاپ چقارغان. 1881- يىلىلا قوزغىلاڭچى قوشۇن ئەنگلىيە ئارمىيىسى زور ئەسكىرىي كۈچ بىلەن مۇداپىئە تۈزۈلمىسى قۇرىۋالغان كاتومىنى ھۇجۇم بىلەن يىمىرىپ تاشلاپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسى باش قوماندانى گېدىن گېنرالنى ئېتىپ تاشلاپ، ئاساسلىق تېرىتورىيەنى ئازاد قىلىپ، مەھدى دۆلىتىنى قۇرغاندى. 1885- يىلى مەھدى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ھەرىكەتنىڭ ئىلگىرىكى نىشان ۋە غايىلىرىدىن ئازغىشىپ كەتتى، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇش، چىرىپ چۈشكۈنلىشىش، ئېغىر باج- سېلىقلارنى يولغا قويۇشلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى، قەبىلە زىددىيىتى ۋە سىنىپىي قارمۇ- قارشىلىقلار كەسكىنلىشىپ كېتىپ، دۆلەت كۈچىنى خورىتىۋەتتى، ئاقىۋەت، ئۇلار 1898- يىلى ئەنگلىيە ئارمىيسى تەرىپىدىن ئاغدۇرىۋېتىلدى.
گەرچە مەھدى ھەرىكىتى مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، بىراق مەھدى رىۋايەتلىرى سۇدان خەلقىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە داۋاملىق رەۋىشتە مەدەت بېرىپ تۇردى. يېرىم ئەسىردىن ئوشۇق مۇستەملىك ھۆ- كۈمرانلىقى جەريانىدا ئەنگلىيە دائىرلىرى مەزكۇر مەزھەپنىڭ داھىيلىرىنى يېنىغا تارتىش، سېتىۋېلىپ پايدىلىنىشلار ئارقىلىق خەلقنى كونترول قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. مىللىي مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مەھدى كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈممە پارتىيىسىنى قۇرغانىدى ھەمدە 1986- يىلى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھاكىمىيەت تەشكىللەپ، دۆلەت سىياسىي ھاياتىـدىكى بىر مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى.
غەربىي ئافرىقىدا، مۇستەملىكىچىلەر بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرىدە غازات ئېچىشلار ئىسلام دىننى تارقىتىشنىڭ بىر تۈرلىك ۋاسىتىسى ئىدى. مۇستەملىكىچىككە مەھكۇم بولغاندىن كېيىنكى «غازات» لار ئىماننى قوغداش، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمراملىققا زەربە بېرىش، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشـتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالدى. غەربىي ئافرىقىدا تارىختا مەيغانغا چىققان كۆلىمى بىر قەدەر زور بولغان بىرقېتىملىق غازات ھەرىكتى، 19- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە نېگىرىيەنىڭ خاۋۇس قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدە پارتلىغان ئىسلام ئېتىقاد، ئەقىدىلىرىنى تەرغىب قىلىش ھەرىكىتى بولدى. خاۋۇس قەبىلىسى ئاھالىسى نېگىرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان، سودىغا ماھىر بولۇپ، شۇ يەردە زور قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە ئىدى. خاۋۇس تىلى سۇداننىڭ سودا تىلغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، خاۋۇس سودىـگەرلىرى كېنىيە دېڭىز ياقىلىرىدىن تاكى قاھىرە رايونىغىچە تارقىلىپ كەتكەنىدى. 13- ئەسىردىلا ئىسلامىيەت مىسىردىن خاۋۇسلارغا تارقىلىپ كىرگەنىدى، 19- ئەسىرگە كەلگەندە، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كىچىككىنە خاۋۇس بەگلىكى جامائەسىنىڭ كۆپ خۇدالىق دىنغا بەيئەت قىلشىدىن باشقا، شەرق ۋە غەرب تەرەپلەردىكى رايونلار ئەرەبلەر مەغرىب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىدە ئومۇميۈزلىك ھالدا مۇسۇلمانلىشىپ بولغانىدى. ئوتتۇرا قىسىمدىكى گوبىل خانىدانلىقىدىكى فولانىدلار ئەسلىدە، سەينا گېر رايونلىرىدىكى كۆچمەن چارۋىچى نېگىرلاردىن بولۇپ، شىمالىي ئافرىقىدىن جەنۇبقا كۆچكەن بەربەرلەر بىلەن ئارىلاش- قۇرىلاش بولۇپ كەتكەنىدى، 14- ئەسىر ۋە 15- ئەسىرلەردە نېگىرىيەگە كۆچمەن بولۇپ توپلۇنۇپ، زانخا خانىدانلىقى ھۆكۈمرانلىقى دەۋردە مۇسۇلمانلاشقان. 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدە، گوبىل خانىدانلىقىنىڭ ئاقسۆڭەك، يۇقىرى تەبىقىدىكىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئىسلامىيەت ئىلمىي پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىشنى كەسىپ قىلدى. 19- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ئۇلار ئىچىدىن چىقمىش بىر دىنىي داھى ئوسمان دان. فودېئۇ سۇداندىن ھەجتاۋابقا مەككىگە بارىدۇ، شۇ يەردە ۋەھھابىيلەر تەرغىباتلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇخانىدانلىق ئىچىدىكى كۆپ خۇدالىق ئېتىقادلاردىن ھەمدە خان- تۆرىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش شەكلىللىرىـدىن نارازى بولۇپ، پادىشاھنىڭ جامائەتنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى چەكلەشلىرىنى كۆرۈپ يەتكەن، يەنە شۇنىڭدەك ئەسلىدە مۇسۇلمان بولغانلارمۇ ئەقىدە، ئېتىقادتا تاپتىن چىقىپ، ئەنئەنىۋى ئېتىقاددىن چەتنەپ كېتىپ، مازارۇ- ماشايىقلارغا ھەتتا يەرلىك ئاقساقاللارغا چوقۇنۇپ، باش ئۇرۇشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، ھەمدە يەنە، ھاراقكەشلىك، ئەخلاقتا چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى يامراپ كەتكەن، مۇشۇ ھالدا فودېئۇ «گۈللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى» قىياپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، ئىسلامىيەت گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ. فودېئۇ فۇلان قەبىلىسىدىكى دىنىي ئالىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، سىستېملىق ئىسلامىيەت تەربىيىسى ئالغان مالىكىيە ئېقىمنىڭ ئىلمىي تەھۋىد ئەنئەنىلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ، كېيىن سوپىزمچى قادىرىيە تەرىقىتىگە كىرىدۇ. ئۇ ياشىغان دەۋردىكى يېڭىدىن روناق تېپىۋاتقان خارۋات، تىجانىيە، سەينۇسى قاتارلىق پىرقە- سۈلۈكلەردىن نۇرۇغۇنلىغان ئىسلاھات مەپكۇرەلىرىنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ، يېڭى سوپىزمنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا گۈللىنىشى، ئەسلى ئاسايشلىققا قايتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن دىنىي ئىسلاھات دولقۇنلىرى غەربىي ئافرىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلامىيەت شىئە مەزھىپىنىڭ مەھدىنىڭ پانىيغا چۈشۈشى توغرىسىدىكى مەپكۇرەسى ھەمدە تالاي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ ھەر يۈز يىلىدا بىر نەپەر ئەسلى ئاسايىشلىققا قايتۇرغۇچى مەيدانغا چىقىشتەك رىۋايىتىگە ئىشىنىشى غەربي ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بەكمۇ ئەلۋەك تارقالغانىدى. ئۇ، ئىسلامىيەتنىڭ ئاسايىشلىققا قايتىپ، گۈللىنىش دەۋرى يېتىپ كەلدى، دەپ جاكارلايدۇ. ئۇ، يەنە قىيامەت سورىقى يېقىنلاشتى، ئاشۇ ئىماننى كۆزگە ئىلمىغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى تۇتمىغان بايلىق ئۈچۈن رەھىمدىللىكنى ئۇنۇتقان، ئاشۇ دۆلەت ھوقۇقىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ يالغانچىلىقنى ھەقىقەتـنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەنلەر، ئاشۇ ئۆلسىمۇ تۆۋە ئىستىغپار ئېيتمايدىغان «پاسىق» لار، دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنى تۇتقان. ئاللاھقا بولغان ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان مۆئمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، دەپ جاكارلايدۇ. ئۇ، ئۆز مەزھىپىنىڭ پىشۋاسى قادىر بىلەن ئۆز ئارا مەنۋېيەت ئالماشتۇرۇشتىن «ھەققانىيەت قىلىچى» نى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، ئۇنى «ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى» گە ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەشۋىقات قىلغان. ئۇنىڭ تەشۋىق- تەبلىغاتلىرى نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەرنى جەلپ قىلغان، ئۇلار تەركىبىدە يەنە بىر قىسم خان جەمەتى ئەزالىرىدىنمۇ بار ئىدى. ئۇ تارقاق ھالدىكى فۇلان قەبىلىسىدىكىلەرنى بىرمۇستەھكەم قوۋم قىلىپ ئويۇشتۇرۇپ، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ بارغان. 1804- يىلى، ئۇنىڭ پادىشاھ بىلەن پۇت تېپىشىشى كېلىپ چىققاچقا، مۇخلىسلىرىنى باشلاپ چىگرا ياقىلىرىغا كۆچۈپ كەتكەن. يېڭى كۆچۈپ بارغان رايوندا، ئۇ، «مۆئمىنلەرنىڭ ئاقساقىلى» نامى بىلەن فۇلان قوۋمىنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى بىلەن خوۋۇس قەبىلىسىدە ئەسلىدە بار بولغان مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈپ، گوبىل خانىدانلىقىغا غازات ئاچىدۇ. ھاسىلاتتا، بىر مۇنچە ئۇششاق خانلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. 1810- يىلى، نېگىرىيەنىڭ شىمالىي بىلەن غەربىي سۇدان رايونى زېمىنى كەڭ مۇسۇلمان خانىدانلىقى قىلىپ قۇرۇپ، سوكوتونى پايتەخت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇللا بىلەن ئىككىنچى ئوغلى بارالۇ ھوقۇق تەقسىم قىلىۋېلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى پەقەت مەنىۋى داھىيلىققا قانائەت قىلىپ، ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا «مۇقەددەسلىكنىڭ تىرىلىشى»، «غازات»، «قەلب نۇرى»، «سوپىزم» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ.
فۇدېئۇ رەھبەرلىك قىلغان غازاتچىلىق ھەرىكىتى، ئەسلىدىكى تارقاق، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قەبىلە- كىنەزلىكلەرنى بىرلىككە كەلگەن ئېمپىرىيەگە ئويۇشتۇرۇپ، ئىسلامىيەتنى ئازساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى بولۇشتەك ھالەتتىن دۆلەتنىڭ ئاڭ فورماتىسىيىسىگە، باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تۇرمۇش شەكلىگە ئايلاندۇردى. مانا بۇلارنىڭ ئۆزى ئىسلامىيەتنىڭ غەربىي ئافرىقىغا تارقىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا يۈكسەلدۈرگەنلىكتۇر.

