ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » سىمىزلىك توغرىسىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ

سىمىزلىك توغرىسىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ

ObesityImage2016

مەمەت ئمىن

ھازىرقى زامان تىببى ئىلىمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن كىسەللىكلەر سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىمىز  كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە سىمىزلىك  سەۋەبىدىن كىلىپ چىقان كىسەللىكلەر كۆپلىگەن تىببى مۇتەخەسىسلەرنىڭ دىقىتىنى قوزغىماقتا. بىراق خەلقىمىز ئارىسىدا سىمىزلىكنى  تۇرمۇش باياشاتلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ سىمۇۋۇلى دەيدىغان قاراش يەنىلا مەۋجۇت. ئەمىلىيەتتە بولسا سىمىزلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان يۈرەك قان تومۇر كىىسەللىكلىرى، دىئابىت كىسىلى ۋە بەزى راك كىسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئەدەملەر ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.

تۆۋەندكى كىسەللىكلەر سىمىزلىك بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى ئىسپاتلانماقتا.

1. تاجىسىمان يۈرەك قان تومۇر كىسىلى

2.قىزىل قان تومۇر قىتىشىۋىلىش

3. يۇقۇرى قان بىسىمى

4. مىڭە قان تومۇر كىسىلى

5.دىئابىت كىسىلى

6. ئۆتتە تاش بولۇش قاتارلىق ئۆت كىسەللىكلىرى

7.مايلىق جىگەر كىسىلى

8. ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش

9. ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچراش

10سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى

11. ئاياللارنىڭ چوڭ ئۈچەي راكى

12. قىزىل ئۆڭكەچ راكى

13.بۆرەك راكى

ئۇندىن باشقا  <<يىڭى ئەنگىلىيە تىببى ژورنىلى>> نىڭ 2016 – يىلى 8- ئاينىڭ 25 – كۈندىكى سانىدا ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدە سىمىزلىك كىشىلەرنىڭ ئاشقازان، جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان، مىڭە، ئىلىك ۋە قالقانسىمان بەز راكى قاتارلىق 8 خىل راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى دوكىلات قىلىنغان. ئامرېكىدا سىمىز ئادەملەر تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاچقا، سىمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈرەك قان تومۇر كىسىلى ۋە راك كىسىلى ئامرېكىدا  بىرىنجى نومۇرلۇق قاتىل ھىساپلانماقتا.

ئۇنداقتا سىمىزلىكنىڭ ئولچىمى نېمە؟ بەدەن ئىغىرلىقىمىز قانچىلىك بولغاندا نورمالدىن ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ؟ ۋە قانداق ئەھۋالدا بىز سىمىز بولغان بولىمىز؟ كىشىلەرنىڭ بەدەن ئىغىرلىقى كىشىلەرنىڭ جىنسى پەرقى ۋە بويىنىڭ ئىگىزلىگى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئەرلەرنىڭ نورمال ئىغىرلىغى ئاياللارغا نىسبەتەن سەل ئىغىر بولىدۇ.

ھازىر بەدەن ئىغىرلىقىنىڭ نورمال  ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە  بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇسۇل بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى (BMI)  بولۇپ ، ئۇ بەدەن ئىغىلىقى (كىلو گىرام) نى بويىنىڭ ئىگىزلىگى (مىتىر) نىڭ كۇۋادىراتىغا بۆلۈش ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىلىدۇ.

بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچىسى 18.5 بىلەن 24.9 ئارىسىدا بولسا نورمال بولغان بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 25.0 بىلەن 29.9 ئارىسىدا بولسا بەدەن ئىغىرلىقى نورمالدىن سەل ئىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 30.0 بىلەن 34.9 ئارىلىقىدا بولسا يەڭگىل دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.
بەدەن ئغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى  35.0 بىلەن 39.9 ئارىلىقىدا بولسا ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.

بەدەن ئىغىرلىقى كۆرسەتكۈچىسى 40.0 دىن ئارتۇق بولسا ئىغىر دەرىجىدىكى سىمىزلىك (كىسىلى) ھىساپلىنىدۇ.
1

 دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2014 – يىللىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئىچىدە سىمىز كىشىلەر ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت كۇك ئارىلى دەپ ئاتالغان ئاۋۇستىرالىيەنىڭ يىنىدىكى بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى سىمىز كىشىلەرنىڭ نىسبىتى %50.8 يەتكەن. ئۇندىن باشقا پىلاۋ دىگەن دۆۋلەتتە سىمىزلەرنىڭ نىسبىتى %47.6 ئىكەن. سىمىز كىشىلەر ئەڭ ئاز  بولغان دۆلەت شەرىقى تىمور دەپ ئاتالغان ھىندونېزىيەنىڭ شەرىقىدىكى بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى سىمىز كىشىلەرنىڭ نىسبىتى %2.2 ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا شىمالى كورىيەدە سىمىز كىشىلەرمۇ بەك ئاز بولۇپ، ئاران %2.4 ئادەم سىمىز ھىساپلىنىدىكەن. تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەر ئىچىدە سىمىز كىشىلەر ئەڭ ئاز دۆلەت ياپۇنىيە بولۇپ، سىمىزلار  ئاران %3.3  نى ئىگەللەيدىكەن. ھەمىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ياپۇنلۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمىرى ئەڭ ئۇزۇندۇر.

2

ئادەتتە سىمىزلىك ئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ مىقدارى، ئاشقازاننىڭ يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلىشى، ئۈچەينىڭ تاماق تەركىۋىدىكى ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ئۈنىمى ۋە  بەدەننىڭ قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقنى ئىستىمال قىلىش (پارچىلاپ كۆيدۈرۈش) ئەھۋالىغا باغلىق. يەنە يىگەن تاماق قانچە كۆپ ۋە قۇۋۋەتلىك (يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك) بولسا، ئاشقازاننىڭ يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلىشى ۋە ئۈچەينىڭ  ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشى شۇنچە ياخشى بولسا، كۈندۈلۈك ھەركەت شۇنچە ئاز بولسا، ئادەم شۇنچە ئاسان سەمىرىدۇ، ئەكسىچە تاماق مۇۋاپىق بولسا، كۈندۈلىك ھەركەت يىتەرلىك بولسا، ئادەم ئاسان سەمىرمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ۋە ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇقنى  قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بىراق ئاشقازان ئۈچەينىڭ قانداق بولۇشى بىزنىڭ كونتۇرۇللۇقىمىزدا ئەمەس.

نورمالدا بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئاكىتىپ ھەركەت قىلىۋاتقان بىر ئادەم كۈنىگە 2000 ~2500 كىلو كالورى ئېنىرگىيەگە ئىھتىياجلىق بولۇپ، بىز بۇ ئىھتىياجلىق  بولغان ئىنىرگىيەنى ئاساسلىقى ماي، شىكەر ۋە ئاقسىل قاتارلىق ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئىرىشىمىز. بۇ يەردە دىيىلگەن ماي، ھايۋان ۋە ئوسۈملۈك مىيىدىن باشقا ماي تەركىۋى بار بارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. شىكەر  بولسا، شىكەر تەركىۋى بار بولغان كاربون سۇ بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقان بارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاقسىل بولسا، تەركىۋىدە ئاقسىل بولغان ھايۋان، ئۇچار قۇش، سۇ ۋە دىڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۆشى، تۇخۇم، سۈت ۋە پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەگەر بىز كۈندە ئىستىمال قىلغان يۇقىرىدكى يىمەك – ئىچمەك بىزنى بەدەن ئىھتىياجىدىن ئارتۇق ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىسە، ئارتۇق ئىنىرگىيە بەدەندە مايغا ئايلىنىپ ساقلىنىدۇ، نەتىجىدە بىز سەمىرىمىز ۋە بەدەن ئېغىرلىقىمىز ئىشىپ بارىدۇ. شۇڭا بەدەن قوبۇل قىلغان ئىنىرگىيەنى كونترۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئارتۇق ئىنىرگىيەنى ھەركەت قىلىش ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ تاشلاش، بەدەن ئىغىرلىقىمىزنى نورمال كونترۇل قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئىلمى ئۇسۇلىدۇر.

بىزنىڭ ئادەتتە نىمىگە پەرىز  تۇتۇشىمىز مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىز ئىستىمال قىلىغان ھەرقانداق يىمەك ئىچمەكلىكنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى مۇۋاپىق كونتۇرۇل قىلىش، ۋە بەدىنىمىز ئىرىشمەكچى بولغان ئىنىرگىيە مىقدارىنى بەدىنىمزنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىھتىياجىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكتۇر.  بىزنى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇقلار يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك شىكەر (كاربون سۇ بىرىكمىسى)، ماي ۋە ئاقسىل بولۇپ، 1 گىرام ماي ۋە سىمىز گوش بىزنى تەخمىنەن 9  كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، 1 گىرام ئورۇق گوش، شىكەر  بىزنى 4 كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1 گىرام تاتلىق بولمىغان سەي كوكتاتلار  بىزنى 2  كىلو كالورى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا بىز بىر كۈندە تەخمىنەن 50 گىرام ماي ۋە ياكى سىمىز گۆش (450 كىلو كالورى)، 300 گىرام ئۇن ۋە گۈرۈچ تاماقلىرى (1200 كىلو كالورى)، 300 گىرام سەي كۆكتات (600 كىلو كالورى)  ئىستىمال قىلساق،  ئۇلار بىزنى جەمى 2250 كىلو كالورى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمەكچىمەنكى فىزىئولوگىيەلىك ئىھتىياجدىن ئېيىتقاندا  بىز بىر كۈندە پەقەت شۇنچىلىكلا يىمەكلىككە ئىھتىياجلىق.  بىراق ئەمىلىيەتتە بىز بىر كۈندە بۇنىڭدىن خىلى كۆپ يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىمىز، ئەگەر بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىككە چۇشلۇق ھەركەت قىلمىساق بەدەن ئىغىرلىقىمىز  بىز  سېزىپ سەزمەيلا ئېشىپ بارىدۇ.

ئۇنداقتا بىز قانداق قىلغاندا سىمىزلىكتىن ساقلىنىپ،  بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى مۇۋاپىق كونترۇل قىلىپ، جىسمانى جەھەتتە ساغلام ياشاش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز؟

بەدەن ئىغىرلىقىنى ئەڭ مۇۋاپىق كونترۇل قىلىش ۋە ياكى ئورۇقلاشنىڭ  ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئاكىتىپ،  تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، ۋە ئەڭ ساغلام بولغان ئۇسۇلى ئىستىمال قىلغان يىمەكلىك مىقدارنى مۇۋاپىق كونترۇل قىلىش  بىلەن  بىرگە كۈندۈلىك ھەرىكەتنى كۆپەيتىش، ئەگەر بۇلار ئۈنۈم بەرمىسە،  قوللۇنىدىغان ئەڭ پاسسىپ ئۇسۇل ھەر خىل ئورۇقلۇتۇش دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئوپىراتسىيە قىلىپ، بەدەندىكى ئارتۇق مايلارنى كىسىپ تاشلاش بىلەن بىرگە، ئاشقازاننىڭ بىر قىسمىنى كىسىپ كىچىكلىتىشتۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلەنگەن نۇرغۇن خاتا كۆز  قارىشىمىزنى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز  كىرەك؛ مەسىلەن “ياخشى تاماق ئىشىپ قالغۇچە، يامان قوساق ئېتىلىپ كەتسۇن” دىگەندەك قاراشلارنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك. ئەگەر ياخشى تاماقنى ئېشىپ قالمىسۇن دىسەك، ئىھتىياجىمىزغا ۋە ياكى يەپ بولىشىمىزغا قاراپ بۇيرۇتساق بولىدۇ.  بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكەن ۋە ياكى ئورۇقلىغان كىشىلەرنى كورگەندە، “ۋاي جۈدەپ كېتىپسەنغۇ” دىيىشنىڭ ئورنىغا “شۇنداق ساغلام كۆرۇنىسەن” دىيىشكە ئادەتلىنىشىمىز كىرەك.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش