kibirliشەيخ دوكتور/ سەئۇد بىن ئىبراھىم ئەششۇرەيم

(2016-03-18)مەسجىدىلھەرەمدە ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەسجىدى ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يېغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: تەكەببۇرلۇق ۋە تەرسالىقتىن ئىبارەت ناچار ئەخلاقنىڭ خەتىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا ۋە مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

تەقۋادارلىق ئەڭ ياخشى زاد ـ راھىلە، ئەڭ ياخشى ئۈلپەت ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىقنىڭ ئاچقۇسىدۇر. [ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار] . (سۈرە مائىدە 100- ئايەتنىڭ بىر قىسمى]

ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىدىن باشقا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى خاتالاشقۇچىدۇر، كامالەت ۋە نۇقساندىن خالىيلىق پەقەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغىلا خاستۇر.

لېكىن خاتالىقتا چىڭ تۇرۇش، خاتالىقىنى ئېتىراپ قېلىپ ھەققە قايتماسلىق ئۈچۈن ھەرخىل ئۆزرە ۋە باھانە سەۋپلەرنى كۆرسىتىش ئەڭ قەبىھ ۋە ناچار ئەخلاقتۇر. ئەقىل – پاراسەتلىك كىشىلەر يامان كۆرىدىغان سۈپەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاقىل ۋە دانالارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئەخلاقنى تەكەببۇرلۇق ۋە تەرسالىق دەپ ئاتايدۇ، قانداقمۇ شۇنداق ئاتىمىسۇن؟ ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى مەغرۇرلۇق ۋە پەسلىك، ھەقنى ۋە ۋەزنەسىھەتنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇپ قالغان تۇرسا!

خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالغان كىشى تەرسا بولمىسا، ئۇنداقتا كىم تەرسا بولىدۇ؟ مۇتەكەببىر بولمىسا كىم مۇتەكەببىر بولىدۇ؟ [ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن] . (لوقمان سۈرىسى 7-ئايەت)

سەلەمە ئىبنى ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئوڭ قولۇڭ بىلەن يە، دېۋىدى، ئۇ كىشى: ئوڭ قولۇمدا يېيىشكە قادىر بولالمايمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قادىر بولالمىغايسەن، دېدى. ئۇ كىشىنى ئوڭ قول بىلەن يېيىشكە كىبىرىسى توسقۇنلۇق قىلدى. ئۇ كىشى ئۆلگۈچە ئوڭ قولىنى ئېغىزىغا ئېلىپ بارالمىدى. (مۇسلىم رىۋايىتى)

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! تەكەببۇرلۇق ۋە تەرسالىق ئاللاھ تائالا قەلبىنى ئىمان، ئىلىم ۋە ھىكمەت بىلەن تولدۇرغان كىشىنىڭ تەبىئىتىدە تېپىلمايدىغان پەس تەبىئەت ياكى قەبىھ ئەخلاقتۇر.

تەرسالىق ۋە تەكەببۇرلۇق بولسا ھەسەتخور، مۇتەكەببىر، باشتۇڭ، خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ھەقكە قايتىشنى خورلۇق ھېس قىلىدىغان قەلبلەرگە يەرلىشىدۇ. ئۇلار قانچىلىك ياغلىما سۆز قىلىشقا تىرىشسۇن؟ قىلىقلىرىنى قانچىلىك پەردازلاشقا تىرىشسۇن؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلار خار ۋە پەس كىشىلەردۇ.

(ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (يەنى دىلى باشقا تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ) [204]. ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ [205]. ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇ] (سۈرە بەقەرە 204-ئايەتتىن 206-ئايەتگىچە].

ھەرقانداق تەرسا ياكى مۇتەكەببىرلا بولىدىكەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئىبلىس (ئاللاھنىڭ لەنىتى ئۇنىڭغا بولسۇن) دۇر. چۈنكى ئىبلىس ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ باش تارتقان تەكەببۇرلاررنىڭ تۈنجىسىدۇر. : ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ؟ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟ [سۈرە ساد 75- ئايەت]

تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق بىلەن ھەق ھەرگىزمۇ بىر يەردە جەم بولمايدۇ.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! تەرسالىق دېگىنىمىز ئۆز مەجبۇرىيىتى بولغان ئىشنىمۇ ئىجرا قىلىشتىن باش تارتقانلىق ياكى ھارام قىلىنغان بىر ئىشنى تەرك ئەتمەستىن داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەرەب تىلىدىكى ئىناد يەنى (تەرسالىق) دېگەن سۆزنىڭ (ئەللۇئمۇ ) يەنى (ناچار تىگى پەس) دېگەن مەنىسىمۇ مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ نورمال تەبىئەتتىكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ۋە شەرىئەتكە زىتتۇر. ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ تەبىئىتى تەكەببۇرلۇق ۋە تەرسالىق بىلەن تولۇپ تاشتىمۇ ھۆججەت ۋە دەلىللەرگە تەسلىم بولمايدىغان، نەسىھەت، قىزىقتۇرۇش، تەھدىتمۇ تەسىر قىلمايدىغان ئەڭ مۇتەكەببىر، رەزىل ۋە ئىپلاس ئىنسانلارغا ئايلىنىدۇ.

[لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى]. (سۈرە نەمل 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: ئەڭ قىيىن ئارزۇ ياكى ئۈمىد، تەرسا تەكەببۇر ئادەمنىڭ مۇلايىم خۇشپىئىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر. چۈنكى تەكەببۇرلۇق ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆزى كۆرگەن نەرسە باتىل بولسىمۇ قۇبۇل قىلىدىغان، باشقىلار كۆرگەن نەرسە ھەق بولسىمۇ قۇبۇل قىلمايدىغان قېلىن بىر پەردە پەيدا قىلىدۇ.. شۇڭا سەن ئۇنىڭغا قانچىلىك دەلىل ھۆججەتلەرنى كەلتۈرسەڭمۇ، قۇرئان ئۇقۇپ باقساڭمۇ، ھەتتا لوقمان كېلىپ نەسىھەت قىلپ باقسىمۇ يەنىلا بەرىبىر قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ، قەلبى غەپلەت بېسىپ كەتكەن مۇتەكەببىر تەرسادۇر.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! بۇ خىلىدىكى ئىنسانلار قانداقلا نەرسىگە چۈشسە بۇزۇپ ۋەيران قىلىدىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرت – قوڭغازلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلىقى ۋە تەرسالىقىدا خاتالىشىش خاتالىقى، خاتالىقتا چىڭ تۇرۇش خاتالىقى، ئۆزىنىڭ خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق ئىسلام ئۈممىتىگە ئەزىيەت ۋە زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ خاتالىق مۇجەسسەملەشكەن.

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ئەمرىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، داۋاملاشتۇرغان كىشىلەرگە ۋاي! دېگەن. (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى)

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ سىيرە كىتاپلىرىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: قۇرەيش مۇشرىكلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ پات يېقىندا مۇشرىكلارغا تەھدىت بولۇش باسقۇچىغا قەدەم بېسىشقا يېقىنلاشقاندا، مەككە مۇشرىكلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق ئەنسىرەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاپشۇرمىغۇچە بەنى ھاشىم ۋە بەنى ئابدۇلمۇتەللىب جەمەتى بىلەن تويلاشماسلىق، سودا – سېتىق قىلماسلىق، ئۆز – ئارا ئۇچرىشىپ ئارىلاشماسلىق، سالام – سەھەت قىلماسلىق ھەققىدە ئەھدىنامە يېزىپ كەبىنىڭ ئىشىكىگە ئېسىپ قويدى.

شۇ كۈنى يەنى بىئسەتنىڭ 7- يىلى مۇھەررەم ئېيى كۆرۈنگەن كىچىسى، بەنى ھاشىم ۋە ئابدۇلمۇتەللىب جەمەتىنىڭ كاپىرى ۋە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەبۇ تالىپ جەمەتىگە قېتىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام باشچىلىقىدىكى ھاشىم ۋە ئابدۇلمۇتەللىب جەمەتى كۈنى ئىمبارگو ئاستىغا ئېلىنىپ مەككىدىكى ئەبۇ تالىپ جىلغىسىغا قامالدى. ئۇلار ناھايىتى قىيىن شارائىتتا ئۈچ يىللىق ئىمبارگونى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۈچ يىلدىن كىيىن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد سەللەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى شەرتناما ھۆججىتى ھەققىدە خەۋەلەندۈرۈپ ئۇ ھۆججەتكە قۇرت چۈشۈرۈلگەنلىكىنى (ئاللاھ ) دېگەن خەتتىن باشقا زوراۋانلىق، زىيانكەشلىك ۋە ناھەقچىلىك بىلەن تولغان ئەھدىنامە ماددىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئويغاندەكلا قۇرتقا يىگۈزۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالنى تاغىسى ئەبۇ تالىپقا ئېيتقان. ئەبۇ تالىپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپلا قۇرەيشنىڭ ئالدىغا چىقىپ قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى ماڭا مۇنداق خەۋەرنى قىلدى. ئەگەر ئۇ يالغان ئېيتقان بولسا، ئۇنى سىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈشىڭلارغا تاپشۇرىمىز. ناۋادا راست چىقسا بىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىسىلەر، قانداق؟ دېدى. قۇرەيشلەرمۇ توغرا دېدىڭ، ئىنساپ بىلەن گەپ قىلدىڭ دېيىشتى. ئەھدىنامە قەغىزىنى چۈشۈرۈپ ھەقىقەتنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ كۇپرى ۋە تەكەببۇرلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى مانا بۇ قەلبلىرى پەردىلەنگەن تەرسالىق ۋە تەكەببۇرلۇقتۇر.

[ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلسە، ھەر قانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن چاغدا (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراق بولۇشتى [42]. (بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر]. (سۈرە فاتىر 42-43-ئايەت)

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! كىشىنىڭ تەبئىتىدە تەكەببۇرلۇق كۈچىيىپ چوڭايغانسېرى ئۇنىڭدىكى ئەقىل ۋە مەنتىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ. ئاندىن ھەقىقەتنىڭ نادىر تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. ئاخىرىدا جامائەت ۋە ئاۋام خەلقتىن ئايرىلىپ يالغۇز قالىدۇ.

تەرسالىق ياكى تەكەببۇرلۇق كىچىك بوۋاقلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تېپىلىدۇ. لېكىن بالىلىق دەۋرىدە تەربىيلەپ تۈزۈلمىسە، ئۇ چوڭ بولۇپ ئالىم بولسۇن، ھاكىم بولسۇن، دوختۇر بولسۇن ياكى سىياسەتچى بولسۇن ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئى قېرىنداشلار ئۈممەتكە قانداقلا بىر كۆڭۈلسىزلىك كەلسە تەكەببۇرلۇق ئۇنىڭ قىسمەن سەۋەپلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا كىشىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئائىلە، بازار ۋە ئىش ئورۇنلىرىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرگىمۇ تەكەببۇرلۇق ياكى تەرسالىق سەۋەب بولىدۇ.

لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆز پاناھىدا ساقلىغان. ئېلىم، ئىمان ۋە ساغلام ئەقىل ئاتا قىلغان، مۇسۇلمانلار جامائىتىگە مۇستەھكەم يېپىشقان كىشىلەر خاتالاشسا ئۆزرە ۋە كەچۈرۈم سورايدۇ، گۇناھ قىلسا تەۋبە قىلىدۇ، ھەقنى ئېتىراپ قىلىپ قۇبۇل قىلىش خاتالىق ئۈستىدە داۋاملىشىشتىن ياخشى ئىكەنلىكىگە جەزمەن ئىشىنىدۇ.

ئۇلار يەنە ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن دىنى ئالىملار، دەۋەتچىلەر، تۆت ئىمام ۋە باشقا ھەممەيلەننىڭ ئۆز خاتالىقلىرىنى تۈزىتىدىغانلىقىنى، قىلغان ئىشلىرى كىتاپ – سۈننەتكە مۇۋاپىق كەلمەي قالسا باشقىلارنى تۈزۈپ قۇيۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى، خاتالىق ئۈستىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ھەقىقى تەكەببۇرلۇق ياكى تەرسالىق ئىكەنلىكىنى، تەكەببۇرلۇقنىڭ كەچۈرۈم ۋە ئەپۇ قىلىشنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مەسجىدى ھەرەمدە ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. يەنە كۆرۈشكۈچە ھەممىڭلارنى ئاللاھغا تاپشۇردۇم، خەيرى خوش ئامان بولۇڭلار ۋەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ.

ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.

مەنبە: ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى