ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تارىختىن پارچىلار

تارىختىن پارچىلار

orta-asya-turk-tarihi

ئاپتۇرى –  قۇمتۇر

ئىلاۋە: ئالتە-يەتتە يىللار ئىلگىرى بىر قىسىم ئۇچۇر خارەكتىرلىك يازمىلىرىمنى تور بەتلەرگە يوللىغانىدىم، بۇلارنىڭ بىر قىسمى كىيىنچە نامسىز ھالدا باشقىلار تەرپىدىن پايدىلىنىپ يۈرۈلدى، يەنە بەزىلىرى ئىزدېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتتى. ھازىر تورلاردىن ئىزدەپ باقسام بۇ يازمىلىرىمدىن ھېچبىر ئىزنا قالماپتۇ. قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشى ئۈچۈن بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قايتا تورغا يوللىدىم. ئەگەر پايدىلىنىش قىممىتىبار دەپ قارىساڭلار، پىكىردە ئورتاقلىشارمىز. – ھۆرمەت بىلەن قۇمتۇر.  

1.شىۋېتسىيىلىكلەر تەرپىدىن  1720  -يىللاردا سىزىلغان جۇڭغارىيە خەرىتىسى

zunghariabyohangustavrenatinnan1744-1-jpg-thumb

يوھان گوستاۋ رېنات 1682-يىلدىن 1744-يىلغىچە ياشىغان شىۋېتسىيە پادىشاھلىق ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى ۋە خەرىتە سىزغۇچىسى بولۇپ، -1709 يىلى بولغان پولتاۋا ئۇرۇشىدا رۇس ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. چار پادىشاھ ئەسەرگە چۈشكەن شىۋېت ئەسكەرلىرىدىن بىر گۇرۇپ كىشىلەرنى -1716 يىلى جۇڭغارىيىگە ئالتۇن تېپىشقا ئەۋەتكەن. يوھان گوستاۋ رېناتمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، بۇلار ئەينى چاغادا جۇڭغارىينى كونتروللىغىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان قالماقلارغا تۇتقۇن بولۇپ قالغان. يوھان گوستاۋ رېنات جۇڭغارىيىدە17يىل قالماقلارنىڭ تۇتقۇنى بولۇپ ياشىغان. ئۇ بۇ جەرياندا قالماقلارغا شىۋېتسىيىنىڭ ئىلغار زەمبىرەك ياساش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتكەندىن سىرت جۇڭغارىيىنىڭ يەر شەكلىنى تەپسىلى خەرىتىگەئالغان. ئۇ بۇ خەرىتىنى ئۆزى بىلەن بىرگە -1734 يىلى شىۋېتسىيىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خەرىتە ئەينى چاغادا شىۋېتسىيە خانلىق كۈتۈپخانىسىغا تەقدىم قىلىنغان. بۇخەرىتە كىيىن كىشىلەر نەزىرىدىن ساقىت بولۇپ تاكى -1878يىلغىچە كۈتۈپخانا ئامبىرىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تاشلىنىپ قالغان. ھازىر بۇ خەرىتە شىۋېتسىيە خانلىق كۈتۈپخانىسىنىڭ ۋە ئۇپسالا ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنڭ ئەتىۋارلىق ماتىرىيالى سۈپىتىدە ساقلانماقتا. خەرىتىگە جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى ۋە لوپنور كۆلى تەپسىلى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بىر قىسىم شىۋېتسىيىلىك تارىخ تەتقىقاتچىلىرى لوپنۇر كۆلىنىڭ دەسلەپ بايقۇغۇچى سۋېن ھېدېن بولماستىن بەلكى يوھان گوستاۋ رېنات بولۇپ، سۋېن ھېدىنىڭ لوپنۇر كۆلىنى بايقىغانلىق نەزىرىيىسى بىر تارىخى خاتالىقتۇر دەپ قارايدۇ.

2.تۇرغۇن ئالماس ۋە باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ سىزما رەسىمى

batur-tengriqut-png-thumb

تۇرغۇن ئالماس ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر مەشھۇر تارىخچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھونلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ھونلار ھەققىدە مەخسۇس تارىخىي كىتاب يازغان تۇنجى شەخستۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ 1986-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ قانداشلىق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ،ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل گۇمانىي قاراشتا بولۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تارىخچىلارغا رەددىيە بېرىدۇ.

تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ قارىشىچە،«ھونلار ناھايىتى ئېگىز بويلۇق، قاۋۇل، ئۇستىخانلىق، قاڭشارلىق، يۈزلىرى ئاق سۈزۈك بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىياپەتلىرى بىلەن ئىرقىي جەھەتتە ئوخشاش.«شۇڭا تۇرغۇن ئالماس 1987-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا بەرگەن بىر قېتىملىق لېكسىيەسىدە ئېنىق قىلىپ: «قەدىمكى چاغدىكى ھونلاربىلەن ئۇيغۇرلار، تۈركلەرنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى،چىراي شەكلى دېگۈدەك ئوخشاش ئىدى.»، «ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى ئەجدادى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى چاغدىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان، شۇڭا مېنىڭ «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابىمغا كىرگۈزۈلگەن ھون ئىمپېرىيەسىنىڭ تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ سىزما رەسىمى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ رەسىمىمدۇر، مېنىڭ  چىرايىم قەدىمكى ھونلارنىڭ چىرايى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ رەسىمىنى سىزىشتا مېنى ئۈلگە قىلىپ سىزغان ئىدى، ئەگەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ بېشىدىكى دۇبۇلغىنى ئېلىۋەتسە ئاستىدىن مەن چىقىمەن» دېگەنىدى.
blwyfgwcaaagnrh
باتۇر تەڭرىقۇت ھون ئىمپېرىيەسىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 210-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 174-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن تەڭرىقۇت بولۇپ، ھون ئېمپىرىيىسىنى ئەڭ قۇدرەت تاپقۇزغان ئېمپىراتۇردۇر.باتۇر تەڭرىقۇت تۇرغۇن ئالماسنىڭ قەلىمىدە ئەقىل-پاراسەت ۋە باتۇرلۇقتا تەڭداشسىز شەخس بولۇپ، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابتا مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ‏: «باتۇر تەڭرىقۇت ھونلار تارىخىدا ئۆتكەن ھەربىي ئىستراتېگىيە، تاكتىكا سەنئىتى جەھەتتە ئۆز زامانىسىدا تەڭدىشى يوق، سىياسىي دىپلوماتىيەدە ئاجايىپ تۇيغۇن، دۆلەت تەشكىلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مىسلىسىز تالانت ئىگىسى، جەڭگىۋارلىقتا كارامەت قەھرىماندۇر». تۇرغۇن ئالماس باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى بولغان «ئوغۇزخان» داستانىدىكى ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك خاقانى،دەپ ئاتىغان ئوغۇزخاننىڭ ئۆزىشۇ دەپ قارايدۇ.باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ رەسىمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سىزىلغان ھون تەڭرىقۇتلىرىنىڭ بىردىن-بىر رەسىمىدۇر.

3.تۇرا قوشىقى

    «تۇرا قوشىقى» قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ۋەكىللىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئەسەرنى ئەڭ دەسلەپ شائىر ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماس 80 – يىللارنىڭ بېشىدا «تارىم» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرغان ئىدى. كېيىن ئۆزىنىڭ «قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»دېگەن كىتابىدا تېخمۇ مۈپپەسسەل شەرھلىدى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە«تۇرا قوشىقى» بۇندىن 1500يىل بۇرۇن شائىر خوغۇرسۇر ئالتۇن تەرىپىدىن يېزىلغان. خوغۇرسۇر ئالتۇن شەرقىي تۇرالارنىڭ خوغۇرسۇر قەبىلىسىدىن بولۇپ، مىلادىيەنىڭ 487-يىلىدىن 567-يىلىغىچە ياشىغان.

خوغورسۇر ئالتۇرن «تۇرا قوشىقى»دا چوغاي تاغلىرىنىڭ باغرىدىكى كۆز يەتكۈسىز چەكسىز يايلاقلارنى، ئوت-چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەن سان-ساناقىسز چارۋىلارنى، كۆك ئاسماننىڭ غۇبارسىز گۈزەللىكىنى، تۇرالار دەرياسىنىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرىنى ئوبرازلىق تىللار بىلەن تەسۋىرلەيدۇ.

تۇرا قوشىقى

چوغاينىڭ تاغلىرى باغرىدىن ئاقار،

تۇرالار دەرياسى ئويناپ، دولقۇنلاپ.

