ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا زۆرۈر بولغان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا زۆرۈر بولغان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى

54c3435ae1ea5

ئابدۇرېھىم زۇنۇن

يېزىق مەسىلىسىدە تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇنى توغرا ئىشلىتەلمىگەندە، ئۇقۇملار ئارىلىشىپ كېتىپ، ماقالە – ئەسەرلەرنى بىر ئوقۇش بىلەن ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايدۇ. شۇڭا، يازما نۇتۇقتا تىنىش بەلگىرىنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ…

تۆۋەندىكى لەتىپىگە قاراڭ:

فرانسىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى تېئودور فونتانى بېرلىندا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلاردا، بىر ياشنىڭ ژۇرنالغا ئەۋەتكەن بىر نەچچە كۇپلېت شېئىرىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. شېئىر تولىمۇ ناچار يېزىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنىش بەلگىلىرىمۇ قويۇلمىغانىكەن. بۇ ياش ئۆز خېتىدە: «مېنىڭ تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئەزەلدىن خۇشۇم يوق ئىدى، تىنىش بەلگىلىرىنى سىز قويۇپ قويسىڭىز!» ـ دەپ يازىدۇ.

تېئودور فونتانى ھېلىقى ياشقا شېئىرنى تېزلا قايتۇرىۋېتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يازغان جاۋاب خېتىدە: «سىز بۇنىڭدىن كېيىن تىنىش بەلگىلىرىنىلا ئەۋەتىپ بېرىڭ، شېئىرنى مەن يېزىپ قوياي»، ـ دەيدۇ.

مەن تۆۋەندە 2009- يىلى تۈزۈپ چىققان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن سەرخىل دەرسلىك) نامىلىق كىتابنىڭ تىنىش بەلگىلىرىگە ئائىت مەزمۇنلىرىنى يوللاپ قويدۇم. كەڭ تورداش دوستلارنىڭ ئىجادىي پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېلېفون: 2512377

1. تىنىش بەلگىلىرى ھەققىدە  ئومۇمىي چۈشەنچە

يېزىق تىلىدا ئوي-پىكىرنى توغرا ۋە ئېنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر تىنىش بەلگىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ «تىنىش» سۆزىگە «بەلگە» سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئەدەبىي يېزىق تىلىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى باشقا تىللاردىكى تىنىش بەلگىلىرىگە ئوخشاش ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان شەكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش، قېلىپلىشىش ۋە بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتى. ئۇ بىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن مەدەنىي مىراسلىرىمىزدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر يېزىقىدا دۇنيادىكى باشقا تاۋۇشلۇق يېزىقلاردا قوللىنىلىدىغان بەلگىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان 12 خىل تىنىش بەلگىسى تىلىمىزنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.

2. تىنىش بەلگىسىنى بەلگىلەشتىكى پىرىنسىپلار

تىنىش بەلگىسى ئومۇمەن يازما نۇتۇقتىكى تىنىش ۋە توختاشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگىلەردىن ئىبارەت. لېكىن، تىنىش بەلگىسىنى يازما نۇتۇقتىكى تىنغان ۋە توختىغان ئورۇنغا قويۇلىدىغان بەلگە، دەپ قاراش تازا يېتەرلىك بولمايدۇ.چۈنكى، جانلىق تىلدا تىنىش بولمىغان ئورۇنلاردىمۇ جۈملە قۇرۇلمىسى ۋە مەنە زۆرۈرىيىتىدىن تىنىش بەلگىسى زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، تىنىش بەلگىسىنى قوللىنىشتا تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يازما نۇتۇقنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنى قوللىنىش قائىدىلىرىنى بەلگىلەپ چىقىشتا مۇئەييەن پىرىنسىپ بولۇشى كېرەك. تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئومۇمەن تۆۋەندىكى پىرىنسىپلار قوللىنىلىدۇ:

1. قۇرۇلما پىرىنسىپى. بۇ پىرىنسىپ مەلۇم بىر تىنىش بەلگىسىنىڭ قويۇلۇش – قويۇلماسلىقىنى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەلگىلەش دېگەندىن ئىبارەت. يەنى جانلىق تىلدىكى تىنىشنىڭ قۇرۇلما بىلەن مەنە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنىڭ بار – يوقلىقىغا قاراپ بەلگىلەش پىرىنسىپىدۇر. مەسىلەن، جۈملىدىكى تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئەڭ ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش «؛» قويۇش، ئۇنىڭدىن تۆۋەن تەركىبلەر ئارىسىغا پەش «،» قويۇش؛ كۆچۈرمە جۈملىلەر بىلەن ئاپتور سۆزىنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىش، گۇمان، ئىزاھ، شەرھ سۈپىتىدە ئېيتىلغان تەركىبلەرنى تىرناق ئىچىگە ئېلىش، مۇستەقىل تەركىبلەرنى پەش بىلەن ئايرىش قاتارلىق قائىدىلەر ئومۇمەن قۇرۇلما پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىلگەن.

2. مەنە پىرىنسىپى. بۇ پىرىنسىپ مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ياكى مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدا كەلگەن ئايرىم سۆز- ئىبارىلەرنىڭ مەنە، رولى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇشقا قارىتىلغان. مەسىلەن، جۈملىلەرنىڭ بايان، سوئال، ئۈندەش ۋە چاقىرىق مەنىسىدە ئېيتىلىشى، ئايرىم سۆزلەرنىڭ ئەسلىي لېكسىكىلىق مەنىدە ئەمەس، كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىشى ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ئالدىنقىلىرىغا چېكىت، سوراق، ئۈندەش بەلگىلىرىنى قوللىنىش، كېيىنكىسىگە قوش تىرناق قوللىنىش قاتارلىقلار.

3. ئىنتوناتسىيە پىرىنسىپى. بۇ پىرىنسىپ ئوخشاش بىر قۇرۇلمىدىكى، ئوخشاش بىر تۈزۈلۈشتىكى جۈملىنىڭ جانلىق تىلدىكى ئىنتوناتسىيە ئۆزگىرىشىنى يېزىقتا تىنىش بەلگىسى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈش دېگەندىن ئىبارەت. مەسىلەن، بىرخىل جۈملىنى ئوخشىمىغان پىكىر شارائىتىگە قويۇپ، ئوخشىمىغان مەزمۇننى ئىپادە قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى بايان جۈملىنى سوراق جۈملىگە، سوراق جۈملىنى ئۈندەش ياكى بۇيرۇق جۈملىگە ئۆزگەرتىپ يېزىش ئىنتوناتسىيە پىرىنسىپى بويىچە بەلگىلەنگەن.

3. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى

كىشىلىك جەمئىيىتىدە پىكىرلىشىشنىڭ ۋاسىتىسى بولغان تىلنىڭ ئىككى خىل ئىپادە شەكلى بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى، جانلىق تىل (ئېغىز تىلى)، يەنە بىرى، يېزىق تىلى. تىلنىڭ بۇ ئىككى خىل ئىپادە شەكلىنىڭ رولى، خىزمىتى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن قوللىنىش شارائىتى ۋە دائىرىسى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىشلىتىش ئورۇنلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ.

جانلىق تىلدا جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى شۇ سۆزلەرنىڭ ئايرىم ھالدا ئىشلىتىلىشىگە قارىغاندا بىر مۇنچە ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ، يەنى جانلىق تىلدا جۈملىدىكى سۆزلەر ئۇرغۇ، ئىنتوناتسىيە، پائۇزا ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئېيتماقچى بولغان ئوي-پىكىرلەر چۈشىنىشلىك، تەسىرلىك ئىپادىلىنىدۇ. جانلىق تىلدا ئۇرغۇسىز، ئىنتوناتسىيەىسىز ۋە پائۇزىسىز سۆز ۋە جۈملىلەر چۈشىنىكسىز، زېرىكەرلىك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، ئېغىز تىلىدىكى جۈملىلەر ئۆزىگە خاس ئىنتوناتسىيە، پائۇزا ۋە ئۇرغۇغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تەسىرلىك، چۈشىنىشلىك بولۇپ ئاڭلىنىدۇ. يېزىق تىلىدا بۇخىل خۇسۇسىيەتلەر تۈرلۈك تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئېغىزتىلىدا يۇقىرىقى ئالامەتلەرسىز نۇتۇق يۈرگۈزۈلسە، بۇ خىل نۇتۇقنىڭ تەسىرسىز، چۈشىنىكسىز، ئۈنۈمسىز بولۇپ قالىدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال. مەسىلەن:

ئۇ توغاچشاپتۇل يېدى.

ئۇ توغاچ، شاپتۇل يېدى.

