• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » سەئىدىيە خانلىقى

سەئىدىيە خانلىقى

Abdureshithanسەئىدىيە خانلىقى 16- ئەسىرنىڭ باشىلىرى ئۇيغۇرلار تەرپىدىن قۇرۇلغان ئەڭ ئاخىرقى خانلىق بولۇپ ، بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىمىزدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، ۋە باشقا ساھەلەردە گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋىر ھىساپلىنىدۇ . مەزكۇر خانلىقنىڭ زىمىن دائىرىسى ، ئاساسەن موغۇلىستان زىمىنىنىڭ ئۆزى بولۇپ ، ئۇنىڭ دائىرىسى شەرىقتە چەرچەن-چاقىلىققا يىتىپ ئالتۇن تاغ تىزمىلىرىنى پاسىل قىلغان . جەنۇپتا قاراقۇرۇم تاغلىرىنى پاسىل قىلىپ ، شىزاڭ بىلەن چىگىرلانغان . غەرىپتە پامىر ئىگىزلىكىدىن ئۆتۈپ پەنجى دەرياسى بىلەن ئەنجاننى مەركەز قىلغان فەرغانە ئويمانلىقىغا يىتىپ بارغان . ئەمما فەرغانە رايۇنىنىڭ تەۋەلىكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولىشىغا قاراپ بەلگىلەنگەن بولۇپ ، پەقەت كۈچەيگەندىلا يىتىپ بارغان . شىمالدا تەڭرى تاغلىرىنى پاسىل قىلغان ، شۇ تەرىقىدە 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە دەۋىر سۈرگەن . تۆۋەندە سەلتەنەتلىك ھەم قىسمەتلىك تارىخىمىز بىلەم تونۇشۇپ چىققايسىلەر .


1-سۇلتان سەئىدخان
‏ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان موغۇلىستان خانى ئەھمەدخاننىڭ ئۈچۈنجى ئوغلى بولۇپ ، 1490-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاختىدا دادىسى بىلەن ئۆزبىك خانى شەيبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كىيىن شەيبانىخان ئۇنى قويۇپ بىرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار جەڭلەرگە قاتناشتۇرغان . كىيىن ئۇ شەيبانىخاننىڭ خارازىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يىنىغا قىچىپ بارغان . لىكىن ، تاغىسىنىڭ يىنىدا تۇرسا بىرەرئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايۇنىغا كىتىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ قىرغىزلارنىڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508- يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىغىر تالاپەتكە ئۇچىراتقان . دەل شۇ پەيىتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كىلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومومى يۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان .
‏ نەتىجىدە ئاكا-ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالماتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن مۇھەممەد بابۇر شاھنىڭ يىنىغا مىڭ تەسلىكتە قىچىپ كەلگەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت-ئىكراملار بىلەن كۈتىۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل تاغىسىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ قىلىپ ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى ئۆزبىكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەركەتلىرىگە قاتناشقان . كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبىكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ، ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئىلىپ بىرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىن ئۈمۈد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئابابەكرىنى يوقىتىپ ، قەشقەر ، يەكەن ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زىمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان .
‏ دەرۋەقە ، 1514-يىلى 6-ئايدا سەئىدخان 4700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تۇرغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەركەتكە كىلىپ قەشقەر ۋە يىڭساردا كۈچلۈك ئىسكىھكاملارنى ياساتقان . لىكىن سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈرانلىقىغا ئۇچىرغان كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەنلەرنى ئىشخال قىلغان . مىرزا ئابابەكرىنىڭ بۇ جاينى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئابابەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ كوئىنلون تىغى ئارقىلىق دالاق رايۇنىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئابابەكرىنى ئىز قوغلاپ تۇتۇپ ، دالاقتا قەتلى قىلغان .
‏ مىلادىيە 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ، سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختىگە چىققان .
‏سۇلتان سەئىدخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن خانلىقنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان : بىرىنجىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئابابەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان ، شۇنۇڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى-بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەرخىل جىنايەتچىلەرنى تازلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنجىدىن ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربي-مەمۇرى ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىگە ئۆتگۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلىقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ-ياساق ئالمىغان . ئۈچىنجىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر ئالىم سوپى خوجا تاجىددىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ، 1516-يىلى 2-ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچا ئارلىقىدىكى رابات دىگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خانلىق ئورنىنى ئىتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنجىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تىرتورىيىسىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئىلىپ بارغان . مەسلەن ، 1519-يىلى ۋە 1530-يىلى بەدەخشانغا ئىككى قىتىم ھۇجۇم قىلىپ ، بۇ رايۇننىڭ يىرىمىنى سەئىدىيە خانلىقى زىمىنىغا قوشىۋالغان ، 1522-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق ۋە قىرغىزلار رايۇنىغا قارتا نەچچە رەت ھەربىي يۈرۈش ئىلىپ بارغان . 1532-يىلى 7-ئايدا 5000 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن تىبەت ، دالاق ، بالىستان ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلغان . نەتىجىدە ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملىنىپ ،خانلىقنىڭ زىمىنى شەرىقتە جىيايىگۈەنگىچە ، غەرىبتە پامىر ، خىۋە ۋە ۋاخان رايۇنلىرىغىچە ، شىمالدا تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىغىچە ، جەنۇبتا كوېنلۇن ، ئالتۇن تاغلىرىغىچە يەتكەن .
‏ سۇلتان سەئىدخان يۇقىرقىدەك ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش-مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سۇلتان سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ مۆمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقىرسى بەگ-بىگات ئىسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى-پەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب- سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىيپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومومېلىقنى ئەلا بۈلۈپ ، خانلىقنى تىنىچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلىقنىڭ ئارام ئىلىپ دەرمان توپلىۋىلىشىغا پۇرسەت يارتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاركەندىچىلىكىنى تىنجىتىپ ، خاراپلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ قايتىدىن جاللىنىشىغا ئىمكانىيەت يارتىپ بەرگەن . سۇلتان سەئىدخان ئىسلام دىنىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئىلىپ بارغان . كەشمىر ، دالاق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرغان . مىلادىيە 1533-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سۇلتان سەئىدخان 47 يىشىدا دالاققا قارشى ئىلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قىلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى ئاستانە يەكەنگە قايتۇرۇپ كىلىنگەن .

2-سۇلتان ئابدۇرەشىتخان
‏ سۇلتان ئابدۇرەشىتخان سۇلتان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ 1533-يىلىدىن 1559-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ كىچىكىدە سەرسان-سەرگەندارلىقتا كۆپ ئازاپ تارتقان . كىيىن دادىسىنىڭ يىنىغا قايتىپ كەلگەن . سۇلتان سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋرلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرىس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ يىقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سۇلتان سەئىدخان ئۇنى چىنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرىق ۋە غەرىبكە جازا يۈرۈش قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنجىتىش ئۇرشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتكەن . ئۇ 1533-يىلى سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، سەئىدىيە تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . سۇلتان ئابدۇرەشىتخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئۇرنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىنى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاساسلىق تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :
‏ بىرىنجىدىن ، ھەربىي ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرى ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يىڭى قائىدە – تۈزۈملەرنى بىكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى موغۇلىستان خانلىقى ھەم سەئىدىيە خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋىردە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات جەمەتىنىڭ ھوقوقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تىخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيانلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لىكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل-كىسىل خاتىمە بىرىلگەن .
‏ ئىككىنجىدىن ، تىنىچلىق توختىمىنى بىكار قىلغان ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەرىبىگە ھۇجۇم قىلىپ ، تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن .
‏مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چىكىنگەن . لىكىن ، 1538-يىلى مەنسۇرخان سەئىدىيە خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . سۇلتان ئابدۇرەشىتخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرىقتە تاكى گەنسۇنىڭ جايۇگەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارىلىق زىمىنلارنى سەئىدىيە خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى شاھخاننى بۇجايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگىن .
‏ ئۈچىنجىدىن ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرشى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايۇنلاردا يۈز بەرگەن توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھامىسى بولغان قازاق خانلىقىنىڭ خانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنجى قىتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . سۇلتان ئابدۇرەشىتخان بۇ ھەركەتنىمۇ قاتتىق بىسىقتۇرغان.
‏ تۆتىنجىدىن ، جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلەردىمۇ بىرقانچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدىرسلەرنى كىڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنى مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىق تەۋەسىدە بىر مەھەل تىنىچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئالتۇن دەۋرى بارلىققا كەلگەن .
‏ بەشىنجىدىن ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا ئىلھام بىرىپ ، جايلاردا نەزەرگە ئىلىنماي قالغان ئۇيغۇر سازەندىلىرى ، غەزەلچى ھەم شائىرلىرىنى تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن ، بۇنىڭ بىلەن ئوردىدا نۇرغۇن تالانتلىق شەخىسلەر توپلىنىپ ، خەلىق ئارسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن 12 مۇقام مۇشۇ كىشىلەر بىلەن ئوردىغا كىرگەن ، دەرۋەقە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن زور شەرت-شارائىتلار ھازىرلانغان .
‏ ئومومەن ، سۇلتان ئابدۇرەشىتخان يۇقۇرقىدەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن ئۇ دۆلەتنى ئۈنۋىرسال ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ ئاتىسىدىن ھىچ قىلىشمىغان . ئۇ يەنە دائىم پۇقراچە ياسىنىپ ئاددى خەلىق ئارسىغا چۆكۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى يۇشۇرۇن ئىگەللىگەن . مىلادىيە 1559-1560-يىللىرى ، ھىجىرىيە كالىندارىدا 967-يىلى سۇلتان ئابدۇرەشىتخان خوتەننى يۇشۇرۇن تەشكۈرش سەپىرىدە بەخىتكە قارشى سۈيقەستكە ئۇچىراپ ۋاپات بولغان .

