ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » مايا مەدەنىيىتىگە چۆكۈش

مايا مەدەنىيىتىگە چۆكۈش

Mayaمۇستافا ئابدۇكېرىم
ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنۋېرستېتى مەركىزى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتى تىلشۇناسلىق كەسپى دوكتۇرانتى

ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن! مانا يازلىق تىل تەكشۈرۈش پائالىيتىم باشلانغىلى ئىككى ھەپتە بولاي دېدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرىشىمنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى بولسا ئۆزۈمنىڭ ئىندىئاننا ئۇنىۋېرىسىتىتى مەركىزى ياۋرۇپا ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتىتىدىكى تىلشۇناسلىق كەسپى دەرسلىرىم ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ تەتقىقات قىزىقىشى بولغان فونتېكا ۋە فونولوگىيە تېمىلىرىنى چۆرىدەپ ماتېريال توپلاش شۇنداقلا مېكسىكا، گۇئاتېمالا، نىكاراگۇا، ھوندۇراس، كولومبىيە، پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۈنگە ئېلىپ ئاۋازلىق تىل ئامبېرى قۇرۇپ ھۆججەتلەپ چىقىش ھەمدە كېلەر مەۋسۈم مەن دەرس بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمنى زېرىكتۈرۈپ قويماي پەرقلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ قارارىم ئەمىلىيەتتە ماڭا فونولوگىيە(تاۋۇش سېستىمسى) دەرسى بېرىدىغان پروفېسور كىمبېرلى خىلانتو خانىمنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن بولغان ئىدى.
يولغا چىقىشتىن بۇرۇن قايسى دۆلەتتە قانچىلىك تۇرىمەن، قايسى قەبىلىلەرنى زىيارەت قىلىمەن، بارغان جايدىكى كىشلەر ماڭا ماسلىشىپ بېرەمدۇ يوق، بىخەتەرلىكىمگە قانداق كاپالەتلىك قىلىمەن دەپ بەك كۆپ ئويلاندىم.  بولۇپمۇ بارغانغا چۇشلۇق بىرىنچى قول ماتېريال يىغىش ناھايىتى مۇھىم ئەلۋەتتە. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالدىنقى يىلى كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سان دىياگو شەھرىدىكى يەرلىك ئىندىئان قەبىلىسى كۇمايايغا ئوقۇتقۇچۇم رېبېككانىڭ مېنى شۇ قەبىلىدە ياشاپ باققان بىرسىىگە تونۇشتۇرىشى تۈرتكىسىدە تىل تەكشۈرشكە كىرگەن ئىدىم. ئەپسۇس ئىككى ئاي ھەپىلىشىپ ھېچ نېمىگە ئېرىشەلـمىدىم. تاغنىڭ ئوتتۇرىسدا سىرىتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ ياشايدىغان بۇ ئىندىئانلار بۇرۇن مەن تېلۋىزوردا كۆرگەن جەڭگىۋار ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ئىنسانلار ئەمەس ئىدى. ئوچۇقىنى ئېيىتقاندا ئۇلارنىڭ ئىسمى بار جىسمى قۇرۇق ئىدى. بىر نەچچىسى بىلەن پاراڭلىشپ مۇڭدىشىشقا ھەپىلىشەتتىم. پىروفىسورۇم ماڭا ئۇلارغا تەتقىقات ئوبېيىكتى ئورنىدا مۇئامىلە قىلـماسلىقنى، ئۇلارنىڭ بىر ئىشلارغا سەزگۈر ئىكەنلىكنى، سوئال سورىغاندا ئاۋايلاپ سورىشىمنى ۋە ئۆزەمنى ئۇلارنىڭ بىر دوستى دەپ بىلىپ ئامال بار چاندۇرماسلىققا تىرىشىشىمنى جېكىلىگەن ئىدى. شۇنداق قىلىشمغا قارىماي ئۇلاردىن تىلى توغراسىدا ھېچ نەرسە يۇلۇپ ئالالـمىغانتىم. ئەمدى گەپ باشلاپ بولغىچە ئىچىپ مەس بولۇۋالاتتى، تۇيۇقسىزلا بىر يەرلەردە نەشە چېكىۋىلىپ كېلىپ ئاغزى كالچىيىپ بىر نەسىلەرنى دەيىتتىيۇ نېمە دەۋاتقىنىنى بىلـەلمەيتىم. ئىچىمدە بۇلارنى بۇ ھالغا تاشلاپ قويغان ئاق تەنلىكلەرگە نەپرىتىم قوزغىلاتتى ھەم بۇ بىچارىلەرگە ئىچىم ئاغرىيتى.
مەن 30 دىن كۆپ دۆلەت ۋە رايونغا بارغان لېكىن بۇ قېتىم پەقەت ئوخشىمايتتى. بىرىنچىدىن بۇ قېتىم ساياھەت قىلىش ئەمەس ماتېريال توپلاش ئۈچۈن يولغا چىقاتتىم. ئىككىنچىدىن مەن باردىغان جايلار  بىر-بىرىدىن خەتەرلىك ئىدى. مەسىلەن گۇئاتېمالا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنتايىن قالايمىقان دۆلەت، زەھەر ئەتكەستچىلىرى ۋە ئوغرى قاراقچىلار يامراپ كەتكەن، ئادەملىرى 5 يۇەن ئۈچۈنمۇ باشقىسىنى ئۆلتۈردىغان جاي دەپ نامى چىققان. ئەگەر چەتئەللىك بولسا تېخىمۇ خەتەرلىك، كۈندىزى يالغۇز ماڭغىلى بولـمايدۇ دېگەن مىش مىش پاراڭلارنى ئاڭلىغانتىم. لېكىن مەن ئۆزەم كۆرمەي تۇرۇپ بەكمۇ ئىشىنىپمۇ كەتمىدىم. بۇ گەپلەر خۇددى شىنجاڭنى كۆرمىگەنلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىنتايىن قالايمىقان ھەم خەتەرلىك دەپ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشاش دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ سىرتىدا بۇ دۆلەتلەردە بەزگەك، مېڭگىت، ئا تىپلىق ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، كىزىك ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ ئىدى، شۇڭا بارغاندىن كېيىن ئىچكەن سۈيۈمدىن يېگەن تامىقىمغىچە بەك دىققەت قىلـمىسام بولـمايىتتى. بۇ سەۋەپتىن مېڭىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەر خىل ۋاكسېنىلاردىن ئەملەتتىم ۋە كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. ئەمىليەتتە گۇئاتېمالادا ئەڭ جىق ماتېرىيال توپلىيالايتىم چۈنكى مايالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەل شۇ تۇپراقتا ۋە يوقۇلۇش  گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللاردىن بۇ يەردە بىر نەچچىسى بار ئىدى. ئەگەر ياخشى ماتېرىيال يىغالىسام بولۇپمۇ بايقالمىغان تاۋۇشلارنى تاپالىسام بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتىمغا كۆپ پايدىسى بولاتتى. ئۇنداق ئويلاپ بۇنداق ئويلاپ ئەڭ كۆپ ۋاقتىمنى گۇائاتېمالا جۇمھۇرىيتىدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىم.
كىممۇ ئويلىغان دەيسىز. لاتېن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردىن مېكسىكا، كوستارىكا، پاناما، كولۇمبىيە، بىرازىليە، ئارگېنتىنا، چىلى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى ناھايىتى تونۇش بولسىمۇ گۇئاتېمالا دېگەن بۇ دۆلەتنى مەن بۇرۇن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكىنمەن. ئالدىنقى ئاي پروفېسورۇم خىلانتو خانىم يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرغان تىللارنىڭ فونولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختالدى ۋە مايالىقلانىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى گۇئاتېمالا دۆلىتىدە نۇرغۇن تىللارنىڭ بار بولغانلىقى  ئەمما ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن داۋاملىق ئاسمىلاتسىيە تۈپەيلى تىللارنىڭ يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقنى ۋە ئىتزا مايان تىلىنى ئاران 12 كىشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
بىلىسىلەر، شىمالى ئامېرىكا ۋە لاتېن ئامېرىكىسىكى ئىنگىلىزتىلى، ئىسپان تىللىرى SVO شەكلىدە بولىدۇ، بىراق بۇ تۇپراقلاردا ياشاپ ئۆتكەن ئازتەكلەرنىڭ تىلى SOV شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مايا تىلىنىڭ بەزى دېئالېكتىكلىرىمۇ SOV شەكلىدە لېكىن ھەممىسى ئەمەس.  جانلىق بىر مىسال ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. بەزىلىرىڭلار بىلـمەيسىلەن ھەقاچان، سىنىپىمىزدىكى مۇستافانىڭ ئانا تىلى بولسا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىل سېستىمىسغا تەۋە بولغاچقا SOV ھالىتىدە كېلىدۇ. شۇڭا مۇستافا بۇ يوقىلىپ كېتەي دېگەن تىللارنى ئۆگۈنۈپ قالسا ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىشى تېزراق بولىدۇ ۋە چوڭ تۆھپىسى بولىدۇ. سىلەرمۇ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارغا بىر كىشلىك تۆھپەڭلارنى قوشالىساڭلار تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. بىزگە ياردىمى بولغان بەزى يەرلىك تىللار يوقاپ كېتىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئىندىئان تىللىرىدن بىرى بولغان ناۋاخو تىلىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىغا ياردىمى بەك چوڭ بولغان (قانداق ياردىمى بولغانلىقى توغراسىدا ۋاقتىنچە توختالمايمەن). «بىز تىل ئارقىلىق ياپونىيەنى يېڭىۋالغان» دېدى پىروفېسورۇم كۈلۈپ تۇرۇپ.
-Hill دېگەن سۆزنى ئۇيغۇر تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ دەپ سورىدى ئوقۇتقۇچۇم.
-تۆپە دەيمىز.
-تۈرك تىلىدىچۇ؟
-تەپە دەيمىز.
-مايالار تەپەك دەيدۇ.
-ھە؟
-سەنچە بۇ بىر تاسادىبىيلىقمۇ؟
-بىرنەسە دېيەلـمەيمەن پروفېسور، مەن «مۇ قىتئەسىى« دېگەن كىتاپتا ئوقۇشۇمچە يەرلىك ئىندىيانلار ۋە باشقا خەلقلەر موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن كۆچۈپ سىبىريەدىن ئ‍ۆتۈپ بېننىڭ بوغۇزىنى كېسىپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان دېيىلىپتىكەن. ئەلۋەتتە بۇ بىر كۆز قاراش.
-ناھايىتى ياخشى ئۇنداق  بولسا بۇتوغرالىق ئازراق ئىزدىنىپ كېلەر ھەپتىدىكى دەرستە بىزگە 20 مىنۇت ئەتراپىدا لېكسىيە بەرگىن! بولسا ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتۈپ ساۋاقداشلىرىڭنى ئازراق خەۋەردار قىلساڭ تېخىمۇ ياخشى.
شۇنداق قىلىپ بەزى ماقالىلەرنى ئوقۇدۇم ۋە كېيىنكى دەرستە لېكسيە بەردىم. ئامېرىكىلق ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە سوئاللار يېغىشقا باشلىدى، ئەلۋەتتە ناھايىتى ئوبدان تەييارلىق قىلغان بولغاچقا تەمتىرىمەي جاۋاپ بەردىم. شۇ سەۋەپلىك سىنىىپتىكى ئۈچ ساۋاقدىشىم  مەۋسۈملۈك ئىمتىھان پىروجەسىدە ئۇيغۇر تىلىنى تاللاپ ماقالە يازدى ۋە بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. ئەمما لېكسىيەمدە مايالار توغراسىدا ئانچە كۆپ بىلگە بېرەلمىدىم، چۈنكى ماتېرىيال چەكلىك ئىدى. شۇنداقلا بەزى يېزىلغان نەرسىلەرنىڭ ئىشىنىش دەرىجىسى ۋە مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇلارنى دەرىسخانىغا ئ‍ەپكېلىپ سۆزلىسەم قايىل قىلىش كۈچى تۆۋەن بولاتتى. لېكىن كۈتۈپخانىدىن بەزى مۇھىم ئۇچۇرلانى يىغدىم ۋە دەرستە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئ‍ورتاقلاشتىم. بۇنىڭ بىلەن بىرگە مەۋسۈملۈك ئىمتىھىانىمنى تۈگۈتۈپلا كېيىنكى تەتقىقاتلىرىم ئۈچۈن ماتېريال توپلاش ئىستىكىم بارغانىسىرى كۈچەيدى.
مانا، مەن ھازىر مېكسىكا شەھرىگە 97 كىلومېتىر كېلدىغان تېوتىخۇاكاندا بىر ھەپتىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئۆگۈنىشىمنى ئاياقلاشتۇرۇپ، گۇئاتېمالا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شېلا دەيدىغان مايالىقلار ياشايدىغان كېچە ۋە مام دېئالىكتىكىدە سۆزلىشدىغان قەۋىمنىڭ ئىچىدە تۇرىۋاتىمەن ۋە ئۇلار بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ تىل ماتېريالى توپلاشقا كىرىشۋاتىمەن. ئەلۋەتتە بۇ يەرگە كېلىش ئۈچۈن ماڭمىغان تاغ دالا قالمىدى ئىشقىلىپ بىخەتەر كېلىۋالدىم. سەپەردىكى سەزگۈرەشتىلىرىمنى ۋە مېكسىكا دۆلىتىدىكى  تېئوتىخۇاكانلارنىڭ تىلى ۋە ئۇلار قۇرۇپ چىققان غايەت زور ئاي ۋە قۇياش پىرامىداسى توغرىسىدا كېيىن تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمەن.
مەن كەلگەن شېلا دېگەن يەر گۇئاتېمالا جۇمھۇرىيتىنىڭ  غەربى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ئۆزىنى مايا دەيدىغانلار خېلى كۆپ .بۇ جايدىكى مايالىقلارنىڭ ئاساسلىقى چاڭلاشمىغان . مەن ئۆيىدە تۇرىۋاتقان مايالىق كۆيۈمچان موماي روسانىڭ دېيىشىچە ئەينى ۋاقىتتا ئىسپانلار تاجاۋۇز قىلغاندا بۇلارنى تەقى تۇرقى بەك سەت دەپ پەس كۆرگەن ئىكەن شۇنداقلا پۈتۈن كىتاپلىرىنى بىرنى قويماي دېگۈدەك كۆيدۈرۋەتكەن بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە 3 پارچىلا كىتاپ ساقلىنىپ قالغان ئىكەن. بۇ يەردە بولسا مايالىقلار بىلەن مايالىقلار قۇدىلىشىكەن. كەلگەن بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان شۇنىڭغا دىققەت قىلدىم، گەرچە مايالارنىڭ مەدەنىيتى ئىسپانىيەنىڭ قولى ئاستىدا ۋەيران بولۇپ رىۋايەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، ھېلىھەم مايالارنىڭ ئىزناسى يوقالمىغان ئىدى. كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مايا ئاياللىرى ئۆزىنىڭ كەشتىلەنگەن ئەنئەنۋى ئۇزۇن كانۋاي كۆينىكىنى كىيىدىكەن ۋە چېچىنى ئىككىگە ئۆرۈپ رەڭگارەڭ لېنتا تاقاپ شۇنداق چىرايلىق بېزەيدىكەن. بەزىلىرى كۆك تەڭرىگە ۋە بەزىلىرى كاتولىك دىنىغا ئېتىقات قىلىدىكەن. مەن تۇرغان ئۆي مايالىقلارنىڭ ئۆيى بولۇپ ئاجايىپ مىھماندوس ئىدى، بەزىدە خۇددى ئۆزەمنى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندەك ھىس قىلىپمۇ قالدىم. قىزىقارلىق يېرى شۇكى مەيلى مېكسىكىدا بولاي ۋە ياكى بۇ يەردە بولاي مېنى ھەممەيلەن لاتىن ئامېرىكىلىق دەپ ئويلاپ قالاتتى. ئالدىنقى ھەپتە مېكسىكىنىڭ تېئوتىخۇكاندا كېتىۋاتسام ناتونۇش بىرسى ناھايىتى تېزلىكتە ئىسپان تىلىدا سۆزلەپ كەتتى، مەن ئىنگىلىز تىلىدا خاپا بولماي ئاستىراق سۆزلىسىڭىز مەن ئاڭقىرالمىدىم دېسەم، قارا تېخى ئۆزەڭنىڭ مېكسىكىلىقلىقىڭدىن چېنىپ ئىزا تاتىپ ئىنگىلىزتىلدا سۆزلەپ كەتتىڭما دېگەن ئىدى. شۇ چاغدىلا مەن بۇ چىرايىم بىلەن لاتېن ئامېرىكسىدا بىخەتەر بولغۇدەكمەن دەپ ئويلىغانتىم.  بۇ دۆلەتتىمۇ روسا موماي ۋە بالىلىرى ھەر كۈنى چاقچاق قىلىپ سېنىڭ چىرايىڭ تىپىك لاتىن ۋە ھەتتا بىز مايالارغا ئوخشايدىكەن، بىزگە بالا بولامسەن دەپ قوياتتى.  مەنمۇ ۋاي توۋا مۇشۇنداقمۇ ئوخشىغان بارمۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم ئىچىمدە. مەنلا ئەمەس بەزى ئۇيغۇر دوستلىرىممۇ بۇ يەرگە كەلسىە چىرايى ئانچە پەرقلەنمەيىتتى.
روسا موماي 60 ياشتا بولۇپ ماڭا زېرىكمەي بىر نەسىلەرنى چۈشەندۈرەتتى. ئىنگىلىزتىلى بىلمىگەچكە مەن بىلەن ئىسپان تىلىدا سۆزلىشەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە روسالا ئەمەس ھەممە ئادەم ئىنگىلىزتىلى بىلمەيدۇ. مەن ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سىپتا كەلگەن ئۈنئالغۇمنى ئېچىپ ئاۋاز ئېلىشقا باشلاپ مەلۇم سۆزنىڭ مايا تىلىدىكى كېچە دېئالىكتىكىسىدا نېمە دەيدىغىنى سورايىتم. موماي ئېرىنمەي دەپ بېرەتتى ۋە ماڭا شېلادىن خېلى ئۇزاق پىيادە 5 سائەتتە باردىغان تاغ ئىچىدە سىرىتقى دۇنيادىن خالى ياشايدىغان مايالار بار بولۇپ كېلەر ھەپتە ئۇ يەرگە بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ يەنە يانار تاغلارنى ئاتلاپ كارۋان بولدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىم.
بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزۈمگە تۇيۇقسىز سوئال قويۇپ قالدىم. ئۇيغۇر تىلى بىلەن مايا تىلى دېئالىكتىكىلىرىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئوخشاپ قېلىشى تاسادىبىيلىقمىدۇ ئەجىبا؟؟؟
كۈن ــــ كىن
يۇيماق ـــ يۇماق
ئاكا ـــ ئاكان
يېشىل ـــ ياشىل
كۆچ ــــ  كۆچ
تۆپە ـــ تەپەك
بوش ـــ بوش
كەل ـــ كىل
تۈك ـــ تۇي
ئىككى ـــ ئىك
يېڭى كۈن ـــ ياش كىن
تىك ـــ تىك
مول ـــ موول
چېچەك  ـــ چاچاك
ئاق ـــ ئااك ، ساك
قۇش ــــ  كوش
كىشى ـــ كىشە
ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تىلنى ھۆججەتلەش جەريانىدا مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭىلىقلار بولغۇسى!
مەنبە: ئىزدىنىش تورى

ئىنكاسلار (1)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش