• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىسلام دىنى شىمالى ئافرىقىدا

ئىسلام دىنى شىمالى ئافرىقىدا

بەربەرلەر شىمالىي ئافرىقىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى، قەدىمكى زاماندىكى ئەرەبلەر مىسرنىڭ غەرىبى پۈتكۈل شىمالىي ئافرىقا رايونىنى «مەغرىب» دەپ ئاتايتتى. 7- ئەسىردە، بەربەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي فورماتىسىيەسى ئاساسلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سودىدىن ئىبارەت ئىدى. دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلار يامغۇر- يېشىن يېتەرلىك بولغان دېڭىز بويلىرى، تۈزلەڭلىك ۋە تاغلىق جايلاردا، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان قەبىلىلەر بولسا، كۆپرەك جەنوب تەرەپتىكى يايلاق، بوستانلىق ۋە يېرىم قۇملۇق رايونلار غا ئولتۇراقلاشقانىدى. كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمئىيىتىدە، قەبىلە مۇناسىۋىتى ئاساسى ئورۇندا تۇراتتى. يېزا ئىگىلىكى ئاساسىدا ئولتۇراقلاشقان قەبىللەردە سىنىپىي تەبىقىلەرگە ئايرىلىش بىرقەدەر روشەن بولۇپ، تونىسنىڭ كۆپ قىسمى ۋە ئالجىرىيەنىڭ شەرقىي قىسىملىرى ناھايىتى ئۇزاق مەزگىللىك قۇللۇق تۈزۈمدە بولغانىدى. چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان بەربەرلەر ئىپتىدائى دىنغا ئىتىقاد قىلاتتى، دېھقانچىلىق رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنغا ئىتىقاد قىلاتتى، بۇلاردىن تاشقىرى يەنە ئاز قىسمى ئاھالە يەھۇدىي دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى. ئەرەبلەر پۈتكۈل شىمالىي ئافرىقىنى ئونلاپ يىللار ۋاقت سەرىپ قىلىپ ئىستىلاھ قىلغان، ئەمما، شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئەرەبلىشىشى ئۈچۈن نەچچە ئەسىر كەتكەنىدى. بەربەرلەر بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ئوخشاشراق بولۇپلا قالماي، بەلكى، جوغراپىيىلىك مۇھىت، تۇرمۇش شەكلى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش دېيەرلىك ئىدى. ئىسلام دىننىڭ ئاساسلىق ئىتقاد، ئەقىدە ۋە ئەھكاملىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا يەنە، ئىستىلاھ قىلىنغۇچىلارنىڭ دىنىنى ئىسلام دىنغا ئۆزگەرتىش، ئىسلام دىنىغا كىرسىلا مۇسۇلمانلىق سالاھىيەتتىن بەھرىمەن بولۇش قوشۇلغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بەربەرلەرنىڭ ئىسلامغا كىرىشى نىسبىتەن راۋان بولغان ئىدى. 11- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلار ئالاھەزەل بىر مىليون ئىدى، مىسىردىن شىمالىي ئافرىقىغا كىرىپ، گىلانىكادىن ئالجىرىيەنىڭ كەڭ رايونلىرىغا تارقىلىپ كەتكەندە، ئۇشبۇ نىسبەتتىكى ئۆزگرىش شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئەرەبلىشىش قەدىمىنى ھەسسىلەپ تىزلەشتۈرگەنىدى.
7- ئەسىدە، بۇ رايون ۋىزانتىيە ئىمپىرىرىيىسىگە تەۋە ئىدى. 643- يىلى ئەرەبلەر مىسىرنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن، داۋاملىق غەرىبكە ئىلگىرىلەپ ئېفلىفىيە ۋە تارمەنادىكى مەغرىب تامان قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلىدى. ئالدىنقىسى بەربەرلەرنىڭ شەرقىي رايونلىرى بولۇپ، بۈگۈنكى لېۋىيە، تونىس، ئالجىرىيەلەرنى ئۆز ئىچگە ئالاتتى، كېيىنكىسى بەربەرلەنىڭ غەربىي رايونلىرى بولۇپ، بۈگۈنكى ماراكەشتۇر. ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان دەۋرىدە (644- 656- يىللار) ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر قوماندانى ئابدۇللا بىننى سادى 647- يىلىدىن 648- يىلغىچە تېرىپولى، ۋە تونىسنى پەتھى قىلدى، 670- يىلدىن 702- يىلغىچە ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ ھەربىي قوماندانى ئوقاب ئىبنى نافىر (683 – ؟) ھەسەن ئىبنى نوئىمان ۋە مۇسا بىننى نۇرسەل (717- 640) ئىلگىرى- ئاخىرى ئاشۇ رايونلارغا باش ۋالىي بولدى، ھەمدە، پەيدىن- پەي مەغرىب رايونىنى تامامەن ئىستىلاھ قىلدى. 670- يىلى، ئوقاب كاپرۇۋەن (بۈگۈنكى قەرەيۋان) شەھىرىنى بىنا قىلدى، 683- يىلى، بۈگۈنكى ئالجىرىيەنىڭ بېسكىلا ئەتىراپىدا ئىگىلىدى، قەبرىسى ھازىرمۇ ساقلانماقتا، ھەمدە ئافرىقا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇھىم تارىخى ئىزنالىرىگە ئايلىنىپ، «شېھىد ئۇقاب»دەپ ئاتىلىپ قالدى. 693- يىلى، ھەسەن ئىبنى نوئىمان ئىفلىگىيەنىڭ ۋالىيسى بولدى. ئۇ، 698- يىلى دېڭىز پىلوتىنىڭ ياردىمىدە ياتەج قاتارلىق پورت شەھەرلىرىدىن ۋىزانتىيە ئارمىيىسىنى تولۇق قوغلاپ چىقاردى، شۇنىڭدىن كېيىن بەربەرلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇردى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىفلىگىيەنىڭ تامامەن ئىستىلا قىلىنىشىنى تاماملىدى. تەخمىنەن 700- يىلى (يەنە بىر رىۋايەتتە، 708- يىلى دېيىلىدۇ) «پەيغەمبەر قىسسەسى» نىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەد بىننى ئىسھاقنىڭ نەۋرىسى مۇسا بىبنى نۇرسەل ھەسەننىڭ ۋارىسى بولۇپ، بەربەرلەردىن تۈزۈلگەن ئارمىيىنى باشلاپ مەغرىبنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەرىب قىسىملىرىنى ئستىلاھ قىلغان. بۇ چاغدا، ئېفلىفىيە ئىلگىرىكى مىسرغا قاراشلىق ئۆلكە بولۇشتىن مۇستەقىل رايون بولۇپ قالغان، قەرەيۋاننى مەركەز قىلىپ، خەلىپىلىككە بىۋاستە قارايدىغان بولغان، مۇسا مەمۇرى ئۆلكىسىنىڭ چىگىرىسىنى كېڭەيتىپ دەنزىلگىچە يەتكۈزگەن. مۇسا ئەرەبلەشتۈرۈش ۋە ئىسلاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان بەربەرلەر ئىتقادلىرىنى ئۆزگەرتىپ مۇسۇلمان بولۇشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسا دېڭىز پلوتىنى ئىبەرتىپ ستسىلىيە ئارىلى، سادىن ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى دېڭىز پورتلىرىغا ھوجۇم قىلغان. ئەرەبلەرنىڭ مۇستەبت ھۆكۈمرانلىقى، رەئىيە ئۈستىدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك ۋە تەڭسىز ئىجتىمائى ئورۇن مەسىلىلىرى بەربەرلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغانىدى. شىئەلەر بىلەن خاۋارىجلار شەرقتە ئەنئەنىۋى ئەسلىيە ئىتقاد مەسلىكىدىكى خەلىپە ھاكىمىيىتىنىڭ توختاۋسىز خورلىشى، زەربىسىگە ئۇچراپ تۇراتتى، شۇ سەۋەبلەردىن ئۇلار خەلىپە ھۆكۈمرانلىقى ئاجىز بولغان شىمالىي ئافرىقىغا كېلىپ دىنى ئەقىدىلىرىنى تارقىتىشنى باشلىدى، ھەمدە مۇشۇنداق دىنىي تەشۋىق- تەرغىباتىنى خەلىپە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش سىياسىي پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى. بەلكى مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى ئەقىدىلەرگە ئوخشىمايدىغان دىنىي تەرغىباتلار يەنە بەربەرلەرنى ئەرەبلەرنىڭ سىياسىي، دىنىي ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىدىيىۋى قۇرالى بىلەن تەمىن ئەتتى.
740- يىلدىن 743- يىلىغىچە، خاۋارىجلار مەزھىپىنىڭ تارمىقى بولمىش سۇفىرىيە پىرقىسىنىڭ ئەقىدە، ئىتىقادلىرىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك بەربەر مەنى سالا دەنجىردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى پاكلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئەرەبلەرنىڭ مۇستەبىتلىكىگە ۋە بەربەر مۇسۇلمانلارنى سىياسىي جەھەتتىن كەمسىتىشلىرىگە قارشى تۇردى، بۇ ھەرىكەت بەربەر قەبىلىلىرىنىڭ تۇشمۇ- تۇشتىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. 748- يىلى، بەربەرلەر يەنە بىر قېتىم زور قوزغىلاڭ كۆتەردى، ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا دەز كەتكۈزىـۋەتتى. ئابباسىيلار سۇلاىسى دەۋرىدە شىئە مەزھىپىدىكىلەر بىلەن خاۋارىجلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى تەرغىباتلىرى پەيدىن- پەي بىر تۈرلىك قويۇق سىياسىي ئاتموسفرانى شەكىللەندۈردى، بەربەرلەر قۇراللىق قوزغىلاڭلىرى بىرى بېسىلسا، يەنە بىرى چىقىپ تۇردى، ئېمپىرىيە شىمالىي ئافرىقىنى كونترول قىلىش ئىمكانىيىتىدىن تامامەن ئايرىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن قۇراللىق قوزغىلاڭغا قاتناشقان قەبىلە ئاقساقاللىرى ۋە قوزغىلاڭنى قوزغىغان دىنى مەزھەپ داھىيلىرى يېڭى بىر ئەۋلاد ھۆكۈمرانلااردىن بولۇپ قالدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇستەقىل دۆلەتلەر مەيدانغا كەلدى.
1) ئىبازىيە مەزھىپى سۇلالىلىرى:
(1) خەتتاب سۇلالىسى: (8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە) سۇلالىنى قۇرغۇچى ئەبۇ خەتتاب (761- 908- يىلغىچە ھاكىميەت يۈرگۈزگەن) ئىبازىيە سۈلۈكىنىڭ داھىيسى ئىدى. 758- يىلى ئۇ تىروپولىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تىروپۇلى شەھىرىنى ئىگىلەپ، پۈتكۈل تىروپۇلى رايونىنى كونتروللىقىغا ئېلىۋالغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن خاۋارىجلارنىڭ تارماق مەزھىپى بولمىش سۇفىرىيەلەردىن قەرەيۋاننى تارتىۋېلىپ، ئابدۇللا ئىبنى روستەمنى قەرەيۋاننىڭ ھاكىملىقىغا بەلگىلىـگەن. 761- يىلى مىسىر باش ۋالىيسى خەلىپە مەنسۇرنىڭ بويرۇقىغا بىنائەن 40 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن باشلاپ كېلىپ ئۇلارنى باستۇرىۋەتكەن. چوڭ دۈشمەنگە دەرقەم بولغاندا ئىبازىيە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۈلۈنۈش كېلىپ چىققان، ئەبۇ خەتتاب قاتارلىق نۇرغۇن كىشى بولسا جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ مەزھەپنىڭ قالدۇق كۈچلىرى فىزەيگە قېچىپ بېرىپ زۇھىرادا خەتتاب قەبىلە سۇلالىسىنى بەرپا قىلغان. زۇھىرامۇ ھەم پەيدىن- پەي مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلانغان.
(2) روستۇم سۇلالىسى: (908- 776) بۇسۇلالە ئىبازىيە مەزھەپى شىمالىي ئافرىقىدا قۇرغان ئىسلام سۇلالىسى بولۇپ، «تئارىت ئىماملىقى» دەپمۇ ئاتالغان، سۇلالىنى بەرپا قىلغۇچى مەغرىب ئىبازىيە پىرقىسىنىڭ داھىيسى ئابدۇللا رەھمان بىننى روستەم (776- يىلدىن 784- يىلغىچە تەختتە) دۇر. روسـتەمنىڭ ئەسلى يۇرتى پارىس بولۇپ، گۆدەك مەزگىلىدە ئاتىسىغا ئەگىشىپ مەككىگە بېرىپ ھەجتا- ۋاب قىلغان، ئاتىسى مەككىدە قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئاپىسى قەيرىۋانلىق بىر مۇسۇلمانغا قايتا نىكاھلىق بولغان، ئۇ ئاپىسىغا ئەگىشىپ قەيرىۋاندا تۇرۇپ قالغان، كېيىن ئىبازىيە مەزھىپىنىڭ تەلىماتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، ئەبۇ خەتتابقا ئەگىشىپ بەسرەگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، ھەمدە، ئىبازىيە مەزھىپىنىڭ شەيىخى بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا مەغرىبنىڭ مەشھۇر ئالىمى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 758- يىلى روستەم ئەبۇ خەتتابنىڭ ئابباسىيلار سۇلاىسىگە قارشى تىروپۇلىدا قوزغىغان قوزغۇلىڭىغا قاتنىشىپ، قەيرىۋان شەھىرىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن.761- يىلى ئىبازىيە ئارمىيىسى ئاساسى قىسىملىرى مەغلۇب بولغاندا روستۇم ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تئارىت رايونىدا ئىبازىيە مەزھىپى ئەقىدىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىدۇ، پەقەت مەزكۇر مەزھەپ بەربەرلەردىن بولغان مۇخـلىسلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى خەلىپە ھاكىمىيىتىگە قارشى بولغان سۇفىرىيە بىلەن خاۋارىجلارنىمۇ ئۆزتەرىپىگە جەلىب قىلىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىگە قارشى قۇدرەتلىك بىر كۈچ بولۇپ ئويۇشقانىدى. 776- يىلى، ئىماملىققا تەيىنلىنىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىقتىكى روستۇم دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. كونتروللىقىدىكى رايونلار: تىئارىت رايونى (بۈگۈنكى ئالجىرىيەنىڭ ئولۇن ئۆلكىسى، تئارىت شەھىرىـنىڭ غەرىبىدە) شەرقتە تىروپۇلىنىڭ نىفتا تاغلىرىغا كېڭەيگەن. بۇ رايونلارنىڭ شىمالىي تەرىپى دېڭىزغا تاقاشقان. جەنوب تەرىپى ئىچكى قۇرۇقلۇق بولۇپ سۇ- چۆپ مول، يېرى مۇنبەت ئىدى. مانا مۇشۇنداق تەبئىي ئارتۇقچىلىقتىن پايدىنىلىش ئۈچۈن سۇلالە چارۋىچىلىقنى مەركەزلىك تەرەققىي قىلىدۇرىدۇ، ھەمدە، دېھقانچىلىق، ۋە سودىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۈرىدۇ. دىنىي جەھەتتە، روستەم «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرنىڭ بەلگىلىرىمىگە بىنائەن دۆلەت باشقۇرۇش، ئىسلام شەرىئىتىنى يولغا قويۇش، دىنىي ئالىملاردىن تەركىب تاپقان تەپتىشلەر كومېتىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۈستىدىن دائىملىق نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى جاكارلىغان. سۇلالە مال- مۈلۈككە ئومۇمجامائە ئىگىدارلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، زاكات ۋە تۈرلىك باج كىرىملىرىنى ھۆكۈمەت مەمۇرىيىتى راسخودى ۋە دىنى ئىشلارغا چىقىم قىلىپ، نامرات مۇسۇلمانلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشنى يولغا قويغان. پايتەختتە مەسجىد ۋە مەدرىسەلەرنى قۇرۇپ، ئىبازىيە مۇخلىسلىرى ۋە قازىلارنى تەبىيىلىگەن. تىئارىت رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىبازىيە مەزھىپىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي مەركىزىگە ئايلانـدۇرغان، ھەمدە، غەربىي ئاسىيا ئىبازىيە مۇسۇلمانلىرى بىلەن زىچ ئالاقىلەر ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىش ۋە ھەمدەملىكىگە ئېرىشكەن. 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بۇ سۇلالە ئەغلەپ سۇلالىسىنىڭ ھوجۇملىرىنى ئۆنۈملىك چىكىندۈرۈپ، تىروپۇلى رايونى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقتا مەزمۇد ئاياغ بېسىپ تۇرغان. سۇلالە ئىچكى قىسىمىدا ئىماملىقنى تالىشىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۈرىشى قاينىمىغا كىرىپ قالغانلىقتىن، ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش پەيدا بولغان، 908- يىلى، روستۇم سۇلالىسى پاتىمىيە سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.
2) بەربەرلەر سۇلالىلىرى:
(1) ئەغلەپ سۇلالىسى: (909- 800) مەزكۇر سۇلالە شىمالىي ئافرىقىنىڭ شەرق تەرەپلىرىدىكى ئېفرىيە رايونىدا قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتىدۇر. قۇرغۇچى ئىبراھىم ئىبنى ئەغلەپ (811- 800) ئىبراھىم ئەرەب تەيمىل قوۋمىدىن، تونىستا توغۇلغان، ئاتىسى ئەغلەپ ئېفرىيە رايونىنىڭ باش ۋالىيسى ئىدى، 795- يىلى، ئىبراھىم ئالجىرىيە زابىب رايونىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىدۇ، 799- يىلى تونىس ھەربىي قوماندانى خۇراسان ۋە سۈرىيە قوشۇنلىرىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قەيرىۋاننى ئىگىلىۋالىدۇ. ئىبراھىم بويرۇققا بىنائەن ئەسكەر باشلاپ ئېفلىفىيە باش ۋالىيسىنىڭ ئاسىي قىسىملارغا زەربە بېرىشىگە ياردەملىشىدۇ. 800- يىلى، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ھارون رەشىد ئىبراھىمنى ئېفلىفىيە رايونىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەيدۇ، ھەمدە بۇ رايوننى ئۇنىڭ نەسەبى ۋارىس بولىدىغان سۈيۈرغاللىقى قىلىپ تارتۇق قىلىدۇ. كېيىنچە، ئىبراھىم ئۆزىنى ئەمىر دەپ ئاتايدۇ، نامدا خەلىپىنىڭ دىنىي ئورنىنى ئېتراپ قىلغۇچى بولۇپ، يىلىغا 40 مىڭ دىنار ئولپان تاپشۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل ھەربىي ئىشلار، مەمۇرىيەت، ئەدىلىيە ۋە مالىيە ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. سۇلالە قەيرۇۋاننى پايتەخت قىلىپ، تېررىتورىيىسى شەرقتە تىروپۇلى رايونىدىن غەربتە ئالجىرىيەنىڭ ئەنبا پورتىغىچە بولىدۇ. ئىبراھىم ھەرقايسى جايلارنىڭ مەمۇرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلەپ، مەمۇرىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، ئارمىيىنى ئۆرگەرتىپ قۇرۇپ، نىگىرلاردىن يېڭى ئەسكەر ئالىدۇ، ھەمدە قەيرىۋاننىڭ جەنوبىدا يېڭى شەھەر ئابباسىيەنى قۇرۇپ ئوردا ۋە گازارما قىلىدۇ. ۋارىسلىق قىلغۇچى زىياد ئەلا Ⅰ، (817- يىلدىن838- يىلغىچە) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، مۇنەۋۋەر دېڭىز ئارمىيىسىگە ھەمدە مۇسۇلمانلار دېڭىز سودىسى كۈچىگە تايىنىپ فرانسىيە، ئىتالىيە، كىشىشىيە ئارىلى ۋە گرېتىسىيە دېڭىز ياقىلىرىغا ھوجۇم قىلىدۇ، 827- يىلدىن باشلاپ سىتسىلىيە ئارىلى، مارتا ئارىلى، سادىن ئارىلى، قاتارلىقلارنى بىر- بىرلەپ بېسىۋېلىپ، باش ۋالىي تەيىنلەپ ئىبەرتىدۇ. ئەمىر ئىبراھىم Ⅱ(902- 874) دەۋرىدە، بىر تەرەپتىن داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، يەنە بىر جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن مەسجىد، مەدرىسە، ھاممام ۋە خەستەخانە (دوختۇرخانە) لەرنى تەمىرقىلىپ، شەھەرقۇرۇلۇشى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى بىرقەدەر زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئەغلەپ سۇلالىسى سۈننىي مەزھىپى ئەقىدىلىرىنى دۆلەت ئىتىقاد ئەھكامى قىلىپ، مالىكىيە مەزھىپىنى يولغا قويىدۇ. ئەرەب مۇسۇلمان ئاھالىسى ھۆكۈمـران تەبىقىدە بولىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى بەربەرلەر ۋە يەنە ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم خىرىستىئان مۇرتلىرى ھەمدە يەھۇدىي دىن مۇخلىسلىرىمۇ ھەم بار ئىدى. سۇلالە ئىسلام دىنى ئاساس بولغان شەرت ئاستىدا بىر قەدەر كەڭ ئاپتونۇمىيە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. ھۆكۈمەت زور بىر تۈركۈم دائى- ۋائىزلارنى سۇلالىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئىبەرتىپ، ئىسلام دىن ئەقىدە- ئىتقادلىرى تارقىتىپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئەرەبلىشىش، ئىسلاملىشىش تارىخىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. سۇلالە ئالىم- ئۆلىمالارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ئىلىم ئىشلىرىغا مۇكاپات ۋە ياردەملەرنى بېرىپ، ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىنى يىراقتىكى ستسىلىيە ئارىلىغىچە تارقىتىپ، ئەرەب- بەربەر ئىسلام دىنىنى تەرەققىي قىلـدۇرغان. پايتەخت قەيرىۋان مەغرىب ئىلىم مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئىسلام دىننىڭ تۆتىنچى مۇقەددەس جايى بولۇپ، ئۇ يەردە ئالىم- ئەللامەلەر توپلانغان، ئىلىم- پەن گۈللەنگەن، تۆت يۈزگە يېقىن مەسجىد ۋە مەدىرىسە قەد كۆتەرگەن شەھەر بولۇپ قالغان، بۇلار ئىچىدە، سۇلالە نۇقتىلىق قىلىپ قۇرغان ئوقبا جامەسى بەكمۇ ھەيۋەت ۋە گۈزەل بولۇپ، تىپىك ئەرەب قۇرۇلۇش ئۇسلوبىنى ھازىرلىغان.
(2) ئىدىرىس سۇلالىسى: (974- 788) بۇسۇلالە ئوتتۇرا ئەسىردە شىمالىي ئافرىقىدا ئەرەبلەر قۇرغان ئىسلام سۇلالىسىدۇر. قۇرغۇچى شىئە مەزھىپى ئىمامى ھەسەننىڭ ئەۋرىسى ئىدىرىس ئىبنى ئابدۇللا (804- 788) دۇر. 785- يىلى شىئە مەزھىپى ھەسەن جەمەتى مەككىدە ئىسيان كۆتۈرۈپ مەغلۇب بولىدۇ، ئىدىرىس بىرقىسىم مۇرتلىرىنى باشلاپ مىسىر، باررۇت، تىلەۋسۇن قاتارلىق يەرلەنى بېسىپ ئۆتۈپ، ماراكەشنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ۋالالاغا قېچىپ كېلىدۇ. ئۇ ئەلى ۋە پاتىمەنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرىدىن بولغاچقا، بۇ يەردە بەربەرلەر قەبىلىلىرى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھۈرمەت ۋە ياردەملىرىگە ئېرىشىدۇ، ھەمدە ئىمام بولۇپ تەيىنلىدۇ. 788- يىلى، بەربەر قەبىلە باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىدىرىس رەسمىي قەسەمىياد بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، ئىدىرىس سۇلالىسىنى قۇرىدۇ، ھەم فىسنى پايتەخت قىلىدۇ. ئۇ بەربەرلەردىن تۈزۈلگەن مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىكنى باشلىۋېتىدۇ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شەرقتە تىلەۋۇزگىچە، غەربتە ساررى دەريا ۋادىسىغىچە كەڭ رايونلارنى ئىگىلىگەن. ئىستىلاھ قىلىنغان يەرلەرىدىكى بىر قىسىم خىرىستىئان دىنغا، يەھۇدىي دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان بەربەرلەرمۇ ئىتىقادىنى دەرھال ئۆزگەرتىشىپ، ئىمان ئېيتقان. ئۇنىڭ ۋارىسى ئىدرىس Ⅱ (804- يىلدىن 828- يىلىغىچە تەختتە) تەختكە چىققاندىن كېيىن بەربەرلەر قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە مەدەت بېرىشلىرى بىلەن مەمۇرى تۈزۈلمە ئورنىتىلىپ، دېھقانچىلىق ۋە سودا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. كەڭ قوللۇق دىنىي سىياسەتلەر قوللىنىلدى، سۈننىيي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە مۇداخىلە قىلىنماس بولدى، خىرىستىئان، يەھۇدى دىنى مۇرتلىرىنىڭ مۇئەييەن مىقداردا جەزىيە تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ئۆز ئىتىقاد، ئەقىدىلىرى بىلەن مەشخۇل بولۇشلىرىغا يول قويۇلدى. خىرىستىئان، يەھۇدى ۋە مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا ھۈرمەت قىلىش، دوستانە ئۆتۈش تەشەببۇس قىلىنىپ، جەمئىيەت تەرتىپى مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇ فىس دەرياسىنىڭ جەنوبى ساھلىغا فىس قەلئەسىنى سالدۇرۇپ، يېڭى پايتەخت فىسنى بەرپا قىلىپ، ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ باي، گۈزەل بەھەيۋەت بىر ئەرەب شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمىي پايتەخت قىلىپ، ئىسلام دىن ئىلىمى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. 859- يىلى، ئىدرىسⅡفىس شەھىرىگە تەمىر قىلغۇزغان كاراۋىيىن جامەسى ئىسلامىيەتنىڭ مەشھۇر بىناكارلىق ئاسارە- ئەتىقەلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئىدرىس سۇلالىسىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىـنىڭ ياخشىلىنىشغا ئەگىشىپ، يېرىم ئارالنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن تۈركۈم- تۈركۈم ئەرەبلەر كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ماراكەشنىڭ ئەرەبلىشىشىنى تېزلەتكەن. سۇلالىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە فىئودال سويۇرغاللىق تۈزۈم يولغا قويۇلۇپ، شاھ ئائىلىسى ئەزالىرى ھوقۇق تالىشىشى ئەردەپ كېتىپ، ئاغا- ئىنىلار ئەشەددىي رەۋىشتەدۈشمەنلىشىشكە چۈشۈپ قالغان، خانىدانلىق زاۋالىققا يۈزلەنگەن. 974- يىلى، ئىسپانىيەدىكى كېيىنكى ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى قائىم Ⅱ(961- يىلدىن 976- يىلغىچە تەختتە بولغان) پۈرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئەسكەر چىقىرىپ ئىدىرىس سۇلالىسىنى زەبىد قىلغان.
(3) مۇراۋېيە سۇلالىسى: (1147- 1061) ئوتتۇرا ئەسىردە بەربەرلەر غەربىي شىمال ئافرىقا ۋە ئىسپانىيەنىڭ جەنوبىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندا قۇرغان ئىسلامىيەت سۇلالىسىدۇر. ئىسپان تىلىدا «ئارمۇلاۋىي سۇلالىسى» دەپ ئاتالغان. سۇلالە دەسلەپتە غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ جەنوبىغا جايلاشـقان سەنخاجە قوۋمىدىكى ئۈچ بەربەر قەبىلىسىنىڭ بىرىكىشىدىن مەيدانغا چىققان ئىتتىپاق ئىدى. 11- ئەسىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، مۇراۋېتلار ئىسلام دىنىنى پاكلاشتۇرۇش غازات ھەرىكىتى قوزغىغانىدى، بۇ غازاتنى تەشكىل ئەتكۈچى ماراكەشلىك ئىسلام دىن ئالىمى ئابدۇللا ئىبنى ياسىن (1059- ؟) ئىدى. 1041- يىلى ئىبنى ياسىن بىر قىسىم مۇرتلىرىنى باشلاپ سېنېگال دەرياسىدىكى بىر ئارالدا پىنھانغا كىرىپ، دىن بىلەن ھەربىي ئىشلار بىرلەشكەن ئىتىقامەت خانىقاسىنى قۇرىدۇ، بۇرۇنىسدا «مۇراۋىد» دەپ ئاتالغان، مەنىسى، «ئىستقامەتتىكى كىشىلەر» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. بۇ دىن تارقاتقۇچىلار بىر تەرەپتىن كوللېكتىپ يۈسۈندا رىيازەتلىك ئىستقامەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كەلگۈسى غازات ئۈچۈن ھەربىي تەلىم- تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، دىن ۋە ھەربىي ئىشلار بىرلەشكەن بۇرادەرلەر رابىئاتى بولۇپ قالغان. ئۇلار سىرتلارغا نۇرغۇنلىغان تەرغىباتچى ۋائىزلارنى ئىبەرتىپ، نامرات دەرتمەنلەرنى يوقلاپ، ياخشىلىقنى نەسىھەت قىلىپ، يامانلىقنى چەكلەپ، دىنىي ئىتىقاد مەپكۇرەلىرىنى تەشۋىقات قىلىپ، خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، زالىم ھۆكۈمرانلارنى ئاغدۇرىۋېتىشقا چاقىرىق قىلغان. ئىبنى ياسىن ئىسلامىيەتنىڭ پاك ئادىلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، يۇقىرى تەبىقىدىلكىلەرنىڭ ھەشەمەتچىلىك، چرىكىلىكلىرىگەھۇجۇم قىلىپ، مىھنەتكەش ئاممىغا يۈكلىنىدىغان باج- خىراج، ئالۋان- سېلىقلارنىڭ ئېغىرلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئىتقاد ئەقىدىگە مۇناسىپ باراۋەر، ئادالەتلىك جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن بۈگۈنكى ماۋرىتانىيەدىكى بەربەرلەر سەنخاجە قوۋمىنىڭ رامۇتۇنا قەبىلىسى ئاقساقىلىنىڭ قوللۇشىغا ئېرىشىدۇ، نۇرغۇنلىغان تۆۋەن قاتلام جامائەت توپ- توپى بىلەن كېلىپ بۇرادەرلەر ئىتتپاقىغا قاتنىشىدۇ، قوشۇن كۈنسايىن زورىيىدۇ. 1056- يىلى، ئۇلار سەنخاجە بىرقىسىم قەبىلىلىرى ۋە نېگىرلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۆپ سانلىقلارنى ئىسلام دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان قىلىدۇ، كېيىن يەنە شىمالغا قاراپ كېڭىيىپ ماراكەشنىڭ جەنوبىدىكى تالودەتى، ئېگىماتى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىستىلاھ قىلىدۇ. 1059- يىلى بىننى ياسىن باغۋادا قەبىلىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قۇربان بولۇپ كېتىدۇ. رامۇتىنى قوۋمىنىڭ يېتەكچىسى يەھيا بىننى ئۆمەرنىڭ جىيەنى يۈسۈپ بىننى تاشفىن (1061- يىلدىن 1106- يىلغىچە) ئۆزىنى ئەمىر دەپ ئېلان قىلىپ، مۇراۋىيە سۇلالىسىنىڭ قۇ- رۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ، بىراق، يەنىلا ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ دىنى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. 1062- يىلى، ماراكەشتە ماراكېس شەھىرىنى قۇرۇپ پايتەخت قىلىدۇ. 1068- يىلى، سۇلالە ئارمىيىسى فىسنى ئىشغال قىلىدۇ، 1076- يىلى، يەنە گانانىڭ پايتەختى كۈنبىنى ئىشغال قىلىدۇ، 1078- يىلى، دەنجىرنى ئىشغال قىلىدۇ، 1082- يىلى ئالجىرغىچە كېڭىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل غەربىي شىمال ئافرىقا رايونىنى كونترول قىلىدۇ. 11- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىسپانىيەدىكى ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ ئىچ- ئىچىدىن چاك كېتىپ، ئىچكى ئۇرۇش- نىزا تىنجىمايدۇ، غەرىب خىرىستىئان دۆلەتلىرىنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ زەربىسىدە ھەممە تەرەپتىن مەغلۇپ بولۇش، قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇش ۋەزىيىتىگە يولۇقىدۇ. 1086- يىلى، ئىبنى تاشفىن ئىسپانىيە سىلۋېتىسىيە ئىبازىيە مەزھىپىنىڭ ئەمىرى مۇرتەيمىدنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، غەرىب خىرىستئانلىرىنىڭ زېمىن قايتۇرىۋېلىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش پۈرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر باشلاپ يەر ئوتتۇرا دېڭىزدىن كېسىپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە كىرىپ، خرىستئان دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچى كاستېر پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسلىق قىسىملىرىنى بىتجىت قىلىدۇ. 1090- يىلى، ئۇ گېلادىنانى ئىشغال قىلىدۇ، 1091- يىلى، سېرۋىرىيە ھەمدە باشقا مۇھىم شەھەرلەرنى تارتىۋېلىپ، سېرۋىرىيە قوشۇمچە پايتەخت قىلىنغان ياۋروپا، ئافرىقادىن ئىبارەت ئىككى قىتئە ئاتلىغان بەربەرلەر ئىمپېرىيىـسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
مۇراۋىيە (مۇرابىت) سۇلالىسىنىڭ ئەمىرى ئۆزىنى «مۇسۇلمانلارقازىسى» دەپ ئاتاپ، نامدا ئابباسىيلار سۇلالىسى خەلىپىسىنىڭ دىنى داھىيلىق ئورنىنى ئېتراپ قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا، مەمۇرىيەت، ھەربىي ۋە دىندىن ئىبارەت چوڭ ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولىغا مۇجەسسەم ئەتكەن ھەربىي مەركەزلىكىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزگەن. سۇلالە سۈننىيي مەزھىپى مالىكىيە پىرقىسىنىڭ شەرىئەت تەلىماتلىرىنى يولغا قويغان، ھەرقايسى مەسجىدلەرنىڭ ئىمام- شەيخلىقلىرى ۋە قازى- قۇززاتلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مالىكىيە مەزھىپىدىكى ئالىملار ئۈستىگە ئالغان. مۇتەككلىمۇنلار چىقارغان پەتىۋالارنى ئەمىرنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا چوقۇم قاتتىق ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. غەززالىنىڭ بىرقىسىم تەشەببۇسلىرى ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرى بىلەن بىردەك بولمىغاچقا، ئۇلار غەززالى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلغانلارنى «كاپىر» دەپ ئېلان قىلىپ، غەززالىنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلەنگەن كىتابلار قاتارىغا كىرگۈزگەن، ھەمدە كوردىۋا جامائىتىنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگەن. سۇلالە يۇقىرى تەبىقە گۇرۇھىدىكىلەر يەھۇدىي دىنىدىكىلەر ۋە خىرىستىئان دىندىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللايتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، مەملىكەت تەۋەلىگىدىكى دېھقان، چارۋىچى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ باج- خىراجلىرى ئېغىرلاپ كەتكەن. سۇلالە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ چىرىكلىشىپ زاۋالىققا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار خەلق مايىللىقىدىن ئايرىلىپ قالغان، 1147- يىلى سۇلالە تامامەن مۇنقەرز بولغان.
(4) مۇۋەھھىد سۇلالىسى: (1269- 1147) مەزكۇر سۇلالە ئوتتۇرا ئەسىرىدىكى بەربەرلەرنىڭ شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيەنىڭ جەنوبى رايونلىرىدا قۇرغان ئىسلام سۇلالىسى بولۇپ، ئەينى ئىپانىيە تىلىدا «ئەل مۇھادې خانىدانلىقى» دەپمۇ ئاتالغان. 12- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شىمالىي ئافرىقا بەربەرلە قەبىلىلىرى ئارىسىدا مۇراۋىيە سۇلالىسىنىڭ دىنىي سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن. ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىك قىلغۇچىسى ماراكەشنىڭ جەنوبىدىكى سۇس دېگەن يەردىكى مۇتەككەلىمۇن مۇھەممەد بىننى تۇمارت (1130- 1078) ئىدى. ئۇ سەيلى- زىيارەتلەر بىلەن كوردۇۋا، باغدات قاتارلىق جايلاردا بولۇپ، ئەرەبىستاننىڭ شەرقى ھۇدۇدىدا ئەل ئەشئەرىيە مەزھىپىنىڭ ئەقىدە- ئىتقادلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ ماراكەشكە قايتقاندىن كېيىن تىنمال ۋە ماراكەش قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆز تەرغىباتـلىرىنى تەشۋىق ئەتكەن، ئىنكار قىلشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، يەنە ئاتلاس تاغلىرىدىكى مەسمۇدا قەبىلىسى ئارىسىدا تەرغىبات ئېلىپ بېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنى «پەيغەمبەر» ۋە ئىمام مەھدى دەپ ئاتاپ، ئۆزىنىڭ بورچى ئىسلامىيەتنىڭ پاكلىقى ۋە ئەنئەنىۋىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. مۇھەممەد بىننى تۇمارت سىياسىي جەھەتتە، ئاقسۈڭەكلەرنىڭ ھەشەمەتلىك، چىرىك تۇرمۇشى ۋە خەلقنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالان- تاراج قىلىنىشىغا قارشى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلاب قىلىپ، كونا جەمئىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئادىل، باراۋەر يېڭى جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا چاقىرغان. شەرىئەت جەھەتتە، ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلقنى ئېزىپ- چەيلىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇن- ئەھكاملارغا ئاساسلىنىپ پەتىۋا قىلىش، ئىجدىھاد قىلىشلارغا قارشى تۇرۇپ، «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردىكى ئەھكاملارغا قەتئىي ئەمەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىلمىي تەھۋىد جەھەتتە، ئۇ پەيغەمبەر ۋارىسلىرى، پەيغەمبەر مازارىغا چوقۇنۇشلارنى سۈكۈپ، زامانىسىدا ئېقىپ يۈرگەن ئەۋلىيالارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى پەلىپەتىشلەرگە رەددىيە بېرىپ، «ئاللاھنىڭ بىرلىكى» نى تەشۋىق قىلغان، پەقەت مۇشۇ ئەقىدىلەرنى مەقبول ئەتكەن كىشىلا ھەقىقى مۇسۇلمان، قالدىسىنىڭ بەرى مۇرتەد بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ تەشۋىقاتلىرى ناھايىتى تىزلا «مۇۋەھھىد» دەپ ئاتالغان بىر قەپەس دىن، سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوزغىۋەتكەن. 1121- يىلى ھەرقايسى قوۋملار ئاقـساقاللىرى ئۇنى سۇس رايونىنىڭ سىياسىي داھىيلىقىغا كۆرسىتىشكەن. ئىبنى تۇمارت ئۆزىنىڭ شاگىرىتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئون كىشىلىك بىيورۇ تەشكىل قىلىپ ۋە بەربەرلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي ئويۇشمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىـكىتىگە ھەمكارلاشتۇرىدۇ. 1130- يىلى، ئىبنى تۇمارت ۋاپات بولىدۇ، ئۇنىڭ شاگىرىتى مۇۋەھھىد ھەرىكىتى ھەربىي قوماندانى ئابدۇللا مۆئمىن ئىبنى ئەلى (1163- 1130) ھەرىكەت داھىيلىقىغا سايلىنىدۇ.1144- يىلىدىن 1146- يىلغىچە، ئابدۇللا مۆئمىن قوشۇن باشلاپ تىلەۋمۇسۇن، فىس، شۇدا، دەنجىر ۋە ئەغىمەت قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەيدۇ. 1147- يىلى، ئۇ يەنە ماراكەشنى ئىگىلەپ، مۇراۋىيە سۇلالىسىنى زەبىد قىلىدۇ. ئابدۇللا مۆئمىن ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئېلان قىلىپ، «مۇسۇلمانلار قازىسى» نى ئۇنۋانى قىلىدۇ. ماراكەشنى پايتەخت قىلىپ مۇۋەھھىدلەر سۇلالىسىنى قۇردى. ئابدۇللا مۆئمىن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە دۈشمەنلەشكەن بارلىق بەربەرلەر قەبىلىلىرىنى تامامەن بويسۇندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە، ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمان تەپرىقچىلىك ۋەزىيىتىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئىگىلەپ، خىرىستىئان كاستېر پادىشاھلىقىنىڭ جەنوبقا يۈرۈش قىلىشىنى توسىۋەتكەن، بەلكى يەنە ستسىلىيە ئارىلىدىكى نومىنلارنىڭ قولىدىن ماراكەشتىن تاكى تېرۇپۇلىغىچە بولغان شىمالىي ئافرىقا دېڭىز قىرغىقى رايونىنى تارتىپ ئالغان. بۇنداق دېگەنلىك ئۇ پۈتكۈل شىمالى ئافرىقا ۋە ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار رايونلىرىنى تۈگەل تارتىپ ئالغان دېگەنلىكتۇر.
13- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، مۇۋەھھىد سۇلالىسىنىڭ دۆلەت كۈچى زاۋالىققا يۈزلەندى. سۇلالىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، ھۆكۈمرانلار بەكمۇ ئۆكتەملىشىپ كەتتى، خەلقنىڭ تاقىتى تاق بولدى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى زېمىننى قاپلاپ كەتتى. زېمىن سىرتىدا بولسا، خىرىستىئان دۆلەتلىرىنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەرىكىتى ئۈزۈلمەستىن داۋاملىشىپ تۇردى، ئىسپانىيە ھەم بىر قانچە خىرىستىئان دۆلىتىگە ۋە ئۇششاق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە پاچىلىنىپ كەتتى. شىمالىي ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باش ۋالىيلارمۇ مۇستەقىللىق جاكارلاشلىرى ئارقىسىدا، دۆلەت داۋاملىق پارچىـلىنىپ ئۇششاق دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ كەتتى.1269- يىلى ماراكەش بەربەرلىرىدىن زاناتا قەبىلىسىدىكى مالۇن قوۋمى ماراكەشنى ئىگىلەپ، مۇۋەھھىد سۇلالىسىنى يوقۇتۇپ، مالۇن سۇلالىسىنى قۇردى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top