• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىسلام دىنى ئىسپانىيەدە

ئىسلام دىنى ئىسپانىيەدە

710- يىلى، 7- ئايدا، 500 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ئەرەب ئارمىيىسى ئۇمەۋىييە سۇلالىسىـنىڭ شىمالى ئافرىقىدىكى ۋالىيسى مۇسا بىننى نۇسەيىرنىڭ ياردەمچىسى تارىفنىڭ يېتەكچىلكىدە دېڭىز بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ياۋروپانىڭ جەنوبىدىكى بىر ئارالدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋروپانى ئىستىلاھ قىلىش ھەرىكىتى باشلىنىپ كەتتى. 711- يىلى ئەتيازدا، مۇسا تارىف (‹تارىق›مۇ دېيىلىدۇ) ئىبنى زىياد قوماندانلىقىدا، 7000 كىشىلىك قوشۇن ئىسپانىيەگە يۈرۈش قىلدى. تارىف بىر تىك قىيادىن قۇرۇقلۇققا چىقتى، بۇ قىيالىق كېيىنكى ۋاقىتلاردا «جەبىلتارىف» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. بۇجۇغراپىيىلىك نام ئاشۇ ئافرىقىلىق بەربەرلەردىن چىققان قوماندان تارىف ئىبنى زىيادنىڭ نامىدىن كېلىدۇ. شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، تارىق ئارقا سەپ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن 12000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ بۈگۈنكى كۈندىكى سارادوۋ دەرياسىنىڭ دەريا ئېغىزى بىلەن ئىلگىرىلەۋېتىپ، ئىسپانىيەنىڭ ئىسگوت خانلىقىدىن «ھوقۇق تارتىۋالغۇچى» لودۋىگنىڭ 25مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن توسۇشىغا ئۇچرايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسى قىسىملىرى ھەل قىلغۇچ جەڭگە كىرىشىپ مۇسۇلمانلار زور غەلبىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەبىلتارىق ئەسكەرلىرىنى باشلىغانچە ئىسپانىيەگە كىرىدۇ. ئۇ ئىستىھكام قۇرۇپ مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقان سېرۋىيەدىن يانداپ ئۆتۈپ، ئاساسىي قىسىم يول ئېچىپ ئەسخادىن پايتەخت تولىدۇغا بېسىپ كىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە بىرقىسىم تارماق قوشۇنلارنى ئىبەرتىپ قوشنا شەھەرلەردىن كۇئارچىدۇنا، مالاقە، تولىدۇ، كوردۇۋا قاتارلىقلارنى ئىشغال قىلدى. شۇنداق قىلىپ، جەبىلتارىق شىگوت خانلىقىنى بىتجىت قىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەكلا ئىشغال قىلۋالدى. 712- يىلى 6- ئايدا، ۋالىي مۇسانىڭ ئۆزى ئون مىڭ كىشىلىك ئەرەبلەردىن تۈزۈلگەن قوشۇننى باشلاپ يىراق ئىسپانىيەگە يۈرۈش قىلدى، يول بۇيى ئىستىھكام قۇرۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەن شەھەر ۋە جىلغىلارنى سېرىپ- سۈپۈرۈپ ماڭدى، 713- يىلى 6- ئايدا، شىگوتـلۇقلارنىڭ قۇراللىق قارشىلىقىنى تامامەن بىتجىت قىلدى. ئەرەبلەر بىر نەچچە يىلدىلا شىگوتلۇقلارنىڭ ئىسپانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يىمىرىپ تاشلاپ، پەقەت شىمال ۋە شەرقتىكى بىر قىسم رايونلاردىن باشقا ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بېسىۋالدى.
ئىسپانىيە ئىستىلاھ قىلىنغاندىن كېيىن ئەمىر تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى، نامدا مەغرىب باش ۋالىيسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەتتە، ئۆز ئالدىغا بويرۇق چىقىرىشلار بىلەن باشقۇرۇ- لدى. مۇسانىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئىسپانىيەگە ۋالىي بولدى، مەركەز سېلىۋىيەگە قۇرۇلدى. 720- يىلى، تۆنجى نۆۋەتلىك ئەمىر مەركەزنى كوردۇۋاغا كۆچۈردى. ئەرەبلەر ئىسپانىيەنى ئىستىلاھ قىلغاندىن كېيىن خىرىستىئان جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋە قېچىپ كەتكەن پومىشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلدى، بۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى دۆلەت قارمىقىغا ئۆتكۈزىۋېلىپ، قالغان يەرنى ئۇرۇشقا قاتناشقانلارغا تەقسىم قىلىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر تالاي ئۇششاق پومىشچىكلار مەيدانغا كەلدى. خىرىستىئان ئاقسۈڭەكلەر ۋە پوپلارنىڭ مۇتلەق ھوقۇقلىرىغا مۇئەييەن دەرىجىدە چەك قويۇلدى، خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنىڭ دىنى ئىتقاد ئەركىنىلىككە ئىگە، ئۆزلىرىنىڭ سوتچىلىرى بار، خىرستىئان دىننىڭ قانۇنلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرى ئىچىدىكى مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇغان ھالەتتە بولدى. يەھۇدىي دىن مۇخلىسلىرى ئەرەب ئىستىلاسىنى قىزغىن قارشى ئالغان ھەم ئەرەبلەرنىڭ ئىسپانىيەنى ئىستىلاھ قىلىشلىرىغا يار- يۆلەك بولغانىدى، شۇڭا، ئەرەب ئىستىلاسىدىن كېيىن بىرقىسىم يېڭىدىن ئىستىلاھ قىلىنغان شەھەرلەرنى يەھۇدىي دىن مۇخلىسىلىرىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندى. دەسلەپكى ئون يىللاردا ئەرەبلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دىنىي كۈرەشلەر سەۋەبىدىن ئەرەبلەر بىلەن بەربەرلەر ئوتتۇرسىدىكى مىللىي زىددىيەتلەردىن كۆرە ئەرەبلەرنىڭ ئىسپانىيەدىكى ھۆكۈمرانلىقى بەكمۇ تۇراقسىز بولغان. 750- يىلى، ئابباسىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كونا زىددىيەتلەر ھەل بولماي تۇرۇپلا، ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ تەرەبدارلىرى ئوتتۇرىدا يېڭى بىر زىددىيەت كېلىپ چىقتى. 755- يىلى، ئۇمەۋىييە جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىسپانىيەگە كېلىپ ھاكىمىيەت قۇردى، ئەرەبلەرنىڭ ئىسپانىيەگە بولغان ھۆكۈمرانلىقى تۇراقلىشىشقا باشلىدى.
1) كېيىنكى ئۇمەۋىييە سۇلالىسى
كېيىنكى ئۇمەۋىييە سۇلالىسى (1031- 756) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەبلەرنىڭ ئاندالۇسىيە (ئىسپا نىيە) دە قۇرغان ئىسلامىيەت سۇلالىسىدۇر. يەنە بەزى ئاتاشلاردا «ئىسپانىيەئەمىرلىكى»، «كوردۇۋا خەلىپەلىكى»، «كوردۇۋا ئۇمەۋىييە سۇلالىسى» دەپمۇ قويىلىدۇ. جۇڭگو تارىخى كىتابلىرىدا، «ئاق كىيىملىك داشى» ياكى «غەرىب داشى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئابباسىيە تەرەبدارلىرىنىڭ ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇمەۋىييەلەرگە قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى، ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ ئونىنچى نۆۋەتلىك خەلىپىسى ھەششامنىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاراخمان ئىبنى مۇئاۋىيە (788- 731) ھىيلە بىلەن پالاكەتتىن ئامان قېلىپ، قېچىپ كېتىدۇ. ئۇ قېچىش سەپىرىدە پەلەستىن، مىسىرلاردىن ئۆتۈپ 755- يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىمالىي ئافرىقىنىڭ شۇداغا يېتىپ بېرىپ ئاپىسى تۇرۇشلۇق بەربەرلەر قەبىلىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشىدۇ، ھەمدە ھەربىي كۈچ تەشكىللەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئادەملىرىنى بەيدىردىن يەر ئوتتۇرا دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە بېرىشقا ئىبەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە ئىلگىرىكى سۈرىيە ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ كونا داشقاللىرىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىدۇ، قايتىدىن ئۇمەۋىييە ھاكىمىيتىنى قۇرۇپ چىقىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. 755- يىلنىڭ ئاخىرى ئابدۇللا رەھمان بەربەر قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئىسپانىيىگە كىرىدۇ. 756- يىلى، كوردۇۋانى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى ئەمىر دەپ ئاتاپ، كېيىنكى ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنى قۇرىدۇ.757 – يىلى، ئۇ جۈمە خۇتبىسىدا ئابباسىيلار سۇلاىسى خەلىپىسىنىڭ نامىنى قوشۇپ ئوقۇشنى بويرۇق چۈشۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنى يەنىلا ئەمىر دەپ ئاتايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى ئاسىيلىق ئىسيانلىرىنى باستۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرىدۇ، يېڭى ھاكىمىيەت ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە تاۋلىنىدۇ. دۆلەت ۋەزىيىتى تۇراقلانغاندىن كېيىن ئابدۇللا رەھمان ھەرخىل سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇشقا باشلايدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، شەھەر قۇرۇلۇشى، سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارىدۇ. يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئىسلاھات قىلىشقا كىرىشىدۇ، بۇلارنىڭ ئۆنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سۇلالە تىكلىنىشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلايدۇ.
786- يىلى، كوردۇۋا جامەسىنى ياساشنى باشلاشقا بويرۇق چۈشۈرىدۇ. كېيىنچە بۇ جامە كېڭەيتىپ تەمىر قىلىشلاردىن ئۆتۈپ كۈلىمى ئازادە، ئورنى يارقىن بولۇپ، غەرىب ئەللىرىدىكى ئەرەب- ئىسـلامىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قۇرۇلۇشقا ئايلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە، ئىسلام مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلغان، ئەرەبلەر، سۈرىيەلىكلەر، بەربەرلەر ۋە شىـگوتلۇقلاردىن ئىبارەت ئوخشىمىغان قوۋۇملارنى بىرئوچاقتا تاۋلاپ، دۆلەت تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرەبلەشتۈرۈش، ئىسلاملاشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلغان. مانا مۇشۇنىڭدىن باشلانغان ئىسلام مەدەنىيەت ھەرىكىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىككى يۈزيىلدىن ئوشۇق مەزگىلىدە كوردۇۋا دۇنيا مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئابدۇللارەھمان يولغا قويغان دىنىي ئەركىنلىك، سىياسەتتە مۇقىملىق، ئىقتىساتتا تەرەققىيات، مەدە- نىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلىرى ئىجتىمائى زىددىيەتلەرنى زور دەرىجىدە يۇمشاتقان، دۆلەت ۋەزىيىتى نىسبىتەن مۇقىم بولغان. 788- يىلى، ئابدۇللا رەھمان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋارىس بولغان ئوغلى دۆلەت ئىدارە قىلشتا يارامسىزلىق قىلىدۇ، تۈرلىك مۇناسىۋەتـلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدىغان سىياسەتلەرنىڭ كەملىكىدىن ئىستىلاھ قىلىنغان خىرىستىئان قوۋملارغا قارىتا ئېرقىي كەمستىش ۋە دىنىي زىيانكەشلىك قىلىشلار كۈنسايىن ئەردەپ كېتىپ، بىر مەھەل پىنھانلىققا ئۆتكەن تۈرلىك ئىجتىمائىي زىىددىيەتلەر قايتىدىن كەسكىنلىشىشكە باشلىغان، ئىسپانىيەدىكى يەرلىك خەلقتىن بولغان كىشىلەر بىلەن سىرتتىن كەلگەن ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدا، ئەرەبلەر بىلەن بەربەرلەر ئوتتۇرىسىدا، خىرىستىئان مۇخلىسلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا، دېھقانلار بىلەن فېئودال پومىشچىكلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىشكە باشلايدۇ، دۆلەت زورلۇق ۋە ئىچكى قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. بۇلار ئىچىدە ئەسلىدىكى يەرلىك خەلق بىلەن سىرتتىن كەلگەن ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاساسى ئورۇندىكى زىددىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دىنىي كۈرەش تۈسىدە زاھىر بولاتتى. 912- يىلى، 23 ياشلىق ئابدۇللارەھمان Ⅲ (961- 891) تەختكە چىقىدۇ. كېيىنكى ئۇمەۋىييە سۇلالىسى ئاخىرى گۈللەندۈرگۈچىگە نائىل بولىـدۇ. ئابدۇللا رەھمان Ⅲپاراسەتتە يىتۈك، سۈيىقەست ۋە ھىيلە- مىكىردە كامىل بولۇپ، ئەسكەر ئىشلىتىشكە ماھىر، لايىھە تۈزۈشكە پۇختا ئىدى، 20 يىللىق تەرەپ- تەرەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ئارقىلىق پەيدىنپەي قولدىن كەتكەن ئۆلكىلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، تېررىتورىيەنى كېڭەيتكەن، ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن، سۇلالىنىڭ روناق تېپىش زامانىنى ئېلىپ كەلگەن. 929- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۇ ئۆزىنى «ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغدىغۇچى خەلىپە» دەپ ئاتىغان ھەم «مۆئمىنلەرنىڭ نائىبى» دېگەن ئونۋانغا مۇشەررەپ بولغان. ئابدۇللا رەھمان Ⅲھەمدە كېيىنكى ۋارىس بولغۇچى ھەكەمⅡ (961- يىلدىن 976- يىلغىچە تەختتە بولغان) ۋە شۇنىڭغا ئولىنىپ كەلگەن مەنسۈر (1002- 977) قاتارلىقلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە كېيىنكى ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىش ئاسايىشلىق زامانى بولغان، بۇ دەۋردە، ئىمپېرىيەنىڭ سىياسىسى مۇقىم، ئىقتىسادى رەۋناق، ئىشلەپـچقىرىش كۈچـلىرى راۋاجلانغان، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەلۋەك، سودا يۈكسەلگەن، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە ئىلىم- پەن بارابەر رەۋىشتە بۈيۈك پايەلەرگە كۆتۈرۈلۈشتە بولۇپ، ئىسپانىيەنى ياۋروپادىكى باياشاد ماكانغا ئايلاندۇرغان. زامانىسىدا، پايتەخت كوردۇۋانىڭ ئاھالىسى يۈزمىڭغا يەتكەن، ئونلاپ ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرى بەرپا قىلىنغان. كۈتۈپخانا، ئوردا- ساراي، مەسجىد، كىتابخانا، ھاممام قاتارلىق ئىمارەتلەر بەكمۇ گۈللەنگەن. ھەكەم Ⅱ دىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ھەششام تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، يەنى ھەششام Ⅱ (1009- 976) تەخت ۋارىسى بولغاندا ئاران 12ياشتا بولۇپ، خانىش ئوغلىغا ياندىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. شۇنداق ئىرادەتلەردە ئاساسلىق ھوقۇق ئوردا خادىملىرىدىن، يەنى يەمەنلىك ئەرەب مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ ئامىرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ.981- يىلى، بىننى ئامۇر ئۆزىنى «مەنسۈر» دەپ ئاتاپ 992- يىلى خەلىپىلىك ھوقۇقىنى تامامەن تارتىۋالىدۇ. مەنسۈر ئۆلگەندىن كېيىن ئۇمەۋىييە سۇلالىسى 20 نەچچە ئۇششاق دۆلەتلەرگە ئايرىلىپ كېتىدۇ- دە، ئۆز- ئارا ئۇرۇشۇش قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ، پەيدىنپەي زاۋالىققا يۈزلىنىدۇ. شىمالىي ئافرىقىدىكى ھاكىمىيەتلەر قۇرغان مۇراۋىدلەر بىلەن مۇۋاشىدلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىسپانىيەگە كىرىدۇ، ئەمما، ھېچقايسىسى ئۇزاقراق ئاياغ بېسىپ تۇرالمايدۇ، مۇسۇلمانلار ئىچكى قىسمىدا تەپرىقىچىلىك بەكمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن زالالەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خرىستىئان دۆلەتلىرىنىڭ ئىزچىل رەۋىشتە ئېلىپ بارغان قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ زەربىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيەدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى بارغانسايىن زەئىبلەشتۈرىۋېتىدۇ. ئۇششاق دۆلەتلەر ئىچىدە مەدىنەلىك ئەرەب كىشى مۇھەممەدبىننى يۈسۈپ بىننى ناسىر قۇرغان ناسىرىيە سۇلالىسى (1492- 1232) نىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان. ئۇشبۇ دۆلەت گرانىدانى پايتەخت قىلغان، قۇرغانلىرى يېرىم ئارالنىڭ جەنوبىدىكى دېڭىز قىياھلىرىدا ئىدى، ھاۋاسى ئىللىق، ياغمۇر- يېشىن يېتەرلىك، مەھسۇتلار مولچىلىق ئىدى، 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۇ شەھەر ئاھالىسى 150 مىڭغا يەتكەن. ناسىر خانىدانلىقى شەرقى جەنوبقا كاتتا قورغان «قىزىل ئوردا» نى ياساتقان، بۇ ئوردا «ھەققانىيەت دەرۋازىسى» نامى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. 1492- يىلى، 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، كاستېرلىقلار گرىناداغا ھوجۇم قىلىدۇ، ئەرەبلەر شۇنىڭدىن ئېتبارەن ئىسپانىيەدىن چىكىنىپ چىقىشقا باشلايدۇ. خىرىستىئان مۇرتلىرى ئىسپانىيەنى قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئىسپانىيەدە قېلىپ قالغان مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلەرگە ۋەھشىيانە زىيانكەشلىك قىلىشنى باشلىۋېتىدۇ، ئون مىڭلاپ مۇسۇلمان ئىسپانىيەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، 17- ئەسىرگە كەلگەندە بارلىق مۇسۇلمانلار ئىسپانىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.
2) ئىسپانىيەدىكى ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى
ئەرەب مۇسۇلمانلار ئىسپانىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 700 يىلدىن ئوشۇقراق ۋاقىتتا، ئەرەب خەلقى ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ھالدا پارلاق ئىسپانىيە (ئاندالوسىيە) ئەرەب- ئىسلام مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيەدىكى مائارىپى ناھايىتى تەرەققى قىلغان، باشلانغۇچ مائارىپنىڭ ئاساسى مەزمۇنى «قۇرئان كەرىم» نى راۋان ئوقۇش ۋە ئوقۇغاننى يېزىپ چىقىش، ئەرەب تىلى گرامماتىكاسى ۋە شېئىرىيەت بىلەن تونۇشۇشتىن ئىبارەت بولغان. ئالىي مائارىپنىڭ ئاساسى مەزمۇنى، «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرنى تەپسىرلەش، فىقھە، پەلسەپە، تارىخ، جۇغراپىيە، شېئىرىيەت، ئەرەب تىلى، گرامماتىكاسى ۋە سىتىلىستىكاسىدىن ئىبارەتتۇر. نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ئۇنىۋېرسىتېتلار تەسىس قىلىنغان، مەسىلەن، كوردۇۋا، تولىدۇ، سېرۋىيە، مالاكا، گرانىدا قاتارلىق شەھەرلەرنى ھەمـمىسىدە ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرى بولغان. بۇلار ئىچىدە، كوردۇۋا دارىلفونۇنى ئابدۇللا رەھمان ئەبۇ مۇئاۋىيە قۇرغان، ئەينى ۋاقىتتا، ئەزھەر دارىلفونۇن ۋە باغداد نىزامىيە دارىلفونۇنلىرى تېخى قۇرۇلمىغانىدى. ھاشىمⅡنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇشى بىلەن كوردۇۋادا ئىلمى تەھۋىد، فىقھە، تەپسىرول ئىلىم، ئاسـتىرونومىيە، ماتېماتىكا، تىبابەت قاتارلىق ئىلىملەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئىدى. گرىنادا دارىلفونۇنىنى ناسىرىيە سۇلالىسى14- ئەسىردە قۇرغان بولۇپ، دەرىسلىكلىرى؛ ئىلمىي تەھۋىد، شەرىئەت، پەلسەپە، تىبابەت، خىمىيە، قە- لەكىيات ئىلىمى (ئاسترونومىيە) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. كۈتۈپخانە ۋە كىتابخانەلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان بولۇپ، پەقەت كوردۇۋانىڭ ئۆزىدىلا70 نەچچىسى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە كوردۇۋا خانلىق كۈتۈپخانەسىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ساقلانغا كىتاب تۆت يۈزمىڭ بولغان، بۇلاردىن باشقا يەنە شەخس كۈتۈپخانىلەرمۇ ناھايىتى نۇرغۇن بولغان.
ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىن ناھايىتى ئۇلۇغۋار بىر يۈرۈش ئالىملار يېتىشىپ چىققان، ھەم دۇنياۋى ئەسەرلەر مەيدانغا چىققانىدى. مەسىلەن تىلشۇناس ئىبنى گۇتەييى (977 – ؟) مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن (989- 928)، ئەبۇ ھەييان (1344- 1256) قاتارلىقلار. ئىبنى گۇتەييى «پېئىل ھەققىدە»، ئەدەبىياتشۇناس ئىبنى ئابدۇ رابى (940- 860) نىڭ ئەسىرى «ئەل ئىقدۇل فەرد» (بىباھا مۇنچاق)، ئەبۇ ئەلى خاللى (967- 901) نىڭ ئەدەبىي دىۋانلىرىدىن «خاتىرە دىۋان»، «دىۋانول كاتىبەينە»، ئەلى ئىبنى ھەسەن (1064- 994) نىڭ مۇھەببەت شېئىرلىرى توپلىمى «كەپتەرنىڭ بىلەيزۈكى» قاتارلىقـلاربار. سىرۋانتىسنىڭ «دونكىخوت» رومانىمۇ ئەرەب ھېكايەلىرىنى ئۆرنەك قىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان. تارىخ ئەسەرلەردىن ئىبنى گۇتەييىنىڭ «ئاندالوسىيەنىڭ ئىستىلاھ تارىخى» مەزكۇر ئەسەردە ئەرەب ئىستىلاسىدىن باشلاپ تاكى كېيىنكى ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ ئابدۇ رەھمان Ⅲ كىچە بولغان جەريانلار مەزمۇن قىلىنغان. يەنە شۇنىڭدەك ئىبنى فارادى (1013- 962) نىڭ «ئاندالوسىيە ئالىملىرىنىڭ قىسـسەسى»، ئىبنى باشقۇۋالى (1183- 1101) نىڭ «ئاندالوسىيە ئالىملىرى قىسسەسىنىڭ داۋامى»، ئىبنى ئابار (1260- 1199) نىڭ «ئاندالوسىيە ئالىملىرى قىسسەسى داۋامىغا تولۇقلىما» قاتارلىقلار بار. رىزائددىن ئىبنى خايتۇپ «1374- 1313) نىڭ «گرىنادا تەزكىرەسى»، ئەسەردە، ئىسلامىيەت ئىسپانىيەـسىنىڭ ئىجتىمائى ئەھۋالى، سىياسىي تۈزۈمى، ھەربىي تۈزۈلمىسى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، مەدەنىيەت- مائارىپى، ئىلمىي تەبىقەلىرى، تارىخشۇناسلارنىڭ ئۆمۈر بايانلىرى قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مەزمۇنى مول، بەكمۇ قىممەتلىكتۇر. مەشھۇر تارىخ پەيلاسوپى ئىبنى خېلدون (1406- 1332) نىڭ «تارىخ يازمىشىغا مۇقەددىمە» (مۇقەددىمەئۇل تەۋارىخ) دا كۆرسىتىلىشىچە، تارىخ پەقەت سۇلالىلەر ئالمىشىشىنىڭ خاتىرىسى ئەمەس، بەلكى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىدۇر؛ئادەم جەمئىيەتنىڭ مەھسولى، ئادەمنىڭ پائالىيىتى جەمئىيەت رېئاللىقىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ تەبىئەت ھاۋا كېلىماتى بىلەن جوغراپىۋى مۇھىت ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ ئۆزگىرىش، يۈكسىلىشلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆرپ- ئادەت بىلەن دىنىي ئىتىقاد قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى بەربات بولۇشىغا، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. جۇغراپىيە جەھەتتە بەكرى (1094 – ؟) نىڭ «يول ھەمدە بىر يۈرۈش ئەللەر تەزكىرەسى»، ئىبنى زۇبەير (1217- 1145) نىڭ، «ئىبنى زۇبەيرنىڭ ساياھەت خاتىرىسى»، مەرجانى (1169- 1080) نىڭ ساياھەت خاتىرەسى «غەرايىبلاردىن ئۆرنەكلەر»، ئىبنى بەتۇتە (1377- 130) نىڭ «ئىبنى بەتۇتە ساياھەت خاتىرىسى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇنياغا مەشھۇر بولغان جوغراپىيىلىك ئەسەرلەر ياكى ساياھەت خاتىرىلىرى بولۇپ، زۆرۈرى قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەردۇر. ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمان ئالىملار ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تىبابەت قاتارلىق جەھەتلەردە پەۋقولئاددە تۆھپىلەرنى يارىتىپ، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پەلسەپەدە، مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە تەبئىي پەن ئالىمى ئىبنى باجە (1138 – ؟) نىڭ «تەنھالىقتا ياشىغۇچىلارغا كۆرسەتمە»، «ئەلۋىدانامە»، «باغلىنىشلار ھەققىدە»، «روھىيەت ھەققىدە» قاتارلىق پەلسەپە ئەسەرلىرى بار. شۇ قاتارلىق ئەسەرلەر ياۋروپاغا تارقىلىپ، كېيىنكى دەۋرلەردە دىكارت، سېپنوزالارنىڭ «ئەقلىيلىك نەزەرىيىسى» نى يارىتىشىغا ئاساس بولغان. ئىبنى تۇفەيلى (يالباچىن، 1185- 1100) ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ھېكايەسى «ھەي! ئىبنى يەقىزان» دە، شەخسنىڭ مۇستەقىل تەفەككۈرى ئىزاھلانغان. «ئىسلامىيەت پەلسەپە- سىنىڭ توپلىغۇچىسى» دېگەن شەرەپكە مۇيەسسەربولغۇچى ئىبنى روشىد (1198- 1126) ۋە ئۇنىڭ «پەيلاسوپنىڭ زىددىيىتى» ئەقلىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ، «ئىككى ياقلىمىلىق ھەقىقەت تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەقلىيلىك بىلەن تەڭرىنىڭ ۋەھىيسى، دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ باراۋەر مەۋجۇد بولۇشى يوللۇق، دەپ قارالغان. ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى ئەقىدىسى باشقا بارلىق شەيئىلەر ئەقلىيلىكنىڭ بايقاش ۋە ھۆكۈملىشىگە ئۇچرايدۇ، ۋەھالەنكى، دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ مۇناسىۋېتى زىچ، ئىككىلىسى ئوخشىمايـدىغان مەۋقەلەردىكى ھەقىقەت، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە ھەقىقىي دىن پەلسەپە تەتقىقاتىغا قارشى ئەمەس، ھەقىقىي پەلسەپە پەقەتلا دىننىڭ ئىلىم- پەن ۋە پەلسەپە تەتقىقاتىغا بولغان توسالغۇسىنى چەتكە قاقىدۇ، پەلسەپەۋىي ئىسپاتلاش بىلەن دىنىي ئەقىدىلەر ماس كەلمىگەندە، پەلسەپەۋىي ئىسپاتلاشلارنى مەقبول قىلىش لازىم، دەپ قارىغان. بۇ قاتارلىق كۆز قاراشلار پەلسەپەنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ئازاد بولۇشىغا مەنپەئەتلىك ئىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئورنى ۋە رولى بولۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. سوپىزمنىڭ مەشھۇر مۇتەككەللىمۇنى ئىبنى ئەرابى (1240- 1165) نىڭ «مەدىنەنىڭ بىشارەتلىرى» ، «پاراسەتنىڭ گۆھىرى»، «بەختلىك ئالتۇن تاۋلاش» قاتارلىق كۆپ مول دىنى پەلسەپە ئەسەرلىرى بار. ئۇ ئەپلاتونىزم، سوپىزم، سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرىنىڭ دىنىي تەلىماتلىرىنى چىكىلەپ چىقىپ، ئىسلاھ قىلىش ۋە ئومۇمـلاشتۇرۇشلار ئارقىلىق مىستىتسزمنىڭ «بىر مەنبەلىك نەزەرىيەسى» (مونىزم) تەلىماتىنى ياراتتى، سوپىزىمغا پەلسەپەۋى ئىدىيە ۋە ھاسىلاتى تەفەككۈر خۇسۇسىـيىتىنى ئاتا قىلىپ، مىستىتسزمنى پان ئىلاھىزمغا تەرەققىي قىلدۈردى، ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد ۋە مەئرىفەت ئاساسى مەزمۇن بولغان دىنىي پەلسەپە ئىدىئولوگىيە تۈزۈلمىسىنى يارىتىپ، مىستىتسزمنى مەزمۇنلىرىنى تولۇق يورۇتقان ئىلىم تائىپىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
ئىسپانىيەنىڭ ئەرەب- ئىسلام مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى ئەرەبىي شەرق بىلەن ئىسلامىيەت، ئەمما، ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار ھەر مىللەت ئالىملىرى مەدەنىيەت قۇرۇلۇش ھەرىكىتىدە، ھەرگىزمۇ «مەدەنىيەت ياماقچىلىقى» ياكى «مەدەنىيەت يۈتكەپ كەلگۈچى» لەردىن بولمىغان، بەلكى، مۇستەقىل تەفەككۈر قىلىش ھەمدە كەڭ دائىرىدە سۈمۈرۈپ (قوبۇل قىلىپ) ئېلىش، ئۆزلۈكسىز ئىجاد قىلىش ئاساسىدا، ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان ئىسپانىيە ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيەتىنى ياراتقان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top