ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئىككىنچى «چاغاتاي» تىلى دەۋرى كەلدىمۇ؟

ئىككىنچى «چاغاتاي» تىلى دەۋرى كەلدىمۇ؟

(تىل-تەپەككۇر سىستېمىمىز ئۈستىدە سوتسىئولوگىيىلىك تەھلىللەر)
ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق

بۈگۈن روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى. ھېيتتا پەتىلەش—توغرىسى پەتىھە (فاتىھا) ئوقۇش ئاتىلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان ياخشى بىر ئادەت. لېكىن زامانىمىزنىڭ زىيالىيلىرى بۇ مىراسنى ئىسلاھ قىلىپ ئۆزلىرىگە خاس مەنا بىلەن تولدۇرغان «ھېيت پەتىسى»نى «ئولتۇرۇش» پەللىسىگە چىقىرىپ ئەمىلىيلەشتۈرىدۇ. كۈلتۈرىمىزنىڭ(كۈلتۈر ئاتالغۇسى تىلىمىزدا «مەدەنىيەت» (غەرپ تىللىرىدا Culture ، خەنزۇ تىلىدا 文化) دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ھادىسىنىڭ ئىلىم تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر.
ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پېنىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى جەمىيەتشۇناسلىق (سوتسىئولوگىيە)، ئىنسانشۇناسلىق (ئانتروپولوگىيە) قاتارلىق ئىلىملەرنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكى، بۇ تۈپەيلى بۇ ساھەدەىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يوقلۇقىدەك رىئال سەۋەبلەر بىلەن «كۈلتۈر»گە ئوخشاش ئاتالغۇ ۋە ھادىسىلەر ئىلمىي شەكىلدە ئىزاھلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلمىغان. بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ بۇرۇنلا ھەل قىلىپ بولغان مىلەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا بۇ خىل ئاتالغۇلار تەرجىمانلار تەرىپىدىن يەنىلا «مەدەنىيەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان پەقەت ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن مەنالار ئاڭقىرىلمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئاتالغۇ قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە «كۈلتۈر» بىلەن «مەدەنىيەت» بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ھادىسىلەر بولۇپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئىزاھات ياكى نەزەرىيىۋى چۈشەندۈرۈشلەر ئۈچۈن قاراڭ: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىغا سوتسىئولوگىيىلىك ئىزاھات» تۇرپان، 2003-يىلى 4-سان، ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈرنىڭ مەدەنىيەتتىن پەرقى ۋە مىللىي كۈلتۈر» تۇرپان، 2004-يىلى، 2- سان.) مەركىزىدىن ئۇزاقتا ياشايدىغان زىيالىيلىرىمىز ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پەتىلەشكەچ نامى پەتە ماھىيىتى «ئولتۇرۇش»نى قايناق ۋە «جەسۇر» ناخشىلار تېخىمۇ مەزمۇنلۇق قىلىشىدۇ. پۈتۈن بىنادا بىردىن بىر ياكى بىرقانچە ئائىلىك ئۇيغۇرلا بولىدىغان ئۇشبۇ بىنا مۇنداق كۈنلەردە «لەرزىگە» كېلىدۇ. كېچىنىڭ بۇ سائىتىدە نامايەن بولىۋاتقان مانا مۇشۇنداق «لەرز» مېنىمۇ «تىترەتكەچ» ئويلاندۇرغىلى تۇردى… تېخىدىنمۇ بەكرەك «بىز»گە خىتاپ قىلىدىغان ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىنىڭ شالغۇتلۇقتىن خالىي «ئۈمىد» پلاستىنكىسىنى كومپيوتېرىمغا قويۇپ قۇلاقلىق بىلەن تىڭشىغاچ (ئەسلىدە ئاۋازىنى نورمال قويۇپ بېرىپ ئاڭلاشنى خالايتتىم، لېكىن شەھەردە، بىنا ئۆيدە تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى، خوشنىلارنىڭ ئارامىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئويلىدىم چۈنكى سائەت كىچە 12 دىن ئۆتۈپ قالغانىدى) ئۆز ئىشىمغا كىرىشىپ كەتتىم…
مېنىڭ رەھمەتلىك دادام زىيالىي ئەمەس ئىدى، ئەمما پىكىر ۋە ياشاش شەكلى زامانىمىزنىڭ كۆپ سانلىق زىيالىيلىرىدىن بەكرەك زىيالىي ئىدى. پەرقى رەھمەتلىكنىڭ ھەرقانداق بىر رەسمى ئورگان تەرىپىدىن بېرىلگەن دىپلوما ياكى گۇۋاھنامىسى يوق بولۇش بىلەن بىرگە «مائاش»سىز ئىدى. لېكىن رەھمەتلىك جەمەتىمىزنىڭ مۈكەممەل ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغان، تۇرمۇشنىڭ رەھىمسىز ئاچچىقلىرىدا تاۋلانغان، ئەمەلىيەتتىن مېغىزلىق تەجىرىبىلەرنى چىقارغانىدى. 25 يېشىمدا يېتىم قالغانغا قەدەر رەھمەتلىكتىن مەنتىقىسىز گەپ-سۆز، ئەسلىمىزگە زىت ھەرىكەت-قىلىق كۆرگەن ئەمەسمەن…
جەمىيىتىمىزدە رەھمەتلىكتەك ئاتىلارنىڭ ساناقسىزلىقىدا شۈپھەم يوق. لېكىن مېنىڭ ئىچىمنى سىقىدىغان ۋە مېنى بۇرۇختۇرما قىلىدىغان (كېيىنچە بۇرۇختۇرما بولمايدىغان بولدۇم، چۈنكى ئوقۇپ تەتقىق قىلغانچە بۇلارنىڭ تەكتىگە بىرمۇ-بىر يېتىشكە باشلىدىم، ھاياتتا بىلمەك قەدەر گۈزەل، ھۇزۇرلۇق بىر تۇيغۇ ۋە بىلمەك قەدەر يەنە ئازابلىق، شەپقەتسىز تۇيغۇ بولمىسا كېرەك!) قىلىدىغان ھادىسە شۇكى، بۇ خىل ئاتىلارنىڭ تەربىيىسىدە بولغان نى نى بالىلار كېيىنكى ئىجتىمائىيلىشىش ۋە زامانىۋىيلىشىش ئەسناسىدا ئاتىلىرىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولۇپ كېتىشكەن… قانداقمۇ؟ بۇنىڭغا بىر مىسال؛ ھېيت ئايەملىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى دىنىيدۇر، خۇسۇسەن روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت يىلدا بىر كېلىدىغان دىنىي ھېيت-بايراملىرىمىزدۇر. بۇنداق دىنىي بايراملاردا تەكرارلانىدىغان ھېيت پەتىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، بۇ ھېيتنى ھېيت قىلىپ بەلگىلىگەن دىنىي ئېتىقاد، چەكلىگەن قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىنى بولسا مۇقەررەركى چەكلىگەن. لېكىن كۈنىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق زىيالىيلىرىمىز (پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ دىپلوما ئالغانلار، كىملەرنى زىيالىي دەپ كىملەرنى دىمەسلىك ياكى قانداق كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىدە «زىيالىي» بولالايدىغانلىقىنىڭ تەھلىلى بولسا، ئايرىم تەتقىقات تېمىسىدۇركى، بۇ يەردە ئىزاھلاشقا ئاجىزمىز) پەتىنى نورمال پەتە شەكلىدە ئەمەس يەپ ئىچىدىغان «پائالىيەت»كە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇنى ئۇلارنىڭ قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قانداق چۈشىنىدىغانلىقى ئايرىم بىر ھادىسە(بۇ ھەقتە، بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى مەلۇم بىر زىيالىي ئاغىمىز (دەل مەنىسى بىلەن قوش تىللىق يەنى ھەر ئىككى تىلدا تەپەككۇر قىلىپ يازالايدىغان توغرىسىنى ئېيتار بولساق ئىلمىي تەتقىقاتى ئاساسەن خەنزۇچە بولغان) بىلەن بولغان ئىلمىي سۆھبىتىمىزدە، ئىختىيارسىز زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھېيت-ئايەمگە بولغان تونۇشىنى تەھلىل قىلىپ قالدۇق. تەھلىل ئارقىلىق كۆپ سانلىق زىيالىيلارنىڭ قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت نامازلىرىغا دىنىي ساداقەت ۋە سەمىمىي ئىبادەتتىن بەكرەك بىر خىل پسىخولوگىيىلىك ئۆزىنى قاندۇرۇش، جامائەتچىلىك پىكرىدىن ساقلىنىش، ئاتىلاردىن ئۆگەنگەن ئۆرپ-ئادەتنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈنلا بارىدىغانلىقى كۆرۈنۈشىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئەلبەتتە زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس، خېلى كۆپ سانلىقى مۇشۇنداقراق ئىكەن. چۈنكى ئۇلار مەسچىتكە ئادەتتە يىلدا ئىككى قېتىملا بارىدۇ. ھەتتا يەرلىك بەلگىلىمىلەر تۈپەيلى ھېچ بارمايدىغانلارمۇ بار. لېكىن شۇ تەرىپى ھەممىگە ئورتاقكى، روزا ھېيت ياكى قۇربان ھېيتتا، ساڭزىلار تىزىلىدۇ، گۆشلەر پىشۇرىلىدۇ، بوتۇلكا ۋە رۇمكىۋايلار سوقۇشتۇرىلىدۇ. سۆھبەتداش ئاغىمىز تەھلىل قىلىپ، «ئەمەلىيەتتە بۇ زىيالىيلارنىڭ دىنىي تەقۋاسى يوق دىيەرلىك، ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا دىندىن بەكرەك مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئېغىرراق تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا مۇبارەك دىنىي كۈنلەردە، ئۇ دىن چەكلىگەن قىلمىشلار سادىر بولمايتتى. ئۇلارنىڭ بەزى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىكىمۇ دىنىي بەلگىلىمىدىن بەكرەك مىللىي پسخىكا ۋە گۈزەللىك قارىشىدىكى قىممەت قاراشلار تۈپەيلىدىن بولغاندۇر» دېدى. ئۇيغۇر ئىجتىمائىيىتىنى نوقۇل ئەدەبىي ۋەيا سىياسىي ھاياجان رامكىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ يەنە باشقا موھىم پەنلەر مەسىلەن سوتسىئولوگىيە، پسىخولوگىيە، ئېتنولوگىيە، سوتسىئال ئانتروپولوگىيە قاتارلىق ئىلىملەرنىڭ مېتودولوگىيسى ۋە نۇقتىنەزەرى جەھەتتىنمۇ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۆزىمىزنى ئالداپ يۈرۈيدىغان، ياكى غورۇرىمىزنى ساختا ئەپلىمە-سەپلىمە گەپلەر بىلەن پەردازلاپ يۈرۈپ مەسىلىنىڭ تەكتىنى تاپالماي، تاپساقمۇ ئەڭ مۇۋاپىق رېتسىپنى كېسەلمەي يارىنى يوشۇرۇپ كىسەلنى يوغىنىتىپ پۈتۈن ئورگاننى زەئىپلەشتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.). سوتسىئال ۋە كۈلتۈرەل ئالمىشىش خۇسۇسەن ئۆزگىرىش ناھايىتى كەسكىن بولغان ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدەك ئۆتكۈنچە دەۋردە تۇرىۋاتقان جەمئىيەتلەردە، بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى گەرچە نورمالدەك بولسىمۇ، زىيالىي دەپ ئاتالغان جەمئىيەت سەركىلىرىدە ئومۇمىي بىر خىل قىلمىشقا ئايلىنىپ كېتىشىنى بولسا، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل مەۋجۇتلۇق نۇقتىسىدىن تۇرىۋېلىپ ئويلىنىپ كۆرۈشكە، كۆپ تەرەپلىمىلىك نۇقتىدىن ئانالىز قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ھادىسە، ئىلمىي قىممىتى ناھاىيىتى چوڭقۇر بولغان تەتقىقات تېمىسىدۇر. ئەلبەتتە بۇ تېمىلار ئۇشبۇ ماقالىمىزنىڭ تېمىسى ئەمەس.
مۇبارەك بايراملاردا بايراملىشىش، پەتىلىشىش بىزدەك مەنىۋىياتچى مىللەتلەردە ئەھمىيىتى چوڭ بولغان بىر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتتۇر. جاھان تەرەققىي قىلىپ 21-ئەسىرگە كەلگەندە، تېخنىكا بىزگە ناھايىتى كۆپخىل ئاسانلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بەرمەكتە. پەتىلەش مۇمكىن بولمىغان ئۇزاقتىكى تۇغقان، دوست-يار بۇرادەرلەرگە، قېرىنداشلارغا تېلېفون بېرىش، ئېلخەت، ئۇچۇر (يانفوندا) ئەۋەتىش ئارقىلىق ھېيتىنى مۇبارەكلەش مۇمكىن بولماقتا. پېقىرمۇ ياشاۋاتقان شەھەردىكى ۋە ئانا يۇرتتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر قىسمىغا تېلېفون قىلغاندىن سىرت يانفون ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ ھېيتىنى مۇبارەكلىدىم.
ئۇچۇرنى لاتىن ھەرپلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرچە يازدىم. كەلگەن جاۋابلارنىڭ بەزىلىرى خېلىلا دىققىتىمنى تارتتى. قايتقان جاۋاپلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرچە بولۇشى بىلەن بىرگە خېلى موھىم بىر قىسمى ئەبجەش ئىدى. يەنى يا پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئەمەس، يا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئەمەس ئىدى. بۇ خىل ئۇچۇرلاردا، بەزى مەخسۇس ئىسىملار، «سالام، روزا» دېگەندەكلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە يازغان بولسا قالغان تىلەكلىرى خەنزۇچە ئىدى. يەنە بەزىلىرى تامامەن خەنزۇچە، ئەمما خەنزۇ كۆرسە تولۇق چۈشەنمەيدىغان ئۇچۇر ئىدى. مەسىلەن مەلۇم بىر ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇپ چىققان زىيالىيمىزنىڭ ماڭا قايتتۇرغان ئۇچۇرى مۇنداق ئىدى:

安塞俩目阿莱库目!黎明的曙光伴初升的太阳我们迎来穆巴勒克的肉孜节,在这吉庆的合伊体日祈求万能的胡大赐予您及家人身体健康,生活幸福,万事如意。

يەنە بىرەيلەندىن كەلگەن ئۇچۇر:

让我Piyaz 的营养,Samsak的味道,Qamgur的温柔,Polo的宽容Lahman的长久祝肉孜节快乐。

بۇنىڭغا ئوخشىغان يەنە بىرقانچە ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئويلىنىپ قالدىم. مەن ئۇچۇر يوللىغانلارنىڭ ھەممىسى تولۇق كۇرس ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلار ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن تۆۋەندىكىچە بىر قانچە ئىھتىماللىقنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم:

مەنتىقە بويىچە ئۇيغۇرچە يېزىلغان تەبرىك ۋە ياخشى تىلەككە ئۇيغۇرچە جاۋاپ قايتتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن بولۇش (يانفونلارنىڭ ھەممىسىدە خەنزۇچە بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىرقانچە چەتئەل تىلىدا ئۇچۇر يېزىش مۇمكىن يەنى لاتىن ھەرىپى بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىش يانفونلاردا تامامەن مۇمكىن) بىرلىكتە ئۇيغۇرچىغا ئۇيغۇرچە، يات تىلغا يات تىل بويىچە يېزىش، ھېچ بولمىغاندا ئەۋەتكۈچىگە بولغان ھۆرمەت ياكى ئىززەت نۇقتىسىدىن يوللۇق بىر ئىش ئىدى.
ئەگەر خەنزۇچە جاۋاپ قايتتۇرغۇسى كەلگەندە (ئەسلىدە بۇنداق قىلىش ئۇچۇر يوللىغۇچىغا نىسبەتەن ھۈرمەتسىزلىك، ھېچبولمىغاندا نازاكەتسىزلىكتۇر. چۈنكى يوللىغۇچى ئۇيغۇر تىلىدا خىتاب قىلماقتا) ئۇ تىلنى بۇلغىماي، تولۇق ئۇ تىلنىڭ قائىدىسى بويىچە يازغۇلۇق ئىدى.
ئېھتىمال، ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان قېرىندىشىمىز، كەلگەن ئۇچۇرغا جاۋاب يېزىپ ئولتۇرماي تۇنگان بىر دوستىدىن ياكى ئۇ شەكىلدە تەپەككۇر قىلىدىغان بىرىدىن كەلگەن تەييار ئۇچۇرنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسىنى ماڭدۇرغان… بۇنداق قىلغاندا ئاۋارىچىلىقتىن ساقلانغانلىقىنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ يەنىلا بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ياكى قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتۇر. بىزدىكى ئاسان يولدىن مەقسەتكە ئۇلىشىشنىڭ ئىپادىلىرى خالاس…
ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارىسىدىكى تېيىز تەپەككۇر ئىگىلىرى «ۋاي-ۋۇي نېمە دېگەن ئىنچىكىلىك بۇ!» دېيىشى مۈمكىن. توغرا دەيسىز، زىيالىي بولماق، مەدەنىي ۋە كۈلتۈرلۈك بولماق، بىر دىپلومالىق بولۇش ياكى سورۇندا ئولتۇرىۋېلىپ «خوشە!» دېيىش ياكى ئىشسىز ئاياللاردەك «ئۇزۇن-قىسقىنىڭ» پارىڭىنى قىلىش ياكى قانداقتۇر ئەرزان ياشايدىغان دوقمۇش بالىلىردەك ھە دېسىلا «بەلنىڭ ئاستىنىڭ» پارىڭىنى قىلىپ ئۆچكىدەك مەرەش ياكى كالىدەك پىخىلداش ئەمەستۇر…زىيالىيلىق مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت تەلەپ قىلىدىغان مەنسۇبىيەت بىلەن يېقىندىن ئالاقىدار بىر كىملىك مەسىلىسىدۇركى خالىغان بالاڭزىلارنىڭ ھەممىسى ئىگە بولالايدىغان كىملىك-سالازىيەت ئەمەستۇر…
يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل سىياسەتنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان ياكى بۇ خىل ئاساسنى تەمىنلەشكە تىرىشىۋاتقان بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن بېرى دېگۈدەك قوش تىل «كۆلەڭگۈسى»دە ياشاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىشىدۇ. بۇ خىل باياناتنىڭ ئاغزاكى شەكلى ياكى كەڭرى يازما شەكلى ناھايىتى ئاز. ئەلبەتتە، ئاز ساندىكى ئاشكارا يازما شەكلىمۇ بار. ئۇلارغا كۆرە چاغاتاي دەۋرىدە شەكىللەنگەن چاغاتاي تىلى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى.
چاغاتاي تىلى دەۋرى ئەرەب-پارس تىلىغا ئائىت سۆزلەر كۆپ قوللىنىلغان دەۋر. بۇ دەۋر زىيالىسى ئەرەب ۋە پارس تىلىغا پۇختا ئىدى ياكى بۇ تىللارنى ياخشى بىلىشەتتى، ئېيتىپ ئۆتۈس كېرەككى، چاغاتاي تىلى ھەرگىزمۇ كەڭ خەلق ئاممىسى ئومۇمەن چۈشىنىدىغان خەلق تىلى بولماستىن زىيالىيلارنىڭ ياكى ساراينىڭ تىلى ئىدى يەنى كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ تىلىدۇر. بۇنداق بولۇشىنىڭ تارىخىي، مەدەنىي ۋە كۈلتۈرەل ئارقا كۆرۈنۈشى بار. بۇ دەۋر ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك تىللىق مىللەتلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى ئاساسەن ئۆز مەيلى بىلەن ئىسلاملاشقان، تۈرك تىللىقلار ئىسلامنىڭ ھامىيلىرىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، ئەرەبىستان، كاپكازىيە، ئانادولۇ، بالقانلار ۋە شىمالىي ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدە ئات چاپتۇرىۋاتقان، ئىسلامىيەت كەڭ تارقىلىش بىلەن بىرلىكتە، مۇسۇلمان مىللەتلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۆز ئانا تىللىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىلەن بىرلىكتە مەدرىسەلەردە ئەرەب-پارس تىللىرىنى ئۆگىنىشىۋاتقان، بۇ تىللار بىلەن ئىلىم-تەھسىل قىلىشىۋاتقان، بەزى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ساراي تىلى پارىسچە، ئارمىيە تىلى تۈركچە بولۇشتەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن دەۋر ئىدى.
بۇ دەۋردە، گەرچە زىيالىي دەپ ئاتالغان مەدرىسە مائارىپىنى كۆرگەنلەر ئەرەب-پارس تىللىرىدىن خەۋەردار بولسىمۇ، كەڭ خەلق ئاممىسى يەنىلا ئۆز ئانا تىلىدا ئالاقە قىلىشاتتى ۋە ئۇ تىل بىلەن تەپەككۇر قىلىشۇر ئىدى. تۈرك تىللىقلارنىڭ غەربىدىكىلەر ئوسمانلىچە دېيىلىدىغان بىر تىلنى ئىشلەتكەن بولسا، شەرقىدىكىلەر چاغاتايچىنى ئىشلىتىشكەن.بۇ دەۋردە، ئەرەبچە-پارسچىنىڭ بەكرەك تەسىرىدە قالغان ساراي تىلى بار بولسىمۇ، يەنە كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قوللىنىلغان، ئەرەبچە-پارسچىنىڭ تەسىرى سارايدىكىدەك چوڭقۇر بولمىغان خەلق تىلى يەنى تۈركچە بار ئىدى. بۇنداق بولۇشىدا ئىسلامىيەتنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولغان. بۇ دەۋرلەردە، ئىسلامىيەت تۈرك، ئەرەب، پارس ۋە باشقا مىللەتلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرغان ئىدىكى ئۈچ چوڭ مىللەتنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى تەسىرلىشىشى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكەنىدى. بۇ دەۋردىكى مەشھۇر تەبىر بويىچە ئېيتقىنىمىزدا، «تۈركىي ھۈنەرىست، ئەرەبىي ھەسەلىست، فارسىي شەكەرىست» ئىدى. يەنى تۈركچە ھۈنەر-سانائەت ئوردۇ-ئارمىيە تىلى، ئەرەبچە ھەسەلدەك ئەدەبىي ۋە پەلسەپە تىلى، پارسچە شىكەردەك تاتلىق دىۋان ۋە شېئىر تىلى ئىدى. بۇلاردىن باشقا بۇ دەۋردە ئىنسانلاردا پسىخولوگىيىلىك توسالغا مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىدىن ئەنسىرەشنىڭ بار يوقلۇقىنى تەھلىل قىلىپ باققان ياخشى.
خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ رەسمىي شەكىلدە، كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىشى 1950-يىللاردىن كېيىن بولغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئۇچرىشىشلار ئازاتلىقتىن كېيىنكىدەك كەڭ كۆلەملىك ۋە بىۋاسىتە بولۇپ باقمىغان. ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئوخشىمايدۇ. بىرىدە، دىن ئاساسلىق سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىرىدە، دۆلەت-گراژدانلىق، بىرلىكتە ياشاش سەۋەب بولغان. بۇ سەۋەبلىك بۇ ئىككى مۇھىتنى سېلىشتۇرغاندا ياكى تەھلىل قىلغاندا، تارىخنى، ئارقا كۆرۈنۈشنى ئوبدان بىلىش بىلەن بىرگە دەۋر ئالاھىدىلىكىنىمۇ، ئەلۋەتتە پسىخىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. كۈنىمىزدە «قوش تىل» پەلسەپىسى ياكى سەپسەتىسىنى ئۆزلىرىگە جاھاندارچىلىق قىلىشقان نامى «زىيالىي»لارنىڭ بۇلاردىن قانچىلىك خەۋەردارلىقى نامەلۇم.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازاتلىققا قەدەر ئاساسلىقى ئۆز يۇرتىدا ياكى ئۆز يۇرتىنىڭ غەربىدىكى مەركەزلەردە، خۇسۇسەن بۇخارا، قازان، ئىستانبۇل، قاھىرە، دېھلى، تاشكەنت، كېيىنرەك موسكۋا قاتارلىق مەركەزلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىشقانىدى. بۇ يەرلەردىكى ئوقۇتۇش تىلى چاغاتايچە، ئوسمانلىچە، ئەرەبچە، پارسچە ياكى رۇسچە ئىدى. قىممەت قاراش ۋە تەپەككۇر شەكىللىرى ئىسلام مەدەنىيىتى دائىرىسىدە تۈركچە ئىدى. يەنى كەڭ دائىرە يەنىلا ئىسلامىي بولغان بولسا، مىللىي تەركىبلەر يەنىلا ئۇيغۇرچە/تۈركچە ئىدى. زىيالىيلارنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى خەلق ئاممىسىنىڭ تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن ئۇزاقلاپ ئەرەب-پارس كۈلتۈرى ئىچىگە غەرق بولغان بولسىمۇ(فارابى قاتارلىقلار)، زور بىر قىسمى، ھەتتا ناۋايىدەك كاتتا گىگانتلار يەنىلا خەلقنىڭ تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن ئۇزاقلىشىشقا قارشى چىققان، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئىجرائىتى بىلەن ئۆلگە بولۇشقان.
ئازاتلىقتىن كېيىنكى سوتسىيالىستىك دەۋر، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيىتى چوڭ بولغان يېپيېڭى بىر دەۋر ئىدى. سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھاتلاردىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتى كەسكىن ئۆزگىرىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئۆتكەن ئەللىك يىل ئىچىدىكى ئۆزگىرىش ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھەرقانداق بىر دەۋرىدىكىدىن چوڭ ۋە تېز بولدى. بۇ ماقالىمىزدە، ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەقەتلا تېما بىلەن ئالاقىدار بولغان قىسمى بىلەنلا توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئازاتلىقتىن كېيىنكى، ئالدى بىلەن بىزنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىمىزدا كەسكىن ئۆزگىرىش بولدى.يەنى، ئەنئەنىۋى مەدرىسە مائارىپىغا تامامەن خاتىمە بېرىلىپ، يېڭىچە مائارىپ تۈزۈلمىلىرى ئورنىتىلدى. دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئاستا-ئاستا يەرلىكلەشتۈرۈلدى ياكى خەنزۇچىسىدىن تەرجىمە قىلىندى، خەنزۇ تىلى مەكتەپلەردە چوقۇم ئۆگىتىلىدىغان بولدى. بۇ تەرىقىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇغان قىسمى قىممەت قاراش، تەپەككۇر ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە تارىخىي بۇرۇلۇش ياساشقا باشلىدى. جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ئۈلگە ۋە ئىلھام مەنبەلىرى ئەنئەنۋى مەركەزلەردىن (ئۇيغۇر رايونىنىڭ غەربىدىن) يېڭى مەركەزگە (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ياكى بېيجىڭ) يۆتكەلدى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ تەلىم تەربىيسىنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان ياشلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىرى ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى چوڭ شەھەرلەردە ئېلىشقا باشلىدى. ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇنلىرى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە ئىلىم-تەھسىل قىلىشتى.
ھەرخىل دولقۇنلار ۋە ئىنقىلابلار بېسىقىپ، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە، يېڭى دەۋر زىيالىيسى بارا-بارا كونا ياكى كلاسسىك زىيالىيلارنىڭ(كونا زىيالىي ياكى كلاسسىك زىيالىي دېگىنىمىزدە، ئاساسلىقى 1950-يىلىدىن بۇرۇن ئىلىم-تەھسىل قىلىش ھاياتىنى تاماملىغانلارنى كۆزدە تۇتتۇم. ئۇلار ئاساسلىقى ئۆز يۇرتىمىزدا ياكى يۇرتىمىزنىڭ غەربىدىكى مەركەزلەردە ئىلىم-تەھسىل قىلىشقان زىيالىيلاردۇر. ئۇلار قىممەت قاراش، تەپەككۇر ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالغان تەلىم-تەربىيىسى ئىتىبارى بىلەن كېيىنكى ئورۇنباسارلىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىرىنجى ئەۋلاد جەدىتچىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياكى جەدىت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلاردۇر.) ئورنىنى ئالدى. بۇ ئالمىشىش ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىجتىمائىيىتى، خۇسۇسەن قىممەت قاراش ۋە تەپەككۇر ئۇسلۇبىدىكى «ئالمىشىش»تىنمۇ دېرەك بەرمەكتە ئىدى.
زامانىۋىلىشىش، يەنى مودېرنىزم دەپ ئاتالغان بۇ ئۇقۇم شەرقلىقلەرگە غەربلىكلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەنئەنىنى تامامەن يوق قىلىدىغان ياكى ئۇنى يېڭى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ، مۇئەييەن قىممەت قاراشلار ئەتراپىدا «تەرەققىي» قىلدۇرىدىغان بىر ھادىسىدۇر. تۈرك تىللىقلار ئارسىدا تېز سۈرئەتتە كەڭ تارقالغان جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئەسلىدە، تۈرك تىللىقلارنىڭ ئەنئەنە ۋە كۈلتۈرىنى رەت قىلمىغان ئاساستا زامانغا ماسلاشتۇرۇش؛ دەۋرداش مىللەتلەر ئارىسىدا كۈلتۈر ۋە سىياسەتتە «بېقىندا» بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھالاكەتنىڭ خەۋپىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن «سىلكىنىش» ھەرىكىتى ئىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ھەرىكەت ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇۋەپپەق بولالمىغان.
جۇڭگودىكى زامانىۋىلىشىش، يەنى مودېرىنلىشىش ھەرىكىتى گەرچە ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن باشلانغان بولسىمۇ، چېرىك چىڭ سۇلالىسىنىڭ بېجىرىكسىز ئەمەلدارلىرى ۋە قەدىمچىلەر بىلەن مەنپەئەت گۇرۇپلىرىنىڭ ئىشبىرلىكىچىلىكىدە بوغۇپ قويۇلغان. لېكىن خەنزۇ زىيالىيلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەل شارائىتلىرىدىن(دېڭىز ياقىسىدا ياشايدىغان خەنزۇلار ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان مىللەتداشلىرىدىن پەرقلىق شەكىلدە دۇنياغا ئېچىلىپ تۇرغان. دېڭىز قاتنىشى ئۇلارنىڭ ئىنقىلابچىلىرىغا، سەرخىللىرىغا ھەرخىل قولايلىق يوللارنى تەمىنلەپ بەرگەن. ياپونىيىدىن ئىبارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر شەكىلدە زامانىۋىلاشقان دۆلەتنىڭ ئۇلارغا خوشنا بولۇپ قېلىشى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى بەزى ئورتاقلىقلار خەنزۇ زىيالىيلىرى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى تۇغدۇرۇپ بەرگەن. يەنە ئوكيانۇس ئارقىلىق ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغىلى بولىدىغانلىقىدەك ئەۋزەللىكلەر ئۇلارنىڭ غەرب مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتى بىلەن ئۇچرىشىشىنى تېزلەتكەن. مانا بۇ ئەۋزەللىكلەر خەنزۇ زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلشى، قاتماللىقلارنى تۈگىتىش كويىغا چۈشىشىگە مەدەت بەرگەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا ناھايىتى تەلەيسىزدۇر. دېڭىزغا ئوچۇق بولمىغانلىقى، قۇرۇغلۇق قاتنىشىنىڭ قولايسىزلىقى، يېڭى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتىدىن ئۇزاق بولۇشى قاتارلىق رىئال سەۋەبلەر بىلەن رۇسلارنىڭ داۋاملىق تىزگىنلەپ تۇرۇشىنىڭ توسقۇنلۇقى ھەمدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېرىك ئەمەلدارلىرى، گومىنداڭچىلارنىڭ فاشىست زومىگەرلىكلىرى بۇنى تېخىمۇ ئىمكانسىز قىلىۋەتكەن.) پايدىلىنىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇرۇنۇشلىرىنى بىر دەممۇ توختاتمىغان. بۇ ئۇرۇنۇشلار نەتىجىسىدە شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قازىنىپ، جۇڭگودىكى فىئودالىزم ئاغدۇرۇلغان ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن مودېرنىزىملىشىش، زامانىۋىلىشىش ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئازاتلىقتىن كېيىنكى دەۋردە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغىمۇ ئاساس سېلىپ بەرگەن. بۇ سەۋەبلىك خەنزۇ جەمئىيىتىدىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. بۇ مۇۋەپپەقىيەت، زامانىۋىلىشىش جەريانىدىكى ئۆزگەرتىشنىڭ خەنزۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئومۇرتقىسىنى ئانچە زەخىملەندۈرۈلمىگەنلىكى بىلەن ئالاقىداردۇر. مۇشۇنداق بولغاچقىلا پۈتۈن خەنزۇ خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن، يەنى «ئاكتىپ» ماھىيەتتە بولغان. شۇنداق بولغاچقىلا خەنزۇ خەلقىنىڭ روھى جۇش ئۇرۇپ يۈكسەلگەن ۋە كۈنىمىزدىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن مەمۇرچىلىق ۋە باياشاتلىق دەۋرىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن.
ئۇيغۇرلارمۇ ئازاتلىقتىن بۇرۇن خەنزۇلارغا ئوخشاشلا زۇلۇم ۋە بېسىمغا ئۇچراپ تۇرغان، ئىچكى ۋە تاشقىي كۈچلەر تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنغان. لېكىن ئىككى مىللەتنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، تارىخىي ئۆتمۈشى، كۈلتۈرى ۋە پەلسەپىسىدە چوڭ پەرقلەر بولغانلىقى تۈپەيلى كېيىنكى تەرەققىيات ئەسناسىدا ئوخشاش يۈكسىلىش، ئوخشاش سەۋىيىدە ئىلگىرىلەش ئوتتۇرىغا چىقمىغان. خەنزۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلاردا زامانىۋىلىشىش «ئاكتىپ» ئەمەس «پاسسىپ»، بىر خىل «ئەگەشمە» خاراكتېر قويۇق بولغان. بۇ جەرياندا، يېڭىدىن يېتىشكەن، يېڭىچە قىممەت قاراشقا، يېڭىچە پوزىتسىيىگە، ئەسلىدىكىدىن پەقلىق تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان زىيالىيلار قوشۇنى بارغانچە خەلق ئاممىسىدىن، شۇنداقلا مىللىي كۈلتۈرىدىن ئۇزاقلىشىشقا، بەزى جەھەتلەردە ياتلىشىشقا باشلىغان.
كۈلتۈرەل ھاياتتىكى ياتلىشىش يېتەكچى جەمئىيەت بىلەن پۈتۈنلىشىشتە تاق تەرەپلىمىلىك بولۇش (ئۆزىنىڭكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، يېتەكچى جەمئىيەت ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىش)، مەديا (ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى媒体)نىڭ تەسىرى قاتارلىق ئامىللار زىيالىيلارنىڭ تىل-تەپەككۇر سىستېمىسىدا بەزى نۇقتىلىق ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا چىقارغان.
ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشتىن كېيىنكى مەملىكەت مىقياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن كېلىپ چىققان دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتچانلىقنىڭ ئېشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە نۇپۇسنىڭ بېكىنمىچىلىكىگە خاتىمە بېرىلدى. بۇ جەرياندا خەنزۇ تىلىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، جۇڭگولۇقلار ئارىسىدا بىردىن بىر ئالاقە قۇرالى بولۇشقا يۈزلەندى. بۇ يۈزلىنىش جەريانىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك مىللەت تىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىدە تارىيىش ھادىسىسى كېلىپ چىقتى. ئازاتلىقتىن كېيىنكى دەۋردە يېتىشكەن يېڭىچە زىيالىيلارنىڭ ھەرخىل قايغۇ ۋە ئارمانلار بىلەن بالىلىرىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشى بىلەن جەمئىيەتتە خەنزۇچە تەپەككۇر قىلىپ، خەنزۇچە سۆزلەيدىغان، قىممەت قاراش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۇيغۇر تىللىق ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرقلىنىدىغان «خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلار»( خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلار: ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل تەرەققىياتى جەرىيانىدا ئوتتۇرىغا چىققان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن جەمىيەتشۇناس ۋە پسىخولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان ياكى قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپتۇر. خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇر ئاتالغۇسى تىلىمىزدا ۋە مەتبۇئاتىمىزدا تېخىچە كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقتىن كۆپنچىمىزگە يات تۇيۇلىشى مۈمكىن. بۇ سەۋەبلىك بەزىلەر تۇنجى قېتىم ئاڭلىغىنىدا ئىندىكىپ كېتىشى ياكى دەماللىققا خاتا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇشبۇ ئاتالغۇ جەمىيىتىىزدىكى رېئال سوتسىئولوگىيىلىك ھادىسىنىڭ ئىسىملەندۈرۈلىشىدۇر. بۇ ئاتالغۇ ئىپادىلەيدىغان گۇرۇپ، ئېتنىك ۋە ئىرقىي ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇر، ئەمما ئالغان تەربىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىن خەنزۇچە بولغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. تېخىمۇ ئاممىباپ قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىدىن تۆرەلگەن ئەمما يەسلىي، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئونىۋېرسىتېت تەربىيىسىنى خەنزۇ مەكتەپلىرىدە خەنزۇچە ئالغان؛ كۈندىلىك ئالاقىدە، خۇسۇسەن ئىنچىكە تۇيغۇلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىدە خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىدىغان، راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان؛ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرىگە ئائىت ھادىسىلەرگە نورمال بىر ئۇيغۇردەك مۇئامىلە قىلالمايدىغان، تەپەككۇر شەكلى، قىممەت قاراشلىرى خەنزۇچە بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك بىز دەۋاتقان خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلار پەقەتلا (تېخىچە تىلىمىزدا مۇۋاپىق بىر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بىلەن ئىپادە قىلىنالمايۋاتقان) مىنكاۋخەن―民考汉لەرنى كۆزدە تۇتمايدۇ. بەلكىم ئۇلانىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئوقۇپ چىققانلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. چۈنكى مىنكاۋخەن―民考汉لەرنىڭ ئىچىدە تولۇقسىزغىچە ياكى تولۇققىچە ئۇيغۇرچە ئوقۇغاندىن كېيىن خەنزۇچىغا ئالماشقانلارمۇ بار. بۇلارنى خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇر دېگىلى بولمايدۇ. خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلار، ھەقىقەتەن جەمئىيىمىزدە پەرقلىق بىر گۇرۇپنى تەشكىل قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ياشاش شەكىللىرى، قىممەت قاراشلىرى، تەپەككۇر شەكىللىرى باشقا ئۇيغۇرلاردىن كەسكىن بىر شەكىلدە ئايرىلىدۇ. خەنزۇلار بىلەن تامامەن ئوخشاشلىقىنى ئېيتىشمۇ تەس. شىنجاڭدا بىر زامانلار مودا بولغان مىنكاۋخەن―民考汉لەر شىنجاڭدىكى 14-مىللەت، جۇڭگودىكى 57-مىللەت دېگەن چاقچاق ئارلاش ئاتاشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى سوتسىئولوگىيىلىك ئالاھىدىكلىرى سەۋەبچى بولغان. بۇ خىل ئاتاشلارنىڭ ھەم ئۇلار تەرىپىدىن ھەم ئەتراپتىكىلەر تەرىپىدىن دېيىلىدىغانلىقىغا خېلى كۆپ يەردە شاھىت بولغانىدۇق. خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراش ۋە تەپەككۇر شەكىللىرىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇنداق بىر مىسالنى خىزمەتداشلىرىمدىن ئاڭلىغانىدىم؛ ئائىلە رەئىسى ۋە ئۇنىڭ خانىمى ھەممە جەھەتتىن ئۇيغۇر بولغان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى خەنزۇ مەكتەپتە تاماملاپ شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا تولۇق كۇرس ئوقۇغان قىزىنىڭ توي ئىشىغا ئارىلاشقان ئاتا-ئانا، قىزىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر بىلەن ھەمدە تېگى بار، تۈزۈك كىشىلەرنىڭ بالىسى بىلەن توي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاتا-ئانا مۇۋاپىق كۆرگەن لايىقى قىز بىلەن ئۇچراشتۇرۇلىدۇ. ئۇچرىشىشتىن كېيىن قىزىنىڭ پىكرى چوڭلار ئويلىمىغان يەردىن چىقىدۇ. قىزى؛ «ئانا، ئۇ بالا مىنكاۋمىن(民考民) ئىكەن، مىنكاۋمىنلار بەكلا شىيوڭ(凶)،(ياكى قەبىھ) ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بالا قوي گۆشى پۇرايدىكەن، قارىسام قارىسام ئۇيغۇر كۆرۈنىدۇ. مەن ئۇلارغا كەنبۇگۇەن (看不惯)…» دەيدۇ. قىزىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاتا-ئانىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كۆنەلمىدىم دەپ شاڭخەيگە كېتىپ قالىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قىز، شاڭخەيدە خىزمەت قىلىدىغان بىر خەنزۇ يىگىتى بىلەن توي قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى چىقىشلىرىمۇ كار قىلمايدۇ.) ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ گۇرۇپنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارغانسېرى ئاكتىپ بولۇشى، ئاپتونومىيە قانۇن-سىياسىتىنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار ۋەزىپە ئۆتۈشى كېرەك بولغان ئورۇنلارغا تەيىنلىنىشى، جەمئىيەتتە بۇ خىل زىيالىيلارغا قارىتا مۇئەييەن ھەۋەسنى كۈچەيتكەن.
كونا ياكى كلاسسىك زىيالىيلاردىن پەرقلىق قىمەت قاراش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئىگە بولغان يېڭى دەۋرنىڭ يېڭىچە زىيالىيلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسى تېمىمىز بولغان تىل-تەپەككۇر قاتلىمىدا روشەن كۆرۈلمەكتە. يۇقىرىدا بۇ خىل ھادىسىلەرگە قارىتا يۈزەكىي سوتسىئولوگىيىلىك تەھلىللەرنى يۈرگۈزدۈق. تەھلىللەردىن كېيىن زىيالىيلىرىمىزدىن شۇنداق بىر سۇئالنى ئەجەپلەنگەن ھالدا سورىغىمىز كەلدى: ئەجىبا راستىنلا ئىككىنچى چاغاتاي دەۋرىگە كىرىۋاتامدۇق؟
جانلىق تىلدا، ئىنچىكە تۇيغۇلارنى ئىپادە قىلىش ئەسناسىدا خەنزۇ تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغانلار يېزىق تىلىدا قانداق قىلىدىغاندۇ؟ يۈكسەك ھۇشيارلىقىمىزنى قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلە بولىۋاتقىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تىلىدا ۋە دەرس ئارىلىقىدا ئەبجەش تىلدا سۆزلەيدىغانلىقى. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتكۈچىلەر، تىل ئىستىمالچىلىرىغا ئەڭ پاساھەتلىك، چىرايلىق ۋە يېقىملىق ئۇيغۇرچە بىلەن خىتاپ قىلماي، ياش نوتىلارنىڭ قەلبىگە تىل سۆيگۈسىنى سىڭدۈرمەي، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىشى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. بۇ يەردە يەنىلا يۇقىرىدا قىلىنغان سوتسىئولوگىيىلىك تەھلىللەردە كۆرۈلىدىغان قىممەت قاراش، تەپەككۇر ئۇسۇلى، مەسئۇلىيەت ۋە كىملىك تۇيغۇسى نۇقتىسىدىكى سەزگۈرلۈك مەسىلىسى ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرىۋالالايمىز.

مەنبە: «شىنجاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2006-يىللىق 2-سان، « تىل-تەپەككۇرىمىز سىستېمىمىز ئۈستىدە سوتسىئولوگىيىلىك تەھلىللەر»

ئاپتور: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى پروفېسسور، ماگىستىر، دوكتۇر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.

ئىنكاسلار (1)

  • ھۆرتېكىن

    بارىكاللاھ،قەلەملىرگە تېخىمۇ بەركەت تىلەيمەن،كۆپ رەھمەت ،كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم ،چۈشەندىم .

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش