• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ﻟﯩﻴﯘ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯩﻢ؟

ﻟﯩﻴﯘ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯩﻢ؟

liu(تەكشۈرۈش دوكلاتى )
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى
خەرىتىگە قارىسڭىز جوڭگۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جوڭگۇدىكى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈزەل ئۆلكە خېنەن سوزۇلۇپ ياتىدۇ.خېنەن ئۆلكىسىنىڭ زىمىنىنىڭ شەرقى يان بۆلىكى ئاسەن پايانسىز تۈزلەڭ،سىز يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولنى بويلاپ سەپەرگە چىقسىڭىز ئۆزىڭىزنى پايانسىز بۇغدايلىق ئىچىدە كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىسىز. بولۇپمۇ جېڭجو-كەيفېڭ-شاڭچىيۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولى ۋە جېڭجۇ شۈچاڭ،پىڭدىڭشەن ،نەنياڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا بۇ ئەھۋال ناھايىتى گەۋدىلىك .لېكىن سىز جېڭجۇدىن قەدىمى پايتەخت لوياڭ،گۈزەل تاغلىق شەھەر سەنمېنشىيالارغا قاراپ ماڭسىڭىز جېڭجۇدىن چىقىپ كۆپ ئۆتمەي يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلار قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.ئەتراپتىكى پاكار لېكىن ياپ-يېشىل تاغلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ.يول بويىدىكى ناھايىتى چوڭقۇر يارداڭلاردىن ئۆزگىچە تەسىراتقا ئىگە بولىسىز.جېڭجودىن غەرپكە تەخمىنەن ئۈچ سائەتتەك ماڭسىڭىز ئاپتوبۇس ئادەمگە تاغدەك تەسىر بەرمەيدىغان لېكىن تاغنىڭ باغرىغا جايلاشقان گۈزەل ناھىيە مىيەنچىگە قەدەم قويىدۇ.مىيەنچى ناھىيەسى مەمۇرى جەھەتتە خېنەننىڭ ئەڭ غەرپتىكى شەھرى سەنمېنشىياغا قارايدۇ.ناھىيەنىڭ سەنشى ئۆلكىسى بىلەن چېگرىلاشقان جايىدىن ھەيۋەتلىك سېرىق ئۆگۈز ئېقىپ ئۆتىدۇ.بۇ ناھىيە جۇغراپىيەلىك نوقتىدىن ستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جايغا جايلاشقان،قەدىمدە بۇ جاي سەنشى،شەنشى ،خېنەن ،سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرۇوپ تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولغان. ھەربىي نوقتىدىن مۇھىم تالىشىش ئەھمىيىتى بار جاي دەپ قارالغان .مانا مۇشۇ سۈيى مول ،تۇپرىقى ئىنتايىن مۇنبەت گۈزەل ناھىيەدە جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇزاق تارىخقا ئىگە ،مەدەنىيەتلىك مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە تەركىبى قىسمى غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالغان لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.
جوڭگۇ دۇنيادىكى زىمىنى ئىنتايىن چوڭ ۋە ئاھالىسى دۇنيا بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان سىرلىق ۋە باي مەملىكەت. بۈگۈنكى دۇنيا ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئاستا-ئاستا بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ ،بىر كەنتكە ئوخشاپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قوينىدا نۇرغۇن سىرلار بار.جوڭگۇدىمۇ شۇنداق.جوڭگۇدىكى ئەڭ مۇھىم سىرلارنىڭ بىرى بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليۇنلۇق ئاھالە ئىچىگە يوشۇرۇنغان مەدەنىيەتكە ئائىت سىرلاردۇر. مانا مۇشۇ سىرلارنىڭ بىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ كىلومىتىردەك يىراقلىقتىكى خېنەن ئۆلكىسىدىكى لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلاردۇر.
ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خۇنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار خېلى كۆپ.جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇر بىزگە كۆپ تونۇشتۇرۇلدى. بولۇپمۇ مەشھۇر تارىخچى ئالىم جىيەن بوزەن تۈپەيلىدىن خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقۇرى بولدى. ئۇندىن باشقا گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى سۇنەن يۇگۇر ئاپتونۇم ناھىيەسىدىكى سېرىق ئۇيغۇر(يۇگۇرلار) مۇ جوڭگۇدىكى 56 مىللەتنىڭ ئۇيغۇر بىلەن باراۋەر بولغان بىر توپ. يۇگۇر دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مىللىي توپنى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۇيغۇر دەپ قارايدۇ ،ھەتتا ئۇنى جوڭگۇدىكى مۇستەقىل مىللەت ئەمەس ئۇيغۇرلارنىڭ بىر توپى دەپ قارايدىغانلارمۇ كۆپ.قىسقىسى بۇ ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار ئارىمىزدا ئۇنچە ئاز ئەمەس. لېكىن سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن خۇنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلار ناھايىتى كۆپ.لېكىن بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار جوڭگۇدا ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان ،ئۇيغۇرغا تەۋە دەپ قارىلىدىغان ،ئىككى ئۇيغۇر مىللىي كەنتى بار ،ئۇزاق تارىخقا ئىگە ،لېكىن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن بىلىپ كەتمەيدىغان بىر توپ.ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى ۋە دۇنيادىكى تارقىلىشىغا بەكمۇ قىزىقىدىغان مەنمۇ تاكى 2005-يىللىرىغىچە بۇ توپنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدىم. 2005-يىلى ۋە 2006-يىلى مەن بىر قىسىم دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ئاغزىدىن ئىچكىرىدە ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقاتمىغان،باي خەنزۇ مەدەنىيەت دېڭىزىدا ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر توپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ۋە ئىمكان يار بەرسە مۇشۇلار ھەققىدە بىرەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئويىغا كەلگەن ئىدىم.ئاخىرى بۇ پۇرسەت يىتىپ كەلدى.مەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن خېنەننىڭ كەيفېڭ شەھرىگە جايلاشقان خېنەن ئۇنۋېرسىتىغا بىر يىللىق مۆھلەت بىلەن ئەدەبىي تەنقىد بويىچە بىلىم ئاشۇرغىلى كەلدىم.مۇشۇ پۇرسەتتە ئىزدىنىپ يۈرۈپ لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ،سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.
مۇشۇ جەرياندا مەن خېنەندىكى لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى تونۇش ۋە تەتقىق قىلىش يۈزىسىدىن رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن تۆتىنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.بەلكىم باشقا ئۇيغۇرلار كەلگەن بولۇشى مۈمكىن.لېكىن بۇ ھەقتە بىرەر ئىسپات يوق.
غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ لىيۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەپنامىسىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسىگە قارىغاندا 1985-يىلى جوڭگۇ مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلىدا ئىشلەيدىغان ئەركىن قادىر ۋە ئارىسقان قاتارلىقلار مىيەنچى ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان.
1991-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق رادىيۇ –تېلىۋىزىيە نازارىتى ،تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس فىلىم بۆلىمىدىن ئىسھاق،يالقۇن ،ئابلىمىت قاتارلىق ئۈچ كىشى مىيەنچى ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن.
2005-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكىدىمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى رەيھان قادىر خانىم بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلغان .
بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئەسلى مىلادى 1209-يىلى قۇجۇ ئېدىقۇت خانلىقىنىڭ ئېدىقۇتى بارچۇق ئارتتېكىن غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غەربىي لىياۋنىڭ قۇجۇدا تۇرۇشلۇق نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرۈپ چىڭگىزخانغا ئەلچى ئىۋەتتى.كېيىن ئۆزى ئادەم باشلاپ بېرىپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشتى.چىڭگىزخان بارچۇق ئارت تېكىننى بەشىنجى ئوغلۇم دەپ ئېلان قىلىپ ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بارچۇق ئارتتېكىن 10 مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى باشلاپ چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە يۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ.1220 نەچچىنجى يىللىرى غەربىي شىيا سۇلالىسى (تاڭغۇتلار ) ئىسيان كۆتىرىدۇ.چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ تاڭغۇتلارغا جازا يۈرۈشكە كېلىدۇ.بۇ جازا يۈرىشىدىمۇ بارچۇق ئارت تېكىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قوشۇنىنى باشلاپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىدۇ.1226-يىلى جەڭ ئاخىرلىشىدۇ. تاڭغۇتلار يېڭىلىدۇ.مانا مۇشۇ چاغدا بارچۇق ئارت تېكىننىڭ سەركەردىسى سىتەن قايا دىگەن كىشى چىڭگىزخان تەرىپىدىن غەربىي خېنەندىكى يوڭنىڭ ،لىڭباۋ،شەنشىيەن ،مىيەنچى ،يىياڭ قاتارلىق بەش ناھىيەنىڭ دارغاچلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە شۇ يەردىكى چوڭ جەمەت لىيۇ جەمەتى بىلەن قۇدىلىشىدۇ.سىتەن قايا خېنەن ،گۈيجۇ قاتارلىق جايلاردا ئەمەلدار بولۇپ ئاخىرى تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل ۋە گۈزەل ،ھەربىي ئىستراتىگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھىيىتى زور مىيەنچى ناھىيەسىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.ئارىدىن 100 يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ تۆتىنجى ئەۋلاد خۇدۇ قايا دەۋرىگە كەلگەندە يۇەن سۇلالىسى ئۆرۈلۈپ 1336-يىلى جۇيۇەنجاڭ مىڭ سۇلالىسىنى قۇرىدۇ ۋە بۇيرۇق ئېلان قىلىپ غۇرچە (خۇ بۇ يەردە موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىدۇ) كىيىملەرنى كىيىش ،غۇرچە تىلدا سۆزلەش ،غۇرچە ئۆرىپ-ئادەتتە بولۇشنى چەكلەيدۇ ۋە بۇ چەكلىمىنى ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇتىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا خۇدۇ قايا مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ تەس كۈندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن فامىلىسىنى مومىسىنىڭ فامىلىسى لىيۇغا ئۆزگەرتىدۇ.شۇندىن كېيىن غەربىي خېنەندىكى لىيۇ جەمەتىنىڭ تارىخى رەسمىي باشلىنىدۇ. ئارىدا نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتىدۇ .بىر ئائىلىدىن تەرەققى قىلغان لىيۇ جەمەتى نۇرغۇن شاخلارغا بۆلىنىدۇ. لېكىن مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ ،لېكىن ئۇنتۇپ قالمايدۇ.ئىزچىل ھالدا ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى يېزىپ ماڭىدۇ.قەبرە تاشلىرىغا ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئويۇپ ئۇلۇغلىرىنىڭ قەبرىسىگە تىكلەيدۇ.گومىنداڭنىڭ 15-يىلى فېڭ يۈشىياڭ ئىسىملىك مىللىتارست خېنەننى باشقۇرغاندا مىيەنچى ناھىيەسىنىڭ تەزكىرىسى يېزىلىدۇ .مانا شۇچاغدا 16-17 ياشقا كىرىپ قالغان ،تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان لىيۇ يۆبەي ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش تەزكىرە ئىشخانىسىغا كېلىپ نۇرغۇن تارىخى پاكىتلار ۋە لىيۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەبنامىسى ئارقىلىق لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تەزكىرىدىن ئورۇن ئالغۇزىدۇ.ئارقىدىن شۇ چاغدىكى ھاكىم لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئازسانلىق مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن لىيۇ جەمەتىنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ.1956-يىلى ئۇلارنى رەسمىي ئۇيغۇر دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ھەرساھە ئىشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ئىككى كەنتكە ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بېرىدۇ . ئىككى ئۇيغۇر مەكتىپى قۇرۇلىدۇ.قانۇنلۇق ئۇيغۇر جەمىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

غەربىي خېنەن لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى.
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مىيەنچى ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن.ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان.ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھازىرقى رەئىسى لىيۇ دوڭفاڭ ،مۇئاۋىن رەئىسى لىيۇ رۈنشېڭ قاتارلىق ئۈچ كىشى قول قويغان .
غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ (خېنەندىن باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە تەيۋەن ۋە چەتئەللەرگە كېتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئومۇمى سانى 2380 كىشى. ئەر 985 كىشى،ئايال 794 كىشى.ئۇلارنىڭ جۆرىللىرى 611 كىشى.بۇ يەردىكى جۆرىللىرى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئېتىراپ قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئەمەسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.بۇ يەردە تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك مەسىلە لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلىشىپ قالغاندىن كېيىن يەرلىك خەنزۇلار بىلەن قۇدا –باجا بولۇپ كەلگەن.ئۇلار بىر فامىلىلىك قانداشلار ئارا ئۆيلىنىشنى ئاساسەن تەشەببۇس قىلمىغان .بۇنداق قىلىش مىللەتنىڭ قېنىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالسىمۇ لېكىن يېقىن تۇققانلارنىڭ توي قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇرۇق يىرىگلەپ مىللەتنىڭ ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىغان. قىزلىرىنى خەنزۇلارغا ياتلىق قىلىپ ،ئۆزلىرى خەنزۇدىن قىز ئېلىپ جەمەتىنى بۈگۈنگە قەدەر گۈللەندۈرۈپ كەلگەن.ئۇيغۇر قىزلىرى خەنزۇلارغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر ھىساپلانمىغان،لېكىن ئەرلەر مەيلى قايسى جەمەتتىن بولسۇن خەنزۇ خوتۇن ئېلىپ كۆرگەن پەرزەنت لىيۇ جەمەتىنىڭ ئادىمى ۋە ۋارىسى دەپ قارالغان.ئۇلار ئۇرۇق نەگە چۈشۈشىدىن قەتئىي نەزەر يەنە شۇ ئۇرۇققا خاس نەرسە ئۈنۈپ چىقىدۇ دەپ قارىغان.شۇڭا بۇ يەردىكى 794 ئايال لىيۇ جەمەتىنىڭ ئۇرىقىدىن بولغان ،تېخى ياتلىق بولمىغان قىز-ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ.جۆرىسى دىگەنلەر بولسا لىيۇ جەمەتىگە ياتلىق بولغان لىيۇ جەمەتىنىڭ قېنى بار ياكى لىيۇ جەمەتىگە تەۋەلىك بىلدۈرگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدە مىيەنچى ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1781.ئەر 762،ئايال 589،جۆرىسى 488. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بېرىلگەن ئىككى كەنت بار .بىرى مىيەنچى ناھىيە بازىرى جايلاشقان گۇەنچېڭ بازىرى تەۋەسىدىكى يىلىخې كەنتى. بۇ كەنتكە رەسمىي ئۇيغۇر كەنتى دەپ كەنت دەرىجىلىك ئاپتونومىيە بېرىلگەن.لېكىن تاھازىرغا قەدەر ۋىۋىسكىسى ئۆزگەرتىلمىگەن.مەن رۇ ئەپەندىمدىن سەۋەبىنى سورىۋىدىم ئۇ كىشى دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلىپون قىلىپ بۇ كەنتنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇرچە قىلىپ ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 329 نەپەر.ئومۇمىي كەنت ئاھالىسىنىڭ 33% نى ئىگەللەيدۇ.كەنت باشلىقى ئۇيغۇر .فامىلىسى لىيۇ ،ئىسمى باۋجۈن.
يەنە بىر ئۇيغۇرلار ئاپتونۇم ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان كەنت ناھىيە بازىرىدىن بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىمالى بېلىق كۆلچىكى كەنتى.بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 675 نەپەر. ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 35%نى ئىگىلەيدۇ.
لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن سۆيىنىدىغان،ئىتىپاقلىقنى سۆيىدىغان ،ئوتتۇرا تۈزلەڭ مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي دىيار مەدەنىيىتىنى ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرگەن بىر توپ. بۇ توپ بۇندىن كېيىن بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەن لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇرغۇن سۈرەت تارتقان ئىدىم.لېكىن بۇ سۈرەتلەرنى مۇنبەرگە يوللىيالمىدىم.
ئەمدى دوستلاردىن كۈتىدىغىنىم لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار مېنىڭ زىيارەتكە كەلگىنىمنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدى.ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن بەكمۇ ئالاقە قىلغۇسى بار ئىكەن .ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇلار ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كەيگۈزۈش ،ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ،بىر كۈنلىرى ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئويىدا ئىكەن.مەن كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە خېنەنگە قايتماقچى ۋە بىر قىسىم سوۋغا سالام تەييارلاپ ئۇلارغا ئالغاچ بېرىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببىتىنى يەتكۈزمەكچى.
مەن سوۋغا قىلماقچى بولغان نەرسە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈنبار ،سىنبار ،كىيىم -كىچەك،ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەنزۇچە يېزىلغان كىتاب دىگەنلەردىن ئىبارەت.ئەلۋەتتە مېنىڭ كۈچۈم چەكلىك ،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇھەقتىكى مەسلىھەتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى تورغا يوللىدىم،
ناۋادا مۈمكىن بولسا مۇۋاپىق دەپ قارىغانلار بۇ ئىشقا كۈچ چىقارساڭلار .
ئەلۋەتتە مىيەنچى ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان يىلىخې (بىر چاقىرىملىق دەريا ) ئۇيغۇر كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى لىيۇ باۋجۇن (ئۇيغۇر ) ناۋادا ئۇيغۇر كارخانىچىلار مىيەنچىگە كېلىپ مەبلەغ سالىمەن دىسە قارشى ئالىمەن ،يەر بىلەن تەمىنلەيمەن دىدى.
كۆپچىلىكنىڭ پىكىر -تەكلىپ بېرىشىنى ۋە ئۇلارغا قېرىنداشلىق مېھىرىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئاۋاز قېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ﻣﻪﻧﺒﻪ:
http://www.berqi.com

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (1)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top