3-سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان
‏ سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان ،سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى ، ئۇ سەئىدىيە خانلىقى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن سۇلتان بولۇپ ، 1559-يىلىدىن 1591-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان تەخىتكە ئولتۇرغاندىن كىيىن ، بۇرۇنقى تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى ئىزچىل تۈردە ئىجرا قىلىپ ، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى بولغان بەگلىك تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرگەن . خەلىق ئاممىسى ئۈستىدىكى باج-سىلىقنى كىمەيتكەن . شۇڭا ئۆز دەۋرىدە ئابدۇلكەرىمخان ئادىل دىگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان . بۇ ھال ئۇنىڭ سەئىدىيە خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى تۈپكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . 1570-يىلى غەرىبتە بايدىن شەرىقتە جايۈگەنگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەنسۇرخاننىڭ ئوغلى شاھ سۇلتاننىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن ، 1516-يىلىدىن باشلاپ سەئىدىيە خانلىقنىڭ ھامىلىقىغا كىرگەن بۇ رايۇنلارنى خانلىقنىڭ بىۋاستە باشقۇرشىغا ئۆتكۈزۋالغان ھەمدە كەنجى ئىنىسى ئابدۇرەھىمخاننى بۇجايلارغا سۇلتان قىلىپ ئەۋەتكەن . 1591-يىلىغا كەلگەندە ، ئىنىسى قۇرەيىش سۇلتان ۋە ئوردا ۋەزىرلىرىدىن ئەبۇلمەئانى ، مۇھەممەد قاسىم قاتارلىقلارنىڭ ئوردا توپىلىڭى سەۋەبىدىن ، بارچۇقتا ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە ( خان شەھىت ) دىگەن نام بىلەن ئاتالغان .

4-سۇلتان مۇھەممەدخان
‏ سۇلتان مۇھەممەدخان ، سۇلتان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى بولۇپ ، 1591-يىلىدىن 1609-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە خانلىق تازا قىرانىغا يەتكەن . يەكەن، خوتەن ، قەشقەر ، سىرىققۇل ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچا ، چالىش ( قارا شەھەر ) ، تۇرپان ، قۇمۇللاردا خۇتبە ئۇنىڭ نامىغا ئوقۇلغان ھەمدە بۇ جايلاردا ئۇنىڭ نامىدا پۇل قويدۇرغان . ئۇ ئاۋام پۇقرالارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ، جازانىخورلارنى چەكلىگەن . خانلىق ئاستانە يەكەن راسا گۈللەنگەن . سۇلتان مۇھەممەدخان تەقۋادار مۇسۇلمان بولغاچقا ، ئسھاقىيە سۈلىكىنىڭ ھۆرمىتى ۋە مەدھىسىگە سازاۋەر بولغان . پورتىگالىيىلىك بىنتىگىتنىڭ ( ساياھەت خاتىرسى ) غا ئاساسلانغاندا ، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ئەمىر-پەرمانلار پۈتۈن ئەلدە يولغا قويۇلغان . جەمىيەت تەرتىپى ياخشى ، سەيلى-ساياھەت بىخەتەر بولغان . يەكەن شەھىرىدە سودا-سىتىق ئىشلىرى ناھايىتى جاللانغان .
‏لىكىن ، سۇلتان مۇھەممەدخان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىگە كەلگەندە ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر قاتار سىياسىي كۆرەشلەر يۈز بىرىپ ، بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن . جۈملىدىن ، ئۇنىڭ بىردىنبىر ھايات ئىنىسى ئابدۇرەھىم سۇلتان ئۆزىگە بىرىلگەن ھوقوق ئىمتىيازلارغا رازى بولماي ، كۇچا بىلەن باينى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان . بۇنىڭ بىلەن خانلىق ھەرخىل ئىچكى نىزالارغا دۇچ كىلىپ ، ئاستا-ئاستا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ، 1609-يىلىغا كەلگەندە ، سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن بۇخىل كىرزىس تىخىمۇ چۇڭقۇرلىشىپ ماڭغان .

5-سۇلتان ئەھمەدخان
‏ سۇلتان ئەھمەدخان ، سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى ، 1609-يىلىدىن 1618-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان بولۇپ ، شادى خوجا ، ۋەزىر خوجالىتىپ ، قوش بىگى مىرزا غىياس قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەخىتكە چىققان .سۇلتان ئەھمەدخان ئوردا ئىچى ۋە پۈتكۈل خانلىقنىڭ ۋەزىيىتىنى بىر مەھەل مۇقىملاش تۇرغان.
لىكىن ، خانلىقتا تەخىت تالىشىش كۆرىشى ھىچبىر توختىماي ، جايلاردا سۇلتان ئەھمەدخانغا قارشى كۆتۈرۈلۈشلەر ئارقى-ئارقىدىن يۈز بىرىپ تۇرغان . بۇنىڭدىن سىرىت سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ئۆلىمىنى ئاڭلىغان قىرغىزلار 5000 كىشلىك قوشۇن بىلەن ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا بىسىپ كىرگەن . بۇنداق ئەھۋالدا ، سۇلتان ئەھمەدخان بىر قاتار كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللانغان . ئۇ ئالدى بىلەن قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىنى چىكىندۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ۋە يەكەنلەردە ئۇلارغا قارشى ئومومىي يۈزلۈك ھەربى ھەركەت قوللانغان ھەمدە بۇ رايۇنلارغا بىسىپ كىرگەن قىرغىز قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ، خانلىققا كەلگەن تاشقى تەھتىدنى تۈگەتكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، سۇلتان ئەھمەدخان قەشقەردە ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ نەۋرىسى شەرىفىددىننڭ ، يەنە تۇرپاننىڭ نائىبى ئابدۇرەھىم، ئاقسۇنىڭ نائىبى ئىسكەندەر قاتارلىق خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ بىر قاتار توپىلاڭلىرىنى تىنجىتىپ ، خانلىقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى بىر مەزگىل مۇقىملاشتۇرغان . لىكىن ، بۇخىل ۋەزىيەت ئۇزاق داۋاملاشمىغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلتان ئەھمەدخان كىيىنكى مەزگىللەردە سەيلى-ساياھەت بىلەن بەنت بولۇپ كىتىپ ، ئوردا ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغان . بۇنىڭ بىلەن خانلىقنىڭ ھوقۇقى ئاستا-ئاستا ئاجىزلىشىپ بارغان . 1618-يىلى ، سۇلتان ئەھمەدخان بارچۇقتا ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا توپىلاڭچى ئەمىرلەر تەرپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