ئاسماننىڭ گۈمبىزى بارىگاھسىمان،

تۇرۇدۇ پايانسىز ئاسماننى قاپلاپ.

شۇنچە كۆك، غۇبارسىز، ساماۋىي ئاسمان،

دالىلار بىپايان كۆرۈنمەيدۇ قاش.

كۆرۈنۈپ قالىدۇ سانسىز چارۋا – مال،

ئەسكەندە شاماللار ئوتلار ئەگسە باش.

شائىرنىڭ قەلىمىدە گۈزەللىككە تۇيۇنغان يايلاقنىڭ كۆرۈنۈشى چوغاي تاغلىرىنى ماكانقىلغان تۇرالارنىڭ چارۋىچىلىق ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى ئەكس ئەتتىرىدۇ.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ قارىشىچە، تۇرالار ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولۇپ، بۇشېئىرنى «تۇرا قوشىقى» دېگەندىن كۆرە «ئۇيغۇر قوشىقى» دېگەن ياخشى ئىكەن.

چوغاي تېغى، ئىچىكى موڭغۇل بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، ھازىر«يىنشەنتېغى» دەپ ئاتىلىۋاتقان تاغنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ يەربۇرۇن ئۇيغۇرلار ياشىغان كەڭ زېمىنلارنىڭ بىر بۆلىكى ئىدى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، ئەركىن ئابدۇقادىرنىڭ «غورورنامە» دېگەن كىتابلىرىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا «تۇرا قوشىقى» ناملىق بۇ شېئىر «چىن سۇلالىسىنىڭ تارىخى، خوغورسۇر ئالتۇن ھەققىدە قىسسە»، «چى سۇلالىسى نەزمىلىرى» دېگەن كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خەنزۇچە خاتىرىلەنگەن. تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، خوغۇرسۇر ئالتۇن چى ۋە شەرقىي ۋىي سۇلالىلىرىدە ھەربىي، سىياسىي ۋەدىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ ئىشىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «تۇرا قوشىقى» ناملىق بۇ شېئىرى بۇ سۇلالىلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ھەربىي يۈرۈشلەردە ئېيتىدىغان جەڭ مارشلىرى بولغانلىقى مەلۈم.

«تۇرا قوشىقى» 80-يىللاردىن باشلاپ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم دەرسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسا، 90-يىلاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

«تۇرا قوشىقى» خەنزۇچە خاتىرىلەنگەن «چى نەزمىلىرى» ئاساسىدا ئوخشىمىغان ئاپتورلار تەرىپىدىن ئوخشىمىغان ئۇسلوپتا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شېئىرنى گەۋدىلەندۈرگەن بەدئىيلىكىمۇ ئوخشىمىغان سەۋىيەدە بولغان. ئەمما دەرسلىكلەرگە تۇرغۇن ئالماسنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى نۇسقىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەڭ ياخشى تەرجىمە قىلىنغان نۇسقۇسى ھېساپلىنىدۇ.

4.لوۋىسانىڭ خەتلىرى-لوۋىسا بىلەن توختاخۇن ھەققىدە ئاڭلىمىغان ھېكايىلەر

wp_20160930_001-jpg-thumb

لوۋىسا ئىڭۋال شىۋېتسىيەنىڭ كارىلسكوگ ناھيىسىدىن بولۇپ، -1900 يىلى شىۋېتسىيە مىسسىيونلىرى تەركىبىدە قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا 35 ياشتا بولۇپ، تېخى توي قىلمىغان قىز ئىدى. ئۇ -1906 يىلى شىۋېتسىيەگە بىر قايتىپ كىتىپ،-1908 يىلى قەشقەرگە قايتا كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرگە قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭھاياتىدا زور ئۆزگۈرىش پەيدا قىلغان. ئۇ مىسسيونۇرلار ئاچقان دوختۇرخانىدائىشلەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇننى ياخشى كۇرۇپ قالغان. لوۋىسانىڭ بۇ ھەركىتى شىۋېت مىسسيونۇرلىرى تەرپىدىن قاتتىق تەنقىتكە ئۇچۇراپ ئۇنى مەجبۇرى شىۋېتسىيەگە كەتكۈزىۋەتمەكچى بولغان. ئەمما لوۋىسا -1912يىلى توختاخۇنبىلەن چېگرىدىن ئوغۇرلىقچە ئۈتۈپ، ھازىرقى قىرغىزستاننىڭ ئوش شەھرىگە قېچىپ بارغانۋە شۇ يەردە توختاخۇن بىلەن توي قىلغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار ئوشتىن قەشقەرگە بىرلىكتە قايتىپ كەلگەن، ئەمما ئۇلار قەشقەردە ئۇزاق تۇرماي، ئۇدۇل كۇچارغا كەتكەن. ئۇلار كۇچاردا تاكى – 1935 يىلى سىنتەبىر ئايلىرىچىغە تۇرغان.

لوۋىسا ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن كۇچاردا تۇرغان بۇ 23 يىل جەريانىدا كۇچا ۋەئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ناھيىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىشىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيتىنى چۈشەنگەن، ئۇ يەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بولۇپمۇ ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيەرلەردە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭ-تالاڭلىرىغا، خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاپلىرىغا شاھىد بولغان. لوۋىسا بۇ جەرياندا شىۋېتسىيەدىكى سىڭلىسى كىرستىيناغا ئۈزلۈكسىز خەت يېزىپ تۇرغان. ئۇ  يازغان بۇ خەتلىرىدە ئۆزى شاھىد بولغان ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋەقەلەردىن مەلۇماتلار بېرىپتۇرغان.

لوۋىسانىڭ سىڭلىسىغا يازغان خەتلىرى -1900يىلى تېرەكداۋاندا يازغان تۇنجى خېتى بىلەن باشلىنىپ،-1935يىلى قەشقەردە يازغان ئاخىرقى خېتى بىلەن ئاخىرلاشقان. لوۋىساھەر قېتىم سىڭلىسىغا خەت سالغاندا خەت بىلەن بىرگە بىرقانچە پارچە رەسىم سالغان بولۇپ، رەسىملەردە كۇچارغا مۇناسىۋەتلىك كۈرۈنىشلەرنىڭ ئەكىس ئەتكەنلىكى مەلۇم، بىراق بۇ رەسىملەرنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرلمىغان.

لوۋىسا قەشقەردىن سىرت رايونلاردا تۇرغان بىردىن-بىر شىۋېت مىسسيونىرى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا مىسسيونېرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايتى يېقىن بولغان ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ كۇچاردا تۇرغان مەزگىللىرىدە دوختۇرخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىغاندىن سىرت تۇغۇت ئانىسى بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دېمەي يېزا-قىشلاقلارغىچە بېرىپ ئانىلارنىڭ تۇغۇتىغا ياردەمدە بولغان.شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشۈنىشى بىلىشى بىر قەدەر چۇڭقۇر بولغان.

لوۋىسا ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن 1935 -يىلى كۈز ئايلىرىدا ئانا ۋەتىنى شىۋېتسىيەگە قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن. توختاخۇن لوۋىسا بىلەن چېگراغىچە بىرگە كەلگەن. ئەسلىدە توختاخۇن لوۋىسا بىلەن بىرگە شىۋېتسىيەگە بىرگە كىتىش نىيىتىدە بولسىمۇ  ئەمما قولىدا قانۇنلۇق پاسپورت بولمىغانلىقى ئۈچۈن لوۋىسا بىلەن چېگرىدا خوشلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار بىر-بىرىگە قىيمىغان ھالدا كۆرلىرىگە ياش ئېلىپ، چېگرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرپىدە ئاخىرقى قېتىم بىر-بىرى بىلەن ۋىدالاشقان. لوۋىسا مۇشۇ قېتىملىق سەپىرىدە  موسكىۋاغا يېقىن قالغان بىريېزىدا 70 ياشقا تولىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ۋاپات بولغان. ئەمما توختاخۇننىڭ كىيىنكى ھاياتى ھەققىدە باشقا مىسسيونۇرلارنىڭ ماتىرىياللىرىدىمۇ ھېچبىر ئۇچۇر قالدۇرلمىغان.

لوۋىسا -1900يىلدىن -1935 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا قەشقەر ۋە كۇچاردىن شىۋېتسىيەدىكى سىڭلىسىغا 200 پارچە خەت يازغان بولۇپ، كېيىن يازغۇچى مارىياگوستاۋ بۇ خەتلەر ئاساسىدا “لوۋىسانىڭ خەتلىرى” نامىدا بىر كىتاپ يېزىپ چىققان. كىتاپتا لوۋىسانىڭ قەشقەر ۋە كۇچاردا ياشىغان 35 يىللىق ھايات سەرگۈزەشتىلىرى، قەشقەر ۋە كۇچارلاردا يۈز  بەرگەن تارىخى ۋەقەلەر ھەققىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى، ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن بولغان مۇھەببەت ۋە توي ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن. بىراق كىتاپ لوۋىسانىڭ يازغان خەتلىرى ئارقىلىق باشقىلار تەرپىدىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن كىتاپتىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە كۇچارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار لوۋىسانىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنىرىدىن كۆپ ئاز بولغان. لوۋىسا شاھىت بولغان تارخى  ۋەقەلەرگە قارىغاندا ئۇششاق تۇرمۇش تەسۋىرىلىرى كۆپ بولغان.

كىتاپقا ماتىرىيال بولغان بۇ خەتلەر ھازىرلوۋىسانىڭ سىڭلىسى كىرستىينانىڭ نەۋرىلىرىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇخەتلەرنىڭ كۆچۈرلمە نۇسقىسى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىدا ساقلانماقتا.

گەرچە بۇ لوۋىسانىڭ خەتلىرى ئاساسىدا باشقىلار تەرپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولسىمۇيەنىلا -20 ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقى ئەكىس ئەتتۈرلىگەن قىممەتلىك ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

5.ياقۇببەگنىڭ نەسەپنامىسى

 

p1010119-jpg-thumb

شىۋېتسىيە خىرىستىيان دىننىي جەمئىيىتىنىڭ ستوكھولىمدىكى ئارخىپخانىسىدا مۈكەممەل ساقلانغان ۋە رەڭلىك نەقىشلەر بىلەن ناھايتى كۆركەم ئىشلەنگەن بىر پارچە نەسەپنامە بار ئىدى. بۇ نەسەپنامە شىۋېت مىسيونۇرلىرى قەشقەردە تۇرغان مەزگىللىرىدە يىغىپ ساقلىغان ماتىرىيالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئارخىپخانىنىڭ قىممەتلىك ماتىرىيالى سۈپىتىدە ئەتۋارلاپ ساقلىغان. نەسەپنامە پۈتۈنلەي ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ نەسەپنامىنىڭ ئاخىرغا ” بۇ ياقۇپ بەگنىڭ نەساپنامىسدۇر، 1982-يىلى” دەپ ئىزھات يېزىپقويغان. ئۆزەمنىڭ تەخمىنەن ئوقۇپ كۆرۈشۈمچە نەسەپنامە ئادەم ئاتامدىن باشلىنىپ ياقۇپ بەگ بىلەن ئاخىرلاشقان.

2007 -يىلى 13-ئۆكتە بىركۈنى گۇننار ياررىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىلىقى مۇراسىمى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزىلگەندە، بۇ نەسەپنامىنى خىرىستىيان دىننىي جەمئىيىتىنىڭ ئارخىپخانىسىدىكى كاتېرىنا خانىم لۇند ئونۋېرسىتىتىدا گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان ئۇيغۇرلارغامۇناسىۋەتلىك قول يازمىلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گۈنېللا تۆرىنۋالغا تەقدىم قىلغان ئىدى. ھازىر بۇ نەسەپنامە لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.

نەسەپنامىنىڭ كەڭلىگى تەخمىنەن 50 سانتېمېتېر ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 9 مېتېر ئەتىراپىدا كىلىدۇ.

نەسەپنامىنىڭ قايسى يىللاردا يېزىلغانلىقىغا دائىر مەلۇمات بىرلمىگەنلىكى ئۈچۈن نەسەپنامىنى 1865 -يىللاردىن 1875 -يىلارغىچە بولغان ئارلىقتا يېزىلغان بولۇشى مۈمكىن دېگەن قىياسقا كىلىمىز. چۈنكى بۇ دەۋۈر ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ تازاگۈللەنگەن دەۋىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ياقۇپ بەگ قەلەم ئىگىلىرىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ نەسەپنامىسىنى يازدۇرغانلىقى رىئالىققا ئۇيغۇن. ياقۇپ بەگ ۋاپاتىدىن كىيىنكى تارىخى رىئاللىق بۇنداق بىر نەسەپنامىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى چەتكە قاقىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ نەسەپنامە ئاز دېگەندە 125 يىلدىن 130 يىلغىچە تارخقا ئىگە. بۇرەسىمدىكى كۆرۈنۈش ئاشۇ نەسەپنامىنىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمى بولۇپ، ئەسلى ئورگىنالدىن رەسىمگە ئېلىندى.

6.ياكوپ ئىستېفان

wp_201607-jpg-thumb

ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻥ ﻳﻪﻛﻪﻧﻠﯩﻚ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺑﺎﻻ، ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪىكى “دارئىلتام” دا ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ئۇ ئۆزىنىڭ” ئىتىقات ئۈچۈن كۆچمەن بولۇش” دېگەن كىتابىدا بايان قىلشچە، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاپىسى قايتا ياتلىق بولۇش ئۈچۈن ئەمدىلا 2 ياشقا كىرگەن ياقۇپنى يەكەندىكى شىۋېت مىسسئونېرلىرى ئاچقان “دارئىلتام” غا تاشلاپ كەتكەن. ئۇ شۇ يەردە ياكوپ ئېستېفان دېگەن نام بىلەن چوڭ بولغان.

1933-ﻳﯩﻠﻰ 20-ئاپىرىل كۈنى«خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» نىڭ ئەمىرى يەنى مەمتىن بۇغرانىڭ ئىنىسى شاھ مەنسۇر يەكەندىكى شىۋېت مىسسىيونۇرلىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا بېسىپ كىرىپ، شىۋېت مىسسىيونۇرلىرىنى ۋە «دارئىلتام» دىكى بارلىق كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ ئارىسىدا ياكوپ ئىستېفان  ۋە ئۇنىڭ يېقىن  دوستى ھابىلمۇ بار ئىدى. ياكوپ ئىستېفان دوستىھابىلنىڭ ياردىمى بىلەن  تۈرمىدىن قېچىپچىقىشقا مۇيەسەر  بولغان. ئەتسى شاھ مەنسۇر ھابىلنى باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈنباشقىلارنىڭ  ئالدىدا ئېتىپ تاشلىغان.ياكوپ ئىستېفان تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن كارۋانلارغا ئەگىىشپ، ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 14 ﻳﯩﻞﻳﺎﺷﺎﭖ 1947- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ خاﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟۇپ ئىشلىگەن. ﺋﯘﻧﯩﯔ باشقىلارغا دەپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ  شىنجاڭدىن ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﯞﯨﺘﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯘ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ يېقىن دوستى گۇننار ياررىڭغا سۆزلەپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كىيىن ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﮔﯘﻧﯩﻠﻼ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ. ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻥ 1991- ﻳﯩﻠﻰﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗكەن. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧغان. ﺋﯘ”ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﭘﻤﯘ يېزىپ قالدۇرغان. ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﯨﯔﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺳﺘﻰ بولغان. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﯩﻼ  ئاشۇ يىراقتىكى ئالتۇندەك قۇملىق زىمىن، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ۋە تىلى بولغان ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺗﯩﻠﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻤﺎﻱ ﺳﯚﺯلەشكەن. ئۇ كۆپ قېتىم  يىراقتا قالغان ۋەتىنىگە  بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئارزۇيىغا يىتەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

7.گوستاۋ راكېت ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى

 

ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 1894-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1938-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 40 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ شنجاڭدىكى ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ  ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ شىنجاڭنىڭ 20 ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﺗﯩﻞ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ بېرﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ شىنجاڭغا ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.

ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ئاتاغلىق تۈركولوگ  ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯔ (Gunnar Jarring) ﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ گوستاف راكېت (Gustaf Raquette) ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯟﯦﺪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ 1896-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯟﯦﺪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺲ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ  ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩبياتىغا ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﯧﺴﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

گوستاف راكېت ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ 25 ﻳﯩﻞ ﺟﺎﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﺳﻤﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

گوستاف راكېت ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﯨﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺶ، ﺗﻮﭘﻼﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. گوستاف راكېت 1921-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 25 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. 1924-ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭكچە ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

1926-ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯔ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﮔﻮﺳﺘﺎﭖ ﺭاﻛﯧﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯖﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ تۈكولوگ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 1927–ﻳﯩﻠﻰ گوستاف راكېت ﺗﯘﻧﺠﻰ “ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ – ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻟﯘﻏﻪﺕ” ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯖﺪﻩﻙ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﻛﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ 1945–ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ گوستافراكېت ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯖﻨﯩﯔ “ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ”، گوستاف راكېت ﯞﻩ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﻰ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ.

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش