ئىسلامىيەتتىكى ئاساسلىق مەزھەپ-پىرقىلەر — خاۋارىجلار
1. مەزھەپلەرنىڭ شەكىللىنىشى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلاردا خەلپىلىككە ۋارىسلىق قىلغۇچى مەسىلىسىنى دەۋر قىلغان ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى. مەدىنەدىكى ئەنسارىيلەر، مەككىلىك مۇھاجىرلەر ئوخشىــمايدىغان پىكىرلەردە بولۇشتى. ئەنسارىيلەر تەرەبدارلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە دەسلەپكى مۇسۇلمانلارغا ئەمىن پاناھگاھ بەرگەن، شۇلارنىڭ قوللاش ۋە ياردەم بېرىشلىرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار ئۈممەسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىسلامىيەتنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. ھالبۇكى، مەدىنە تەرەبدارلىرى مۇسۇلمانلار داھىيسىنىڭ مەدىـنىلىكلەر ئىچىدىن كېلىپ چىقىشىدا چىڭ تۇردى. مەككىلىك مۇھاجىرلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇلار مۇھەمـمەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىردەك قۇرەيىشلەر قەبىلىسىدىن، ئەڭ بۇرۇن ئىمان ئېيىتىپ ئىسلامغا كىرگەن ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە مەككە ئاق سۆڭەكلىرىنىڭ زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىغان. ئۇلار روزىغارلىرىنى تاشلاپ، جان خەتىرىگە پەرۋا قىلماي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىــشىپ مەدىنىگە كېلىپ، ئىسلامىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى خەلىپە مۇقەرەر مەككىلكلەر ئىچىدىن چىقمىقى لازىم، دېگەندە چىڭ تۇرغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر جەمەت بولمىش ھاشىمىيلەردىن چىققان ئەلىنى قوللۇغۇچىلار بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغقانلىرى خەلپىلىككە ۋارىس بولۇشى كېرەك، شۇڭا، ئەلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى، كۈيــئوغلى، ھەم ئىمانى كامىل تەقۋادار، مۇسۇلمانلار داھىيسى بولۇشقا ئەڭ سالاھىيەتلىك دېگەن پىكىردە بولۇشقان. مەككىدىكى ئۇمەۋىييە جەمەتى ئاق سۆڭەكلىرى ئىسلامىيەت گۈللىنىشتىن ئاۋۋال كۆرۈنەرلىك ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، مەككىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي زور ھوقۇقلىرىنى قولىدا تۇتۇپ كەلگەن. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە يەنىلا مۇسۇلمانلار ئۈممەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىشنى خالايتتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن، مەدىنىدىكى ئەنسارىلەر باشلامچى بولۇپ «سەقىفە كېڭىـشى» نى چاقىرىپ، ئۆز ئالدىغا خەلىپە سايلاشقا تەييارلانغان. ئابۇ بەكرى، ئۆمەر، ئەبۇ ئۇبەيد قاتارلىقـلاربۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن دەرھال يېتىپ بېرىپ، قاتتىق تالاش- تارتىشلاردىن كېيىن ئەبۇبەكرى خەلپىلىككە سايلانغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ئەبۇبەكرى خەلىپىلىكنى ئۆمەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مىلادىيە 644- يىلى ئۆمەر قەسىتكە ئۇچراپ، كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى ئوسمان، ئابدۇرەھمان بىننى ئوفا، سائاد بىننى. ئەبۇ ۋاققاس، ئەلى، زۇبەيىر. بىننى ئاۋام، تەلھە بىننى ئۇبەيدۇللا قاتارلىق ئالتە ساھابىدىن تەشكىللەنگەن سايلام كېڭەشنى كۆرسىتىپ، خەلىپىنىڭ شۇلار ئىچىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشىـنىڭ مۇۋاپلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇمەۋىييە جەمەتىدىن ئوسمان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك خەلىپە بولۇپ سايلىنىـدۇ. ئوسمان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئۆزجەمەتى ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ يېقىن- يورۇقلىرىغا كۆپ يەر- زېمىن بۆلۈپ بەرگەن ھەمدە يەنە، ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىـسسالامغا قارشى چىققان يېقىن دوستلىرىدىن ۋەلىد، مىرۋان قاتارلىقلارنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇپ، پەيغەمبەرگە پىداكارلىق بىلەن ھەمدەم بولغان ساھابىلەرنى چەتكە قاققان، بۇ ھال جامائەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ئوسماننىڭ ھەددى- ھەرىكەتلىرى «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئادىللىق، بارەۋەرلىكنى تەرغىپ قىلىش روھىغا مۇخالىپلىق قىلدى، دېگەن تونۇشقا كەلتۈرگەن. مىلادىيە 656- يىلى ئوسمان ئۆلتۈرىلىدۇ، ئەلى خەلىپىلىككە سايلىنىپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ يەنىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. ساھابىلەردىن زۇبەيرى. بىننى. ئاۋام، تەلھە. بىننى. ئۇبەيدۇللا قاتارلىق يۇقىرى قاتلام شەخسلەر خەلپىلىكنى تارتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىىشىدۇ. ئوسماننىڭ ئۆلتۈرىلىشى ئەلى بىلەن مۇناسىۋەتــلىك دېگەننى باھانە قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تول قالغان ئايالى ئائىشە بىلەن ھەمكارلىـشىپ قۇزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. مىلادىيە 656- يىلى11- ئايدا ئىككى تەرەپ بەسىرەنىڭ يېنىدا كەسكىن جەڭ قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق جەڭ يەنە «تۆگە جېڭى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زۇبەيرى، تەلھەلەر جەڭدە ئۆلۈپ كېتىــدۇ، ئائىشە ئەسىرە بولۇپ، ھۆرمەت- تەۋۋەزۇلار بىلەن مەدىنىگە ئاپىرىپ قويۇلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىيغا ئارىلاشمايدۇ.
ئەلىنىڭ ئورنىغا چىش بىلەپ تۇرغان قۇدرەتلىكلەردىن يەنە سۈرىيە باش ۋالىيسى مۇئاۋىيەمۇ بار ئىدى. ئۇ، ئۇمەۋىييە جەمەتىنىڭ سەردارى بولمىش خەلىپە ئوسماننىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ئىدى. مۇئا- ۋىيە ئەلىنىڭ خەلپىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئېتراپ قىلمايتتى، بەلكى، خەلپىلىكنى تارتىۋېلىشنىڭ كويىدا يۈرەتتى. ئۇ «ئوسمان ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئەلىگە قارشى تۇردى. ئىككى تەرەپ 657- يىلى7- ئايدا، يېۋفرات دەرياسى بويىدىكى سىففىن تۈزلەڭــلىكىدە قاتتىق ئۇرۇش قىلدى. ئەلى تەرەپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەي دەپ قالغان پۈرسەتتە، مۇئاۋىيە ئەسكەرلىرىگە بويرۇق چۈشۈرۈپ «قۇرئان كېرىم» نى نەيزىلەرنىڭ ئۇچىغا باغلاپ، «قۇرئان كەرىم» ھۆكۈم قىلسۇن! دەپ ۋارقىراشقا سېلىپ، ئۇرۇش تۇختىتىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئەلى فرونتىدا بۇ ئىشقا پىكىرلەر خىلمۇ- خىل ئىدى. ئازچىلىق كىشىلەر قەتئىي ئۇرۇشۇش تەشەببۇسىدا، كۆپچۈلۈك بولسا، يارىشش خاھىشىدا ئىدى، ئەلى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش يولىنى تاللىغانىدى، بۇ خىل تاللاش ئۇرۇشۇش تەرەبدارلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قۇزغاپ قويدى. تەمىم قەبىلىسدىكىلەر ئاساسلىق قەتئىي ئۇرۇش قىلىش تەرەبدارلىرى ئىدى. ئۇلارچە ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە سايلىنىشى مۇسۇلمان ئۈممەسىنىڭ كوللېكتىپ قارارى، يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە بولغان بولۇپ، مۇقەددەسلىككە ئىگە. بەلكى ئەلىنىڭ نۆۋەتتە كېسىم قىلىشنى قوبۇل قىلىشى بولسا، دەل «ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ» بولۇپ «ئاسىيلىق قىلىش ھەرىكىتى» بولىدۇ، دەپ نارازى بولۇشۇپ، تەخمىنەن 12 مىڭ ئادەم ئەلىنىڭ قوشۇنىدىن ئايرىلىدۇ. بۇ كىشىلەر «خاۋارىجلار» دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادىيە 658- يىلى ئۇلار كۇفە يېنىدىكى ھەرۇرا مەھەللسىدە ئادەتتىكى ئەسكەر، تەقۋادار ئابدۇللا ئىبنى ۋەھب راسبىنى (658- ؟) تۇنجى خەلىپە قىلىپ سايلاپ، ئەلى ۋە مۇئاۋىيەنىڭ ئىسلام جەمئىيىتىـدىكى داھىيـلىق ئورنىنى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارە جاكارلايدۇ.
خاۋارىج مەزھپى ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى كۆچمەن چارۋىچى ئەرەبلەردىن تەركىب تاپىدۇ، يە- نە بىر قىسىمى تەجۋىد ئالىملىرى ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئەلىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، تېنچلىق سۆھبىتىنىڭ ھاسىلاتىدىن نارازى بولۇپ، ئەلى قوشۇنىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ئۆزلىكىدىن بىرگۇرۇھ بولۇپ ئويۇشقان. ئىراقتىكى بەسىرە بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلنىڭ جەنوبىي تەرەپلىرى ئۇلارنىڭ ئىككى ئاساسلىق تايانچ بازىسى بولغان. خاۋارىجلار قۇراللىق كۈرەش ئارقىلىق ئەلى، مۇئاۋىيە ھەمدە ئۇمەۋىييە سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىگە قارشى تۇرغان.658- يىلى نەھرىۋان ئۇرۇشىدا خاۋارىجلار قاتتىق باستۇرۇلـغان.661- يىلى ئەلى بىر خاۋارىج مۇخلىس تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ. ئۇمەۋىييە سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ مەزھەپنىڭ جايلاردىكى تارماقلىرى خەلىپە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىلگىر- ئاخىرى 35 قېتىم قۇراللىق قوزغىلاڭ قىلغان. ئۇلار بىرمەھەل كۇفە، يەمامە، ھەۋرەمەۋت ۋە تائىف قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان، كۈچى زورايغان مەزگىللەردە پارىس، ئىراق، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىجاز ۋە يەمەن قاتارلىق رايونلىرىغىچە كېڭىيىپ، ئۆز زامانىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە ناھايىتى زورتەسىرلەر كۆرسەتــكەن، ئەمما ئاقىۋەت ئۇمەۋىييە سۇلالىسى ئارمىيىسى تەرىپىدىن شەپقەتسىز باستۇرۇۋېتىلگەن. ئابباسىيلار سۇلاىسى دەۋرىدە خاۋارىج مەزھىپنىڭ ئېزىلىشكە قارشى تۇرۇش، باراۋەرلىكنى تەرغىب قىلىش ئىدىيىلىرى كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ، نامرات مۇسۇلمانلارنىڭ ئاكىتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە ياردىمىگە مۇيەسسەر بولغانىدى، شۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىملىق قوزغىلاڭلار پارتلىغان. 8- ئەسىردىن 10- ئەسىر نىڭ باشلىرىگىچە مەزكۇر مەزھەپنىڭ تارماق پىرقىلىرى شىمالىي ئافىرىقىدا خاتاب خانىدانلىقى، روستۇم سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى باستۇرۇشلارغا ئۇچراپ، زەئىبـلىشىپ يوقالدى. مىلادىيە 866- يىلى خاۋارىجلار بەسىرەدىكى زەڭگىلەرقوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇردى. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەر، بىدۇيىنلار ۋە ئەركىن دېھقانلارقاتناشقان. قوزغىلاڭ 14يىل داۋاملىشىپ، ئاقىۋەت يەنىلا مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر مەزھەپ دىققەت نەزەرىنى سىياسىي ۋە ھەربىي كۈرەشتىن دىنىي ئېتىقاد تەتقىقاتىغا يۆتكىدى، خاۋارىجلار مۇتىپەككۈرلىرى سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەز- ھىپىدىكلەردىن پەرقلىق دىنى، سىياسىي تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئىسلامىيەتنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى سىياسىي تۇرمۇشى ۋە دىنىي ئەقدە تەلىماتلىرى تەرەققىياتىغا مۇئەييەن رەۋىشتە تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
2. سىياسىي ئىدىيىسى
خاۋارىج مەزھەپىدىكىلەر خەلپىلىك سالاھىيەت پەقەت قۇرەيىشلار، ئەرەبلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالـماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، پەقەت قۇرەيشلەر خەلىپە بولۇشقا ھوقۇقلۇق مەپكۇرەسىگە قارشى تۇرىدۇ، پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جەمەتىنىڭ ئەلى ھەمدە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭلا خەلپىلىككە ۋارىسلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق نۇقتەئىينەزەرىگىمۇ قارشى تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇمەۋىييەلەر سۇلالىسى ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسى يۈرگۈزگەن ئەۋلادى ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدۇ. مەزكۇر مەزھەپنىڭ قارىشىچە، پەقەت ئىمانى پاك، ئەخلاقى ئۇلۇغۋار بولغان ئادەملا سىياسىي داھىيلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ. پەقەت ئىخلاسى چوڭقۇر، ھەمدە دىنىي ئەقىيدىلەرنى پىششىق بىلگەن مۇسۇلمان كېلىپ چىقىشى قايسى مىللەت ۋە قايسى ئېرىقتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەتتا، قۇل بولغان تەقدىردىمۇ خەلىپە بولۇپ سايلىنىپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. خاۋارىجلار لىلاھ، باراۋەر پىرىنسىپتا ئۆز پىرقە- سۈلۈك رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقىدۇ، پەقەت سايلام ئارقىلىقلا مەيدانغا كەلگەن خەلىپە ئاندىن قانۇنلۇق بولغان بولىدۇ، خەلىپە يۈرگۈزمىش سىياسەت چوقۇم كەڭ مۇسۇلمانلار مەنپەئەتىگە مۇناسىپ بولۇشى لازىمدۇر. بۇنداق بولمىغاندا ئۇنداق خەلىپىنى ئەپكەس قىلىۋېتىش كېرەك، ھەتتا ئۇنىڭغا قۇراللىق قارشى تۇرۇش كېرەك. خاۋارىجلەر مانا مۇشۇ مەپكۇرە ئاساسىدا ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەردىن ئىبارەت ئىككى خەلىپىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئېتراپ قىلمىغان، ئەلىگە ئۆكتە قوپقان، مۇئاۋىيە ھەمدە ئۇمەۋىييەلەر سۇلالىسى ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمىغا قارشى تۇرغانىدى. ئۇلار ھەرقايسى جايلاردا كۆپ قېتىم قۇراللىق قارشىلىق كۆرسەتكەن، بىراق ھەممىسىلا پاجىئەلىك باستۇرۇلغانىدى. خاۋارىجلار ئىمانغا ساداقەت بولۇشنى تەكىتلەيدۇ، ئۇرۇش ئارقىلىق ئىماننىڭ پاكلىقىنى قۇغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. خاۋارىجلار ئىپتىدائىي دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىكنى تەرىپلەيدۇ، بارلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يەر- زېمىننى ۋە ئۇرۇش غەنىـمەتلىرىنى تەڭ تەقسىمات قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تۆۋەن قاتلام كەڭ خەلق ئاممسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، شۇڭا، نۇرغۇنلىغان نامراتلارنى ئۆز سېپىگە جەلپ قىلغانىدى.
خاۋارىجلار دىنىي جەھەتتىكى قاراشلىرىدا، كىشىدىكى بارلىق ھەددى- ھەرىكەتلەر ئېتىقاد- ئىمان جۈملىسىدىن، ھالبۇكى، ئىبادەت، روزا تۇتۇش، سەمىمىيەت، ئادالەتپەرۋەرلىكلەرنىڭ بارىلىقى ئېتىقادنىڭ تەركىبى قىسمى بولىدۇ، دېمەك، پەقەت قەلىبتە ئىمان بولغاندا ئاندىن «ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە»، «مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى» گە پۈتكەنلىك بولىدۇ. بەلكى، دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلمىغان كىشى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەستۇر. ئۆز ئېتىقادىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن ئەھلى خاۋارىجلار تەقۋدارلىق بىلەن تائەت- ئىبادەت قىلىش، روزا تۇتۇشلارنى جارى قىلىشلارنى «ئىبادەتكار ۋە روزىـلىق كىشىلەر» دەپ مەدھىيلەيدۇ. خاۋارىجلار ئادەمنىڭ تاشقى ھەددى- ھەرىكەتلىرى ئىمان بىلەن تامامەن بىردەك بولمىقى لازىم، چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن مۇسۇلمانلار مۇرتەددۇر، ئۇلارمەڭگۈ ئاللاھنىڭ مەخپىرىتىگە نائىل بولالمايدۇ، شۇڭا، مۇرتەدلەرنى ئۆلتۈرگەنلەر گۇناھسىز بولۇپلا قالماي، بەلكى، مۇسۇلمانلىق پەرزنى ئادا قىلغانلىقتۇر، دەپ تونۇيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوسماننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى ئەيبلەپ، ئۇنىڭ تەڭرى يولىدىن ئېزىپ كەتكىنىنى، چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. خاۋارىجلار «قۇرئان كەرىم» گە ئاساسلىنىپ، «پۈتكۈل ھۆكۈم قىلىش ئاللاھغىلا مەنسۈپ» ئىدى، ۋاھالەنكى، ئەلى ھەمدە ئۇنىڭ شىرىكلىرى ئاسىيلاردۇر، چۈنكى ئۇلار ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە ئىككى تەرەپ ئىبەرتكەن ھەكەملەرنىڭ پەتىۋاسىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارچە مۇئاۋىيە ھەمدە ئۇمەۋىييە جەمەتىنىڭ باشقا زورلۇق- زومبۇلۇق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇرتەددۇر. بىرقىسىم ئەھلى خاۋارىج مۇسۇلمانلار بەكمۇ رادىكاللاشقان تەروزدە، خاۋارىج مەزھەپىنىڭ سىياسىي كۆزقارىشى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىنى قوللىمىغان مۇسۇلمانلارنىمۇ «مۇرتەد» ھېسابلاپ، مۇرتەد، ئازغۇنلارغا ئاشكارە قارشى چىقىش، ھەتتا، مۇرتەدلەرنى ئائىلىسى بويىچە قىرىپ تاشلاش كېرەك دەپ قارىغان.
3. خاۋارىج مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق پىرقەلىرى
خاۋارىجلار ئەسلىدە بىرلىككە كەلگەن دىنىي مەزھەپ تەشكىلى ئەمەس، بەلكى، ئىچكى جەھەتتە سىياسىي، ھەربىي ئىشلار ۋە دىنىي مەۋقەلەردە دائىملا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەر توغۇلۇپ تۇرىدىغان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ چوڭ- كىچىك يىگىرمە نەچچە تارماق پىرقىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئۇلار ئارىسىدىكى تەسىرگە ئىگە بولغان تارماق پىرقىلاردىن ئەزرارىقە مەزھىپى، سۇفۇلىيە مەزھىپى، قاتارلىقلاردۇر. گاھىبىر ئالىملار «ئىبازىيە مەزھىپى» نىمۇ خاۋارىجلارغا تەۋە بولۇپ كەتكەن، دەپ قارىـشىدۇ. بىراق، ئىبازىيە مەزھپىدىكىلەرنىڭ ئۆزى بۇنداق كۆز قاراشقا قوشۇلمايدۇ.
1) ئەزارىقە مەزھىپى
(1) ئەزارىقە مەزھىپى خاۋارىجلار مەزھەپى ئىچىدە ئادىمى ئەڭ كۆپ، سىياسىي كۆزقارىشى ئەڭ رادىكال بولمىش تارماق مەزھەپتۇر. شۇڭا، مەزھەپ نامى مەزھەپ رەھبىرى نافىر. بىننى. ئەزراقى (685- ؟) ئىسمى بىلەن مەشھۇر. مىلادىيە 684- يىلى بىننى. ئەزراقى بەسىرە شەھىرىدە مەزكۇر شەھەر ۋالىيسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇمەۋىييەلەر سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى بىلەن قۇراللىق كۈرەش قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، شەھەر ئىچىدىكى خاۋارىجلاردا بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ، ئىبنى ئەزەرەقى قوشۇنىنى باشلاپ بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى سازلىققا ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى گاھى جايلارغا تارقىلىپ قۇراللىق كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇ ئىددەتلەردە ئۇنىڭ ئەگەشكۈ- چىلىرىدىن ئەزرەقىيە مەزھىپى شەكىللىنىدۇ. مەزكۇر مەزھەپ پارىسلارنىڭ جەنۇبىدا يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ئاخىۋاز، فارىس، كارمان قاتارلىق شەرقىي ئۆلكىلەرنى كونترول قىلىپ، ئۇمەۋىييەلەر سۇلالىسىگە ئېغىر تەھدىت سالىدۇ. دىنىي ئەقىدە مەۋقەسدىكى تەشەببۇسلىرى بەكمۇ رادىكال بولغانلىقتىن پەيدىن- پەي كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئىچىدە ئەرەبلەر بىلەن مەۋالىيلەر① ئايرىلىپ كېتىشى، ھەمدە تاشقى جەھەتتىكى خەلىپە ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قېتىم باستۇ- رۇشلىرىدىن قۇدرىتى ئاستا- ئاستا خوراپ تۈگەيدۇ. 698- يىلى مەزكۇر مەزھەپ ئىراق باش ۋالىيىسى ھەججاجنىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن يوقۇتىلغان، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن، ئامان قالمىش قالدۇق كىشىلىرى كېيىنچە يەنىمۇ كىچىك مەزھەپنى تەشكىل قىلغان.
① مەۋالىي ــئەينى دەۋردىكى غەيرى ئەرەبلەردىن بولغان مۇسۇلمان قوۋۇملارنى كۆرسىتىدۇ.
(2) ئەزراقىيە مەزھىپىنىڭ تۈپ كۆزقاراشلىرى. ئىبنى. ئەزراقى «قۇرئان كەرىم» دىكى «نوھ ئېيتتى: پەرۋادىگار! يەر يۈزىدە كاپىرلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن، ئەگەر ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ
ئەتكە مۇخالىپ دەپ ھېسابلايدۇ، بۇ ھالدا مۇرتەدلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىش لازىم. ئەھلى خاۋارىج ئەزراقىيە مەزھىپىنىڭ مەپكۇرىسىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئىختىدارى بار تۇرۇغلۇق ئۇرۇشتىن ئۆزىنى چەتكە تارتقانلارمۇ مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ مۇشۇ مەزھىپىدە، ئۆز ئەزالىرىنىڭ باشقا مەزھەپتىكىلەرگە ئەگىشىپ ناماز ئوقۇش، نىكاھلىنىش، مال- مۆلۈككە ۋارىسلىق قىلىشىش مۇنا- سىۋەتلىرىدە بولۇشى ياكى باشقا مەزھەپـتىكىلەر بوغۇزلىغان مال، قۇش گۆشىنى يېيىش قاتارلىقلار مەنئىي قىلىنغان.
ھەزراقىيە مەزھىپىدە، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر «ئىمانسىزلار»، ئۇلارنىڭ مەيلى سادىر قىلمىش جىنايىتى چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەمدى ئۇلارنى مۇئـمىنلەر قاتارىغا قوشقىلى بولمايدۇ، مۇسۇلمانلارقاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىلمىقى ۋاجىب، دەپ قارىلىدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەزكۇر مەزھەپتىكىلەر ئوسمان، ئەلى، تەلھە بىننى ئۇبەيدۇللا، زۇبەيىر بىننى ئاۋام، ئائىشە قاتارلىق مۇسۇلمانلار نى «ئىمانسىز» لەر قاتارىدا چاغلاپ، ئۇلارنى مەڭگۈلۈك دوزاخقا مەھكۇم ھېسابلىشىدۇ. كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانا، ھەمدە پەرزەنتلىرىمۇ مەڭگۈلۈك دوزاخقا مەھكۈمدۇر. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئات، پەرزەنتلىرىنى تۈگەل ئۆلتۈرۈپ تاشلاشنى ماقۇل كۆرىدۇ، ھەرقانداق ئەھۋالدا كوللېكتىپ رەۋىشتە دۈشمەنلەرنىڭ مال- مۆلكىنى ئىگىلىۋېلىشقا بولىدۇ، بىراق، مال- مۆلۈكنى ئايرىم كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ھالدا يۇتۇۋېلىشى چەكلىنىدۇ. بۇ مەزھەپتىكىلەر يەھۇدىي دىنىدىكىلەرگە، خىرىستىئان دىندىكلەرگە بىر قەدەر كەڭ قوللۇق قىلىدۇ، دۈشمەنلەشمىگەن يەھۇ دىيلار ۋە ناسارالارنى ئۆلتۈرۈش مەنئىي قىلىنىدۇ، بۇ مەزھەپ يەنە جىنايەتچىلەرنى تاشبوران قىلىشنى چەكلىگەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق جازانىڭ «قۇرئان كەرىم» دە ئاساسى يوق.
بەندىلىرىڭنى ئازدۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلاردىن توغۇلغانلارمۇ كاپىر بولىدۇ، ئۇرۇغ- ئەۋلادىنى قالدۇرۇپ قويمىغىن» (21- سۆرە، 26- 27- ئايەتلەر) دېگەن ئايەتنى ئالاھىدە تەكىتلەيتتى. ئۇلار مۇشۇلارغا ئا- ساسلىنىپ، چۈشەنچىلىرىدە خاۋاراىجلاردىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسنى ئازغۇن ھېسابلىنىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ مەزھىپىگە كېرىش رېجىلىرىنى قايتىدىن ئادا قىلمىغانلارنىڭ بالا- ۋاقىلىرى بىلەن قو- شۇپ يوقىتىلىدۇ. ئۇلار مەزكۇر مەزھەپ ئەزالىرىنىڭ دۈشمەن بىلەن مۇرەسسەدە بولۇشىنى مەنئىي قىلغان، ھەمدە، «تەقىيە» يولى بىلەن دىنىي ئەقىدىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىشىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا قارشى تۇرىدۇ. «تەقىيە» قىلماقنى باھانە قىلىپ، جاننىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشنىڭ ئۆزى شەرى.
2) ئبازىيە مەزھىپى
(1) ئىبازىيە مەزھىپى يەنە ئبادە مەزھىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈلۈك نامى ئابدۇللا. ئىبنى. ئىباز (تەخمىنەن650- 705) نىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەتكەن. سىياسىي تەشەببۇسلىرى خاۋارىجلارغا يېقىنلىـشىپ كەتكەنلىكتىن ئادەتتە خاۋارىجلار ئىچىدىكى بىرقەدەر مۆتىدىل تارماق پىرقە دەپمۇ قارىلىدۇ، بىراق، ئەھلى ئىبازىدلار ئۆزلىرىنىڭ خاۋارىجلار بىلەن ھەقەمسايىلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلمايدۇ، ئۆزلىرىنى «ئىمان يېڭىلىغان مۇسۇلمانلار جامائەسى» ياكى «مۇسۇلمانلاركەسپداشلار» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ مەزھەپ ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىـرىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئوسمان ئۆز جەمەتى بولمىش ئۇمەۋىييەلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، كېلىپ چىقىشى قۇرەيىش ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولغانلارنى چەتكە قاققان، ئۇلار ئىسلامىيەتـنىڭ تارقىلىشى ۋە مەدىنە ھاكىميىتىنىڭ ئورنىتىلىشىدا تۆھپىكار بولغان ساھابىلەر ئارىسىدىن دىنى ۋە سىياسىي رادىكاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئوممانلىق جەبەر. بىننى. سەئىد پەيغەمبەرنىڭ تائىبىنى ئىدى، ئۇ ئوسماننىڭ پەقەت ئورۇق- تۇغقان، يېقىن- يورۇقلىرىنىلا ئەتىبارلاش سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ، قۇرەيىشلاردىن كېلىپ چىققان ساھابىلەرنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىشى كېرەكلىكىنى ئوتـتۇرىغا قويىغانىدى. ئۇلار، ئۇرۇش ئولجىلىرى ئادىل تەقسىملىنىشى، تۆھپىسى بارلىكى كىشىلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشى كېرەك، دەپ قارايتتى. كېيىن ئۇ، ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىر جامائە ئويۇشتۇرۇپ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئىبازىيە پىرقىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ تەشكىلى ئاساسىنى سالغان. ئۇمەۋىييە سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن جەبەر خەلىپىلىكنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىش قائىدىسىگە قارشى بولۇشىدىن بەسىرەنىڭ باش ۋالىيسى ھەججاج تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ يۇرتى ئوممانگە كەتكۈزۋېتىلگەن. ئۇنىڭ شاگىرتى ئابدۇللا. بىننى. ئىبادى قاتارلىقلار بەسىرەدە داۋاملىق تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىپ، ئۇمەۋىييەلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئاشكارە ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىككە ئىرىشىش لاياقىتىنى ئىنكار قىلىدۇ، بۇ ھال بەسىرە ۋە ئومماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىدۇ، ئىبازىيە مەزھىپى رەسمىيانە قۇرۇلىدۇ. 8- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەزكۇر مەزھەپ ئەرەب يېرىم ئارىلى ھەمدە ئافرىقىنىڭ شەرقىدە ئىنتايىن زور تەرسىر قوزغايدۇ، بىر مەھەل شىمالىي ئافرىقىدا مەزكۇر پىرقە داھىيىسى ئابدۇللابىننى رەھمان ئىبنى. روستۇم (78- ؟) باشچىلىقىدىكى روستۇم سۇلالىسى (761- 908) نى قۇرىدۇ، بۇ سۇلالە 140يىللار ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، بەربەرلەرگە ئىسلام دىن تارقىتىشتا غايەت زور رول ئوينايدۇ.
ئەل ئىبازىيە مەزھىپى سىياسىي، ھەربىي كۈرەشلەردە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇراللىق كۈرەشـتىن ۋاز كېچىشكەمەجبۇر بولۇپ، ئىش- ئەمەل مەركىزىنى ئىسلام دىن تارىخىنى تەتقىق قىلىش، فىقھە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئىسلام دىن ئىدىيىسى مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا قارىتىدۇ ھەمدە پەيدىن- پەي سۈننىي مەزھىپى تەشەببۇسلىرىغا يېقىنىلىشدۇ. ئوممان ئىبازىيە پىرقىسىنىڭ پائالىيەت مەركىزى، تالايلىغان مەشھۇر ئالىملار بۇ مەزھەپنىڭ تەشەببۇسلىرىنى شۇيەردىن يەمەنگە، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ شىمالىي ۋە شەرقىي ئافرىقىدىكى زانگىبار قاتارلىق رايونلارغا تارقاتقان. مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان بۇ مەزھەپ ئومماندا باشتىن ئاخىر يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن، تاكى بۈگۈنگىچە شۇنداق.
ئىبازىدە مەزھپىنىڭ ئاساسلىق كۆزقارىشى:
سياسىي جەھەتتە، مەزكۇر مەزھەپ مۇھەممەد ئەلەيىسسالام ھەمدە ئاۋۋالقى ئىككى خەلىپە ھاكىمىـيەت يۈرگۈزگەن دەۋرلەرنى ئىسلامىيەتنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولغان دەۋرلىرى دەپ قاراپ، ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق شۇ دەۋردىكى ساددا، پاك ئىستىل ۋە ئەنئەنىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە جارى قىلش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئەلىنىڭ سىففىن جېڭىدە ياراشتۇرۇش پىكىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاساس قىلىپ ئەلىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇمەۋىييە سۇلالىسى، ئابباسىيلار سۇلالىسىدىكى كۆپ سانلىق ھۆكۈم رانلارغىمۇ ئىنكار قىلىش پوزىتىسىيەسىدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ قاتارلىق ھۆ- كۈمرانلارنىڭ ئىمان ۋە كىشىلىك پەزىلەت جەھەتلەردە مۇسۇلمانلار داھىيسى بولۇشقا تېگىشلىك سالاھىيىتى ھازىرلانمىغان. بۇ مەزھەپ خەلىپىلكنىڭ مىراسخورلۇق تۈزۈمىگە قارشى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز داھىيىسىنى ئاشكارا ھالدا سايلاپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، سايلانغۇچىنىڭ قۇرەيىشلاردىن بولۇشى ناتايىن، پەقەتلا تەقۋادار مۇسۇلمان، خەلققە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ھەمدە رەھبەرلىك ئىستىداتى بولغان ھەرقانداق كىشىنىڭ داھىي بولۇپ سايلىنىش سالاھىيىتى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇبادا داھىي بولمىش شەخس ئادالەتتە داۋاملىق چىڭ تۇرالمىسا، خەلق مايىللىقىدىن ئايرىلىپ قالسا، ياكى مەزكۇر كىشى ھەق يولدىن تېيىپ، تاپتىن چىقار بولسا مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئۇنى ئېلىپ تاشلىشىغا بولىدۇ، ھەتتا، شەرىئەت بويىچە جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مەزكۇر مەزھەپنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلار داھىيسىنىڭ مەسئولىيەت ۋە ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ ئەمىرىگە سادىق بولۇش، شەرىئەتنى ئىجرا قىلىش، ئادالەت ۋە لىلاھلىق بىلەن يىتەكچىلىك قىلىش، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش، مۇسۇلمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىش، شەرىئەت بەلگىلمىلىرىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردە ھەرقانداق داھىي ئادەتتىكى مۇسۇلـمان ئامما بىلەن تەڭ باراۋەر بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە، مەزكۇر مەزھەپ «ئاللاھ يولىدىكى بەش پەرز» نى ئىسلام دىننىڭ ئاساسى قىلىش، ئىمان ئامىللىرىنىڭ ئېغىزچە بايان، مەنىۋى مۇستەھكەملىك ۋە ھەرىكەت ئەمەلىيىتى، ئىماننىڭ ئاغزاكى ئىپادىسى پەقەت كىشىلىك جىسمانىيەت ۋە مال- مۆلۈكنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، بەلكى، پەقەت تۈرلىك دىنىي ئەھكاملارنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلشلا ئاندىن ئىماننىڭ تەقۋالىق مۇقامىدا زاھىر بولۇشى بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ زاتى مەۋجۇدلۇقى ھەمدە تۈرلىك پەزىلەتلىرىگە كامىللىق ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش، ئاللاھنىڭ پەزىلەتلىرى يەنى شەكىلسىزلىكى، يەنى شۇنىڭدەك ئاللاھ جىسمانىيەتتىن تاشقىرى بولغانلىقتىن مۆتىۋەر كىتابلاردا زاھىرەن مەنىلەرگە تايىنىپ ئاللاھنىڭ ئوبرازىـنى يارتىشقا قارشى تۇرىلىدۇ. ئايەتلەردە ئىپادىلەنمىش ئاللاھنىڭ سېزىمى، تەپەككۈرى ۋە قول، يۈزلىـرى بولۇشتەك قىياسى ئىنسان ئىبارىلەرنى «ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىكىگە مۇناسىپ» دېگەندەك مەنالارغا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ شەرھىيلەر ئېيتىدۇ، مەيلى بۇ دۇنيادا بولسۇن، ياكى باقىيدا بولسۇن ئىنساننىڭ ئاللاھنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇلار يەنە مۇئتەزىلىيە تەرغىباتىدىكى «‹قۇرئان كەرىم›تۈزۈپ چىقىلغان» گە قارشى تۇرىدۇ، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ ئىپتىداسىز سۆزىدۇر، ئىپتىدا لىق ماددىي يارالمىش ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇلار خاۋارىجلارنىڭ نۇقتەئىينەزەرلىرىگە قوشۇلمايدىغان مۇسۇلمانلارنى جازالاش پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلەيدۇ، خاۋارىجلارنىڭ بۇ قىلىقى مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان- ئەتكەنلىرى بىلەن پەرقسىزدۇر، دەپ قارايدۇ. ئىبازىيە مەزھەپىدە ئۆزلىرى بىلەن بىردەك بولمىغان مۇسۇلمانلار «ئازغۇن» لارھېسابلانمايدۇ، كەئىبىگە قاراپ ئىبادەت قىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئىبازىيلەرگە قارشى تۇرغانلارنىلا «ئىمانسىز» لاردەپ قارايدۇ، بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشرىكلار بىلەن نىكاھلىنىشى، ياكى ئۆزئارا مال- مۆلۈككە ۋارىسلىق قىلىشىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان بولىدۇ، تايپىلارنى ئۆلتۈرگەن، ياكى ئۇلارنى قارا باستى قىلغان مۇسۇلمانلار شەرىئەتكە مۇخالىپتۇر. ئۇلار چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى مۇرتەدلەردەپ قاراشنى ياقىلىمايدۇ، ئۇلارچە، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر گەرچە ئەسلى ئىمانسىز بولسىمۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ مەخپىرەتلىرىگە نائىل بولالمايدۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن مۇرتەد دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى جامائەت ئارىسىدىن يوق قىلىشقا بولمايدۇ. مەزكۇر مەزھەپ مۇشرىكلەرنىڭ ئائلە تاۋابىئات ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە يول قويمايدۇ.
فىقھە جەھەتتىن بۇ مەزھەپ، جابىر. بىننى. زەيىتنىڭ فىقھە تەلماتلىرىغا ئەمەل قىلىپ، «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىشەنچلىك «ھەدىس شىرىپلەر» نى جارى ئەدلىيەنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. ئىمام رەبىئول بىننى ھەبىب تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ھەدىس شىرىپ» كە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە باشقا مەزھەپلەر تەرىپىدىن تۈزۈلمىش ھەدىسلەرنىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شىرىپ» تىن باشقا «ئىجمائ» (ساھابىلەرياكى مەلۇم دەۋردىكى ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكىرلىرى) قىلىشمۇ قانۇن چىقىرىشـنىڭ بىر ئاساسى بولالايدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا پەتىۋا، ئەقلى خۇلاسە چىقىرىشلارنىمۇ قانۇن ئاساس قىلشقا بولىدۇ، ھەمدە قىياس ۋە ئەبۇھەنىفەنىڭ «ئىستھسان» ھەمدە مالىكىيەنىڭ «ئىستىسلاھ» قاتارلىق پرىنسىپلىرىنى قىياس قىلىش كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شەرىئەت ئىجراسىدا روشەنلەشكەن، ئاددىي، ئىجرا قىلىش ئاسان بولۇشلارنى پرىنسىپ قىلىشىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىدۇ، فىقھە تەرغىباتى مەۋقەسىدە ھەنەفىيە ئېقىمىغا يېقىنلىشىدۇ، ئەمما، دىنىي ئېتىكا (ئەخلاق تەلىماتى) جەھەتتە بولسا «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شىرىپ» دە بەلگىلەنگەن ھەممە ئەخلاقى ئەھكام- نورمىلارنى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، «كىشىلەرنى ياخشىلىققا بويرۇش، يامانلىقتىن توسۇش» نى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ جەزمەن ئورۇنداشقا تىگىشلىك دىنىي ۋە ئىجتىمائىي بۇرچى قىلىپ، ئادەملەرنىڭ ئۆزئارا مېھىر- شەپقەتلىك، ئىناق ئۆتۈشنى تەرغىبات قىلىدۇ.
3) سوفرىيە مەزھىپى
سوفرىيە مەزھىپى خاۋارىجلار تائىپىسىدىكى بىر قەدەر مۆتىدىل مەزھەپ دەپ قارىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسسلىرى ئەزرەقە مەزھىپى بىلەن ئىبازىيە مەزھىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىراق بولغان بولىدۇ. ئادەتتە مەزكۇر مەزھەپنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى سالىھ. بىننى. مۇسالىھ دەپ قارىلىدۇ، ئەمما، ئەھلى سوفرىيەلەر ئۆزلىرىنى ئەللامە فىقھ، شائىر ئىمران بىننى ساۋىش (703- ؟) نىڭ ئۆزلىرىگە تۇنجى ئىمام بولغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.7- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى ئىراق رايونىدا بولغان. مىلادىيە695- يىلى سالىھ تىگرىس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا ئىش تەۋرەتكەن، كۇفە رايونىغا ئەسكەر باشلاپ كىرىپ، ئۇمەۋىييە سۇلالىسىگە قارشى ھەرىكىتىگە قاتناشقان. شۇ يىلى 9- ئايدا سالىھ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئەگەشكۈچىلىرى تەدرىجى رەۋىشتە سوفرىيە مەزھىپى بولۇپ شەكىللىنىدۇ، شاھبىب بىننى يەزىد شېبانى (696- ؟) داھىيلىققا ۋارىسلىق قىلدى. شاھبىب جانلىق، تەشەببۇسكار پارتىزانلىق تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، بەسىرە ۋالىيسى ھەججاج قىسىملىرىغا قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بىرىپ، ناھايىتى كۈچلۈك زىل- زىلە پەيدا قىلدى. كېيىن سۇلالە ئارمىيىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن باستۇرۇشىدا بۇ مەزھەپ ئەزالىرى ئىمپىرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاپ كەتتى. 8- ئەسىردە، بۇ مەزھەپ مەغرىپتە ئىبادىي مەزھىپى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. بۇمەزھەپنىڭ نېگىر باشلىقى ئىيسا بىننى يەجىد ئوسۋۇد ماراكەشنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇردى ھەمدە جەنۇبتا درا دەرياسىغىچە كېڭەيدى، نېگىرلار رايونىدا ئىسلام دىنى تارقىتىشتا مۇۋەپپەققىيەت قازاندى. 10- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ساجىيا قەبىلىسى تەرىپىدىن ئىگىلەندى. ئوممان رايونىدا بۇ مەز- ھەپ ئەل ئىبازىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئاخىرى ئىبازىيە تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلدى.
سوفرىيە مەزھىپى باشقا مەزھەپلەردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلارنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشقا بولىدۇ دېگەن پىكىرنى تەشەببۇس قىلىدۇ، باشقا مەزھەپلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خوتۇن- بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى قوللىمايدۇ، مەزكۇر مەزھەپ مۇسۇلمانلىرىنىڭ تېنچ- ئامانلىقنى چىقىش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئېتىقادىنى يوشۇرۇشقا، «تەقىيە» پرىنسىپىنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. ئۇلارچە بىر مۇسۇلمان جىنايەت ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ جىنايىتى شەرىئەتتە ئېنىق جازا بېكىتىلگەن بولسا، ئۇنىڭ شەرىئەتتىكى ئۆلچەم- پرىنسىپلار بويىچە جازالىنىشى كېرەككى ھەرگىزمۇ شەرىئەتنىڭ سىرتىدا «ئازغۇن، مۇرتەد» ياكى «مۇشرىك» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن جازالاشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپ دىنىي ئەقىدە تەشۋىقات خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر مۇتەككىلىمۇنلار، فىقھە ۋە تەجۋىد ئالىملىرى چىققان. زامانىسىدا ئاجايىپ زور تەسىرلەر قوزغىغانىدى.