6-سۇلتان ئابدۇللىتىپخان
‏ سۇلتان ئابدۇللىتىپخان سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى بولۇپ ، 1618-يىلىدىن 1630-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن قەشقەر ئەمىرلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن سۇلتان بولغان ھەمدە يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن توپىلاڭچى ئەمىرلەر تەرپىدىن تەخىتكە چىقىرىلغان يۈنۈس سۇلتاننىڭ ئوغلى قۇرەيىشنى يوقاتقان . شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ، ئۇ سەئىدىيە تەختىگە رەسمىي ۋارىسلىق قىلىپ ، خانلىقنىڭ ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان .
‏ بىرىنجىدىن ، سۇلتان ئابدۇللىتىپخان ئالدى بىلەن ئۆز ھىمايىچىلىرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ، ئالاھىدە مەنسەپ تەقسىماتى ئىلىپ بارغان . مەسىلەن ، مىرزا مۇھەممەد يۈسۈپ بايرىننى يەكەننىڭ ھاكىملىقىغا ، خوجا ئابدۇللىتىپنى ۋەزىرلىككە ، ئابدۇغاپپارنى قوشبىگىلىككە ، مىرزا ئابدۇساتتار ئاقباراقنى ئىشىك ئاغىلىقىغا ، مىرزا ھاجى بارلاسنى قەشقەرنىڭ ھاكىملىقىغا ، مىرزا قۇربان جوراسىنى سىرىققۇلنىڭ ھاكىملىقىغا ، ئەمىر خۇسراۋ بايرىننى قەشقەر تۆمەن دەرياسىنىڭ مىراپلىقىغا تەيىنلىگەن . ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆز ھۆكۈرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەمەلگە قويۇلغان ئەمەلدارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۆز رەقىپلىرىنى كۆزدىن يىراق قىلغان .
‏ ئىككىنجىدىن ، خانلىقتىكى ئىچكى مالمانچىلىق ۋە تاشقى ئاپەتلەرنى بىر-بىرلەپ يوقاتقان . خانلىقنىڭ شەرقى قىسمىدىكى ھۆكۈمران ئابدۇرەھىمخان سۇلتان بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئەسكەر چىقىرىپ ، كۇچا ۋە ئاقسۇلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە بۇ رايۇنلاردىكى خەلىقنى ئىغىر دەرىجىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان . بۇنداق ۋەزىيەتتە سۇلتان ئابدۇللىتىپخان قوشۇن چىقىرىپ ، ئابدۇرەھىمخان سۇلتاننىڭ ھۇجۇمىنى چىكىندۈرگەن . سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان قازاقلار خانى ئەسىمخانمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلپ ، تاشكەنتتىن لەشكەر باشلاپ كىلىپ ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان . بۇنى ئاڭلىغان سۇلتان ئابدۇللىتىپخان زور قوشۇن چىقىرىپ ، قازاقلارنىڭ بۇ ھۇجۇمىنىمۇ چىكىندۈرگەن ھەمدە ئاقسۇدىكى پۇقرالار ۋە ئەسكەرلەردىن ھال سوراپ ، مىرزا ئەلى مەردان بەگنى بۇ رايۇننىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن . ۋەھالەنكى ، ئابدۇرەھىمخان سۇلتان بىلەن قازاق خانى ئەسىمخان ۋە يىڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئويراتلار ئاقسۇ شەھىرىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان . بۇ ھال ئاقسۇ خەلقىگە ئىغىر بالايى-ئاپەتلارنى ئېلىپ كەلگەن.
‏ ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇللىتىپخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ، خانلىقنىڭ بىر مەھەللىك گۈللۈنۈش مەنزىرسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . لىكىن ، كىيىنكى كۈنلەردە جەمەتىدىكىلەرنىڭ تۈگىمەس ئىچكى توقۇنىشلىرى تۈپەيلىدىن ، خانلىق ئاستا-ئاستا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن . سۇلتان ئابدۇللىتىپخان خانلىقنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالماي ، مىلادىيە 1630-يىلى 26 يىشىدا ۋاپات بولغان .

7-سۇلتان ئەھمەدخان 2
‏ سۇلتان ئەھمەدخان 2 بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ سۇلتان ئابدۇللىتىپخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەخىتكە چىققان ، كىيىن سۇلتان ئەھمەدخان 2 نى تەخىتكە چىقارغان ئەمىرلەر ئوتتۇرسىدا ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى يۈز بەرگەن . شۇ پەيىتتە ، سۇلتان ئەھمەدخان 2 نىڭ ئىنىسى سۇلتان مەھمۇدخان تەخىتنى تارتىۋىلىش ئۇرشىغا جىددى تەييارلىق قىلغان ھەمدە ئاقسۇنى بازا قىلىپ تۇرۇپ ، شۇ جايدىكى ئەمىرلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھەر يىلى يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان . سۇلتان ئەھمەدخان 2 بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، زور قوشۇن بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلانغان . نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلىغان ، سۇلتان ئەھمەدخان 2 ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ چىكىنىپ چىققان . دەرۋەقە سۇلتان مەھمۇدخان 1632-يىلى غالىپلارچە يەكەنگە كىرىپ تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇزاق ئۆتمەي ئاقسۇدا قىچىپ يۈرگەن سۇلتان ئەھمەدخان 2 ئابدۇرەھىمخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇللانىڭ ئاقسۇغا بىسىپ كىرىشى بىلەن ، نائىلاج يەكەنگە قىچىپ كەلگەن . سۇلتان مەھمۇدخان ئۇنى سۈرگۈن قىلىشقا يارلىق چۈشۈرگەندە ، شادى خوجا بىلەن خان سانىيە ئۇنى تىلىۋالغانلىقتىن كەچۈرۈم قىلغان . 1635-يىلى سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ شادى خوجا تەرپىدن قەستلەپ ئۆلتۈرلىشى بىلەن سۇلتان ئەھمەدخان 2 يەنە بىر قىتىم خانلىق تەختىگە چىققان ھەمدە تاكى 1638-يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ، ئاخىرى ئابدۇللانىڭ يەكەنگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن تەخىتنى تاشلاپ بەلىخكە قىچىپ كەتكەن .

8-سۇلتان مەھمۇدخان
‏ سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەدخان 2 نىڭ ئىنىسى . ئۇ ئاكىسىدىن تەخىتنى تارتىۋىلىش ئۈچۈن ، دىنى كۈچتىن مەدەت ئىلىش مەقسىتىدە خوجا لىتىپنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتكەن . لىكىن ، سۇلتان ئەھمەدخان 2 ئۇنىڭ غەرىزىنى بىلىپ قىلىپ ، خوجا لىتىپنىڭ قىزىنى ئۆز نىكاھىغا ئىلىۋالغان . بۇنداق ئەھۋالدا ، سۇلتان مەھمۇدخان يەكەندە تۇرۇشقا ئامال بولماي ئاقسۇغا قىچىپ كەتكەن ھەمدە بۇجايدىكى ئەمىرلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھەر يىلى دىگۈدەك يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان . 1632-يىلىدىكى بىر قىتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئاكىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ، خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان . 1635-يىلىغا كەلگەندە ، ئاكىسى سۇلتان ئەھمەدخان 2 نىڭ قوللىغۇچىسى شادى خوجا تەرپىدىن قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن . بۇنىڭ بىلەن سەئىدىيە تەختى قايتىدىن سۇلتان ئەھمەدخان 2 نىڭ قولىغا ئۆتكەن .

9-سۇلتان ئابدۇللاخان
‏ سۇلتان ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدۇرەشىخاننىڭ نەۋرىسى ئابدۇرەھىمخاننىڭ ئوغلى بولۇپ 1638-يىلىدىن 1667-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئاتىسى ئورۇندىيالمىغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ، يەكەندىكى خانلىق ئورۇننى تارتىۋىلىپ ، پۈتكۈل خانلىقنىڭ چوڭ خانى بولۇشقا جىددى تەييارلىق كۆرگەن . شۇ مەقسەتتە ئۇ 1635-يىلى قەشقەرگە بولغان تۇنجى ھۇجۇمنى باشلىغان . لىكىن ، بۇ قىتىملىق ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ ئاقسۇغا چىكىنگەن . 1638-يىلىغا كەلگەندە سۇلتان ئابدۇللاخان يەكەن ۋە خوتەندىكى ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن قەشقەرگە ئىككىنجى قىتىم ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا زەپەر قۇچۇپ تاكى يەكەنگىچە ئوڭۇشلۇق يىتىپ بارغان . شۇ يىلى يەكەندىكى شادى خوجا ، خوجا ناسىر ، مەۋلانە سالىھ ۋە باشقا ۋەزىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەخىتكە چىققان .
‏سۇلتان ئابدۇللاخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كىيىنكى مەزگىللىرىدە تەخىتكە چىققان خانلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرغاچقا ، ئۇنى سەئىدىيە خانلىقىنى گۈللەندۈرگەن خاقان دەپ ئاتاشقا بولىدۇ . چۈنكى ئۇ زۇر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلغان .
‏ بىرىجىدىن ، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سىلىپ ، شاھ مەنسۇر بەگنى ئۆزىگە ئاتالىقا ، شاھ بەگنى ۋەزىرلىككە ، باباق بەگنى مىراپلىققا ، مىزا ئىسمائىل ئوردۇ بەگنى سول قانات قوشۇننىڭ ئۈچبىگىلىككە ، ئىنىسى ئەبۇل مۇھەممەدخاننى چالىش ۋە تۇرپاننىڭ نائىبلىقىغا ، يەنە بىر ئىنىسى ئىبراھىم سۇلتاننى قەشقەرنىڭ نائىبلىقىغا ، مىرزا شاھ بەگنى يىڭسارنىڭ ھاكىملىقىغا ، مىرزا ئابدۇساتتار بەگنى ئاقسۇنىڭ ئەمىرلىكىگە ، مىرزا كۈچەك جوراس ئۇچنىڭ ھاكىملىقىغا ، مىرزا ئەرەببەگنى قاراقاشنىڭ ھاكىملىقىغا ، مىرزا شاھباز جوراسنى سىرىققۇلنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن .
‏ئىككىنجىدىن ، ئويراتلارنىڭ قۇتۇرتىشى بىلەن توپىلاڭ كۆتۈرگەن كۇچا ئەمىرلىرىنى قاتتىق جازالىغان . ئاقىدىنلا يەنە بولور ۋە بەدەخشانغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ، ئۈچ ئاي جازا يۈرۈش قىلىش ئارقىسىدا ، بۇ ئىككى رايۇننى قايتىدىن بوي سۇندۇرغان .
‏ ئۈچىنجىدىن ، خانلىقنىڭ غەرىبى شىمالىدىكى زىمىنلارنى قايتۇرۋىلىش مەقسىتىدە ، فەرغانە رايۇنىغا ھۇجۇم قىلغان . لىكىن ، بۇ قىتىملىق ھەربىي ھەركەتتە قىرغىزلارنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرى كۈچىنى ئىشقا سىلىپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن سەئىدىيە قوشۇنى ئىغىر تالاپەتكە ئۇچىرىغان . كىيىن سۇلتان ئابدۇللاخان 40 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن فەرغانە رايۇنىغا قايتىدىن بىسىپ كىرىپ ، ئەنجان شەھىرىنى ئىشخال قىلغان .
‏تۆتىنجىدىن ، ئويراتلارغا قارشى ئىككى قىتىم ئۇرۇش قىلىپ ، ھەر ئىككى قىتىمدا مەغلۇپ بولغان . لىكىن ، ئويراتلارنىڭ خوتەن رايۇنىغا قىلغان ھۇجۇمىنى چىكىندۈرۈپ ، خانلىقنىڭ كۈچ-قۇدىرتىنى نامايەن قىلغان .
‏ ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇللاخان يۇقىرقىدەك بىر قاتار پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنىچلىق ۋە گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . كىيىنكى چاغلاردا ئاق تاغلىق غوجىلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتتىق ئارلىشىۋىلىشى ۋە سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى يولۋاسخاننى خۇپىيانە ھالدا يۆلەپ بۆلگنچىلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن ، سۇلتان ئابدۇللاخان ئامالسىز قىلىپ مىلادىيە 1667-يىلى خانلىق تەخىتنى تاشلاپ ئەرەبىستانغا ھەج قىلغىلى كەتكەن .

10-سۇلتان يولۋاسخان
‏ سۇلتان يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن 1667-يىلى يەكەندە خانلىق تەخىتكە چىققان . ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغاندىن كىيىن ، ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن قارا تاغلىق خوجىلارنى پاجىئەلىك ھالدا قىرغىن قىلغان . بۇنداق ئەھۋالدا قارا تاغلىق خوجىلاردىن مۇھەممەد ئابدۇللا كۆپ قىسىم ئەمىرلەر ۋە مۇرتلارنى باشلاپ يەكەندىن ئاقسۇغا بىرىپ ، شۇ جاينىڭ ئەمىرى بىلەن بىرلەشكەن ،كىيىن خوتەننىڭ ئەمىرىمۇ بۇ ئىتىپاققا قاتناشقان . قارا تاغلىقلار ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ، ئويراتلارنىڭ خانى ئاتۇن تەيجىگە ئادەم ئەۋەتىپ ، ئابدۇللىتىپنىڭ ئوغلى ، ئابدۇللانىڭ ئىنىسى ئىسمائىلنى سوراپ ئەكىلىپ ، ئۇنى ئۆزلىرىگە خان قىلىپ تىكلىگەن ھەمدە ئاقسۇنى بازا قىلىپ تۇرۇپ يەكەنگە ھۇجۇم قىلغان . سۇلتان يولۋاسخان قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ يەكەن شەھىرىگە بىكىنىۋالغان . كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ، سۇلتان يولۋاسخان قارا تاغلىق غۇجىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭغارلارنىڭ يەنە بىر ھۆكۈمرانى زەنگى تەيجىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئسمائىلخاننى ئىغىر تالاپەت تارتقۇزغان . لىكىن ، قەشقەر شەھىرى زەڭگى تەيجىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىپ ، سۇلتان يولۋاسخان ئامالسىز يەكەنگە كىتىشكە مەجبۇر بولغان . زەڭگى تەيجى قەشقەردە سۇلتان يولۋاسخاننىڭ كىچىك ئوغلىنى خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقارغان . سۇلتان يولۋاسخان يەكەنگە بارغاندىن كىيىن ، زەڭگى تەيجىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك سەركەردىسى ئەرك بەگنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا 1670-يىلى كۆتۈرۈلگەن ئەمىرلەر توپىلىڭىدا ئۆلتۈرۈلگەن .

11-سۇلتان ئابدۇللىتىپخان 2
‏ سۇلتان ئابدۇللىتىپخان 2 سۇلتان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، 1670-يىلى خانلىق تەخىتكە يۆلەپ چىقىرىلغان . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئانىسى بىلەن بىرلىشىپ توپىلاڭچى ئەمىرلەرنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان .بۇ ئەھۋالنى ئۇققان زەڭگى تەيجىنىڭ سەركەردىسى ئەرىك بەگ ئۆزىدىن خەۋىپسىرەپ قەشقەرگە قىچىپ كەتكەن ھەمدە ئاقسۇدىكى ئىسمائىلخانغا خەت ئەۋەتىپ ، ئۇنى يەكەنگە قوشۇن تارتىشقا دەۋەت قىلغان . ئىسمائىلخان بۇ تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلىپ ، ئالتۇن تەيجىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن شەھىرىگە باستۇرۇپ كەلگەن . سۇلتان ئابدۇللىتىپخان 2 قەشقەرگە قىچىپ كەتكەن . شۇنداق قىلىپ 1670-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسمائىلخان يەكەن شەھىرىگە كىرىپ ، خانلىق تەخىتكە چىققان .

12-سۇلتان ئىسمائىلخان
‏ سۇلتان ئىسمائىلخان 1670-يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا خانلىق تەختىگە چىققان . ئۇ تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ، قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بىرىنجى قەدەمدە ئادەم ئەۋەتىپ سۇلتان يولۋاسخاننىڭ قەشقەردىكى ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگەن .
‏ئىككىنجى قەدەمدە ئاق تاغلىقلارنى قاتتىق باستۇرۇپ ، قارا تاغلىق خوجىلارنى خانلىقنىڭ مۇھىم مەنسەپلىرىگە قويغان . بۇ ئەھۋالدا ئاق تاغلىقلارنىڭ سەردارى ئاپپاق خوجا قەشقەردىن قىچىپ ، كەشمىرگە ، ئاندىن كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە ئۆتۈپ كەتكەن . ئۇ ئاق تاغلىقلارنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، دالاي لاما 5 بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن . دالاي لاما 5 غالدانغا خەت يىزىپ سۇلتان ئىسمائىلخانغا قارشى ئاپپاق خوجا بىلەن بىرلىشىپ قوشۇن تارتىشقا دەۋەت قىلغان ، ھەمدە شۇ خەت بىلەن ئاپپاق خوجىنى جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان تەيجىنىڭ يىنىغا ئەۋەتكەن . ئۇزاقتىن بۇيان سەئىدىيە خانلىقىنى يوقىتىش ۋە تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبىنى ئىگەللەشنى تاما قىلىپ كىلىۋاتقان غالدان قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي دەرھال بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ، مىلادىيە 1680-يىلى 120 مىڭ ئاتلىق قوشۇننى ئەۋەتىپ ، ئاپپاق خوجىنىڭ يول باشلىشى بىلەن مۇزداۋان ئارقىلىق قەشقەر ۋە يەكەنگە قاراپ ئىلگىرلىگەن . ئۇنىڭ قوشۇنى ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ زۇر كۈچ بىلەن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە ، شىددەتلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق ، ئاخىرى يەكەن شەھىرىنى ئشخال قىلغان ھەمدە شەھەردىكى سۇلتان ئىسمائىلخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ئەسىرگە ئىلىپ ، ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان .
‏شۇنداق قىلىپ 166 يىل دەۋىر سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى مۇشۇنداق پاجىئەلىك قىسمەتلەر بىلەن ئاخىرلاشقان .
‏مەزكۇر تىما سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىغا ئاتالدى .

مەنبە: باغداش تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top