• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بىزگە ئات مىنەلەيدىغان، ئوق ئاتالايدىغان يىگىتلەر كېرەك

بىزگە ئات مىنەلەيدىغان، ئوق ئاتالايدىغان يىگىتلەر كېرەك

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Ertuğrul«بىزگە ئات مىنەلەيدىغان، ئوق ئاتالايدىغان يىگىتلەر كېرەك.»

– پەلەستىنلىك ئائىشە

بۇ ماقالە ، ئەسلى يۇرتى پەلەستىلىك بۇلۇپ ھازىر شىمالى ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان ئۈچ يىتىم قىزنىڭ سەرسانلىق ھاياتىدىكى ئېچىنىشلىق سەرگۇزەشتىلىرىنىڭ ئازراقلا بىر قىسمى بولۇپ، بۇ قىزلارنىڭ جاراڭلىق ۋە ئىلمى ئاساسقا ئىگە ئوتلۇق يۇرەك سۆزلىرىدىن تەسىرلېنىپ، ئاخىرى ئاللاھنىڭ بۈيۈك نىمىتى بولغان «ئىمان- ئىسلام » نىمىتىگە مۇيەسسەر بولغان بىر ياۋرۇپالىق ئايالنىڭ تەسىراتلىرىدىن ۋە بۇ بەخىتلىك ئانا بىلەن ئۆتكۇزگەن سۆھبەتنىڭ قىسقىچە جەريانىدىن ئىبارەت .
شىۋىت مىللىتىگە مەنسۇپ بولغان بۇ ئايال ھازىر 75 ياشتا ، ئەسلى ئىسمى كىرىستىنا، ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئىسمى بولسا خەدىچە ، بۇ بەخىتلىك ئانىنىڭ ئىسلامغا كىرگىنىگە بەش يىل بولغان ئىكەن. بۇ بەخىتلىك ئانا ھازىر شۇ دىياردىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھۆرمەتلىك ئانىسى سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنىپ كەلمەكتە.

بۇ بەخىتلىك ئانا بىلەن بىر جۈمە كۈنى مەسجىدتە ئۇچرىشىپ قالدۇق، ئۇ ئانا ھەربىرىمىزگە شۇنداق دىققەت بىلەن قارايتى. مەننمۇ بۇ دىيارغا كەلگىنىمگە بىر قانچە ھەپتىلا بولغاچقا، غەرىپلىك بىر ئايالنىڭ جۈمە كۈنى مەسجىدكە كېلىپ، سانى ئەللىككە يەتمىگەن بىر تۈركۈم مۇھاجىر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە جۈمە نامىزى ئۇقىغانلىقى مىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى ۋە چۇڭقۇر ھاياجانغا سالدى .

قەۋەتلىك بىنا ئۆيلەرنىڭ يەر ئاستىغا ئورۇنلاشقان، چوڭلىقى 100 كۇۋادىرات مېتىر ئەتىراپىدا كېلىدىغان بۇ مەسجىدتتە، دۇنيانىڭ ھەرتەرەپلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن مۇسۇلمانلار يىغىلىپ جۈمە نامىزىنى ئۇقۇپ كېلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان ئىكەن. بۈگۈن مىنىڭمۇ شۇ كۆچمەن مۇسۇلمانلار قاتارىغا قۇشۇلۇپ تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئۇقۇشۇم ئىدى. ناماز ئۇقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مەسجىدكە كەلگەن مۇھاجىر مۇسۇلمانلار ئۆز-ئارا تۇنۇشلۇق بىرىشىپ بىر-بىرلىرىگە ئىللىق سالام بىرىشتى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە مەنمۇ ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ ، يۇرتۇم شەرقىي تۈركىستان – مىللىتىم ئۇيغۇر، بۇ دىيارغا كۆچۈپ كەلگىنىمگە بىرقانچە ھەپتە بولدى دىدىم. سۆزۈمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ تۇرغان ھېلىقى ئايال دەرھاللا ئوغلۇم يۇرتۇڭنى بىلەلمىدىم، ئاۋۇ خەرىتىدىن كۆرسەتكىن دىدى. قارىسام مەسجىدنىڭ شىمالى تەرپىدىكى تامغا ناھايىتى چوڭ بىردانە دۇنيا خەرىتىسى ئېسىلغان ئىكېن. مەن ئۇدۇل بېرىپلا خەرىتىنىڭ مەركىزى ئاسىيا قىسمىدىكى قۇتۈپ سىزىقلىرى ئارىسىدىن، ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىرقى باشكەنتى ئۈرۈمچىنى كۆرسەتتىم. ئۇ ئايال ۋە مەسجىدتە تۇرغان بىرقانچە مۇسۇلمانلار ھەيران قېلىشىپ ، سەن جۇڭگۇلۇققا ئوخشىمايسەنغۇ ؟ دىيىشتى.
شۇنداق -، مېنىڭ ئەسلىم جۇڭگۇلۇق ئەمەس شۇڭا جۇڭگۇلۇققىمۇ ئوخشىمايمەن. بىز پەقەت بۇندىن 60 يىل ئىلگىرى شۇ جۇڭۇلۈقلارنىڭ چىگراسى ئىچىگە مەجبۇرى كىرىپ قالغانمىز، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەسلى نامى “شەرقي تۈركىستان ” بۇ نام ، جۇڭگۇلۈقلار تەرپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دىدىم . بۇلار بەكمۇ ھەيران بۇلۇشتى.

سۆزۈم ئاخىرلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئايال ماڭا يېقىنلىشىپ، ئوغلۇم خوش كەلدىڭ يۇرتىمىزغا، بىز بۇ دىياردا بىرتۇققان قېرىنداش بۇلاپ ياشايمىز دىدى. بۇ مۇسۇلمان ئانا – ئەرەپ تىلىنىڭ ئەڭ پاساھەتلىك تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتى. { باشقىلارنىڭ دىيىشىچە بۇ ئايال ئىسلامنى قۇبۇل قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن مىسىرغا بېرىپ قۇرئان ئۇقۇشنى ۋە ئەرەپ تىلىنى ئۆگۈنۈپ كەلگەن ئىكەن }. مەن بۇ ئايالنىڭ ئىللىق سۆزلىرنى ئاڭلاپ چۇڭقۇر سۈيۈنگەندەك بولساممۇ، ئارقىدىنلا قئاتتىق يىغا تۇتتى. ئەجەبا بىزدىن شۇنچە ئۇزاق يەرلەردە ياشىغان ياۋرۇپا مىللىتىگە مەنسۇپ بولغان بىر مۇسۇلمان ئايال مىنى بىرىچى قېتىم كۆرۈپلا شۇنچە ئىللىق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، نىمە ئۈچۈن بىزنى تۇنۇيدىغان ۋە بىزنىڭ تۇپراقلىرىمىزدا ئەسىرلەر بۇيى ياشاپ كېلىۋاتقان باشقا ئىنسانلاردا شۇنچىلىك ئىنسانى ھىستۇيغۇ يوق …!!!ھ

ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا ئۆز-ئۈزەمگە پىچىرلىغانلىقىمنى كۆرگەن بۇ ئايال دەرھال ماڭا تەسەللى بىرىپ، ئوغلۇم يۈر مەن ساڭا ئۆز ھاياتى كەچۈرمىشلىرىمدىن ۋە بۇ يۇرتقا كۆچۈپ كېلىپ ياشاۋاتقىنىغا بىرقانچە يىل بولغان ئۈچ قىزنىڭ سەرسانلىق ھاياتىنى سۆزلەپ بېرەي ، بەلكى بۇ بۇ سېنىڭ يېڭى ھاياتىڭدىكى يېڭىلىق بولغۇسى دىدى ۋە ئۆز ھېكايىسىنى شۇنداق سۆزلەپ بەردى.

_ ئاللاھ بىز ئىنسانلارنى ياراتقاندىن باشلاپلا ئىلىم ئۈگۈنۈشكە چاقىرغان ئىكەن، شۇنداقلا سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈزىنىڭ ھەق ئەلچىلىكىگە تاللىغاندىن كېيىنكى بىرىنچى بۇيرۇقىمۇ « ئوقىغىن » دېگەن جاراڭلىق خىتاپ «ئاللاھنىڭ ۋەھىسى » ئىكەن. بۇ ھەقىقەتلەرنى مەن ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن بىلدىم . مەن ياش ۋاقتىمدا شىۋىت قىزلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەللىرىدىن ئىدىم، ھازىرمۇ قېلىشمايمەن. مېنىڭ بۇ تۇرقۇمغا قارىماڭ، ئۈزەم بۇ ھاسىغا تېيىنىۋالغان بىلەن مىنىڭ يۈرۈگۈم ھازىرقى ياش قىزلارنىڭ يۈرەكلىرىدىنمۇ ياش ۋە ساغلام ، چۇنكى مىنىڭ يۈرۈكۈم ئىمان نۇرىدا داۋاملىق ياشىرىپ تۇرۇدۇ _ دېگىنىچە ئىختىيارسىز تەبەسسۇم قىلىپ كۈلۈپ كەتتى . بۇ بەخىتلىك ئانىنىڭ شۇ يېقىملىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مەنمۇ قوشۇلۇپ كۈلدۈم.

بۇ بەخىتلىك ئانىنىڭ كۈلۈشلىرىدىن ئاغزىدىكى چىشلىرى ئاپپاق سەدەپتەك ۋالىلداپ، چىرايىدىن ئىمان نۇرى چاقناپ تۇراتتى . ئۈزى 75 كە كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا ياۋرۇپا ئاياللىرىنىڭ سالماق پىكىر قىلىش خۇسۇسىيەتلىرى، بۇ ئايالنىڭ قىلىۋاتقان سۆزلىرىدىن مانامەن دەپ كۆرۇنۈپ تۇراتتى. شۇنداق خۇش تەبەسسۇم بىلەن سۈزىنى داۋام قىلىپ “مەن ئەسلى خىرىستىيان دىننىڭ ئىخلاسمەن مۇرۇتلىرىدىن ئىدىم، ھازىر بولسام « ئىسلام ئاياللىرى » نىڭ ھۆرمەتلىك ئانىسى بولىمەن” دەپ، ئۆزىنىڭ ھاياتى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىدى .

_ بىر كۈنى دىدى ئايال سۆزىنى باشلاپ-، ئۆيگە نەرسە – كېرەك ئالىمەن دەپ شەھەردىكى سودا سارايلىرىنى ئايلاندىمدە، كېرەكلىك نەرسىلىرىمنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن بىكەتتە ئاپتۇبۇس ساقلاۋاتاتتىم، دەل شۇ چاغدا يېشى 22 ئەتىراپىدا ناھايىتى چىرايلىق ، ئىككى مەڭزىدىن باشقا يەرلىرى تامامەن يېپىلغان ھالدا كىيىنگەن بىر مۇسۇلمان قىزى كەلدى. ئارقىدىنلا ئۈنىۋېرسىتىتتا ئۇقۇيدىغان بىر توپ قىز-ئۇغۇللار كېلىشتى، بۇلار ئاپتۇبۇس كەلگىچە سىنىپتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى سۆزلۈشۈپ قاقاقلاپ كۈلۈشمەكتە ئىدى. بۇلارنىڭ سۆزلىرى بىزگىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى . ئارىدىن بىرسى “مۇئەللىم ھەقسىز فىلىم كۆرگەندەك قاراپ تۇرغىنىنى دىمەمسەن دىسە ..، يەنە بىرى قارىماي نىمە قىلاتتى ؟، بۇ بىزنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىمىز… بۇ دىگەن ياۋرۇپا، ھىچكىم-ھىچكىمنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئارلىشىش ھەققى يوق…..!” دەيتى. بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ھېلىقى ئۇقۇغۇچى شۇ ھامان بېرىپلا بىر قىزنى بوينىدىن تۇتۇپ سۈيەشكە باشلىدى، ئارقىدىنلا قالغان باللارمۇ قىزلارغا يېپىشىپ كېتتى. ھېلىقى قىزلارمۇ ھىچقانداق قارشىلىق بۈلدۈرمەستىن ئۇلارغا ماسلىشىپ مۇھەببەت لىرىكىسىنى كۆرسۈتۈشكە باشلىدى .

مانا شۇلارنىڭ ھەممىسى «ئىسلام » دىنىدىن خەۋىرى بولمىغان ، ياۋرۇپا تېربىيەسىدە تەربىلىنىۋاتقان خىرىستىيان باللىرى ئىدى .مەنمۇ شۇ چاغدا ئۇ ئىشلارنى ئانچە ئېغىر ئالماستىن ئولتۇردۇم، چۇنكى بۇنداق ئەھۋالنى بىرىنجى كۆرۈشۈم ئەمەس ، يەنە كېلىپ بىزنىڭ ئېڭىمىزغا بۇنداق ئەھۋالنىڭ نورمال بىر ئىش ئىكەنلىگى سىڭىپ كەتكەن .

ئۇ ئىشلارنى كۆرگەن ھېلىقى ھىجاپلىق مۇسۇلمان قىزى دەرھال بۇ يەردىن كېتىپ قالدى، مەن ھەيران بولغان بولساممۇ، لېكىن ئاساسى سەۋەبىنى بىلمەيتىم، بەلكى ئۇ قىز شۇ قىلىقلىرىنى يامان كۆرگەن ، ياكى ئۇلارنى كۆرۈپ ئىزا تارتىۋاتقان بولسا كېرەك دەپلا ئويلۇدۇم .

ئەسلىدە ئادەملەردە ھايا-ئەخلاق بۇلۇش كېرەك ئىدى، لېكىن جەمىيەتتە ئادەملەر ئۆزگەردى. بۇندىن كېيىن نىمە ئىشلار بۇلار ،،،،،،،،،،،،؟ مانا مۇشۇنداق خىيال بىلەن تۇرغىنىمدا تۇساتتىنلا مەندە، قانداقتۇر شۇ مۇسۇلمان قىز بىلەن بىر پاراڭلىشىش ئىستىكى پەيدا بولدى بىز كۈتۈپ تۇرغان ئاپتۇبۇسمۇ كېلىپ قالغان ئىدى .

ھېلىقى باللار دۆپپۈرلۈشۈپ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ كېتىشتى ، قارىسام ھېلىقى مۇسۇلمان قىز بېكەتتىن سەل نېرىراق جايدا يالغۇز تۇرۇپتۇ . “بۇ ياخشى پۇرسەت” دىدىمدە يولۇمدىن توختاپ، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا باردىم. ئارىمىز 5 مېتىر قالغاندىلا ئۇ قىز ماڭا ئىلللىق سالام بېرىپ “سىز نەگە بارماقچى ؟ مەن سىزگە ياردەملىشەيمۇ ؟” دىدى .

ماڭا بۇ قىزنىڭ ئىللىق ۋە يېقىملىق سۆزلىرى شۇنداق تەسىر قىلدى، بۇ قىز بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۆھبىتىمنى دەرھال باشلاپ…. “رەخمەت قىزىم، مەن سىزدىن بىر نەرسىنى سورىماقچى ئىدىم مۇمكىنمۇ ؟” دىدىم . قىز- “ئەلۋەتتە…. قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمەن” دېدى ناھايىتى خۇش تەبەسسۇم بىلەن . مەن “كەچۇرۇڭ قىزىم، مىنى توغرا چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ، سىز مۇسۇلمان قىزغۇ دەيمەن….؟ ئەسلى يۇرتىڭىز…..؟” دىيىشىمگە ، ئۇ قىز: “شۇنداق چوڭ ئانا، مەن مۇسۇلمان قىزى ، ئىسمىم ئائىشە _ ئەسلى يۇرتۇم پەلەستىن، بۇ يەرگە سىياسى مۇلتەجى بۇلۇپ كېلگىنمىزگە 5 يىل بولدى. بىز ئۈچ قىز، سىڭىللىرىم 13 ۋە 15 ياشتا ھازىر ئورتا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتىدۇ. مەن ئۈنىۋېرسىتىتتا ئوقۇيمەن ، ئۇقۇشتىن كېيىن 4 سائەت ئەنە ئاۋۇ سودا سارىيدا ئىشلەيمەن” دەپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇردى ۋە “قانداق تەلىۋىڭىز بار ؟” دەپ ماڭا قارىدى .

مەن ھېلىقى باللارنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن بىكەتتىن كىتىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورۇدۇم، ئائىشە ناھايىتى تەمكىن ۋە ئىللىق سۆزلىرى بىلەن « ئەئۇزۇ بىسمىللاھ » ئۇقىغاندىن كېيىن سۆزىنى باشلىدى :

_ ئالەملەرنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارچە مەخلۇقاتلارنى ياراتقان « ئاللاھ » ئۇنىڭ تەرتىپلىرىنىمۇ بىكىتتى . شۇنداقلا بىز ئىنسانلارغىمۇ مۇناسىپ بىر تەرتىپ بەلگىلىدى. شۇ تەرتىپ بۇيىچە ياشىساق بىزنى مەڭگۇلۇق مۇكاپات ئورنى بولغان جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. مانا بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ، بۇ كائىنات ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان ئەمەس، بۇنۇڭ ياراتقۇچىسى يەككە-يىگانە بىر « ئاللاھ » دەپ ئېتىراپ قىلغۇچىلارنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى ۋە ئۇلارغا مەڭگۇلۇك بەخىت-سائادەتنىڭ يۇلىغا باشلايدىغان قۇرانى كەرىمنى قانۇن قىلىپ بېكىتىپ بەردى. مۇسۇلمانلار بولسا ئەنە شۇ قانۇنغا رىئايە قىلىپ ياشايدۇ. بىراق نۇرغۇن ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتنى تۇنۇمايدۇ، ياكى « خىرىستىيان ۋە يەھۇدى پىشىۋالىرىنىڭ » بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يۇشۇرۇشلىرىغا ئەگىشىپ قايسى ھەق-قايسى ناھەق، نىمىنىڭ ھالال، نىمىنىڭ ھارام ئىكەنلىگىنى بىلمەي، بىر-بىرلىرىنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئازغۇن، گۇمراھلىق يۇلىدا ھاياتىنى داۋام قىلىشىدۇ ۋە شۇنداق داۋام قىلماقتا ! نەتىجىدە دەۋزەققە قاراپ ماڭماقتا. مانا سىز كۆرگەن ھېلىقى بالىلارمۇ ئىسلام تەربىيىسىنى كۆرمىگەچكە نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئەقىلسىز ھايۋانلارچە، ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەكتە. مانا مۇشۇنداق ئەخلاقسىزلىق ئىشلار ئەۋجى ئالغانسىرى، ھارام زىنا كۆپۈيىش نەتىجىسىدە جەمىيەتكە بىرقىسىم ھارامخور ئەۋلات پەيدا بولماقتا. بۇنداق ئەۋلات قۇشۇلغان جەمىيەتتە، قاتىل-قىمارۋاز، ئوغرى-بۇلاڭچىلىق دىگەندەك جىنايى ئىشلار ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. بۇ جىنايەتلەرگە قارىتا ھەرقايسى جەمىيەت ئورگانلىرى ھەر-تۈرلى چارىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇخىل تەرتىپسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالالماي كەلمەكتە .

ئىسلام قانۇنىدا بولسا، بۇنداق ئىشلارغا قارىتا، ناھايىتى مۇۋاپىق جازا چارىلەر بىكىتىلگەن بۇلۇپ، بۇ جىنايى قىلمىشنى قىلغانلار تىگىشلىك جازاسىنى تارتقاندىن كېيىن قايتىلاپ شۇنداق خاتالىققا بارمايدۇ. ئىسلام قانۇنى، ئىنسانلارنى ئاتا-ئانىسىنى قاخشىتىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن ، قىمار ئويناشتىن ، زىنا قىلىشتىن، ئوغرىلىق قىلىشتىن ، بۇلاڭچىلىق قىلىشتىن، يېتىمنىڭ مېلىنى ناھەق يىيىشتىن، بىر-بىرسىگە ناھەق زۇلۇم قىلىشتىن، ئىففەتلىك ئاياللارغا بۆھتان تۇقۇشتىن، غەيۋەت قىلىشتىن تۇسىدۇ . ئىسلام قانۇنى بولسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئەڭ مۇۋاپىق جازالار بىلەن جازالاش ئارقىلىك، قايتا جىنايەت سادىر بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە جەمىيەت ئامانلىقىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە بىخەتەر ساقلايدۇ.

ئىسلام قانۇنى بولسا، ئاياللانىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىنى ئالاھىدە قوغدىغان بۇلۇپ، بىر قىسىم شەھۋەت پەرەز ئىنسانلارنىڭ، ئۇلارنى خالىسا ئەئىلىپ خالىسا قۇيىۋىتىدىغان، شۇنداقلا قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ پايدىلىنىدىغان بازار تاۋارلىرىغا ئايلاندۇرۋېلىشىغا قەتتى يول قويمايدۇ. ئىسلام قانۇنى بولسا، ئەرلەرنى نامەھرەم ئاياللارغا قاراشتىن ، ئاياللارنى بولسا نامەھرەم ئەرلەرگە ھىجاپسىز كۆرۈنۈشتىن تۇسىدۇ، شۇنداقلا ئۈزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامەھرەم كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن چىرايلىق يۆگۈنۈپ كىيىنىشكە بۇيرۇيدۇ. مەنمۇ بىر مۇسۇلمان بۇلۇش سالاھىتىم بىلەن شۇ ئىسلام قانۇنىغا بويسۇنۇپ مۇسۇلمانچە ھىجاپ كەيدىم، ھېلىقى ئادىمى ھايۋانلارنىڭ قېشىدىم يىراقلاپ كىتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت.

سىز كۆرگەن شۇ باللار بولسا ئىسلام دىننىڭ ھۈكۈملىرىدىن تامامەن خەۋەرسىز بولغاچقا نىمىنىڭ ھالال، نىمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۈرلى ھاياسىزلىققا قەدەم باسماقتا! ئاقىبەت جەمىيەتكە يەنە بىر تۈركۈم بۇزۇقچىلىق تېرىيدىغان يامان ئەۋلات قۇشۇلۇشتەك خەۋىپلىك ھالەتتە تۇرماقتا. بۇنداق ئىنسانلار بىلەن تولغان جەمىيەتتە ھېچقاچان تەرتىپ بولمايدۇ. دەۋرىمىزدىكى ئىسلامنىڭ تاشقىرسىدا بولغان ھەرقانداق جەمىيەت-ئورۇنلار، بۇنداق بۇزۇقچىلىقنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن تۈرلى چارە تەدبىرلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ يەنىلا ئۈنۈمسىز بولماقتا . چۈنكى ئۇلار جەمىيەت قانۇنىنى ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا تۈزۈپ، خالىغان ۋاقىتتا ئۆزلىرى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇنداق قانۇننىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ھىچبىر قىممىتى بولمايدۇ . ئىسلام قانۇنى بولسا، بارچە كائىناتنى يوقتىن بار قىلغان قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ تەرپىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، بۇ ئىلاھى قانۇن ئالدىدا پادىشاھ-ۋەزىر، باي-كەمبەغەل، ئەر-ئايال ھەممە كىشى ئوخشاش-باراۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ، ھېچقانداق ئىنسان ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ياكى ئەكسىگە بۇرىيالمايدۇ….! دىگىنىچە بىراز ئېچىنغان ھالدا، اللە ھىدايەت بەرسۇن دىدى.
سۆزىنىڭ ئاخىرىنى “مېھرىبان ئاللاھ سىزنىمۇ بۇ بۈيۈك ئىسلام نىمىتىگە مۇيەسسەر قىلغاي، ئامىن!” دەپ ئاخىرلاشتۇردى . مەن بۇ قىزنىڭ سۆزلىرىگە ھېيران قالدىم . ئەجەبا ئىسلام دىنى شۇنداق ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان دىنمىدى ؟ دىگەن پىكىرلەر مىنى ئەسىر قىلىشقا باشلىغان ئىدى . بىز بۇندىن كېيىن يەيە ئۇچرۇشۇپ تۇرۇشقا كېلىشىپ خوشلاشتۇق.

ئۆيگە بارغۇچە ئۇ قىزنىنڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتى، مەن بۇنى بىر قانچە كۈن ئويلاندىم، ئاخىرى ئىسلام دىنى توغرۇلۇق يېزىلغان كىتاپلارنى تېپىپ ئوقۇپ كۆرمەكچى بولدۇم. بىراق بۇ يەردىكى كىتاپخانىلاردىن ئىسلام دىنغا ئائىت بىرەرمۇ كىتاپ تاپالمىدىم، چۈنكى بۇ دەۋلەت ياۋرۇپا دەۋلەتلىرى ئىچىدىكى خىرىستىيان دىنىغا كۈچلۈك يېپىشقان دەۋلەت بۇلۇپ، بىز تۇرغان بۇ شەھەردە بۇنداق كۆزقاراش تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلۇپ كەلگەن .

بۇ شەھەرگە مۇسۇلمانلار كېلىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان، ئۇ يىللاردا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىمۇ ئەللىككە يەتمەيتى، شۇڭلاشقا بۇ شەھەردە ئىسلامغا ئائىت كىتاپلار ئەسلا يوق ئىدى. شۇڭا بۇ توغرىدا يەنىلا ئائىشە دىن كىتاپ سورىماقچى بولۇپ تىلپۇن قىلدىم. ئائىشەمۇ بۇ تەلىۋىمنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە شۇ كۈنىلا ماڭا بىر قانچە پارچە ئىسلامنى تۇنۇشتۇردىغان كىتاپلارنى ئەكىلىپ بەردى. مەن بۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇقۇپ چىقتىم ۋە ئىسلامنىڭ ھەقىقەتەن ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەق دىن ئىكەنلىكىگە قايىل بولدۇم، شۇنداقلا ئىسلامنى قۇبۇل قىلىشقا قەتئى قارار قىلدىم .

مىنىڭ بۇنداق قارارغا كەلگىنىمنى ھىچكىم بىلمەيتى، چۈنكى مەن ئېنىق بىر قارارغا كەلگىچە ، ئىسلام دىنىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىمنىمۇ ئائىشەدىن باشقا ھېچكىمگە ئېيىتمىغان ئىدىم.

يۈرەكلىرىم ئىختىيارسىز سوقماقتا !!! ئىچىمدە بولسا بىرخىل ھاياجانلىنىش بىلەن راھەتلىنىش ، ھوزۇر ۋە ئازادىلىكنى ھېسقىلىۋاتاتتىم. بۇنداق ھىس ـ تۇيغۇ ماڭا ھېچ ـ قاچان پەيدا بولغان ئەمەس .

بىر جۈمە كۈنى مەن ئائىشەگە تېلفۇن قىلىپ، ئۆز ئادىتىمىز بۇيىچە ھەي…ھەي دىمەستىن، ئىسلام تەلىماتى بۇيىچە “ئەسسسەلامۇ ئەلەيكۇم” دەپ سالام بەردىم. ئائىشە مىنى تۇنىيالمىدى بولغاي “سىز كىم…؟” دەپ سورىدى.

_ مەن كىرىستىنا ـ ھە…. قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
_ سىزنى تونىماپتىمەن، ماڭا بىرەر خىزمەت بارمىتى ؟ – دىدى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن .

بۈگۈن ۋاقتىڭىز بولسا، مىنىڭ ئۈيۈمگە سىڭىللىرىڭىز بىلەن كەلگەن بولسىڭىز؟ – دىدىم. ئائىشەمۇ دەرھاللا “بولىدۇ بارايلى” دېدى. مەن بۇلارغا شۇ ھامان داستىرخان تەييارلىدىم .

ئۇلارمۇ ئانچە كېچىكمەيلا يىتىپ كەلدى. بىز ناھايىتى ئىللىق كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا _ مىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئېيىتتىم. ئۇلار ھەيران بۇلۇپ “ھە…….ماشا ئاللاھ، ماشا ئاللاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر” دىيىشىپ سەكرىشىپ كەتتى. ئۇلار مېنى قۇچاقلاپ سۈيەپ تۇرۇپ، “بىزنى مەڭگۈلۈك بەخىت سائادەتنىڭ يۇلىغا ھىدايەت قىلغان مېھرىبان رەببىمىز ئاللاھقا سانسىز ھەمدۇ ـ سانالار ۋە شۇكرىلەر بولسۇن!” دېيىشتى .

ئائىشە دەرھال ماڭا غۇسۇل ـ تاھارەت قىلىشنى ئۆگەتتى ، مەن تاھارەت ئېلىپ چىققاندىن كېيىن مېنى قىبلىگە قارىتىپ تۇرۇپ «شاھادەت » كەلىمىسىنى ئۇقۇتتى.

ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھۇ …. ئاللاھۇ ئەكبەر….ئاللاھۇ ئەكبەر…ئاللاھۇ ئەكبېر…

« مەن مۇسۇلمان بولدۇم ئەلھەمدۇ لىللاھ »

ئۇلار مېنى شۇنداق قىزغىن تەبرىكلەشتىكى، مەنمۇ چەكسىز خۇرسەنلىكىمدىن ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتىم. ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ، بىز بىرتۇققان قېرىنداشلارغا ئايلاندۇق، شۇ كۈندىن باشلاپ بىر-بىرىمىزنى تاشلىمايمىز، ھازىر ئۇلار مېنىڭ ئۆز قىزلىرىمدەك بۇلۇپ كەتتى .

ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى پەلەستىن بۇلۇپ، دادىسى ۋە ئۈچ ئاكىسى پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن يەھۇدۇلارغا قارشى جىھاد قىلىپ شېھىد بولغان ئ‍كەن، ئانىسى بولسا يەھۇدۇلارنىڭ ئاتقان مۇساپىلىق بومبىسنىڭ شۇلارنىڭ ئۈيى ئالدىغا چۈشۈپ پارتىلىشى ئاقىبىتىدە ئېغىر يارلىنىپ، شۇ جاراھىتىدىن ساقىيالماي ۋاپات بولغان ئىكەن. ئائىشە بولسا دادىسىنىڭ بىر دوستىنىڭ خالىس ياردىمىدە، ئىككى سىڭلىسىنى ئېلىپ ئىئوردانىيەگە بارغان، بىراق ئۇيەردە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپ تۇرالماي سۈرىيەگە بارغان ، ئۇ يەردىمۇ ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئۆيسىز قېلىپ، ئاخىرى ياخشى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن .

بىراق ئۇيەردە بۇلار تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ ئاخىرى، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن شىۋىتسىيە دۆلىتىگە سىياسى مۇلتەجىلىق ئىلتىماسىنى سۇنغان . 6 ئاي ئۆتكەندە بۇ دۆلەتنىڭ قۇبۇل قىلىش جاۋابىنى ئالغاندىن كېيىن شىۋىتسىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن.

ھازىر ئائىشە 27 ياشتا ، سىڭلىسى سۇمەييە 20 ياشتا ، كىچىكى ئەسما بولسا 18 ياشتا .

مەن ئۇلارغا “قىزلىرىم، ئاللاھ خالىسا سىلەرنى ئۆز قۇلۇم بىلەن تۇرمۇشلۇق قىلىمەن” دىسەم ئۇلار بىردەكلا “بۇ يەردە بىزگە لايىق ئەركەكلەر بولمىسا كىمگە ياتلىق قىلماقچىسىز؟؟؟ دىيىشتى. مەن “ھازىر بۇيەردىمۇ مۇسۇلمانلار خېلىلا كۆپۇيۈپ قالدى ، مۇسۇلمان يىگىتلىرىمۇ خېلىلا كۆپ” دىۋىدىم، سۆزۈمگە جاۋابەن بۇ ئۈچ قىز شۇنداق كەسكىنلىك بىلەن “چوڭ ئانا ….. بىزگە كۆڭۈل بۆلگۈنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت . بىراق بىزگە ئالى مەلۇماتلىق كومپىيۇتىر مۇتەخەسسىسى ، شىۋىتسىيەنىڭ قارغايلىق ئاراللىرىدا ئۆيلىرى بار مىليونىر ئەرلەر كېرەك ئەمەس…!

بىزگە ئات مىنەلەيدىغان ، ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتالايدىغان ، ئوق ئاتالايدىغان ، دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشتا ئالدىنقى سەپكە چىقالايدىغان ، ۋەتىنى ئۈچۈن ئىسسىق جېنى ۋە مېلىدىن كېچەلەيدىغان ھەقىقى ئەركەكلەر كېرەك….!!!!” دەپ جاۋاپ بىرىشتى .

بۇلارنىڭ بۇ جاراڭلىق جاۋاپلىرىدىن ، كاشكى مەنمۇ شۇلاردەك ياش بولسام …. مەنمۇ شۇنداق يىگىتلەرنى تاللىغان بۇلاتتىم …!! دىگەن ئارزۇن – ئارمانلىق سۆزلىرى بىلەن ھېكايىسىنى تاماملىدى.

بۇ بەخىتلىك ئانىنىڭ تەسىرلىك خېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇنداق دۇئا قىلدىم .

ئەي مېھرىبان ئاللاھ_ بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىزلىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ئىمانلىق، جاسارەتلىك قىزلاردىن قىلغىن … ئامىن

ئا. مۆلجەرى

2009-2-20

Östersund-Sweden

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش