• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مىللەتنىڭ كۆزىدىكى داغ

مىللەتنىڭ كۆزىدىكى داغ

زىيالىي

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىلنامىلەر، ھادىسىلەر ۋە شەخسلەر بايان قىلىنغان تارىخ يېزىلدى، ئەمما بىز ئۇيغۇرلۇق تارىخىمىزنى  خۇلاسىلەپ چىقالمىدۇق. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلۇق كىملىكى زامانىۋىي مەنىلەر بىلەن مۇقىملاشقان يۈز يىللىق تارىخمىز ھەققىدە ھەقىقى، تەرەپسىز ۋە ئىلمىي بىر چۈشەنچىگە ئېرىشىش، بۈگۈنىمىزنى تەھلىل قىلىش ۋە ئەتىمىزگە تەدبىر قىلىشتا موھىم ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە جەمئىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىشلەر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلانغان. ئەپسۇسكى، بۇ تەتقىقاتلارنىڭ پىشۋالىرى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپا، روسسىيە ۋە تۈرك خەلقلەردىن يېتىشىپ چىققان كىشىلەردۇر. بۇنداق ئىزدىنىشلەر بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشىغا خۇرۇچ بولماقتا. شۇڭا بۈگۈنكى قىسىلغان قىسمەتلىرىمىزگە چاردە ئىزدەش، يۈز يىللىق تارىخمىز ھەققىدە ئويلىنىش، ئالدىنقى يۈز يىل جەريانىدىكى ئۇتۇق ۋە ئۇتتۇرۇقلىرىمىزنى خۇلاسىلەشتە شۇلارغا مۇراجەت قىلىشقا مەجبۇرمىز.

 يېقىنقى يىللاردا نەشىر قىلىنغان «ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» دېگەن كىتاپ ئەڭ بازارلىق بولغانلىقى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى ئۆزىنى تونۇشىدا موھىم ئاممىۋىي مەنبە بولۇپ قالدى. بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرى تاتار مۇخبىرى نوشىرۋان يائوشۇۋ بولۇپ 1914-يىلى ۋەتىنىمىزنىڭ بىر قسىم رايۇنلىرىدا زىيارەتتە بولغان. كىتاب يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرنىڭ رىياللىقىدىن مەلۇمات بەرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىك، ئەمما بايانلارنىڭ لوگىكىغا ۋە تارىخقا ئۇيغۇنسىز يەرلىرى بىلەن تەنقىدكە مۇھتاج. لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس دېگەندە ئاپتۇرنىڭ قاراشلىرى بىر بىرىگە زىت. مەسىلەن، ئاپتۇر كىتابنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرنىڭ ئەسلى تىل، يوسۇن ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقى بىلەن مەدھىيەلىسە، ئاخىرقى مەزمۇنلاردا دېگەنلىرىنى بىر بىرلەپ ئىنكار قىلىپ ئەيىپلەپ چىقىدۇ. تارىخقا ئۇيغۇن ئەمەس، دېگىنىمىزدە ئاپتۇرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى، بولۇپمۇ قەشقەر ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ماكارتىنى خانىمنىڭ ئوخشاش دەۋرنى ئەكىس ئەتكۈزگەن «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» دېگەن كىتابىدىكى مەزمۇنلارغا زىت كېلىدۇ. بىر مىسال، ئاپتۇر قەشقەردە ئۈچتەن ئىككى پىرسەنت نوپۇسنىڭ تىلەمچىلىك قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ۋاھالەنكى، ماكارتىنى خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىنىڭ ھەققىنى يىمەيدىغان قولى گۈل ئەمگەكچىلەر ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى يازىدۇ. مەزكۇر كىتاپتا ئاقسۇ ھەققىدە توختىلىپ بىرمۇ ساۋادسىز كىشىنى ئۇچراتمىغانلىقىنى يازىدۇ. بۇمۇ تارىخقا ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ بۈيۈك تارىخچى موللا مۇسا سايرامى بۇ چاغدا ئاقسۇدا ياشاۋاتاتتى. ئۇنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» دېگەن كىتابى نوشرىۋان يائوشۇفنىڭ ئانا توپراقلىرىدىن بولغان قازان شەھرىدە 1905-نەشىر قىلىنغان ئىدى. كىتابىدا تارىخقا ئالاھىدە قىزىدىقىغانلىقىنى تەكىتلىگەن يائوشۇفنىڭ مەزكۇر كىتابنى ۋە ئاپتۇرىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ئەپسۇسلىنارلىق.

1930-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىكى كومۇنستىك روسسىيە تەسىرى ئالاھىدە كۈچلۈك بولدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى روس-سوۋېت تەسىرىدە شەكىللەندى ۋە كۈچلەندى. شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كومۇنىستىك ئىدولوگىيە بويىچە چۈشەندۈرۈلمەكتە. مەسىلەن زەللىلىنىڭ «دىھقان» ۋە «زاھىد»  دېگەن سۆزلەر تىلغا ئېلىنغان بىر شىئېرىغا «ئەمگەكچى خەلقنى مەدھىيەلەپ فىئۇدال دىندارلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرگەن» دەپ تەھلىل قىلىغان. بۇ يەردىكى «دېھقان» ئەسلى «يەر ئىگىسى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، كومۇنىستىك ھاكىمىيەت كەلگەندىن كېيىن «ئېزىلگۈچى ئەمگەكچى» لەرگە ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى دىھقانلارنى كۆرسەتمەيتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆپ ئۇچرايدىغان، تەسەۋۋۇپتا پۈتۈنلەي باشقا مەنە بىلدۈرىدىغان «مەي، قەدەھ، يار، ساقى» قاتارلىق سۆزلەرمۇ «دىنى بويۇنتۇرۇقلارغا قارشى ئىسيان» تەرىقىسىدە ئىزاھلانغان. بۇلارنى بىلمىسەك ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە «1923 – يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىككىنچى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە ئۈچ يىل تۇرۇپ، بىلىم تەھسىل قىلدى، يەنى 1919 – يىلى لېنىن رەھبەرلىكىدە موسكۋادا قۇرۇلغان «شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ 1921 – يىلى تەسىس قىلىنغان جۇڭگو سىنىپىدا ئوقۇدى» دېگەن رىۋايەتنىڭ توقۇلغانلىقىنى چۈشىنەلمەيمىز.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە توقۇلغان بۇ تارىخنىڭ راست يالغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىپ بۇنىڭ يالغانلىقىنى بىلدىم. بىرى شەرق كومۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ جوڭگۇ سىنىپىغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمىغان، يەنە بىرى 1923-يىلدىن 1926-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مەزكۇر ئۇنۋېرىستىتقا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمىغان. بۇ مەزگىللەردە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئورتا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن بولغان. بۇ ئويدۇرما ئېنىقلانغاندىن كېيىن مەمتىلى تەۋپىقنىڭ 1924-يىلى مەزكۇر ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇغانلىقىمۇ ساختىغا چىقىدۇ. بۇنداق ساختىلىقلار كومۇنىستىك ئىددىيەلەر بىلەن ئالاقىسىز بوۋىلىرىمىزنى قەستەن كومۇنىستلاشتۇرۇپ قۇيرۇق شىپاڭلىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى، پەلەسەپە تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا ئەجداتلىرىمىزنىڭ سىماسى ئاشۇنداق زامانغا ماسلاشتۇرۇشلاردىن خالى بولالمىغان. تېخى قەتلى قىلىغانلىقىغا يۈز يىلمۇ تولمىغان بوۋىلىرىمىزنىڭ يۈزلىرىگە داغ چۈشكەنۇ نەچچە يۈز يىل ۋە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزغا قانداق قارا سۈركەلگەندۇ! يۈز يىللىق داغنى ئادالىماي ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دەۋردە، بۇرۇنقىدىن نېمىنى كۈتىمىز.

يۈز يىل بۇرنقى ۋە ئىچىدىكى تارىخقا قارايدىغان بولساق ھازىر بىز دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلەلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەرنى بايقايمىز. مەسىلەن، تاجاۋۇزچى ماجوڭيىڭ دىيارىمىزنى بېسىۋېلىپ چىگراسى ئەرەبىستانغا تۇتاشقان بىر خەلىپىلىك قۇرماقچى بولغان. ئۇنىڭ مەقسىدى ئوسمانلى خەلىپىلىكىدىن كېيىن خەلىپىسىز قالغان ئۈممەتنى بىر بايراققا ئۇيۇشتۇرۇش ئىكەندۇق. شۇڭا ئەينى دەۋردە شىڭ شىسەي ئارمىيەسىنى تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتكەن ئارسلانلىرىمىز ماجوڭيىڭنىڭ يەڭلىرىگە «فى سەبىلۇللاھ» دەپ يېزىلىپ، «ئاللاھۇ ئەكبەر» توۋلاپ جەڭگە كىرگەن «مۇسۇلمان» قوشۇنلىرىغا تاقابىل تۇرالمىغان. قەشقەرنى ئالغان تۆمۈر ئېلى ماشىمىن قوشۇنى مەغلۇپ بولغان شىڭ شىسيەنىڭ قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ يېڭىشھەرگە بېكىنىۋالسىمۇ «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېنى تۆكمەيدۇ» دەپ بىتچىت قىلمىغان. ئەينى چاغدا يېڭىشەھەرگە قاپسىلىپ قالغان تۇڭگان قوشۇنلىرىنى توقسان نەچچە كۈن قورشاۋغا ئېلىپمۇ يېڭەلمىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي شۇ مۇسۇلمان قوشۇنى ماجوڭيىڭنىڭ كېلىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچلىنىپ پايىتەخت قەشقەرنى قانغا بويىغان. دەسلەپ تۈركىيەنىڭ يارىدىمىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلاردا ياپۇنىيەدە تۇرۇۋاتقان ئوسمانلى خەلىپىسنىڭ ئىنىسى ئابدۇلمەجىدخاننى قايتۇرۇپ كېلىپ خەلىپىلكنى قايتا تىكلەش پىكرى ئوتتۇرىغا چىققىنى ئۈچۈن مەدەتتىن مەھرۇم قالغان. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلىپىلىك ھەققىدىكى كەچۈرمىشىلىرى، خەلقئارالىق ھەرىكەتلەر جەريانىدىكى تەجرىبىلىرى، مىللىي مەۋجۇدلۇق ۋە مىللىي مەنپەئەت ھەققىدىكى ئېزىقىشلىرى بىر يەكۈنلەشكە مۇھتاج. تارىخنى ئەينەك دېيىشىدۇ بوۋىلىرىمىز، ئەمما ئەقلى خۇلاسە چىقىرلمىغان تارىخ مىللەتنىڭ ئالدىدىكى ئەينەك ئەمەس، مىللەتنىڭ كۈزىدىكى داغدۇر مەنچە.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (2)

  • ئالەبىلىم

    [ئەقلى خۇلاسە چىقىرلمىغان تارىخ مىللەتنىڭ ئالدىدىكى ئەينەك ئەمەس، مىللەتنىڭ كۈزىدىكى داغدۇر مەنچە] بۇ گەپ ناھايىتى توغرا بوپتۇ. بۇ بىر جۈملە سۆز مەن ئۈچۈن بىر كىتاپ ئوقۇغاندىن ئۈستۈن بولدى.

  • كەنجى

    گۈلەن سەۋىيەسىز ، سىز كىتاپ ئوقۇغان سەۋىيەلىك بولسىڭىز دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئىنكار قىلىپ باقمامسىز گۈلەننىڭ يازمىلىرىنى. گۈلەن يىپچى خوتۇن بولسا، سىز قايسى دانىشمەندەك گەپ قىلسىز كۆرۈپ باقايلى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top