• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى

ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى

§1 ئىسلام مەدەنىيىتى مەركىزى

ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە، ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ، ئىمپېرىيەدە مىللەت كۆپ، دىن كۆپ بولغان كۆپ مەنبەلىك ئىجتىمائى تۇرمۇش ئومۇميۈزلىك تەرتىبكە چۈشۈرۈلۈشنى تەقەززاقىلاتتى. پۈتكۈل ئىمپېرىيەنىڭ مالىيە كىرىمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ، غايەت زور دۆلەت ماشىنىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتتە بولمىقى، ئىلمىي باشقۇرۇش بىلملىرىنى تەقەززا قىلاتتى. مانابۇلار كۈچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن ئەمدىگىنە مەدەنىي شەھەر تۇرمۇشىغا ئۆتۈۋاتقان ئەرەبلەر ئۈچۈن بىر بوشلۇق، كەمتۈكلۈك ئىدى. ئىمپېرىيىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەنلا ئەرەبلەر دۇنيادىكى ئىلغار مەدەنىيەتلەردىن بولغان يۇنان مەدەنىيىتى، پارىس مەدەنىيىتى، ھىندىستان مەدەنىيىتى، مىسوپۇتامىيە مەدەنىيىتى، شام ۋە مىسىر مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشتى، ئەلھالكى، ئەرەبلەر بىلەن ئىلغار مەدەنىيەتلىك خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا بىر يارقىن سېلىشتۇرما شەكىللىنىپ قالدى. مانا مۇشۇنداق ئىلغار مەدەنىيەتلەرگە روبىرو بولغان ئەرەبلەر كەسكىنلىك بىلەن «سىرتنىڭ پەن- مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كىرىش»تەك ئاقىلانە تەدبىرنى قوللاندى. ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئۇمەۋىييە سۇلالىسى بىخلىنىۋاتقان مەزگىللەردىن ئابباسىيلار سۇلالىسى تۇراقلاشقان ۋە يۈكسىلىۋاتقان دەۋرلەرگىچە بولمىش ئوتتۇرا ئەسىردە «ئالتۇن دەۋر» دە تۇرغانىدى، باغداد، قاھىرە ۋە كوردۇۋادىن ئىبارەت ئۈچ مەدەنىيەت مەركىزىنى مەنبە قىلاتتى.
بىرىنچى، باغداد مەدەنىيەت مەركىزىدە ئەرەب ھۆكۈمرانلىرى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، ئىشلەپچىرىشنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىھتىياجلىرىنى قامداش زۆرۈرىيـىتىدە، پەن- مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنىدى. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ يولغا قويغان پەن- مەدەنىيەت سىياسىتى جەمئىيەت تەرققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغانىدى. سۇلالەنىڭ دەسلەپكى ئىلىم- پەنگە ھۈرمەت قىلىپ، مائارىپنى جانلاندۇرغانىدى. ئۇلار دىننى ئىتىقاد ئايرىمچىلىقى قىلماي، يۇقىرى ھەق بىلەن ئىختىساس ئەھلىنى تەكلىپ قىلىپ، زىيالىلارغا ھۈرمەت قىلىپ، ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئارا ئەركىن مۇنازىرىلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بەنەھايەت قويۇق ئىلمىي كەيپىيات ۋەزىيىتى ياراتقانىدى. باغدادتا پەيلاسوپ ئاقىللار ئەلۋەك، ئەللامەلەر ئۇيۇشقان بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر مەدەنىـيەت مەركىزى بولۇپ قالغانىدى. خەلىپە مەنسۇر ئاستىرونومىيە ۋە تىبابەتكە بەكمۇ مەھلىيا بولغان بولۇپ، ئۇ، مەخسۇس ئاپپاراتلارنى تەسىس ئىتىپ بۇ ئىككى ساھەنى تەتقىق قىلدۇرغانىدى. خەلىپە ھارون رەشىد پەلسەپە بىلەن تەبىئەت پەنلىرىگە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىغا نۇرغۇنــلىغان ئەدىب، ئالىملار جەم بولغانىدى. ئۇ يەنە باغداد خەستەخانە (دوختۇرخانا) سىنى قۇرۇپ، يەھۇدىي دىن مۇخلىسى بەختىشنى مۇدىر قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. ئۇ ۋىزانتىيەگە ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا ئەمىلى ئام ۋە ئەنقارە قاتارلىق جايلاردىن قەدىمكى گېرىتىسىيە قوليازما ئەسەرلىرىنى تېپىپ كېلىپ، ئالىملارنىڭ تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىشىغا يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى. خەلىپە مەئمۇن دەۋرىدە، زور مىقداردىكى گېرىكچە ئەسەرلەرنىڭ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىشى ئەرەبلەرنىڭ ھەرقايسى ئىمىي ساھەلەردىكى پەن تەتقىقاتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئەرەب پەن- مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور تەرەققىياتلارغا يېتىندۈرگەنىدى. ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تىز تەرەققى قىلىشى خەلىپە مەئىموننىڭ پەن- مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇشتەك تۆھپىكارلىقىغا تالىق ئىدى. خەلىپە مەئىمون گۆدەكلىكىدىن باشلاپلا ناھايىتى ياخشى تەربىيە ئېلىپ، مول مەدەنىيەت تارىخ ۋە پەلسەپە بىلىملىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنىدى. ئۇ مەكتەپ ئاچقان، رەسەتخانە (ئابىسۋاتورىيە) قۇرۇپ ئىلمىي فەلەكىيات (ئاسترونومىيە) ئىشلىرىنى يولغا قويغان، ئاقىل- دانىشلار سارىيىنى تەسىس قىلغان. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە بارغاندا، ئەرەب ئىلىم- پەن، مەدەنىيىتى پىشىپ يېتلىپ، باغداد ئەرەب دۇنياسىنىڭ پەن– مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان. ئەرەبلەر مەزمۇنى ئىنتايىن مول قامۇسلارنى يېزىپ چىقىپ، پەلسەپەدە يېڭى تۈزۈلمە بەرپا قىلىشتى، تالايلاپ مەشھۇر پەيلاسوپلار يېتىشىپ چىقتى. دىنىي ئىلىملەرنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى تېـخىمۇ نازۇكلاشقان بولۇپ، تەفسىرشۇناسلىق، شەرھىي ھەدىس، ئىلمىي تەھۋىد، فىقھە، تىلشۇ- ناسلىق، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىنسانشۇناسلىق ئىلىملىرىدە، ھەمدە يەنە تىبابەت، خىمىيە، ماتېما تىكا، ئاسترونومىيە، زوئولوگىيە، بوتانىكا قاتارلىق تەبىئي پەن ئىلىملىرىدىمۇ كۈنسىرى يۈكسىلەشلەر روياپقا چىقتى. بۇ قاتارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەرەبلەرنىڭ نەزەرىنى قەبىلە جاھاندارچىلىقىدەك تار دائىرىدىن ھالقىتىۋەتتى، بەلكى، ئۇلارنى قۇيرۇقىدىن يۆلەپلا زامانىسىدىكى ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەتـلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويدى. باشقا ئەل، يات قوۋملارنىڭ كۆز چاقنىتار پەن- تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جاۋاھىراتلىرى ئەرەبلەر پاراسىتىگە غايەت زور تۈرتكە بولدى.
يۈز يىللاپ ئېلىپ بېرىلغان تەرجىمە ھەرىكىتى جەريانىدا، ئەرەبلەر گېرىتىسىيە كلاسسېك قامۇسلىرىدىن لوگىكىنى ئۆگىنىۋېلىپ ئىسلامىيەت ئىلمىگە لوگىكا ئىلمىنىڭ تامغىسىنى باستى. ئارېستو تىل لوگىكىسىدىكى ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئانالتىك ئۇسۇلنى شەرىئەت تەتقىقاتى، گرامماتىكا، تىل تەتقىقاتى ۋە پەلسەپە تەتقىقاتلىرىغا كېڭەيتىپ تەدبىقلىغان. ئەرەبلەر گېرىك پەلسەپە- سىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغانلىقتىن ئەرەب ئېمپىرىيىسىدە بىر تۈركۈم ئنسلىكلوپىدىك ئالىملار مەيدانغا كېلىپ، ئەرەب ئارېستوتىلچىلار ئېقىمى شەكىللەنگەن، مەزكۇر ئېقىم ئوتتۇرا ئەسىر پەلسەپەسى ۋە ئىلىم- پەن تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. ئۇلار پارس كلاسسك ئەسەرلىرىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش شەكىللىرىنى ئۆگىنىۋېلىشقان. ئۇلار پارىس ساسانىيە سۇلالىسىغا تەقلىد قىلىپ، ۋەزىر- ۋۇزۇرا، ئەمىرۇل- ئۆمەرالىق ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، يېڭىچە بىر ھۆكۈمرانلىق تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، غايەت زور ئېمپىرىيە دۆلەت ئاپپاراتىنى ئۆنۈملىك ئايلىنىشىنى روياپقا چىقارغان؛ ئۇلار ھىندىستاننىڭ كلاسسىك نوملىرىدىن پەلسەپە بىلەن ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىپ يەنە ھىندى ماتېماتكىسى ئاساسىدا ھەندەسە (ئالگېبرا) نى ياراتقان، كىشىلەر شۇ كۈنلەرگىچە ئەسلىدىكى ھىندى رەقىمىنى «ئەرەب رەقەمى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. باغداد مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ نەتىجىلىرى زاما- نىسىدىكى مەدەنىيەت ئالىمىنىڭ ئەڭ يۈكسەك مۇۋۋەپپەقىيەتىدۇر. خۇددى رېبىن «ئەرەب مەدەنىيەت تارىخى» دېگەن كىتابىدا ئېيتقىدەك «15- ئەسىرگە كەلگىچە، ياۋروپا ئالىملىرىدىن ئەرەب (ئىسلام) ئىلمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغىنىدىن بىرەرىمۇ يوق» ئۇلار يا ئەرەبلەرنى ئۇستاز تۇتقان، ياكى ئەرەبچە كلاسسېك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغانىدى. ئەرەبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپمۇ پەن- تېخنىكا ئەسەرلىرى ياۋروپادىكى ھەرقايسى كاتتا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، 500 يىلىدىن ئارتۇق دەرسلىك قىلىپ قوللۇنىلـغانىدى.
باغداد مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەقققىياتىمۇ كىشىنىڭ نەزەرىنى مەھلىيا قىلاتتى. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچۈلىكى ساۋادسىزلاردىن ئىدى. ئىسلامىيەت گۈللەنگەندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن تەرغىبات قىلغانىدى. ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن توغرا يولنى تەشۋىق قىلىمەن، ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرزلىكىنى تەرغىب قىلىمەن» دېگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەبلەر قەلبىدە شۇنداق بىر ئىتىقاد شەكىللەنگەنكى «ئىلىم- ئىرپان ئىزدەش ئەر- ئايال مۇسۇلمان بەندىسىنىڭ تەبئىي بورچىدۇر» ئۇ زاماندا، ئاساسلىق ئۆگىنىش سورۇنى مەسجىد- مەدرىسەلەر بولۇپ، ئوقۇش- ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى مەزمۇنى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شىرىپ» بولغانىدى. ئىسلام مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ھەقىقى يۈكسەك روناق تېپىشى ئابباسىيە سۇلالىسىنىڭ باغداد شەھىرىدە بولغانىدى. مەسجىد- مەدرىسە ھامان مەدەنىيـەت، مائارىپنىڭ مەركىزى بولغان. ئەينى زاماندا باغداد شەھىرىدە مەسجىد- مەدىرىسە30مىڭغا يەتكەن. زامانىسدا باشلانغۇچ مەكتەپكە بارابەر بولغان «كۇتاب» (خۇسۇسى موللاملار ئاچقان مەكتەپ) لەر پۈتكۈل شەھەر ھەمدە ئەتراپتىكى يېزا- قىشلاقلارنى قاپلىغان. مەكتەپلەردىكى ئۆتۈلمىش دەرسلىكلەر «قۇرئان كەرىم» نى ئاساس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىرائەت قىلىشنى ئۆگىنىش ھەمدە يەنە ھۈسنىخەت، سەرف نەھۋى قاتارلىقلارنى ئۆگىنەتتى. بۇلاردىن باشقا يەنە پەيغەمبەرلەر قىسسەسى، ھېساب ھەمدە شېئىر ئىبارىلىرىنى ئۆگىنەتتى. ئوقۇتقۇچىلار «مۇئەللىم» ياكى «فىقھ» دەپ ئاتىلاتتى. شاھ جەمەتى ئاقسۈڭەكـلەر ئائىلىلىرى مەخسۇس ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، پەرزەنتلىرىگە دىنىي ئىلىم ۋە ئەدەبىيات ياكى شېئىر ئىجادىيىتى قاتارلىقلارنى تەھسىل قىلغۇزاتتى. قىزلارمۇ ئىپدائىي دىنىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا نائىل بولاتتى. يۇقىرىقىلاردەك مۇقىم، تەرتىبلىك ئوقۇش- ئۆگىنىش سورۇنلىرىدىن باشقا يەنە دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئەدىبلەر باشقۇرغان ئەنجۈمەنلەرھەرخىل ئىلىم ۋە سەنئەتلەرنى تارقىتىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتى. خەلىپە مەئىمون باغدادتا تەسىس ئەتكەن «پاراسەت سارىيى» ئىسلامىيەتتىكى تۈنجى ئىلمىي ئاپپارات، شۇنداقلا ئىسلام دىندىكى تۈنجى ئالىي مائارىپقا خاس مەكتەپ بولۇپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھەممىسنىڭ ئىلمى چوڭقۇر، زاكاۋەت (تەربىيەت مىتود) لىرى چوڭقۇر ئالىملاردىن ئىدى.
ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە پەقەت مائارىپ ئىشلىرىلا تەرەققىي قىلىپ قالماي، بەلكى، يەنە كۈتۈپخانا، كىتابخانىلەردەك مەدەنىيەتنى ساقلاش ۋە تارقىتىش ئەسلىھەلەرمۇ گۈللەنگەنىدى. ئادەتتىـكى مەسجىدلەرنىڭ ھەممىسدە دېگۈدەك مول كىتاب، ماتېرىياللار ساقلانغان كۈتۈپخانىلەر بولاتتى، ھەرقايسى جايلاردا دۆلەت ياكى شەخسلەر ئىگىدارلىقىدىكى كۈتۈپخانىلەر بولۇپ، بىرقىسىم كۈتۈپخانىلار تەتقىقات ئىشىلىرىگە ھەمدەمدە بولىشاتتى. زامانىسىدا شەخسى كىتاب ساقلاش بىر تۈرلىك مودىغا ئايلانغانىدى. 10- ئەسىرىدە، بىر تۈركۈم ئەرەب شاھ، شاھزادىلەر ساقلىغان كىتابلارنىڭ جۇغجەمئىيسى ياۋروپادىكى بارلىق كۈتۈپخانىلەردە ساقلانغان كىتابلار جۇغجەمئىيسى بىلەن تەڭداشلىق تالىشالايتتى، گاھىبىر كىتاب ساقلىغۇچىلارنىڭ كىتابلىرىنى توشۇش ئۈچۈن تۆت يۈزلەپ ئاتان تۆگە لازىم بولاتتى. ئالىملار بىرەر ئەسەرنى يازغان ياكى تەرجىمە قىلغىنىدا، ئاۋۋىلىدە كۈتۈپخانىنىڭ ساقلىشىگە تەقدىم قىلىشاتتى. بۇھال ئەرەبلەرگە تاكى بۈگۈنگىچە بىر ئەنئەنە بولۇپ ئىزچىل ساقلىنىپ كەلمەكتە. كىتابخانا ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مەيدانغا چىقىشقا باشلاپ، 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا باغدادتا يۈزگە يېقىن كىتابخانا مەيدانغا كەلگەن. كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھۈسنىخەت، ئەدەبىيات ساھەلىرىدىكى ئەللامەلەر بولۇپ، بىرقىسىم كىتابخانىلەردە قەدىمىي كىتابلار باھالاش مۇتىخەسىسلىرى، كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ ھەمدە ئەدىبلەرنىڭ توپلىنىش سورۇنلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئامېرىكالىق مەشھۇر شەرقشۇناس نېكىر سىن «ئىسلامىيەت سوپىزم تارىخى. كىرىش سۆز» دە: «بىرتۈرلىك پاراسەتنىڭ پائالىيىتى، ماددىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پارتلاپ چىقىدۇ؛ بۇنداق پائالىيەتنى شەرق ئەھلى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدى. يۇقىرىدا خەلىپە، تۆۋەندە ئاۋام بولۇپ، ھەممسى تاسادىپىي بىرھالدا، تالىپ ياكى ئەدەبىيات مۇكاپاتى لائوريانىتلىرىدىن بولۇپ قېلىشتى. ئادەتتىكى كىشىلەر ئىلىم ئىزدەپ ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق ئۈچ چوڭ قىتئەنى ساياھەت قىلىپ چىقاتتى، ئاندىن كېيىن خۇددى ھەسەل ھەرىسى گۈل- چېچەكتىن ھەسەل چەككىلىـگەندەك ھەسەل يىغىپ قايىتىپ كېلىشەتتى، ئۇلارتوپلىغان گۆھەرلىرىنى غەيرەت- جاسارەتـلىرى ئۇرغۇپ تۇرمىش تالىپلارغا بېرەتتى، ھەمدە ھارماي- تالماي ئىشلەپ نۇرغۇنلىغان نادىرانە كىتابلارنى تۈزۈپ چىقاتتى، ئۇلارنىڭ بۇنداق مىھنەتلىرىدە روياپقا چىقمىش ھاسىلاتلارنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنىسلوپدىك قامۇسلار بىلەن ھۈسىن تالىشالايدۇ، بەلكى يەنە، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئىلىم- پەنگە بولغان تۆھپىسى ئادەتتىكى ئادەملەر تەسەۋۋۇر قىلالماس دەرىجىدە يۈكسەك بولغان» دەپ يازغانىدى.
ئىككىنچى، كوردۇۋا مەدەنىيەت مەركىزى ئەرەبلەر ئىسپانىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئەرەبلەرھەم باشقا مىللەتلەر ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئورتاق يېزىپ چىققان پارلاق يېڭى سەھىبەدۇر، كوردۇۋا بولسا ئىسلام مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغانىدى. ئىسپانىيە بولسا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىشىدىكى بىر مۇھىم كۆۋرۈك بولغان. ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ھەر تۈرلىك ئەسەرلەرنىڭ كۆپچۈلىكى مۇشۇ يەردە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ياۋروپاغا تارقالغان. زامانىسىدىكى كوردۇۋا شەھىرى ئىلىم تەلەپكارلىرى قاينىغان، ھۈنەرۋەنلەر توپلاشقان، مەدەنىيىتى تەرەققىي تاپقان، ئىلىم- پەن روناق تاپقان شەھەر ئىدى. ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىن ئوقۇغۇچىلار ئىسپانىيەگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنى ياۋروپاغا تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ قالاتتى. ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپا ئاتالمىش «زولۇمەت دەۋر» دە تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئىسلام مەدەنىيىتى ياۋروپاغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن ياۋروپا پاراسەتنىڭ مەشئەلىنى ياندۇرۇپ، ياۋروپا مەدەنىيەت- سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى مەيغانغا چىقارغان. ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرى ياۋروپا مەدەنىيەت تارىخىدا، ھەتتا دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا غايەت زور تۆھپە ياراتقان، شۇڭا، «دۇنيانىڭ بىلىيارت تاجى» نى كىيگەن.
كېيىنكى ئۇمەۋىييەلەر سۇلالىسىنىڭ شاھ- شاھزادە، ۋەزىر- ۋۇزۇرالىرى مەدەنىيەت تەربىيىلىنىشىنى بىر ئالىي پەزىلەت دەپ بىلشەتتى. ئابدۇرەھمان Ⅱئىلىم تەھسىل قىلىشقا ھېرىسمەن ئىدى، ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا بىلەن ئەمەلدار ۋە رەئىيە قەلبىنى پەتھىي قىلماق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىشىلىك تەبئىتىنى ئۆزگەرتىپ باراتتى. ئۇ سىياسىي جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ باغداد بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشالايتتى. نەچچە ئون يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلەر ئارقىسىدا، ئابدۇرەھمان Ⅲنىڭ دەۋرىدە، شەرق ئەرەب- ئىسلام ئىدىئولوگىيە ۋە مەدەنىيىتى تامامەن دېگۈدەكلا ئىسپانىيەگە يۆتكەپ كېلىنگەن، ھەمدە قىسمەن قايتا ئىجادلار قىلىنغان. ئەرەب- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك ۋاخىنىلارغا كۆتۈرۈلۈپ، بەرق ئۇرۇپ تۇرار مەزگىللىرىدە، ئىسپانىيە ئالىملىرى ھەمدە تالىپلىرى مىسىر، شام (سۈرىيە)، ئىراق، پارىس، ھەتتا، ئوتتۇرا ئاسىيالارغا تارقىلىپ، تەتقىقات ۋە تەھسىللەر بىلەن مەشغۇل بولغانىدى. بىر قىسىم شەرق ئالىملىرى ئىسپانىيەگە تەكلىپ قىلىنىپ دەرس بەرگۈزىلەتتى. كۆپ ئۆتمەيلا، شەرق دانىشلىرى، تالىبەنلىرى ئىسپانىيەگە كېلىپ ئۇلار شەرقتە ئۆگىنەلمەيدىغان نەرسىلىرىنى ئۆگىنىشەتتى.باغدادتىن كوردۇۋاغا بارار مەنزىللەردە بېرىش– كېلىشلەر سەپىرىدە يۈرگۈچىلەرنىڭ كارۋانلىرى ئۈزۈلمەيتتى. كوردۇۋا، تولىدۇ، سېرۋىيە، مالاقا ۋە گرانادا قاتارلىق شەھەرلەردە تامامەن دېگۈدەكلا ئۇنىۋېرسىتېتلەر ئېچىلغان. كوردۇۋا دارىلفونۇننى ئابدۇرەھـمان قۇرغان بولۇپ، مىسىردىكى ئەزھەردارىلفونۇن، باغدادتىكى نەززامىيە دارىل فونۇن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئەينى ۋاقىتلاردىكى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەكتەپلەردىن ئىدى. كوردۇۋا ئونىۋېرسىتىتېدە تەسىس ئېتلگەن دەرسلىكلەر ئىلمىي تەجۋىد، فىقھە، فەلەكىيات ئىلمى، ماتېماتىكا ۋە تىبابەت قاتارلىق ئىلملەر ئىدى. ھەكەمⅡزورمىقداردىكى ئالتۇن- تىللانىڭ كۆزىگە قارىماي ئالىملارنى ئىسپانىيەگە تەكلىپ قىلىپ مۇددەرسلىك قىلغۇزاتتى. تارىخشۇناس ھەم تىلشۇناس ئىبنى گوتەييى، باغدادلىق تىلشۇناس ئەبۇ ئەلى خالىددىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىسپانىيەگە بېرىپ، دەرس بەرگەنىدى. كوردۇۋا دارىلفونۇنى نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ۋە خىرىستىئان ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلغان، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مىڭغا يەتكەنىدى. ئۇلار پەقەت ئىسپانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلرىدىنلا كەلگەنلەر بولماي، بەلكى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىلاردىكى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ئىسپانىيە دارىلفونۇنىنىڭ تەتقىقاتچىلىق ئاتموسفراسى بەكمۇ قويۇق بولۇپ، دائىم تۈرلىك ئىلمىي يىغىلىشلار ئۆتكۈزىلەتتى، يىغىنلاردا ئەللامەلەر شېئىرلىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتىسىيە قىلىشاتتى ياكى ئىلمىي دوكلادلارنى قىلىشاتتى.
مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كۈتۈپخانىچىلىقمۇ ناھايىتى تەرەققى قىلغان. كوردۇۋا شەھىرىدە 70نەچچە كۈتۈپخانا بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە خانلىق كۈتۈپخانىسى ساقلىغان كىتاب 400 مىڭغا يەتكەن. پەقەت كىتاب كاتولوگىلا44 جىلد بولۇپ، ھەربىرجىلد 50 بەتتىن ئىدى. بۇ كۈتۈپخانىنى باشقۇرغۇچىلار500 كىشىگە يەتكەن، يەنە دۇنيا ھەرقايسى جايلىرىغا كىتاب توپلاش ۋە سېتىۋېلىشقا نۇرغۇ كىشى ئىبەرتىلگەن، دۆلەت كىتاب ئۈچۈن زور مەبلەغ چىقىم قىلىشتىن قاچمىغان، باغداد، دەمەشىق، قاھىرە ۋە ئالىكساندىرىيە قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن خانلىق كۈتۈپخانا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىتاب ياكى قوليازمىلار سېتىۋېلىغان ياكى كۆچۈرۈپ ئېلىنغان
كېيىنكى ئۇۋىييە سۇلالىسى ناھايىتى نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، ئۇلار ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى ياراتتى. ئىسپانىيەدىكى ئەرەب ئەدەبىياتىـنىڭ ئىسپانىيە ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭقۇر. ئەرەبچىگە قېنىق بولغان مۇرداۋالالىقلار كوردۇۋادىكى ئىسلام مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى كوردۇۋادىن شىمال ۋە جەنوبدىكى ھەرقايسى خىرىستىئان دۆلەتلىرىگە تارقىتاتتى. دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «دونكىخوت» نى سېرۋانتىس (1616- 1547) ئەرەبچە ھېكايىلەر ئۆرنەكلىكىدە مەيدانغا چىقارغان.
تارىخشۇناسلىق جەھەتتە مەشھۇ ئالىم ئىبنى گوتەييى كوردۇۋادا توغۇلغان، ئۇنىڭ مۇھىم ئەسىرى «ئاندالوسىيەنىڭ ئىستىلاھ قىلىنىش تارىخى» بولۇپ، ئەسەرنىڭ فرانسوزچىسىمۇ بار. ئەڭ مەشھۇر قىسسە يازغۇچىسى ئىبنى فارادىنىڭ (1013- 962) مۇ كوردۇۋادا توغۇلغان، زامانىسىدا ئوقۇتقۇچى ۋە بارونىسىيەنىڭ قازىسى ئىدى، ئۇ «ئاندالوسىيە ئالىملىرىنىڭ قىسسەسى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرغان. كوردۇۋالىق ئىبنى باشقۇل (1183- 1101) «ئاندالوسىيە ئالىملىرى قىسسەسىنىڭ داۋامى» نى يازغانىدى. بارونىسىيەلىك ئىبنى ئاربا (1260- 1199) «ئاندالوسىيە ئالىملىرى قىسسەسىنىڭ داۋامىنىڭ تولۇقلىمىسى» نى يازغانىدى. رىزائىددىن. ئىبنى خايتوپ (1374- 1313) ئاخىرقى دەۋردىكى مەشھۇر تارىخشۇناستۇر، ئۇنىڭ ئەجداتلىرى شام (سۈرىيە) دىن ئىسپانىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئەرەبلەردىن ئىدى. ئۇ گرىنادا سۇلالىسىنىڭ «قەلەم ھەم ئەلەمدە يىتۈك ۋەزىر» ى بولغان ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى «گرىناداتەزكىرىسى» بولۇپ، ئەسەردە ئىسلام دىننىڭ ئىسپانىيەدىكى ئىجتىما ئىي ئەھۋالى، سىياسى تۈزۈلمىسى، ھەربىي قۇرۇلمىسى، ئۆرپ- ئادەتلەر، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە ئىلىم ئېقىملىرى بىرقەدەرتەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان، ئەسەردە يەنە گرانادانىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى ئالىملىرىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان.
يەنە بىرى بولسا، «ئىجتىمائى پەننىڭ ھەقىقىي ئاساس سالغۇچىسى» نامىنى ئالغان ئىبنى خېلدون (1406- 1332) دۇر، ئۇ ستسىلىيەدىكى بىرئاقسۈڭەك ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئەجدادلىرى يەمەن دىكى خادرامائوتلاردىن بولۇپ، 8- ئەسىردە، ئىسپانىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ «ئىسلامىيەتتىن كېلىپ چىققان ئەڭ ئۇلۇغ تارىخشۇناس پەيلاسوپ، شۇنداقلا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى» بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسىرى «ئەرەبلەر، پارىسلار، بەربەرلەرتارىخىدىكى كۆپتۈرمىلەر ۋە ئەسلى ھالەت» بولۇپ دۇنيادا ناھايىتى زور شۆھرەتكە مۇشەررەف بولغانىدى. ئەنگىلىيە ھازىرقى زامان تارىخشۇناسى ھىنرى كولىن ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ «ئۇ ئەرەبلەردىن چىققان بۈيۈك تالانت ئىگىسى، ئۇ بالاغەتكە يەتكەن بىر ئادەمنىڭ 54 يىللىق خىزمەت مەنزىلىدە، تۆت يىلغا يەتمىگەن ۋاقتتىكى پىنھانلىققا چۈكۈش تۇرمۇشىدا بىر ئەسەر تاماملىدى، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۆمرىدىكى ئىشلىرىنىڭ چوققىسىغا چىقتى. ئۇنىڭ ئەسىرى جارى قىلغان نەزەر دائىرىسىنىڭ بۇقاتارلىق كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى، زېرەكلىك ئىستىدات ۋە پاراسەت قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە توكىيدىرس ياكى ماجياۋىللى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ھۈسىن تالىشالايدۇ. ئىبنى خېلدوندىن ئىبارەت بۇ چولپان ۋە ئۇ يېرىپ ئۆتكەن زۇلۇمەت تۈن ئاسمىنىنى توكىيدىرس، ماجياۋىللار دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ تېخىمۇ نۇرلۇق بولۇپ كۆز چاقنىتىدۇ؛ چۈنكى توكىيدىرس، ماجىياۋىللى ۋە كرالىندۇنلارنىڭ ھەممىسى پارلاق دەۋر ۋە رايونلارنىڭ ۋەكىلى ئىدى، ئىبنى خېلدون بولسا، ئۆزىنىڭ ئاشۇ قاراڭغۇ تۈن ئاسمىنىدىكى بىردىن- بىر پارلاق نۇر توچكىسى ئىدى. ئۇ تەۋە بولمىش ئاشۇ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت پۈتۈن ھالىتى بىلەن دۇنيادىن ئايرىلغان، نامرات، پاسكىنا، ياۋايى ۋە يىتىشسىز بىر ھالدا ئىدى، مۇشۇنداق مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇ ھەقىقىتەنمۇ ئەڭ ئالدىغا ئوزۇپ چىققان مۇنەۋۋەر شەخستۇر. ئۇ تاللىغان ئەقلى پائالىيەت دائىرىسىدە، ئۇ ھېچقانداق پىشۋانىڭ تەلىمىگە نائىل بولالمايتتى، ئۆزىنىڭ زامانداشلىرى ئىچىدىنمۇ ھېچقانداق سىرداش ئۇچرىتالمىغان، بەلكى، ھېچقانداق كېيىنكى ۋارىس بولغۇچىلار پاراسەت چېقىنلىرى يېتەلمەس تەروزدە پەللىگە يەتكۈزگەن؛ يەنە شۇنىڭدەك، «كۆپتۈر مىلەر» نىڭ «كىرىش سۆز» ىدە، ئۇ، بىر تارىخ پەلسەپەسىنى نازۇكلۇق بىلەن پىكىر تەرتىبىدە قۇراشتۇرۇپ ۋە توغرا ئىپادىلەپ چىققان، بۇ شۆبىھىسىزكى، قېدىمدىن بۈگۈنگىچە جاھاندىكى مۇشۇنداق ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىرىدۇر. دەل ئىبنى خېلدوننىڭ ئالدىراش ئەمەلىي ھەرىكەت- پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكەن ئۆمىرىدە، مۇشۇ قىسقىغىنە بىر‹پىنھانلىققا چىكىنىش› ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىجادىي تەفەككۈرىنى بىر ئەسەرگە يۇغۇرىۋېتىش پۈرستىنى بەرگەن.»
ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلاردىن يەنە بىر ئۇلۇغ سىياسى تارىخچى ئىبنى ھەييان (1076- 988) يېتىشىپ چىققان. ئۇ كوردۇۋالىق بولۇپ، ئەللىك پارچىگە يېقىن ئەسىرى بولغان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقالغان بولۇپ، بىزگە يېتىپ كەلگىنى پەقەت «ئاندالوسىيە مەشھۇر شەخىسلىرى تەزكىرىسى» دىن ئىبارەت. ئۇنىڭ كوردۇۋا خەۋپ ئاستىدا قالغان مەزگىللىرىگە ئائىد ۋاقىئاتلار خاتىرىلىرى، ساھىبى تاج بىلەن رەئىيەنىڭ پىسخىك پەرقلىرى، مۇسۇلمانلار ئىسپانىيىسىنىڭ زاۋاللىققا مۇپتىلا بولۇش سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىشلىرى، مۇسۇلمان تارىخشۇناسلار ئارىسىدا سېلىشتۇرۇپ بولماس ئۈلگە ياراتقان.
ئىسپانىيە ئىسلامىيەت ئالىمى ئەلى ئىبنى ھەزىم (1063- 994) ئىجادى بايقاشلارغا باي بولغان بىر پەيلاسوپ، مۇتەككۇلىمۇن، فىقھە ھەم شائىردۇر. ئۇ ياشلىق مەزگىلىدە ۋەزىر سالاھىيىتىدە ئىسپانىيە ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ ئوردىسىدا بولغان، كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، پىنھانلىقتا تۇرمۇش كۆچۈرۈپ، يېزىقچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغانىدى. ئۇنىڭ تارىخشۇناسلىق، ئىلمىي تەجۋىد، ھەدىسشۇناسلىق، لوگىكا، شېئىرىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەسەرلىرى 400 پارچىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بۈگۈنگىچە ساقلانماقتا، بولۇپمۇ شۇلار جۈملىسىدىن «دىنىي مەزھەپلەر ۋە چەكتىن ئاشقۇچىلارغا تەنقىد» ناملىق ئەسىرى ئەڭ قىممەتلىكتۇر. مەزكۇر كىتاب سېلىشتۇرما دىنشۇناسلىق مەۋقەسىدىن چىقىپ، ئىسلام دىن، يەھۇدىي دىنى ۋە خىرستىئان دىنلارنىڭ دىنى ئەقىدىلىرىنى ئومۇملاشـتۇرۇپ ۋە سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ، يەھۇدىي دىن ۋە خىرستىئان دىننىڭ مۇناسىۋەتلىك دىنىي ئەقىدىلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئىسلام دىننىڭ ۋەھدەدۇل ۋۇجۇد ئەقىدىسىنىڭ ھەقىقىتىنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇ كىتابىدا ئىسلام دىندىكى ئاساسلىق مەزھەپلەرنى تەقرىزلەپ چىقىپ، ئەشئەرىيە مەزھىپىنىڭ ئاللاھنىڭ ماھىيىتىدىن تاشقىرى يەنە بىريۈرۈش ھەرىكەت- ئەفئاللىرى بولىدىغانلىقى خۇسۇسىدىكى نوقتىئىينەزەرلىرىگە رەددىيەلەر بېرىدۇ. ئىبنى ھەزىم بىر مۇتتەسىپ ئىسلام ئالىمى، بىراق ئۇ «ئىنجىل» گە قىلغان تەنقىدلىرىنىڭ مۇتلەق زور سالمىقىدا ساغلام ئەقلىيلىكنى ئاساس قىلىدۇ.
پەلسەپە جەھەتتە، مۇسۇلمان ئالىملار گېرىك پەلسەپەسىنى ئىجتىھاد بىلەن ھارماي- تالماي قىتىرقىنىپ ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان. ئۇلار ئارىستوتىلنى ئالاھىدە نوقتىلىق تەتقىق قىلشقانىدى، ئارىستوتىل خۇسۇسىدا يېزىلمىش نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر تۈرلىكچە مەۋقەلەردىن ئوخشىمىغان كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى ئەجدادلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرىـدىن ۋەكىللىك شەخس ئىبنى باجە (ئافىنپاس، ‹ياۋروپالىقلارنىڭ ئاتىشىشى›1138- 1082) ئىبنى تۇفەيلى (1185- 1100) ۋە ئىبنى روشىدى ( (ئاۋىل لويى، 1198- 1126) قاتارلىقلار غەربتىكى ئەڭ مەشھۇر مۇسۇلمان پەيلاسوپلاردۇر.
ئىبنى باجەنىڭ زور زېھىن قۇۋۋىتىنى ئارىستوتىل ھەمدە باشقا پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزاھاتلاشقا قاراتقانىدى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «تەنھالىقتا ياشىغۇچىلارغا كۆرسەتمە»، «جۇدالىق ھەققىدە»، «باغلىنىشلار توغرىسىدا»، «روھىيەت خۇسۇسىدا» قاتارلىقلار. پەلسەپەدە، ئۇ ئارىستوتىلنىڭ ئەقلىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ۋە فارابى پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، نوقتىلىق ھالدا تەبىي پەنلەر ۋە لوگىكا تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ، پەلسەپەنى دىن ئىچىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئورۇنۇشلىرى كۈچلۈك جاھاندارچىلىق خاھىشىگە ئىگە. ئۇ پەلسەپەنى تەتقىق قىلىشتىن مۇددىئاپاراسەتكە، ئەخلاق ۋە بەختكە مۇيەسسەر بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ھاسىلاتتا «پەزىلەتـلىك شەھەر»دىن ئىبارەت جەمئىيەت بەرپا قىلشىتىن ئىبارەت، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭچە پەيلاسوپلار ئابېستراكت، ساپلىق ئالىمىدە، بىر مەنتىقە يېتەكچىلىكىدىكى ئۇقۇملاشقان دۇنيادا ياشىمىقى، ئالامان غەۋغاسىغا تولغان، چاكىنا، ھوزۇر- ھالاۋەت ھەلەكچىكىدىكى جاھاندىن ئايرىلغان رەۋىشتە ياشىمىقى جائىزدۇر، دەپ قارايدۇ. ئۇ تەسۋىرلىگەن غايىۋى دۇنيادا پادىشاھ، قازى، دوختۇرلار يوق، ئىختىلاپ ۋە سىياسىي بولمىغاندا، ئالدامچىلىق ۋە جىنايەت بولمايدۇ، كىشىلەر بىرى- بىرىگە كۈيۈنۈپ ۋە مىھىر- مۇھەببەتلىك بولۇپ، تەبئىيلىك خاھىشى بويىچە ياشايدۇ، بەلكى مۇشۇ غايىۋى دۇنيانى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى ئەخلاقى روھنى تاۋلاش ۋە مەنىۋېيەتنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش جەريانى بولۇپ قالىدۇ.ئۇ سىرتقى ئالەم ماددا مەۋجۇدلىقنىڭ ئەڭ ئالىي فورمىسى روھتۇر، ماددىنىڭ ھەرىكىتى يەنە ماددىنىڭ ماھىيىتى ئەمەس، دەپ قارايدۇ. پاراسەت روھىي ھالدىن ئېقىپ چىقىدۇ، ئادەم تەپەككۈر قىلىشلار ئارقىسىدا، پەيدىنپەي ماددىنىڭ مەھلىيالىقىدىن ئادالىنىپ ئەخلاقنى پاكلاشقا يېتىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى ھاسىلاتتا مۇكەممەل ئىزگۇلىق بىلەن ئىلاھى روھ قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ياۋروپا پەلسەپىسىگە مۇئەييەن رەۋىشتە تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
ئىبنى باجەدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچىسى سۈپىتىدە، ئىسپانىيە پەلسەپەسىنىڭ ئەللامەسى بولغان ئىبنى تۇفەيلى ياشلىق مەزگىلىدە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، سىرۋېيە، گرىنادالاردا ئىبىن سىنا، ئىبنى باجەلەرنىڭ پەلسەپە، تىبابەت، ماتېماتىكا ئاسترونومىيە ۋە ئەدەبىياتقا ئائىد ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان. ئەرەب تارىخشۇناسلىرى ئۇنى «ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر» ۋە « ئەقلىيلىك پەلسەپىسىنىڭ پەيلاسوپى» دەپ مەدھىيلىگەنىدى. ئۇنىڭ مەشھۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر بىلەن ئىجادقىلىنغان ئەسىرى «ھەي! ئىبنى يەقىزان» ئادەمنىڭ پاراسىتى ئىلاھىي پاراسەتتىن كەلگەن دېگەن مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ، تەرك دۇنيا بولۇپ يىتىم ئارالدا پىنھانلىقتا ياشاۋاتقان «تەبئىيلىكتىكى ئادەم» نىڭ ئۆز- ئۆزىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش جەريانىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ۋە كۆز قارىشىنى بايان قىلغانىدى. ئۇپۈتكۈل ئالەم شارسىمان جىسىملاردىن تەركىب تاپقان، زېمىننىڭ ئۆزى شارسىمان، قۇياش يەرشارىدىن كۆپ دەرىجىدە چوڭ بولغان شار- سىمان جىسىم، دەپ قارىغانىدى. ئالەم ۋە جاھاندىكى بارلىق شەيئىلەر ئەزىلى مەۋجۇد ئەمەس، بەلكى، ياراتقۇچى ياراتقان، ئادەم ئۇلارنى بىلەلەيدۇ. پۈتكۈل شەيئىلەر ھەرىكەت مەنبەسى «ئاللاھنىڭ ھەقىقىتى» ئاللاھ ئالەمگە ئىگىدارلىق قىلىپ ئۇنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈرىدۇ. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە، ئۇ ئادەمنىڭ بىلىشىنى بىۋاستە بىلىش ۋە ئەقلىيلىك ھالدا بىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىپ، پەقەت ئەقلىي بىلىشلا ئاندىن تەبىئەتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ، يېڭى ئەپلاتونىزم ۋە مىستىتسزملىق ئىدىئولوگىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، ئادەم تەفەككۈر ئالىمىگە شۇڭغۇپ پىكىر قىلىش ۋە روھىيەتنى پاكلاپ ئالىي مۇقامغا يېتىشى بىلەن ئاندىن «ئاللاھنىڭ ھەقىقىتى» نى چۈشىنىش ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش مۇمكىن. ئادەتتە ئادەملەر بىلىم ۋە ئىستىداتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن پەقەت ئاددىيلا دىنى ئەھكاملارغا ئەقىدە قىلىدۇ، يۈكسەك مۇقامدىكى ھەقىقەتكە يېتەلمەيدۇ، ئازسادىكى دانالارلا «ئاللاھنىڭ ھەقىقىتى» نى تونۇيدۇ، بىراق، ھەقىقى تۈگەللىكتىكى پاراسەت بىلەن ئاللاھنىڭ بىشارەتى ۋە ھېكمەتلەرنى پەقەت ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يەتكەنلەرلا بىلەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئۇ دىنىي پەلسەپە ئىجىل- ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تۈرلىك مەنزىللەر بىلەن مېڭىپ ئاقىبەتتە ئورتاق بىر ھەقىقەتكە يېتىش مۇمكىن، دەپ قارىغان. ئۇ، زامان ۋە ماكان مەڭگۈلۈك، تەبىئەت دۇنياسى ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغاچقا، جانلىقلار جانسىزلار تەرەققىيات، ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان، دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ پىكرىچە، تۈرلىكچە قىممەتلەرنى قوغلىشىـۋاتقان پەيلاسوپلار ئاۋامغا دېيەرلىك نەزەر سالمىقى ۋاجىب، ئاۋامنىڭ نادان تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە تەفەككۈرلەر ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ھەق يولىغا باشلىمىقى لازىم.
ئەڭ مەشھۇر غەرب ئىسلام پەيلاسوپى ئىبنى روشىد كوردۇۋادا توغۇلغان، ئىسلام شەرىئەت قازىسى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن، ئىسىل تەربىيە كۆرگەن، ئىلىم تەھسىل قىلىش، شەيئىلەر ھەقىقىتىنى بايقاشقا ئىچكىرىلەپ كىرىش روھىغا بەكمۇ باي ئىدى. ئۇ پىداكارلىق بىلەن ئارېستوتىل پەلسەپەسىنى تەتقىق قىلىپ، ناھايىتى زور زېھىن قۇۋىتىنى سەرىپ قىلىشلار ئارقىلىق ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە تەفسىر يېزىپ چىققانىدى، بەرابەر ئۇلۇغ تەپسىرشۇناس دەپ تەرىپلەنگەنىدى. ئىبىنى روشىد نىڭ ئاساسلىق ئەسىرى «پەيلاسوپنىڭ زىددىيىتى». ئۇ ئارېستوتىل تەلىماتىغا چوقۇنۇپ، ئۇنى ئەڭ ئالىي ھەقىقەت، ئىنسانىيەت چۈشىنىش ئىقتىدارى يەتكەن ئەڭ يۈكسەك پەللە، دەپ ئاتىغانىدى. ئۇ ئارېستوتىل پەلسەپە ئىدىيىسىدىكى ئىلىمىيلىك ۋە ئەقلىيلىك خاھىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە يۈكسەلـدۈرۈپ، شەرق، غەرىپ ئەرەب- ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ ئىدىيىۋى نەتىجىلىرىنى ئۇنىۋېرىسال رەۋىشتە ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەنىدى. ئۇ غەززالى قاتارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بەھىس- مۇنازىلىرىدە، پەلسەپە دىننىڭ چۈشەكلىرىدىن ئارىستە بولۇپ، مۇستەقىل تەرەققىي قىلمىقى زۆرۈر دېگەننى كۈچەپ تەرغىپ قىلاتتى. ئۇ ئونتولوگىيە جەھەتتىن، ماددىي دۇنيا مەڭگۈلۈك، ئىجاد قىلىنمىقى مۇمكىن ئەمەس، يوقىلىشىمۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس، پەقەت زېھنىمىزنىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتقىنى مەڭگۈلۈك ئامىللارنىڭ قايتا (ھەم تەكرار) بىرىكىپ بېرىشىدىن ئىبارەت، دەپ قارايدۇ. دۇنيا زامان جەھەتتىن مۇقەددىدىمىسز، ئەمما، ماكان جەھەتتىن چەكلىملىككە ئىگە. ماددا ھەرىكىتى مەڭگۈلۈك، ئۈزۈلمەستۇر، ماددا ھەرىكەتنىڭ ماددىي ئاساسى، ماددا بىلەن ھەرىكەتنى ئايرىپ تاشلىغىلى بولمايدۇ. ئۇ يەنە، ئاللاھ مۇقەددىمە، ئاخىرىسىزدۇر، ئەڭ ئالىي ئىدىئال مەۋجۇدلۇقى دۇنيانىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر، بارلىق شەيئىلەر تەرەققىيات، ئۆزگىرىشىنىڭ «مۇددىئا سەۋەبكارى» دۇر، ئالەمنىڭ ئىگسى ئالەمنىڭ تەرتىبىدە زاھىر بولىدۇ، ئەمما ئىگىسى ماددى دۇنيادىكى كونكرېت شەيئىلەرگە بىۋاستە ۋەھى نازىل قىلمايدۇ (ئارىلاشمايدۇ) دەپ قارايدۇ. بىلىش نەزەرىيەسى جەھەتتە، بىلىشنىڭ ئىپتىداسى ئايرىملىقـتىكى شەيئىلەرئۈستىدىكى ھېسسىي بىلىشلەردىن باشلىنىدۇ، ئەقلىي بىلىش بولسا ھېسسىي بىلىش ماتېرىياللىرى (سېگناللىرى) ئاساسىدا شەيئىنىڭ ئورتاقلىقلىرىغا قارىتا ئابېستراكىيىلىك بىلىشتۇر، دەپ قارايدۇ. ئادەم ئىلىم- پەن ۋە پەلسەپە قائىدىلىرىگەتايىنىپ شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىشى لازىم، بىلىنگەنلەر ئارقىلىق بىلىنمىگەنلەرگە ئىچكىرىلەپ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مۇقەررەرلىكلىرىنى بىلىپ ئالالايدۇ. ئۇ «ئىككى ياقلىملىق ھەقىقەت نەزەرىيىسى» نىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ، ئەقلىيلىك بىـلەن بىشارەت، پەلسەپە بىلەن دىن ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بىشارەت ئەقىيدىلىـرىدىن باشقا بارلىق شەيئىلەر ئەقلىيلىكنىڭ تەكشۈرۈش ۋە ھۆكۈملىشىنى مەقبول قىلمىقى ۋاجىبتۇر. پەلسەپە بىلەن دىن خۇددى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتتەكلا ھەرگىزمۇ بىر- بىرىنى ئىنكار قىلىش ھالىتىدە بولمايدۇ. دىن ھەقىقىتى بىۋاستە بىشارەتلەردىن كېلىدۇ، ئوبرازچانلىق ۋە ئىرادەت شەكلىنى ھازىرلىغان، ئادەملەرنى چەكلەپ تۇرۇش ئادەملەر ئەخلاقى ھەددى- ھەرىكەتلىرىنى قېلىبلاشتۇرىدۇ، يامانلىقنى مەنئى قىلىپ، ياخشىلىققا يېتەكلەپ ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئادەمىيلىك مەنىۋېيەتنى ساقلاپ، خەلقنىڭ ئىھتىياجلىرىغا ماسلىشىدۇ. پەلسەپەنىڭ ھەقىقىتى بولسا ئەقلىيلىكتىن كېلىدۇ، مۇتلەق تەپەككۈر قىلىش يولى ئارقىلىق ئېرىشىلىدۇ، ھەقىقەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئىپادە فورمىسى بولسا، پەيلاسوپـلارنىڭ شۇ قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنى بىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ياراتقۇچىنىڭ بەرھەقلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئىسپاتلىنىشىدۇر. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتۇرا ئەسىر يەھۇدىي پەلسەپەسى ۋە خىرىستىئان سىخولاستىكا پەلسەسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە شۇ جامائە ئارىسىدا «ئاۋېر روئىس ئىلمىي ئېقىمى» (ياۋروپالىقلارنىڭ ئاتىشى) نى شەكىللەندۈر گەن.
ئىبنى روشىددىن كېيىن گېرىك پەلسەپەسى ئىسلامىيەتتە ئەسلا يوقىلىپ كەتمىدى، گېرىك پەلسەپەسىنىڭ ئىككى تۈرلىك ئاساسى ئىدىئولوگىيە شەكلى كەڭ ئىككى ساھەگە سىڭىشىپ كەتتى: بىرى، ئارېستوتىل لوگىكىسى، بۇ ئەسلىيە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائى مۇتىپەككۈرلەر ئارىسىدا قەدىرلىنىپ كەلگەن؛ يەنە بىرى، مىتافېزىكا ۋە پسىخلوگىيىلىك مەپكۇرەلەردە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان، سوپىزمدا روناق تېپىپ تۇرغانىدى. سوپىستلار پەلسەپىۋىي سىرلىق تەفەككۈرقىلشنى قوللۇنۇپ، مەنتىقىگە ۋە ئەقلىي يەكۈنگە ئانچە ئېتىبار بەرمەستىن، بىۋاسىتە سېزىم ئىلاھىي تۇيغۇ قاتارلىقلارغا تايانغان. ئىبنى ئەرەبى (1240- 1165) بولسا مەشھۇر سوپىزم مۇتەككەلىمۇنى ۋە پەيلاسوپىدۇر. ئۇ ئاندالوسىيەدىكى مورسىيەدە توغۇلغان، كۆپ ئۆمرىنى ستسىلىيەدە ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «مەككىدىكى بىشارەتلەر» ۋە «پاراسەتنىڭ گۆھىرى» بولسا، دەل بىۋاسىتە سېزىملەر ۋە بىشارەتلەر تەسىرى ئاستىدا يېزىپ چىقىلغان. ئۇ «مەككىدىكى بىشارەتلەر» نىڭ ھەربىر خېتىنى يېزىشتىمۇ ئاللاھ تەبىئەتتىن ھالقىغان ئۇسۇلدا ماڭا بىشارەتلەرنى بېرىپ تۇرغان، دەپ قارايدۇ. ئۇ ئىسپانىيە سوپىزمى ئىشراقىيە پىرقىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. بۇ پىرقە بولسا، ئىلاھ بىلەن روھىي دۇنيا نۇر دەپ چۈشىنىلمىكى لازىم، ئادەمنىڭ بىلىش جەريانى چۈشىنىشنىڭ تەبىئەتتىن تاشقىرى يورۇتۇپ بېرىش جەريانىدۇر، بەلكى بىر يۈرۈش سەييارىلەر روھىيىتىنى ۋاسىتە قىلغاندۇر. ئۇ «ۋەھدە تۇل ۋۇجۇد تەلىماتى» نى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاللاھ بىردىن- بىر مۇتلەق مەۋجۇدلۇق، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى، دەپ قارايدۇ. بارلىق شەيئىلەر ئىدىئال فورمىدا ئەسىلىدە ئاللاھنىڭ ئىلكىدە مەۋجۇددۇر؛ ئاللاھ ئىدىئال دۇنيالاشقاندا، ئىدىئال دۇنيا ئەزىلى شەكىلدە ئاپىرىدە بولۇپ رېئاللىنىدۇ، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاللاھنى تونۇش جەريانىنىڭ ماھىيتىدىكى مەۋجۇد ھال مەڭگۈلۈكتۇر، مۇتلەقتۇر؛ ئەمما بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇدلىقى بولسا نىسبىيلىكتە بولىدۇ. ئالەمدىكى بارلىق شەيئى، مۆجىزاتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىپادە قىلىنىشى، ئاللاھ بولسا بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىچكى روھىيىتىدۇر. ماھىيەت ۋە خاسلىقـلار ئاللاھ بىلەن ئالەمنىڭ ماھىيىتى بىلەن بىردەكتۇر. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە، ئۇيەنە، ئادەم ئاۋۋىلىدە ئۆزىنى تونىمىقى ۋاجىب، شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئىپادە بولمىش ھادىسىلىرى يەنى ئىدىئال دۇنيانى بىلمىكى لازىم؛ ئەڭ ئاخىرىدا ئاندىن ئەڭ بۈيۈك ياراتقۇچىنى تونۇش مۇمكىن. ئۇ، ئىدىئال دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدلۇق ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، كىشىلەر شەيئىنىڭ ئالاھىدە قانۇنىيەتلىرىگە بىنائەن ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە، ئوبيېكتپ شەيئى ۋە ئادەمنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنىڭ ھەممسى ئاللاھنىڭ ماھىيىتى ۋە شاھىلىقدۇر، دەپ قارايدۇ. ئىبنى ئەرەبى تەلىماتى پارسى ۋە تۈركىيە سوپىزمچىلىرىگە، ياۋروپادىكى دانتى، بىكون، سىكوت، لېمون. لارى قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىسپانىيە مۇسۇلمانلاردىن ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تىبابەت، بوتانىكا قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئەھلى ئىختىساسلار كۆپلەپ چىققان بولۇپ، ئەسەرلىرى مول، ھەمدە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپاغا تارقالغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرى مىمارچىلىق، توقۇمچىلىق، گۈزەل سەنئەت موزىكا، چالغۇ ئەسۋابلار قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ياۋروپالىقلارنى ناھايىتى زو مەنپەئەتدار قىلغان. ئۇ يەرلەردە تا شۇكۈنلەرگىچە مۇسۇلمانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەۋەرۈكلىرى بولۇپ ساقلانماقتا.
ئۈچىنچى، قاھىرە مەدەنىيەت مەركىزى. پاتىمىيەلەر سۇلالىسى ئەرەب شەرق ئىسلام مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەم راۋاجلاندۇرغان، سۇلالە پەن- تەتقىقاتقا تارتۇق- ئىنئاملار تەسىس قىلىش ئارقىلىق مەدەت بەرگەن، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلىدۇرغان، مەدەنيەتنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىلىم- پەننى گۈللەندۈرگەن. مىلادىيە 970- يىلى، پاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ گېنرال مارشالى جەۋھەر يېڭى شەھەر قاھىرەنى تەمىر قىلىغان، ھەمدە، 972- يىلى ئەزھەر جامەسىنى قۇرغۇزغان. بۇ جامە پەيدىن- پەي راۋاجلىنىپ دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئىسلام دارېلفونۇن ئەزھەر دارېلفونۇنىغا ئايلانغان. بۇ مەكتەپتە ھەرتۈرلىك مەخسۇس كورسلىق ئىنستۇتلار، كۈتۈپخانىلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەمدە شەرق ۋە غەربكە تەئەلـلۇق بولغان زور مىقداردىكى كلاسسېك پەلسەپەگە، سەنئەتكە، تەبىئىي پەنلەرگە ئائىد بولغان ئەسەرلەر يىغىپ ساقلانغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋەتەتقىقات ئىشلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ھەمدە يەنە، ھەرقايسى جايلاردىن ئىسلام ئالىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئەپكېلىپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغۇزىدۇ. سۇلالە دارېلفونۇننى تۇراقىلىق ۋەخپە كىرىمى بىلەن قامدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى- مۇددەرىسلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجەتلىرىگە سەرىپ قىلىنغان. ئۇزاق مەزگىللىك تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققى قىلغۇزۇشلار ئارقىسىدا، ئەزھەر دارېلفونۇنى تەدرىجى ئىسلام مەدەنىيىتى مەركىزىگە ئايلانغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئىلىم ئىزدىگۈچىلەر بۇ مەكتەپكە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا تەلپۈنىدۇ، تارىختىن بۇيان ئىزچىل شۇنداق، ئەھلى ئىختىساسلىقلار تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىققان. دارېلفونۇن ياتاق، تاماق ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جايلارغا قايىتىپ ئىسلام دىن ئىشلىرى بىلەن ياكى ئىلىمى تەتقاتلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. تاكى بۈگۈنگىچە، ئەزھەر دارېلفونۇنى ئىسلامىيەت دۇنياسىدا غايەت زور تەسىرگە ئىگە. زامانىسىدا مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلار دىنىي ئاقساقاللاردىن بولۇپ، دۆلەت باشلىقى خەلىپە پەخرى مۇدىرلىقنى ئۆتەيتتى. خەلىپە ئەزىز قاھىرەدە يەنە خانلىق كۈتۈپخانا تەسىس قىلغانىدى، ساقلانغان كىتاب 200 مىڭ پارچە بولۇپ، زور مىقداردا ھەرخىل يېزىقتىكى ئەسەرلەرنىڭ ئەتىبارلىق نۇسخلىرى ساقلانماقتا، ئالتۇن يالىتىلغان «قۇرئان كەرىم» ھەمدە، تايپۇل يازغان تارىخ قولياز- مىلىرىمۇ ساقلانماقتا. 1005- يىلى، خەلىپە ھەكەم شىئە مەزھەپ ئىلمىي تەھۋدلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىش، ئىسلامىيەت ئىلىم- مەدەنىيىتىنى جارى قىلىش ئۈچۈن «پەن سارىيى» (دارىلئۆلىما) نى تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مەشھۇر ئالىملانى پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلغان. تەتقىقات دائىرىسى، دىن، پەلسەپە ۋە تەبئىي پەنلەرنىڭ تۈرلىك تارماق ئىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. پەن سارىيىنىڭ قارمىقىدا يەنە، مەكتەپ، كۈتۈپخانا، رەسەتخانە تەسىس قىلىنغان، دارىلئۆلىما (پەن سارىيى) قارمىقىدىكى مەكتەپ مەخسۇس شىئە مەزھىپى دىنى ئالىملىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى تەربىيلەيتتى، مەكتەپتە تۈرلىك دىنى ئىلملەر ئوقۇتۇشى تەسىس قىلنغان دىن باشقا يەنە، تىبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىملەرمۇ تەسىس قىلىنغانىدى. فەلەكىيات ئالىمى (ئاسترونوم) ئىبنى يۇنۇس ئىلمىي بەسەرىيات (ئوپتېكا) ئالىمى ئىبنى ھېسام قاتار- لىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇيەردە زۇر نەتىجىلەرگە يېتىنگەنىدى. يۇقىرىقى ئالىم تۈزگەن «ھېـسام ئاسترونومىيە جەدۋىلى» (رىجى ھېسام سالنامەسى) ئەمىلىي تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسـلىنىپ ئەينى ۋاقىتتا قوللۇنىلىۋاتقان ئاسترونومىيىلىك جەدۋەللەردىكى خاتالىقلارنى تۈزەتكەن، كېيىنكى ئالىم يازغان مەخسۇس ئەسەر «ئوپتېكا ئىلمى» (كىتابول ئىلمىي بەسەرىيات) ئوتتۇرا ئەسىر ئىلمىي بەسەرىيات (ئوپتېـكا) ئىلمىنىڭ تەرەقىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تىبابەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە پاتىمىيە سۇلالىسىدىن كۆپ مىقداردا ئەسەرلەر تەۋەرۈك بولۇپ قالغانىدى. سۇلالىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت شەھەرلىرى قاھىرە، قەيرۇۋان، فېس ۋە باغداچلاردىن ئىبارەت بولغان ئىدى.
پاتىمىيە سۇلالىسى دەۋرىدە مىسىردا زور بىر تۈركۈم مەشھۇر ئىسلامىيەت ئالىلىملىرى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈلگەن. سۇلالە كاتتا ۋەزىرى يەئىقۇب بىننى جالىس ئەسلىدە بىر يەھۇدىي دىن ئالىمى بولۇپ، كېيىن ئىمان ئېيتىپ، سۇلالىگە ئىزچىل ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىگەن، ئوردا ئۈچۈن «يەر قانۇنى»، «باج يىغىشنىڭ ئىنچىكە پرىنسىپلىرى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ھۈججەتلىرىنى تۈزۈپ بەرگەنىدى. ئۇ ياز غان «ئىسلام شەرىئەتى» خانىدانلىق تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ رەسمىيانە قانۇن دەستۇرى قىلىپ بېكىتىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەرقانداق قانۇن- ئەھكاملىرى ئاشۇ دەستۈرنى ئاساس قىلىشى كېرەك دەپ بېكىتىلـگەن، ھەمدە يەنە ئەزھەر دارىلفونوننىڭ دەرسلىكى قىلىپ بېكىتىلىپ، قازىكالان ھەمدە فىقھەلەرنىڭ زۆرۈرى ئوقۇشلۇقى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. ھۆكۈمەت يەنە مەخسۇس مۇكاپات فوندى تەسىس قىلىپ، ئاۋامنىڭ ئۇشبۇ قانۇن دەستۇرىنى يادلاپ ئېلىشىغا تۈرتكە قىلغانىدى. 1- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە مىسىر مۇتەككىلىمۇنلىرى، ھەدىسشۇناسلىرى، تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممسى مۇشۇ قانۇن دەستۇرىنى ئاساس قىلغان. سۇلالە جايلاغا نۇرغۇنلىغان مەسجىد لەرنى، مەسجىد لەردە مەدرىسەلەرنى ئاچقانىدى. سۇلالە نۇرغۇنلىغان دائى ۋە قازى- قۇززاتلارنى جايلاغا ئىبەرتىپ، جايلارغا شىئە ئەقىدىسى شەرىئەتلىرىنى تارقاتقۇزغان، دىنى ئىشلارنى باشقۇرغۇزغانىدى. خەلىپە بويرۇق چۈشۈرۈپ : جايلاردىكى مەسجىدلەردە جۈمە خۇتبىسىدە ئەلى ۋە خەلىپەنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئوقۇشنى يولغا قويغان، ھاراق ئىچىش، موزىكا ۋە كۆڭۈل ئېچىشلارنى مەنئى قىلغانىدى. «قۇرئان كەرىم»ھەدىسلەر تەتقىقاتىدا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ باتىنىي مەنىسىنى تەكىتلەش، شىئە مەزھىپىنىڭ ئىتىقاد، ئەقىدىلىرى ۋە شەرىئەتى جارى بولۇشى تەكىتلەنگەن، بۇ ھالەتنىڭ تەرققىياتىدا سۇلالىنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە تەدرىجى يوسۇندا باتىنىيچىلەر مەزھىپى جاراستانغا چىققانىدى، ئۇلاركېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنە ئىسمالئىيە مەزھىپىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ھەششاشۇنچىلار بولۇپ قالدى.
سۇلالىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش مىمارچىلىقى ۋە سەنئەت گۈزەللىكىمۇ يۈكسەك پەللىلەرگە ئوزۇپ چىققان. پاتىمىيە سۇلالىسىدىكلەر قاھىرە شەھىرىنى بىنا قىلىشقا ھەرقانداق بەدەللەرنى تۆلەشلەردىن باش تارتمىغان.11، 12- ئەسىرلەردە، قاھىرە بىر گۈزەل، سەلتەنەتلىك شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقـقان، كوچا يوللىرى كېسشكەن، مەيدانلىرى ئازادە، كۆككە بوي تارتقان مەسجىدلەر ۋە ھەشەمەتلىك ئورداسارايلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا گېرىتسىيە، رىم پاسۇنىدا يۇمۇلاق تۆۋرۈكلىك قىلىپ قۇرۇلـغان، يەنە شۇنىڭدەك، پارىسىي مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىمۇ مۇجەسسەم ئېتىلگەن. مۇشۇ كۈنلەرگىچە ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇشلار (مەسىلەن، ئەزھەر جامەسى ۋە قاھىرەنىڭ بىرنەچچە قەدىمىي دەرۋازىـلىرى) نەقىش ئويمىلاردا، مىس ئەسۋابلار، ئىپەك توقۇلمىلار، فار- فۇر چىنە- قاچىلار قاتارلىق پاتىمىيە سۇلالىسى تارىخى يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەممىسدە پارىسىي مەدەنىيەت ئۇسلوبى ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ.

§2 تەبئىي پەنلەر ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر

ئىسلامىيەتنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» شۇنداقلا ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ساددا رەۋىشـلەردە ئىلىم- پەندىن بەھىر ئېلىش سىناقلىرى يۈرگۈزۈشلەردىن باشلانغان ئىسلامىيەت ئىلىم- پەنى «قۇرئان كەرىم» دىكى بىشارەتلەر روھى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تۈرلىك ئىلمىي ئەنئەنىلىرىنىڭ ئۆز- ئارا بىرىكتۈرۈلۈپ، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم» دىكى ئالدىن بىشارەتلەرنىڭ ھەممىسىگە چوڭقۇر ئىتىقاد قىلىدۇ، يەنى جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم- پەن پائالىيىتى، ئەزەلدىن ئاللاھنىڭ بىشارەتلىرى ئىسلامىيەت ئىلىم- پەنىنىڭ مەنبەسى بولىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە «قۇرئان كەرىم» دە مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشى، تەبىئەتنى كۈزىتىشى، تەفەككۈر قىلىشى تەرغىب قىلىنغان، بۇلاردىن پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان كەيپىيات يارىتىلىپ، ئەۋلاد مۇ- ئەۋلاد مۇسۇلمان ئالىملارغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇلار ۋەزىيەتتىن ئىلھام ۋە روھى كۈچ- قۇۋۋەتلەر ئېلىپ، تەبىئەت پەنلىرى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردە زور تۆھپىلەرنى ياراتقان.
1. تەبىي پەنلەر ساھەسىدە
تەبىئەت، ئالەم قارىشى: ئىسلامىيەتنىڭ ئالەم قارىشى مۇسۇلمانلاردۇنيا قارىشىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئىسلامىيەت ئىلىم- پەنىدە ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ ئالەم قارىشىنى چۈشەنمىگەندە، ئىسلامىيەت ئىلىم- پەنىنى تونۇپ يەتمەك بەسى مۇشكۈلدۇر. ئالەم قاراش تەلىماتى پەننىڭ «نەزەرىيەسى» ياكى پەلسەپەنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى پەنلەرنىڭ ھەرقايـسى تارماق پەنلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋېتى بەكمۇ زىچتۇر. ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق: ئاللاھ بارلىق شەيئىلەر يارىتىلىشنىڭ مەنبەسى، ئالەمدىكى شەيئىلەرنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ، ھەم ئۇلا يارىتلغان؛ ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلارنىڭ ئۆسۈش، تەرەققى قىلىشى تايىنىدىغان (ئاساسلىنىدىغان) قانۇنىيىتى بار؛ ئادەم بارلىق شەيئىنىڭ سەرخىلى، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھدۇر. ئەشئەرىيە مەزھىپى «ئاتوم نەزەرىيىسى» نىڭ ئالەم قارىشىنى سىستېملىق شەرھىيلىگەنىدى، ئۇلار، ياراتقۇچى ئەڭ كىچىك، پارچىلانماس ماددا مېكرو تەنچە ئاتومدىن دۇنيانى يارىتىشنى باشلىغان. ئاللاھ ئۆزلىكسىز ئاتوم يارىتىپ، ئاتوم ئۆزلىكسىز ئالەمگە توپلىنىپ، توزۇيدۇ، ئالەم ئاپىرىدە بولىدۇ. «ئاتوم نەزەرىيىسى» ئاساسىدىكى ئالەم قارىشى ئاللاھنى بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەنبەس قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئالەمنى بەرپا قىلىش جەريانى ئارقىلىق ئالەم شەكىللىنىشىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىسلام دىنى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرتۈندە مەككىدىن ئېرۇسالىمغا، ئۇنىڭدىن كېيىن مىھراجغا چىقىپ ئاللاھ بىلەن كۆرۈشىشى قاتارلىقلار ئىسلامىيەت ئالەم تەلىماتىنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى.
رەقەم: مۇسۇلمان ماتېماتىك خارەزىمى تۈنجى بولۇپ ھىندى رەقىمى 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 لەرنى ھەمدە ئونلەر خانىسى بىرلىك ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بۇرۇنقى ھەرىپلەرنى تەرتىب بەلگىسى قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەنىدى، ھەمدە بۇ ئۇسۇل ياۋروپاغا تارقالغانىدى. غەرب ئالىملىرى ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ئىلگىرىكى رىم رەقەملىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىشتەك مۇرەككەپ جەريان ئورنىغا بەكمۇ ئاددىي بولغان ھېسابلاش ئۇسۇلىنى دەسسەتتى. خارەزىمى يەنە ئالگېبرا، گىئومېترىيەلەرنى سىستېملىق بايان قىلىپ، ئالگېبرالىق ئالامەتلەر بىلەن مەسىلە يېشىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلدى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرلىق ئەسىرى «ئىنتېگرال ۋە تەڭلىمە ھېسابلاش ئۇسۇلى» تاكى16- ئەسىر گىچە ئىزچىل رەۋىشتە ياۋروپا ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ كەلگەن. ئەرەبلەر يەنە يۈز، ھەجىم، ترىگونومېترىيە، تۆت بۇلۇڭلۇق كۇنۇس، كۇنۇسنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان، ھەمدە، چەمبەر ئايلانمىسى 3.141596535898732 بولغان نىسبەتنى ھېسابلاپ چىققان. ترىگونومېترىيەدە ئۇلارئاۋۋال تانگېنس، كوتانگېنس، سېكانس، كوسېكا نس، سىنوس، كوسىنوسلەرنى قوللانغان، ھەمدە ئۇلار ئارىسىدىكى فونكىسىيەلىك مۇناسىۋەتلەرگە تەدبىق قىلىپ، ترىگونومېترىيەنى مەخسۇس پەنگە ئايلاندۇرغان. ئۇلار ئېۋكلىد گىئومېترىيىــسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، پلانىمېترىيە بىلەن ستېرېئومېترىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرىكىلەردىن قېلىپ قالغان نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ مەسىللەرنى ھەل قىلدى، گېئومېترىيىلىك تېئورمىلارنى مىمارچىلىقتا قوللاندى.
ئاسترونومىيە (ئىلمى فەلەكىيات) جەھەتتە:ئەرەبلەر ئاساسەن ھىندىستان ئاسترونومىيە ئەسىرى «سدھە ئىتە» ۋە قەدىمكى گېرىتسىيە ئاسترونومى تولۇمىنىڭ «ئاسترونومىيىدىكى زور نەتىجىلەر» دېگەن ئەسەرلىرىگە ئاساسلانغان، ھەرقايسى جايلارغا رەسەتخانلەرنى قۇرۇپ، ئۆزلىرى كەشىپ قىلغان ئاسترونومىيە ئەسۋابلىرى ئارقىلىق كۈزۈتۈش، تەتقىق قىلىشلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار يەرشارىنىڭ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىش تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان، زېمىننىڭ شار شەكلىدە ئىكەنلىكىنى، يەرشارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ھەمدە دېڭىز دولقۇنى كۆتۈرىلىش بىلەن ئاي ھەرىكىتنىڭ مۇناسىۋېتىنى ئىسپاتلاپ چىققان، ھەمدە، مېرىدىئان ئۇزۇنلۇقىنى ئەمەلىي ھېسابلاشلار ئارقىلىق يەر شارى ئايلانمىسـىنىڭ يىگىرمە نەچچە مىڭ ئېنگلىز مېلى كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. ئۇلار ھەم دېھقانلار كالىندارى ۋەقەمەرىيە كالىندارىنى كەشىپ قىلىپ، يېزائىگىلىكى ۋە دىنى ئىشلاردا ئايرىم- ئايرىم قوللانغان. مەشھۇر ئاسترونوم باتانى (918- تەخمىنەن؟) تۈزگەن «سابى رىجىسى» بۇرۇنقىلاردىن قالمىش قۇياش ئوربىتىسى ۋە بىر قىسىم پىلانتلار ئوربىتالىرىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكەن، نەزەرىيە جەھەتتىن قۇياش تۇتۇلۇش ئىھتىماللىقىلىرىنى ئىسپاتلايدىغان بولغان، بۇ ئەسەر لاتىن تىلى ۋە ئىسپان تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەبۇ رەيھان برۇنى (1049- ؟) يازغان «قەدىمكى زاماننىڭ تەۋەرۈك ئىزلىرى» دە قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ كالىندارلىرى خاتىرىلەنگەن ھەم تەتقىق قىلىنغانىدى. مۇسۇلمان ئاسترونوملارنىڭ ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىگە شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئاساسلىق تۆھـپىلىرىدىن؛ كالىندارچىلىق، سالنامە تۈزۈش، تارىخ ۋە تۈرلىك رىسالەلەر تۈزۈش، نۇرغۇنلىغان ئاستورونۇمىيەلىك ئەسۋابلارنى ئىجاد، كەشىپ قىلىشتىن ئىبارەت. ئاستورونۇمىيىلىك ئەسۋابلاردىن ئاساسلىقى؛ ئۇستۇرلاپ، ئاستروليابىيە، سېكستانىت، پلانىتارىيە، گولۇبۇس، ھاۋارايىنى كۈزۈتۈش ئەسۋابى، سايە ئارقىلىق ۋاقىت ئۆلچەش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، ئاستىرونومىيىـنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا تەكشۈرۈش ئەمەلىيىتىنى يۈكسەك نازۇكلۇق دەرىجىسگە يەتكۈزگەن، ھەمدە ئاسترونومىيە نەزەريىسىنى تەرەققى قىلدۇرغان.
تىبابەتتە: مۇسۇلمانلار گېرىتىسىيە ۋە ھىندىستاننىڭ مىللىي تىبابەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان نوقتىلىق رەۋىشتە تىبابەت داڭلىق ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ. تىببى دارىلئۇلۇملارنى ئېچىپ، دورا زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ، مەنپەئەتلىك رېتسىپ ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى رەتلەپ نەشر قىلغانىدى. كۆز كېسەللىكلىرى، كىزىك، خۇلىرا، سېرىق چېچەك، قىزىل چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىر يۈرۈش داۋالاش ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلەپ چىققان، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان پەيلاسوپلار ۋەئالىملارنىڭ ھەممسى تىبابەت تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولغانىدى. مەسىلەن رازى (925- 865) «ئەرەبنىڭ گەيلونى» (قېدىمكى گېرىتىسىيە مەشھۇردوختۇرى) دەپ ھۈرمەتلەنگەن. ئۇنىڭ «سېرىق چېچەك ۋە قىـزىل»، «روھىي جەھەتتىن داۋالاش»، «تىب رىسالىلىرى توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە گېرىتىسىيە، پارىس، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىكى بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ تىبابەت بىلىملىرى خۇلاسە قىلىنغان، ھەم ئۆزىنىڭ كېلىنكىلىق ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى خاتىرىلەنگەن. پەلسەپە ئەللامەسى ۋە ۋە تىبابەت ئالىمى ئىبنى سىنا (ئاۋېسىنا، 1037- 980) ئادەم فىزولوگىيىسى ۋە پاتولوگېيىسىنى ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان، ئۇنىڭ مىليون خەتلىك «تىبابەت قامۇسى» (قامۇسۇل تىب) 12- ئەسىردە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپا تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. پارىس مەشھۇر دوختۇرى ئاباساد. داۋىيەنىڭ «ئۇنىۋېرسال ئېنسىكلوپېدىيە» سى زامانىسدا دوختۇلارنىڭ زۆرۈرى ئوقۇشلۇقى بولۇپ قالغان. ئاندالوسىيە ئوردا دوختۇرى ئەبۇ قاسىم (1013- ؟) نىڭ شاھانە ئەسىرى «تىبابەت قوللانمىسى» تاشقى ئوپراتىسىيە جەھەتتە بەكمۇ مەشھۇردۇر. ئەلى بىننى ئابباس (994- ؟) تۈنجى قېتىم دورا كىتابى تۈزگۈچى بولۇپ قالغان. ئىلمىي نەبات (بوتانېكا) ۋە دورىگەر ئىبنى بىدار (1248- ؟) ھەرقايسى جايلارنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئۆسۈملۈكلەرنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىـدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ «چۆپ دورىلار توپلىمى» نى تۈزۈپ چىققان، ئۇنىڭدا 1400نەچچە تۈرلىك دورا چۆپنىڭ ئەۋرىشكىسى ۋەدورىلىق فونكىسىيەسى خاتىرىلەنگەن. ئىبىن زوھۇرى (1161- 1091) نىڭ «داۋالاشتاقولاي ۋە مەنپەئەتلىك» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئىبىن روشىد (1198- 1126) نىڭ «تىبا- بەتچىلىك ئاساسلىرى» قاتارلىقلار ئەرەب تىبابەتچىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ خۇلاسىلىگەن ھەم بېيىتقانىدى.
جۇغراپىيە ساھەسىدە: ئەرەبلەر ئەلمىساقتىن بېرىلا دېڭىز سودىسى پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاياغ ئىزى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدەك قىتئەلەرگە بېسىلىپ، جۇغراپىيەنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مول ماتېرىياللارنى توپلاپ، جاھان ئەھلىگە قىممەتلىك جۇغراپىيە ئەسەرلىرىنى قالدۇرغان. مەسىلەن، ئەبۇ بەلىش (934- ؟) نىڭ «رايونلارنىڭ تەزكىرەسى»، ئىبنى ھۈرەيرى (977- ؟) نىڭ «ئۆلكە يوللىرى خاتىرىسى»، مەسئودى (956- 900) نىڭ «ئالتۇن يايلاق» ئىدرس (1166- 1100) نىڭ «ساياھەتچىنىڭ شادلىقلىرى»، ياقۇتى (1229- 1179) نىڭ «يەرناملىرى لۇغىتى» قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق مىراسلار جۈملىسىدىندۇر. مۇسۇلمان ساياھەتچى ئىبنى بەتۇتە (1377- 1304) تۆت قېتىم مەدىنىگە ھەج- تاۋابقا بارغان، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئايلانغان، 120مىڭ كېلومېترلىق مۇساپىسىنى بېسىپ، ھىدىستان ئەلچىسى سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگوغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «ئىبنى بەتۇتەنىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ئوتتۇرا ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، ھىندىستان، جۇڭگو قاتارلىق رايونلارنىڭ ئىجتىمائىيىتى ھەم ئۆرپ- ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالىدۇر.
فېزىكا (ئەل سىميا) جەھەتتىن؛ ئەرەبلەر فېزىكا بىلملىرى ۋە مىخاينىكا قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ، پىشاڭ، تارازا، سۇ سائىتى، ئاپتوماتىك سۇ چىقىرىش ماشىنىسى ۋە مىخاينىكىلىق ئويۇنچۇقلارنى كەشىپ قىلغانىدى. ئەرەب فېزىكا ئالىملىرى تۈزگەن تۈرلىك ماددىلارنىڭ ئېغىرلىق بىرلىك جەدۋىلى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن ھازىرقى زامان سېلشتۇرما ئېغىرلىق سانلىق مەلۇماتلىرى يېقىنلىشىدۇ. ئۇلار ئەڭ بۇرۇن نۇرنىڭ تىزلىك سۈرئىتىنىڭ ئاۋازنىڭ تىزلىك سۈرئىتىدىن تىز بولىدىغانلىقىنى بايقاشقان ئىدى. فېزىكا ئالىمى ئىبنى خەسەم (1038- 965) «ئوپتىكا ھەققدە» (مۇھاكىمەتۇل ئىلمىي بەسەرىياد) ناملىق ئەسىرىدە، جىسىملاردىكى نۇر كۆزدە ئەكس ئەتكەندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈش سېزىمى شەكىللىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نەزەرىيە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، گېرىتىسىيە ئالىملىرىنىڭ نۇر ئاۋۋال كۆزدىن بەرق ئۇرۇپ چىقىپ ئاندىن كۆرۈش سېزىمى شەكىللىنىدۇ دەپ قاراشتەك، خاتا نەزەرىيىسىنى تۈزەتكەنىدى. ئۇ نۇرنىڭ ئەكس ئېتىشى، نۇرنىڭ سۇنىشى قاتارلىق مەسللەرنى، ئاي، كۈننىڭ تۇتۇلۇشى، ھەسەن- ھۈسەن پەيدا بولۇشى قاتارلىق مەسىللەرنى تەتقىق قىلغانىدى.
خېمىيە (ئەل كىميا) جەھەتتە: ئۇشبۇ ساھەدە، مۇسۇلمانلار ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسىدىن تارتىپ، خېمىيە تەجرىبە ئۆتكىلىگىچە جەريانلارنى تاماملىغان، ئەڭ ئاۋۋال دېسىتىللەش، كرىستال ئىرىتىش ياكى كرىستاللاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ، گۇڭگۈرت، ئازوت كسىلاتاسى، ئازوت كىسلاتاسى ئىشلەش، ناترىي گدروكىس (ئويغۇچى ناترىي) ئايرىپ چىقىش، ھەمدە، سىمابنى ئوكسىدلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلىك بىرىكمە ماددىلارنى ئىشلەپچىققان، ھەمدە، خېمىيەنى مېتال تاۋلاش، كۈن- خروم ئىشلەش، بوياقچىلىققا قوللۇنۇش، ئەينەك ياساش، قەغەزچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە تەدبىقلىغانىدى. مەشھۇر خېمىيە ئالىمى جابىر بىننى ھەييان (815–720) «خېمىيە ئىلمىنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلەنگەنىدى، ئۇ، ئارېستوتىلنىڭ مېتال تۆت زاتتىن تۈزۈلگەن تەلىماتىنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ، خېمىيەدىكى تاۋلاش، كۆيدۈرۈش ھەمدە ئەسلىگە قايتۇرۇش جەريانلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا شەرھىيلەپ چىقىپ، دستىللەش، سۈزۈش، قىيامغا يەتكۈزۈش، ئىرىتىش، كرىستاللاشتۇرۇشلارنىڭ يېڭىچە ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ سۇلفات كىسلاتاسى، ئازوت كىسلاتاسى، سىمابنى ئوكسىدلاشــتۇرۇش، ناترىي گدروكس قاتارلىق بىرىكمە ماددىلارنى ياساپ چىققان، ھەمدە رىسالەئى رېتسىپ تۈزۈش ۋە ئىشلەش جەريانىنى تەپسىلى خاتىرلەپ چىققانىدى. ئۇنىڭ خېمىيە تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرى بوياقچىلىق، دورا ياساش، سىرچىلىق، شۇلتىچىلىق قاتارلىق ھۈنەر- تېخنىكىلاردا قوللۇنىلغان. ئۇ يەنە بىرقىسىم خېمىيە تەجرىبە سايمانلىرىنى كەشىپ قىلغان، بىر قىسىم تەجرىبە ۋە مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىنى مۇپەسسەل خۇلاسىلەپ چىققانىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى لاتىنچىـگە تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپا خېمىيە ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، تاكى17- ئەسىرگىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتـلىرىنىڭ دەرسلىكى قىلىنىپ قوللۇنىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى زامان خېمىيە پەنىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بەناھايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.بۇلاردىن باشقا يەنە، مۇسۇلمانلار ئىلمىي تەبقە تەلئەرىز (گېئولوگىيە)، ئىلمىي نەباد (بوتانېكا)، زوئولوگېيە، دېھقانچىلىق، سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ئىنسانىيەت پەن- مەدەنىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلگەن.
2. ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە
تارىخشۇناسلىقتا: دەسلەپكى مەزگىللەردە مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئۆمۈر بايانلىرىنى خاتىرىلەش شەكىللىرى مەيغانغا چىققان، شۇنىڭدىن كېيىن يىلنامە ۋە شەخسلەر سەرگۈزەشتلىرىنى تۈزۈپ چىقىش خىزمەتلىرى مەيدانغا چىققان. مەسىلەن، مۇھەممەد بىننى ئىسھاق (768- ؟) نىڭ «پەيغەمبەر قىسسەسى»، ۋاجىد (823- ؟) نىڭ «ئەلەم تۆھپىكارلىرى خاتىرىسى» دە ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى غازاتلار ۋە ئۇزاققا يۈرۈش پەتھىيلىرى تارىخلىرى خاتىرىلەنگەنىدى. پارىسىيلىق بالزورى (892- ؟) نىڭ «ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىستىلاھ قىلىنىشلىرى»، «ئاقسۈڭەكلەر شەجەرىسى» قاتارلىقلاردا ئىسلامىيەتنىڭ بىرىنچى ئەسىرىدىكى تارىخى ھەمدە، ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى خاتىرىلەنگەن.ياقۇتى (891- ؟) نىڭ «ھەرقايسى ئەللەر تەزكىرىلىرى» بولسا، ئەرەبلەردە بۇرۇنراق مەيدانغا چىققان تارىخ، جۇغراپىيە ئەسىرىدۇر. بۇلار دىن باشقا يەنە، تەبارى (923- 838) نىڭ يىلنامە تەروزىدە تۈزگەن زور تارىخ ئەسىرى «زامانلاردىن بۇيانقى پەيغەمـبەرلەرۋە شاھلارتارىخى»، ئىبنى ئەشىر (1234- 1160) نىڭ «تارىخ قامۇسى»، «شىر- توپىنىڭ دەپىنە لىرى»، مەسئودنىڭ «ئالتۇن يايلاق ۋە جاۋاھىرات، گۆھەرلەر نىڭ ساقلىنىشى»، ئىبنى خېلدون (1406- 1332) نىڭ «ئەرەبلەر، پارىسلار، بەربەرلەرنىڭ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە تارىخى قوللانـمىسى» تابۈگۈنكى كۈنگىچە ئىسلامىيەت تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا تولىمۇ قىممەتلىك بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ كەلمەكتە.
پەلسەپە ساھەسىدە:دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئىسلامىيەت پەلسەپەسىدە «قۇرئان كەرىم» نىڭ مۇھاكىمە، مۇزاكىرە قىلىنىشى ئاساس قىلىنىپ، ئەقلىيلىكنى ئەنئەنىۋى ئىتقاد دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىلگەنىدى، سوپىزمنىڭ مىستىتسزملىق ئىدىيىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن ئاقىبەتتە، ئسلام دىندىكى ئەنئەنىۋى ئىتىقادچىلارنىڭ مەدرىسە پەلسەپىسى شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جاھاندار چىلىقلارنى تەتقىق قىلىش خاھىشىغا مەنسۈپ بولغان بىر تۈركۈم ئەرەب ئارېستوتىل ئېقىمىدىكى پەيلاسوپلار كېلىپ چىقتى، مەسىلەن، كىندى (873- 796)، فارابى (950- 870)، ئىبىن سىنا، ئىبنى باجە، ئىبنى تۇفەيل ۋە ئىبنى روشىد قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى تەبئىي پەن ئالىملىرى ياكى تىبابەت ئالىملىرى بولۇپ، تەجرىبە بىلىملىرى ۋە ئەقلىيلىككە ئەھمىيەت بەرگەنىدى، ئۇلار، پەلەسەپە ۋە ئىلىم- پەننىڭ ھەقىقىتى دىنىي ھەقىقەتلەر بىلەن تەڭ بارابەر مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە بولىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئەسەرلىرى ياۋروپاغا تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپەسى تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش رولىنى ئوينىغانىدى.
ئەدەبىيات جەھەتتە:ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى گۈللەنگەن سودا بازار- يەرمەنكىلەر ھەرقايسى قەبىلە شائىرلىرىنىڭ، ناتىق ۋە مەدداھلىرىنىڭ ئىستىداتلىرىنى جەۋلان قىلىدىغان سەھىنىسى ئىدى. ئۇلار شۇ يەرلەردە مۇئاشىرە، دىكلاماتىسىيەلەر بىلەن مەشغۇل بولىشاتتى، زامانىسىدىكى «غەزەلىيات» لارنادىر ئەسەرلەر بولۇپ، ئۇزاق زامانلارغىچە تارقىلىپ كەلدى، بۇ شۆبىھە سىزكى، كېيىنكى ئەرەب ئىسلام ئەدەبىياتىغا مۇستەھكەم ئاساسلار سالغان. بۇرۇنقى مەزگىللەر دىكى شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەش، قەھرىمانلارنىڭ باتۇرلۇقلىرىنى، سۆيگۈ- مۇھەببەتتىكى مۇستەھكەملىكلەرنى مەدھىيلەشلەرنى تېما قىلاتتى.ئۇمەۋىييەسۇلالىسى دەۋرىدە يەنە سىياسىنى تېما قىلغان شېئىرلار كېلىپ چىقتى، ئابباسىيلار سۇلاىسى دەۋرىدىكى ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە كەلگەندە شېئىرىيەت تەرەققى قىلىپ تېخىمۇ بېيىدى، دىنىي ئىدىيلەر، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئوردا ھەشەمەتچىلىكلىرى، ئەمەلدار- تۆرىلەر تېمىلىرىغا دائىملىق رەۋىشتە باغلىنىپ تۇرىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەل ئارىسىدىكى ھېكايە، قىسسەچىلىكمۇ ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئاساسىدۇر. مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەرەبلەرنىڭ قەبىلە تۇرمۇشى تەسۋىرلەن گەن، مىسالى، «ئەنتەيىلا غارايىبلىرى»، مەسەل چۆچەكلەر توپلىمىدىن «كەلىلە ۋە دېمىنە»، شەيىخسەئىدى (1291- 1209) نىڭ «گۈلىستان»، ھەمدە مەشھۇر ئەسەر «مىڭ بىر كېچە» قاتارلىقلار نىڭ ھەممىسى ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجى، شۇنداقلا كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۆلمەس دۇنياۋى ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغان.
تىلشۇناسلىق جەھەتتە:«قۇرئان كەرىم» نىڭ قىرائەت قىلىنىش ۋە چۈشىنىلىشلىرى ئەرەب تىلشۇناسلىقى، ستىلستىكىسى ۋە گرامماتىكا ئىلمىنىڭ تەتقىقات ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەبۇ ئەسۋەد دۇئەيلى (688- ؟) قەدىمىي شام (سۈرىيە) تىلىنىڭ قائىدە- نورمىلىرى ئاساسىدا ئەرەب گرامما- تىكاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەيرى ئەرەب قوۋملىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» نىڭ تىلىنى ئىگىلىـشى، ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، ئىسلامىيەتنىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىشىنى قولايلاشتۇرغانىدى. 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بەسىرەدىكى پارىس ئالىم شىپاۋىش (796- ؟) تۈنجى قېتىم رەسمىي ھالدا، مۇكەممەل ئەرەب تىل ئىملا قائىدىسى خۇسۇسىدا ئەسەر يېزىپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە گېرىك، پارىس، ھىندىستانلارنىڭ ئىلىم- پەن ۋە پەلسەپە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ھەرىكەتلىرى ئەرەب تىلىنىڭ پەن- تېخنىكا ۋە پەلسەپە لۇغەت سوستاۋىنى ھەسسىلەپ بېيتتى.

§3 ئىسلامىيەت پەلسەپەسى ۋە ئېتىكاسى

ئىسلامىيەت پەلسەپەسىنىڭ تەرەققىياتى ئوخشىمىغان باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن، تۆت چوڭ خەلىپە دەۋرىدىن ئۇمەۋىييە سۇلالىسى دەۋرىدىكى سىرتقا كېڭىيىش ھەرىكىتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەرەب خەلىپە ئىمپىرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەگە يېيىلىپ، ئەسلىدىكى ئەرەب مەدەنىيىتى بىلەن ئىستىلاھ قىلىنغان رايونلارىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، بېيىش ۋە يۈكسلىشلەرگە ئېرىشكەن. ئابباسىيلار سۇلا- لىسىــدىكى تەرجىمە ھەرىكىتى ۋە ئىلىم- پەن، مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، يەنە شۇنىڭدەك گېرىك، رىم، پارىس، ھىندىستان قاتارلىق شەرق ۋە غەربنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئىسلام مەدەنىيىتىنى يۈكسەك پەللىگە كۈتەرگەن. ئارېستوتىلنىڭ پەلسەپە، لوگىكا ھەمدە تەبئىي پەنلەر ساھەسىدىكى كۆزقاراشلىرى، يېڭى ئەپلاتونىزم ئېقىمنىڭ پەلسەپە كۆزقاراشلىرى ۋە ئىدىيەلىرىنىڭ بارلىقى پەلسەپە ساھەسىگە ئېلىپ كېرىلىشى، مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ دىننى مەسىلىلەرنى ئەقلىيلىك ۋە ئىلمىيلىك بىلەن ئىسپاتلاش قۇرالىغا ئايلانغان. ئۇلار تەفەككۈر قىلىش ۋە شەرھىيلەش زۆرۈرىيىتى بولغان مەسىللەر ئاللاھدىكى تۈگەللىك ۋە دۇنيادىكى كەمتۈكلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرتوغرىسىدا، ئاللاھنىڭ بىرلىكى بىلەن ئالەمنىڭ كۆپ خىللىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتـلەر، ئاللاھنىڭ تەقدىر- ئىرادەتى بىلەن بەندىنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى، ھەمدە، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە مۇناسىۋەتلەردىن ئىبارەت ئىدى. ئەقلىي تەفەككۈر قىلىش بىلەن لوگىكىـلىق ئىسپاتلاشلار «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىسلام دىن ئىتىقاد ئەقىدىلىرىگە نازۇكلۇق بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشلار ۋە كۆپ تەرەپلىملىك ئىزاھاتلاشلار ئاساسىدا مۇكەممەل بىر يۈرۈش ئىسلامىيەت پەلسەپە تۈزۈلمىسى شەكىللەنگەن.
9- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە ئىسلامىيەت پەلسەپەسى مىسلىسىز رەۋىشتە تەرەققى قىلدى، بىر تۈركۈم پەيلاسوپلار ھەمدە پەلسەپە ئېقىملىرى مەيدانغا چىقتى. مەسىلەن، مۇنتەزىلىيەچىلەر تەكىتلەيدىـغان ئەقلىيلىك، مۇكەممەل ئەقلى ئانالىزلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى. ئەشئەرىيەچىلەرنىڭ دىن بىلەن ئەقلىيلىكنى گىرەلەشتۈرۈپ، ئورگانىك گەۋدىگە ئايلاندۇرغان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەدرىسە پەلسەپەسى، ئاقىۋەتتە غەززالىنىڭ مىستىتسزملىق سىرلىقلاشتۇرۇش مەپكۇرەسىگە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشلىرى، مۇكەممەل مەدرىسە پەلسەپەسىگە ئېلىپ باردى. ئىبنى ئەرەبىنىڭ ئىلاھىيەت سىرلىقى نەزەرىيەسى ۋەكىللىكىدىكى مىستىتسزملىق سوپىزم پەلسەپەسى ۋەھتەدۇل ۋۇجۇد ئەقىدىسىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئادەم روھىيىتىنىڭ ياراتقۇچىغا قايىتىدىغانلىقىنى ئۈستىدە ئىزدىنش بولدى. ئۇلار، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەر ھەمدە ئادەم ئاللاھ تەرىپىدىن ئاپىرىدە بولغان، ئادەم پۈتكۈل ئۈمرىدە ئاللاھقا قانداق قىلىپ يېقىن تۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرغان بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھ بىلەن قوشۇلۇپ كېتىش مۇقامىغا يېتىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىئە مەزھەپ ئىمامىيە پىرقىسىنىڭ ئىلاھىيەت ئىدىيىسى، ھەمدە «سەمىمىي بۇرادەرلەرئىتتىپاقى» ئۇيۇشـمىسىدىكلەردىمۇ دىققەتكە سازاۋەر پەلسەپەۋى ئىدىيەلەر بولغانىدى. يېقىنقى زامان ئىسلامىيەت پەلسەپەسى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ تەرەققى قىلىپ، ھازىرقى زامان جەمئيىتى بىلەن مۇناسىپلىشىش خاھىشىنى ئىپادىلمەكتە.
ئىسلامىيەت ئېتىكا (ئەخلاق ئىلمى) سى ھىجىرىيە 3- ئەسىر (مىلادىيە 9- ئەسىر) نىڭ ئوتتۇرىلىدىن باشلىنىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئېتىكالىق ئەسەرلەر ئىماملار تەرىپىدىن يېزىلاتتى، مەزمۇنى بولسا «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقى مۇھاكىمىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ رەتكە تۇرغۇزۇش، قايتا يەنە ھەدىسلەردىكى رىۋايەتچىلەر پىكىرلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشلار بىلەن روياپقا چىققانىدى. بىر مەزگىللىك تەرەققىياتلاردىن كېيىنكى ئېتىكالىق ئەسەرلەربەكمۇ تەپسىلى ۋە كونكرېت بولغان، ھەقىقى مەنىدىكى ئېتىكا ئىلمى ئەسەرلەرنى مەيدانغا چىقارغۇچى ئالىم ئىبنى مەسكەۋىدۇر (ھىجىرىيە 421- يىلى ۋاپات بولغان). ئۇنىڭ «ئەخلاقى تەربىيىلىنىش ۋە روھىيەتنى پاكلاشتۇرۇش» ناملىق ئەسىرى نەزەرىيەدىن ئەخلاق ئەمەلىيىتىگىچە بولغان ئەخلاقى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان، گېرىتىسيە پەلسەپە ئىدىيىسى ئىسلامىيەتنىڭ ئەھكاملىرى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەخـلاق بولسا ئەقلىي تونۇشنىڭ مەھسۇلى، ئەخلاقنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاۋۋىلىدە روھىيەتنى تونۇماق لازىم، روھىيەت بىلەن جىسمانىيەتنى، روھىيەت بىلەن گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ مۇناسىۋېتىنى تونۇماق لازىم. روھىيەت بىلەن جىسمانىيەت ئەقلىيلىك بىلەن سەزگۇنىڭ مۇناسىۋېتىدە، سەزگۇ پەقەت بىۋاستە ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىپ، بىۋاستەلىكتىن تەۋەللۇت بولمىش تۇيغۇلارنى ھېس قىلالايدۇ، يەنى بۇ مەخلوقاتنىڭ ئىختىدارىدۇر؛ ئەمما، روھىيەت بىلەن ئەقلىيلىك پەقەت ئادەمگىلا خاس، ئۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىش، ھېس ۋە تەسىراتتىن بىلىشكە ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە، يەنە كېلىپ ھېس ۋە سېزىمدىكى نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگىدۇر. روھىيەتنىڭ قۇدرىتىنى ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن: «چۈشىنىش ئىخىتىدار» ئۇنىڭغا ماسلاشقان ئەزا مېڭەۋە پاراسەتتۇر. «ئەسرارلىق ئىقتىدار» قۇدرەت ۋە باتۇرلۇقتا ئىپادىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ماشلاشقان ئەزا يۈرەك، «قانائەت، تۇتۇۋېلىش ئىختىدارى» بۇنىڭغا ماسلاشقان ئەزا جىگەردۇر. قەلىبنىڭ ھەر بىر تۈرلىك قۇدرىتى مۇ- ناسىپ گۈزەل ئەخلاقنى ئاپىرىدە قىلىدۇ، چۈشىنىش ئىختىداردىن پاراسەت تەۋەللوت بولىدۇ، ئەسرارلىق ئىختىداردىن باتۇرلۇق، جاسارەتلەر تەۋەللوت بولىدۇ، قانائەت، قوبۇل قىلىۋېلىش ئىختىدارىدىن بولسا، چىدام، غەيرەت، شۈكرانىيىلىقتەك ئۈچ تۈرلىك ئەخلاق ھازىرلىنىپ، تۆتىنچى بىر تۈرلىك ئەخلاق ماھىيىتىمۇ تەۋەللوت بولۇش ئىمكانىيىتىدە بولغان بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ لىلالىقتۇر.
ئىسلامىيەت ئېتىكا قارىشى جەمئىيەتتىكى رېئال ئادەملەرنىڭ ھەددى- ھەرىكەت مىزانلىرىغا ئېتىبار قىلىدۇ، بۇنداق مىزانلار «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرمەزمۇنلىرىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. ئاۋۋىلىدە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتىش، «قۇرئان كەرىم» دە تەكرار تەكىتلەنگەن، مۇددىئا بىر خۇدالىق ئىتىقادتا مۇستەھكەم تۇرۇش، شۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، يامانلىقنى چەكلەش قاتارلىقلار ئىسلامىيەت ئېتىكاسىنىڭ ئىجتىمائىي تەشەببۇسى ۋە ئەخلاق ئىلمى نەزەرىيىسىنىڭ ئۆلچىمى. ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە تەلەپكارلىق ۋە يۈزلىنىشلىرى ھەقىقەتكە تېۋىنىدۇ، ياخشىلىق قىلىش، يامانلىقتىن قېچىش ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ يولى، شۇنداقلا ئاداقكى نشاندۇر. ئۇنىڭدىن قالسا، مۇسۇلمان بولغۇچى «قۇرئان كەرىم» دە بويرۇلغان تۈرلىك گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى ئادا قىلىشقا تىرىشمىقى ۋاجىبتۇر. مەسىلەن، دۇرۇسلۇقنى ئىزدەپ پاك بولۇش، ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە كۆرسەتكەن توغرا يولىغا ئەمەل قىلىش، دۇرۇسلۇقنى ئەمەل قىلىپ، ياۋۇزلۇقتىن ئارىستە تۇرۇش، ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىدە ساقلىنىـۋاتقان كامچىلىق ۋە يامان خۇلۇقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىش، ئۆز- ئۆزىنى پاكلاش («قۇرئان كەرىم»نىڭ 18: 35، 87: 14 7: 35، 5: 39 قاتارلىق سۈرىلەرنىڭ ئايەتلىرىدە زىكرى قىلىنغان) مانا بۇلار ئىنسانىيەت ئەخلاقى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ياخشىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇش، يەنى بارلىق گۈزەل ھەرىكەتلەر بولۇپ، ياخشىلىققا مەھلىيا بولۇپ يامانلىقتىن يىرگىنىش تەقۋادارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، ئاللاھقا ساداقەتـمەنلىكنىڭ ئىپادىلىنىشدۇر («قۇرئان كەرىم» نىڭ 6 : 160، 31: 22، 125 ؛ 4 قاتارلىق سۆرە ۋە ئايەتلەردە زىكرى قىلىنىدۇ). كونكرېت ئىپادىلەر تۈۋەندىكى بىر نەچچە تەراەپلەردە بولغان بولىدۇ؛ ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش، ھەقنىڭ يولىغا پىداكار بولۇش، (29: 69، 8: 60 سۆرىلەرنىڭ ئايەتلىرىدە) ئاتا- ئانىغا كۆيۈمچان، ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇغ- تۇغقانلارنىڭ ھۈرمىتىنى قىلىش، قوشنا- قۇلۇم بىلەن ياخشى ئۆتۈش، غېرىب- غۇرۋا ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش، مىھماننى ياخشى كۈتۈش، قۇللارغا كەڭ قورساق بولۇش (4: 36، 24- 17: 23، 64: 16، 57: 7، 19- 51: 15 قاتارلىق سۆرىلەرنىڭ ئايەتلىرىدە)، باشقىلارنىڭ يامان ئىش ئەمەللىرىگە ئۆزىنىڭ ياخشى ئىش- ئەمەللىرى بىلەن جاۋاب بېرىش، كەڭ قورساق ۋە چىدامچانلىق باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىش (16: 126، 64: 14، 41: 34) ؛ كىشىلەرگە سەمىمىي ئىشەنچتە بولۇش، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، ئادىل بولۇش، ئۆز كۆمىىچىگە چوغ تارتىشنىڭ كويىدا بولماسلىق، كۈچ كۆرسىتىش، داغبازلىق، ھەشەمەتخورلۇقلارغا بېرىلمەسلىك (5: 8، 4: 135، 19: 54، 3: 75، 16 : 91، 23: 8، 33: 70 قاتارلىق سۆرىلەرنىڭ ئايەتلىرىدە) ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەردە ئىھتىرام تەۋەززۇلارغا دىققەت قىلىش، مەدەنىيەتلىك قائىدە- يوسۇنلۇق بولۇش، ئۆزئارا ھۈرمەت قىلىش، ئىنتىماق بولۇپ بىربىرىگە ياردەم قىلىش، ئۆزىدىن كېچىپ ئەلگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش (49: 12، 4؛86) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
يامانلىقلارنى چەكلەش ۋە قارشى تۇرۇشلاردا تەقىب قىلىنىدىغان ھادىسلەر؛ ئۆز نەپسىانىيىتىگە بېرىلمەك، باشقىلارغا زىيان سېلىش ھېسابىغا نەپ ئېلىش، سۈيىقەست- ھىيلە، مىكىر بىلەن شۇغۇللىـنىش (71؛23 ) ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىش (17؛37، 7؛146 ) بىكار ئېغىزلىق، (بىھۈدە، ئورۇنسىز سۆزلەش) نادانلىققا بېرىلىش، يالغان سۆزلەش (116- 117 ؛16، 39؛3 40؛28) ساختا گۇۋاھلىق بېرىش (25؛72) بىگۇناھلارغا ئۇۋال قىلىش (49؛6) ۋەدىگە ئەمەل قىلماسىلىق (8؛27) ئىغۋا گەرلىك قىلىش، ھەق- ناھەقـنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، يامان نىيەتتە ئاسماقچىلىق قىلىش، كەينىدىن غەيۋەت قىلىش (49؛12، 13- 10 : 68) ھەجۋىي مەسخىرە قىلىش، (11؛49) ھەسەتخولۇق (32 : 4) قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. يامان خۇلۇق، ئادەتلەر ئىچىدە شەرىئەت جازا بېرىدىغانلىرى ھاراقكەشلىك، قىمارۋازلىق، پاھىشۋازلىق قاتارلىقلار.
ئىسلامىيەت ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ، ئەخلاق مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. ئەخلاق بىلەن مىھرىبانلىق قىلىش ئىنسان تەبىئىتى، پەيغەمبەر ئېيتقانكى: «ئىنساننىڭ بەخت- سائادىتى ئىسىل ئەخلاقتا، ئىنساننىڭ زەبۇنلىقى بەدئەخلاقتا»، «مېنىڭ بورچۇم كىشىلىك ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»

§4 ئىسلامىيەتنىڭ مىمارچىلىق سەنئىتى

ئىسلامىيەت مىمارچىلىقى مەسجىد، مەدرىسە، خەلىپە ئوردىسى، خانىقا- مازارلار، رەئىيەلەر تۇرالغۇلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەرەب مىمارچىلىق سەنئىتى ئەرەب قوۋمىنىڭ ئەنئەنىۋى مىمارچىلىق شەكلىنى ئاساس قىلىپ، مىسۇپۇتامىيە، بىرىنوس يېرىم ئارىلى، ھەمدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىمارچىلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزگىچە ئۇسلوب ھەم ئۆز ئالدىغا جارىيلىق شەكىللىرى بىلەن ھەردەۋردە ئۆزگىچە ھالەتلەردە مەيدانغا چىققان مىمارچىلىق سەنئىتىدۇر. ئۇ ئىسلامىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ماسقەدەم ھالدا تەرەققى قىلدى ۋە ئۆزگىرىپ باردى، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە، ئوخشىمىغان رايونلاردىكى مەسجىدلەرنىڭ مىمار سەنئەتـلىرى ئىسلام دىننىڭ گۈللىنىش ياكى چىكىنىشلىرىنى ئىنكاس قىلىپ كەلدى.
ئىسلامىيەتتىكى تۈنجى مەسجىد كۈفە مەسجىدى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىنىڭ غەربىي جەنوبىي ئالاھەزەل 3 كېلومېتر مەنزىلدە. مەسجىد 622- يىلى سېلىنغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسـسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش سەپىرىدە، پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى لايىھىلەپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەنتەمىر قىلىنغان ئاددىي بىر مەسجىد، پەقەت تۆت كۈندىلا پۈتكۈزۈلگەنىكەن. «قۇرئان كەرىم» دەمەزكۇر مەسجىد «بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا ھۈرمەت ئاساس قىلىنغان مەسجىد» دەپ زىكرى قىلىنىدۇ. (108؛ 9) كېيىن بىر نەچچە مەرتىبە ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلىپ، كۆلىمى پەيدىن- پەي كېڭەيتىلگەن، ئەزەن ئېيتىش مۇنارى، ئۆتۈشمە ھاللار ھەمدە، ئىبادەتخانىلەر داۋاملىق رەۋىشتە ئۆزگەرتىلىپ بارغان. ھازىر كۈفە مەسجىدى ناماز ئۆتەش سارىيىدا مىڭغا يېقىن كىشى ناماز ئۆتىيەلەيدۇ. مەسجىد قاپقىسىغا يېقىن ئارىلىقتا قۇدۇق ۋە بۇلاق بار.
مۇھەممەد ئەلەيھسسالام مەدىنىگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدى (مەسجىدى نەبى) نى سالغۇزغان. پەيغەمبەر مەسجىدى يېڭىدىن تەمىر ئېتىلگەن مەزگىللەردە كۆلىمى بىرقەدەر كىچىك بولغان، قۇرۇلۇشى ئاددىي، بىر سەينادىنلا ئىبارەت بولۇپ ئاستىغا تاش ياتقۇزۇلغان، خۇرما ياغاچلىرى تۆۋرۈك قىلىنغان، دەرەخ شۇپۇرلىرىدا يېپىلغان، كېسەك بىلەن ئادەم بويى ئىگىز- لىكتە ئىھاتە تام قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى52.5 مېتر، كەڭلىكى، 45مېتىر ئىدى. كېيىنكى دەۋرلەر دەئىزچىل رەۋىشتە قۇرۇلۇشنى كېڭەيتىپ ياساشلار ئارقىسىدا، بۈگۈنكى ھەيۋەت ھەشە- مەتلىك، كاتتا قۇرۇلۇش بولغانىدى، پۈتكۈل مەسجىدنىڭ كۆلىمى 16.326 مىڭ كۇۋادرات مېترغا يەتكەن. بەش ئەزان ئېيتىش مۇنارى بار، بۇلارئىچىدە ئىككىسىنىڭ ئىگىزلىكى70مېترغا يېتىدۇ.17مېتىر چوڭقۇرلۇقـتىكى پىنتامىتتىن قوپۇرلۇپ چىقىلغان. مەسجىدنىڭ شەرقىي جەنوب بۇرجىكىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى، خەلىپە ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ قىزى پاتىمەنىڭ قەبرىسىمۇ شۇ يەردە.
مەككىدىكى مەسجىد ئادەم ئەلەيھىسسالام مېھراجغا ئۆرلەش سارىيىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان، كېيىن كەلكۈن ئاپىتىدە ۋەيران بولغان، پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئاللاھنىڭ ئىرادەت قىلىشى بىلەن قايتا ياساپ چىققان. 623- يىلى مۇھەممەد ئەلەيھسسالام «قۇرئان كەرىم» دە نازىل بولغان ۋەھىيلەرگە بىنائەن كەئىبىنى مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇشتىكى قىبلىسى قىلىپ بېكىتكەنىدى، 629- يىلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەئىبەنى تاۋاب قىلىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزلەر دىن قىلىپ بېكىتكەنىدى. 630- يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنى قايتۇرۇۋېلىپ، كەئىبە ئىبادەتخانىسىدىكى 360دانە بۇت ۋە چوقۇنۇش سۇپىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەسجىدكە ئۆزگەرتكەن. ھەجـرۇلئەسۋەدنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم» نىڭ (28 ؛9، 9، 97- 95؛5، 91؛2) سۆرىلەر ئايەتلىرىدىكى ۋەھىيلەرگە بىنائەن كەئىبىنىڭ تۆت ئەتىراپى مەنئىي قىلىنغان رايون قىلغانىدى، بۇ رايوندا ئوۋ قىلىش، ئۇرۇشۇش، بۇلاڭچىلىق قاتارلىق بارلىق ناشايان ئىشلار مەنئىي قىلىنغان، كاپىرلارنىڭ مەسجىدكە كىرىشى مەنئىي قىلىنغان. «قۇرئان كەرىم» دە مەككىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدى خۇسۇسىدا نازىل بولغان ئايەتتە «ئادەملەر ئۈچۈن بىنا قىلىنغان ئەڭ قەدىمىي مەسجىد، ھەقىقتەنمۇ مەككىدىكى ئاشۇ قۇتلۇق ھەجرۇل ئەسۋەددۇر، ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ قىبلىگاھىدۇر» (96؛3).
بۇ دەۋردىكى مەسجىدلەر ئەرەب ئەنئەنىۋى مىمارچىلىقلىرى شەكىلىدە بولۇپ، كۆپىنچە كېسەك، چاسا تاشلار بىلەن سېلىناتتى، ئۈستىگە گۈمبەز قىلىنمايتتى، ئىچى بىزەكسىز، ئاددىي سەرەمجانلاشـتۇرۇلغان بولاتتى. تۆت چوڭ خەلىپە زامانىسىدا ئىسلامىيەت يېرىم ئارالدىن سىرتقا قاراپ تىز سۈرئەتتە تارقالدى، ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى تۈرلىك ئەل، قوۋۇملارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بېرىشى جەريانىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقايسى جايلاردا تەمىر قىلغان مەسجىدلىرى، مەسجىد قۇرۇلۇشىدا كۆپ تۈرلىك ۋە سەنئەتلىك بولۇپ بېرىشقا باشلىدى.
مەسجىدنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسى مەسجىد سەيناسى، ناماز ئوقۇش زالى، مىھراب، مىنبەر ۋە ئەزەن ئېيتىش مۇنارى (پەشتاق) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ، مىھراب ناماز ئوقۇش زالىنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى تامنىڭ مەركىزىگە مۇئەييەن دەرىجىدە چوڭقۇرلاپ كىرىش بىلەن ⌒شەكىللىك قىلىپ ياسالغان ئويۇقچە بولۇپ ئىمامەتچىلىك قىلغۇچى ئىبادەت ۋە تەبلىغلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىش جايى، مىنبەر ئىمامنىڭ تەبلىغ، تەرغىبلەرنى سۆزلەش ئورنى بولۇپ، يەردىن ئىگىز كۆتۈرۈلگەن بىر نەچچە پايەلىك جىھازلىق قۇرۇلما، كۆپىنچە ياغاچتىن ياسىلىدۇ، ئىككى يانغا پايەلەر بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلىگۈچى سۈيىنىش ۋادەكلىرى ئورنىتىلغان بولىدۇ. بۇ جىھاز مەسجىدنىڭ بىر جابدۇقى سۈپىتىدە مەسجىد ئىچىگە قويۇشقا ياكى يۆتكەشكە بولىدۇ. ئەزەن ئېيتىش مۇنارى مۇئەززىننىڭ مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىش ئۈچۈن ئەزەن توۋلايدىغان مۇنارى، ئەزەن مۇنارى ئۇمەۋىييە سۇلالىسىدىن باشلاپ ھەيۋەتلىنىشكە باشلىغان. كۆپىنچە يۇمۇلاق شەكىللىك قوش مۇنار تەروزىدە ياسىلىدۇ. گۈمبەز قىلىش مىلادىيەدىن ئىلگىرى مىسۇتاپومىيەلىكلەرنىڭ كەشپىياتى ئىدى، كېيىن رىم ۋە پارىسقا تارقىلىپ كىرگەن. ئىسلام دىن مەسجىدلىرى ۋە ئەۋلىيالار مەقبەرىلىرى ئادەتتە گۈمبەزلىك قىلىپ ئىشلىنىدۇ. ئەگمە چىقىرىش ياسارلىقلارنىڭ ئجادىيىتى بولىدىغان، كېيىن پارىس ۋە رىملىقلارنىڭ قولىدا يەنىمۇ يۈكسەلگەنىدى، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە كۆتەردى، تۈرلىكچە شەكىل ۋە فورمىلارنى كەشىپ قىلىپ، ئىشىك، دېرىزىلەر قۇرۇلمىسدا قوللۇنىلىدى.
تۆت خەلىپەدىن باشلاپ ھازىرغىچە 1300يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا ئىسلامىيەت دۇنياسىدا نۇرغۇنلـغان مەسجىدلەر سېلىندى، بىرنەچچە چوڭ مەشھۇر مەسجىدلەرگە نەزەر سېلىنسا ئاجايىپ ئىخلاس بىلەن ئۆزگىچىلىكلەرجارى قىلىنىپ، گۈزەل، سەلتەنەتلىك ۋە سالاپەتلىك قىلىپ ياسالغانلىقىنى بايقاش مۇمكىن.
مەككە مەسجىدى ئىسلامىيەتتىكى بىرىنچى چوڭ مەسجىددۇر، مەككە شەھەر مەركىزىدىكى كەئىبە ھەجرول ئەسۋەدكە جايلاشقان. مەسجىد قۇرۇلۇشى تولىمۇ بەھەيۋەت، سەلتەنەتلىك، ئىسىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياسالغان، چوڭ سۈپەت ئۇلۇغۋارلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. مەسجىد مەركىزىنىڭ قىيپاش جەنوبىغا ھەجرولئەسۋەدكەئىبە جايلاشقان، ئەتىراپ سەيناسى 10مىڭ كۇادرات مېتر كېلىدۇ، ئاستىغا مەرمەر تاش يېيىتىلغان، مەخسۇس ھەجتاۋاب قىلغۇچىلارنىڭ ھەجرولئەسۋەدنى ئايلىنىشىغا بېغىشلانـغان ئىدى. پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ تۆت ئەتىراپى ئەگمە زاللىق قۇرۇلۇش، يۇقىرى، تۇۋەن ئىككى يولغا بۆلۈنگەن. پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ غول تېمى بىر قاتار تۆۋرۈكلەردىن تۈزۈلگەن، جەمئى 892 دانە تۆۋرۈك قويۇلغان، ھەر ئىككى تۆۋرۈكنىڭ ئارىلىقى ياي شەكىللىك ئەگمە بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، ھەر تۆت تۆۋرۈكتە ئىنتايىن نەپىس قىلىپ ئىشلەنگەن گۈمبەز بار، چامىسى500 نەچچە بولۇشى مۇمكىن. پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ ئىشىكى 64 بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم 3 ئىشىك ئايرىم- ئايرىم رەۋىشتە ئابدۇللا ئەزىز شاھ دەرۋازىسى، ئۆمرە دەرۋازىسى ۋە ئەل ئەمىن دەرۋازىسىدىن ئىبارەت. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 92 مېتر ئېگىزلىكتە نەيزەسىمان مۇنار ئورنىتىلغان، مۇنار پىنتامىنتى كەڭلىكى 7.7 مېتر، مۇنار ئۈستىگە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاي گرىب بېكىتىلگەن، ھىلال ئاي گرىب بېكىتلگەن جىھازنىڭ ئېگىزلىكى 5.6 مېتر كېلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە 7 مۇنارە سەفا تېغى ئۈستىگە ئورنىتىلغان. دەرۋازا بىلەن مۇنارىنى 20 مېتر ئېگىزلىكتىكى تام ئوراپ تۇرىدۇ. ھەجرولئەسۋەتنىڭ شەرقىي جەنوب بۇرجىكىدە يەردىن 1.5 مېتر ئېگىزلىكتىكى تامدا دىئامېترى 30 سانتىمېتر قارا تاش بار، قاراتاش ئاق ياكى قارا كىسۋە بىلەن يېپىپ قويىلىدۇ، ئېيتىشلار بۇ تاش ئىبراھىم ئەلەيھسسالامدىن قالمىش مۇقەددەس بۇيۇم ئىكەن. شەرق تەرەپكە بىر كىچىك راۋاقچە ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ ئىبراھىم ئەلەيھسسالام دەسسەپ تۇرغان يەرئىكەن. مەسجىد ئىچىدە زەمزەم بۇلىقى بار، سۈيى شىرىن، مۇقەددەس بۇلاق دېيىلىدۇ. ھازىرھەر يىلى ئالاھەزەل 2مىلليون مۇسۇلمان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ھەجتاۋاب قىلىدۇ.
مەدىنەدىكى مەسجىدى نەبى ئىسلامىيەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەسجىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ پەيغەمبەر مەسجىدىنى 1955- يىلى سەئۇدى ھۆكۈمىتى 1848- يىلى ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى قىلغان قايتا قۇرۇلۇشىلار ئاساسىدا كېڭەيتىپ قۇرغان. پۈتۈن مەسجىد كۆلىمى ئىلگىرىكى 10.303مىڭ كۇدرات مېتردىن، 16.326 مىڭ كۋادرات مېترغا كېڭەيتكەن. مەسجىددە بەش ئەزەن ئېيتىش مۇنارى بار، بۇلار ئىچىدە ئىككى يېڭى مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 70 مېتر كېلىدۇ، يەرئاستى17 مېتر چوڭقۇرلۇقتىكى پىنتامنىت ئۈستىگە قۇرۇلغان، مەسجىددە بەش دەرۋازا بولۇپ، غەربتىكىسى سالام دەرۋازىسى، رەھىمدىللىك دەرۋازىسى، شىمالدىكىسى شەرەف دەرۋازىسى، شەرقتىكىسى ئاياللارغا بېغىشلانغان نىسا دەرۋازىسى ۋە جىبرائىل دەر ۋازىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەسجىد تېمى شەرقتىن غەربكە 128 مېتر، شىمال تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 91 مېتر، مەسجىد ئىبادەتخانەسى ۋە كارىدورى 232 تۈۋرۈكدىن تەركىب تاپقان، 474 تال چاسا تۈۋرۈك 689 ئەگمە ئىشىك قۇرۇلمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، مەسجىد ئىچىدە ئىككى ئۈستى ئوچۇق سەينا بار.
ئېروسالىم ئەقسا مەجىدى، مەككە پەيغەمبەر مەسجىدى ۋە مەدىنەدىكى مەسجىدى نەبى قاتارىدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئىسلامىيەت مەسجىتىدۇر. «ئەقسا» ئەرەب تىلىدا يىراق مەنىسىدىكى ئىبارە بولۇپ، قەدىم دا بۇمەسجىد «يېراقتىكى مەسجىد» دەپمۇ ئاتالغان. ئورنى ئېرۇسالىمنىڭ شەرقى كونا شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى شەرەف ئىچكى كۈرەسىنىڭ غەربىي جەنوب بۇرجىكىگە جايلاشقان. مەزكۇر مەسجىد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھراجغا چىقىشى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى دەسلەپكى ئىسلامىيەت مەزگىللىرىدە مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇشنىڭ قىبلىگاھى بولغانىدى. ھازىر ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپچۈلىكى10- ئەسىر ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 19- نۆۋەتلىك خەلىپىـسى زامانىسىدىن قالغان بولۇپ، مەسجىد قۇرۇلۇشى ھەيۋەت، قىياپەسى بەكمۇ كۆركەم. تۈزۈلۈشى ئۇزۇنچاق شەكىللىك ئىبادەتخانە زالى، تاشتۈۋرۈكلەر ئەگمە ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان، چوڭ زالنىڭ ئىككى يېنىدا يەتتە كىچىك زال ئورۇنلاشتۇرۇلغان. چوڭ ئىبادەت زالىنىڭ ئۇزۇنلىقى90 مېتر، ئېگىزلىكى88 مېتر، كەڭلىكى 36 مېتر، ئىبادەتخانە ئىچى 53 دانە مەمەر تاش تۈۋرۈك ۋە 49 دانە چاسا تۈۋرۈك قويۇلغان، ئىبادەت زالىنىڭ شەرقى چېتىدە ئېيىتشلارچە زامانىسىدا خەلىپە ئۆمەر ئىمامەتچىلىك قىلىپ ناماز ئوقۇغان ئورۇن بولۇپ، ئۆمەر مەسجىدى تەۋەرۈكى دېيىلىدۇ. مەسجىدتە ئەزەن ئېيتىش مۇنارى يوق، بۇ مۇشۇ مەسجىدنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى.
ئېرۇسالىم سەخرە مەسجىدى 685- يىلى قۇرۇلغان. « سەخرە» ئەرەبچىدە تاش مەنىسىدىكى ئىبارە بولۇپ، مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ مىھراجغا چىقاردا دەسسىگەن تاشقا ئىما قىلىنغانلىقتىن بۇ مەسجىد مۇ «سەخرە مەسجىدى» دەپ ئاتالغان. مەسجىد سەككىز بۇرجەكلىك قىلىپ ياسالغان، مەسجىدنىڭ ھەر تەرەپى 250 مېتر كەڭلىكتە، ئېگىزلىكى9.5 مېتر، پۈتۈنلەي تاش بىلەن ياسالغان، «تاش مەسجىد» دېگەن نامىمۇ بار. مەسجىدنىڭ ئىچكى تۈزۈلىشى بەكمۇ گۈزەل، قۇرۇلمىسى مەزمۇت، مەركىزى زور يۇمۇلاق گۈمبەز ئارقىلىق يېپىلغان، شۇڭا، «چوڭ گۈمبەزلىك مەسجىد» دەپمۇ قويۇلىدۇ. گۈمبەز ئاستى بىر قاتار چاسا تۈۋرۈك ۋە چاسا لىملار ئارىلىقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان، گۈمبەز يۈزى ۋە بالاۋېشى سۇۋارى رەۋىشتە رەڭلىك چاقچۇق بىلەن بىزەلگەن. ئۈستىگە رەڭلىك ياكى ئويما ئۇسۇلدا، نەپىس قىلىپ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى يېزىلغان. گۈمبەز ئاستىغا «سەخرە» تېشى قويۇلغان. بۇ مەسجىد سۈرىيە، رىم ۋە ۋېزانتىيە ئەنئەنىلىرىنىڭ ئورگانىك بىرىككەن ئۇسلوبىنى نامايەندە قىلىدۇ.
سۈرىيە ئۇمەۋىييە جامەسى، يەنە بىر ئاتىلىشى دەمەشىق جامەسى، ئورنى سۈرىيىنىڭ پايتەختى دەمەشىقنىڭ كونا شەھەر رايونىنىڭ مەركىزىدە. ئەينى ئىزناسى خىرىستىئان پەيغەمبىرى يۇھان نامىـدىكى چىركاۋ بولۇپ، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەرنىڭ زامانىسىدا مەسجىد قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ مەسجىد705- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەرەب مىمارچىلىق سەنئىتىدە دۇنياغا مەشھۇر نادىر ئەسەر ھېسابـلىنىدۇ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى «قەدىمكىلەرمۇ قىلالمىغان كېيىنكىلەرمۇ قىلالمايدىغان» ھالدىكى مەسجىد بولۇپ، مۇسۇلمان دۇنياسىدا مۇقەددەس مەسجىدلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. مەسجىد ئۇزۇنچاق، ئۈستى ئوچۇق شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 158مېتر، كەڭلىكى 100مېتر، ئۈچ چوڭ زال ۋە چۈرگىلىمە كارىدۇرلار قاتار ئەگمىلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، يەر يۈزىگە پۈتۈنلەي چاقچۇق تاختا ياتقۇزۇلغان، تامدا قەدىمىي دەمەشىق مەنزىرىسى سۈرەتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئوتتۇرىدا بىر مەرمەر كۆل ياسالغان. ئىبادەت زالى جەنوبىي تەرەپكە جايلاشقان، تام زور تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان، ئۇزۇنلىقى 136 مېتر، كەڭلىكى37 مېتر، يۇغان مەرمەرتۈۋرۈكلەر ئارقىلىق ئۈچ بۆلۈمگە ئايرىلغان، زال ئىچى بەنا- ھايەت ھەشەمەتلىك، بەكمۇ گۈزەل نەقىشلەر بىلەن بىزەلگەن ياي شەكىللىك ئىشىكلەر ئورنىتىلغان، ئىككى ياق قاتار پەرچىمە قاپارتمىلىق تۈۋرۈكلەر ئەگمە تەكچىلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىبادەت زالى ئىچى تاملارغا ئالتۇن يالىتىلغان ۋە زور تۈۋرۈكلەر ئالتۇن، چىنتاش، قۇلۆلە قېپى قاتارلىقلاردا بىزەلگەن، قىزىل، ئاق، قارا مەرمەر تاشلارغا نەقىشلەر ئويۇلغان، جەنوبىي تام ئالدى تەرەپ قىلىنىپ، بەكمۇ چىرايلىق تۆت دانە مەرمەر تاشتا مېھراب چىقىرىلغان ھەمدە ئەزەن ئېيتىش مۇنارى ياسالغان. مەسجىدتە ئۈچ گۈمبەز قۇببىلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، غەربتىكىسى كىتاب ساقلاش راۋىقى، شەرقتىكىسى سائەت راۋىقى (12- ئەسىردە پارىسلار ياسىغان قېدىمكى سائەتنىڭ بولۇشى بىلەن مەشھۇر) شەرق، غەرب ۋە شىمال تەرەبلەردە بىردىن ئەزان ئېيتىش مۇنارى قۇرۇلغان.
ئىبنى تولۇن مەسجىدى مىسىر قاھىرە نىڭ ياشقار تېغى ئىگىزلىكىدە. مەزكۇر مەسىجىد 879- يىلى قۇرۇلغان، كېيىن بىرنەچچە مەرتەم ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن. قېدىمكى مىسىردىكى قەلئە تۈستىكى قۇرۇلۇشلار ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. تۈزۈلۈشى ئۇزۇنچاق بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 161مېتر، مەسجىد ئوتتۇرىسىدا ئۈستى ئوچۇق بىر كۈرە بولۇپ كۇۋادرات شەكىلدە، ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكى 91مېتردىن، كۈرەدە يەنە سەككىز بۈرجەكلىك مەقبەرە بولۇپ، تۆت ئەتراپى كىرپىش تۈۋرۈكلەر بىلەن ئورالغان، ئىھاتە تام بەكمۇ ئېگىز. مەسجىد ئىبادەتخانىسى كىرپىش، تاشلار بىلەن بەش يۈرۈش ئەگمە قىلىنغان، ئاندىن17لۇژاتىپلىق بۆلمىگە ئايرىغان، ئاق كىرپىشلىق تۈۋرۈك ئەگمە نەقىشلەردە بىزەلـگەن، تۆت ئەتىراپتىكى تاملار ياغاچ بىزەكلەر ياكى نازاكەتلىك قىلىپ كۇفە نۇسخىسىدا ئويما خەتلەرچىقىرىلغان. ئىچكى تامدىكى 129 ئەگمە دەھلىز ئاھاك زەلتۈك قىلىشتا بىزەلگەن. قۇببە چاقماق شەكىللىك بولۇپ ئالاھىدىلىك بالقىپ تۇرىدۇ. ئەزەن ئېيتىش مۇنارى مەسجىدنىڭ غەربىگە ئورۇنلاشـتۇرۇلغان، قۇرۇلمىسى ئالاھىدە، مۇنارنىڭ سىرتىدا بۇرما شەكىللىك پەلەمپەي ئورنىتىلغان، تۆت قەۋەتكە بۆلۈنگەن، ئاستى كۇۋادرات شەكىللىك پىنتامىنىت، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەتلەر سەككىز بۈرجەك شەكىلدە، ئەڭ ئۈستى بولسا مۇنار قۇببىسى.
ئوقباھ مەسجىدى، قەيرۇۋان مەسجىدى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئورنى تونىس قەيرۇۋان شەھىرىنىڭ مەركىزىدە، تونىستىكى مەشھۇر مەسجىد، شۇنىڭدەك ئىسلامىيەتنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا قۇرغان بىرىنچى مەسجىدۇر. مەسجىدنى ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ ئىفىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئوقباھ ئىبنى ناسىر 670- يىلدىن 675- يىلىغىچە قۇرۇپ چىققان. كېيىن ھەرقايسى دەۋرلەردە يەنە ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلغان. مەسجىدنىڭ ئۇزۇنلىقى 130مېتر، كەڭلىكى 80 مېتىر، مەسجىد تېمىنىڭ ئېگىزلىكى تۆت مېتر، سىرتقى شەكلى بەئەينى زور بىر قەلئەگە ئوخشايدۇ، قۇرۇلۇش ئورنى خېلىبەك زوربولۇپ بىر قېتىمدا سەككىزمىڭ كىشى ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. مەسجىدنىڭ تۆت بۇرجىسىغا كۈزەت قوختاسى تۇرغۇزۇلغان، چوڭ قاپقا (دەرۋازا) دەھلىزىدە دۈشمەنگە ئوت ئېچىش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن. چوڭ ئىبادەت زال بەكمۇ ھەيۋەت ۋە سەلتەنەتلىك، زالنىڭ ئالدى قىسمىغا چوڭ- كىچىك 15دانە ئىشك ئورنىتىلغان، ھەربىر ئىشىكتە400 دىن 800 گىچە تۈرلىك نەقىشلىنىپ ۋە قىستۇرۇلما ئويما تاختىلاردىن تەركىب تاپقان. مەسجىدكە كىرەر يۈنۈلۈشتە پارىس مىمارچىلىقىغا تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن ھەيۋەت گۈمبەزلەرتۇرغۇزۇلغان. مەسجىد ئىچىدە 20 قاتار، 300 دانە تۈۋرۈك تۇرغۇزۇلغان. ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئەزەن ئېيتىش مۇنارى گۈزەل ھەم چوڭ سۈپەت قىلىپ ياسالغان، 288 پارچە ئىنچىكىلىك بىلەن نەقىش قىلىنغان ھىندىستاننىڭ ئىسىل شەمشات ياغىچىدىن تەركىب تاپقان. مېراب 28پارچە نەقىشلىك مەرمەرتاش بىلەن تۈزۈلۈپ، ئۈستىگە 130 پارچە رەڭلىك چاقچۇق تاختا ئورنىتىلغان. ئەزەن ئېيتىش مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 35 مېتر، چاقماق شەكىللىك، ئۈچ قەۋەت بولۇپ، قەيرۇۋاندىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇ- لۇش ئەسلىھەسىدۇر.
ئەزھەر جامەسى، ئەسلىسىنى پاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ مارشالى جەۋھەر972- يىلى سالدۇرغان، كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قىزى پاتىمەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن «پاتىمە زەھىرا» (گۈلچىراي فاتىمە) ئاتالمىسىنى قوللۇنۇش سەۋەبلىك «ئەزھەر» بولۇپ تۇراقلىشىپ قالغان. بۇ جامەئە ئىلگىرى ئۇزۇنچاق شەكىللىك بولۇپ، 50 مىڭ كىشى بىر ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشقا بولاتتى، ھازىر يەرمەيدانى بىر ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىلگەن. ئەرەب مىمارچىلىق ئۇسلوبى گەۋدىلەنگەن، يۇمۇلاق تۈۋرۈكلىك ئۇزۇن كارىدورلار رەتلىك تىزىلغان. ئىبادەت زالىدا20قاتار تاش تۈۋرۈك قويۇلغان، ئىككى تەرەپتىكى قوشۇمچە زاللارنىڭ ھەربىرىدە ئون قاتاردىن تۈۋرۈك تۇرغۇزۇلغان، ھەر ئىككى تاش تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە بىر تالدىن لىم ئارتىلغان. مېرابقا ئشىك يانداشتۇرۇلغان، گۈل سۈرەت ۋە گېئومېترىك نەقىشلەردە بېزەلگەن. مەسجىدكە بەش ئەزەن ئېيتىش مۇنارى قۇرۇلغان، ئۇلار ئىچىدە بىر مۇنار قوش باشلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ دۇنيادا ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. مەزكۇر جامىئە بىلەن نامداش بولغان دۇنياغا داڭلىق ئەزھەر دارىلفونۇنىمۇ ھەم شۇ جامەگە يانداش بولۇپ تۇرىدۇ.
ئىراقتا مەسجىدلەر بەكمۇ تولا، مەسجىدلەرنى مازارلار بىلەن يانداشتۇرۇپ قۇرۇش بۇ يەردىكى بىر تۈرلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ، بۇ مەسجىدلەر پارىس ئەنئەنە مىمارچىلىقى ئۇسلوب ئالاھىدىلىكىنىمۇ ئۆزىلىرىگە مۇجەسسەملىگەن. باشقا رايونلاردا، مەسىلەن، تۈركىيە، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان، شەرقىي جەنوبىي ئاسىيا ئەللىرى، جۇڭگو قاتارلىق رايونلاردىكى مەسجىدلەر مىمارچىلىقلىرىمۇ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش ئامىللىرى ۋە مىللىي خۇسۇسىيەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرغان بولىدۇ.
ئىسلام دىندائادەم سۈرىتى سىزىش مەنئىي قىلىنغان بولغاچقا ئىسلامىيەت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بېزىلىشـلىرى كۆپىنچە ئەرەب ئويما نەقىشلىرى، گېئومېترىك بېزەك ۋە نەقىشلەر، ئۆسۈملۈك قىياپەتلىرى ھەمدە ھۈسنىخەت نەقىشچىلىقلىرى قوللىنىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top