• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئاتاقلىق ئالىم مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبى

ئاتاقلىق ئالىم مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبى

ibni-arabiiمۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبى سادرەددىن كونياۋى (كونيالىق سادرەددىن) نىڭ ئۇستازىدۇر.

ئەرەبى، تەقۋىملەردىكى تارىخىي مەلۇماتلارغا كۆرە، 1165 – يىلى 7 – ئاۋغۇست شەنبە كۈنى قەدىر كېچىسىدە ئەدەلۇسىيە (ئىسپانىيە) نىڭ مۇرسىيە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد تەقۋادار، فىقھىي ۋە ھەدىسشۇناھلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۆز دەۋرىدە ئەندەلۇسىيەدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئىبنى رۇشدىنىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشكەن زاتتۇر. ئىبنى ئەرەبى بالىلىق دەۋرىدە ئەندەلۇسىيەنىڭ ئەڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان ئىبنى رۇشدى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇڭا ئۇ ئەنە شۇنداق مەنىۋى مۇھىت ئاستىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان، تونۇلغان، يېقىن ئەتراپتىكى داڭلىق ئۆلىمالاردا ئوقۇغان تەسەۋۋۇپ ئەھلىدۇر.
ئىبنى ئەرەبى، ئېسىل نەسەبلىك، مەدەنىيەتلىك، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بىر ئائىلىنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، 8 ياشقا كىرگەن چاغدا، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشبىلىيە (سەۋىللا) غا بارىدۇ، بۇ يەردە ئىبنى بەشكۇۋال ۋە ئەبۇ مۇھەممەد قاتارلىق ئالىملاردا ئوقۇيدۇ.
ئىبنى ئەرەبى، 1185 – يىلى خېلى بۇرۇنلا قىزىقىشقا باشلىغان تەتسەۋۋۇپ- يولىغا كىرىدۇ. 20 ياشقا كىرگىچە تەسەۋۋۇپ ئەھلىلىرى بىلەن دوست بولغان ۋە ئۇلارنىڭ مەجلىسلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىپ، تەسەۋۋۇپ ھاياتى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان ئىبنى ئەرەبى شۇنىڭدىن كېيىن تەسەۋۋۇپ ھاياتىغا قەدەم قويىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە: «بۇ يىل ئاللاھنىڭ ئەلبەدى (ياراتقۇچى) سۈپىتى سايىسىدا كەشپىيات يولى بىلەن تۇنجى ئەقىل، (ئەقلى ئەۋۋەل) ماقامىغا يەتتىم» دەيدۇ. پۈتكۈل ھاياتىدا 300 دىن ئارتۇق ئالىم ۋە شەيخ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن بەھرىمەن بولغان ئىبنى ئەرەبىنىڭ تەسەۋۋۇپ يولىغا كىرىشى ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئەلئۇرەينىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. ئەلۇرەينى غەربىي ئەندەلۇسىيەدىكى ئۇليا يېزىسىدا تۇراتتى. ئاللاھقا تائەت – ئىبادەت قىلىش بارىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ، بىر قىسىم پىكىرلىرىنى يېتىرقىغانلىقى ئۈچۈن، يېزا ئاھالىسى ئۇنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئىشبىلىيەگە كېلىدۇ ھەمدە بۇ يەردە ياش ئىبنى ئەرەبىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىبنى ئەرەبى ئۇنىڭ سورۇنىدا تەسەۋۋۇپ يولىغا كىرىدۇ. ياشلىق مەزگىلىدە ھەر خىل ھۆكۈمدارلار ۋە دۆلەت ئەربابلىرىغا كاتىبلىق قىلىدۇ. ئىبى ئەرەبى ئىشبىلىيەدىن سەبتە شەھىرىگە بېرىپ، بۇ يەردە ئەخلاق بابىدا كامالىغا يەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىبنى جۇبەير بىلەن تونۇشىدۇ.
1196 – يىلى ماراكەشكە بارىدۇ ۋە بۇ يەردە قىلغان ساياھەتلىرى جەريانىدا داڭ چىقىرىدۇ. 1198 – يىلى تەكرار ئەندەلۇسىيەگە ئۆتۈپ، گىرناتا (گىرانادا) شەھىرىگە ېيقىن باغا يېزىسىدا شەككاز ئىسىملىك بىر شەيخنى زىيارەت قىلىدۇ. ئىبنى ئەرەبى كېيىنچە داۋاملىق شەرقىي رايونلاردا ساياھەتتە بولىدۇ، تۇنىس ۋە مىسىرغا كېلىدۇ، بۇ يەردىن 1199 – 1200 – يىللىرى تۇنجى قېتىم ھەجكە بارىدۇ. 1202 – يىلى مەدىنىدە، 1204 – يىلى مۇسۇل ۋە باغدادتا بىز مەزگىل تۇرىدۇ. مۇسۇلدا «ئەتتەنازۇلاتۇل مەۋسىلىييە (مۇسۇلدا ئەسكە كەلگەن يازمىلار)» ناملىق ئەسەرنى يازىدۇ. 1205 – يىلى ئانادولۇغا ئۆتىدۇ. ئۇرفا، دىيارباقىر، سىۋاس ئارقىلىق مالاتياغا بارىدۇ، كېيىنچە كونياغا يەرلىشىپ، سادرەددىن كونياۋىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شەيخ مەجدەددىن ئىسھاقمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ يولدا ماڭىدۇ. ئىبنى ئەرەبى مەجدەددىن ئىسھاقنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن تۇل قالغان ئايالىغا ئۆيلىنىدۇ.
ئىبنى ئەرەبى سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى سۇلتانى 1 – غىياسەددىن كەيخۇسرەۋ ۋە 1 – ئىززەددىن كەيكاۋۇس بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. كونيادا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە «رىسالەتۇل ئەنۋار (نۇرلار مەكتۇبى» ناملىق ئەسەرنى يازىدۇ. كېيىنچە مىسىرغا ئۆتىدۇ، ئارقىدىن تەكرار مەككىگە بېرىپ، بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن شام (دەمەشق) غا بارىدۇ. شامدا، «ئەلفۇتۇھاتۇل مەككىييە» ناملىق ئەسىرىدىن كېيىن، ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى «فۇسۇسۇل ھىكەم» ناملىق ئەسەرنى يازىدۇ. ئىبنى ئەرەبى 1240 – يىلى 16 – نويابىر كۈنى شامدا ۋاپات بولىدۇ ۋە شامدىكى ساھىلىييە رايونىدا دەپنە قىلىنىدۇ. 1516 – يىلى 1 – سەلىم (ياۋۇز سۇلتان سەلىم) شامنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسىگە قاتقان چاغدا، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە مەقبەرە، جامە ۋە بىر ئىمارەت ياساتقۇزىدۇ.
«فۇسۇسۇل ھىكەم» بىلەن 37 توملۇق «ئەلفۇتۇھاتۇل مەككىييە» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ئىلىم يولىدىكى ناھايىتى مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. ئۇنىڭ 500 پارچىغا يېقىن ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەسەۋۋۇپقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى غەرب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبى، شەيخى ئەكبەر، سۇلتانۇل ئارىفىن، خاتەمۇل ئەۋلىيا، قۇتبۇل ھۇمام، ئىبنى ئەرەبى قاتارلىق ئىسىملار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەندەلۇسىيەدە بولسا «ئىبنى سەراقا» دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان.
ئىبنى ئەرەبى، تەسەۋۋۇپ مەپكۇرىسىدا، ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچىلارنىڭ مەنبەسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد (مەۋجۇدىيەتنىڭ بىرلىكى)» مەپكۇرىسىنىڭ باش ۋەكىلىدۇر. ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد مەپكۇرىسىنى قوبۇل قىلغان سۇپىيلار «ئەكبەرىيلەر» دەپ ئاتالغان. ئەكبەرىيلىك، مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبىنىڭ تەخەللۇسلىرىدىن بىرى بولغان شەيخى ئەكبەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەندۇر. سۇپىيلارغا كۆرە، ئۆزلىكىدىنلا مەۋجۇد بولغان مەۋجۇدىيەت بىر بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇدىيىتىدۇر. بۇ مەۋجۇدىيەت ئەزەلىي بولۇپ، كۆپىيىش، بۆلۈنۈش، ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىنىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىراق ھەق شەكىل جەھەتتىن ئەمەس، سۈپۈت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن، پۈتكۈل كۆرۈنۈش ۋە شەخسلەردە مۇتلەق بولۇش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەستىن ۋە ئەسلا ئۆزگەرمەستىن تەجەللى قىلىدۇ. ئوخشىماسلىقلار ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق – جانسىز مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۇنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئارقىلىقلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدۇ. «تەمىنى تېتىمىغان كىشى بىلمەس» مەنتىقىسى بويىچە ئېيتقاندا، «بىلىدىغانلار تەمىنى تېتىغانلاردۇر.»
1240 – يىلى ۋاپات بولغان مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبىنىڭ قەبرىسى ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەرىپىدىن تېپىلىپ، ياساتقۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ياسىلىشى ھەققىدە يېزىلغان بېغىشلىما دىققەت قوزغايدۇ. بېغىشلىمىدا، ئىبنى ئەرەبىنىڭ، «مېنىڭ قەبرەم ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سۇلتانى ياۋۇز سۇلتان سەلىم شامغا كىرگەن چاغدا تېپىلىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top