§3 ھىندىستان ئىسلامىيەت گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى

«غازاتچىلارھەرىكىتى» بولسا، ۋەھھابىيە ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدىن ھىندىستان، ھىندىنوزىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدا روي بەرگەن ئۈچ قېتىملىق گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدۇر. يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ھىندىستانغا گەرچە ئىسلام خانىدانلىقى بولمىش مۇغۇل ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھاكىمىيەت دەھشەتلىك بوران- چاپقۇنلارغا دۇچ كېلىپ، چاك- چېكىدىن بۆسۆلۆپ كېتىش ھالىتىدە تۇرماقتا ئىدى. ھۆكۈمران گۇرۇھ ئىچىدىكى مۇسۇلمان فېئوداللار تەبىقىسى بىلەن كۆپ سانلىق بولۇپ تۇرغان ھىندى فېئودال تۆرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈرلىشىپ تۇراتتى، بولۇپمۇ، 17- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ئەۋرەڭزەپ (1707- 1658) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن دىنىي كەمسىــتىش ۋە ئېزىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھىندى بىراھمانلار بۇتخانىلىرىنى مەسجىد قىلىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغانىدى، مۇسۇلمان سودىگەرلەردىن باج كەچۈرۈم قىلغان، بىراق، ئاللاقاچان توخـتىلغان غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنىدىغان جېزىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۇپپارلاردىن كىشى بېشىغا باج يىغىشنى يولغا قويغان، يېزا ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلكىنى تەشكىل قىلىدىغان ھىندى بىراھمانلىرىنىڭ باج- سېلىقلىرى ئېغىرلاپ كەتكەن. ئۇ يەنە دېڭىز ياقىلىرىدىكى پورتلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قوزغاپ، تېررىتورىيەنى جەنۇب تەرەپكە قاراپ كېڭەيىتكەن. 1656- يىلى، دىكان ئېگىزلىكىنىڭ غەربىدىكى مالاتالىقلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرىدۇ. 1705- يىلى، پەنجاپتىكى شىك موخلىسلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ، بۇ ھەرىكەت 10يىلغا سوزۇلۇپ، موغۇل ئىمپرېيىسى ھاكىمىيىتىگە قاقشۇتقۇچ زەربە بەردى. 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىمپېرىيە مۇنقەرز بولدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ ھەربىي ئۈستۈنلىكىگە تايىنىپ 16- ئەسىرىدىن بۇيان ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ چاڭگا تىزىۋالغان پورتىگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن ۋە گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى ھەمدە فرانسىيەلىكلەرنىمۇ قىستاپ چىقىرىپ، پەيدىنپەي ھىندىستاننىڭ تەنھا ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئەنگلىيە «شەرقىي ھىندىستان شېركىتى ئىدارە قىلىش قانۇنى» ھىندىستاننىڭ بارلىق تېررىتورىيەسىنى قولىغا ئېلىپ، ھىندىستاننى مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇردى. ئىسلامىيەت كۈچلىرى موغۇل ئېمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇھاپىزىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ئەينى چاغلاردا ئورگانىك گەۋدە بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىسلامىيەت تەشكىلاتلىرى پارچىلىنىشقا باشلىدى، ئىمان سۇسلىشىپ، ئەخلاق گۇمراھلىققا يۈزلىنىپ، مەنىۋى كېرىزىس كېلىپ چىقتى. ئەلھالكى، بىر بۆلۈك ھەقىقىي دىنىي ئالىم، ئۆلىمالار پاك ئىماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دىنى ئەخلاقنى قايتا ئاياغقا تۇرغۇزۇپ، ئىسلامىيەتنىڭ تۈرلىك ئەھكاملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىمپىرىيەنىڭ بېشىغا كەلگەن كېرىزىسنى يەڭمەكچى بولدى. بۇ ھەرىكەتتىكى ۋەكىل شەخس شاھ ۋەلىيۇللاھدۇر.
شاھ ۋەلىيۇللاھ (1762- 1703) يېقىنقى زامان ھىندىستان ئىسلام دىن ئىسلاھاتچىسى ۋە پەيلاسوپى. ئۇ دىنىي ئالىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، سىستېمىلىق دىنىي تەربىيىسى ئالغان، مەككە، مەدىنىلەردە زىيارەتلەردە بولغان ناھايىتى مول بىلىملىك، كۆپ ئىختىدارلىق ئىسلام ئالىمىدۇر. ئۇ رېئالىققا مۇقابىل بولۇش ئۈچۈن فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇستەبىتلىك ۋە چىرىكلىرىنى ئەيىبلەپ، خەلق ئاممىسنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىپ، باج- سېلىق يۈكىنى يېنىكلىتىش نىداسىنى قىلغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىسلاھاتى ھاسىلات جەھەتتىن ئېمپرىيە ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام شەرىئەتلىرىنى كۈچەيتىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ يولىنى جارى قىلىشى ئۈچۈن ئاللاقاچان مۇستەقىل بولۇپ كەتكەن مالاتالىقلارغا غازات ئېچىشقا چاقىرىق قىلىش ئىدى. ئۇ ئاكتىپ ھالدا مۇغۇل ئېمپىرىيىسى شاھ ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي ئىكەنلىكىگە پاكىت ئىزدەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ، ئىسلامىيەتنىڭ «يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى» تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پادىشاھ مېھرىبان بولمىسا، رەئىيە مۇلازىمەتتە بولمايدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئۇ يەنە سوپىزم بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتمەكنى تەرغىب قىلىپ، ھىندىستاندىكى بارلىق سوپىلىق پىرقىلارنىڭ ھەممسى پەيغەمبەرگە يېتىپ باغلىنىدۇ، ئۇلارنى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرگە ئىتائەت قىلىنغان ئاساستا ھۆكۈمەت تەرەپ بولمىش سۈننىيلەرگە يېقىنلىشىپ، ھىندىستان مۇسۇلمانـلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك، دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىدىيسى يېقىنقى زامان ھىندىستان ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تەسىرچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان نەزەرىيىۋى تەلىماتـلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.19- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، شاھ ۋەلىيۇللاھ ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئىدىئولوگىيىسى توختاۋسىز يۈكسەلدى ھەمدە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى ۋە نەۋرىسى سەئىد ئەھمەدخان، شەيىخ ئىسمائىل ۋە ئابدۇ ھەييان قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە ئايلاندۇرۇلدى. ئۇلار مەككىدە ھەجتاۋاب قىلىپ كەلگەندىن كېيىن «غازاتچىلار ھەرىكىتى» نى تەشكىللىدى ھەمدە يېزا- قىشلاقلارغا چوڭقۇر چۈكۈپ، تۆۋەن قاتلامدىكى جامائەتكە بىۋاستە تەبلىغات قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. خۇددى ۋەھھابىي ھەرىكىتىگە ئوخشاشلا، ئۇلار، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە پۈتمەكتەك پاك ئېتىقادتا مۇسـتەھكەم تۇرماقنى تەكىتلەپ، ئىقتىقادقا «ماددىي نەرسىنى شىرىك كەلتۈرۈش» تەك ھەرىكەتلەرنى ۋە غەيرى ئىسلام ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇش ۋە سوپىزمچىلارنىڭ مۇقەددەس ئەۋلىيالارغا چوقۇنۇش، مازارۇ- ماشايىخلارغا بەيئەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ، ھىندى دىنىدىكى بىر قىسىم خاتىرىلەش تەروزىدىكى ھەرىكەتلەرنى ۋە ئۆرپ- ئادەتلەرنى نەزەرىيە سىستېمىسىغا كىرگۈزدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ لايىھيەسى شاھ ۋەلىيۇلاھنىڭ دىنىي سىياسىي مەپكۇرەسىنى ئاساس قىلىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىـلىرى بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنى «دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىكى دۆلەت زېمىنى» ياكى «دۆلەت زېمىنىنىڭ نىڭ بىگانە تەرەپلىرى» دەپ تونۇلۇپ، بۇ قاتارلىق رايونلاردا مەسجىدلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان غازاتچى تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئورگانلىرىنى بەرپا قىلىپ، مۇستەقىل ئىسلام مەھكىمە شەرئىلىرىنى قۇرۇپ، ئىسلام شەرىئەتىنى يولغا قويۇپ، پەيدىن- پەي قۇراللىق كۈچ ئويۇشتۇرۇپ، شەرىت- شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە غازات ئارقىلىق غايىدىكى «ھەققانىي دۆلەت» نى قۇرۇپ چىقىش لازىم، دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى. 1830- يىلى، بۇ ھەرىكەت شىك مۇخلىسلىرىغا قارشى غازات ئېچىپ، غەربىي شىمال چىگرادىكى تاغلىق رايونلاردا مۇسۇلمان ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان، ياندۇرقى يىلنىسى شىك كۇپپارلىرى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىندى. 1840- يىلىدىن كېيىن غازاتچىلار ھەرىكىتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە قارشى قۇراللىق كۈرەشلەر ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيىگە قارشى مىللىي قوزغىلاڭلارغا ئىشتىراك قىلىپ كەتكەنىدى، ئەمما، كېيىنكى مەزگىللەردە ھەممىسى باستۇرۇۋېتىلدى. غازاتچىلار ھەرىكىتى گەرچە مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئەمما، شۇ ھەرىكەت ئېچىپ بەرگەن ئىسلاھات ۋە ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئۆرنەكلىرى يېقىنقى زامان ھىندىستان، پاكىستان سانىيۇل (ئىككىنچى) چوڭ قۇرۇغلۇقىدىكى ئىسلامىيەت تارىخىدا ناھايىتى ئۇزاققىچە، چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى.
ھىندۇنوزىيىدىكى «غازات» ھەرىكىتىنىڭ نۇقتىئىينەزەرلىرىمۇ يەنىلا ئىسلامىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، دىننى گۈللەندۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى ۋە سىرىتتىن كەلگەن مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى تورۇشــنىڭ مەنىۋى قۇرالىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. جەنۇبىي ئوكېيان تاقىم ئاراللىرىدىكى سۇماتېرا رايونى 15- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، شۇ يەردىكى ھىندى دىنى خانىدانلىقى ھۆكۈمرانلىقى بەربات بولغانـدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەمىلىي كۈچى زەبەردەست بولغان ئاچى ئىسلام سۇلتانلىقى دەسسىگەنىدى. ئەمما، سۇلتانلىقتا ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىقىدىن ئىسلام فېئوداللىرى كۈچلىرى، يەرلىكتىكى كونا خان جەمەتى كۈچلىرى ھەمدە تاغلىق رايونلار بىلەن يېزا- قىشلاقلاردىكى يەرلىك كۈچلەرنىڭ ئالقىنىدىكى رايونلارغا بولغان كونتروللىقى دېگەندەك ئۈچ تۈرلىك ئىجتىمائىي تۈزۈم تەڭلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللنىپ قالغان، ھەرقايسى جايلاردىكى فېئوداللىرىـنىڭ ھەممسىلا دىنىي كۈچكە تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش خىيالىدا ئىدى. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان ئالتۇن كان ۋە تاشقى سودا تاپاۋىتىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان مىنەن كابۇ رايونىنىڭ ئالتۇن بايلىقى كۈنسايىن ئازلاپ قەھۋە، تۇز، توقۇلما بۇيۇم قاتارلىق يېڭىچە سانائەت گۈللىنىشكە باشلىغان، ئىش- ئەمگەك ئورۇنلىرىنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئىسلام كۈچلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئارمان قىلىشاتتى. ئۇلار ئۇشبۇ رايۇندىكى ئىسلامىيەتنى گۈللەنــدۈرۈش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى تىكلىگەن. 1803- يىلى، خەلىپە ئاچى پادرى پورتى ئارقىلىق دېڭىزدىن ئۆتۈپ ھەجتاۋابقا بېرىپ، قايتقان ئۈچ نەپەر ھاجى بىلەن تەبىلىغات ئېلىپ بېرىپ، يەرلىك خەلققە ۋەھھابىيە ئىدىيسىنى تارقاتتى، بۇ ھەرىكەتلەر خەلق ئىچىدىكى ھېكايەت قىلىنىشلاردا «بادرى پىرقە ھەرىكىتى» ياكى «بىدال پىرقە قۇزغۇلىڭى» دەپ ئاتالدى. بۇ ئىستىخىيلىك رەۋىشتە كۆتۈرۈلگەن ئىماننى پاكلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىدى جەمئىيەتنى ياخشىلىق تامان ئۆزگەرتىش، كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق رەۋىشتە ئىسلام شەرىئەتلىرىگە ھەم ئەخلاق ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، قىمارۋازلىق، ھاراقكەشلىك، تاماكا چېكىش، ئەپىيۇن چېكىشتەك قەبىھ ئادەتلەرنى چەكلەش ھەمدە ئانا جەمەت تۈزۈمى (ماتېرىئارخال) ئاساسىدىكى مال- مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى مەقسەد قىلغان. بۇ رايوندا ھىندى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ سانى بەك كۆپ بولغانلىقتىن، كونا خان جەمەتى كۈچلىرى ئىسلاھاتنى بوغۇپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئىسلاھات ھەرىكىتى غازات ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، قۇراللىق زورلۇق كۈچ ئارقىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، بىر مەزگىل تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. 1819- يىلى، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى سۇماتېرانىڭ شەرقىي رايونلىرىنى بېسىۋالىدۇ. كونا دىنى ئەقىدىلىرى ۋەكىللىكىدىكى فېئودال كۈچلەر ئۆزىنى گوللاندىيىـلىكلەرنىڭ قوينىغا ئېتىپ، گوللاندىيە ئارمىيىسىنىڭ كۈچى ئارقىلىق بىدال پىرقىسىدىكىلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قەستىدە بولىدۇ. 1821- يىلى، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىدال پىرقىسىنىڭ كونتروللىقىدىكى رايونلارغا ئەسكەر چىقىرىدۇ. ئىمام پىن زور 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ چىقىپ، گوللاندىيە ئارمىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ ھەمدە خەلقنى قوزغاپ گوللاندىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيسىگە قارشى غازاتقا قاتناشتۇرىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇن كۆپ قېتىم گوللاندىيە ئارمىيىسىگە قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بېرىدۇ، بۇ ھەرىكەتلەر تاكى 1937- يىلغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئاقىۋەت مەغلۇب بولىدۇ. گوللاندىيەلىكلەر مىنەن كابۇدا مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەيدۇ، ئىسلام دىننىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىدۇ، ئەمما بۇ ھال يەرلىك خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسلام دىن ئېتىقاد ئەقىدىلىرىنى تېخىمۇ قەدىرلەش ئېڭىنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە مەنىۋىي ساپاسىنى ئىلگىرى سۈردى. بىدال مەزھىپىنىڭ 16يىلغا سوزۇلغان گوللاندىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشى ھىندۇنوزىيە خەلقنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى تارىخىدا پارلاق سەھىـپە ياراتتى.
ئەھمەدىيە پىرقىسى ھەرىكىتى 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھىندىستاندا روناق تاپقان دىنى ھەرىكەت بولۇپ، دىنىي ئىسلاھات ئىدىيىسى چەكتىن ئاشقان رەۋىشتە ئىسلامىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى تەلىماتلىرىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكتىن، ھەمدە، خىرستىئان دىننىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭقۇر بولغانلىقىدىن، غەرب مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تېنچلىقتا بىللە تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، مۇسۇلـمان تەشىكىلات- جامائەلىرى بىلەن بىر قىسىم ھىندى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ، شۇنداقلا خىرىسـتىئان مۇخلىسلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە «چەكتىن ئاشقانلار» دەپ ئەيبلەنگەنىدى. بۇ ھەرىكەتنى بەرپا قىلغۇچى مىرزا غۇلام ئەھمەدى (1908- 1835) دۇر. ئۇ، پەنجاپ ئۆلكىسىدە توغۇلغان بولۇپ، مۇغۇل (بابۇرىيلار) ئېمپىرىيىسى جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىدىن بولۇپ، ياشلىق مەزگىلىدە ئىسل دىنى تەربىيە ئالغان، ھەمدە، سوپىزمغا مايىلىراق ئىدى. ئۇ، ھەم ئادەتتىكى مائارىپتىمۇ تەربىيەلەنگەن ئەرەب تىلى، ئېنگىلىز تىلى، ئوردۇ تىلى قاتارلىقلارنى بەكمۇ چوڭقۇر ئىگىلىگەن، ئەمما، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلمىغان، بەلكى يۇرتى كادىگانغا بېرىۋېلىپ خىلۋەتتە دىنىي مەسىللەرنى مۇتائىلە ۋە مۇلاھىزە قىلغان. 1880- يىلى، ئۇ ئوردۇ تىلى بىلەن «ئەھمەدىنىڭ ئىسپاتلاشلىرى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقىدۇ، يەنە ئىنگېلىز تىلى بىلەن «ئىسلامىيەتنىڭ دىنى ئەقدىلىرى» نى يېزىپ ئېلان قىلىپ، ئىسلامىيەتكە يېڭىچە شەرھ- تەبىرلەرنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ دىنىي مەپكۇرەسىنى سىستېملىق رەۋىشتە بايان قىلىدۇ. 1889- يىلى، ئۇ ئىسلامىيەتنىڭ «يېڭى پەيـغەمبىرى» نامى بىلەن كەڭ دائىرىدە مۇخلىس قوبۇل قىلىپ، دىن تەبلىغاتىنى ئاكتىپلىق بىلەن يولغا قويۇپ، ئەھمەدىيە ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ئىسلامىيەتنىڭ مەھدىسى، خىرسىتىئان دىنىنىڭ مەسھىسى، ھەمدە يەنە ھىندى دىنىنىڭ براھمىنى دەپ جاكارلايدۇ. ھىندىستان كۆپ خىل دىنى ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان دۆلەت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تەشۋىقاتلىرى يەنىلا ھىندى دىن، ئىسلام دىن ھەمدە خىرىستىئان دىنى ئېتىقادلىرىنىڭ داشقاينىقى بولۇپ قالىدۇ، ئەمما يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە رول ئوينايدۇ. ئەمما بۇ پىرقە ئېتىقادىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىسلامىيەت ئەنئەنىۋى ئېتىقاد تەلىماتلىرى بىلەن يارقىن ھالدا پەرق بولغاچقا، پەيغەمبەرنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر» ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كەينىدىن يەنە پەيغەمبەر كېلىدۇ، ساھىبى سۈلۈك ئەھمەدىينىڭ ئۆزى «يېڭى پەيغەمبەر» بولىدۇ، دەپ قارىغانىدى. بۇنداق نۇقتىئىينەزەرنىڭ ئۆزى ئىسلامىيەتنىڭ تۈپكى ئەقدىلىرىنىڭ ئىنكار قىلىش ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ئىسلامىيەتتە غازات ئاچماقنى بىر تۈرلىك دىنىي بۇرچلارنىڭ ئادا قىلىنىشىدەك پەرز قىلىنغان، بولۇپمۇ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى غازات ئېچىشلار ئىمان، ئەركنى قوغداشنىڭ، سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلارنىڭ مۇستەملىكىچىـلىكىگە قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغانىدى. بىراق، ئەھمەدىيە پىرقىسىنىڭ تەشەببۇسلىرىدا «تېنچلىق بىلەن دىن تارقىتىش» مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتكە مۇتلەق بويسۇنۇشنى تەشۋىق قىلىش، مۆئىمنلەرنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىـچى ھاكىمىيىتگە ھەرگىزمۇ دۈشمەنلىك نەزەردە قاراپ سالماستىن، بىر «ئارامخۇدا ياشىغۇچى مۇسۇلمان» بولۇشقا چاقىراتتى. ئۇلار مۇشۇنداق مەيدانى خاسىيىتىدىن 1900- يىلى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ پىرقىنى ئېتراپ قىلغان. ئىسلاھات ئىدىيىسى يەنە ئەۋلىيالارغا چوقۇنۇشقا، مازار- ماشايىخلارغا بەيئەت قىلىشلارغا قارشى تۇرۇشتىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، تارىختىن قېلىپ قالغان كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى، ئەرلەر خوتۇنلارنى خورلاش ۋە ئاياللارغا چەكلىمە قويۇشلارنى ئەيىبلەپ، ئۇدۇنيادىكى تۇرمۇش ۋە قىيامەت سورىقى بولۇشلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەھمەدىيە ھەرىكىتى خىرىستىئان دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئەمما ئۇنىڭ خىرىستىئان دىننىڭ ئەقىدىلىرىنى شەرھلەشلىرىدە «يېڭىلىق ۋە ئۆزگىچىلىك» لەرنىمۇ مەيدانغا چىقارغان. ئەھمەد ئۆزىنى خىرىستىئان دىنىنىڭ دۇنيانى قۇتقازغۇچى مەسھىيسى ۋە تېرىلگەن يەھۋا دەپ ئاتىغان، ئۇ، يەھۋا ئەسلىدە كېرىست خادىغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلمىگەن، بەلكى جازالىنىشتا بىھۇش ھالىتىدە قەبرىگە دەپىن قىلىۋېتىلگەن، كېيىن بىر قۇل تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان، تېرىلىشتىن كېيىن كەشمىرگە كېلىپ دىن تارقاتقان، 120يېشىدا ۋاپات بولۇپ، سېرىناگاغا دەپىن قىلىنغان، دەيدۇ. ئەھمەد يەنە يېڭى دىن خىرىستىئان دىننىڭ، ئسلام دىننىڭ، ھىدى دىننىڭ ۋە يەھۇدىي دىنىي قاتارلىق تۈرلىك دىنلارنىڭ ئېتىقاد ئەقىدىسىنى ئۆزىگە جەملىشى، مۇخلىسلارنىڭ مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئىمان بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلايھسسالامنى، خىرىستىئان دىننىڭ ئەيسانى، يەھۇدىي دىننىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى، ھىندى دىنىنىڭ كاتتا خۇدالىرىدىن بولغان كرشىنە بىلەن ساكيامۇنىنى سۆيىشى لازىم، دەيدۇ. بۇ پىرقىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە خىرىستىئان دىنى خۇسۇسىدىكى يېڭى تەبىرلىرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق، ئەسلى مەقسەددىن كونا دىنلار جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت روھىنى خېمر تۇرۇچ قىلغان ھەرقايسى دىن ئېتىقاد ئەھلىدىن مۇخلىس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر دۇنياۋى دىننى بەرپا قىلش مۇددىسىغا يەتمەكچى بولغان. بۇ ھەرىكەت ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان پەنجاپ، بومباي قاتارلىق جايلاردا كۆپلەپ مۇخلىس جەلىب قىلغان. 1908- يىلى، ساھىبى سۈلۈك پىرى ئەھمەد ۋاپات بولىدۇ، مەۋلەۋى نۇردۇن خەلىپە (ۋارىس) بولۇپ سايلىنىدۇ. 1914- يىلى، نۇردۇن ئۆلگەندىن كېيىن پىرقە ئۆز ئىچىدىن ئىككىگە ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئەھمەدنىڭ ئوغلى باشىر (1965- 1889) ئۈچىنچى نۆۋەتلىك خەلىپە بولۇپ سايلىنىپ، پاكىستاننىڭ رابۇۋادا باش ئاپپارات تەسىس قىلىدۇ ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەسجىدلەرنى بەرپا قىلىدۇ ۋە دىن تارقاتقۇچى گۇرۇپپىلارنى تەسىس قىلىدۇ، دىننى پائاليەتتىن تاشقىرى يەنە، مەكتەپ ئېچىپ، كىتاب- ژۇرنال نەشر قىلىدۇ، تەسىرى بىر قەدەر زور بولىدۇ، ئۆزلىرى مۇخلىسلىرىنىڭ 500 مىڭغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىغان، بۇ مۇخلىسلارنىڭ تەڭ نىسبى پاكىستاندا، قالدىسى ھىندۇنوزىيىدىن باشلاپ تاكى ئەرەب يېرىم ئارىلى، غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە شەرقىي ئافىرىقىلارغا تارقالغانمىش. يەنە بىر تارماق پىرقە پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھىرىدە باش ئورگان تەسىس قىلىپ، پەقەت پىرقە ئاتىسى ئەھمەدنىڭ دىنىي داھىي ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىپ، ئۇنىڭ «پەيغەمبەر» لىكىنى ئىنكار قىلىشىدۇ، بۇپىرقىنىڭ گەرچە ئادىمى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما بەكمۇ جانلىق بولغان، نەشرئەپكارلىرى ئېنگىلىزچە، ئوردۇچە ۋە باشقا ياۋروپا تىللىرىدا نەشر قىلىنغان، مەقسەد چەتئەللەردە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە زىيالىلار ئارىسىدىكى مودېرنىزمچىلارغا رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
1953- يىلى، مەۋدۇدى رەھبەرلىكىدىكى پاكىستان ئىسلامىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق دىنىي تەشكىلاتلار كەڭ كۆلەملىك كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن ئەھمەدىيەنى ئىسلامغا يات مەزھەپ دەپ جاكارلاپ، ئۇنى ئەپكەس قېلىۋېتىشنى، ھەمدە يەنە تاشقى ئىشلار مېنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، مەزكۇر مەزھەپ مۇخلىسلىرىدىن ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ھەممسىنى تازىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق قالايـمىقانچىلىق چىقىپ كېتىپ، ھۆكۈمەت ھەربىي ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇپ جاھاننى تېنجىتقان. 1970- يىلىغا كەلگەندە، پاكىستان ئاۋام پالاتاسى بويرۇق جاكارلاپ: ئەھمەدىيە پىرقىسى غەيرى مۇسۇلمانلاردىن بولمىش ئازسانلىقلار، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ئىسلام دىنغا تەئەللۇق ئەمەس، دەپ ئېلان قىلغان. خەلقارا ئىسلام جەمئىيىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قارار ئېلان قىلىپ، بۇ مەزھەپنى ئەيىبلەش مەيدانىدا بولغان، ئەمما بۇ مەزھەپ يەنىلا داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

§4 ئىران بابىيە ھەرىكىتى

بابىيە ھەرىكىتى 19- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئىراندا قوزغىغان بىر قېتىم دىنىي ئىسلاھات ھەرىكتىدۇر. ھەرىكەتنىڭ ئەۋىج ئېلىشى دىنىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىنى ئاساس قىلغان، بىراق، ئاساسلىق تىغ ئۇچى رېئال مەسىللەرگە قارىتىلغان، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئىسلاھاتنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، جاھاندا ھەق- ئادالەتلىك خانىدانلىق بەرپا قىلماقچى بولغان. بابىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى سەئىد ئەلى مۇھەممەد (1850- 1819) پاختا سودىگىرى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن، ياشلىق مەزگىلىدە نەجىبىيە ۋە كەربالا (ئىراق ئىچىدىكى شىئەلەرنىڭ مۇقەددەس جايلىرى) قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دىنىي بىلىملەر ۋە ئەرەب تىلىنى ئۆگەنگەن زامانىسدا كەڭ تارقالغان شىئە مەزھىپى شەيىخ ئېقىمنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۇ، «ھەجتاۋاب قىلغۇچىلارغا كۆرسەتمە» ناملىق ئەسەر يېزىپ، شىئەلەرنىڭ «مەكتۈم بولغان ئىمام پانىيغا چۈشىدۇ» دەيدىغان ئېتىقاد ۋە ئنتىزارلىقىلىرىنى ئىپادىلىگەن. 1844- يىلى، ئۇ، ئاخىرقى «غايىب بولغان ئىمام» مۇخلىسلار ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق باغلىغۇچىلار مەۋجۇد، مەزكۇر ئارىلىق باغلىغۇچىلار 4 قاتارى ئىشىك (باب) ئارقىلىق كېلىدۇ، ئىمام غايىب بولغان مەزگىلدە مۇشۇ 4 ئىشىكتىن ئۆتۈپ مۇخلىسلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ساقلىغان بولىدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ يەنە، ئاللاھ پەقەت بىر «بىلىم ئىشىكى» يەنە بىر «بىلىم ئىشىكى» گە يەتكۈچىگە ئەقىدە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلغان مەھدى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شىئەلەرنىڭ «ھەدىسلىرى» بويىچە بولغاندا، ئاللاھ «مەدىنە ئەل ئىلىم» دۇر، تۇنجى ئىمام ئەلى مۇشۇ «مەدىنە ئەل ئىلىم» گە كىرىش ئىشىكىدىن ئۆتكەن، دەپ قارىلىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى ئىراندا باب (ئەرەب تىلىدا ئىشىك مەنىسدە) تەلىماتى ناھايىتى چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە، قەدىمدىن بۇيان چوقۇنغۇچىلار بەكمۇ كۆپ بولغان.بابىيە ھەرىـكىتىنى قوزغىغۇچىلار مۇخلىسلارنى جايلارغا ئىبەرتىپ بابىيە ھەرىكتىنىڭ تەشەبـبۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، جاھاندىكى تەڭسىزلىكلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، ئەدلى- ئادالەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا چاقىرغان. بابىيە بەرپا قىلىشنى ئارمان قىلغان «ئەدلى- ئادالەت دۆلىتى» بولسا، ئىران ئۇششاق سودىگەرلىرى، قول ھۈنەرۋەنلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتكەنىدى. چۈنكى، 19- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن باشلاپ ياۋروپا كاپىتالى تاۋار ئوبۇرۇتى يولى ئارقىلىق ئىرانغا كىرىپ ئىراننىڭ تەبئىي ئىگىلىكىنى زەربىگە ئۇچراتقانىدى. تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئەسلىدىكى يەر- زېمىن مۇناسىۋېتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، نۇرغۇنلىغان دېھقانلار يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، تۇرمۇشى كاپالەتسىز بولۇپ قالغانىدى. سىرتتىن كىرگەن تاۋارلارنىڭ رىقابىتىدىن قولھۈنەرۋەنلەر ۋە ئۇششاق سودىگەرلەر ۋەيران بولۇش تەھدىتىگە ئۇچرىغانىدى. ئەلھالكى، بابىيە ھەرىكىتى تەشۋىقاتىدىكى غايىۋى دۆلەت كىشىلەرگە ئېكسپلاتاتىسىيە ۋە ئېزىلىشتىن مۇستەسنا بولغان، ئالداش، ئوڭدا قويۇشلار يوق بولغان، ھەممە ئادەم باپ- بارابەر بولغان، بەختلىك تۇمۇشنىڭ كارتېنىسىنى سىزىپ بەرگەنىدى. مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئۇلاركىشىلىك ئەركىنلىك كاپالەتلىككە ئېرىشىشى، مال- مۆلۈكنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنىشى، سودا- سېتىق ۋە توختام تۈزۈشۈشلەر مۇتلەق ئەركىن-ئازادە بولۇشى، نىسىي قىلىنغان كېرىدىت سوممىسىغا ئۆسۈم ئېلىشقا يول قويۇش، ھۆكۈمەت مۇخلىسلارنى باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىماسلىق، ھەمدە پۇلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قاتناشنى راۋانـلاشتۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. دىنىي ئىدىيە جەھەتتە، ئۇلار، دىنىي مۇراسىمـلارنى ئاددىيلاش تۇرۇش، ئەنئەنىۋى ئىسلام شەرىئىتى بىلەن جاھاندارچىلىق قانۇن- تۈزۈملىرىنى ئىسلاھات قىلىش، يىلدا پەقەت 19كۈنلا روزا تۇتۇشقا يول قويۇش، مۇئەييەن ئورۇن ۋە ۋاقىتتا دائىملىق بولۇدىغان مۇراسىملارنى ئۆتكۈزمەسلىك، مىيىت نامىزىدىن باشقا كوللېكتىپ تەروزدە نامازلارنى ئۆتىمەسلىك؛ نەپلى نامازلار پەرز ئەمەس، بەلكى سۈننەت بولۇشى كېرەك، ئاياللار چۈمبەل تارتىش بەلگىلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى تەرغىب قىلغانىدى. 1874- يىلى، ھۆكۈمــرانلارنىڭ باستۇرۇشىدىن بىرقىسىم مۇخلىسلار قولغا ئېلىنغان، ئەلى مۇھەممەدنىڭ ئۆزىمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، تەبرىز تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ تۈرمىدە تاماملىغان «ئەل بايان» كېيىنچە، بابىيە مەزھىپىنىڭ دەستۈرىگە ئايلانـغان. «ئەل بايان» دىكى يادرولۇق مەپكۇرە، ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرى بىر بىرىگە سوڭدۇشۇپ، سىجىل رەۋىشتە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، ھەر بىر دەۋرنىڭ مۇئەييەن تۈزۈم ۋە قانۇنلىرى بولغان بولىدۇ، كونا تۈزۈم ۋە كونا قانۇنلار ئۆز دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىناۋەتسىز بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى تۈزۈم ۋە قانۇنلار دەسسىتىلىدۇ. ئەمما، يېڭى تۈزۈم ۋە قانۇنلاركىشىلەر تەرىپىدىن بېكىتىلمەيدۇ، بەلكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان پەيغەمبەرلەر ئېلان قىلىدۇ، باب ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن قانۇنلارنى ۋە يېڭى پەيغەمبەرنى ئېلان قىلىدۇ. «ئەل بايان» بارلىق كونا كىتابلاردىن يۇقىرى تۇرىدىغان مۇقەددەس كىتابدۇر. مۇسانىڭ «كونا ئىنجىل» ى، ئەيسانىڭ «يېڭى ئىنجىل» ى، ئىسلا- ميەتنىڭ «قۇرئان كەرىم» ى تامامەن «ئەل بايان» غا يول بېرىشى لازىم. ھازىرقى ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە قانۇنلارمۇ «ئەل بايان» نىڭ روھىغا مۇناسىپ تۈزۈلىشى كېرەك. 1848- يىلى، بابىيە مۇخلىسلىرى كېيىنكى يولباشچىسى خۇسەيىن مۇھەممەد ئەلى بارقۇرۇشنىڭ رەھبەرلىكىدە شىمالدىكى مازانداران ئۆلكىسىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تىغ ئۇچىنى فېئودال ھۆكۈمرانلارغا، چەتئەل مۇستەملىكىچىلىرىگە ھەمدە فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ غالچىسى بولغان يۇقىرى تەبىقە دىنىي زاتلارغا قاراتتى. كېيىنكى يىلى، قوزغىلاڭچى قوشۇن يۈزمىڭ كىشىگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. 1850- يىلى، ئەلى مۇھەممەد تەبرىزدە قازا تاپتى، نۇرغۇنلىغان مۇخلىسلارمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. بابىيە ھەرىكىتى ھۆكۈمرانلارنىڭ شەپقەتسىز باستۇرىشى ئارقىسىدا مەغلۇب بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
بابىيە ھەرىكىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، بابىيە مەزھىپىنىڭ ئىچىدىن بۇرۇنقى پىرقىغە ئوخشىـمايدىغا بەھائىيە مەزھىپى كېلىپ چىقتى. رەھبەرلىك قىلغۇچى بابىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلـلىرىدىكى مۇخلىسى مىرزا خۇسەيىن ئەلى بەھا ئەللاھ بولۇپ، مەزكۇر مەزھەپ شۇكىشىنىڭ ھۆرمەت نامى بىلەن بەھائىيە دەپ ئاتالغان. ئۇ كىشى ئەسلىدە مازانداراندىكى بىر فېئودال پومىششچىك بولۇپ، ھاكىمىيەتكە نارازى بولغانلىقىدىن بابىيە ھەرىكىتىگە ئىشتىراك ئەتكەنىدى. ئۇ تۈرمىگە قامالغان، كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان. قىرىق يىلغا سوزۇلغان تۈرمە ھاياتىدا بەھا ئەللاھ باش چۆكۈرۈپ يېزىقچىلىق قىلىپ، بابىيە مەزھىپى ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا بەھائىيە ئېتىقادى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ بابىيە بىلەن بولغان ئاساسلىق ئىختىلاپلىرى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پىرىنسپلاردا كۆرۈلىدۇ، ئۇ قۇراللىق كۈرەشنى تەشەببۇس قىلماي، ھۆكۈمەتكە سادىق بولۇ پ، دۆلەت قانۇن- تۈزۈمىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلاتتى، مېھىر- مۇھەببەت ئارقىلىق باي- نامراتلىق پەرقىنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى مەقسەد، ئىنسانىيەتنىڭ بىرگەۋدىگە ئايلىـنىشى، جاھان ئېتىقادىنىڭ جەملىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. دىنىي مەپكۇرە جەھەتتىن، دۇنياۋى دىننى تەشەببۇس قىلىش، دىنلارنىڭ بىرىكىپ كېتىشىنى، ئىنسانىيەتنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تەرغىب قىلىش، ئاللاھ بىرلا، پەقەت ئاتىلىشى ئوخشىمايدۇ تەڭرى، خۇدا، ئاللاھ، بۇدساتىۋا، دېگەندەك پىكىر لەرنى تەرغىب قىلاتتى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئۇنىڭ ئەلچىلىرى بولغان بىر يۈرۈش پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئىپادە بولۇپ كەلگەن، يەھۇدىي دىننىڭ مۇساسى، ئاتاشپەرەستلەرنىڭ زورو- ئاستېرى، بۇددانىڭ ساكيامونى، خىرىستىئاننىڭ ئەيساسى، ھەمدە، باب بەھا ئىللاھ قاتارلىقلارنىڭ ھەمـمسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادە قىلغۇچى پەيغەمبەرلەردۇر، بولۇپمۇ بەھائىللاھنىڭ (ئۆزىنى دېمەكچى) جارى قىلمىش ئىپادىسى ئەڭ مۇكەممەل بولۇپ يەھودىي دىندىكى مەھسىيگە، خىرىـستىئاندىكى ئەيساغا بارابەرلىشىدۇ، ئۇ كىشىلەر ئىنتىزار بولغان دۇنيانى قۇتقازغۇچى مەھدىدۇر، دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى.
بەھائىيە ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس نوملىرىغا ئاساسلىنىپ دىنىي ئەقىدە ۋە ئىبادەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇردى، بۈگۈنكى كۈندە، ئىراندىن باشقا غەربىي ياۋروپا، جەنۇب- شىمالىي ئامېرىكا، ئافرىقا ۋە ئاۋېسترالىيە قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىدە مۇخلىسلىرى بار. بۇ مەزھەپ ياۋروپا، ئاسىيالاردا بىر قىسىم مەخسۇس خەلئارالىق ئاپپارتلارنى تەسىس قىلىپ مائارىپ، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق دۇنياۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى بىلەن گېزىت- ژۇرناللىرى بار. بەھائىيە ئاللىقاچانلا ئىسلامىيەتكە تالىق بولغان مەزھەپلەردىن ئەمەس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئالىملار ئۇنى بىر تۈرلىك يېڭىدىن ئەۋج ئېلىۋاتقان دىن سۈپىتىدە تەتقىق قىلماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top