تىنىش بەلگىلىرى ئوي – پىكىرنى توغرا، ئېنىق، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەشتە، جۈملە ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەزمۇن ھەم شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، يېزىقى مەلۇم دەرىجىدە قېلىپلاشقان بىزگە ئوخشاش مىللەتلەر ئۆزىنىڭ يېزىق تىلىدا تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىشنىڭ بەلگىلىك قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق قائىدە – قانۇنىيەتلەر ئاساسىدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان تىنىش بەلگىلىرى قوللىنىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تىنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشتە يەنىلا بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بۇ تىل تەتقىقاتىدىكى نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش قائىدىلىرى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىكى جۈملە، جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، مەزمۇنى، شۇنىڭدەك جانلىق تىلدىكى ئۇرغۇ، پائۇزا، ئىنتوناتسىيە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلماي ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە ئىش تۇتىدىغان بولسا، يېزىق تىلىدا قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، بىرەر جۈملىدە كەلگەن تىنىش بەلگىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان بولساق، جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ، سىنتاكسىسلىق ۋەزىپىلىرىدىمۇ، جۈملىنىڭ مەزمۇنىدىمۇتۈپلۈك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن:

ئوقۇتقۇچى ئابدۇللا (جۈملە ئاخىرلاشمىدى ـ سىنتاكسىسلىق بىرىكمە بولدى).

ئابدۇللا ـ ئوقۇتقۇچى (بۇئىگە -خەۋەرلىك مۇناسىۋەتتىكى ئاياغلاشقان جۈملە).

دېمەك، تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش، بىرەر شەخس ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن دېرەك بېرىدىغان ئاساسىي بەلگىلەرنىڭ بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تىلىمىزنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا، گىرامماتىكا ۋە ئىستىلىستىكىسىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش بىلەن ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش قانچىلىك زۆرۈر بولسا، تىل قائىدىلىرىمىزنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ بىرى بولغان تىنىش بەلگىلىرىنى پۇختا بىلىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش ھېسابلىنىدۇ.

تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش قائىدىلىرى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىكى جۈملە ۋە جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى، مەزمۇنىنى، شۇنىڭدەك، ئېغىز تىلىدىكى ئىنتوناتسىيە، پائۇزا،ئۇرغۇ ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساس قىلىش لازىم. مانا بۇ، تىنىش بەلگىلىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى قوللىنىشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ھەم تۈپ پىرىنسىپتۇر.

4. تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش قائىدىلىرى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. چېكىت (.)، 2. سوئال بەلگىسى (؟)، 3. ئۈندەش بەلگىسى (!)، 4. پەش (،)، 5. چېكىتلىك پەش (؛)، 6. قوش چېكىت (:)، 7. قوش تىرناق («»)، 8. يالاڭ تىرناق (‹ ›)، 9. تىرناق ( ( ) )، 10. سىزىقچە (-)،  11. سىزىق (ــ)، 12. كۆپ چېكىت (…) يۇقىرقىلاردىن باشقا چوڭ تىرناق ([ ]) ۋە قوش پەش  قاتارلىقلارمۇ بولۇپ، تۆۋەندە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان ۋە بىرقەدەر ئومۇملاشقان تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈستىدە توختىلىمىز:

چېكىت (.) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. ئاياغلاشقان مەلۇم بىر ئوي – پىكىرنى بىلدۈرىدىغان بايان جۈملىلەر (ئاددىي ۋە قوشما جۈملىلەر)نىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

بۇ كىتابنى ئابدۇرېھىمدىن ئارىيەت ئالدىم.

ساۋاقداشلار، بۈگۈن كەچتە ھەممىمىز چوڭ زالغا يىغىنغا باردىكەنمىز.

شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز لازىمكى، كوممۇنىزم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

2. سىلىق (تۆۋەن) ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان ئۈندەش ۋە بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

بارلىق كۈچ – قۇۋۋىتىمىز ۋە ئەقىل- پاراسىتىمىزنى ئۆگىنىشكە قارىتايلى.

بۇيرۇق دەرھال ئىجرا قىلىنسۇن. رەيھانگۈلنى دەرھال چاقىرىپ كەل.

3. رەت – تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئوبراز تۆۋەندىكىچە:

1. قايتا كۆرسىتىش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز؛

2. لىرىك ھېسسياتنى ئىپادىلەش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز؛

3. تىپىك ئوبراز؛

4. سىمۋوللۇق ئوبراز.

4. قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ك. ماركس

ۋ. ئى. لېنىن

ت. ئېلىيېف

ل. مۇتەللىپ

ئا. ت. ئۆتكۈر

5. يىل، ئاي ۋە كۈن رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

27. 3. 2009

6. ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا، سائەت بىلەن مىنۇت تەڭ كۆرسىتىلگەندە، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)،2.9 (ئىككى پۈتۈن ئوندىن توققۇز)

سائەت 3.50 (سائەت ئۈچتىن ئەللىك مىنۇت ئۆتكەندە)

سوئال بەلگىسى (؟) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. بىرلا ئوي – پىكىرنى بىلدۈرىدىغان ھەر خىل سوئال جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئىشىك چەككەن كىم؟

قاچان كەلدىڭىز؟

بۇ ئىشنى كىملەر قىلدىڭلار؟

كىنوغا بارامسەن، بارمامسەن؟

2. ئارقا- ئارقىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. ئالدىنقىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىزدە قۇربان قىلغىلى بولمايدىغان يەنە قانداق شەخسىي مەنپەئەت بولسۇن، ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان يەنە قانداق خاتالىق بولسۇن؟

بۇ ئىشنى سەن ئۇقامسەن،ئۇقمامسەن؟

سىز بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسىمۇ، ئەمەسمۇ؟

3. جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ياكى ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى (؟) كۆپەيتتىم.

شۇ چاغدا ئۇلار پېتىنىپ (تىترىشىپ؟) ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن باردى.

سەلەي چاققان (1905 ــ؟) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.

ئۈندەش بەلگىسى (!) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. ھەرخىل شەكىلدىكى ئۈندەش جۈملىلەر ۋە كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

خۇداغا ئامانەت، بالام!

ياشىسۇن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى!

بۇ ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاڭ! (بۇيرۇق)

ياشىسۇن ياشلىق!

بۈگۈن بۇ ئىشنى چوقۇم پۈتتۈرۈشىڭ كېرەك!

خالايىق! ئاڭلىمىدىم، ئىشتمىدىم دېمەڭلار! ھەربىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن!     (ئۈندەش، بۇيرۇق)

2. ئۈندەش ئاھاڭدا ئېيتىلغان ئۈندەش سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

توۋا! بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ؟

بالام! خۇداغا ئامانەت!

يولداشلار! غەيرەت قىلىڭلار!

بەزى جۈملىلەر بىرلا ۋاقىتتا سوئال ھەم ئۈندەش مەزمۇنىدا كېلىشى مۇمكىن. مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا سوئال بەلگىسى بىلەن ئۈندەش بەلگىسى قاتار قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

مېنىڭ ئېتىممۇ توختى، ئايىغىم يەرگە تەگكەندىن تارتىپ ساڭا ھەقسىز ئىشلەۋاتىمەن، زادى قايسىمىز قەرزدار؟!

شەرۋان: ھوي، سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟!

پەش (،) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

پەش ـ تىلىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەلگە بولۇپ، جۈملە بىلەن جۈملىنىڭ، سۆز بىلەن سۆزنىڭ، جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:

1. مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئۇلۇغ ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان پارتىيە ئەگەر ئىنقىلابىي نەزەرىيىگە ئىگە بولمىسا، تارىخ بىلىمىگە ئىگە بولمىسا، غەلىبە قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

سالى ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل دېھقان بولغاچقا، جامى قانچىلىك يۈزسىزلىك قىلسىمۇ، چىش يېرىپ بىر نېمە دېمىدى.

ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى،تال – تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ماسلاشقانىدى.

كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس.

2. جۈملىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز سەنئەتكارلىرىمىز، پەن-تېخنىكا خادىملىرىمىز، پىروفېسسورلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، خەلقنى تەربىيىلەۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەۋاتىدۇ.

ئابدۇللا سۇلايمان ھەم شائىر، ھەم تەتقىقاتچى.

مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

3. بىر خىل بۆلەكلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن باغلىغۇچىلار تەكرارلانسا، تەكرارلانغان باغلىغۇچىنىڭ ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

مەن بۇ پۇلغا يا كىتاب، يا دەپتەر ئالىمەن.

مەن بۇ يىل ھەم شېئىر يېزىشتا، ھەم تەتقىقات تېمامنى تاماملاشتا، ھەم باشقا ئىشلىرىمدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم.

4. «مۇ» ئۇلانمىسى بىلەن تەكرارلىنىپ كەلگەن بىر خىل بۆلەكلەردىن كېيىنمۇ پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئادىل تىلدىنمۇ، ئەدەبىياتتىنمۇ، تارىختىنمۇ، سىياسەتتىنمۇ يۇقىرى نومۇر ئالدى.

5. باغلىغۇچىلارسىز باغلىنىپ كەلگەن ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئوقۇتقۇچىمىز سۆزلىدى، بىز خاتىرلىدۇق.

ھاۋا تۇتۇلدى، يامغۇر ياغمىدى.

6. «لېكىن، ئەمما، بىراق» قاتارلىق قارىمۇقارشى باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانغان قوشما جۈملىلەردىكى ئاددىي جۈملىلەرنى ئاجرىتىش ئۈچۈن يۇقىرىقى باغلىغۇچىلاردىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ھاۋا تۇتۇلدى، چاقماق چاقتى، ئەمما يامغۇر ياغمىدى.

بۈگۈن ھەممىمىز باغ سەيلىسىگە چىقتۇق، بىراق ئابدۇرۇسۇل چىقمىدى.

باھار كەلدى، لېكىن ھاۋا ئىسسىمىدى.

مەن ئۇنى كۆردۈم، ئەمما ئۇ مېنى كۆرمىدى.

7. «دە» ئۇلانمىسى بىلەن باغلانغان جۈملىلەردە شۇ ئۇلانمىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ھاۋا ئۇشتۇمتۇت تۇتۇلدى- دە، يامغۇر قۇيۇۋەتتى.

ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىردى- دە، ئاچچىقلاپلا كەتتى.

8. جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى بولمىغان تەركىب ــ قاراتما سۆز، ياكى قىستۇرما سۆز جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە، كەينىدىن، ئوتتۇرىسىدا كەلسە، ئىككى تەرىپىدىن، ئاخىرىدا كەلسە، ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

قەدىرلىك يولداشلار، ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قايتىۋاتقان جەڭچىلىرىمىز كېچە دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

كۆچەت تىكىش ھەرىكىتىگە، يولداشلار، تولۇق قاتنىشايلى.

نەگە باردىڭ، ياقۇپ؟

ياخشى ئۆگىنىڭلار، بالىلار.

ئەلۋەتتە، بىز ئىجتىھات بىلەن ئوقۇۋاتىمىز.

سەمەت، شۈبھىسىز، ھەممە پەندە يۇقىرى نومۇر ئالالايدۇ.

سەپەرقۇلنىڭ ساناق نۆۋىتى، نېمىشقىدۇر، ھەممىدىن كېيىنكى رەتكە قويۇلغانىدى.

بۈگۈن يولغا چىقىمىز، ئېھتىمال.

9. جۈملە تەركىبىدىكى ئىملىق ـ ئۈندەش سۆزلەر پەش ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئەتتىگىنەي، ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەي قالدىم.

ئاھ، ئىچىمگە ئوت كەتتى، ۋايجان، بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.

پاھ، نېمىدېگەن چىرايلىق قىزلار بۇ.

ئاپلا، بۇ يولدا ماڭمىسام بولغانىكەن.

10. كۆپ خانىلىق ساناق ساننى خانىلارغا ئايرىغاندا ھەربىر گۇرۇپپا خانىلارنىڭ ئارىسىغا ئوڭ پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1, 324, 643    23, 5665 جىڭ   589 4 ,  يۈەن

چېكىتلىك پەش (؛) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

ئاددىي تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن، مۇرەككەپ تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

كىمكى چېلىشىپ مېنى يېڭەلىسە، شۇ كىشىگە قىزىمنى بېرىمەن؛ ئەگەر يېڭەلمىسە، جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن.

ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى سۈكۈت ۋە مەينەت تۆت تام؛ پۇرايدىغىنى ئاچچىق تاماكا بىلەن قاڭسىق زەي؛ ھۇزۇرلىنىدىغىنى كىتاب ۋە ئەركىن خىيال ئىدى.

تامدا ئۆسكەن قومۇشنىڭ بېشى ئېغىر، تۈۋى ئاجىز، يىلتىزى تېيىز بولىدۇ؛ تاغدا ئۆسكەن بامبۇك نوتىسىنىڭ ئۇچى ئۇچلۇق، پوستى قېلىن، ئىچى كاۋاك بولىدۇ.

قوش چېكىت (:) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

قوش چېكىت ئاساسەن بايان بەلگىسى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:

1. ئومۇملاشتۇرغۇچى تەركىپلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

بىزنىڭ يېزىدا تېرىلىدىغان زىرائەتلەر: بۇغداي، قوناق، زىغىر، قىچا، قوغۇن- تاۋۇزدىن ئىبارەت.

مەكتەپنىڭ بېغىدا ھەرخىل مېۋىلەر: ئالما، ئۆرۈك، شاپتۇل، گىلاس، ئۈزۈم ۋە ئەنجۈرلەر بار.

ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككىلا يول قالغانىدى: بىرى، ئۆلۈش؛ يەنە بىرى، ھېلىقى شەھەرلىك تەمبۇرچى يىگىتنى ئىزدەپ-سوراپ تېپىش.

2. كۆچۈرمە جۈملىنىڭ ئالدىدا كەلگەن ئاپتور سۆزىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

يولداش ماۋزېدۇڭ: «كۆپ، تېز، تېجەشلىك ئىشلەپ سوتسىيالىزم قۇرۇڭلار» دېگەنىدى.

كونىلارنىڭ: «خەت ـ يېرىم دىدار» دېگىنى راست ئىكەن.

3. ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

…ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە:

ھۆرمەتلىك Ⅹ Ⅹ Ⅹ ئەپەندىم:

سىزنى ئەتە كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە چايغا تەكلىپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: Ⅹ Ⅹ Ⅹ  (يىل، ئاي، كۈن)

قوش تىرناق («») ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. ئاپتور سۆزىنىڭ ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە كۆچۈرمە سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

مۇئەللىم بىزگە: «بىلمىگەننى پەقەت بىلدىم دېمەڭلار، بىلسەڭلارمۇ مەن بىلىمەن، دەپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتماڭلار، ھەر دائىم كەمتەر بۇلۇڭلار» دەيدۇ.

«ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك ئىش بولدى.

يولداش ماۋزېدۇڭ: «سۈپۈرگە تەگمىگىچە ئەخلەت ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ» دەپ تەلىم بېرىدۇ.

ئاسىيەم نېمىشقىدۇر چوغدەك قىزاردى-دە، «ئادىل ئاكا، مۇئەللىم» دېيىشتىن باشقا گەپ قىلالماي قالدى.

2. بىرەر سۆزنى ئاتاپ كۆرسەتكەندە ياكى بىرەر سۆز ئەسلىي مەنىسىدە ئىشلىتىلمەي كۆچۈرمە مەنىسىدە ئىشلىتىلگەندە بۇنداق سۆز قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

پەقەت «سۇ» سۆزىگىلا 3- شەخستە «سى» قوشۇلماي، «يى» قوشۇلىدۇ.

ئەكبەر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئوۋچى» دەپ لەقەم قويۇپ قويۇشقانىدى.

ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەن بايۋەچچە «قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر» دېگەندەك، جامائەتكە ھۆركىرىگەندىن كېيىن يانداقچىلىرىغا «تەييار بولۇش» دېگەن مەنىدە قاراپ قويدى.

ياسىن ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ كامېردا يېتىۋاتقان: «پېشقەدەم» مەھبۇسلارنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدى.

3. جۈملە ئىچىدە كەلگەن كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلەرنىڭ ناملىرى، ئىدارە ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ناملىرى، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ناملىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

ياسىن زىلال «تارىم» ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ.

بۇ مىساللار ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ شېئىرلار توپلىمى «يانتاق»تىن ئېلىندى.

مەن «شىنجاڭ گېزىتى»گە مۇشتەرى بولدۇم.

بۇ قېتىمقى قۇرۇ*تايدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللاندى.

مەكتەپ پارتكومى «مەكتەپ باشقۇرۇش ھەيئىتى» قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

مەكتىپىمىزدە «12-دېكابىر ھەرىكىتى»نى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى.

بۈگۈن «8- مارت»نى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئولتۇرۇش قىلدۇق.

يالاڭ تىرناق (‹›) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىكرەك بولغان تىنىش بەلگىسى، ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:

1. قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان كۆچۈرمە جۈملىلەرنىڭ ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

«توۋا، ـ دەپ ئويلىدى زەرىپىخان سۇغا قاراپ ئولتۇرۇپ، ـ جاھاننىڭ ھەممە غېمىنى مەنلا يىغىۋالغان ئوخشايمەن. ئانام رەھمىتى: ‹بايلارنىڭ خوتۇنلىرى يالغان كۈلىدۇ› دەيدىغان، راست ئوخشايدۇ. ئېچىلاي دېسەم، يىغا يامىشىپلا تۇرىدۇ. كۈلۈمسىرەي دېسەم، كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىيدۇ…»

2. قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ماقالە، ئەسەر ناملىرى ئىچىدە يەنە كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ماقالە، ئەسەر ناملىرى كەلسە، ئۇلار يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

«نۇتۇق» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئەللىك يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى»دە يولداش قېيۇم تۇردىنىڭ «‹يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق›نى ئۆگىنىشتىن ئالغان تەسىراتىم» ناملىق ماقالىسى بېسىلدى.

«تۇرغۇن، ساڭا ئاپىرىن ئېيتىمەن، دوستۇم! ‹شىنجاڭ گېزىتى›نىڭ يېقىنقى ‹ئەدەبىيات گۈلزارى› سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە شېئىرىڭ ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ يېزىپسەن!…»

تىرناق ( )))ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. جۈملە ئىچىدە ئىزاھلاش، تولۇقلاش مەنىسىدە ۋە يەشمە خاراكتېرىدە كەلگەن جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئۇ بىزنىڭ ئۆينى (بۇرۇن كەلمىگەن بولسىمۇ) تېنىمەي تېپىپ كەپتۇ.

مېنىڭ ئۈچ گېكتار (بىرگېكتار 15 موغا تەڭ) يېرىم بار.

بۈگۈنكى يىغىنغا (كېسەللەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا) ھەممەيلەن تولۇق قاتناشتى.

بۇرھان ئەپەندىم (جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى) كېسەل بولۇپ، 94 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.

2. ئەسەرلەردە بىرەر كىشىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنى، بىرەر تارىخىي ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن، تاماملانغان ۋاقتىنى ئەسكەرتىپ كۆرسەتكەندە تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

ل. مۇتەللىپ (1922 ـ 1945) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى.

چىڭ خاندانلىقى (1644 ـ 1911) جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خاندانلىق ھېسابلىنىدۇ.

3. نەقىل كەلتۈرۈلگەن مىسالنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

ـ توغرا ئېيتتىڭ ئاكا، بىزدە نېمە ئامال بولسۇن؟

(ئايشەم ئەخمەت: «ئۆچمەس ئىزلار»دىن)

«ئانىجان تۇغقان ئېلىم جۇڭگو ئۇنىڭ پەرزەنتىمەن،

رىشتىگە جىسمىم بىلەن، ئىشقىم بىلەن پەيۋەندىمەن.»

(تېيىپجان ئېلىيېف: «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»دىن)

4. ھەر قانداق ئىزاھ، چۈشەندۈرمە ۋە تولۇقلىما تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى (1985- يىل 4- ئاينىڭ  10- كۈنى 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان.)

(نيۇتوننىڭ ئىككىچى قانۇنى)

(ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قانۇنى)

(ئىككىدىن بىر)

5. رەت تەرتىپنىبى لدۈرىدىغان بىرقانچە سانلار ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ -كىچىكلىكىنى پەرقلەندۈرۈش لازىم تېپىلغاندا، چوڭ ماۋزۇ ئىچىدىكى كىچىك ماۋزۇنىڭ رەت -تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان سانلار تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1. شىنجاڭدا بېقىلىدىغان ئاساسلىق ئۆي ھايۋانلىرى:

(1) كالا

(2) قوي

(3) ئۆچكە

(4) ئات

(5) ئېشەك…

سىزىقچە (-) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئورۇق-سېمىز، ئىسسىق-سوغۇق،خۇشال-خۇرام، ئېگىز-پاكار، يېتىپ-قوپۇش، ئۇزۇن-قىسقا، ھايت-ھۇيت، كىر-كىر…

2. رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن دەرىجە سانلاردىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

مېنىڭ ئىككىنچى ئوغلۇم 7- سىنىپتا ئوقۇيدۇ.

پىروفېسسور ئابدۇللا سۇلايمان 1952- يىلى چىرا ناھيەسىدە تۇغۇلغان.

3. سۆزلەرگە ئۇلىنىپ كەلگەن «ھە، دە، يا» ئۇلانمىلىرىنىڭ ئالدىدىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

پاھ، نېمىدېگەن گۈزەل جاي بۇ- ھە!

تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ – دە، ئاداش.

يېقىندىن بېرى كەيپىياتىڭ ناھايىتى ناچار تۇرىدۇ، بىرەر خاپىلىق تارتىپ قالدىڭمۇ- يا؟

4. كۆپ بوغۇملۇق سۆزنىڭ قۇر ئاخىرىغا سىغماي قالغان قىسمىنى بۆلۈپ ئىككىنچى قۇرغا كۆچۈرگەندە بۆلۈنگەن بوغۇمدىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

…ئۆگىنى-

شىمىز…

مەكتەپلەر –

گە …

5. سۆز ياكى قوشۇمچە ئۇلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلىنىڭ ئارقىسىدىن، ئالدى قوشۇلغۇچىنىڭ ئارقىسىدىن، ئارقا قوشۇمچىسىنىڭ ئالدىدىن سىزىقچ ەقويۇلىدۇ. مەسىلەن:

قانسېرا-قانسېرىماق، نا – نائەھلى، بى – بىئەدەپ، -داش  ساۋاقداش، -چى ئوقۇغۇچى

سىزىق (ــ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىشى

سىزىق مەزمۇن جەھەتتىن تەڭ دەرىجىدىكى ئىزاھلانغۇچى بىلەن ئىزاھلىغۇچىنىڭ ياكى مەزمۇن جەھەتتىن تەڭ دەرىجىدىكى ئىگە قىسىم بىلەن خەۋەر قىسىمنىڭ مۇناسىۋىتىن بىلدۈرىدىغان بەلگە بولۇپ، تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قويۇلىدۇ:

1. خەۋەر باش كېلىشتىكى ئىسىملار بىلەن كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى ــ بېيجىڭ.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى ــ ئۈرۈمچى.

مەن ــ مۇئەللىم. ئۇ ــ دوختۇر.

2. بىرخىل بۆلەكلەر ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆزدىن بۇرۇن كەلسە، بىرخىل بۆلەكلەردىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئالما، ئۈزۈم، شاپتۇل، ئۆرۈك ــ ھەممىسى بىزنىڭ باغدا بار.

سىنىپىمىزدىكى ئالىم، ئەركىن، گۈلنار، ياسىن ــ ھەممىسى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار.

3. دىيالوگلاردا ھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزى سىزىق ئارقىلىق باشلىنىدۇ. مەسىلەن:

ــ تۇرۇپ قاپتىلىغۇ؟

ــ سىلىگە ساقلاپ…

ـــ يۈرسىلە، ئەمىسە.

ــ  نەگە؟

ــ بارسا، كەلمەس يەرگە.

ــ بارساق كېلەلمەمدۇق؟

ــ كېلەلمىسەك، تۇرۇپقالارمىز.

ــ ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئۇنداق يولغا مېڭىپ باقمىغان ـ دېدى گۈزەلئاي.

ئەدەبىي ئەسەرلەردە دىيالوگ بىلەن ئاپتور سۆزىنى ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ــ خوش ئۇستام، بۇ يەرنى نېمە قىلماقچى بولىۋاتىدىلا؟ ـ دېدى ھاشىم كۈلۈمسىرەپ.

ــ ئوتتۇرىسىنى باغ، چۆرىسىنى تاغ قىلايمىكىن دەۋاتىمەن، قانداق دەيسىز، ھاشىماخۇن،ــ دېدى چاقچاق قىلىپ مەتنىياز ئۇستام.

4. ۋاقىت، ئورۇن، مىقدارنى بىلدۈرىدىغان تەڭ دەرىجىدىكى ئىككى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

قەشقەر ــ خوتەن تۆمۈر يولى 2010- يىلىغىچە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ.

شاڭخەي ـ ئۈرۈمچى ـ خوتەن ھاۋا يولىدا چوڭ ئايروپىلان قاتناۋاتىدۇ.

مەن ئالىي مەكتەپتە 1981 ــ 1985-يىللاردا ئوقۇغان.

ئويۇن كەچ سائەت توققۇز ـ ئونلاردا تۈگەيدۇ.

كۆپ چېكىت (…) ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى

1. پىكىرنىڭ تولۇق ئېيتىلىپ تۈگىمىگەنلىكى، داۋامى بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئىككىسى چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ،ئۆتكەن – كەچكەنلەر ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى…

دوستلاردىن كۆڭلۈڭ قالسا، مەندىنمۇ كۆڭلۈڭ قالدىمۇ؟… بىز بىللە ئوينىساق، كۈلسەك،… نەقەدەر ياخشى بولاتتى – ھە!

2. سۆزلىگۈچىنىڭ ھاياجانلانغانلىقىدىن نۇتۇقنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نۇرغۇنچېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئامان قۇل تۆمۈر خەلىپىگە قاراپ: «را…زى… بول… ئاكا!» دېدى-دە، كۆزنى يۇمدى.

ئەمەتنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، چىشلىرى غۇچۇرلاپ، تىلى كالۋالىشىشقا باشلىدى ۋە ئىككى يېنىغا قاراپ ۋارقىرىدى:

بۇ… نىڭغا…ئۆزۈڭلارنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار!

3. جۈملىدىكى تەكرار ۋە سوزۇلۇپ ئېيتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ (ئاساسەن ئىملىق ۋە ئۈندەش سۆزلەرنىڭ) ئارىسىغا كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئادىل… ھەي… ئادىل… ماۋۇ يەرگە كېلە، ماۋۇ يەرگە.

گۆش يەيمەن. قورسىقىم ئاچ، «مىياۋ…مىياۋ… مىياۋ» دەپتۇ مۈشۈك.

يەرنىڭ قەرىدىن «گۈر… گۈر…گۈر» قىلغاندەك بىرخىل ئاۋاز ئاڭلاندى.

4. كۆپ چېكىت كىتاب، ژۇرناللارنىڭ مۇندەرىجىلىرىدە تېما، ماۋزۇ ۋە بەت نومۇرىنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە…………………………………….1

شېئىر ۋە شائىر………………………………12

شېئىرىيىتىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرايلى……………….25

مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش